خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى18 (مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇ

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 11:04:15

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى18 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت ت

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى18 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)  
    نۇرمۇھەممەت توختى


     مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ كېيىنكى كەچۈرمىشلىرى

     

       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم نىيەدە تۇرۇپ قالدى. 50 ياشقا ئۇلاشقان ئادەم ئەمدى بىرەر يەردە يىلتىز تارتىپ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشى كېرەك ئىدى. پەسىل قۇشلىرىدەك كۆچۈپ يۈرۈش ياشلىقتا ياراشقان بىلەن ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغاندا ياراشمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈ ئائىلىسى بارغانسېرى غولداپ، باراقسانلاپ كۆپىيىپ ئورمانغا ئايلىنىۋاتاتتى، تۇخان خېنىم مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمدىن بەشنى تۇغدى، ئىككىسى چاچراپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە ئۈچ بالا قاتارغا قېتىلىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ بالىلىق بولۇشىدىمۇ خۇددى ھايات كەچمىشلىرىگە ئوخشاشلا سىرلىق بىر خىل قانۇنىيەت بار ئىدى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم كېرىيە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن كېرىيە «لەنگەر»نىڭ سوجاڭلىقىغا يۆتكەلگەن 1948-يىلىدا چوڭ ئوغلى ئابدۇقادىر يۈ خەيسىڭ تۇغۇلدى، كېرىيەنى تەرك ئېتىپ خوتەنگە كۆچكەن 1956-يىلى ئابدۇغېنى ئاخۇن يۈ باۋسىڭ تۇغۇلدى، خوتەندىن نىيەگە كۆچكەن 1964-يىلى ئابدۇجېلىل ئاخۇن يۈ پىڭ تۇغۇلدى. ئۇلار قاچانكى بىر ئورۇندىن ئىككىنچى ئورۇنغا كۆچۈپ، ھاۋا ئالماشسىلا خۇددى يېڭى ئورۇننىڭ ئايىغى ياراشقاندەك بالا يۈزى كۆرەتتى.
       مانا ئەمدى نىيەگە كۆچۈپ كەلگەن بۇ ئائىلە بەش نوپۇسلۇق چوڭ ئائىلىگە ئايلانغانىدى، چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كۆچۈپ يۈرۈش ئەپسىز ئىش ئىدى. مانا شۇ ۋەجدىن، يېرىم ئەسىر مۇقىم ئولتۇراق ئورنى بولمىغان، تەقدىر، ۋەزىپە ۋە ئېھتىياج سەۋەبىدىن چاڭشادىن خوتەنگە، خوتەندىن «سوغراق»قا، «سوغراق»تىن كېرىيەگە، كېرىيەدىن خوتەنگە، خوتەندىن نىيەگە كۆچۈپ يۈرگەن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم نىيەدە تۇرۇپ قالدى. مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ قالدى. يۈ ئائىلىسىنىڭ نىيەدە مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ نىيەنىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى ئاز، ئادەمگە ئېھتىياجى كۈچلۈك، ياشاشقا قۇلاي، باياشات ۋە تولىمۇ گۈزەل يۇرت بولغانلىقى ئىدى، تۇزى ئېغىر بۇ ياقا يۇرتنىڭ كىلىماتى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئائىلىسىگە ياقتى.
