تەۋارىخى مۇسىقىيۇن-كىرىش سۆز(3)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-17 01:16:14

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى3مۆجىزى ئۆز ئەسىرىدە تونۇشتۇرغان 17 نەپەر مۇزىكا پىرى ئىچىدە ئۇنىڭ قىدىرخان يەركەندى بىلەن ئاماننىساخان نەفىسى توغرىسىدىكى مەل...



     

    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى

    3


    مۆجىزى ئۆز ئەسىرىدە تونۇشتۇرغان 17 نەپەر مۇزىكا پىرى ئىچىدە ئۇنىڭ قىدىرخان يەركەندى بىلەن ئاماننىساخان نەفىسى توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرى بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۇ شەخسلەر توغرىسىدىكى تۇنجى يازما مەلۇمات بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.


    مۆجىزى قىدىرخان يەركەندىنىڭ نادىر مۇزىكا ئالىمى، تەڭداشسىز ناخشىچى ۋە ئۇستا شائىر ئىكەنلىگىنى، راۋاپ بىلەن خۇشتارنى كەشپ قىلغانلىغىنى، «ۋىسال» ناملىق بىر مۇقامنى ئىجات قىلغانلىغىنى، مۇزىكا ئىلمى توغرىسىدا كۆپلىگەن مېغىزلىق ماقالىلارنى يازغانلىغىنى، «دىۋانى قىدىر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى چىقارغانلىغىنى، يەركەن خانلىغىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر پادىشاسى سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ كېچە-كۈندۈز ئايرىلمايدىغان ئەڭ يېقىن كىشىسى بولۇپ ئۆتكەنلىگىنى ۋە ئىران، ئىراق، تەبرىز، خارازىم، سەمەرقەند، ئەنجان، ئىسلامبۇل (ئىستامبۇل)، كەشمىر، بەلىخ، شىراز قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن شاگىرتلىرى بولۇپ، ئۇلارغا مۇزىكا ئىلمىدىن دەرس بەرگەنلىگىنى يازىدۇ. لۇتفى ئۈستىدە توختالغىنىدا ئۇ ‘ئالىملىقتا ھەزرەتى ئەبۇ نەسىر فارابىدېك، ھەكىملىقدا ھەزەتى ئىبنى سىنادېك، شائىرلىقتا ھەزرەتى ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋايىدېك، مۇغەنىلىقدا تەخى قىدىرخاندېك ئىردىلەر” دەپ قىدىرخاننى شۇ زاماننىڭ ئەڭ كاتتا ئالىملىرى قاتارىغا قويىدۇ. بىز مۆجىزىنىڭ بۇ بايانلىرىدىن 16-ئەسىردە ئۆتكەن بۇ ئۇيغۇر ئالىمى ھەققىدە خېلى تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز. بۇ يەنە يەركەن خانلىغىنىڭ پايتەختى يەركەن شەھرىنىڭ شۇ دەۋرلەردە پۈتۈن شەرق ئەللىرىنىڭ بىر مۇزىكا ئۆگۈنۈش يۇرتى بولغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.


