خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 17

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-17 12:56:48

توققۇزىنچى باب: ۋاقىت«ئەگەر ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ پەرقى بارلىقى ئالدىنئالا پەرەز قىلىۋېلىنمىسا، تەجرىبە دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بولمايدۇ.» ـــ كارل ۋون ۋىزىك«لېكىن مەن ھەمىشە قانات...



      

    توققۇزىنچى باب: ۋاقىت

    «ئەگەر ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ پەرقى بارلىقى ئالدىنئالا پەرەز قىلىۋېلىنمىسا، تەجرىبە دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بولمايدۇ.»

                              ـــ كارل ۋون ۋىزىك

    «لېكىن مەن ھەمىشە قاناتلىق ۋاقىت ھارۋىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئارقامدىن يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمەن.»

                                      ــــــ ئاندرېۋى مارۋېل

    ئىككى مەيدان زور ئىنقىلاب يېڭى فىزىكىنىڭ دۇنياغا  كېلىشىگە ياردەم بەردى، بىر مەيدان ئىنقىلاب كۋانت نەزەرىيىسى، يەنە بىر مەيدان ئىنقىلاب نىسبىيلىك نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت. كېيىنكىسىنى تامامەن ئېينىشتېيىن بىر ئادەمنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ. نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بوشلۇق، ۋاقىت ۋە ھەرىكەت توغرىسىدىكى نەزەرىيىدۇر. ئۇنىڭ تەسىرى كۋانت نەزەرىيىسىنىڭكىگە ئوخشاشلا ھەم چوڭقۇر، ھەم ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ ھەمدە ئۇ كىشىلەرنىڭ ئالەمنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى نۇرغۇن قاراشلىرىغا خىرىس پەيدا قىلدى. نىسبىيلىك  نەزەرىيىسىنىڭ ۋاقىتنى بىر تەرەپ قىلىشى كىشىلەرنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەنئەنىۋىي قاراشلىرىغا نىسبەتەن ھەممىدىن بەك خىرىس پەيدا قىلدى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ۋاقىت دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ دىنلار ئۇزاقتىن بۇيان قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن مەسىلىدۇر.

    بىزنىڭ ئالەم توغرىسىدىكى تەجرىبىمىزدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋاقىت شۇنداق ئاساسىي نەرسىكى، ئەگەر كىمكى ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلەشسە، ئۇ كىشىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ، زور گۇمان ئىچىدە قالىدۇ. ھەر ھەپتىدە، مەن بەزى ئىشتىن سىرتقى ئالىملار ئەۋەتكەن ماقالىلەرنى تاپشۇرۇۋالىمەن. بۇ كىشىلەر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئېينىشتېيىننىڭ خاتالىقىنى تېپىپ چىقماقچى، ئەنئەنىۋىي، ساۋات خاراكتېرلىك ۋاقىت ئۇقۇمىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى، گەرچە ئۆتكەن 80 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، نىسبىيلىك نەزەرىيىسى باشتىن-ئاخىر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان، تېخى ھېچقانداق بىر تەجرىبە نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان كەم-كۈتىسىز ھۆكۈمدە بىرەر خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمىگەن بولسىمۇ.

    (قىسقارتىلدى)

    ئېينىشتېيىننىڭ تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى 1905-يىلى ئېلان قىلىنغان. تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ئېينىشتېيىننىڭ جىسىملارنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئېلېكترو ماگىنتلىق كاشىلا ھەرىكەتنىڭ تارقىلىشى ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىق قارىمۇ-قارشىلىقنى تۈگەتمەكچى بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. تۇنجى بولۇپ ئېينىشتېيىننىڭ تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغىنى كىشىلەرنىڭ ۋاقىت توغرىسىدىكى ئېتىقادى ـــ ۋاقىت مۇتلەق، ئومۇمىي بولىدۇ دېگەن قاراشتىن ئىبارەت. ئېينىشتېيىن، ۋاقىتنىڭ ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇپ، ھەرىكەت تەرىپىدىن ئۇزارتىلىدىغانلىقى ياكى قىسقارتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ھەر بىر كۆزەتكۈچى ئۆزىنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمىنى ئېلىپ يۈرىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ۋاقىت ئكلچىمى ئادەتتىكى ئەھۋالدا باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۆزىمىزنىڭ پايدىلىنىش سىستېمىمىزدا، ۋاقىت ئەزەلدىن بىزگە بىرەر غەيرىيلىك باردەك بىلىنمەيدۇ، لېكىن بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان باشقا بىر كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزنىڭ ۋاقتىمىز ئېگىلگەن، ئۇلارنىڭ ۋاقتى بىلەن ماس قەدەمدە بولماي قالغان بولۇشى مۇمكىن.

