ئەنئەنە ۋە تارىخ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم(ئابدۇقادىر جالالىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-17 18:44:14

ئەنئەنە ۋە تارىخ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم(ئابدۇقادىر جالالىدىن) ئاپتوردىن: 80 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا گۇڭگا شېئىر ھادىسىسىنى يىپ ئۇچى قىلغان ھالدا مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كىشىلىرىمىز ئەنئەنە ۋە ۋار...

    ئەنئەنە ۋە تارىخ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
    (ئابدۇقادىر جالالىدىن)

     

        ئاپتوردىن: 80 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا “گۇڭگا شېئىر” ھادىسىسىنى يىپ ئۇچى قىلغان ھالدا مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كىشىلىرىمىز ئەنئەنە ۋە ۋارىسلىق ھەققىدە غۇلغۇلا قىلىشقانىدى. غۇلغۇلىنىڭ مەزمۇنى گەرچە ساددا بولسىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى قىياپىتى ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى ئويلىنىشىمىزنىڭ پىلتىسىگە يېقىلغان تۇنجى قېتىملىق ئوت بولۇپ قالدى. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئەنئەنىنى ئاساسەن ئۆتمۈشنىڭ باغرىدا دۆۋىلىنىپ ياتقان جۇغلانما دەپ چۈشەندى ھەمدە ياشلارنىڭ دەسلەپكى تەۋەككۈلچىلىكى ۋە سىناقلىرىنى نېگىلىزم (ئىنكارچىلىق)نىڭ چارمىخىغا مىخلاشقا ئۇرۇندى. مەزكۇر ماقالە دەل ئەنە شۇ ۋاقىتتا يېزىلغان بولۇپ، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئېلان قىلىنمىغانىدى. بۈگۈنكى كۆزۈم بىلەن قارىغاندا، ماقالىدىكى قاراشلار تېزىسلاشقان ھالەتتىكى بىخلانما ئىدىيىلەر بولسىمۇ، يىرىك تارىخىي رومان “ئويغانغان زېمىن” شۇنداقلا “بالدۇر ئويغانغان ئادەم”، “ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە” قاتارلىق ئوبرازلاشتۇرۇلغان تارىخىي ئەسلىمىلەر جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشكەن، جەمئىيەتتە تارىخ بىلەن تارىخىي شەخس ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ھازىرچە تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان خاراكتېرى ھەققىدە ئازدۇر - كۆپتۇر بىلىش شەكىللىنىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، مەلۇم دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارايمەن. ئەمما دەۋر تارىخ، تارىخىي شەخس، ئەنئەنە، مەدەنىيەت، سىياسىي - ئىقتىساد قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە پىشقان، ھازىر جاۋاب، ئۆتكۈر نەزەرلىك پىكىرلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىشىگە جىددىي تەقەززا بولماقتا. مەن ئەينى ۋاقىتتا چېلىققان بۇ “سەرگەردان شولا”نى ئۆز سالاپىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىكە ئۈلگۈرمىگەن ئەينەن بىر تەرىزدە ئوتتۇرىغا سۇندۇم.