    مۆجىزىنىڭ فېئوداللىق دىنىي چەكلىمىلەر تۈپەيلى نەچچە ئەسىر كۆمۈلۈپ قالغان شائىرە، مۇزىكا ئالىمى ئاماننىساخان نەفىسىنى يورۇق دۇنياغا چىقارغانلىغى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان يەنە بىر زور تۆھپىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بىرمۇنچە پاكىتلار مۆجىزىنىڭ ئاماننىساخان نەفىسى توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.
    بىرىنچىدىن، 1956-1959-يىللىرى سابىق جوڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەر جەمىيىتى ۋە تارىخنى تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى قەشقەر،يەركەن، قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئاماننىسا بېگىم ناملىق بىر شائىرە توغرىسىدا بەزى ھىكايە-رىۋايەتلەرنى توپلىغان ئىدى. بۇ رىۋايەتلەرنىڭ بىرىدە ئاماننىسا بېگىمنىڭ يەركەن خانلىغى زامانىدا ئۆتكەن قىدىرخان يەركەندىنىڭ قىزى ئىكەنلىگى، ئۇنىڭ سۇلتان ئابدۇرېشىتخانغا ياتلىق قىلىنغانلىغى، نۇرغۇن شېئىر-داستانلارنى يازغانلىغى، «ئىشرەت ئەنگىز» ناملىق بىر مۇقام ئىجات قىلغانلىغى، كېيىن تۇغۇتتا ۋاپات بولغانلىغى، ئارىدىن يۈز يىل ئۆتۈپ ئاپپاق خۇجا تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىگە تارقالغان بارلىق شېئىر-غەزەللىرى كۆدۈرۈلۈپ، «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامىنى ئېيتىشمۇ چەكلەنگەنلىگى، سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ «دىۋان رەشىدى»، «غەزەلياتى رەشىدى»، «سىلاتىننامە» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ كۆيدۈرۋەتىلگەنلىگى ھىكايە قىلىنىدۇ. دېمەك،مۆجىزىنىڭ ئاماننىساخان ھەققىدىكى بايانى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ رىۋايەتكە ئوخشايدۇ. بىراق، مۆجىزىنىڭ بايانىدا ئاماننىساخان قىدىرخان يەركەندىنىڭ قىزى ئەمەس، بەلكى تارىم بويىدىكى ئوتۇنچى مەخمۇتنىڭ قىزى دېيىلىدۇ.


    ئىككىنچىدىن، مەخمۇت جۇراس ئۆزىنىڭ «تارىخى رەشىدى – زەئىلى» ناملىق ئەسىرىدە تارىخچى مىرزا ھەيدەر تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى رەشىدى»ناملىق ئەسەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، سۇلتان ئابدۇرېشىتخان “ھەر كارۇدىيارىدا بەمەسەلمانىدا ئىدى يەنى ھەم تېڭى يوق ئىدى، ئىلمى مۇسىقىدا ماھىر ئىدى، بەلكى مۇسەننىف ئىدى، ئىشرەت ئەنگىز دەپ بىر ساز پەيدا قىلىپ ئىدى” دەپ يازىدۇ. 19-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا موسا سايرامىمۇ ئۆزىنىڭ «تارىخى ئەمنىيە»، «تارىخى ھەمىدى» ناملىق ئەسەرلىرىدە “ئابدۇرېشىتخان… موللا فازىل شائىر، فارسى ۋە تۈركى نەزمىنى ياخشى ئەيتۇر ئىدى، ئىلمى مۇسىقىدا گوياكى فىساغۇرۇس سانى ئىدىلەر، ئىشرەت ئەنگىز دەپ بىر مۇقام ئىختىرا قىلدى” دەپ يازىدۇ. بۇ بايانلار، بىر تەرەپتىن، سەنئەتپەرۋەر ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئاماننىساخاننى ئۇچرىتىپ ئۇنىڭ چالغان تەمبۇرىنى ۋە ئېيتقان غەزىلىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ، ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالغانلىغىنىڭ مەنتىقىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاماننىساخان ئىجات قىلغان «ئىشرەت ئەنگىز مۇقامىنى ئابدۇرېشىتخان ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان ئىشىنىڭمۇ ھەقىقەتەن بولغان ئىش ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.
    ئاماننىساخان نەفىسى تەكلىماكان بويىدىكى كەمبەغەل ئوتۇنچى مەخمۇتنىڭ قىزى بولۇپ، 13 ياش چېغىدىلا ئۇستا مۇزىكانت، شائىرە ۋە خەتتات بولۇپ يېتىلگەن. پۇخراچە ياسىنىپ ئۇلارنىڭ ئويىگە كەلگەن ئابدۇرېشىتخان ئۇنىڭ چېلىپ بەرگەن تەمبۇرىنى ۋە ئابدۇرېشىتخانغا بېغىشلانغان بىر غەزىلىنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ. ئابدۇرېشىتخان ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىنى كۆرۈپ، بۇ خەتلەرنى شۇنچىلىك كىچىك بىر قىزنىڭ يازغانلىغىغا ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن بۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە خەت يېزىپ بېقىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئاماننىساخان دەرھال “يارەپ بۇ بەندە ئەجەپ قىلدى سۇئىزەن ماڭا، گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا”( خۇدا، بۇ بەندە ماڭا تولىمۇ گۇمانلىق كۆزدە قارىدى، گويا بۇ ئۆيدە بۈگۈن ئاخشام مەن ئۈچۈن بىر تىكەن ئۈندى ) دېگەن ھازىر جاۋاپ بېيىتنى يېزىپ ئابدۇرېشىتخاننى مات قىلىدۇ. ئابدۇرېشىتخاننىڭ قىزغا بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، شۇ كېچسىلا ئەلچى ئەۋەتىپ قىزنى ئۆز نىكاھىغا ئالىدۇ.


