خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 18

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-19 11:07:44

خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 18ۋاقىتنى ئومۇمىيلىقتىن ئىبارەت تار كىيىم ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، ھەربىر كۆزەتكۈچىنىڭ ۋاقىتنى ئەركىن ھەم مۇستەقىل ھالدا ئايلىنىدىغان قىلىش بىزنى ئۇزاقتىن بۇيانقى بەزى...



     خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 18

    ۋاقىتنى ئومۇمىيلىقتىن ئىبارەت تار كىيىم ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، ھەربىر كۆزەتكۈچىنىڭ ۋاقىتنى ئەركىن ھەم مۇستەقىل ھالدا ئايلىنىدىغان قىلىش بىزنى ئۇزاقتىن بۇيانقى بەزى قىياسلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدۇ. مەسىلەن: ھازىر قايسى ۋاقىتنى «ھازىر» دەپ تاللاشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىندى. قوشكېزەك ئاكا-ئۇكا تەجرىبىسىدە، ئاكىسى راكېتادا سىرتقا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ، «ھازىر يەر شارىدىكى ئىنىم نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟» دەپ ئويلىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكىنىڭ نىسبىي ۋاقىت ئكلچىمىنىڭ قالايمىقان بولۇپ قېلىشى، راكېتا پايدىلىنىش سىستېمىسىدىكى «ھازىر»نىڭ يەر شارىدىكى ئادەم ھۆكۈم قىلغان «ھازىر»غا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان پەيت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئومۇمىيلىققا ئىگە «ھازىر» يوق. مەسىلەن: ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا ئا ۋە ب دىن ئىبارەت ئىككى ئىش يۈز بەرسۇن، بىر كۆزەتكۈچى ئا ئىش بىلەن ب ئىش بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەردى دەپ قارىشى، يەنە  بىر كۆزەتكۈچى ئا ئىش ب ئىشتىن بۇرۇن يۈز بەردى دەپ قارىشى، باشقا بىر كۆزەتكۈچى ب ئىش بۇرۇن يۈز بەردى دەپ قارىشى مۇمكىن.

    ئىككى ئىشنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقىت تەرتىپىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزەرىدە ئوخشاش بولماسلىقى كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. قارا (نىشان) مىلتىق ئېتىلىشتىن بۇرۇن تېشىلەمدۇ؟ خۇداغا رەھمەت، بۇنداق ئىش يوق. بولمىسا قانچىلىك تالاپەت كۆپ يۈز بېرەر ئىدى. ئا ئىش  بىلەن ب ئىشنىڭ يۈز بېرىش تەرتىپىنى ئېنىق ئايرىش تەس  بولسۇن دېسە، ئا ئىش بىلەن  ب ئىش يېتەرلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بېرىپ، يورۇقلۇقنى مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە ئا ئىشتىن ب ئىشقا قېچىپ بېرىشقا ئۈلگۈرەلمەيدىغان قىلىپ قۇيۇشى كېرەك. نىسبىيلىك نەزەرىيىسىدە، يورۇقلۇق سېگنالى ھەممىنىڭ قائىدىسى، يورۇقلۇق سېگنالى بولۇپمۇ ھەرقانداق تەسىر ياكى سېەنالنىڭ يورۇقلۇق سېگنالىدىن تېز مېڭىشىنى مەنئى قىلىدۇ.

    دۇنيادا ئومۇمىيلىققا ئىگە «ھازىر»نىڭيوق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت ۋاقىتنى رەتلىك ھالدا ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى دەپ ئايرىيدىغان ئۇسۇلنى ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالدا كارغا يارىماس قىلىپ قويىدۇ. ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى دېگەن بۇ ئاتالغۇلار بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى سورۇنلاردا ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما باشقا يەرلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مەسىلەن: «ھازىر مارستا نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتقاندۇ؟» دېگەندەك سۇئاللارنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى مەزكۇر پلانېتىدىكى مەلۇم بىر ئالاھىدە پەيتتىن ئىبارەت. لېكىن كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، راكېتا بىلەن يەر شارى يېنىدىن ئۆتۈپ ئالەم بوشلۇقىغا ماڭغان ساياھەتچى ئوخشاش بىر پەيتتە ئوخشىش بىر سۇئالنى سورىسا، بۇ مارستىكى باشقا بىر پەيتنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يەر شارىغا يېقىن تۇرغان بىر كۆزەتكۈچىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ئېھتىمالدىكى «ھازىر»ى بىر سېكونت ئۇزۇنلۇقتا بولۇشى مۇمكىن. كۆزەتكۈچى كۆزىتىش ئوبېكتىدىن يىراقلاشقانسېرى، «ھازىر»نىڭ دائىرىسىمۇ شۇنچە چوڭىيىدۇ. ناھايىتى يىراقتىكى بىر يۇلتۇزسىمان جىسىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ھازىر» نەچچە مىليارد يىل ۋاقىتتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن. يەر شارىدا پىيادە مېڭىپ سەيلە قىلىشتىن ئىبارەت ھەرىكەتمۇ يۇلتۇسىمان جىسىمدىكى «ھازىرقى پەيت»نى بىر قانچە مىڭ يىلغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن.

