قارا كىتاب 2

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 18:21:53

قارا كىتاب ئورخان پامۇكبوۋاي بىلەن موماي ئەتىدىن كەچكىچە رادىئونى ئېچىۋالاتتى، رادىئونىڭ ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتقان كۈچۈكنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى، تۈكلىرى قويۇق، قارىماققا شۇنچە راستتەك كۆرۈنىدىغا...

    قارا        كىتاب

       ئورخان پامۇك 

      

    بوۋاي بىلەن موماي ئەتىدىن كەچكىچە رادىئونى ئېچىۋالاتتى، رادىئونىڭ ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتقان كۈچۈكنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى، تۈكلىرى قويۇق، قارىماققا شۇنچە راستتەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئىت تۈركىيە ئىتلىرىدەك قىلمايتتى. رادىئودىن چىققان چەتئەل، تۈركىيە مۇزىكىلىرى، ھەرخىل خەۋەرلەر، بانكا ۋە قانداقتۇر ئەتىرلەرنىڭ ئېلانلىرىغا ئەگىشىپ، بوۋاي بىلەن موماي قۇرۇق پاراڭغا چۈشۈپ كېتەتتى. ئادەتتە كۆپرەك دېيىشىدىغىنى، خۇددى نەچچە يىللاردىن بېرى ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ كېلىۋاتقان چىش ئاغرىقى توغرىسىدا ئاغرىنىۋاتقاندەكلا سۆزلىشىدىغان قوللىرىدىكى تاماكىنى تاشلىيالماسلىق توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەر ئىدى. ئۆزلىرىنىڭ تاماكا تاشلىيالمىغانلىقنى ئامال بار قارشى تەرەپكە دۆڭگىشەتتى، ئەگەر مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئىككىسىنىڭ بىرەرسى تۇيۇقسىزلا زەئىپ ئاۋازدا يۆتىلىپ كېتىدىغان بولسا، قارشى تەرەپ دەرھاللا يۇقىرى ئاۋازدا ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلىپ كۆرەڭلەپ كېتەتتى، كەينىدىن بولسا ئەنسىزلەرچە خاپا بولۇشقا باشلايتتى. ئەمما، ئىككىسىدىن بىرسى ھامان تېنجىيتتى-دە، خاپا بولغىنىچە:

      - تەڭرىنىڭ ھەققىدە بولسىمۇ بولدى قىلغىن! بۇ تاماكا مېنىڭ بىردىنبىر كۆڭۈل خۇشلۇقۇم!- دەيتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى پاراڭلار گېزىتتىكى خەۋەرلەر ئۈستىدە بولاتتى، ‹‹دېمىسىمۇ شۇ پاراڭلار مېڭىنى ئارام تاپقۇزاتتى››.

      بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلار سەل سۈكۈت ئىچىدە تۇرىۋېلىشى مۇمكىن، ئەمما كارىدوردىكى چوڭ تام سائىتىنىڭ چېكىلداپ ماڭغىنىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان بۇ سۈكۈت ئانچە ئۇزۇنغا بارمايتتى. چۈشتىن كېيىن بولغاندا ئۇلار بىر ياقتىن گېزىتنى ۋاراقلاپ قويغاچ بىر ياقتىن قارتا ئوينىغاندىمۇ سۆزلەشتىن ئەسلا توختىمايتتى. قورۇدىكى بارلىق ئادەملەر بىللە كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ رادىئو تىڭشاشقا چۈشكەندە بولسا، بوۋاي ھېلالنىڭ مەخسۇس سەھىپىسىنى ئاللىبۇرۇن ئوقۇپ بولغان بولاتتى:

    • مۇبادا ھېلال ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ماقالە يازغان بولسا، بەلكىم كاللىسىنى بەكرەك قويغان بولاتتى.
    • ئۆزىمۇ ئاندىن بىر چوڭ ئادەمگە ئوخشىغا بولاتتى!

