خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى( 9-باپ سوپىبەگ ئالتۇنى)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 09:56:15

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت توخ

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
    نۇرمۇھەممەت توختى

     

    9- سوپى بەگ ئالتۇنى

     

    كۈنلەر ناھايىتى تېز ئۆتتى. 1933-يىلى ئۆتۈپ 1934-يىلى كىرىپ كەلدى. سوپى بەگ ئالتۇنلارنى ئاشكارا خىراجەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، چۈنكى جەمئىيەتتىمۇ ئالتۇن غەلۋىسى بولۇۋاتاتتى. خوتەنلىك توپىلاڭچىلار قورال-ياراغ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالتۇن يىغىشقا كىرىشكەنىدى. ئۇلار كېرىيەنىڭ كونا ئامباللىق خەزىنىسىدىن قالغان ئالتۇنلارنى ئېلىپ كېتىش بىلەنلا توختاپ قالمىدى، يەنە كېرىيەلىكلەرنى ئالتۇن ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. سوپى بەگمۇ بارلىق كېرىيەلىك بايلارغا ئوخشاشلا ئالتۇنلارنى ئىئانە قىلىشنى خالىمىدى. شاڭ سىدىن قالغان ئالتۇن تۈگۈل، خوتۇنىنىڭ قۇلىقىدىكى ئالتۇن زىرىسىنىمۇ ئىئانە قىلمىدى. «خوتەنلىك پۇقاقلارغا بىكارغا بېرىدىغان ئالتۇن نەدىكەن؟ پادىشاھلىقنى مەندىن ئېلىپ ئىمىن ئەلەم ئاخۇنۇمغا بەرگەندىكىن، ئالتۇننى ئىمىن ئەلەم ئىئانە قىلسۇن» دەپ ئويلايتتى سوپى بەگ بارلىق كېرىيەلىكلەرگە ئوخشاشلا. قارىغاندا، كېرىيەلىكلەر ئالتۇنلىرىنى خوتەنلىك توپىلاڭچىلارنىڭ ئالتۇن ئالۋىڭىدىن ساق ئۆتكۈزۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ساق ئۆتكۈزۈپ كەتتى.
    1934-يىلى 7-ئايدا گومىنداڭنىڭ ما جۇڭيىڭ، ما خۇسەن باشچىلىقىدىكى تۇڭگانلاردىن تەشكىللەنگەن 36-دىۋىزىيىسى خوتەنلىك توپىلاڭچىلار قۇرغان «خوتەن ھۆكۈمىتى ئىسلامىيە»نى تىرىپىرەن قىلىپ، كېرىيەنى ئىشغال قىلدى. ئالتۇن ئالۋىڭى قويغان خوتەنلىك توپىلاڭچىلارنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ قاچقىنى قېچىپ، قۇيرۇقى خادا بولدى. ئالتۇن ئالۋىڭىمۇ شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالدى. سوپى بەگ خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇ ئەمدى ئالتۇنلارنى خەجلىگىلى بولدىغان زامان كەلدى دەپ ئويلايتتى.
    كېرىيەگە ما خۇسەننىڭ جەدە ئاتلىق 2-بىرىگادىسى كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى. ئۇلار كېرىيەگە كېلىپلا ئەسلىي كېرىيەدە ئولتۇرۇشلۇق يۇنۇس تۇڭگان، ئايۇپ تۇڭگان قاتارلىق بەش-ئالتە كىشىنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلدى. 2-بىرىگادا ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلغانلار ئىچىدە يەنە بۇ يىل قىشتا كېرىيەگە پەيدا بولۇپ قالغان تۆت نەپەر يوچۇن تۇڭگانمۇ بار