    (قىسقارتىلدى)

     

    فىزىكا ئالىملىرى ۋاقىت يۈز بەرگەن ئىشلاردىن تەشكىل تاپقان بىر قاتاردىن ئىبارەت دەپ قارىمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىدىكى ھەممە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، بوشلۇقنىڭ ھەر قانداق بىر بەلگىلەنگەن ئورۇندا كېڭەيگىنىگە ئوىشاش، ۋاقىتمۇ ھەرقانداق بىر بەلگىلەنگەن پەيتتە ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئىككى يۆنىلىشكە قاراپ ئۇزىرايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ يەردە ۋاقىت بىلەن بوشلۇقنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش ھېچنىمىگە ھېساب ئەمەس، چۈنكى ۋاقىت بىلەن بوشلۇق نىسبىيلىك نەزەرىيىسىدە ئارىلىشىپ زىچ بىرلىشىپ كەتكەن  بولۇپ، ئىككىسى بىرىكىپ فىزىكا ئالىملىرى دەيدىغان «ۋاقىت-بوشلۇق تۇتاش گەۋدىسى»گە ئايلانغان  بولىدۇ.

    بىزنىڭ ۋاقىتقا نىسبەتەن پىسخىكىلىق تۇيغۇمىز بىلەن اىزىكا ئالىملىرىنىڭ ۋاقىت مودېلىنىڭ پەرقى مۇشۇنچىۋالا زور بولغانلىقتىن، نۇرغۇن فىزىكا ئالىملىرىمۇ بۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرەر مۇھىم نەرسە كەمچىلمۇ-قانداق دەپ ھېس قىلىدۇ. ئېددىنگتون (ئەنگىلىيىلىك ئاسترونومىيە ئالىمى، اىزىكا ئالىمى) بىزنىڭ روھىمىزنىڭمۇ بىرخىل «ئارقا ئىشىك»ى بار، ۋاقىت ئادەتتىكى سەزگۈ ئەزالار يولى ۋە تەجرىبىخانىدىكى ئۈسكۈنىلەر يولى ئارقىلىق بىزنىڭ روھىمىزغا كىرىدۇ، دېمەك، ئۇ «ئارقا ئىشىك»تىن  ماڭىدۇ، دېگەنىدى. بىزنىڭ ۋاقىت سېزىمىمىز بوشلۇق ياكى ماددا سېزىمىمىزغا سېلىشتۇرغانداتېخىمۇ ئاساسىيدۇر. ۋاقىت سېزىمى بىر خىل تەن كەچۈرمىشى ئەمەس، بەلكى  بىرخىل ئىچكى كەچۈرمىشتۇر. بىز بولۇپمۇ ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزەلەيمىز، بۇ خىل سېزىم شۇنچە ئېنىق بولۇپ، بىزنىڭ سېزىمىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسىي تەرىپىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئاساسىي تەرەپ بىر كۈچلۈك ئارقا كۆرۈنۈش بولۇپ، بىزنىڭ بارلىق ئىدىيىمىز، بارلىق پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ گەۋدىلەندۈرۈشى ئارقىسىدا ھېس قىلىنغان بولىدۇ.

    نۇرغۇن ئالىملار ھېلىقى سىرلىق ۋاقىت ئېقىمىنى ئىزدىگەندە گاڭگىراپ قالىدۇ. بارلىق فىزىكا ئاالىملىرىنىڭ ھەممىسى ئالەمدە ئۆتمۈش-كەلگۈسىنىڭ ئاسىممېتىرىيىلىكلىكى مەۋجۇت، بۇ خىل ئاسىممېتىرىيىلىكلىك تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنى تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان، دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما مەزكۇر قانۇننى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق،  بۇ خىل ئاسىممېتىرىيىلىك يوقتەك بىلىنىدۇ.

