خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى20 ( يۈ ئائىلىسىنىڭ كېيىنكى ئ

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 11:12:26

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى20 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت ت

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى20 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
    نۇرمۇھەممەت توختى


     يۈ ئائىلىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى

     

    يۈ جەمەتىنىڭ شەجەرە دەرىخىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، خۇنەن چاڭشادىن چىققان يۈ جەمەتىنىڭ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنغا يەتكەندە بەش پۇتاق چىقىرىپ، ئۈچ پۇتاقنىڭ كۆكلەپ ياشنىغانلىقىنى، ياشنىغان پۇتاقلاردىن يەنە ئالتە، ئۈچ، ئىككى كىچىك پۇتاق چىققانلىقىنى، كىچىك پۇتاقلاردىن يەنە تېخىمۇ چاچقۇن پۇتاقلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. دەرەخ ئۆزلىشىپ يىلتىز تارتالىسىلا كۆكلەپ ياشنايدۇ، تېخىمۇ باراقسانلاپ ئۆسىدۇ، خۇنەندىن چىقىپ خوتەندە يەرلىكلەشكەن يۈ جەمەتىنىڭ ئەھۋالى خۇددى شۇنداق بولدى. خۇنەن چاڭشالىق يۈ يىڭخەن دارىن بىلەن لى مېيزى ئاغىچا يېڭى دىيارغا تازا كۆنۈپ كېتەلمىدى ۋە ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بولدى. ئۇلارنىڭ ئوغلى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭغا كەلگەندە، ئۇ يېڭى تۇپراق، يېڭى سۇ، يېڭى ھاۋا ۋە يېڭى قۇياش نۇرىغا ئاستا-ئاستا ماسلىشىپ يىلتىز تارتتى ۋە كۆكلەشكە باشلىدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم كېرىيەلىك ھەسەن ئاخۇننىڭ قىزى تۇخان خېنىم بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن جەمئىي بەش بالا يۈزى كۆردى، بۇلاردىن ئابدۇراخمان بىلەن ئابدۇللا كىچىك ۋاقتىدا چاچراپ كەتتى، ئابدۇقادىر يۈ خەيسىڭ، ئابدۇغېنى يۈ باۋسىڭ، ئابدۇجېلىل يۈ پىڭ قاتارلىق ئۈچ ئوغۇل قاتارغا قېتىلدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئوغۇللىرىنىڭ تەربىيىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئۇلارنى ياراملىق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشالايدىغان ئادەملەردىن قىلىپ يېتىشتۈردى، ئۇ كۆپرەك ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بالىلارغا تەسىر كۆرسىتەتتى. ئېغىزاكى تەربىيىدە بىرەر ھەدىس، بىرەر ھېكايە، تەمسىل سۆزلەپ، شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر كۆرسىتەتتى، بالىلارنى ئەيىبلەيدىغان، ئاچچىقلاپ قالىدىغان ئىشلاردىن يىراق ئىدى، بالىلارنى ئۆزى بىلەن تەڭ كۆرەتتى ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشنى ئاساس قىلاتتى، ھوسۇل ئۇرۇق ۋە پەرۋىشنىڭ سۈپىتىگە لايىق بولىدۇ، بۈركۈتنىڭ بالىسى سار، تۇلپارنىڭ تايچىقى سىڭار قۇيرۇق بولۇپ چىقىدىغان ئىش