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم لى مىنجى شۇجى ۋە ھاشىم تۇرسۇن ھاكىملارنىڭ تەكلىپى بىلەن نىيەگە كېلىپ پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتتە ئانچە ئۇزاق ئىشلىمىدى. سەۋەبى، ئەمدى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتتە ئېغىزچە تەرجىمىدىن كۆرە يېزىق تەرجىمىسىگە ئېھتىياج كۆپرەك ئىدى، ئېغىزچە تەرجىمىنىڭ ئۇستىسى بولغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ خېتى تامامەن كونا ئىملاچە ئىدى. يەرلىكلەرنىڭ تىلى بىلەن يازىدىغان خېتى ئەرەبچىگە ئوخشاشراق يېزىقتا بولۇپ، بۇنى يەرلىكلەر سەل كېيىنرەك «چاغاتاي يېزىقى» دەپ ئاتاشتى، بۇ يېزىق ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىغا، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە داۋاملاشقان ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىغا ئىگە ئىدى. 30-40-يىللاردىن كېيىنكى پەننىي مەكتەپلەردە ساۋاتلىق بولغانلار بۇنداق يېزىقنى راۋان ئوقۇيالمايتتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ دۆلەت يېزىقىنى يېزىشىمۇ كونىچە ئىدى، گەرچە مەشھۇر خەتتاتلاردەك ئىنتايىن چىرايلىق يازسىمۇ خەتلەر ئاددىيلاشتۇرۇلغان بۈگۈنكى كۈنگە ماس كەلمەيتتى، ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەتلەر بىلەن ساۋاتلىق بولغان كىشىلەر ئۇنى ئوقۇيالمايتتى. شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ئىشلەشكە تازا باب كەلمەي قالدى. ئۇنى «كۆمۈر كان باشقۇرۇش ئىدارىسى»گە يۆتكەپ بېرىشتى، ئۇ يەردە ئېغىزچە تەرجىمىگە ئېھتىياج كۈچلۈكرەك ئىدى، شۇ چاغلاردا نىيە ناھىيىلىك كۆمۈر كان باشقۇرۇش ئىدارىسىدە لى پىڭ ئىسىملىك بىر باشلىق بار ئىدى، ئۇ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم بىلەن تېزلا ئېچەكىشىپ كەتتى، كېيىن بۇ باشلىق ناھىيىلىك 2-يېنىك سانائەت ئىدارىسىگە (قول سانائەت بىرلەشمىسى) يۆتكەلگەندە، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى بىللە يۆتكەپ كەتتى، قارىغاندا، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم لى پىڭ ئىسىملىك بۇ باشلىقنىڭ قول ئاستىدا خېلى ئۇزاق مەزگىل خاتىرجەم ئىشلەيدىغاندەك قىلاتتى. ئەپسۇسكى، دەۋران بورانلىرى ئۇنى يەنىلا تىنچ قويمىدى. بوران سوقىمەن دېسە، دەرەخنىڭ قېچىپ كېتىشىگە ئامالى بارمۇ؟
    1966-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا پايتەختتىن كۆتۈرۈلگەن بوران مەملىكەتنىڭ ئەڭ ياقا بۇرجىكىدىكى نىيە ناھىيىسىگىمۇ بېسىپ كەلدى. قۇترىتىلغان ياش بالىلار بىلەكلىرىگە «خۇڭۋېيبىڭ»(قىزىل قوغدىغۇچى) دەپ خەت يېزىلغان قىزىل يەڭ بەلگىسىنى تاقاپ، ئۆزلىرى «جىن-شەيتان» ۋە «كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار» دەپ قارىغان ھەرقانداق كىشىگە زەربە بېرىپ، شالىنى چېچىشقا باشلىدى، ناھىيىدىكى لى مىنجى شۇجى، ھاشىم تۇرسۇن ھاكىم ھەتتا قول سانائەت بىرلەشمىسدىكى لى پىڭ جۈيجاڭلارمۇ «كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار» قىلىنىپ، كۇلا كىيگۈزۈپ سازايى قىلىندى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم «جىن-شەيتان» دەپ تارتىپ چىقىرىلدى ۋە كۈرەش-پىپەنگە تارتىلدى، ھەرقانداق «گومىنداڭ قالدۇقى»، «جىن-شەيتان» دېگەننى نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلسا بولاتتى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى يوقىتىش ھەققىدە يېزىلغان دازىباۋ (چوڭ خەتلىك گېزىت) ۋە ئۇنى يوقىتىش توغرىسىدا توۋلانغان شوئارلارنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق ئىدى، بۇنداق ۋارقىراش-جارقىراشلارنىڭ، كۈرەش-پىپەن قىلىشلارنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى، ئەمما سىرلىق ۋە تاسادىپىي بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىش ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاغدەك ئېغىر بېسىمنى ئازراق يېنىكلەتتى.