ئىدى. ئاشۇ تۇڭگانلار چەرچەن-چارقىلىق تەرەپتىن كېلىپ كېرىيەگە پەيدا بولغاندا «تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن گەنسۇدىن چىقتۇق، ھەرقانداق ئىش بولسا قىلىمىز» دەپ، كېرىيە بازىرى مۇغاللا كوچىسىدىكى ئەيسا دورغا بېگىمنىڭ ئۆيلىرىدە ئىجارىگە ئولتۇرغان ۋە مەدىكار ئىشلەپ يۈرگەنىدى. ئەمدى مەلۇم بولدىكى: ئۇلار ئىشلەمچىلەر ئەمەس، ما بۇفاڭ كېرىيەلىكلەرنىڭ تەلەپ-ئىلتىجاسىغا ئاساسەن كېرىيەنى ئۆز تەسەررۇپى دائىرىسىگە قوشۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەسكەرلەر ئىكەن. ما بۇفاڭ كېرىم شىغا ئېلىپ بارغان تەۋەلىك بىلدۈرۈش مەكتۇپىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بوپتۇ. ئابدۇخەبەر ھاجى بىلەن سوپى بەگنىڭ ساداقىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. تېخى ئۇلارنىڭ كونا خەزىنىدىن ئولجىغا ئالغان مىڭ سەر ئالتۇن بىلەن باشقا بايلىقلارنى ئۆزى ئۈچۈن ساقلاپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ، كېرىم شېغىغا بىر روتا ئەسكەر قوشۇپ، دەرھال كېرىيە دىيارىغا ماڭغۇزۇپتۇ. مەقسىتى: كېرىيە خەلقىنىڭ تەلەپ-ئىلتىجاسىنى قاندۇرۇپ، كېرىيەلىكلەرنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئىكەن. ئەپسۇس، بىر روتا ئەسكەر «كۆنچى» دېگەن يەردە چارقىلىقتىكى تۇردى يىڭجاڭ قىسىملىرىنىڭ توسۇشىغا دۇچ كەپتۇ، تۇردى يىڭجاڭ دېگەنمۇ بىر توپىلاڭچى ئىكەن، توپىلاڭچىغا يول قويۇشقا بولاتتىمۇ؟ ئۇرۇش بوپتۇ، ئۇرۇشتا ما بۇفاڭنىڭ ئەسكەرلىرى بەكلا باتۇرلۇق كۆرسىتىپ كۆپلەپ جان تەقدىم قىپتۇ. جەڭگاھتىن ئاران ئالتە ئەسكەر ساق چىقىپتۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ما بۇفاڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئىرادىسى بەكلا كۈچلۈك ئىكەن. كېرىيەلىكلەرنىڭ ئىلتىجاسىنى قاندۇرۇپ، ئابدۇخەبەر ھاجى بىلەن سوپى بەگ ساقلاپ ياتقان مىڭ سەر ئالتۇننى تاپشۇرۇۋېلىشقا ئىنتىلىپلا تۇرىدىكەن. ئۇلار تۇردى يىڭجاڭنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشلىرىدىن قېچىپ داۋاملىق كېرىيەگە قاراپ ئىلگىرىلەپتۇ. ئەپسۇسكى، ئۇلار ئۇزاق چۆل-باياۋانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ كېرىيەگە يېتىپ كەلگەندە، ما بۇفاڭغا تەۋە بولماقچى بولغان كېرىيە ئاللىقاچان خوتەنلىك توپىلاڭچى پۇخاقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنىكەن. كېرىيەنىڭ كوچىلىرىدا كامال داموللىنىڭ توپىلاڭچىلىرى ئالماس ھاجىم ياسىغان مىلتىقلارنى كۆتۈرۈپ ھەيۋە قىلىپ يۈرەر ئىكەن، ما بۇفاڭنىڭ كېرىيەگە يېتىپ كەلگەن تۆت ئەسكىرى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنىڭ ئەپسىزلىكىنى ھېس قىپتۇ. ئۇلار ئىشلەمچى سىياقىغا كىرىپ پەيت كۈتۈشكە مەجبۇر بوپتۇ.
