قۇم باسقان شەھەر(مەمتىمىن ھوشۇر)- 2

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-15 01:37:07

قۇم باسقان شەھەر مەمتىمىن ھۇشۇر ئىككىنجى بابجاھانكەزدى سۈپۈرگە ئەللىك ياشلاردىن ھالقىغان. ساقاللىق بۇ كىشى ئۆز يۇرتىدا «جاھانكەزدى سۈپۈرگە» دەپ نام بىلەن مەشھۇر. سۈپۈرگە كىچىگىدىنلا خىيالچان ئ...

    قۇم باسقان شەھەر

    مەمتىمىن ھۇشۇر


    ئىككىنجى باب
    جاھانكەزدى سۈپۈرگە

    ئەللىك ياشلاردىن ھالقىغان. ساقاللىق بۇ كىشى ئۆز يۇرتىدا «جاھانكەزدى سۈپۈرگە» دەپ نام بىلەن مەشھۇر. سۈپۈرگە كىچىگىدىنلا خىيالچان ئىدى. باش باھاردا ئېرىق بويلىرىدا پەيدا بولىدىغان يۇمران مايسىلار. ئاق ۋە ھال رەڭ تاۋلىنىپ تۇرىدىغان چىچەكلەر ئۇنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالاتتى. يۇپۇرماقلىرى ئەمدى تەڭگە بولىۋاتقان تاللارنىڭ شېخىغا قونۇپ سايرىشىۋاتقان باھار قۇشلىرىغا قاراپ ئۇ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. بۇ قۇشلار زىمىستان كۈنلىرى نەگە يوقىلىپ كېتىدىغاندۇ؟ باھار كۈنلىرى بۇيەرنى قانداق تېپىپ كېلەلەيدۇ؟.... يۇلتۇزلار كۈندۈزى نەگە مۆكىۋالىدۇ؟...ئېرىقتىكى سۇلار قانداق كۈچنىڭ تەسىرىدە ئاقىدۇ؟..... ھۆركىرەۋاتقان بوران .گۈلدۈرلەپ چاققان چاقماقلار نېمىنىڭ غەزىپى؟ .. ئادەم نېمە ئۈچۈن ئۆلۈپ كېتىدۇ؟......بۇ دۇنيانىڭ ئىگىسى زادى كىم؟....... يەنە شۇنداق نۇرغۇن چىگىش سۇئاللار ئۇنىڭ خىيال دۇنياسىدا ئەگىپ يۈرەتتى.
       سېھىرلىك ئايدىڭ كېچىلەر يۇرتىنى، قېرىنداشلىرىنى تاشلاپ ئۆز ئاشىقىنى ئەگىشىپ كېتىپ بارغان قىز.
        جاينامازدا ئولتۇرۇپ بالىلىرىنىڭ بەختىنى تىلەپ يىغلاپ دۇئا ئوقۇۋاتقان ئانا.
        سەھەردە ئاڭلانغان مۇڭلۇق نەي ئاۋازى سۈپۈرگىنىڭ بالىلىق قەلبىگە ھەسرەتلىك ھېسياتلارنى بېغىشلايتى. سۈپۈرگىنىڭ ئائىلىسى تۇرىدىغان مەھەللىنىڭ كوچىسىدىن ئارلاپ ئۆتۈپ قالىدىغان بىر كىشى سۈپۈرگىنى تولىمۇ قىززىقتۇراتتى. ئۇنى ئادەملەر «توختى ئاشىق» دەپ ئاتايتى. نىمىلەرنىدۇر دەپ غودوڭشىپ. يولنىڭ قىززىق توپىسىنى توزۇتۇپ يالاڭئاياغ چىقىپ كېلىۋاتقان توختىنى كۆرۈش بىلەنلا ئۇششاق بالىلار «ئەنە، توختى ئاشىق كېلىۋاتىدۇ » دەپ  تەرەپ تەرەپكە قېچىشاتتى. كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە: توختى نامرات ئائىلىنىڭ ئوغلى ئىكەن ، ئۇ يىگىت بولۇپ يېتىلگەندە بىر باينىڭ قىزىغا ئاشىق بوپتۇ. باي قىزنى باشقا بىرىگە ياتلىق قىلىۋىتىپتۇ. شۇنۇڭدىن بېرى توختى ئۆيلەنمەي مۇشۇنداق بىر ئۆمۈر سەرسانلىقتا ئۆتىۋاتقانمىش..........توختى ئاشىق دائىم «ياراتقان ئىگەمنىڭ نەزىرىدە  باي نېمە؟ گاداي نېمە؟ ئادەم نېمە؟ چۈمۆلە نېمە؟ ھەممىسى ئوخشاش. خۇدا ھەممىنى يارىتىدۇ. يوقىتىدۇ. ئالەمدە پەقەت ئاشىقلىقلا ئۆلمەيدۇ» دەيتتى. سۈپۈرگە :ئاشىقلىق دېگەن  نېمە ؟ نىمىشقا ئۇ باشقىلارنى ئوتلارغا سۇلارغا سالالايدۇ؟دەپ ھەيران بولاتتى .
