جون بويىد ئور 1949-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-10 11:24:33

جون ئور1949-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىئەنگىلىيە (1971-1880)مۇكاپاتلانغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى جون بويىد ئور 1880-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، بېرتانىيە شوتلاندىيە ئايىر ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. 1905-يى...



      

     جون ئور

    1949-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

    ئەنگىلىيە (1971-1880)

    مۇكاپاتلانغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

    \

       جون بويىد ئور 1880-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، بېرتانىيە شوتلاندىيە ئايىر ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. 1905-يىلى گىلاس ئۇنۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مېدىتسىنا كەسپى ۋە جانلىقلار ئىلمىنى تەڭ ئوقۇغان. 1914-يىلى، ئور ئابېردىنغا كېلىپ. ئوزۇقشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئكتەپ، خان جەمەتى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ داۋالش قىسمىغا قاتناشقان. 1931-يىلى، ئور «ئوزۇقلۇق تەرمىلىرى ۋە باھالاش گېزىتى»نى قۇرۇپ، ئۆزى باش مۇھەررىر بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئور بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە دېھقانچىلىق تەشكىلىنىڭ باش ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىگەن.

     

    مۇكاپاتقا ئېرىشىش سەۋەبى: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇ دۇنيا قەھەتچىلىكىدە توختىماستىن كۈچ چىقارغان.

     

    تېخنىكا ۋە تېنچلىق

    1949-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى

    ئىلىم-پەن ۋە تېنچلىق

       نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىشى. بۇ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرى، مۇشۇ يۈكسەك شان-شەرەپنى قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن سايلىنىپ كەلگەن تەشكىلنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ياكى شەخىسنىڭ مۇددىئا-مەقسىتىگە فۇكۇسلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بەلگىلىمىگە بىنائەن، شۇ قېتىمقى نۇتۇققا چىقىشتا، نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى چوقۇم نۇتۇق سۆزى قىلىدۇ، مەنچە بۇ نۇتۇقتا مۇكاپاتلانغۇچى ئۆزىنىڭ تېنچلىقنىڭ كەلگۈسى ۋە مۇشۇ كەلگۈسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىغا بولغان قارىشىنى سۆزلىسە بۇنىڭدىنمۇ مۇۋاپىق ئىش بولماس دەپ قارايمەن. بۇ قېتىمقى نۇتۇق سۆزلەشتە، مەن، تەبىئەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى يېڭىپ چىقىشتا، ئىنسانىيەت يېڭى بىلىملەردىن ھەمدە ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنىنىڭ كىشىلەرگە ئاتا قىلغان يېڭى كۈچ قۇدرىتىدىن پاراسەتلىك بىلەن پايدىلىنىپ، ئۇرۇشنىڭ مەنبەيىنى تۈگىتىشى شۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر دۇنيا ۋە ئاسايىشلىق يېڭى دەۋرنى قۇرۇپ چىقىشىنىڭ ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلماقچىمەن.

    ئىلىم-پەن جەمئىيەتنى يارىتىدۇ

    گەرچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يوللىرى بىلەن تەڭداشسىز سىياسىي ھوقۇق ئورتاق گۈللىنىپ، ئورتاق ھالاك بولسىمۇ، ئەمما، بىلىمنىڭ ھەربىر كىچىككىنە ئۆسىشىمۇ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى ياسىيالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مىسالەن، مىلتىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ياۋروپانىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىگە خاتىمە بەردى. ھور ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ ئىسلاھاتى شۇنداقلا ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ ئىسلاھاتى ئارقىلىق كەلگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. يېڭى ئىدىيىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم. ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش دەۋرىدە، مەتبە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلىك قەدىر-قىممەتكە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشتەك ئىسلاھات خاراكتېرلىك ئىدىيىلەر ـــ ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئاپتونومىيىلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى دەل مۇشۇنىڭدىن شەكىللەنگەن ــــ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا ئېرىشتى. بىلىمنىڭ ئېشىشى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تۈزۈلمىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى بىرنەچچىلا مىسالنى تىلغا ئالساق يېتەرلىك. جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ توختىماي ئۆزىنى تەڭشىشى ئارقىلىق يېڭى بىلىملەرنىڭ غىدىقلىشىغا كۆنەلىگىنىمىزدىلا، بىز مەدەنىيىتىمىز ئاندىن تەبىئەت بىلەن بىر قەدەمدە ئوخشاش ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