                                    ***


       قەدىمكى يۇناننىڭ بىر پەيلاسوپى: “قۇياش ھەر كۈنى يېڭى” دېگەنىكەن. روشەنكى، بىز كالېندار ۋارىقىنى بىر قېتىم ئۆرىگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ مۇئەييەن ماكان، زامان بىلەن بولغان پسىخىكىلىق ۋە فىزىكىلىق مۇناسىۋىتىمىزنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە بىر تەرەپ قىلغان بولىمىز. بۇ جەرياندا “بۈگۈن” دېگەن ئۇقۇم ئۆتمۈشكە قارىتا ئىنكارلىق مۇناسىۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىچكى قاتلىمىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ھەربىر قەدەم بىر ئويلىنىشنى مەزمۇن قىلىدۇ. تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ھەربىر بۇرۇلۇش ئۆتمۈشكە قارىتا ئويلىنىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ سان ئوقىدا ئۆز يۆنىلىشىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرىدۇ. ئالايلى، “پۇت” ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يول مېڭىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىردىنبىر ۋاسىتىسى ئىدى، كېيىنچە بەزى ھايۋانلار (ئات، ئېشەك، تۆگە قاتارلىقلار) قوشۇمچە ۋاسىتە بولدى، بارا - بارا قۇرۇقلۇق، سۇ ۋە ھاۋادىكى ھەرخىل قاتناش ۋاسىتىلىرى مەيدانغا كېلىپ “مېڭىش”نىڭ ئۇقۇم مەزمۇنى ئاستا - ئاستا بېيىدى. ئەمدىلىكتە، ئۇ ئالەم قاتنىشىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كېڭەيمەكتە. بۇ جەريان ناھايىتى ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ھادىسىلەر دېڭىزىنىڭ بىر تامچىسى سۈپىتىدە بىر پۈتۈن تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئامىللارنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىدۇ. بىز “پۇت” بىلەن “چاق”نىڭ مۇناسىۋىتىگە قاراپ باقايلى: “پۇت” ئادەمنىڭ “مېڭىش” (ئالاقە، ھەرىكەت) ئېھتىياجى بىلەن تۇغما مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، “چاق” ئۇنىڭ تەقلىدىيەتلىك تۈرلىنىشىدۇر. “چاق”نىڭ سۇبيېكتىپ بىلەن بولغان ئالاقىسى “پۇت” نىڭكىدەك بىر تۇتاش ۋە تەبىئىي بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ سۇبيېكتىپقا بويسۇنۇپ ئۇنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ئىككىلەمچى رول ئوينايدۇ.
       دېمەك، “پۇت” بىلەن “چاق” نىڭ ھەرىكەت شەكلى جەھەتتىكى ئىنكارلىق مۇناسىۋەت ماھىيەتتە مېڭىشنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ كېيىنكى راۋاجىمۇ دەل ئاشۇنداق رەۋىشتە داۋاملىشىدۇ. ئادەم ۋاقىتنىڭ چەكسىز ئېقىنىدا ئۆز - ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۈسىنى يەڭگۈشلەيدۇ، تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەت شەكلىنى يېڭىلايدۇ. روشەنكى، تەرەققىيات دېگىنىمىز، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ يا ئۇ خىل، يا بۇ خىل ئۆزگىرىشىنى بەلگە قىلىدۇ. ئەنئەنە گويا تەرەققىياتقا نىسبەتەن بىر مەنىداش سۆز بولۇپ، ئۇ “تۈنۈگۈن”گە ئايلىنىۋاتقان “بۈگۈن”، “بۈگۈن”گە ئايلىنۋاتقان ئەتە. ئۇ، مۇشۇ يول ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىپ بارىدۇ، مەنىسىنى تولۇقلايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەنئەنە ئاڭنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھاياتىي كۈچ بولۇپ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى. گېگىل تارىخ ھەققىدە توختالغاندا: “تارىخ مۇئەييەن زامان ئىچىدە سىرتلاشقان روھ” دېگەنىدى. ئەنئەنىنى تارىخ بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ قارىغىنىمىزدا، يۇقىرىقى سۆزلىرىمىزنىڭ ئىلمىيلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.
       بىزدە “تارىخ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى”دېگەن گەپ بار. دەرۋەقە، مەلۇم بىر دەۋردە بەزى نەرسىلەر ئىجابىي تەرىزدە، بەزى نەرسىلەر سەلبىي تەرىزدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئەمما ئۇ كېيىنكىلەرنىڭ نەزىرىدە باشقىچە سۈپەتكە نائىل بولىدۇ. ستالىن ۋە بۇخارىن قاتارلىق تارىخىي شەخسلەر بۇنىڭ ئوبدان مىسالىدۇر.
    تارىخنىڭ باھاسى ماھىيەتتە، ئەنئەنىنىڭ ئەنئەنىگە بولغان باھاسى بولۇپ، ئۇ، خەلقنىڭ خاھىشى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. مەلۇمكى، ياۋروپادىكى ئەدەبىي ئويغىنىش ھەرىكىتى بۇرۇنقى ئەنئەنە ئۈستىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە كەسكىن تەنقىدىي پوزىتسىيىدىن تۇغۇلغان.