    بىر كۈنى توختى ئاشىق ئۆزىدىن قاچماي يولنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ قالغان سۈپۈرگىنىڭ بېشىنى سىلاپ غەلىتە ھىجىيىپ :
    -كىمنىڭ بالىسى سەن؟..... ھە سەنمۇ چوڭ بولىسەن. ظسسىت. مەن نېمىشقىمۇ سەنچىلىك  ۋاقتىمدا ئۆلۈپ كەتمىگەن بولغىيتىم دېدى. توختى ئاشىق ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا بىرەيلەن سۈپۈرگىنى چاقىرىپ قالدى. سۈپۈرگە بېشىنى كۆتۈرۈپ يولنىڭ چېتىدە تۇرغان يوغان سەللىلىك كىشىنى كۆردى. بۇ مەھەللىنىڭ ئىمامى ئىدى .
    -توختى ئاشىق ساڭا ھازىر نېمە  دېدى؟ دەپ سورىدى ئىمام 
    -مەن نىمىشقا سەنچىلىك ۋاقتىمدا ئۆلۈپ كەتمىگەن بولغىيتىم دېدى دەپ جاۋاپ بەردى سۈپۈرگە .
    -ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئىمانسىز دەپ تىللىغىنىچە يولىغا ماڭدى ئىمام.
    ئىمام ئەمدىلا دوقمۇشتىن ئەگىلىپ تۇرۇشىغا يول ئۈستىدە يەنە توختى ئاشىق پەيدا بولدى .
    -ھاي بالا دەپ چاقىردى ئۇ سۈپۈرگىنى، -ئىمام ھازىر ساڭا نېمە  دېدى؟
    -توختى ئاشىق ھازىر ساڭا ھازىر نېمە  دېدى؟ دەپ سورىدى. 
    -سەن نېمە  دېدىڭ؟ 
    -مەن سەن ماڭا دېگەن  گەپلەرنى دېدىم. 
    -ئىمام نېمە  دېدى ؟ 
    -ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئىمانسىز. دېدى. 
    بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ توختى ئاشىق شۇنداق قاقاقلاپ كۈلدىكى ئۆيلەرنىڭ ياغىچىغا قونۇپ ئولتۇرغان كەپتەرلەر ئۈركۈپ گۈررىدە ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتىشتى .
    -ئىماننى ئۆلچەيدىغان تارازا ئىگىسىنىڭ قولىدا، دېدى توختى ئاشىق،- ئۆلۈم ئاللانىڭ ئىلتىپاتى، بۇ دۇنيادا جاپا چېكىۋاتقانلار ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ .گۇناھقا پاتقانلار ئۆلۈمدىن قورقىدۇ.....سۈپۈرگىنىڭ ئاتىسى شەھەردىكى ھاللىق سودىگەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچ قىزى بولۇپسۈپۈرگە بولسا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كۆرگەن ئوغۇل پەرزەنتى ئىدى. شۇڭا ئۇ ئوغلىغا يامانكۆزلەردىن يىراق قىلىش ئۈچۈن تومتاقلا قىلىپ «سۈپۈرگە» دەپ ئىسىم قويغان ئىدى. ئاتىنىڭ نەزىرىدە سۈپۈرگە ھەر دائىم بوسۇغىغىلا تاشلاپ قويىدىغان ئاددىي نەرسە بولسىمۇ ، كىشىلەرگە ھەر كۈنى لازىم بولۇپ تۇرىدىغان، ئادەملەرنى پاسكىنىچىلىقتىن خالىي قىلىدىغان ئۇلۇغ نەرسە ئىدى،سۈپۈرگىنىڭ ئاتىسى ئۇنى شەھەردىكى داڭلىق مەدىرىسلەرنىڭ بىرىگە ئوقۇشقا بەردى .سۈپۈرگىنىڭ بىر نەتچە تەڭتۇشلىرى ئوننەتچە يېشىدىلا قورئاننى تاماملاپ. كېيىنكى چاغلاردا ئۇلارنىڭ ھەر بىرى شەھەردىكى چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرىدىن بولۇشتى. ئەمما سۈپۈرگە ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ ھەپتىيەكتىن قورئانغا ئۆتەلمىدى. ۋاڭ چوڭغا تولغان مەدىرىسدە ئۇنىڭ كاللىسى ھېچنىمىنى قۇبۇل قىلالمايتى. قاراڭغۇ، زەي ھۇجرىلاردا ئالدىغا ھەپتىيەكنى ئىچىپ قويۇپ ئولتۇرغىنىچە ئۇنىڭ خىيالى ئادەملەر بىلەن گۈرۈلدەپ تۇرغان قايناق بازارلاردا،دېھقان ناخشا ئېيتىپ ساپان ھەيدەۋاتقان كەڭ ئېتىزلاردا، قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان دالىلاردا بولاتتى. ئۇنىڭ قۇياش نۇرى بىلەن تاۋلىنىپ تۇرغان ئوچۇقچۇلۇقنى ،كەپتەرلەر پەرۋاز قىلىۋاتقان كۆك ئاسماننى ، چەكسىز دالىلارنى كېسىپ ئۆتۈپ ھەر تەرەپكە قاراپ سوزۇلۇپ كەتكەن چىغىر يوللارنى، دەرەخزارلىقلارغا تۆكۈلگەن مۇزدەك ھەم نەم يۇپۇرماقلارنى سېغىناتتى. بەزىدە ئۇ مەدىرىستىن قېچىپ چىقىپ. شەھەرنىڭ چېتىدىكى دۆڭلۈككە چىقىپ ئولتۇرۇپ يىراقتا كۈمۈشتەك يالتىراپ ئېقىۋاتقان سۇلارغا ، ھەر تەرەپكە سوزۇلغان يوللارغا قارايتتى. ۋە مۇشۇ يوللار بىلەن توختىماي مېڭىۋەرسە قەيەرلەرگە بېرىپ قالىدىغاندۇر؟ دەپ ھەيران بولاتتى .
    سۈپۈرگە دەرىس ئالىدىغان مەدىرىستە چىرايلىرى سارغىيىپ، مۈكچەيگەن، ئۆمرىنى شۇ زەي، قاراڭغۇ ھۇجرىلاردا بەڭۋاش بالىلارنىڭ قەلبىگە ئىماننىڭ نۇرىنى يېقىش ئۈچۈن ھەپىلىشىپ ئۆتكۈزگەن بىر مويسىپىت بار ظىدى. ئۇ بەزىدە سۈپۈرگىنىڭ بېشىنى سىلاپ:
    -قارا سېنىڭ كۆزۈڭدىن باشقىچە نۇر چاقناپ تۇرىدۇ. ئۆزۈڭ بۇ يەردە بولساڭمۇ كۆڭلۈڭ ھەر  يەردە. خۇدا سېنىڭ دىلىڭغا بەلكىم باشقا بىر نەرسىنىڭ مۇھەببىتىنى سالغاندۇر ياكى كەلگۈسىدە سېنىڭ بېشىڭغا چۈشمەكچى بولۇپ تۇرغان ئاجايىپ قىسمەتلەر باردۇر. بىلگۈچى خۇدا دەيتتى. سۈپۈرگە بۇ كىشىنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ قوپال ۋە تەكەببۇر مۇتتەسىپلىكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان باشقا مۇدەررسلەرگە ئوخشىمايتى.