       شۇ كۈنى قىزىل يەڭ بەلگىسى تاقىۋالغان ئىسيانچىلار مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى كۈرەش-پىپەن قىلىۋاتاتتى، «جىنايىتىڭنى ئىقرار قىل» دەپ قىستاۋاتاتتى، قورقۇنچلۇق شوئارلارنى توۋلىشاتتى، قول سانائەت بىرلەشمىسىدە مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم  بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان، تۆمۈرچىلىك قىلىدىغان ئەمەر ئىسىملىك ياش بالا «خۇدا بارمۇ-يوق» دەپ ئاخۇنۇمنىڭ كۆزىگە كىرىۋالدى. قوللىرىنى ئاخۇنۇمنىڭ كۆزلىرىگە چىينەپ تۇرۇپ سوراق قىلدى، ۋەھالەنكى، ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ ئاخۇنۇمغا چىينىگەن قولى جەينىكىگىچە ئىششىپ كەتتى، خۇددى پۈدەپ يەل ئۇرغاندەك ئىششىپ چىقتى، نە قولى بىرەر زەربىگە ئۇچرىمىغان ۋە نە بىرەر ئۇستىخان سۇنمىغانىدى، لېكىن سۇنغاندەك ئىششىپ چىققانىدى، ئۇ ۋايجانلاپ دوختۇرمۇ دوختۇر چېپىشقا باشلىدى، كىشىلەر ھەيران ئىدى، ئاخىر كىشىلەر ئىچىدە «مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمغا قولىنى چىينەپتىكەن، شۇڭا ئىششىپ كېتىپتۇ... » دېگەن گەپ تارقالدى...
       بۇ بىر تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئىش ئىدى، بەلكىم ئەمەر تۆمۈرچىنىڭ قولى نامەلۇم ۋىرۇس ۋە مىكروبلار تۈپەيلىدىن يۇقۇملانغاندۇر، مەلۇم بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندۇر، لېكىن بۇنداق سىرلىق ۋە قورقۇنچلۇق ئىش توغرىسىدا تارقالغان گەپنىڭ ھەقىقەتەن تەسىرى بولاتتى، كىشىلەرنى قورقۇتالايتتى، شۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى كۈرەش-پىپەن قىلىدىغانلار ئوبدانلا ئەيمىنىپ قېلىشتى. ھە-ھۇ دېيىشىدىغانلار يوقاپلا كەتتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم  ئارام ئېلىپ قالدى. ئەمما، ھېلىقى ئەمەر تۆمۈرچىنىڭ كېيىنكى قىسمەتلىرى يەنىلا خەيرلىك بولمىدى، ئەسكىلىكلىرى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنىڭغا «ئەمەر جياڭ گەيشى» دەپ لەقەم قويۇپ قويدى، قولى ساقايماي ئۈرۈمچىلەرگە بېرىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولدى. تېخىمۇ كېيىنرەك بولسا «ئەكسىلئىنقىلابىي سۆزلەرنى قىپتۇ» دېگەن گۇناھ بىلەن تۈرمىگە كىرىپ قالدى، ھەرنېمە دېگەنبىلەن جاھاننىڭ ئىگىسى بار ئىدى، ياخشىلىققا مۇكاپات، يامانلىققا جازا ھەر جايدا ئۇچراپ تۇراتتى.
       «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقلىرى داۋام قىلىۋاتاتتى، ھېلىقى غەلۋە-غۇدۇرلار بەش-ئالتە يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى يوقىتىشقانمۇ بولدى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى نىيە ناھىيە «شەرق قىزاردى خەلق كوممۇناسى» (ھازىرقى روكيا يېزىسى) «سەكرەش دادۈي» (چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى)گە ئەمگەككە چۈشۈرۈپ رىجىمغا تاپشۇرۇپ بېرىشتى، يوقىتىش دېگەنلىرى شۇ ئىدى، يېزىغا چۈشۈرۈلسە، دېھقانچىلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلىنسا يوقاتقانلىق بولاتتى.