       ئەپسۇسكى، بىز تېخى ئويلانمىدۇق. ئۆتمۈشنىڭ شان - شۆھرىتى بىزنى غەرق مەست قىلىۋەتتى. باشقىلار قانچىلىك ئىلگىرىلىمىسۇن ئۇلارنى قالاق ۋە زەئىپ ھالىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزگە تەڭ قىلمىدۇق. ھەتتا ئۆز تارىخىمىزنىڭ ئىگىسىمۇ بولالماي باشقىلارنىڭ بىز توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىغا ھەمدۇسانا ئوقۇدۇق. ئۆتمۈش ھەققىدىكى شېرىن ئەسلىمىلىرىمىزنى ئۇلارنىڭ ئالىقىنىدىن ئىزدىدۇق. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تارىخى نۇرغۇن شان - شۆھرەت بىلەن تولغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن داغلارنىمۇ يوشۇرغان بولىدۇ. ناۋادا پەخىرلىنىش بىلەن يۇيۇشنىڭ بىرلىكى بولمايدىغان بولسا، بۇ ھەقتە پەلسەپىۋى ۋە ئەخلاقىي يەكۈن چىقىرىلمايدىغان بولسا، بۇ ئالدى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ مەنىۋى ئاساسىنى يوقاتقانلىق بولىدۇ.
       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم تارىخىي مىراسلىرىمىز رەتلىنىپ نەشر قىلىندى. تارىخىي جەھەتتىكى تەتقىقات راۋاجلىنىپ، تارىخىمىزدىكى ھەرقايسى دەۋرلەرنى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ، پېشقەدەم ئالىملىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ قان - تەر بەدىلىگە كەلگەن نەتىجە، تارىخ ئۇلارنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ. ۋەھالەنكى، بۇنىڭ بىلەنلا ئۆتمۈشىنى تونۇش چوڭقۇرلاشقان بولمايدۇ. بۇ ناھايىتى زور ئېھتىياجنىڭ بەدىلىگە كەلگەن قىمىرلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئاز ساندىكى ئويغاق زىيالىيلارنىڭ ئېڭىدىكى نەرسە بولۇپ قالدى. كۆپلىگەن ياشلار ساۋساۋ ھەققىدە ھېكايە ئېيتىپ بېرەلىسىمۇ، بابۇرنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ. تارىخ ئاستا - ئاستا قېزىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرقى ئەھۋالنىڭ ئۆزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ يەنىلا ئاچقۇچى يوقاپ كەتكەن يەر ئاستى ئۆيىگە ئوخشايدۇ. تارىخنىڭ يورۇشى بۈگۈن ۋە كېلەچەكنىڭ يورۇشىدىن ھەمدە مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنە ھەققىدىكى توغرا تونۇشنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. مېنىڭچە، “تارىخ”، “مەدەنىيەت”، “ئەنئەنە” دېگەن ئۇقۇملار بىر - بىرىگە ئاساسىي جەھەتتىن مەنىداش كېلىدۇ. ئەنئەنە مەدەنىيەتنى يادرو قىلغان مەنىۋى ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. تارىخ بۇلارنى ئۆزىنىڭ ئامىللىرى قىلىپ داۋاملىشىدۇ. شۇڭا “تارىخ ئۇقۇمىنى توغرا چۈشىنىۋالالىساقلا “ئەنئەنە”نىڭ جانلىق نەرسە ئىكەنلىكى روشەنلىشىدۇ. “فائۇست”تا مۇنداق مىسرالار ئۇچرايدۇ:
    ھەر قەدەمدە ئىستەر ئادەم شادلىق ۋە ئازاب،
    بىراق ھەر چاغ ھەممىسىدىن تاپماس قانائەت.