    -تەقسىر. جاھاندىكى ئاشۇ يوللار بىلەن مېڭىۋەرسە قەيەرگە بېرىپ توختايدۇ؟ دەپ سورايتى سۈپۈرگە ھېلىقى ئۇستازىدىن .
    -ھارغان يېرىڭگە بېرىپ توختايسەن ئوغلۇم دەپ جاۋاپ بېرەتتى ئۇ.
    -ئەگەرچەندە ھارماي مېڭىۋەرسىچۇ؟ 
    -ھارماسلىق پەقەت ئاللاغىلا خاس مۆجىزە. بىز بەندىمىز ھەممىمىز ھارىمىز. 
    -ئەگەر ياراتقان ئىگەم ماڭا شۇنداق كۈچ قۇۋەت بەرسىچۇ ؟
    -ئەگەر خۇدا ئۆزى ساڭا شۇنداق قۇدىرەت ئاتا قىلسا ئۇ چاغدا سەن دۇنيانىڭ چېتىگە بېرىپ  توختايسەن .
    - دۇنيانىڭ چېتى-ھەيران بولدى سۈپۈرگە- دۇنيانىڭمۇ چېتى بولامدۇ ؟ 
    -چېتى بولىدۇ ، خۇددى سەن ئۆگىزىگە چىقساڭ ئۇنىڭ تۆت ئەتىراپىدا چېتى بولغانغا  ئوخشاش .
    -دۇۇنيانىڭ ىڭچېتىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن يەنە نېمە  كۆرىنىدۇ ؟ 
    -خۇددى سەن كېچىسى كۆرگەنگە ئوخشاش چەكسىز قاراڭغۇلۇق ۋە نۇرغۇن يۇلتۇزلارنى  كۆرىسەن .
    -چەكسىز قاراڭغۇلۇق دېدىلىما؟ 
    شۇنداق مۇقەددەس كىتاپلاردا يېزىلىشىچە :بىز ياشاپ تۇرغان بۇ زىمىننى پايانسىز سۇ ئوراپ  تۇرىدۇ ... .
    مۇنداق گەپلەر سۈپۈرگىنىڭ بالىلىق تەسەۋۋۇرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىۋېتەتتى. ئۇنىڭ مەدىرىسنىڭ ئاشۇ ئېگىز تۆت تېمىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ۋاڭ چۇڭلۇق شەھەرنىڭ قىستاڭچىلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ. سەپەر خالتىسىنى ئۆشنىسىگە تاشلاپ يىراقلارغا سەپەر قىلغۇسى، ئالەمنىڭ چېتىگە يېتىپ بېرىپ. ئۇنىڭمۇ نېرىسىدا نىمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈسى كېلەتتى .
    ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن سۈپۈرگە ئاتىسىدىن قالغان مال مۈلۈك. كاتتا باغلىق ئىچكىرى تاشقىرى قورولار نى ئايال قېرىنداشلىرىغا مىراس ھەققى قىلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرىۋەتتى. ئۇ ئايۋانلىق قورولار شۇنچە كەڭ ۋە ھەشەمەتلىك بولسىمۇ. سۈپۈرگىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى
    دۇنيادىن يەنە كۆپ كىچىك ئىدى. ئۇنىڭ تۇمۇرىدا تۆت تام ئىچىگە بەند بولۇپ ياشاشنى زۇلۇم بىلىدىغان باشقىچە بىر قان ئۆركەشلەيتى ....