    ئەمما، بىر قەپەس تۇتۇشماي تۇرۇپ، چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل بولمايدۇ. كېلىش ئالدىدا تۇرغان ھەربىر ئىسلاھات، پەقەت بۇ ئىسلاھات ئېرىشكۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلەلىسىلا، ئۇ ئاشۇ ئېتىقاد شەجەرىسىدىنمۇ يۇقىرى تۇرىدىغان نوپۇزنىمۇ ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلالىسا، ئۇنداقتا، بۇ ئىسلاھات چوقۇملا ئاشۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ توشقۇنلىقىغا ئۇچرايدۇ. جەمئىيەت تۈزۈلمىسى تولىمۇ خەۋپلىك ھالدىكى قاتما بولۇپ، دەماللىققا ىسلاھات ئېلىپ بېرىشكە يار بەرمەيدىغان بولسا، پەقەت شۇ ىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق ياكى ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئارقىلىق ئوڭشاشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى بىر مەسلەكنى تىكلەش ئۈچۈن ــــپادىشاھنىڭ ھوقۇقى ھەرگىزمۇ ئاددىي پۇقرانىڭكىدىمۇ بەكرەك قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ كەتمەيدۇ، ئەنگىلىيە بىر قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرمىسە بولمايدۇ. ئاقسۆڭەك ھۆكۈرانلارنىڭ ۋارىسلىرىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن: ئۇلارنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن ياشايدىغان كۈنلىرى كەلمەسكە كەتتى، فىرانسىيە چوقۇم چوڭ ئىنقىلابتىن بىرنى قىلىشى كېرەك. 19-ئەسىردىكى سانائەت ئىنقىلابى ئىنسانىيەتكە تېزدىن كۆپەيگەن بايلىق ئاتا قىلغىنىدا، ئىشچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۆزلىرى بەرپا قىلغان بايلىقلاردىن تەڭ بەھرىمان بولۇش تەلىپى، ئۇلار پەقەت قالايمىقانچلىق چىقىرىپ ۋە ئىش تاشلىغاندىلا ئاندىن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى.

    ھازىر، بىز بىرلا يەرشارىدا بىللە ياشاۋاتىمىز

    ئەڭ مۇھىم بولغان ئۆزگىرىش بولسا رادىيو بىلەن ايروپىلاننىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئېھتىمالىققا ئايلانغان ئۆزگىرىشتۇر. مۇبادا تىرانسپورت ۋە ئالاقىگە كېرەك بولغان ۋاقىتنى ئۆلچەم قىلىدىغان بولسا، ھازىر بىزنىڭ پۈتكۈل يەرشارىمىز ياۋروپانىڭ بۇرۇنقى كىچىك بىر ۋىلايىتىدىنمۇ كىچىك بولغان بولىدۇ. ھازىرقى دۇنيا مانا مۇشۇنداق كىچىك، ھەرقانداق بىر دكلەتتە يۈز بەرگەن چوڭ ئىشلار دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەرگە تەسىر قىلىدۇ. گىرىتسىيە ياكى جۇڭەودىكى ئىچكى ئۇرۇش سىرتقى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكتىپ ئارىلىشىشىنى قوزغايدۇ. بۇ سىرتقى ھۆكۈمەتلەر ھەرگىزمۇ ھەققانىيەتنىڭ كېلىشتۈرگۈچىسى سۈپىتىدە تۇرۇپ ياراشتۇرۇشنى خالىمايدۇ، بەلكى ئىچكى ئۇرۇشتىكى يەڭگۈچى تەرەپنىڭ ئۆزىگىمۇ تەھدەت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەنە بىر مەلۇم تەرەپنى مەغلۇب قىلىپ تۇرۇپ ئىشنى تۈگىتىدۇ. ئىتالىيىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلىمىنى پۈتۈنلەي دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى دېگەندىن كۆرە، ئۇنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىك كۈچلەرنىڭ بۇ دۆلەتتىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسى دېگەن تۈزۈك. ئىتالىيىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلىمى ۋاشىنگتون، لوندون ۋە موسكىۋادلارغىمۇ ئوخشاش ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەنگىلىيە فونېدسىتېرلىڭنى پاخاللاشتۇردى. بەكمۇ قىسقا نەچچە كۈن ئىچىدە، باشقا 20 نەچچە دۆلەتمۇ ئۆز پۇلىنى پاخاللاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ كەينى-كەينىدىن ئۆزلىرىنىڭ مالىيىسى ۋە سودا سىياسىتىنى تەڭشەپ، بۇ نەچچە دۆلەتتىكى نەچچىلا ئادەم كەلتۈرۈپ چىقارغان قارارغا تاقابىل تۇردى. مەيلى ماددى جەھەتتىن، سىياسىي جەھەتتىن ۋە ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتى ئېيتايلى، بىز ھازىر ئوخشاش بىر يەرشارىدا بىللە ياشاۋاتىمىز، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر-بىرىگە تايىنىپ ياشايدۇ، شۇڭا ھەرقانداق بىر دۆلەتتە مۇتلەق بولغان دۆلەت ھوقۇقى بولمايدۇ. مەيلى قانچلىك جاپا بولسۇن، بىز چوقۇم مەلۇم بىر شەكىلدىكى دۇنيا ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ـــــ بۇ دۇنيا ھاكىمىيىتى ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا قانۇننى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە بۇ قانۇنلارنى يۈرگۈزىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ ــــ بۇ قايتقىلى بولمايدىغان تەرەققىيات يۆنىلىشى.