    مانا ئەمدى ما بۇفاڭنىڭ شىمالىي يول بىلەن ئايلىنىپ كەلگەن ما خۇسەن باشچىلىقىدىكى قىسىملىرى يېتىپ كەلگەندە ئۇلار ئۆزىنى ئاشكارىلاشتى. ھېلىقى كېرىيە ئەلچىسى كېرىم شىغا ئېلىپ بارغان تەۋەلىك بىلدۈرۈش مەكتۇپىنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقاردى. كېرىيەنىڭ ما بۇفاڭغا تەۋە بولۇش مەسىلىسى ھەل بولغانىدى. ئەمما، ما بۇفاڭ ئۈچۈن ساقلاپ قويۇلغان مىڭ سەر ئالتۇن نەدە؟
    ئابدۇخەبەر ھاجى بىلەن سوپى بەگ تېپىپ كېلىندى. مەكتۇپ ئالدىغا قويۇلدى. خەتنى ئېلىپ بارغان ئەلچى−كېرىم شىغامۇ گۇۋاھچى بولۇش ئۈچۈن يوشۇرۇنغان يېرىدىن چىقىپ كەلدى. ئالتۇنلارنى سۈرۈشتە قىلىش باشلاندى. ئۆزلىرىچە «مىڭ سەر ئالتۇننى ساقلاپ قويدۇق» دەپ خەت يازسۇن، ئەمدى «خوتەنلىكلەر ئېلىپ كەتتى» دەپ باھانە كۆرسەتسۇن، بۇنىڭغا ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ مىڭ سەر ئالتۇن ما بۇفاڭغا ئاتالغانىكەن، ئەمدى چوقۇم ما بۇفاڭ ئەسكەرلىرىگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. تېنىۋېلىشقا، باھانە كۆرسىتىشكە، گاچىدەك گۆشىيىپ تۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، كىم ئۇلارنى خەت-مەكتۇپ يازسۇن دەپتۇ؟
    سۈرۈشتۈرۈش−سوراق قىلىشقا ئايلاندى، سوراق قىلىش−قىيناشقا ئۆزگەردى، ۋەدىسىدىن تېنىۋالغان بۇنداق نامەردلەرنى قىينىماي بولمايتتى. سوراق-قىيناق ئۈچ ئاي داۋاملاشتى. ئابدۇخەبەر ھاجى بىلەن سوپى بەگ شۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەركۈنى ئون قېتىمدىن دوزاخقا كىرىپ چىقتى. ھەر كۈنى مىڭ ئۆلۈپ-مىڭ تىرىلدى. جانلىرى ھەلقۇمىغا مىڭ كېلىپ، مىڭ بىر قېتىم ياندى. مېڭ قېتىم ھوشىدىن كېتىپ، مىڭ بىر قېتىم ھوشىغا كەلدى. قىيناقلار قامچا-توقماقتىن ئۆتۈپ تورۇسقا تەتۈر ئېسىلىشقىچە ئۇلار بەرداشلىق بەردى. ۋايجانلاپ تۇرۇپ چىدىدى. «گاڭزا»غا بېسىپ يوتا-پاچاقنىڭ گۆشلىرى تىتما-تىتما قىلىنغاندا، ئابدۇخەبەر ھاجى چىدىماي قالدى. ئۇ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ۋە ئۆزى يىغقان ئالتۇنلاردىن بىر چارەك ئالتۇن تاپشۇردى. بىر چارەك ئالتۇن تاپشۇرۇۋالىغانىكەن، نېمىشقا ئون چارەكنىمۇ تاپشۇرالمايدۇ؟ قىيناق يەنىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. تېخى مۇنۇ سوپى بەگ دېگەن جاھىلغا قىيناق يېنىك كېلىپ قالغانىدى. سوپى بەگنىڭ تىرناقلىرى ئارىسىغا جىگدە شوخىسى قېقىلغاندا، ئۇ گۆرۈكەش شاڭ سىدىن قالغان زىخچا ئالتۇنلارنى ئىقرار قىلدى. ما خۇسەنچىلەر دەرھال بېرىپ، ئۇ دەپ بەرگەن يەردىن ئون تال زىخچا ئالتۇننى كولاپ ئالدى. شاڭ سىدىن قالغان ئالتۇنلارنىڭ بىر زىخچىسىنى سوپى بەگ ئالتۇنلارنى خىراجەت قىلىشقا سالاھىيەتلىك بولغان ھەۋزىخان ئانا بىلەن بالىلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىغا خەجلىگەنىدى. ئون تال زىخچا ئالتۇن تاپشۇرالىغان ئادەم نېمىشقا 100 تال زىخچا ئالتۇن تاپشۇرالمايدۇ؟ سوپى بەگنىڭ ئەرلىكىنىڭ تۆشۈكىدىن ئىنچىكە مىس سىم تىقىلغاندا، ئۇ شاڭ سىدىن قالغان سەككىز دانە كېسەك ئالتۇن كۆمۈلگەن جاينىمۇ ئىقرار قىلدى. قاسىم بەگ «ئىسمايىل» بىلەن كېرىم شىغا باشلىغان ما خۇسەنچىلەر دەرھال ئاتلىنىپ، ئۇ ئالتۇنلارنىمۇ يېرىدىن كولاپ چىقتى. قارىغاندا، سوپى بەگنىڭ قورۇ-جايلىرىنىڭ ھەممە يېرىگە ئالتۇن كۆمۈلگەندەك قىلاتتى. سەككىز دانە كېسەك ئالتۇن تاپشۇرالىغان ئادەم نېمىشقا 80 دانە كېسەك ئالتۇن تاپشۇرالمايدۇ؟ قىيناق داۋاملاشتى. سوپى بەگنىڭ ئىقرارىغىلا ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايتتى. نەلەردىندۇر تۇتۇپ ھەيدەپ كېلىنگەن ئادەملەر سوپى بەگنىڭ قورۇ-جايلىرىنىڭ ھەممە يېرىنى كولاشقا كىرىشتى. يۈسۈپ بەگ شاما، قاسىم بەگ «ئىسمايىل»، كېرىم شىغا قاتارلىقلار ئۇلارغا نەنى كولاشنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. جەدە ئاتلىق 2-بىرىگادىنىڭ كوماندىرلىرى كولاپ چىقىلغان ھەربىر كەتمەن توپىنىمۇ دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ تۇراتتى. سوپى بەگنىڭ قورۇ-جايلىرى كولاپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتىلدى. ئىككى ئادەم بويى چوڭقۇرلۇقتا كولاندى. ئۆي-ئايۋان سارايلىرىمۇ يىقىتىلىپ تام-تۇرۇسلىرىغىچە ئاختۇرۇلدى. ئەمما، 80 دانە كېسەك ئالتۇن بىلەن 100 تال زىخچا ئالتۇن تېپىلمىدى. تېپىلغىنى سوپى بەگنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنىڭ بىرەر-ئىككى جىڭ چىققۇدەك زىرە، بىلەيزۈك دېگەندەك زىبۇ زىننەتلىرى ئىدى. سوپى بەگنىڭ قولىدىكى ئالتۇنلار تۈگىگەنمىدۇ؟ بۇنىڭغا ئىشنىشكە بولمايتتى. سوپى بەگنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ ئۆيلىرى ئاختۇرۇلدى. ھەتتا ھەۋزىخان ئانا بىلەن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپ ئولتۇرۇشلۇق قورۇ-جايمۇ ئاختۇرۇلدى. ئاختۇرغۇچىلار ھەۋزىخان ئانا بىلەن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنىڭ مەرھۇم گۆرۈكەش شاڭ سىنىڭ تۇغقانلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە يېقىندىن بېرى سوپى بەگنىڭ ئۇلارغا ھىمات بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگىنىدە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشتى. سوپى بەگ تاپشۇرغان سەككىز دانە خىش ئالتۇن بىلەن ئون تال زىخچا ئالتۇن گۆرۈكەش شاڭ سىدىن قالغان ئالتۇنلار ئەمەسمىكىنە؟ سوراق داۋاملاشتى. قىيناق ئەۋجىگە چىقتى.
    كۈرەك بېسىپ راسا كۈچەيتىلگەن ئوتتا چوغدەك قىزدۇرۇلغان ئات تاقىسى سوپى بەگنىڭ كۆكرىكىگە يېقىلغاندا، سوپى بەگ ھەممىنى ئىقرار قىلدى. قانداق قىلىپ ھەۋزىخان ئانىنىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشىۋالغانلىقىنى، شاڭ سىدىن قالغان ئالتۇنلارنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى. تاپشۇرغىنى شاڭ سىدىن قالغان ئالتۇنلار بولسا، ئەسلىي خەزىنىدىن ئولجا ئېلىپ، ما بۇفاڭ ئۈچۈن ساقلاپ قويۇلغان مىڭ سەر ئالتۇن نەدە؟
    ھۇ، ئەبلەخ! سەن تېخى بىزنى شاڭ سىدىن قالغان ئالتۇنلار بىلەن ئالدىماقچى بوپسەن-دە، ئۇخلاپ چۈشۈڭ، شاڭ سىدىن قالغان ئالتۇنلارغۇ بىزنىڭ، يەنە كونا خەزىنىدىن قالغان مىڭ سەر ئالتۇنمۇ بىزنىڭ بولۇشى كېرەك. سەن ئۇنى قوماندانىمىز ما بۇفاڭ جانابلىرىغا ئاتىغانغۇ، ئەمدى تېنىۋالامسەن؟ ئۆلسەڭمۇ ئاشۇ مىڭ سەر ئالتۇننى تاپشۇرۇپ ئۆلىسەن، ئېيتە، مىڭ سەر ئالتۇن نەدە؟