       ئادەم ئۆزىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ئۆزگەرتكەنسېرى ئۆزىمۇ ئۆزگىرىپ بارىدۇ. ئۆزگەرگەن ئېڭى ئەسلىدىكى شارائىتنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ۋولىس:”ئىنسانىيەت تارىخى ماھىيەتتە ئىدىيە تارىخى” دېگەنىدى. بۇ، ئىتالىيىلىك يېڭى گېگىلىزمچى كىروچىنىڭ:”تارىخ ھەربىر شەخسنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت” دېگەن سۆزى بىلەن ۋارىيانتداش كېلىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، تارىخ ئارقىغا تاشلانغان يىللارنىڭ خاتىرىسى دەپ قارالسا، ئۇ سۆڭەكتەك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ ھەم ئەجدادلارنىڭ خاتىرە تېشى، ھەم ئەۋلادلارنىڭ يولخېتى. دېمەك، ئۇ تىرىك نەرسە. بىزدە ئۆتكەنلەرنى قەدىرلەش ئىستىكى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن توغرا يول تاپالمىدۇق. بۈگۈن ئۈچۈن ئۆتمۈشتىن گىرىم ئىزدىدۇق. تارىخ تەتقىقاتىمىز ئاساسەن دېگۈدەك يىلنامە خاراكتېرىنى ئېلىپ قالدى. ئۇلۇغلارنىڭ ئىدىيىسى، سەرگۈزەشتلىرى، تۆھپىلىرى، تارىختىكى ئورنى تەتقىق قىلىنمىدى. ياش - ئۆسمۈرلەرگە لايىق كېلىدىغان، ئۇلارنى خەلقپەرۋەر روھ بىلەن تەربىيىلەيدىغان ئوقۇشلۇقلار يېزىلمىدى. بۇلارنى قويۇپ تۇرغاندىمۇ، ھەتتا يىلنامە خاراكتېرىدىكى تارىخنامىلەرمۇ ئىزچىللىققا ئىگە بولمىدى. بۇنىڭدا ھەرخىل ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بولسىمۇ، تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەرىبىر چېكىنىش ۋە كېچىكىشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تارىخنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇپەسسەل ۋە ئۈزۈل - كېسىل پرىنسىپلىرى يوق؛ تارىخ ھەربىر زامان تەرىپىدىن مۇستەقىل چۈشىنىلىدۇ، شەرھلىنىدۇ، ھەل قىلىنىدۇ. بىزنىڭ تارىخىي تەتقىقاتىمىز ئەسلەش بىلەنلا چەكلەندى، ئەينى يىللارنىڭ قۇپقۇرۇق ئىزناسىلا بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى مەنىۋى قىياپىتىمىز گەۋدىلەنمىدى. تارىخقا بۈگۈنكى زامان مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىلمىي باھا بېرەلمىدۇق. تارىخ شۇنداق نەرسىكى، ئۇنىڭدا ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كېلەچەكنىڭ پۈتۈن قىياپىتى ئەكس ئېتىدۇ. ئۆتمۈشنىڭ ئۆزىلا تارىخ بولالمايدۇ، بەلكى كەلگۈسىنى يارىتىشقا قادىر بولالايدىغان رېئال روھىي ھالەتنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان ھەقىقىي تارىختۇر. شۇڭا “بارلىق تارىخنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى زامان تارىخىدۇر” (كىروچ). “ھەرقانداق تارىخ ئىدىيە تارىخىدۇر” (كوللىڭۋوئود). ئەگەر بىرەر ئىدىيىۋى جەريان ھاسىل قىلغان ئىچكى تەرەپ تولۇق نەزەرگە ئېلىنمىسا، تارىخنىڭ نېگىزىنى تونۇش تەس.