     

    زامانىۋىي تېخنىكا

         مەن يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمگە ئوخشاش، ئايروپىلان بىلەن رادىيونىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى بىلەن، پەن-تېخنىكا ئاللىقاچان يېپيېڭى بىر خەلقئارا سىياسىي مۇھىتى بەرپا قىلدى. ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق بۇ مۇھىتقا كۆنۈشى كېرەك. پەن-تېخنىكا بەرپا قىلغان سانائەت مۇھىتى، ئۇ بەرپا قىلغان سىياسىي مۇھىتقا ئوخشاشلا مۇھىم. تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىز بارغانسېرى ئاز بولغان ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ماددى-ئەشيالارنى ئىشلەپ چىقىرالايمىز. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى ئاللىقاچان نوقۇل ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىلا بولماي قالدى. ئۇ سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا قانداق قىلغاندا بازار تاپقىلى بولىدىغان ھەمدە تەقسىملەش بىلەن ئىستىمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

         19-ئەسىرنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىقى بىزگە بىردىنبىر تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان ھەل قىلىش چارىسى شۇكى: ئىشلەپچىقىرىشنى ئىقتىساد تەلىپىنىڭ سەۋىيىسى بويىچە قىسقارتىش. كىشىلەرنىڭ قورسىقى غولدۇرلاپ ئاچقاندا، يەرلەرنى تېرىيدىغان ئادەم يوق؛ كىشىلەر ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەرگە جىددى ئېھتىياجلىق بولغاندا، زاۋۇتلار سۆرەلمىلىك قىلىۋاتقان. بىردىنلا، ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلار سانى 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ئەنگىلىيىدىكى ئىشسىزلار بولسا ئۈچ مىليونغا بارغان. گېرمانىيىدىمۇ ئالتە  مىليون كىشىگە قىلىدىغان ئىش يوق. دۇنيا سودىسى بالدۇرقى سەۋىيىسىدىن خېلىلى قىسقىراپ كەتكەن. ئىقتىسادىي تۈزۈملەر پالەچ بولغان، چۈنكى ئۇ ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى بەرپا قىلغان زايەت زور بايلىقنى جانلىق ئىشلىتەلمىگەن.