يوق، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ ئەجرىگە لايىق ئۇنىڭ ئوغۇللىرىمۇ ئىشچان، قابىلىيەتلىك، ئادالەتپەرۋەر، ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، دەۋران بوران-شاماللىرىنىڭ تەسىرىدە ئوغۇللىرى مۇنتىزىم مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئالىي مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىقتىدارلىق بولۇپ ئۆستى، چوڭ ئوغۇل ئابدۇقادىر يۈ خەيسىڭگە ئوقۇش پۇرسىتى تازا ئالدىنى قىلىپ كەتمىدى، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى خوتەن «چايخانا مەكتەپ» ۋە «سەيشەنبە بازار» باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تۈگەتكەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەنىدى، ئەپسۇسكى، 1962-يىلىدىكى چوڭ قىسقارتىشتا تېببي مەكتەپ تاقىلىپ قالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېداگوگ سىنىپىغا ئوقۇشقا كىردى، فىلدىشىر ياكى سېسترا بولالمىسا ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ بولاتتى، يەنە ئەپسۇسكى، ئۇ ئاشۇ پېداگوگ سىنىپىنىمۇ تۈگىتەلمىدى، ئائىلە «سەيشەنبە بازار»دىن خوتەن شەھىرىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانىدى، بالا ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ كۆچمىسە بولمايتتى، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئوغلىنىڭ ئوقۇشتىن تەلىيى يوقلۇقىنى ھېس قىلدى، ئوقۇپ دوختۇر ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن تەلىيى بولمىسا ھۈنەر-كەسىپتىنغۇ تەلىيى باردۇر، ئۇ ئوغلىنى سائەت رېمونت قىلىش ھۈنىرىنى ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بەردى، ئۇ چاغلاردا جۇڭگولۇقلارنىڭ تۆت چوڭ خۇسۇسىي مۈلكى−كىيىم تىكىش ماشىنىسى، ۋېلىسىپىت، رادىئو قوبۇللىغۇچ ۋە قول سائىتىدىنلا ئىبارەت بولغاچقا، سائەت رېمونت قىلىش ھۈنىرى تازا ئاقىدىغان ھۈنەر ئىدى، ئەگەر ئابدۇقادىر يۈ خەيسىڭ سائەت رېمونت قىلىشنى ياخشى ئۆگىنىۋالسا، ئايرىم دۇكان ئاچسا، كىرىمى ئوبدان بولاتتى ۋە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيتتى، لېكىن ئۇنىڭ سائەتچىلىكنى ئۆگىنىشى ئانچە ئۇزاق داۋاملاشمىدى، ئاران ئون-ئونبەش كۈنچە داۋاملاشتى، كىچىك بالا سائەتنىڭ چىشلىق چاقلىرىنى سىرتقا ئاچىقىپ پىرقىرىتىپ ئويناپ قويدى، چىشلىق چاق بەكمۇ چىرايلىق پىرقىرايتتى، بارماقلىرىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تولغاشتۇرۇپ قويۇۋېتىدىغان بولسا گويا قامچا تەگكەن نۇردەك پىرقىراپ كېتەتتى، بىر مىنۇت، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت پىرقىراپ كېتەتتى... ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ ئۇستىسى كىچىك شاگىرتنىڭ چىشلىق چاقلارنى ئاشۇنداق پىرقىرىتىشتىن ئالىدىغان لەززىتىنى چۈشەنمەي قالدى، قىممەتلىك چىشلىق چاقلارنى توپا-تۇپراققا مىلەپ بۇزۇپ قويسا قانداق چىداپ تۇرغۇلۇق؟ ھۇ، بەڭۋاش...
