تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون يەتتىچى پىرى مەلىكە ئاماننىسا خ

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-18 01:29:28

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون يەتتىچى پىرى مەلىكە ئاماننىسا خېنىمئون يەتتىچى پىرى مەلىكە ئاماننىسا خېنىم* ئىدى. بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرى...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن
    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى
    مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون يەتتىچى پىرى مەلىكە ئاماننىسا خېنىم

     

    ئون يەتتىچى پىرى مەلىكە ئاماننىسا خېنىم* ئىدى. بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ خانىشى ئىدى. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانە شائىرەسى بولۇپ، <دىۋان نەفىسى> [نەفىسى شېئىرلىرى توپلىمى] ناملىق شىرىن بىر كىتابنى يازغان ئىدى. خەتتاتلىقتا ئۈستۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى، مۇزىكا ئىلمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى، سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغان ئىدى. سۇلتاننىڭ بۇ مەلىكىنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىش ۋەقەسى مۇنداق بولغان ئىدى؛ سۇلتان ئۆز ۋەزىر-ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتاختى يەركەندىن ئاتلىنىپ چىقىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ، تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە نەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى. سۇلتاننىڭ كېچىلىرى دېھقانچە ساددا كېيىملەرنى كېيىپ قونۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غەرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەتكە زۇلۇم-سەتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى. بىر كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى. بۇ ئۆي مەخمۇت ئاتلىق بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى، بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەخمۇتنىڭ قىزى ئىدى. سۇلتان ئۆينىڭ بۇلىڭىدا تۇرغان بىر تەمبۇرنى كۆرۈپ قېلىپ، مەخمۇتتىن تەمبۇر چېلىپ بېرىشنى تەلەپ چىلدى. مەخمۇت: ''مەن تەمبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن، مۇشۇ قىزىمىز ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بەر دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان، قىزىم چالىدۇ''- دەپ جاۋاپ بەردى. سۇلتان: ''ئەمىسە، قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن''-دېدى. مەخمۇت قىزىغا ئەمىر قىلدى. قىز تەمبۇرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شۇنداق چالدىكى، سۇلتان ھەيران قالدى، بولۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شېئىرنى سېلىپ ئوقۇغاندا، سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ، بىھۇش بولۇپ كەتتى. شېئىرنىڭ باشلانما بېيىتى مۇنداق ئىدى (مەنىسى):


    خۇدا ساڭا يۈز شۈكرى، بىزگە ئادىل پادىشا بەردىڭ،
    پېقىر-مىسكىنگە ئابدۇرىشىتخاننى پانا قىلدىڭ.
    بۇ بېيىتنىڭ چۈشۈرگە بېيىتى مۇنداق باشلانغان ئىدى (مەنىسى):
    ئەي نەفىسى، ئۇلۇغ تەڭرىگە كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىن،
    ئەگەر شاھ ھەققىدە دۇئا قىلمىساڭ، قاتتىق گۇنا قىلغان بولىسەن.


    غەزەل تامام بولىشىغا سۇلتان ئالدىراپ: ''نەفىسى دېگەن شائىر كىم؟ سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن؟''- دەپ سورىغان ئىدى، قىز: ''خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقامدىكىن، مەن نەۋايى، فۇزۇلى*، زەلىلى*نىڭ شېئىرلىرىدىن باشقىسىنى ئوقۇمايمەن''- دەپ جاۋاپ بەردى. سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىگىنى سورىدى. ئاتىسى: ''13 ياشقا كىردى''- دەپ جاۋاپ بەردى. سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى. ئاڭغىچە ئاماننىسا خېنىم قوپۇپ، ئۆزى يازغان بىرنەچچە شېئىرلارنى ئېلىپ كېلىپ كۆرسەتتى. خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى. پادىشا بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارسىدىنىڭ يازغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي: ''قېنى ئەمىسە، مەن قاراپ تۇراي، بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ''- دېگەن ئىدى، قىز دۆۋەت-قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى (مەنىسى):


    خۇدا، بۇ بەندە ماڭا تولىمۇ گۇمانلىق كۆزدە قارىدى،
    گويا بۇ ئۆيدە بۈگۈن ئاخشام مەن ئۈچۈن بىر تىكەن ئۈندى.