       ئۇنداق بولسا، بۈگۈنكى رېئاللىق روھىي ھالەت تارىخى ۋە پەلسەپىۋى نۇقتىدىن تەتقىق قىلىندىمۇ؟ نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن! بىزدە تېخى تارىخ ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بولغىنى يوق، شۇڭا ئەنئەنە ھەققىدە توغرا تونۇشنىڭ بولۇشىدىن سۆز ئېچىشمۇ قىيىن. ئۆزىنىڭ دۇنياۋى ھاياتتىكى رېئال ئورنىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئەنئەنە ھەققىدە گەپ ئېچىشنىڭ ئۆزى كەلگۈسىدە تارىخ ئۈچۈن ئېيتقاندا، “تەۋەرۈك ساددىيلىق” (ئىزاھات: “تەۋەرۈك ساددىىيلىق” چېخ سىياسىي، دىنىي ئەربابى يان گوسنى كاپىرلىقتا ئەيىبلەپ ئوتتا كۆيدۈرۈۋاتقاندا، بىر ساددا دىل مومايمۇ ساۋابلىق ئۈچۈن گۈلخانغا بىر قۇچاق ئوتۇن تاشلىغانىكەن، شۇ چاغدا يان گوس يۇقىرىقى سۆزنى ئېيتقان. “فائۇست”تىكى ئىزاھاتتىن ئېلىندى.) بولۇپ قالىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئاجايىپ قىممەتلىك نەرسە بار، بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ. ئەمما ئۇنى قانداق تونۇش، قانداق تونۇتۇش، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسى ھەل بولماي كەلدى. “تۈركىي تىللار دىۋانى”دىكى ئىپتىدائىي ئوۋ قوشاقلىرىدىن بۈگۈنكى “گۇڭگا شېئىر”لارغىچە بولغان پۈتكۈل ئەدەبىيات قايسى خىل ئىدىيە ۋە ئېتىقادنىڭ مەھسۇلى بولمىسۇن، بىر سىستېما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيىسى دەل مۇشۇ ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن كۆپ قاتلاملىققا ۋە بىرقەدەر مۇرەككەپلىككە ئىگە. ئۇنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۆزىدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئەسىرلەرگە ماياك بولالايدىغان ئالاھىدە بىر تالانتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى تالانت پەۋقۇلئاددە ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىكىنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلالايدۇ. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئالساق، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى مەدەنىيىتىنىڭ روھىنى ئۆز ئەسىرىدە مۇجەسسەم قىلىپ شانلىق مۆجىزە ياراتتى. روشەنكى، “قۇتادغۇ بىلىك”نى تەتقىق قىلىش ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيىسىنىڭ سالماق بىر نۇقتىسىنى تەتقىق قىلىش بولۇپ، بۇنىڭدا “قۇتادغۇ بىلىك” مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇنقى نەچچە مىڭ يىللىق ئاساسلار ئاشكارىلىنىدۇ. مورگان:”دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم دەريا ۋادىسىغا كۆمۈكلۈكتۇر، قاچانكى شۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرى ئېچىلىدۇ” دېگەنىدى. بۇ ئاچقۇچ ئىلمىي ھەقىقەت ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلالايدىغان شىر يۈرەك ئادەملەر تەرىپىدىن تېپىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەجدادى ۋە ئەۋلادىغا قاتتىق مەسئۇل بولالايدىغان، ئۆزىنىڭ ھەربىر دەقىقىسىنى تارىخنىڭ خۇداسىغا ئايلاندۇرالايدىغان جاسارەتلىك خەلق تەرىپىدىن تېپىلىدۇ. ھايات ئەنە شۇنداق تەقەززالىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندا، پەننى دەپسەندە قىلىدىغان، بىر-بىرىنى ساتىدىغان، نوپۇزچىلىق قىلىپ “ھەقىقەت” تۇرغۇزۇپ بېرىدىغان خاھىشلار ئەۋجىمەكتە.
          دانىيىلىك بىراندىس:”روھىي جەھەتتىكى گاسلىق گاچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ” دېگەنىدى. ئۇنداق خاھىشتىكىلەر دەل مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەتتۇر. ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىشتىلىرىنى ئەنە شۇنداق نادانلارنىڭ ئارىسىغا تۇغۇۋەرسە، ئۇلارمۇ ئەنە شۇنداق بەندىگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق!