    ۋاقىت ئۆلچىمىدە بۇنداق ئاجايىپ قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى بىزنى ۋاقىتتا ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەممىمىز ۋاقىتتا ساياھەت قىلغۇچىلار بولۇپ، كەلگۈسىگە قاراپ كېتىۋاتىمىز، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئېلاستىكىلىقى بەزىلەرنى كەلگۈسىگە باشقىلاردىن بالدۇرراق يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر يىراق ۋاقىتقا ھەرىكەت قىلماي جىم ئولتۇرغانغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز يېتىپ بېرىشقا بولىدۇ. پرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىز بىر قانچە سائەت ئىچىدىلا  2020-يىلىغا يېتىپ بارالايمىز. ئەمما، كۆزگە كۆرۈنەرلىك ۋاقىت ئېگىلىشكە ئېرىشىش ئۈچۈن، سېكونتىغا بىرقانچە ئون مىڭ ئېنگلىز مىلى تېزلىكتىكى ھەرىكەت بولۇشى زۆرۈر. ھازىرقى راكېتالارنىڭ تېزلىكى توغرا ماڭىدىغان ئاتوم سائىتىدە ئىنتايىن ئازغىنەۋاقىت كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. ۋاقىتنىڭ كېڭىيىشىدىكى ئاچقۇچ يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئىبارەت. يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلىشىشىمىزغا ئەگىشىپ، ۋاقىتنىڭ ئېگىلىش دەرىجىسىمۇ تەدرىجىي ئېشىپ بارىدۇ. نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ھەرقانداق ئادەمنىڭ يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىشىنى مەنئى قىلىدۇ، چۈنكى، يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ۋاقىتنىڭ كەينىگە مېڭىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

    يۇقىرى تېزلىكتىكى ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىلىرىدىن پايدىلىنىپ ۋاقىتنى كومېدىيە خاراكتېرلىك قىسقارتقىلى بولىدۇ. موئۇن (مەلۇم بىرخىل زەررىچە) غايەت زور ئايلانما تېزلەتكۈچتە يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلىشىدىغان سۈرئەتكىچە تېزلىتىلسە، ئۇنىڭ ئكمرى تېنچ تۇرغاندىكىگە قارىغاندا ئون نەچچە ھەسسە ئۇزىرايدۇ. (ئۇ تېنچ تۇرغاندا تەخمىنەن بىر مىكرو سېكونت ئىچىدىلا يىمىرىلىپ كېتىدۇ)

    نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ئوخشاشلا بوشلۇقنىمۇ زور زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭمۇ ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلىپ قويدى. ۋاقىت ئۇزارغان چاغدا، بوشلۇق قىسقىرايدۇ. ئەگەر سىز پويىزدا ئولتۇرغان بولسىڭىز، پويىز بېكەتتىن ئۆتكەندە، ئۆزىڭىزنىڭ پايدىلىنىش سىسىتېمىڭىزدىن قارىسىڭىز ـسىزنىڭ پايدىلىنىش سىستېمىڭىز بېكەت سۇپىسىدىكى ھاممالنىڭ پايدىلىنىش سىستېمىسى بىلەن قارىمۇقارشى بولىدۇ)، بېكەتتىكى سائەتنىڭ سەل ئاستا ماڭغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە، بېكەت سۇپىسىمۇ سىزگە قىسقىراق كۆرۈنىدۇ. دەرۋەقە، بۇ ئىشلارغا بىز ئەزەلدىن دىققەت قىلىپ باقمىغان، چۈنكى ئادەتتىكى تېزلىك شارائىتىدا، سائەتنىڭ مېڭىشى ۋە بېكەت سۇپىسىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى بەك كىچىك بولىدۇ، بىراق بۇنداق كىچىك ئۆزگىرىشلەرنى نازۇك ئۈسكۈنىلەر بىلەن  ناھايىتى ئاسانلا ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ. بوشلۇق بىلەن ۋاقىتنىڭ بۇ خىل ئورتاق ئېگىلىشىنى بوشلۇق (قىسقىراپ) نىڭ ۋاقىت (ئۇزىراپ)قا ئۆزگىرىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىر سېكونت ۋاقىت ناھايىتىمۇ چوڭ بوشلۇققا ـــ ئېنىق  ئېيتقاندا 186000 ئېنگىلز مىلىغا باراۋەر كېلىدۇ.

    ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايىلەردە ۋاقىتنىڭ ئېگىلىشىگە دائىر تەسۋىرلەر بار، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئېگىلىشى راستتىنلا ئويدۇرۇپ چىقىلغان ئەمەس. بۇ خىل ئېگىلىش راستتىنلا يۈز بېرىدۇ. مۇنداق بىر ئاجايىپ ھادىسە، يەنى قوشكېزەك ئېففكتى بۇ خىل ئېگىلىشنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قوشكېزەك ئاكا-ئۇكا بولۇپ، ئاكىسى يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلاشقان سۈرئەت بىلەن بىزگە يېقىن بىر تۇرغۇن يۇلتۇزغا قاراپ ئۇچقان. ئۇنىڭ ئۆيدە قالغان ئىنىسى ئاكىسىنى 10 يىل ساقلىغان، ئاكىسى ئاخىر يەرشارىغا قايتىپ كەلگەن. راكېتا يەرگە قونغاندىن كېيىن، ئىنىسى ئاكىسىنىڭ بۇ 10 يىلدا ئاران بىر ياش چوڭايغانلىقىنى بايقىغان. يۇقىرى تېزلىك ئاكىسىغا ئاران بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان، ئەمما بۇ بىر يىل ئىچىدە يەر شارىدا ئاللىقاچان 10 يىل ۋاقىت ئۆتكەن.

    ئېينىشتېيىن تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئۇنى تارتىش كۈچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بارلىققا كەلدى. كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىدە، تارتىش كۈچى بىر خىل كۈچ ئەمەس، بەلكى ۋاقىت-بوشلۇق گېئومېتىرىيىسىدىكى بىر خىل ئېگىلىشتىن ئىبارەت. كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بويىچە قارىغاندا، ۋاقىت – بوشلۇق ئادەتتىكى «تەكشىلىك» گېئومېتىرىيىسىنىڭ قائىدىلىرىگە بويسۇنمايدۇ، بەلكى ئېگىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئېگىلىشى ۋە بوشلۇقنىڭ ئېگىلىشى پەيدا بولىدۇ.

    بىز ئىككىنچى بابتا زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر ئىكەنلىكىنى، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى پەيدا قىلغان ۋاقىت ئېگىلىشىنىمۇ راكېتادىكى سائەتتىن پايدىلىنىپ ئۆلچەپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. ئالەم بوشلۇقىدا، ۋاقىت ھەقىقەتەن تېز ماڭىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ.

    تارتىش كۈچى قانچىكى كۈچلۈك بولسا، ۋاقىتنىڭ ئېگىلىشىمۇ شۇنچە ئېنىق بولىدۇ. ھازىر، بەزى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ تارتىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى، ئۇ يەردىكى ۋاقىتنىڭ بىزنىڭكىدىن يۈزدە قانچە پىرسەنت ئاستا ماڭىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلار دەل مەلۇم كىرىتىك قىممەتنىڭ گىرۋىكىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كىرىتىك قىممەتتىن ئۆتۈپ كەتسىلا، ۋاقىتنىڭ ئېگىلىشىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىشىقا باشلايدۇ. ناۋادا بۇنداق تۇرغۇن يۇلتۇزلار يەنە بىر قانچە ھەسسە چوڭ بولىدىغان بولسا، ۋاقىتنىڭ ئېگىلىش دەرىجىسى ئۆرلەيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا، تارتىش كۈچىنىڭ مەلۇم بىر كىرىتىك قىممىتى ئۈستىدە، ۋاقىت توختاپ قالىدۇ. يەر شارىدىن قارىغاندا، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ سىرتقى يۈزى توڭلاپ قالغان بولۇپ، ھېچقانداق ھەرىكەت بولمايدۇ. بىراق، بىز ۋاقىتنىڭ توختاپ قېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاجايىپ ھادىسىنى كۆرەلمەيمىز، چۈنكى بىز ئۇ ھادىسىنى كۆرۈشتە تايىنىدىغان يورۇقلۇقمۇ ئۇ يەردە توڭلاپ قالغان بولىدۇ، ئۇ تۇرغۇن يۇلتۇز چىقارغان يورۇقلۇقنىڭ چاستوتىسى سپېكترنىڭ كۆرۈنىدىغان نۇر رايونىنىڭ سىرتىغا يۆتكەلگەن بولىدۇ. بۇ تۇرغۇن يۇلتۇز قارىماققا قارا كۆرۈنىدۇ.