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم سائەت رېمونتخانىسىدىن قوغلانغان ئوغلىنى ئۆزىنىڭ مەسچىتدىشى مەمتىمىن ئاخۇن «مۇنچا» دېگەن ئۇستامغا ساتىراشلىقنى ئۆگەنگىلى ئاپىرىپ بەردى، ساتىراشلىق-زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئاپتوماتلاشتۇرۇش، زاۋۇتلاشتۇرۇش دېگەنلەرنىڭ خىرىسىغا مەڭگۈ ئۇچرىمايدىغان، مەڭگۈ قول بىلەن قىلىدىغان ھۈنەر ئىدى، بۇ ھۈنەرنى ئوبدان ئۆگىنىۋالغان ئادەم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئىشەنچلىك ئادەمگە ئايلىناتتى، كىشىلەر قىلچە ئەنسىرىمەيلا ئۇنىڭ ئىتتىك ئۇستىرا-قايچىسىغا بېشىنى، بوينىنى، گېلىنى، قۇلىقىنى تۇتۇپ بېرەتتى، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچسىگە لايىق ساتىراش ئۇستامنىڭ كىرىمىمۇ ئوبدان بولاتتى، مۇشۇلارنى ياخشى چۈشەندىمۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ پېشانىسىگە ئەسلىدىلا مۇشۇ ھۈنەر ئارقىلىق تۇرمۇش باشلاش پۈتۈلگەنمۇ، ئابدۇقادىر يۈ خەيسىڭ ساتىراشلىق ھۈنىرىنى ئوبدان ئۆگەندى. ئۈچ-تۆت ئايدىلا چاچ ياساش، ساقال قىرىش دېگەنلەرگە كامىل بولۇپ كەتتى، ئۇ مەمتىمىن ئاخۇن ئۇستامنىڭ يېنىدا يەنىمۇ ئۇزۇنراق تۇرغان، ئۇنىڭ قولىنى سوۋۇتقانمۇ بولاتتى، لېكىن ئاتا-ئانا يىراق نىيە ناھىيىسىگە كۆچۈپ كەتتى، ئاتا-ئانا بىلەن بىللە كۆچمەي بولمايتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇستىسىدىن بۇرۇنلا ھۈنەر ئايرىپ چىقتى، ھۈنەر ئۆگەنگەنىكەنسەن، ئۇنى ئىشلىتىش كېرەك، ئابدۇقادىر يۈ خەيسىڭ نىيەنىڭ كىچىككىنە بازىرىدا دۇكان ئېچىپ ساتىراشلىق قىلىشقا باشلىدى، ساتىراشلىق ھۈنىرىنى باشلاشقا دەسمايە كەتمىدى، ھۈنەر ئايرىغاندا ئۇستىسى تەقدىم قىلغان ئۇستىرا، قايچا، چاچ ئېلىش ماشىنىسى، پەشتاما ۋە يەنە تارغاق بار ئىدى. پەقەت ئاتا-ئانىسىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن سوپۇن بېلىتىگە يەنە بەش موچەن قوشۇپ سوپۇن سېتىۋالدى، چاچ يۇيۇشقا كېرەكلىك داس، چەينەك ئۇمىۋالنىك دېگەنلەرنى ئۆيدىن ئەكەلدى، شۇنداق قىلىپ ئىش يۈرۈشۈپ كەتتى، ئەمما ئۇ ئاران ئىككى ئايچە دۇكان ئاچتى-دە، تاشيول ئىدارىسىگە ئىشچى بولۇپ كەتتى ۋە ئۇ يەردىمۇ ئاران ئۈچ ئايچە ئىشلىدى. قارىغاندا، يەنىلا ئۇنىڭغا ساتىراشلىق ھۈنىرى نان بېرىدىغاندەك قىلاتتى، ئۇ ناھىيىلىك يېمەك-ئىچمەك شىركىتى قارىمىقىدىكى ساتىراشخانىغا كېلىپ ئۆز ھۈنىرىنى داۋاملاشتۇردى.