       بىزدە تالانت يوق ئەمەس، ئەمما تالانتنى بايقاش يوق. تالانتنى ئاسرايدىغان، پەرۋىش قىلىدىغان روھ يوق. سەبىيلەرنىڭ ئەركىلەشلىرىگە زوقلىنىپ تىكىلىدىغانلار يوق. نوقۇل ھالدا ئۆتمۈش بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئەنئەنە چۈشەنچىسى شېپى كەلتۈرۈلىۋەرسە، كەلگۈسى زامانغا كۆز تىكىپ يېڭى بۇلاق كۆزلىرىنى ئىزدەۋاتقانلارمۇ پېشىنى قاقىدۇ.
       ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مائارىپ ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت كرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە. تۈزۈلگەن كونسىپىك ۋە كىتابلار ئالىي مەكتەپ مۇنبىرىدە 20 - 30 يىل سارغىيىپ تۇرۇپ جان باقىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭدىكى ئىبارىلەر ھېسابسىز تەكرارلىنىپ بويۇنتۇرۇققا ئايلىنىدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بولسا، مونەك بولۇپ كەتكەن تەبىرلەرنى بالىلارنىڭ ئېڭىغا تاڭىمىز، ئۇلار ئۆگىتىپ قويۇشتەك بىر تەرەپلىمە مېتودولوگىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئۆزىگە خاس تەپەككۇر شەكلىنى يوقىتىدۇ. جەمئىيەت يېڭىلىققا موھتاج بولغانسېرى، يېتىشىپ چىققان كۈچلەر كونا رامكىلارنىڭ ئىچىدە تېپىرلايدۇ.
       تەربىيىلەشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان مائارىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان نەتىجىگە ئىگە بولماقتا. سەھنىلەردە، تېلېۋېزور ئېكرانلىرىدا كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ئامىللار ئاز - تولا بولسىمۇ، ئىجابىي نومۇرلارنىڭ ئازلىقى قاتتىق مەيۈسلەندۈرىدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، “ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى” ئۆز بېشىنى قاتتىق سىلكىۋەتسە بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. بىزدە مۇشۇلارنى ئويلاپ ۋۇجۇدىنى سوغۇق تەر باسىدىغان ئادەملەر قانچىلىك باردۇ - ھە؟ بۇ، قايسى ئەنئەنىنىڭ مەھسۇلىكىن؟ ئويلىنىش كېرەك، ھەممە نەرسە ئۈستىدە يېڭىۋاشتىن ئويلىنىش كېرەك! بۇ ئويلىنىش كۆز ئېچىپ ئەتراپقا باققاندىلا ھەقىقىي ئىشقا ئاشىدۇ. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي، ئىقتىسادىي ئالاقە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان، يەر شارى خاراكتېرىدە كېڭىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، سېلىشتۇرما مەدەنىيەتشۇناسلىق توغرىسىدا ئىزدەنمەي بولمايدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا قارىتا پاراللېل تەتقىقات، تەسىر تەتقىقات، ئۇنىۋېرسال تەتقىقات قاتارلىق سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تەھلىل يۈرگۈزۈشىمىز، بۇ ئارقىلىق مۇستەقىل ئورنىمىزنى بايقىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى ئەللەر ئەدەبىياتىنى پىششىق بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن بىز تېخىچە ھومىردىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ياۋروپا ئەدەبىيات سىستېمىسىنى ئانچە ئۇقمايمىز. ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى بىز ئۈچۈن تېخىچە مەۋھۇم. بىزدە ئەپلاتون، ئارىتوتېل، شېكىسپىر، روسسو، نېتزى، سارتېرى، فىرىئود قاتارلىقلارنى بىلىدىغانلاردىن قانچىسى بار؟ مۇشۇلارنى بىلگەن بولساق ئۆزىمىزنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن بولاتتۇق.
       ئارىستوتېل بىلەن فارابى، شېكىسپىر بىلەن ناۋائىي، روسسو بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى سېلىشتۇرغىلى، ئۇلارنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى تونۇتقىلى تامامەن مۇمكىن بولاتتى. نېمە قىلىش كېرەك؟ شىجائىتىمىز بولسىلا بۇ سوئال ھېلىمۇ كېچىككەن بولمايدۇ.

     

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-26 2:15:28]

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.