«ۋەتەن» دىگەن نىمە؟(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-11 06:46:25

«ۋەتەن» دىگەن نىمە ؟ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «ۋەتەن» چۈشەنچىىسى ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ھەرخىل مەنىلەردە بۇلۇپ كەلدى . ئۇ كىيىنچە ھۆكۈمرانلىق سەلتىنەتلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئەمىر -پەرمانلىرى...

    «ۋەتەن» دىگەن نىمە ؟
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


       «ۋەتەن» چۈشەنچىىسى ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ھەرخىل مەنىلەردە بۇلۇپ كەلدى . ئۇ كىيىنچە ھۆكۈمرانلىق  سەلتىنەتلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئەمىر -پەرمانلىرى دەخلىسىز بولغان دۆلەتلەر ياكى دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەرخىل خەلىقلەر ۋە مىللەتلەرگە ئورتاق رىشتە سۈپىتىدە تەكىتلەندى . شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى شۇ نەرسىنى ئىتىراپ قىلىدۇكى ، «ۋەتەن» ئىككى قاتلاملىق مەنىدىكى ئېتىنوگىيىلىك تامغا ۋە ئاڭدۇر . بىرىنچى ، ھەربىر كىشىنىڭ ئوز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياشاپ كەلگەن ماكان – جۇغراپىيىلىك چەمبىرىكىدۇر .  بۇ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ، تارىخىي جۇغراپىيىلىك ، رىئال – ئىجدىمائىي جۇغراپىيىلىك ماكان چەمبىرى بۇلۇپ ، «ۋەتەن» كاتىگورىيىسىنىڭ تاشقى شەرتىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر تۇغۇلغان پەرزەنت مۇشۇ ماكان چەمبىرىدە كۆز يۇرىتىدۇ . ئىككىنچىدىن ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياراتقان ، ۋارىسلىق قىلغان مىللىي مەدەنىيەت تىپى ، ئىتىنىك روھىيەت غەزىنىسى _ تىل ، فولىكلور ، ئەدەبىيات – سەنئەت ، ئۆرۈپ- ئادەت ، ئىقتىسادىي تۇرمۇش رىجىسى ،  مىللىي تارىخى ، ئەقىدە – مىزانلىرى ، پەخىر – ئىپتىخارى  ۋە ئار – نۇمۇس ئادەتلىرىدىن ھاسىل بولغان مىللىيەتلىك چەمبىرى بۇلۇپ ، بۇ «ۋەتەن» كاتىگورىيىسىنىڭ ئىچكى شەرتلىرىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر تۇغۇلغان پەرزەنت مۇشۇ مىللىيەتلىك چەمبىرىدە تۇغۇلىدۇ ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ چىقىپ كىتەلمەيدۇ .

    ھەربىر ئادەم مۇئەييەن «ۋەتەن» ۋە « مىللىيەتلىك » كە تەۋە بۇلۇپ ، بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن بىئولوگىيىلىك تۈزۈلمىسى ، ئىجدىمائىي خاراكتىرىگە يۇشۇرۇن ئاڭ _ تۇغما جىسمانىي ۋە ھېسسىي تامغا باسقان بۇلىدۇ . ئۇنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك ئادەم بۇلالىشى ئۇمۇمەن ئۇ ياشىغان تارىخ مەزگىلىدىكى «ۋەتەن» ۋە  «مىللىيەتلىك »  قىمىتىگە باغلانغان .

    «ۋەتەن» خۇددى ئانا قېلىپتەك ئۆزپەرزەنتلىرىنى يارىتىدۇ : ئوخشاشلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئانا «ۋەتەن» نىڭ ھال – ئەھۋالى ، قىممەت – ئىتىبارى ۋە تەقدىر قىسمەتلىرىنى يارىتىدۇ . ھەركىم ، ھەر ئائىلە ئۆز ھال - پەزىلەتلىرىگە يارىشا ياشىغىنىدەك ، ھەربىر مىللەتمۇ ھەممىدىن ئىلگىرى ئىچكى سەۋەپلىرى _ ئۆز تۈركىمىنىڭ ھال – پەزىلەتلىرىگە يارىشا تەقدىر قىسمەت كەچۈرىدۇ .

    «ۋەتەن» نى تەشكىل قىلغۇچى تاشقى ماكان ۋە ئىچكى مىللىيەتلىكتىن ئىككى ئامىلدا ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىچكى مىللىيەتلىكتۇر . ئەگەر بۇ ئامىل تارقاق ، نادان ۋە جاھالەت ئىچىدە قالغان بولسا  ،  تاشقى جۇغراپىيىلىك ماكان ئامىلى ئىستىلا ۋە دەپسەندە پەنجىسىدە ئۆز پەرزەنتلىرىگە زىت ۋاستىگە ئايلىنىدۇ . روشەنكى ، مىللىيەتلىك تىپىك خاسلىققا ۋە شۇ سەۋەپلىك  باشقا مىللىيەتلىك تۈركۈم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشتىن ئۆزگە تەقدىرگە دۇچ كەلسىمۇ ، ماكان ۋە ئۇنىڭ بايلىقلىرى ھەرقانداق ئىتىنىك تۈركۈم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلماي ئۆزلەشتۈرىلىدىغان ئوبىكىتتۇر . «ۋەتەن» نى تەشكىل قىلغۇچى ئىككى ئامىلنىڭ بىر بىرىدىن ئاجرىلىپ كىتىشى بىر بىرىگە قارشى قىمەتكە ئىگە بۇلۇشى ، تارىخنى بۇرمىلاش ۋە يەرلىك مىللەتنىڭ ئىتىنىك مەدەنىيىتىنى ھاقارەتلەشتىن ئىبارەت غەيرىي نورماللىقنى جەزىملەشتۈرىدۇ . تەنتەنىلىك ئىبارىلەر بىلەن بىزەندۈرۈلگەن بۇ تارىخى يۈزلىنىشنىڭ پاجىئەلىك ماھىيىتىنى كۆرمەسلىك ھەقىقەتتىن مەھرۇملۇقتۇر . بۇ پاجىئە ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىش ساتقۇنلۇقتۇر .