        ئەگەر ئىلەپچىقىرىتىكى سەۋەب، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاملاشلا بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، مەھسۇلات ئۈچۈن بازار تېپىش ئۇنچىلىك قىيىن ئىش ئەمەس. ئامېرىكا ئىشسىزلىق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقىنىدا، ئكلۈپ كەتكەن پىرىزدېنت روزۋېلىت مۇنداق گەپنى قىلغان: بىزدە شۇنچىۋالا قورسىقى تويمىغان، ئۇچىسى ئىسسىمىغان، تۇرۇۋاتقان يەرلىرى شۇنچىلىك ناچار ھەتتا قايتقۇدەك ئۆيىمۇ يوق خەلقلەر بار، ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى خالىساقلا، ئۇنداقتا، خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان ھەر بىر كىشى خىزمەت تاپالىغان بولاتتى. ئەگەر پىرىزدېنت روزۋېلتنىڭ مۇشۇ سۆزى ئامېرىكىغا ماس كېلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ سۆز پۈتۈن دۇنياغىمۇ ماس كېلىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ بۇ دۇنيارىمىزدا، ئۈچ كىشىنىڭ ئىچىدە چوقۇم ئىككىسى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن بىز بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشماقتا. ئاسىيادىكىك ئىنقىلاب دولقۇنى ـــ ئۇ تولىمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا رەڭلىك ئىرقلىقلار ئارىسىدا تارقالدى ــــ تۈپ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پەقەت شۇ ئاچارچىلىققا ۋە نامراتلىققا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قوزغىلاڭ. پەقەت دۇنيا نوپۇسىنىڭ زور  كۆپچىلىكى تۇرمۇشتىكى لازىمەتلىكلەرگىمۇ ئېرىشەلمەيدىكەن، ئۇنىڭغا ئۈستىگە يەنە بۇ كىشىلەر، پەقەت سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىلا، ئۆزلىرىگە كېرەكلىك  بولغان ھەممىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدىغان بولسا، دۇنيا مەڭگۈ تېنچلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا، دۇنيانىڭ تېنچلىقى مۇقەرەر ھالدا دۇنيا باياشاتچىلىقىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك.

     \

    دۇنيا ئەمىنلىكى ۋە تېنچلىقىغا تۇتاشقا يول

        مۇبادا، دۆلەت تەقدىرىنى قولىدا تۇتغان شۇ كىشىلەر ئەخلاق-پەزىلەت ياكى دىنىي ئېتىقاد پىرىنسىپى بىلەن ئۆزىنى چەكلىمىسە ھەمدە ئۇرۇشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالسا، ئۇنداقتا، شۈبھىسىزكى، «ئۇستىلىق»نىڭ شەخسىيەتچى پىرىنسىپىنىڭ باشقۇرۇلۇشىدا بولىدۇ. زامانىۋىي قورال-ياراغ ئۇرۇشلىرى ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى قالايمىقانچىلىقتا، ھەربىر رەھبەرنىڭ ئۇرۇشتىن ساق-سالامەت چىقالاش-چىقالماسلىقى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى مالىماڭچىلىقتا ئۆز ھوقۇقىنى ساقلاپ قالاش-قالالماسلىقى بىزنىڭ شۈبھىلەنگۈدەك ئىش، ئەلۋەتتە. ئەمما، بىر مەيدان مۇداپىئە جېڭىنى قوزغاشقا تەيارلىق قىلغاندا، ئۇلار ھەرگىزمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتمەيدۇ. خەتەر ھەمىشە، تېنچسىز سىياسىي كەيپىياتتا، يانغىن بولغان كىچىككىنە بىر ئۇچقۇنمۇ، ئەسلىدە ھېچكىمنىڭ قوزغاش نىيىتى بولمىغان چوڭ ئۇرۇشنى قوزغاپ قېلىشى مۇمكىن.

       تېنچلىققا قاراپ ئېلىنغان تۇنجى قەدەم چوقۇم كۆز ئالدىمىزدىكى جىددىي بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاش بولۇش كېرەك. بۇ قەدەمنى ئېلىش ئۈچۈن،بىز چوقۇم خاتىرجەم ھالدىكى ئەقىل نۇرىنىڭ يورىتىشى ئاستىدا، نۆۋەتتىكى خەتەرلىك مەزگىل كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرخىل ئەمەلىيەتلەرنى تەھلىل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. جىددىي بولغان مۇناسىۋەت ئاساسلىقى كوممىنىزمدىكى روسىيە بىلەن كاپىتالىزىمدىكى ئامېرىكا ئارىسىدا بولماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككىلا تەرەپ ئۆزلىرىنى تېنچلىققا يان بېسىۋاتىمىز دەيدۇ. ئۇلارغا، دۇنيانىڭ ھەرگىزمۇ موسكىۋانىڭلا بۇيرىقىغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى، ۋە ياكى ۋاشىنگتوننىڭلا بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ۋەھىمە پىسخىكىسىدىن قۇتۇلدۇرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدا يۈگۈسلاۋىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ساۋىقى دېمىسەممۇ ھەممىگە چۈشىنىشلىك. مەيلە كاپىتالىزىمنىڭ ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلى مەيلى كوممىنىزمنىڭ ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلى بولسۇن، ئىككىسىلا ھەربىي ھۇجۇم ۋە ياكى 5-كالوننانىڭ ئىچكى قىسمىدىن باشلانغان تېنچلىق ئۆزگىرىشىدىن بىۋاستە ۋەيران قىلىنىۋېتىلمەيدۇ.