     موماي ئېغىر ئۇھسىناتتى، راستىنلا ناھايتتى قىزىققاندەك بىر خىل چىراي ئىپادىسى بىلەن ھەر قېتىملىق سورايدىغان شۇ بىر سۇئالىنى يەنە قايتا سورايتتى:

    • ھېلالنىڭ ماقالىنى بۇنداق يېزىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ئىشلەتمىگەنلىكىدىمۇ ياكى ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ شۇنداق ناچار بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ئىشلىتەلمەمدىغاندۇ؟
    • قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ ماقالىسىدە دېيىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىز ئىكەنلىكىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ! -بوۋاي شۇنداق دېدى. بۇ ئىككىيلەن ئۆزلىرىگە دائىم شۇنداق تەسەللىي تېپىشىدۇ،- ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەقىقىي ئىسمىنى قوللانمىغان تۇرسا، شۇنداقمۇ؟
    • ھېچكىم ئۇنچىۋالا دىققەت قىلماس!- موماي غالىبنىمۇ قايىل قىلالمايدىغان بىر خىل يوسۇندا جاۋاب بېرەتتى،-قىززىق! كىم دېدى ھېلالنىڭ ئاشۇ يېزىۋاتقىنىنى بىز دەپ؟!

     ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، ھېلال ھەپتە ئىچىدىلا نەچچە يۈزلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ھەمدە بۇرۇن ئېلان قىلغان ماقالىلىرىنىمۇ قايتا ئۆز نامىدا باشقىدىن ئېلان قىلدۇردى، بىر نەچچە خەتنى ئۆزگەرتىپلا. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا بەزىلەر ئۇنىڭ ئىلھامى تۈگەپتۇ، ياكى ئۇ ئاياللار بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ ئالدىراش ۋە ياكى سىياسىي بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى دېيىشتى. يەنە بەزىلەر، ئۇنى زەئىپلىشىپ تۈگەشكەنگە چىقاردى. موماينىڭ گېپىدىن كېيىن بوۋاي شاللاق سەھنە ئارتىسىلىرىنىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان مۇتتەھەملەرچە قىياپىتى بىلەن ، ئۆزىنىڭ بۇندىن بۇرۇن نەچچە يۈز قېتىملاپ دېگەن سۆزىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايتتى:

      - كىممۇ بىلمەي قالاتتى، تەڭرىم، ھەر بىرى، ئۇنىڭ ھەربىر يېقىنلىرى، دوست-يارەنلىرىنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئۇنىڭ ‹قورۇ› توغۇرلۇق يازغان ھېلىقى نېمىسىدە دېيىلگىنىنىڭ دەل مۇشۇ يەر ئىكەنلىكىنى ھەممىسى بىلىدۇ! موماي مۇشۇ چاغدىلا ئاندىن جىم بولاتتى.

    ئومۇمەن شۇ چاغلاردىن بولسا كېرەك، بوۋاي ئۆزىنىڭ قايتا-قايتا كۆرىدىغان شۇ بىر خىللا چۈشىنى تىلغا ئالغانىدى. ئۇ چۈشىنى سۆزلىگەندە كۆزلىرىدىن نۇر چاقنايتتى. خۇددى ھېكايە ئېيتقاندەك، چۈشلىرىنىڭ كۆك رەڭدە ئىكەنلىكىنى، چۈشىدە ساقىلى بىلەن چېچىنىڭ توختىماي ئۆسىدىغانلىقىنى سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ شۇنچە ئەستايىدىللىق بىلەن دېگەن چۈشلىرىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ تۈگەتكەن موماي:

     - ساتىراچ ئۇستام كېلەي دېدى!-دەيتتى. لېكىن بوۋاينىڭ بۇ ساتىراچ بىلەن خۇشى يوق ئىدى.

    - گېپىمۇ جىق، سورايدىغىنىمۇ جىق ئادەمكەن!-دەيتتى.