        ئۇ چاغلاردا ساتىراشخانىلار ھەممە يەردە يېمەك-ئىچمەك شىركىتى ياكى سودا ئىدارىسىگە تەۋە ئىدى، ئابدۇقادىر يۈ خەيسىڭ ئاشۇ يەردە ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۇنىڭغا «روكيا» يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋېي تىڭفۇنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالدى. شۇجى دۆلەت تىلىدىمۇ، يەرلىك تىلدىمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بۇ ياش يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسا كېرەك، ئۇنى روكيا يېزىلىق سودا كوپىراتىپقا چىقىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى، تەكلىپ قىلىشقىمۇ ئادەم كېرەك، ئابدۇقادىر يۈ خەيسىڭ ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلالماي روكيا يېزىسىغا يۆتكەلدى، ۋەزىپىسى ئوخشاشلا روكيا يېزىلىق سودا كوپىراتىپ قارىمىقىدا ساتىراشلىق قىلىش ئىدى، ئەمما ئۇ چاغلاردا روكيا يېزىسىدا بېشىغا چاچ قويۇۋالغان كىشىلەردىن قانچىلىك بولسۇن؟ پەقەت ۋېي تىڭفۇ قاتارلىق بىرقانچە كىشىلا بار ئىدى، كۆپ سانلىق روكيالىقلار بېشىغا چاچ قويمايتتى، ئۇستىرىغىلا تايىنىدىغان ئەنئەنىۋى ساتىراشخانىلارغا چېچىنى پاكىز قىردۇرۇپ يۈرۈشەتتى، مانا شۇ سەۋەبلىك ئابدۇقادىر يۈ خەيسىڭ كۆپ چاغلاردا چىۋىن قورۇپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتى، بىكار ئولتۇرغان ئادەمگە مائاش بەرگىلى قورساق ئاغرىمامدۇ؟ سودا كوپىراتىپ رەھبەرلىكى ئۇنىڭغا خام مال سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنىمۇ يۈكلەپ قويدى، ئۇ ھەرخىل بوز-ماتا، تېرە _يۇڭ، ئۈچەي، توشقانزەدىكى دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا كىرىشتى، ئەمدى ئۇ سودا كوپىراتىپىنىڭ ئامبارلىرىغا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتاتتى، ئاستا-ئاستا سودا كوپىراتىپىنىڭ باش ئامبارچىسىمۇ بولۇپ قالدى، ئارقىدىن سانائەت ماللىرىنى يۆتكەپ كېلىدىغان مال سېتىۋالغۇچى بولدى، ئۇنىڭ باشتىكى ساتىراشلىق ۋەزىپىسى نەلەردىدۇر قالغانىدى. سانائەت ماللىرى ئىنتايىن قىس بولۇۋاتقان 70-يىللاردا مال سېتىۋالغۇچى ئىنتايىن ئەتىۋارلىق ۋەزىپە ئىدى. مال سېتىۋالغۇچىنىڭ قولى ھەممە يەرگە يېتەتتى. ئابدۇقادىر ئاخۇن يۈ خەيسىڭ مال سېتىۋالغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان يىللاردا ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تونۇشتى، مۇناسىۋەتشۇناسلىققا پىشتى، ئۆزىنىڭ قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تازا كۆرسەتتى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئۆستى، ھايالىشمايلا روكيا يېزىلىق سودا كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى بولۇپ قالدى، ئارقىدىنلا ناھىيىلىك سودا ئىدارىسى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولدى...
        شۇنداق قىلىپ، ئۇ 70-يىللاردىكى قىيىن مەزگىللەرنى بەگزادىلەردەك باياشاتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى، نىيە ناھىيىسىنىڭ سودا-سانائەت ئىشلىرىغا تېگىشلىك ھەسسىمۇ قوشتى، ئۇ ناھىيىلىك سودا ئىدارىسىدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىگەن بولاتتى، لېكىن 80-يىللاردىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن يەككە تىجارەت ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى سودا-سانائەت ئورۇنلىرىنى بازاردىن سىقىپ چىقاردى، مونوپۇللۇققىلا تايىنىپ جان ساقلاۋاتقان بيۇروكرات ئورگان رىقابەتكە بەرداشلىق بېرەلمىدى، سودا-سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇھىملىقى يوق بولغانىدى، كېيىن ئابدۇقادىر ئاخۇن يۈ خەيسىڭنى يۆتكەپ يېڭى گۈللىنىۋاتقان يېزا-بازار كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە باشلىق قىلىپ قويۇشتى، كېيىنرەك ناھىيىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە باشلىقلىققا بەلگىلىدى. ئۇ بۇ ئورۇنلارغىمۇ ماس كېلەتتى، ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بۇنداق ئورۇندا ئىككى خىل تىل بىلىدىغان ئادەم بولمىسا بولمايتتى، ئابدۇقادىر ئاخۇن يۈ خەيسىڭ ئەرزىيەت ئىدارىسىدە 2003-يىلىغىچە ئىشلەپ پېنسىيىگە چىقتى، ئۇ پېنسىيىگە چىققاندا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقىنىغا 38 يىل بولغانىدى، ئۇ مۇشۇ 38 يىل جەريانىدا نىيە ناھىيىسىنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا ھەسسە قوشتى. 1968-يىلى ئوغۇلخان مەمتىمىن بىلەن توي قىلغان ئابدۇقادىر ئاخۇن يۈ خەيسىڭ جەمئىي يەتتە بالىلىق بولدى، بىرسى چاچراپ كەتتى، چوڭ قىزى مەلىكەم 22 ياشقا كىرگەندە ئاق قان دانچىلىرى كۆپىيىپ كېتىش كېسىلگە گىرىپتار بولۇپ ۋاپات بولدى، قالغان بەش بالا قاتارغا قېتىلدى، ئۇلار ھازىر مائارىپ، سەھىيە، پوچتا تارماقلىرىدا ۋە ئازادلىق ئارمىيە سېپىدە ئىشلىمەكتە، ئۇلارنىڭ بالىلىرى-نەۋرىلەرمۇ كۆپەيمەكتە. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۈ يىڭخەن دارىننىڭ چوڭ نەۋرىسى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇقادىر ئاخۇن يۈ خەيسىڭ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشتى ۋە يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى گۈللىنىشىگىمۇ تېگىشلىك ھەسسە قوشتى.
    مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى ئابدۇغېنى ئاخۇن يۈ باۋسىڭ ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان ئوغۇلدۇر. ئۇ ئائىلىدىكى بىردىنبىر دۆلەت تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپتە ئوقۇغان بالا ئىدى، شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالماي، ئاتىسى ئىشلەۋاتقان نىيە ناھىيىلىك قول سانائەت بىرلەشمىسىدە ياغاچچىلىقنى ئۆگەندى، 70-يىللاردا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم روكيانىڭ «سەكرەش دادۈيىگە» چۈشۈرۈۋېتىلگەن چاغلاردا ئەترەتنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدىدى، ۋەھالەنكى تۆشۈك مونچاق يەردە قالماپتۇ دېگەندەك، قوش تىل بىلىدىغان ئادەمگە يەنىلا ئېھتىياج بار ئىدى، ئۇ كېيىن ناھىيىلىك پارتكومدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىدى، كۆپ ئۆتمەي تايانچ تەرجىمانغا ئايلاندى، ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يەن باۋسەن، تاڭ چۇڭجې، ما دېگەن، جاڭ يۇيتيەن، شۇي شىجى، ۋاڭ شاۋۋىن قاتارلىق ئالتە نەپەر ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسىغا تەرجىمان بولدى، شۇجىلار ئالمىشىپ تۇراتتى، كونا شۇجىنىڭ ئورنىغا يېڭى شۇجى تېپىلاتتى، ئەمما لاياقەتلىك تەرجىماننى تاپماق ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى. ئابدۇغېنى ئاخۇن يۈ باۋسىڭ نىيە ناھىيىلىك پارتكومدا شۇ سەۋەبلىك خېلى ئۇزاق ئىشلەپ قالدى، ئاخىرىغىچە ئىشلەپ قالغانمۇ بولاتتى، لېكىن نىيە ناھىيىلىك پارتكومدىن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپلىقىغا، ئۇ يەردىن خوتەندىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ پارتكوم شۇجىلىقىغا يۆتكەلگەن فاڭ يۈيتەن شۇجى ئۇنى ئۇنتۇمىغانىدى، ئۇ كېيىنكى چاغلاردا ئۆزىنىڭ ئاشۇ بىر چاغلاردىكى تەرجىمانىنى ئۆز يېنىغا يۆتكىۋالدى، ئابدۇغېنى ئاخۇن يۈ باۋسىڭ ھازىر ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىدا ئىشلىمەكتە، ئۇمۇ دادىسىغا ئوخشاشلا ئىككى قېتىم ئۆيلەندى ۋە ئىككى ئايالدىن ئۈچ بالا يۈزى كۆردى، يۈ جەمەتىنىڭ پۇتاق چىقىرىپ باراقسانلاپ گۈللىشىگە تېگىشىلىك ھەسسە قوشتى.
    مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى ئابدۇجېلىل ئاخۇن يۈ پىڭ ئۈچ بىر تۇغقان ئىچىدە ئەڭ شوخ چىققان بىرسى بولۇشى مۇمكىن، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شوپۇرلۇقنى تاللىدى ۋە ھازىرغىچە ماشىنا رولى بىلەن ھەپىلىشىپ كەلمەكتە. شوپۇر دېگەن يېڭى ماشىنا تاپقاندا ئەلۋەتتە كونا ماشىنىنى دەرھال تاشلىۋېتىدۇ ۋە ئۇنى كېرەكتىن چىقتى دەپ جاكارلايدۇ، ئابدۇجېلىل ئاخۇن يۈ پىڭنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىمۇ ئاشۇ قانۇنىيەت بويىچە داۋام قىلدى، ئۇ كۆپ قېتىم ئۆيلەندى. كونا ماشىنا ئورنىغا يېڭى ماشىنا ئالماشتۇرغاندەك خوتۇننىمۇ پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇردى. ھەر قېتىم ئالماشتۇرغاندا تېخىمۇ چىرايلىق خوتۇن ئالاتتى، ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ بالا تېپىپ يۈ جەمەتىنى تېخىمۇ غولدىتىدىغان چاغلىرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغان چاغلارغا توغرا كېلىپ قالدى، شۇڭا ئۇ ئىككى بالىلىق بولۇش بىلەنلا چەكلەندى، ئۆلچەمگە تولۇق توشقۇزدى. تېخى بىر ئوغۇل-بىر قىز، بۇنداقمۇ قاملىشىپ كەلگەن بارمۇ؟ ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە، دۆلەتكە، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشكە قوشقان تۆھپىسى يۈ جەمەتىنى غولدىتىشقا قوشقان تۆھپىسىدىن كۆپ ئارتۇق. ئۇ ماشىنىنىڭ ئالتە پاي چاقىنى دومىلىتىپ شۇنداق نۇرغۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتىكى، بوۋىسى يۈ يىڭخەن دارىن خۇنەندىن خوتەنگە كەلگۈچە بېسىپ ئۆتكەن يولدەك نەچچە يۈز ھەسسە كېلىدۇ، ئۇنىڭ بېسىپ ئۆتكەن كۆۋرۈكلىرىنىڭ مۇساپىسىمۇ باشقا قېرىنداشلىرى بېسىپ ئۆتكەن ئومۇمىي مۇساپىدىن ئارتۇق چىقىدۇ.
    ئەگەر بىز بۇ يەردە خۇنەندىن چىقىپ خوتەنگە ماكانلاشقان يۈ يىڭخەن دارىننىڭ پەينەۋرە ۋە كۈكۈنەۋرىلىرى توغرىسىدىمۇ توختىتىلىشقا كىرىشىدىغان بولساق، سەھىپە  تولىمۇ ئۇزىراپ كېتىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ كەچمىش-كەچۈرمىشلىرىنى خاتىرىگە ئېلىپ، يەنىمۇ كېيىنكى ئەۋلادلارنى خەۋەرلەندۈرۈشنى ئاشۇلار ئىچىدىكى بىرەرسىگە قالدۇرۇپ يازمىمىزنى توختىتايلى. خۇلاسە شۇكى، يۈ جەمەتى كېيىنكى ئاز كەم بىر ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە خۇنەندىن خوتەنگە كۆچۈشنى تاماملىدى ۋە بۇ جەرياندا خارابلىشىش، ئەسلىگە كېلىش، گۈللىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. چېگرا رايوننىڭ شارائىتىغا ئاستا-ئاستا ماسلىشىپ، خۇددى تەكلىماكاندىكى توغراقتەك چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، ئىشىنىمىزكى، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بۇ زېمىندا يەنە ئاشۇ توغراقتەك مىڭ يىللاپ كۆكلەپ-باراقسان بولۇپ ئۆتىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.