        ئۇرۇش ۋە ۋەھىمىنى تەرغىپ قىلىش ئارقىلىقلا، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ خىل جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشايمىز دەيدىكەنمىز، بىز چوقۇم يېپيېڭى بولغان بىر شەكىلنى قوللىنىشىمىز كېرەك. بۇ خىل چارە ئالدى بىلەن ئاشۇ ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى بىر قەدەر مۇقىم دەپ ئويلىغان دۆلەتلەردىن باشلىنىپ، ئاندىن باشقا دۆلەتلەردە ھەرقانداق بىر ئەھمىيەتلىك غەلبىلەرگە ئېرىشكىنىدە، بۇ چارە-شەكىل ھەر بىر دۆلەتتە خۇشامەتچە ماختاشلارغا ئېرىشىدۇ. ھەمدە، ئاشۇ ئاسانلا .ىغۋاگەرچىلىك تۇرغۇرىدىغان مەسىلىلەر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە نەزەردىن ساقىت قىلىنىۋېتىدۇ.

        بىزنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىلىق دوستلىرىمىز، دېموكراتىك دۆلەتلەر ئېرىشكەن بۇ چوڭ ئىلگىرىلەشلەر ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە ئۆزلىرىڭلارنىڭ مەدھىيىڭلارنى ئوقۇڭلار! ھەمدە ئۇلارغا، دۆلەت ئاھالىسى ئەلا مائارىپ تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلغان ھەرقانداق بىر دۆلەتتە، دۆلەت ئاھالىسى ئوقۇشلۇقلارنى ئەركىن تاللاپ ئوقۇيالىغان دۆلەتتە ھەمدە دۆلەت ئاھالىلىرى ھۆكۈمەتنى ئەركىن ھالدا مۇلاھىزە ۋە تەنقىد قىلالىغان دۆلەتتە، تېنچلىقنىڭ ۋەزىيەت تەقەززاسى بولالايدىغانلىقىنى تونۇتۇڭلار.

     

    ئاۋام ھەرىكىتى

          تېنچلىقنى ياكى ئۇرۇشنى تاللاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھوقۇقى يەنىلا شۇ كەڭ ئاۋامدا. ھازىر، مەيلى ھاكىم مۇتلەقلىق دۆلەتلىرىدە بولسىمۇ، دۆلەت رەھبەرلىرى يەنىلا خەلقنىڭ رايىغا باقماي خىيالىغا كەلگەننى قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. مۇبادا بىز پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولساق، ئۇنداقتا، بىز شۇنى بايقايمىزكى، دۇنيا ئەمىنلىكى ۋە تېنچلىقى ئۈچۈن تاشلانغان 10  مىڭتال بېلەتتىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت بىردانىلا ئۇرۇش قىلىشقا تاشلانغان بېلەت چىقىدۇ. دۇنيا خەلقى بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئەتراپىغا چىڭ ئولاشماقتا. بۇلتۇر يازدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 35 ۋەكىل ستوكگولم شەھىرىنىڭ چوڭ يىغىن سارىيىغا يىغىلىشتى، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىدىن تاشلاش خەۋپىدىن ئەنسىرەش بىھاجەت بولغاچقا، بۇ كىشىلەر كەڭ-كۇشادە، ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلىيەلىدى. ئۇ قېتىمقى يىغىندا، دۇنيا ۋەزىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەسىلەن، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلار مەسىلىسى، مۇستەملىكە مەسىلىسى ھەمدە دۇنيا خەلقى دۇنيا ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرىشىگە تەھدىت سالالايدىغان چارە ۋە يوللار قاتارلىقلار. بۇ شەرقتىكى ياپونىيىدىن غەربتىكى كالفورنىيىدىن كەلگەن، ھەرخىل مىللەت، ئېرىقتىن ھەمدە ھەرخىل دىنىي ئېتىقاددىن تۈزۈلگەن يىغىن ۋەكىللىرى، ئوخشاش بىر خىل دوستلۇقنى كۆزدە تۇتۇپ، پاكىت ئاساسىدىكى، ھېچقانداق بىر سىياسىي بىر تەرەپلىمىلىك ئارىلاشمىغان خۇلاسىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى.