    بۇ قىيىن مەسىلىنى تۆۋەندىكىدەك ئاددىي چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. ھىم يېپىلغان بىر ئۆي ئىچىدە، بىر دانە ئەتىر قۇتىسىنىڭ ئېغىزى ئېچىۋېتىلدى دەپ پەرەز قىلايلى. ئەتىر پارلىنىپ چىقىپ پۈتكۈل ئۆي ئىچىنى قاپلايدۇ. ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئادەملەر ئەتىر پۇرىقىنى پۇرايدۇ. ئەتىرنىڭ سۇيۇق ھالەتتىن گاز ھالەتكە، تەرتىپلىك ھالەتتىن تەرتىپسىز ھالەتكە ئۆزگىرىشى قايتماس جەرياندۇر. مەيلى قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتسۇن، تارقىلىپ كەتكەن ئەتىر مولېكۇلىلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەتىر قۇتىسى ئىچىگە قايتىپ كىرىپ، ئەدەب-قائىدىلىك بىلەن ئەتىر سۇيۇقلۇقىغا ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەتىر مولېكۇلىلىرىنىڭ پارلىنىپ، تارقىلىشى ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ ئاسىممېتىرىيىلىكلىكىنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر. ئەگەر بىز ئەتىر مولېكۇلىلىرىنىڭ ئەتىر قۇتىسى ئىچىگە قايتىپ كىرگەنلىكىنى كۆرسەك، بىز شۇئان بۇ كىنو لېنتىسىنىڭ تەتۈر قۇيۇلغانلىقىنى بىلەلەيمىز. چۈنكى ئەتىر مولېكۇلىلىرى قۇتا ئىچىدىن چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ قۇتا ئىچىگە قايتىپ كىرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما  بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە بار. ئەتىر مولېكۇلىلىرىنىڭ پارلىنىشى، تارقىلىشى نەچچە مىلياردلىغان مولېكۇلىلارنىڭ ئۆزئارا سوقۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھاۋا مولېكۇلىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق ھەرىكىتى بىردەممۇ توختاپ قالماي، ئەتىر مولېكۇلىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق ھەرىكىتى بىردەممۇ توختاپ قالماي، ئەتىر م ولېكۇلىلىرىنى ھەر تەرەپكە قالايمىقان سوقۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇياقتىن-بۇياققا يۆتكىلىشكە مەجبۇرلايدۇ، ئەڭ ئاخىردا ئەتى مولېكۇلىلىرى يىغىشتۇرۋالغىلى بولمايدىغان ھالدا ھاۋا بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئەمما، ھەرقانداق بىر قېتىملىق مولېكۇلا سوقۇلۇشى تامامەن قايتما بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى مولېكۇلا ئۆزئارا يېقىنلىشىپ، سوقۇلۇپ، كەينىگە چېكىنىدۇ. بۇ ئىشتا ھېچقانداق ۋاقىت ئاسىممېتىرىلىكى يوق. ئەكسىچە جەريانمۇ يەنىلا ئۆزئارا يېقىنلىشىش، سوقۇلۇش، كەينىگە چېكىنىشتىن ئىبارەت  بولىدۇ.

    سىممېترىك مولېكۇلىلار سوقۇلسا قانداقسىگە سىممېترىك ئەمەس ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى پەيدا بولىدۇ؟ ۋاقىت ۋېكتورى ھاسىل قىلغان بۇ سىر نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنگەن فىزىكا ئالىملىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغاتتى. لۇدۋىگ بولتزمان ( ئاۋسترىيىلىك فىزىكا ئالىمى) 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئالدى بىلەن بۇ مەسىلىنى شەرھىلىگەنىدى. لېكىن تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر، كۆپچىلىك يەنىلا بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىشماقتا، بەزى ئالىملار، بىر خىل ئاجايىپ غەيرىي ماددىي خۇسۇسىيەت، يەنى ۋاقىت ئېقىمى مەۋجۇد، دەل مۇشۇ ۋاقىت ئېقىمى ۋاقىت ۋېكتورىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتماقتا. ئۇلار، ئادەتتىكى ئەھۋالدا مولېكۇلىلارنىڭ ھەرىكىتىگە ۋاقىت جەھەتتە ئۆتمۈش-كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئاسىممېتىرىيىلىكنىڭ تامغىسى بېسىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاقىتنىڭ ئاسىممېتىرىلىكلىكىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم نورمىدىن تاشقىرى تەركىب، يەنى ۋاقىت ئېقىمى بولۇشى زۆرۈر دەپ كېسىپ ئېيتماقتا. بەزىلەر ۋاقىت ئېقىمىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ھەتتا كۋانت جەريانى ياكى ئالەمنىڭ كېڭىيىشىدىن ئىزدىمەكتە. ۋاقىت ئېقىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىش كۆپ جەھەتلەردە خۇددى ھاياتىي كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىشكە ئوخشاشلا، ئادەمنى ئىنتايىن گۇمانلاندۇرىدۇ.