       ئەمدى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم «شەرق قىزاردى خەلق كوممۇناسى» «سەكرەش دادۈي»نىڭ ئەزاسىغا ئايلاندى، ئائىلىدىكى ھەممە كىشى يەرلىكلەرگە ئوخشاشلا كوممۇنانىڭ ئېتىزىدا ئىشلەيتتى، كەتمەن چاپاتتى، تاغار يۈدۈپ قىغ توشۇيتتى، ئورغاق تۇتۇپ ئورما ئورۇيتتى. ئوتتۇرانچى ئوغۇل ئابدۇغېنى يۈ باۋسىڭ ئەترەتنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدىدى، يۈ ئائىلىسىمۇ يەرلىكلەرگە ئوخشاش كىچىك خالتا كۆتۈرۈپ، ئەترەتنىڭ ئاشلىق ئامبىرىدىن ئۈچ كۈنلۈك، بەش كۈنلۈك ۋە ياكى ھەپتىلىك نورمىسى−قوناقنى ئېلىپ كېلىپ غالدىرلاپ چۆرگىلەيدىغان سۇ تۈگمىنىدە ئۇن تارتاتتى ۋە شۇنى ئوزۇقلۇق قىلاتتى. جەنۇبتىكى «يېيىق تاغلىرى»دىن ئېقىپ كەلگەن سۇنى ئىچەتتى، نىيەنىڭ چاڭ-توزان پۇراپ تۇرىدىغان ھاۋاسىدىن نەپەس ئالاتتى. قوشۇمچە يېمەكلىك يوق دېيەرلىك ئىدى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەيتتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ياداپ كەتتى، تۇخان ئانا ياداپ كەتتى، ياداپ قورايدەك ئورۇقلاپ كەتتى، ھەممە كىشى شۇنداق ئىدى، ئاشۇ يېرىم ئاچ-يېرىم يوق كۈنلەرنىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، ئۈمىد يوق دېيەرلىك ئىدى، ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشىش، توق-باياشات ياشاش ئۈمىدى بارغانسېرى خىرەلىشىۋاتاتتى، ئەمما مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئاشۇ كۈنلەر ئۈستىدىن قىلچە قاقشاپ باقمىدى، ئۇ يەنىلا كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈۋاتقانلىقىغا شۈكۈر ئېيتاتتى، ياراتقۇچىنىڭ ھايات بەرگەنلىكىگە، بالىچاقا، قولۇم-قوشنا بەرگەنلىكىگە شۈكۈر ئېيتاتتى، ئۇ «سەكرەش دادۈي»دىكى ئەزالار بىلەن ئاللىقاچان ئېچەكىشىپ كەتكەن، كونا تاملىقنى مەسچىت قىلىۋالغان ئېتىقادچى جامائەتكە يامغۇر سۇغا چۈشكەندەكلا قېتىلىپ كەتكەنىدى، جامائەت ئۇنى «مۇھەممەت بېگىم»، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالاتتى. توي-تۆكۈن، نەزىر-نۇزىرەتتە تۆرگە تەكلىپ قىلاتتى. ئۇ ئەترەتتە ئېچىلغان چوڭ-كىچىك يىغىنلارغىمۇ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىللە قاتنىشاتتى، يۇقىرىدىن چۈشكەن ھۆججەت، يوليورۇقلارنىمۇ بىللە ئۆگىنەتتى، ئۇ ئاشۇ «سەكرەش» دادۈيىدە لىن بياۋنىڭ قاچقانلىقىنى ئاڭلىدى، شيۇجېڭجۈيىنى پىپەن قىلىپ، خۇسۇسىيلىققا قارشى كۈرەش قىلىشقا قاتناشتى. ئارقىدىن كۇڭزىنى پىپەن قىلىش شامىلى چىقتى، يەرلىكلەر كۇڭزىنى زادىلا بىلمەيتتى، ئۇلار ئۇنى جۇڭنەنخەيدە ئولتۇرىدىغان، لىن بياۋغا ئوخشاش «سەنساجى» ئايروپىلاندا موللاق ئاتقان بىرى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىشاتتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ ئوغۇللىرىمۇ شۇنداق ئويلىشاتتى، ئۇلار ئاخۇنۇمدىن سوراشتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم كۇڭزىنىڭ ئىككى مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملىكىنى ئېيتىپ بېرىۋىدى، ئاڭلىغۇچىلار ھەيران قالدى. توۋا خۇدايىم، ئىككى مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىنىڭ سۆڭەكلىرىمۇ چىرىپ تۇپراققا قېتىلىپ كەتكەندۇ، ئەمدى ئۇنى گۆردىن سۆرەپ چىقماق نېمىگە كېرەك؟