     

    تېنچلىق يەنىلا ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى

         مەن نۇتۇقۇمنىڭ بېشىدىلا، ئىلىم-پەننىڭ ھەرقانداق بىر ئىلگىرىلىشى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ ئۆزگىرىشلەر ئچىدە، نۇرغۇنلىرى دۇنياغا ئۆز-ئارا توقۇنۇش ۋە قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى دەلىللەپ ئۆتكەنىدىم. نۆۋەتتە، جەمئىيەت ئۆزىنىڭ قەدىمىنى تەڭشەپ، ئۆتكەنكى 50 يىل مابەينىدە، تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغا ماسلاشماقتا. زۆرۈر بولغان بىر ئۆزگىرىش شۇكى، بىز ئاللىقاچان خەلقئارا ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ بولدۇق، بۇ خەلقئارا ھۆكۈمەت، ئىلىم-پەننىڭ يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنيا تېنچلىقىنى قوغداش، دۆلەتلەر ئارا سەمىمىي ھەمكارلىقنى قوغداش رولى بار. بۇ ئۆزگىرىش ئىنسانىيەتنىڭ بەش مىڭغا يىلغا سوزۇلغان، ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يېتىش تارىخىغا خاتىمە بېرىشى مۇمكىن.

    \

        بىز ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالداپ، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىش مۇساپىسى ھېچ كۈچ سەرپ قىلمايلا قولغان كەلگەن دەپ ئويلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. بەزى سىياسىيونلار يەنىلا ئېمپىرىيىنى قايتا تىرىلدۈرۈش چۈشىدىن ئويغانغىنى يوق. ئۇلار خەلقئارا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا بولغان مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا بولغان ھەرقانداق بىر ئارىلىشىشىدىن نەپرەتلىنىدۇ. ئەمما، ئىلىم-پەننىڭ چىقارغان يېڭى كۈچ-قۇدرىتى توسۇپ قالغۇسىزدۇر. بۇ يېڭى كۈچ-قۇدرەتلەر چوقۇم ئىجابىي، ئاكتىپ مۇددىئالار ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەك، بولمىسا، ئىلىم-پەن ئېرىشكەن شانلىق شان-شەرەپلىك نەتىجىسىدىن، بۇ كۈچ-قۇدرەتلەر يەنە بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى شەكلىدە قۇيۇپ بېرىلىپ قالىدۇ. مۇبادا راستىنلا مۇشۇنداق بولۇپ قالىدىغان بولسا، بىزنىڭ پۈتكۈل ياۋروپا مەدەنىيىتىمىز نابۇت بولىدۇ. ھېچ بولمىغاندا ياۋروپاغا نىسبەتەن بولسىمۇ، تېنچلىق يەنىلا ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ تۇرماقتا؛ ھاياتىي كۈى ئۇرغۇپ تۇرغان تېنچلىق، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىنغان ئىلىم-پەن، ئىنسانىيەتنى تېخىمۇ چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ تېنچلىقىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ دەۋردە، ئاچارچىلىق، نامراتلىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۇ دۇنيادىن غايىب بولۇپ تۈگەيدۇ؛ بۇ دەۋردە، ھەربىر دۆلەت ئاھالىسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مەدەنىيەت پاراۋانلىقى ئىلگىرىكىدىن يۇقىرى بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈلىدۇ؛ بۇ دەۋردە، ئۆزئارا تاقابىل تۇرۇشقان «تۆمۈر پەردە»لەر يىرتىپ تاشلىنىدۇ ھەمدە، ھەر دۆلەتنىڭ ئاھالىلىرى ــــگەرچە ئۇلار ئۆز دۆلىتىنى ھېلىھەم چوڭقۇر سۆيسىمۇ ـــــ يەنىلا بىر دۇنيا پۇقراسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەركىن سەيلە-ساياھەت قىلالايدۇ. مانا بۇ ئىلىم-پەننىڭ ئىنسانىيەتنى يورۇتقان پارلاق كەلگۈسى.

       بىزنى ساراسىمگە ۋە غەم-قايغۇغا سالىدىغان ئۇرۇشنى بىز ئازراق تىلغا ئالايلى، تەۋەللۇت بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان يېڭى دەۋرنى كۆپرەك سۆزلەيلى! بىز كۆپچىلىك  بۇ ئۇلۇغ يېڭى دەۋرنىڭ تۇغۇلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.