    سۇلتان كۈلۈپ: ''ئىشەندىم، مېنى مەسخىرە قىلماڭ''- دېدى ۋە مەھرىمى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ: '' بىز ھېلى كېلىمىز''- دەپ كېتىپ قالدى. ئۇ لەشكەرگاھىغا بېرىپ، ۋەزىر-ئەمىرلەرگە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى. بېشىغا تاج كېيىپ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى. دەرھال ئون قوي ۋە شايى-ئەتلەسلەر تەييارلاندى. تۈن يېرىمىدە قىرىق كىشى مەخمۇتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەقسەتنى بايان قىلدى. پادىشا ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى. بۇ مەلىكە 20 يىل پادىشانىڭ نىكاھىدا تۇردى. خۇدايتائاللا بۇ قىزغا شۇنداق ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى، تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. <دىۋان نەفىسى>نى يازدى، خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدا <ئەخلاقى جەمىلە> [گۈزەل ئەخلاق] ناملىق بىر كىتاپ يازدى. <شۇرۇھۇلقۇلۇپ> [قەلبلەر شەرھى] ناملىق بىر رىسالە يازدى. شائىرلىق، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاپ ئاز. <ئىشرەت ئەنگىز> [شاتلىق قوزغىغۇچى]ناملىق مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجات قىلغان ئىدى. كۈچلۈك رەشك يۈزىسىدىن سۇلتان ئۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ۋە شۇ بويىچە نەغمىچىلەرگە ئۆگەتتى بۇ مەلىكە 34 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان، دېيىلىدۇ. مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۇلتان ئۆزىنى ئۆلتۈرگۈدەك ھالەتكە يېتىپ، سەۋدايىلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولدى. سۇلتان ئاخىرى يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتتى، دېيىلىدۇ.

     


    بۇلاردىن كېيىن مۇقام، غەزەل ئىجات قىلغۇدەك بىر ئۇستازنىڭ ئالەمگە كەلگەنلىگى مەلۇم ئەمەس، شۇنى بىلىش كېرەككى، نەينى جەمشىت پادىشانىڭ مەشھۇر خوتۇنى مەلىكە دىلسۇز* كەشپ قىلدى. سۇنەينى ئاۋال كەيكۇبات شاھنىڭ نەزىرىدە لەشكەرلىرى ئارىسىدا ئەردىشىر ئاتلىق بىر كىشى بۇغا مۈڭگۈزىدە ياساپ چالدى. نۇشىرۋان*نىڭ زامانىسىدا ياغاچتا سۇنەي ياساپ چالدى. داپنى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا دىۋىلەر ياساپ بەردى. ناغرا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن زامانىدا كەشپ بولدى، دېيىلىدۇ. (دۇ’ئانىڭ مەنىسى) ''بۇ كىتاپ بەك بىلگۈچى ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن ئاياقلاشتى''.


    * * * *


    يەنە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مۇزىكا ئىلىمنىڭ ئۇستازلىرى ۋە ئەسىر، ھەر شەھەردە يۈزلەپ بەلكى مىڭلاپ ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئەھۋالاتىنى بايان قىلساق بۇ قىسقا رىسالىگە سىغمايدۇ. شۇڭا مىڭدىن بىرى تاللاپ ئېلىندى، يەنى بىرەر ناخشا-مۇقام ئىجات قىلغان ياكى بىرەر چالغۇ ئەسۋابى ياسىغان ياكى بۇ ئىلىم توغرىسىدا بىرەر رىسالە يېزىپ داڭ چىقارغانلىرىلا قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى.