     كۆك رەڭدىكى چۈش ۋە ساتىراچ توغۇرلۇق پاراڭلاردىن كېيىن، غالىب بوۋىسىنىڭ نەچچە قېتىم ئۆز-ئۆزىگە ‹‹ باشقا يەرگە سېلىنغان بولسا بولاتتىكەن، باشقا بىر قورۇ بولسا بولاتتىكەن! مانا ئەمدى بۇ يەرگە... جىن چاپلاشتى›› دەپ پىچىرلاۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قالغانىدى.

     نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، ئۇلار ‹شەھەر مەركىزى›› دەپ ئاتالغان بۇ قورۇدىن كۆچۈپ كەتتى، قورۇنى بولسا قەۋەتلەرگە بۆلۈپ سېتىۋەتتى. بۇ قورۇغىمۇ مۇشۇ يەردىكى باشقا قورۇلارغا ئوخشاش، بەزى ئۇششاق بويۇملار دۇكىنى، ئاستىرتتىن ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلىدىغان شەخسىي ئامبولاتورىيىلەر ھەمدە سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاستا-ئاستا كۆچۈپ كىرىشكە باشلىدى. كېيىنكى كۈنلەردە غالىب ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىغا بارغاندا، بۇ قورۇنىڭ قارامتۇل سوغۇق تاملىرىغا قارىغاچ، بوۋىسىنىڭ بو قورۇغا جىن تەگدى، دېگىنىنىڭ نېمە مەنە ئىكەنلىكى مۇلاھىزە قىلاتتى. ئۇ كىچىك چېغىدىلا ساتىراچ ئۇستامنىڭ:

      - ھە راست، ئەپەندىم، چوڭ ئوغلىڭىز ئافرىقىدىن قاچانلاردا كەلگۈدەك؟ دېگەندەك ئادەت خاراكتېرلىك سۇئاللىرىغا دىققەت قىلغانىدى. ئۇ ھەم بوۋىسىنىڭ بۇ ئىشلارنى تىلغا ئېلىشنى ئەسلا خالىمايدىغانلىقىنىمۇ سەزگەنىدى. غالىبنىڭ بۇ مېررى تاغىسى نەچچە يىللاردىن كېيىن ياۋروپا ۋە ئافرىقىلاردىن ئاخىرى تۈركىيىگە قايتتى. ئاندىن ئىزمىردىن ئىستامبولغا، بۇ قورۇغا قايتىپ كەلدى. شۇ چاغدىلا، غالىب بوۋىسىنىڭ جىن تەگدى، دېگىنىنىڭ ئەسلىدە تۈركىيىدىكى ئايالى ۋە ئوغلىنى تاشلاپ چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن، شۇنچە يىللاردىن بېرى ئىز-دېرىكى بولماي، تۇيۇقسىزلا يېڭى ئايالى بىلەن بىر قىزىنى (رۇيا) باشلاپ كەلگەن مۇشۇ غەلىتە چوڭ ئوغلىنى كۆزدەتۇتقانلىقىنى ھېس قىلغانىدى.

     نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، غالىب ھېلالدىن ئۇلارنىڭ شۇ يىللىرى بۇ قورۇنى سېلىشقا كىرىشكەندە مېررى تاغىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدى. ئۇ چاغلاردا گەرچە ئۇلارنىڭ دۇكىنىدا ھاجىبېكنىڭ دۇكىنىدىكىدەك يۇمشاق كەمپۈتلەر بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار پۇكەيدىكى موماي ئۆز قولى بىلەن ياسىغان ئەنجۈر مۇرابباسى ۋە چۈچۈمەل گىلاسلارنى ياخشى ساتالايتتى. مېررى تاغا بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ۋە دادىسىنىڭ قېرىنداشلىرى نىشانتاشتىكى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يېنىدا بىرلىكتە مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشاتتى. شۇ چاغدا ئوتتۇز ياشقا تولمىغان مېررى تاغا، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئادوۋكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىدىن قايتىپ مۇشۇ يەرگە كېلەتتى، ئىشخانىدا ئولتۇرسىمۇ ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان تالاش-تارتىش يا بولمىسا كونا ئەنزىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشتىن باشقا ئىش بولمايتتى. ئۇ نىشانتاشتىكى قۇرۇلۇشقا كېلىپلا كاستيوم ۋە گالىستۇكلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، يەڭلىرىنى شىمايلاپ، ئىش يىغىشقا ئاز قالغاندا يېلى چىقىپ پوسكىيىپ قالاي دېگەن ئىشچىلارغا ۋارقىراپ يۈرۈپ مەدەت بېرەتتى. ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپ ئۇ ياۋروپانىڭ كەمپۈت ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلىپ، ئالتۇن رەڭلىك ئورالما قەغەزلەرنى ئەكىلىپ كاشتان كەمپۈتلىرىنى ئوراپ يۈردى، فىرانسىيىدىكى بىر كارخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاللىقانداقتۇر بىر زاۋۇتلارنى قۇردى، غالىبنىڭ ھېلىن ھاممىسىغا ئەرزان باھالىق پېئانىنودىن بىرنى بىرنى ئەكىلىپ بېرىپمۇ ئۈلگۈردى، ۋاسېفنىڭ داۋالىتىدىغانغا بىرلىرى ئارقىلىق فىرانسىيە ۋە گېرمانىيىدىكى بىر قۇلاق، مېڭە مۇتەخەسىسلىرى بىلەنمۇ دېيىشىپ قويدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، قورۇ سېلىنىپ پۈتتى، ئەمما تېخى ھېچكىم كۆچۈپ كىرمىگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مېررى تاغا بولسا ۋاسېفنى بىلەن ئاللبۇرۇنلا رومىنىيىنىڭ پاراخوتىغا ( توسدىنا ناملىق) ئولتۇرۇپ، مارسېلغا قاراپ يول ئېلىپ بولغانىدى. غالىب بۇ توسدىنا ناملىق پاراخوتنى تۇنجى قېتىم مومىسىنىڭ بىر قۇتىسىدا كۆرگەن ئىدى. پاراخوتنى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بۇ سۈرەتتىن سۇس ئەتتىرگۈل پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى. سەككىز يىلدىن كېيىن غالىب ۋاسېفنىڭ كېسىۋالغان گېزىتلىرىدىن بۇ پاراخوت توغۇرلۇق خەۋەرنى كۆرۈپ، پاراخوتنىڭ دېڭىزدىكى سۇ ئۈستى ماي قۇدۇقىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى.

    قۇرۇلۇش پۈتۈپ بىر يىلدىن كېيىن، ۋاسېف ئۆزى يالغۇز سىكپىرىس پويىز ئىستانىسىغا چۈكەندە بولسا ئۇ يەنىلا ‹‹تۇغما›› گاس ھەم گاچا ئىدى. (غالىبنىڭ ھېلىن ھاممىسى، باشقىلار سورىغان سۇئالىغا ‹تۇغما› دېگەن بۇ سۆزنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ئىشلىتىپ تۇرۇپ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى، ئۇ نېمە ئۈچۈن ھاممىسىنىڭ بۇ سۆزنى ئۇنچە كۈچەپ دەيدىغانلىقىنى بىلەلمىگەنىدى). ئۇ چاغدا ۋاسېف ئىچى ياپون بېلىقى بىلەن توشۇپ كەتكەن بېلىقداننى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە تىزىغا قويۇۋېلىپ ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى، بىردەم نەپەسلىرى قىسقاندەك بولاتتى، يەنە بىردەم كۆزلىرىدىن ياشلار ئېقىپ چۈشەتتى. 50 يىلدىن كېيىنمۇ ئۇ بۇ بېلىقلارنىڭ نەۋرە-چەۋرە ھەتتا ئەۋرىلىرىگىمۇ مۇشۇنداق قاراشنى داۋاملاشتۇردى.