    سۈپۈرگە ئاتىسىدىن قالغان مىراسلارنى ئاجىز قېرىنداشلىرىغا بېرىپ تۈگەتكەندىن كىيىن ، ئۆزىنى خېلىلا يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇ قىلغان  سەيياھلىق تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى. مانا شۇنۇڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇ بىرەر جايدا كۆپ بولسا بىر يىلدىن ئوشۇق تۇرۇپ باققان ئەمەس. ئۇ چۆللەرنى، چەكسىز قوملۇقلارنى ئايلىنىپ، شۇ قۇملۇقلار ئەتراپىغا يۇلتۇزدەك تارقالغان شەھەر-يېزىلارنى بىرمۇ بىر كېزەتتى. ئېشىكىنىڭ بېشىنى قانداقتۇر بىر بازارغا بۇراپ، ئېشەكنىڭ ئۈستىدىكى خۇرجۇننىڭ ئىككى كۆزىنى يىپ يىڭنە، چاي تۇز دېگەندەك چۆل ئادەملىرىگە كېرەكلىك ماللار بىلەن تولدۇرۇپ، يەنە قانداقتۇر بىر بازار ياكى يولدا ئۇچۇرغان مەھەللىلەردە ئازغىنە پايدىسىغا سېتىپ پۇل قىلىپ سەپىرىنى داۋام قىلىۋېرەتتى. ئۇ قانچە قانچە قېتىم چۆل قاراقچىلىرىنىڭ بولاڭ تالىڭىغا ئۇچىراپ جېنىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالدى. يەنە قانچە قېتىم ئۇ شۇنداق ئۇششاق قاراقچىلارنىڭ ئۆزى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ قونالغۇلاردا بىللە تۈنىدى. بەزىدە ئۇنىڭغا قىممارۋازلارنىڭ تاۋكالىرنىڭ يېنىدا تاماشا كۆرۈشكە ۋە بەزىدە گۈلخان يېنىدا ئولتۇرۇپ قانداقتۇر بىر تەۋەككۈلچىلەر، جاھانكەزدىلەرنىڭ سىرلىق ئالەم، ھايات، تۇرمۇش توغرىسىدىكى قىززىقارلىق پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا توغرا كېلەتتى .بىر قېتىم سۈپۈرگە  ئۇقۇشمايلا. ئادەم ئۆلتۈرۈش خۇمارى بار بىر تەلۋىنىڭ ئۆيىدە بىر كېچىنى ئۆتكۈزدى. تاغدەك يوغان بەستى بار. مەيدىسىنى ئاتنىڭ يايلىسىدەك قاپقارا تۈك قاپلىغان بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرى ئوت بولۇپ يېنىڭ كىشىگە تىكىلەتتى. ئۇ كېچىچە سۈپۈرگە ئۆزى ئۆلتۈرگەن ئەرلەر، ئاياللار، بالىلارنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا قانداق تىپپىرلاپ چىرقىراشقانلىرى، ئاققان قان، ئېچىنىشلىق نالە چاچىراپ چىققان كۆزلەر توغرىسىدازوقلىنىپ سۆزلەپ چىقتى .
    سۆز ئارىسىدا ئۇ ئارىدەك يوغان قوللىرىنى سۈپۈرگىگە شىلتىپ :
    -خەپ سەن بۈگۈن مېھمان بولۇپ قالدىڭ دە بولمىسا بۇ كېچە سېنىڭ قانداق ھالەتتە جان  بەرگىنىڭنى كۆرۈپ ھوزۇرلانغان بولاتتىم دەپ ئەسكەرتىپ قوياتتى. بۇ قان ئىچكۈرنىڭ قارىشىچە :ئادەم بارلىق جىنايەت ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ مەنبەسىمىش. ئاللا ياراتقان بۇ كەڭ ئالەمنىڭ پاكلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇ دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنى جۈملىدىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىمۇ بۇغۇپ ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغانمىش ..........
    سۈپۈرگە كىرپىك قاقماي ۋھەىمە ئىچىدە تاڭنى ئاتقۇزدى. قورقۇنچىلىقىدا ئۇ ھېلىقى تەلۋىگە قانداقتۇر شىلتىسا نەتچە يۈز گەز ئۇزرايدىغان. يەنە بىر شىلتىسا قىسقىراپ غىلاپقا چۈشىدىغان قېلىچ ھەققىدە خىيالىغا كەلگەننى سۆزلەيتى .