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ھەيران قالغۇچىلارغا كۇڭزىنىڭ نۇرغۇن سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردى، ئىككى مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھازىرمۇ ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇ ئېيتىپ بەرگەن كۇڭزى سۆزلىرىنىڭ بىرى مۇنداق ئىدى: شاگىرتى زىگۇڭ ئۇستازى كۇڭزىدىن سوراپتۇ: «ھەزرەتلىرى، تىللىرى تۇغۇلغان چاغدىلا بار ئىدى، چىشلىرى كېيىن چىقتى، تەڭرىنىڭ ھۆكمى بويىچە بۇرۇن تۇغۇلغانلار بۇرۇن كېتەتتى، كېيىن تۇغۇلغانلار كېيىن كېتىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىر چىشلىرى چۈشۈپ كېتىپ يەنىلا تىللىرى ئېشىپ قالدى، ۋەج نەدۇر؟». كۇڭزى جاۋاب بېرىپ ئېيتىپتۇكى: «چىشىم چايناپ-ئېزىپ قاتتىقلىق قىلىدۇ، تىلىم يالماپ-سىيپاپ يۇمشاقلىق بىلەن يۇتىدۇ، قاتتىقلىق قىلغانلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇر، يۇمشاقلىق قىلغانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر». مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم سۆزلەپ بەرگەن كۇڭزى سۆزلىرىنىڭ بىرى ئەنە شۇ ئىدى، ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى چۈشەندىمۇ-يوق؟ بۇنىسى نامەلۇم. ئەمما، ئۇ چاغلاردا بۇنداق سۆزلەرنى ئېزىپ-ئىچۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە بولمايتتى، چۈشەندۈردۈڭمۇ، شۇ ھامان بالاغا قالاتتىڭ. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم قاتتىقلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىپلا قالماستىن، يەنە كۇڭزى ھەزرەتلىرىنىڭ «قاتتىق سىياسەت يولۋاستىن يامان» دېگەن سۆزىنىمۇ ئوبدان چۈشىنەتتى، شۇڭا ئۇ كۆپ چاغلاردا سۈكۈت قىلاتتى. ئۇنىڭ ئېغىر كۈنلىرى داۋاملىشىۋاتاتتى، قارىغاندا، ئۇ ئاشۇ كوممۇنا ئەزالىرى ئارىسىدا مەڭگۈ قالىدىغاندەك، ئۆمرىنى «سەكرەش دادۈي»نىڭ ئېتىزلىرىدا چاڭ-توزان ئارىسىدا ئاخىرلاشتۇرىدىغاندەك قىلاتتى، بۇ سىرتتىن قارىغاندا قالىدىغان تەسىرات ئىدى. ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا بولسا ئۈمىد لاۋۇلدايتتى، دېمىسىمۇ يەرلىكلەر ئارىسىدا «ئاينىڭ 15 كېچىسى قاراڭغۇ بولسا، يەنە 15 كېچىسى ئايدىڭ بولىدۇ» دېگەن ئەقلىيە سۆز بار ئىدى. تاڭ ئاتمايدىغان كېچە نەدە بولسۇن؟ چەرخى پەلەك توختىماي ئايلىنىۋاتاتتى، بۇلۇتلار تاراپ، كۆك يۈزى سۈزۈلمەكتە ئىدى، يىراق نىيە ناھىيىسىگىمۇ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» يوقىتىلىپ ھەرساھەدىكى ئىشلار ئەسلىي ئىزىغا چۈشكەندە، تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىقنىڭ ئىللىق ئاپتىپى بىر ئۆمۈر چېگرا رايوندا پۇت تىرەپ تۇرغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ دولىسىغىمۇ چۈشتى، ئۇنىڭ«نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ» نىيە ناھىيىلىك قول سانائەت بىرلەشمىسىگە قايتۇرۇپ كېلىندى، ئەمما ئەمدى ئۇنىڭ ئىشلىگۈسى كەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشمۇ 60 تىن ئاشقانىدى، ئۇ دەم ئېلىشقا چىقتى، ئۇنىڭغا 200 يۈەن پېنسىيە پۇلى بېرىدىغان بولۇشتى، تېجەپ ئىشلەتسە يېتەتتى، بالىلار چوڭىيىپ ئاللىقاچان قولى ئىشقا تەگكەن، ئۇلارمۇ قاراپ تۇرمايتتى. يەنىمۇ كېيىنرەك كېرىيە ناھىيىسىدىن: ئۇنى ئاشۇ 1953-يىلى خىزمەتتىن ھەيدەش خاتا بولغانلىقى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇن بىلەن تۇخان خېنىمنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى، سەككىز يۈز يۈەندىن پېنسىيە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش كەلدى. تۇرمۇشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە بولاتتى، شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ دەم ئېلىش ھاياتى باشلاندى.

     

    (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.