    خۇدايىمغا يۈز مىڭ سانا ۋە تەشەككۈر،
    يەنە ئۇنىڭغا چەكسىز ھەمىد ۋە شۈكۈر.
    ئەلىشىر ھېكىم بەگكە ئەمەل بەردى،
    ئۇنى خوتەن خەلقىغە پادىشا قىلدى.
    ئۇ مېنى بۇ شاھ دەۋرىدە تۆرەلدۈردى،
    بېشىمغا كۇلا، ئۈستۈمگە جەندە كەيگۈزدى.
    زامانە ئادالەتلىك شۇ قەدەر،
    قولۇڭغا دۆۋەت ۋە قەلەم ئالغىن.
    مەن بۇ ئەمىرگە ئىتائەت قىلدىم،
    شىرىن سۆزلەرنى يىغىپ جەم قىلدىم.
    نەغمىچى ھەققىدە رىسالە بولسا،
    تارىخ ئېتى بار كىتاپلار بولسا.
    يېغىپ تۈزدۈم بۇ تارىخنى مەن،
    ياخشى دېگەي بۇنى ئوقۇپ ئەھلى خوتەن.
    بولسىمۇ ئەقلىم قىسقا، بويۇم پاكار،
    خوتەنلىككە قىلدىم بۇنى يادىكار.
    سەۋەپ بولدى بۇنىڭغا ئەلىشىر ھېكىم،
    كۆپ ئەجرى بەرگەي ئاڭا ئاللا كەرىم.
    ئوقۇپ ئاڭلىغانغا بۇدۇر ئىلتىجا:
    ئەلىشىر ھېكىمگە قىلىڭلار دۇئا.
    يەنە مېنىمۇ تۇتۇڭلار ئەستە،
    سېخى ئۆلسە بولۇر ئورنى جەننەتتە.
    تارىخنىڭ پۈتۈلگەن ۋاقتىن تارىخىن دېدىم،
    بىلەلمەسمىكىن دەپ بەكمۇ غەم يېدىم.
    تۈگەت سۆزنى مۆجىز غەرىپ بىناۋا،
    باشقىچە ئىش تۇت، كىر ئۇلۇغ يولغا.


    تامام
    1271-يىلى


    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

    ئاماننىسا خېنىم-مۇشۇ كىتاپنىڭ ئۆز مەلۇماتلىرىغا قارالسۇن.

    فۇزۇلى-ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان ''چاغاتاي'' ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇ مىلادى 1504-يىلى ھازىرقى ئىراقتىكى باغداتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كەربالا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى سۇلايمان ھەزرەت باغداتنىڭ جەنۇبىدىكى ھىلە شەھىرىنىڭ مۇفتىسى بولغان. فۇزۇلى ئۆز ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى باغداتتا ئۆتكۈزۈپ، شۇ جايدا شۆھرەت قازانغان. شۇڭلاشقا ''فۇزۇلى باغداتى'' دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فۇزۇلى ئۆز ئانا تىلى ''چاغاتاي'' تىلىدا نۇرغۇن شېئىر-غەزەللەرنى يازغاندىن تاشقىرى يەنە پارىس تىلىدىمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. شېئىرىيەتتە ''نەۋايى سانى'' (ئىككىنچى نەۋايى) دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ <دىۋان فۇزۇلى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. فۇزۇلى مىلادى 1562-يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان.


    زەلىلى-قولىمىزدىكى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، ''زەلىلى'' تەخەللۇسلۇق ئىككى شائىر ئۆتكەن. بىرى مىلادى 1743-يىلى ۋاپات بولغان يەركەنلىك مۇھەممەت سىدىق زەلىلى؛ يەنە بىرسى مىلادى 1790-1844-يىللاردا ئۆتكەن تۈركمەن شائىرى مەختۇم قۇلۇ زەلىلى. بۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئاماننىسا خېنىمدىن تەخمىنەن ئىككى ئەسىر كېيىن ياشىغان. دېمەك، بىر بولسا بۇ يەردىكى ''زەلىلى'' ئاپتور ياكى خەتتاتنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن خاتا يېزىلىپ قالغان، بىر بولسا، ئاماننىسا خېنىم ياشىغان دەۋردە ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىزگە تەخى مەلۇم بولمىغان باشقا بىر زەلىلى ئۆتكەن.


    مەلىكە دىلسۇز-مىرزا ئەبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ <شاھنامە> ناملىق كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن شاھ جەمشىتنىڭ خوتۇنى. رىۋايەتتە ناھايىتى گۈزەل، ئەقىللىق، جەسۇر ۋە خەلقپەرۋەر شائىرە، غەزەلچى دەپ سۆزلىنىدۇ.


    نۇشىرۋان-قەدىمكى ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ 20-پادىشاسى. ئۇ ئىران، ماۋەرە ئۇننەھرى ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. مىلادى 531-يىلى تەختكە چىقىپ،مىلادى 579-يىلى ۋاپات بولغان. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.