    ئاماننىساخان خەلق ئاممىسى، خەلق نەغمىچىلىرىدىن ئىبارەت ناخشا-مۇزىكا بۇلىغىدىن بىۋاستە ئوزۇقلىنىپ يېتىلگەن تالانتلىق مۇزىكانتتۇر. 13 ياشلىق بىر يېزا قىزىنىڭ مۇزىكىدا شۇنچىلىك كامالەتكە يېتىشى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ شۇ دەۋردىلا يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغانلىغىنى، جەمىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغىچە ئومۇملاشقانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.


    ئاماننىساخان نەفىسىنىڭ ئابدۇرېشىتخان سارىيىدا تۇرغان مەزگىلەردە ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولغان داڭلىق مۇزىكا ئالىمى قىدىرخان يەركەندىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكا ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى بىلىم ۋە ماھارىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگەنلىگى، قىدىرخان يەركەندى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى رەتلەش ۋە كېڭەيتىش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلىگەنلىگى شۈبھىسىز. ئاماننىساخان توغرىسىدىكى رىۋايەتتە ئۇنىڭ قىدىرخان يەركەندىنىڭ قىزى دەپ ھىكايە قىلىنىشى تاسادىپى ئىش ئەمەس. مۇنداق رىۋايەتنىڭ تارقىلىشىدا، بىر تەرەپتىن، ئاماننىساخاننىڭمۇ خۇددى قىدىرخان يەركەندىدەكلا ئۇستا مۇزىكانت بولۇپ يېتىلگەنلىگى سەۋەپ بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ قىدىرخان بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىغىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرى سەۋەپ بولغان.


    لېكىن ئاماننىساخان نەفىسىنىڭ مۇزىكا ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرى جەمىيەتتىكى ھەتتا ئابدۇرېشىتخان ئوردىسىدىكى مۇتەئەسسىپ جاھىل كۈچلەرنىڭ قاتمۇ-قات توسقۇنلۇقلىرىغا دۇچ كەلگەن. ئۆزنىڭ مەرىپەتۋەرلىگى بىلەن شۆھرەت قازانغان ھەم ئاماننىساخاننى جېنىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغان ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئاماننىساخان ئىجات قىلغان «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامىنىڭ ئاماننىساخان نامىدا تارقىلىشىنى مۇۋاپىق كۆرمەي، ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلۋالغانلىغىدىن ئىبارەت مۇشۇ پاكىتلار ئاماننىساخاننىڭ قانچىلىك توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلگەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلىرى خاتىرلەنمىگەن. تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ، جەمىيەتكە تارقالغان ئەسەرلىرىمۇ كېيىنكى كۈنلەردە جاھىل كۈچلەرنىڭ قاتتىق بۇزغۇنچىلىغىغا ئۇچرىغان. مۆجىزىنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتلىرى شۇ بۇزغۇنچىلىقلاردىن ئامان قالغان، ئەڭ مۇھىمى، خەلق ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان ماتىرياللارنى ئاساس قىلغان. شۇ سەۋەپتىنمۇ ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.