     ئۇ چاغدا ھېلال بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسى قورۇئۆينىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە تۇراتتى. ( سەككىز يىلدىن كېيىن بىر ئەرمەنىستانلىققا سېتىۋەتتى)، ئەمما ئۇلار مېررى تاغىنىڭ پارىژ كوچىلىرىدا سودا-سېتىقنى ئوڭۇشلۇق تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن،  ئۇنىڭغا پۇل ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئانا-بالا ئىككىيلەن بۇ ئۆينى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزلىرى ئۆگزىدىكى كىچىك ئۆيگە كۆچۈپ چىقىۋالدى. دەسلىپىدە ئۇلار مېررى تاغىنىڭ پارىژدىن ئەۋەتكەن، ئىچىدە كەمپۈت، تورت، ئەتتىر سوپۇن ياكى ئەتتىرلەرنىڭ ياسىلىش رېتسىپى يېزىلغان خەتلەرنى ھەم بۇ كەمپۇت ۋە تورتلارنى يېگەن، ياكى بۇ ئەتتىر سوپۇن، ئەتتىرلەرنى ئىشلەتكەن داڭلىق كىنو ئارتىسلىرىنىڭ ۋە بالېت ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى، ۋە ياكى  يالپۇز چىش پاستىسى، كاشتان كەمپۈتلىرى، ئىچىگە ھاراق قۇيۇلغان شاكىلاتلار، ئويۇنچۇق ئوت ئۆچۈرۈش ئادىمى ياكى ماتروسلار شىلەپىسى دېگەندەك نەرسىلەر سېلىنغان خالتىلارنى ئانچە-مۇنچە تاپشۇرۇۋېلىپ تۇردى. مېررى تاغىنىڭ خەت-خالتىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشىغا قاراپ، ھېلالنىڭ ئاپىسى ھېلالنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇلار مېررى تاغىنىڭ بېنگازىدىن ئەۋەتكەن ئاتكىركىسىنى كۆرۈپ، ئاندىن بۇ قورۇدىن كۆچۈپ چىقىپ ئاقساراي دېگەن جايدىكى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. ئاتكىركىنىڭ ئۈستى قوڭۇر رەڭلىك رەسىم بولۇپ، ئۇنىڭدا غەلىتىلا بىر ئەزان ئېيتىش مۇنارى ۋە بىر ئايروپىلان بار ئىدى، كەينىگە ئۇنىڭ ۋەتەنگە قايتىش يولى توسۇلۇپ قالغانلىق توغرىسىدىكى ئۇچۇر يېزىلغانىدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ماراكەشكە قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىنمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، رەڭسىز ئاتكىركىلارنى ئەۋەتىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قولدا سىزىلغان ئاتكېركا بولۇپ، ئۈستىدە مۇستەملىكە شەكلىدىكى مېھمانساراي بار ئىدى، شۇ يەردە كېيىن ئامېرىكىنىڭ بىر فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، فىلىمدە ئوق-دورا سودىگەرلىرىدىن تارتىپ، ئىشپىيپنلارغىچە ھەممىسى بىر ئالاقىچى قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالاتتى. بوۋاي بىلەن موماي بۇ ئاتكىرىكىدىن ئوغلىنىڭ ماراكەشتە تۈركىيىلىك بىر قىزغا ئۆيلەنگەنلىكىنى بىلدى، بۇ قىز مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈممەتلىرىدىن ئىدى. ئۆزىمۇ ناھايتتى چىرايلىق قىز ئىدى. (ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن غالىب ئۇ ئاتكىركىنى قايتا كۆرگىنىدە، ئىككىنچى قەۋەتنىڭ بالكونىدا لەپىلدەۋاتقان بايراقنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدى. غالىب ھېلالنىڭ ‹‹بېيولنىڭ قاراقچىلىرى›› دېگەن ھېكايىسىدىكى سۆزلەردەك ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. بۇ توي تورتىغا ئوخشايدىغان مېھمانساراينىڭ مەلۇم بىر ھۇجرىسىدا مېررى تاغا بىلەن چىرايلىق ئايالى ‹رۇيا›نىڭ ئۇرۇقىنى سالغانىدى).

     

     

     بۇ سەھىپىدە ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە تەرجىمى قىلىنىپ يوللىنىدۇ، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.