    نەزەرىيە بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، بۇ خىل ھالەتتە تۇرغان تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلىشى مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئكزىنىڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچىنىڭ بېسىمىدا بىر مىكرو سېكونت ئىچىدىلا گۈمۈرۈلۈپ بىر ۋاقىت-بوشلۇق ئاجايىپ نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بوشلۇقتا بىر تۆشۈك، يەنى قارا ئۆڭكۈر قېپقالىدۇ. ئەسلىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ۋاقىت ئېگىلىشى يەنىلا تۆشۈكنىڭ بوشلۇقىدا ئىز قالدۇرىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن، قارا ئۆڭكۈر مەڭگۈلۈككە تۇتىشىدىغان يېقىن يول ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئاخىرقى چەككە يەتكەن ئەھۋالدا، راكېتادىكى ھېلىقى قوشكېزەك ئاكا كەلگۈسىگە تېزرەك يېتىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى بىر دەقىقە ئىچىدىلا ۋاقىتنىڭ ئاىىرقى نۇقتىسىغا يېتىپ بارالايدۇ! ئۇ قارا ئۆڭكۈرگە كىرگەن ھامان، قارا ئۆڭكۈرنىڭ سىرتىدىكى بارلىق مەڭگۈلۈك ئۇنىڭ نىسبىي مۇقىم «ھازىر»ىدىن قارىغاندا، دەرھال ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ قارا ئۆڭكۈرگە كىرسىلا، بىر خىل ۋاقىت ئەگرىلىكى ئىچىگە قامىلىپ قېلىپ، سىرتتىكى ئالەمگە قايتا قايتىپ چىقالمايدۇ، چۈنكى سىرتتىكى ئالەم ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. ئالەمنىڭ باشقا قىسمىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ھەقىقەتەن ۋاقىتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىنىڭ سىرتىدا تۇرۇۋاتقان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ  قارا ئۆڭكۈردىن چىقماقچى بولسا، قارا ئۆڭكۈرگە كىرىشتىن بۇرۇن چىقىشى زۆرۈر. بۇنداق دېيىش بىمەنە بولۇپ، ئۇنىڭ قارا ئكڭكۈردىن قېچىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قارا ئكڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى قىلچە رەھىم قىلماستىن بۇ نەس باسقان ئالەم ئۇچقۇچىسىنى مەھكەم تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى ئاجايىپ نۇقتىغا سۆرەپ بارىدۇ، ئاجايىپ نۇقتىغا بېرىپ، بىر مىكرو سېكونتتىن كېيىن، ئۇ ۋاقىت ۋە مەڭگۈلۈككە غايىب بولۇشنىڭ لېۋىگە يېتىپ بارىدۇ، ئاجايىپ نۇقتا «بوشلۇق يوق» ۋە «ۋاقىت يوق» بىر يوللۇق سەپەرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاجايىپ نۇقتا تەبىئى ئالەمنىڭ ئاخىرلىشىدىغان «يېرى»دۇر.

    نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بىزنىڭ ۋاقىت قارىشىمىزدا قوزغىغان ئىنقىلابنى تۆۋەندىكى گەپلەر بىلەن ئەڭ ياخشى يىغىنچاقلىغىلى  بولىدۇ. يەنى، ئىلگىرى، ۋاقىت مۇتلەق بولىدۇ، ئۆزگەرمەيدۇ، ئومۇمىي بولىدۇ، جىسىم ۋە كۆزەتكۈچىدىن مۇستەقىل تۇرىدۇ، دەپ قارىلاتتى. ھازىر، ۋاقىت ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارىلىدىغان بولدى. ۋاقىت ئۇزىرالايدۇ ۋە قىسقىرالايدۇ، ئېگىلەلەيدۇ، ھەتتا ئاجايىپ نۇقتىدا توختاپ قالالايدۇ. سائەتنىڭ مېڭىشى مۇتلەق بولمايدۇم بەلكى ھەرىكەت ھالىتى ۋە كۆزەتكۈچىنىڭ تارتىش كۈچى ھالىتىگە نىسبىي بولىدۇ.

    (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا فىزىكا _