ھازىرقى بالىلار كارامەت (29)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-26 15:01:43

بىرىنچى بولىسەنقەدىرلىك ساۋاقدىشىم ئەخمەت:خېتىڭنى ھېلىلا تاپشۇرۇۋالدىم ۋە شۇئان جاۋاب يېزىۋاتىمەن. بۇ خەتنى يېزىپ بولۇپلا، سېنىڭ مەندىكى خەتلىرىڭنى رەتلەپ پوچتىغا سالىمەن.مۇسابىقىگە قاتنىشى...



     

     
    بىرىنچى بولىسەن
     
    قەدىرلىك ساۋاقدىشىم ئەخمەت:
     
    خېتىڭنى ھېلىلا تاپشۇرۇۋالدىم ۋە شۇئان جاۋاب يېزىۋاتىمەن. بۇ خەتنى يېزىپ بولۇپلا، سېنىڭ مەندىكى خەتلىرىڭنى رەتلەپ پوچتىغا سالىمەن.
     
    مۇسابىقىگە قاتنىشىش تەكلىپىڭ مېنىڭچە ناھايىتى مۇۋاپىق. ئۈمىدىڭنى يوقاتما، بىراق ئۇتۇپ چىقىش ئىمكانىيىتىمىز ئازراق. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسەن؟ بىز بۇ مەكتۇبلىرىمىزدا چوڭلىرىمىزنى، ئاتا-ئانىلارنى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەنقىد قىلدۇق. لېكىن، مۇسابىقىگە قاتناشقان رومانلارنى باھالىغۇچىلار بولسا چوڭلار، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تەنقىدلىگەن بىر رومانغا دەرىجە بېرىشى بۇياقتا تۇرسۇن، «بۇلار قانداق بالىلار!» دەپ بىزگە خاپا بولۇشىمۇ مۇمكىن... ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇسابىقىگە ئەۋەتكەن روماننىڭ ئۈستىگە ئىسمىنى، ئادرېسىنى يازىدىغانلىقىغا قارىغاندا، خەتلىرىمىزنى ئۆيلىرىمىزگە قايتۇرۇۋەتسە، بېشىمىزغا ئىش تېرىشنى خالامسەن؟ ھېچبولمىغاندا خەتلىرىمىزنىڭ تېگىگە تەخەللۇس قويايلى. مەن زەينەب دېگەن تەخەللۇسنى تاللايمەن. سەنمۇ ئۆزۈڭگە بىر تەخەللۇس قويغىن.
     
    بۇ سۆزلىرىمدىن، مۇسابىقىگە قاتناشمايلى، دېگەن مەنە چىقمايدۇ. خەتلىرىمىز رەتلىنىپ بىر رومان شەكلىنى ئالىدۇ، دەپ ئويلايمەن. روماننى مۇسابىقىگە ئەۋەت. ئۇتۇپ چىقالمىساق نېمە بوپتۇ... ئۇتۇپ چىقماسلىق يوقىتىش دېگەنلىك ئەمەس.
     
    يېڭى خېتىڭ كېلىشتىن سەل ئىلگىرى كونا خەتلىرىڭدىن بىر نەچچىسىنى قايتا ئوقۇپ چىقتىم. بىز چوڭلارنى تەنقىد قىلىشتا بەك ئاشۇرۇۋېتىپتۇق. سەن نېمىلەرنى يازدىڭ... مەن نېمىلەرنى يېزىۋەتتىم، كىم بىلىدۇ... ئومۇمەن، بۇ خەتلەر بىر يەرگە توپلانسا، ناھايىتى ئېغىر ۋە ئاچچىق بىر نەرسە بولىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، بىزمۇ ۋەقەلىكلەرنى مۇبالىغە قىلىپ يازدۇق-دە...
     
    مۇسابىقىگە قاتناشقان رومانلارنى ئوقۇپ چىقىدىغان باھالىغۇچىلار ھەيئىتى چوڭلاردىن بولماي، بالىلاردىن تەشكىللەنگەن بولسا ئىدى، رومانىمىز چوقۇم دەرىجىگە ئېرىشەتتى دەپ قارايمەن. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ماڭا بىر ئاز تەلىيىمىز باردەك تۇيۇلىدۇ. ھازىرغا قەدەر مەن ئوقۇغان بالىلار رومانلىرىنى ئويلىدىم: بىر نامرات يېزا بالىسىنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى... سەيلىگە چىققان بالىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قىزىقارلىق سەرگۈزەشتىلەر... بىر نامرات بالىنىڭ ئىشلەپ تۇرۇپ كېسەل ئانىسىغا قارىشى ۋە سىڭلىسىغا ياردەم قىلىشى... دېگەندەك، ھەممىسى ئاخىرىدا ساۋاق ئالىدىغان نەسىھەتلەر بىلەن تولغان رومانلار، بىزنىڭ بولسا ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ.
     
    رومانىمىز ئۇتۇپ چىقمىسىمۇ، ھەر ھالدا، سەن بىرىنچى بولىسەن. چۈنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتا بولغىنىڭدا، سەنمۇ ھەممە ئاتىلاردەك بالىلىرىڭغا بىرىنچى بولغانلىقىڭنى ئېيتىسەن. كەچۈرىسەن، ھېچبولمىغاندا بۇ ئاخىرقى خەتنى مۇسابىقىگە ئەۋەتىدىغان خەتلەر ئارىسىغا قوشما!
     
    ماختاش ئۈچۈن ئېيتىۋاتقىنىم يوق، ئۇتۇپ چىقمىساڭمۇ ھېچقىسى يوق. چوڭ بولغاندا يازغۇچى بولىمەن، دېگەنىدىڭغۇ، شۇ چاغدا بۇ خەتلەرنى كىتاب قىلىپ باستۇرارسەن.
     
    ساڭا مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن. پۈتۈن ساۋاقداشلارغا سالام.
     
    زەينەب يالقىر
    1964-يىلى 27-ئاپرېل، ئەنقەرە
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.