    -سەن مۇشۇنداق قېلىچنى راستىنلا كۆرمىگەنمۇ ؟ ئۇ توغرىسىدا ئاڭلاپمۇ باقمىغانمۇ ؟  توۋا،- دەيتتى سۈپۈرگە.-مەن نىمىشقا شۇ قېلىچتىن ساڭا بىرنى ئەكەلمىدىم ھە، ئۇ چاغدا سەن ئادەملەرنى بۇنداق بىر بىرلەپ بۇغۇپ ئاۋارە بولمايتىڭ. ھېلىقى شەمشەرنى بىرلا شىلتىساڭلا يۈزلەپ ئادەمنىڭ بېشى ئالدىڭغىلا دومىلاپ چۈشكەن بولاتتى .
    -سەن مېنى ئالداۋاتىسەنغۇ دەيمەن،- دەپ سۈپۈرگىنىڭ گېپىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشىنەلمەي سورايتى ھېلىقى تەلۋە ،-دۇنيادا نەدىمۇ ئۇنداق قېلىچ بولسۇن. بولغان بولسا ، مەن نېمىشقا شۇ چاغقىچە ئۇ توغرىسىدا ھېچنېمە  ئاڭلىمىدىم .
    -بىزنىڭ ئاڭلىغانلىرىمىزدىن ئاڭلىمىغانلىرىمىز. كۆرگەنلىرىمىزدىن كۆرمىگەنلىرىمىز كۆپ ... 
    -توختا٬ شۇ تاپتا مەنمۇ ئۇ قېلىچنى نەدە كۆرگەنلىكىمنى ئەسلى يەلمەيۋاتىمەن. ئەمما ساڭا ۋەدە بېرىمەن. يەنە بىر قېتىم بۇ يەردىن ئۆتكەندە شۇنداق قېلىچتىن بىرنى چوقۇم ئالغاچ كېلىمەن ... .
    -شۇنداق ۋەدىلەر بىلەن سۈپۈرگە ھېلىقى ۋھەىمىلىك ماكاندىن ئاران قۇتۇلۇپ چىقتى. ئۇ بەزىدە تولىمۇ يىراقلاپ، نەق ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دېڭىزنىڭ ئۆزىگە ياكى يات مەملىكەتلەرنىڭ چىگرلىرىغا بېرىپ تاقىشىپ قالاتتى. مۇنداق چاغلاردا سۈپۈرگە كۆكتە قانات قېقىپ ، ئەركىن پەرۋاز قىلىپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا قاراپ ھەۋەس قىلاتتى. خۇدايىم يىنىك پەي بىلەن ئىككى قانات ئاتا قىلغان بۇ جانىۋارلارنى دېڭىز ئوكيان. ھېچ بىر پادىشاھلىقنىڭ چىگرىسى توسۇپ قالالمايتتى. سۈپۈرگىنىڭ ئۆزى ۋە ئېشىكى بولسا مۇنداق ئۇچۇشنى بىلمەيتتى ....... .
    ھېلىقى ھۆرمەتلىك ئۇستاز راستىنلا توغرا ئېيىتقانكەن. ئادەم راستىنلا ھېرىپ قالىدىكەن ، بەزىدە سۈپۈرگىگە ھارغىنىلىق يېتىپ قالاتتى. يات يۇ رتلارنىڭ يوللىرىدا ، ناتونۇش ساھىپخاننىڭ داستىخىنىدا ۋە ياكى قانداقتۇر بىر يولوچىلار ياققان گۈلخاننىڭ يېنىدا مۈگىدەپ ئولتۇرۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىنى، ئۆز يۇرتىدىكى بىغەم. خۇش چاقچاق ئادەملەرنى ئەسلەپ قالاتتى-دە ئارقىسىغا ياناتتى. ئۇچۇشنى بىلمىسىمۇ ئۆز ئېشىكىدىن سۈپۈرگە تولىمۇ مىننەتدار ئىدى. ئېشىكى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدا ئالاھىدە بىر دوستلۇق مەۋجۇت ئىدى. جاھاندىكى مىڭلىغان ئېشەكلەردىن كۆرۈنۈشتە ھېچقانداق پەرقى بولمىغان بۇ ئاددىي ئېشەككە نۇختا سېلىش ئوشۇقچە ئىدى .