    سوراقلار داۋاملاشتى، قىيناقلار ئەۋجىگە چىقتى، سوپى بەگنىڭ بۇرنىدىن قىزىلمۇچ سۈيى كىرگۈزۈپ بۇرۇقتۇرۇم قىلىندى. چاچ-ساقىلى بىردىن-بىردىن يۇڭدالدى. تىرناقلىرى ئامبۇر بىلەن بىردىن-بىردىن سۇغۇرۇۋېلىندى.چىشلىرى بولقا بىلەن بىردىن-بىردىن چېقىپ تاشلاندى. ۋەھالەنكى، بىرپارچە لەختە گۆشكە ئايلانغان سوپى بەگ ئەمدى ھېچنېمە ئىقرار قىلالمىدى. ھەرقانچە قىينىغان ھالەتتىمۇ يەنە بىرەر نەرسە، بولۇپمۇ ئالتۇن ئىقرار قىلالمايدىغاندەك قىلاتتى. سوپى بەگدە مىڭ سەر ئالتۇن يوقمىدۇ؟ ۋەدە قىلىنغان مىڭ سەر ئالتۇننى خوتەنلىك توپىلاڭچىلارنىڭ بۇلاپ كەتكىنى راست ئوخشىمامدۇ؟ ما خۇسەنچىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە گۇمان چۈشتى. ئەمما، بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلىشقا بولمايتتى. ئابدۇخەبەر ھاجى بىلەن سوپى بەگ ھېچكىم مەجبۇرلىمىغان ھالەتتە مەكتۇپ يېزىپ، قوماندان ما بۇفاڭ جانابلىرىغا مىڭ سەر ئالتۇن ۋەدە قىلغانىكەن، ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەك، مىڭ سەر ئالتۇننى چوقۇم تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى، ئۆلسىمۇ تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى، ئۇلار ئەمدى قىيناشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىغا كۆچكەنىدى. بۇ كېچە-كۈندۈز ئۇلاپ سوراق قىلىش، دەم ئېلىشقا، ئۇخلاشقا يول قويماسلىق ئۇسۇلى ئىدى. ئىنسان بالىسى بىر كۈن ئۇخلىمىسا ھالسىزلىناتتى، ئىككى كۈن ئۇخلىمىسا بىئارام بولاتتى، ئۈچ كۈن ئۇخلىمىسا ئەقلىدىن ئېزىپ جۆيلۈشكە باشلايتتى، راستنىمۇ-يالغاننىمۇ دەۋېرەتتى. سوراقچىلار ئالمىشىپ، سوپى بەگنى ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئۇخلاتمىۋىدى، سوپى بەگ ئەقلىدىن ئازدى. ساراڭغا ئايلاندى. ئىش شېكىسپىرنىڭ «ساراڭلىقتىن ھېكمەت چىقىدۇ» دېگىنىدەك بولدى، سوپى بەگ ئاشۇ ساراڭلىقىدا كېرىيە خەلقىدىن ئالتۇن قەرز ئېلىش تەدبىرىنى تېپىپ چىقتى. بۇ ئاجايىپ ياخشى تەدبىر ئىدى. سوراقچىلار خۇش بولۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ كېرىيە خەلقى تاھازىرغىچە ئۇنتۇمىغان «ئابدۇخەبەر ھاجى ئالتۇنى» بىلەن «سوپى بەگ ئالتۇنى» دېگەن مەشھۇر ئالۋاڭ-سېلىق ئوتتۇرىغا چىقتى. مىڭ سەر ئالتۇننى چېچىلغان سېلىق سانى بويىچە كېرىيەدىكى ھەربىر ئائىلە تۆلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئاشۇ ئالتۇنلارنىڭ 500 سەرى ئۈچۈن كېرىيە خەلقىگە ئابدۇخەبەر ھاجى، يەنە 500 سەرى ئۈچۈن سوپى بەگ قەرزدار بولاتتى، ما خۇسەنچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كېرىيە خەلقى لازىم بولغاندا ئابدۇخەبەر ھاجى بىلەن سوپى بەگدىن بېرىپ تۇرغان قەرزىنى قايتۇرۇۋالسا بولاتتى.
    رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئالتۇن ئاز بولسا خوتۇن-قىزلارنىڭ قۇلاق ۋە بارماقلىرىدا تۇرغاندا تىنچ تۇرارمىش، كۆپ بولسا پادىشاھنىڭ خەزىنىسىدە تۇرغاندىلا تىنچ تۇرارمىش، ما خۇسەن پادىشاھ ئەمەس، بەلكى بىر باندىت. ئۇنىڭ قولىغا چۈشكەن شاڭ سىنىڭ ئالتۇنى ۋە «ئابدۇخەبەر ھاجى ئالتۇنى»، «سوپى بەگ ئالتۇنى»نىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولدى؟ ما خۇسەن سەككىز خېچىرغا ئالتۇن ئارتىپ ھىندىستانغا قاچتى، ئۇ يەردە ئۇلۇغ برىتانىيىنىڭ ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇ ئالتۇنلارنى مۇسادىرە قىلدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.