كۈنىگە بىر ئەقىل (كىرىش سۆز)

يوللىغۇچى : enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-18 22:21:32

كۈنىگە بىر ئەقىل @font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} كىرىش سۆزلېۋ تولستوي «كۈنىگە بىر ئەقىل» ناملىق بۇ كىتابىم مېنىڭ بۇر

    كۈنىگە بىر ئەقىل

    كىرىش سۆز

    لېۋ تولستوي

     

       «كۈنىگە بىر ئەقىل» ناملىق بۇ كىتابىم مېنىڭ بۇرۇنقى «دەۋرى ئوقۇشلۇق» ناملىق كىتابىم بىلەن ئۇسلۇب جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدۇ، قۇرۇلمىسىمۇ ئۇنىڭغا يېقىن كېلىدۇ. ئۇنىڭغا، بىر يىل ئىچىدىكى ھەر بىر كۈن ئۈچۈن نەقىل-ئۈزۈندىلەر توپلانغان.
       ئۇشبۇ كىتاب بىلەن بۇرۇنقى كىتابىمنىڭ پەرقى، ئاساسلىقى كىتابتىكى يېڭى نەقىل-ئۈزۈندىلەرنىڭ ئالدىنقى كىتابىمدىكىدەك ئىختىيارىي تىزىلماستىن، بەلكى لوگىكىلىق تەرتىپكە ئاساسەن تىزىلغانلىقىدا. بۇ ئايدىن كېيىنكى ئايغىچە ھەر كۈنلۈك نەقىل-ئۈزۈندىلەر ئالاھىدە تەرتىپكە ئىگە بولۇپ، كېيىنكى بىر پارچە بىلەن ئالدىنقى بىر پارچە ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا، ھەر قايسى كۈنلەر ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ھەر قايسى ئايلار بىزنىڭ ئىش-ئەمەللىرىمىزگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۆزگىچە پەلسەپىۋى تېمىلارغا ئىگە. ھەر بىر تېمىلاردا قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ھەرقايسى ئەل مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ نەقىل-ئۈزۈندىلىرى شەرھلەنگەن.
       كىتابتا مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىسىملىرى كۆرسىتىلگەن (مەن ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدىن پايدىلانغان) بولسىمۇ، كۆپىنچە نەقىل-ئۈزۈندىلەر ئاز-تولا ئۆزگەرتىلدى ياكى قىسقارتىلىپ ئىخچاملاشتۇرۇلدى، شۇڭا، مەن ئۇ نەقىل-ئۈزۈندىلەرگە نىسبەتەن چۈشەنچەمنى ئەكس ئەتتۈردۈم. ئاپتورى تىلغا ئېلىنمىغان نەقىل-ئۈزۈندىلەر بولسا مەن ئۆزۈم يازغانلىرىدۇر.
       ئۇشبۇ كىتابىمنىڭ ئوقۇرمەنى مېھرىبانلىق ۋە بەر كاماللىق تۇيغۇسىنى مەندەكلا چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ كىتابنى يېزىۋاتقىنىمدا، مەن شۇنداق تۇيغۇلارنى چۆمۈلگەن؛ ھەر كۈنى بۇ كىتابنى ئوقۇغىنىمدا، مەن ئەنە شۇنداق تۇيغۇلارغا قايتا-قايتىلاپ چۆمۈلىمەن.

    1908-1910-يىللار.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.