    «ۋەتەن» تارىخى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى بىلىش ، ئۆز ماھىيەتلىرىنى ئىزدەش ، يۇرۇقلۇق ۋە ھەقىقەت ئىچىدىكى ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش  تارىخىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ . بۇ ئۇلۇغ ئىنسانىيەت بىلەن بىللە «ۋەتەن» ۋە مىللەتنىڭ نۇرانە ئىقبالىدىن غايەت زور مۇمكىنلىكلەرنى يوققا چىقارمايدۇ . روشەنكى ، ھەرىكەت ئالەمنىڭ تىنىقى ، ئۆزگىرىش جاھاننىڭ بىقارار قىياپىتىدۇر . مۆجىزە _ شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنىڭ چىكىگە يەتكەندىكى قايرىلىپ تەبەسسۇم قىلىشىدۇر .  تارىخ ھەرقانداق پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنىڭ ھلاك قىلغۇچى سەۋەبلىكىنى ئەزەلدىن نامايىش قىلىپ كەلگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن بىراخمان دىنىدىكىلەر كۆپ قوللۇق سىۋا ئىلاھىنى ھەم ئالەم بىنە قىلغۇچى ھەم ئالەمنى ھالاك قىلغۇچى مۇئەككەل دەپ ئىتقاد قىلغان ئىدى .

    ھەرقانداق مىللەت مىللىي تارىخىنى ، ۋەتەن تارىخىنى بىلىش ۋە بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش ھۇقۇقىغا ئىگە . بۇ تۇلىمۇ نورمال ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن ئىنسانىي ھۇقۇق قارىشىدۇر . ھەرقانداق ۋاستىلەر بىلەن بۇ ھۇقۇقنى بوغماق ، ھاقارەتلىمەك ۋە بۇرمىلىماق زىمىن كېڭەيمىچىلىكى ۋە مىللىي شوۋىنىزىم  ئالامىتى بۇلۇپ ، ئۇمۇملۇق جەھەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيلىككە زىت زوراۋانلىقتۇر  .  مىللەتلەرنى مىللەتلەرگە ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىر – بىرىگە قارشى قۇيۇش بىلەن مىلەتلەرنى ، ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت تۈركۈملۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى ، بۇلاردىن تەبىئىي يۇسۇندا كىلىپ چىقىدىغان ھۇقۇقى مۇمكىنلىكلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋىجدانسىزلىق ، ئادالەتسىزلىك ۋە قەستىكارلىق ھېسابلىنىشى لازىم . بۇ قائىدىلەر ئۇچۇق – يۇرۇق كۈچكە ئىگە بولمىغان جايدا سۆزلەنگەن مۇقەددەس ئىبارىلەر سۈنئىي ياساندۇرۇلغان ساختىلىقتىن ۋە بۇ ساختىلىقنىڭ ئۆز – ئۆزىنىئاشكارلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . خەلىقلەر ئارىسىغا ئۇنىڭ مەلۇم قىسمى بىلەن  بىرلىشىۋېلىپ ، ئۇنىڭ مەلۇم يەنە بىر قىسمىغا  قارشى تۇرۇشنى ئىدىيە ، روھىيەت ۋە دىپلۇماتىك سىياسەت قىلىۋېلىش ئاتالمىش « يىراقتىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ  ، يېقىندىكىلەرگە ھۇقۇم قىلىش تاكتىكىسى » دۇر . بۇنداق قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ جاھالەت دەۋرىگە خاس بۇلۇپ ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھازىرقى زامان جاھالىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .

    تارىخ تۇلىمۇ ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى . ئۇنىڭ كەلگۈسىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن . ئىنسانىيەت تېخى ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەر ئىنسانىيەتكە ئايلىنىپ بۇلالمىغان بولسىمۇ  ، بۇ جەريان ئۇچقۇر ۋاقىتقا ئەگىشىپ تەدرىجىي يۈز بەرمەكتە . ئاقىلانە ئىنساننىڭ بۇرچى ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئارىسىدىكى ھازىرقى تارىخنى تېخمۇ ئىنسانىيلىككە ، ئۇنىڭ ئەركى ۋە كىشىلىك قىمىتىگە لايىق قىلىپ يارىتىشتىن ئىبارەت . كەلگۈسىنىڭ كۈچلۈك مەسخىرىسى ۋە مەدىيىسى خۇددى قىيامەت كۈنىدىكى ھۆكۈم لەۋھەلىرىدەك ئەبەدىي تەكرارلىنىدىغان ھۆكۈمدۇر . ھەرقانداق ھاكىمنىڭ سەلتەنەت تەختى – تاجى ، ھەرقانداق پېقىر مەھكۇمنىڭ گادايلىق ھاسا – تاۋىقى ، ھەر قانداق مەدىھىيات ياكى ھاقارەت سالنەمىلىرى بۇ ئەبەدىي تەكرارلىنىدىغان يەكۈننىڭ ھەقىقەت نۇرى ۋە مۇقەددەس كۈچى ئالدىدا ئاجىزدۇر .

     
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ « قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا » ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.