سۈپۈرگە تاياق بىلەن بېشىنى بۇراپ قويسىلا، ئېشىكى ئۆزىنىڭ قاياققا مېڭىش كېرەكلىكىنى چۈشۈنۈپ بولاتتى. سۈپۈرگە ئېشەككە ئېغىر يۈك ئارتقاندا ئۆزى پىيادە ماڭاتتى. ماڭغاندىمۇ ئېشەكنىڭ ئارقىسىدا ئەمەس ئالدىدا ماڭاتتى. ئېشەكنىڭ ئارقىسىدا، ئۇنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭغا كۆمۈلۈپ مېڭىشنى ئۇ ئۆزىگە ھاقارەت دەپ بىلەتتى. بوز ئېشەك ئىگىسى يېتلىۋالمىسىمۇ ئىگىسىنىڭ ئارقىسىدىن قالماي ئەگىشىپ كېتىۋېرەتتى. سۈپۈرگىنىڭ كىيىم كېچەكلىرىدىن كېلىدىغان تەر ئارلاش پۇراق ئۇنىڭغا ياخشى تونۇش ئىدى .سۈپۈرگە بەزىدە سەپەر ئۈستىدە، مۇھتاجلىققا چۈشۈپ قېلىپ ھېچ ئىلاج قىلالمىغاندا ئېشىكىنى سېتىۋىتىشكىمۇ مەجبۇر بولاتتى. مۇنداق چاغلاردا ئۇ ئېشىكىنى ئەگەشتۈرۈپ بېرىپ، پۇللۇق كارۋان باشلىرى ياكى كاززاپ سودىگەرلەر بىلەن سودىلىشاتتى. ئەلۋەتتە ئېشىكىنى ئەرزانغا بېرىۋەتمەيتى ، بۇ ئاجايىپ مەخلۇقتىن بىر سائەتكە بولسىمۇ ئايرىلىش ئۆزىگە قانچىلىك ئازاپ ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە. ئېشىكىنى جاھاندىكى ئەڭ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ماختاپ باھا تالىشاتتى. ئېشىكىنى سېتىپ. بازارنىڭ داڭلىق ئاشخانىلىرىدىن بىرىگە كىرىپ تەرلەپ ئولتۇرۇپ قورساقنى ئوبدان توقلايتى. ئاشقان پۇلنى بەلۋاققا مەھكەم تۈگۈپ ، ئۆزى چۈشكەن دەڭگە قايتىپ كېلەتتى دە ، دەڭجاڭنىڭ ئاچچىق دەملەپ بەرگەن چېيىنى ئىچىپ ئولتۇرۇپ ھاردۇق ئالاتتى. بىر ئىككى كۈن ئۆتمەيلا ،  تۈن يېرىمىدا ياكى تاڭ سەھەردە ئۇنىڭ ئېشىكى ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولاتتى. چۈنكى ھېچكىم بۇ ئېشەكنى سۈپۈرگىدەك قەدىرلەشنى بىلمەيتتى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ پەقەت ئاددى بىر ئېشەكلا ئىدى. ئۇلار ئۇنى قالىغانچە دۇمبالايتى. ياكى يۈكنى بولۇشىغا ئارتىپ. دۇنيادىكى ئەڭ سېسىق گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەيتى. سۈپۈرگە ئۈچۈن بولسا بۇ ئېشەك سادىق ھەمراط. ئىشەنچىلىك دوست ئىدى .ئېشەك قايتىپ كېلىشى بىلەنلا ئۇنىڭ باش كۆزنى سىلاپ. ئالدىغا كېپەكلىك ھەلەپ ياكى ساپ قوناق تۆكەتتى دە ، بىرەر سائەتتىن كېيىنلا سۈپۈرگە يەنە ھېلىقى دەڭدىن غايىپ بولۇپ يېڭى سەپىرىنى باشلايتى. ھەر بىر يېڭى سەپەر ئۇنىڭغا يېڭى تەسىراتلارنى بەخىش ئېتەتتى. ھەر بىر يېڭى سەپەردە ئۇنىڭغا يېڭى مۆجىزىلەر ئۇچىرايتى. ئۆز يولىدا ئۇ يەنە يېڭى ھەم سەپەرلەر بىلەن ئۇچىرىشىپ ئۇلاردىن يېڭى- يېڭى ھىكايىلەرنى ئاڭلايتى

     

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.