    ۋاقىت ئېقىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىش خاتا. ئۇنىڭ خاتالىقى مۇنداق بىر پاكىتقا سەل قارىغانلىقىدا: ۋاقىتنىڭ ئاسىممېتىرىلىكلىكى ھاياتلىققا ئوخشاشلا بىر پۈتۈنلۈك ئۇقۇمىدىن ئىبارەت. شۇڭا، بىر پۈتۈنلۈكنىڭ ىۇسۇسىيىتىنى يالغۇز بىر  مولېكۇلىنىڭ خۇسۇسىيىتى دەپ يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ. مولېكۇلا سەۋىيىسىدىكى سىممېتىرىيىلىك بىلەن ماكرو ئۆلچەمدىكى ئاسىممېتىرىيىلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق زىددىيەت يوق. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان تەسۋىرلەش قاتلىمىغا مەنسۇپ. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر، ۋاقىت راستىنلا «ئاقىدىغان» بولمىسا كېرەك، ھەمدە ھەممىسى كاللىمىزنىڭ ئازدۇرۇشىدىن بولسا كېرەك، دەپ ئپيلايدۇ.

    ئەگەر  بىز سېزىمىمىزدىن ۋاقىت ئېقىمىنىڭ مەنبەسىنى تاپماقچى بولساق، ئۇ چاغدا بىز «مەن»نى چۈشىنىشتە دۇچ كەلگەندىكىدەك قالايمىقانچىلىق ۋە زىتلىققا دۇچ كېلىمىز. بىزنىڭ بۇنداق تەسىراتقا ئىگە بولماسلىقىمىز ناھايىتى تەس: ۋاقىت ئېقىمى مەسىلىدى بىلەن «مەن» مەسىلىسى زىچ باغلىنىشلىق. پەقەت ۋاقىت ئېقىمى ئچىدىلا، بىز ئاندىن «مەن»نى ھېس قىلالايمىز.

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە ۋاقىت توغرىسىدىكى ساددا تەسەۋۋۇرلارنى كۆپلەپ بايقاشقا بولىدۇ. ئۇ ئەسەرلەردە ۋاقىت ئوق، دەريا ئېقىمى، ئۇچار كېمە، ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. كىشىلەر دائىم، بىز ھېس قىلغان «ھازىر» توختىماستىن ئالدىغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنداق بولغاندا، 2020-يىلىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا «ھازىر»غا ئايلىنىدۇ، دەيدۇ؛ ئوخشاش قائىدە  بويىچە، سىز مۇشۇ جۈملىنى ئوقۇغان ۋاقىتمۇ ھازىر ئاللىقاچان ئۆتۈپ بولۇپ، تارىخقا ئايلىنىدۇ. بەزىدە، «ھازىر» مۇقىم بولىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆزى بولسا خۇددى دەريا سۈيى دەريا ياقىسىدىكى بىر كۆزەتكۈچىنىڭ ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتكەندەك، ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ بۇ ئوبرازلىرى بىزنىڭ ئەركىن ئىرادە توغرىسىدىكى ھېسسىياتىمىزدىن ئايرىلماستۇر. كەلگۈسى تېخى شەكىللەنمىگەن، شۇڭا ئۇ يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، بىز ئۆز ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۇنى شەكىللەندۈرەلەيمىز دېيىش ئاغزىغا كەلگەنچە جۆيلۈگەنلىك بولامدۇ؟

    ئەگەر، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ۋاقىت ئوبرازلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا دېيىلسە، ئۇنداقتا، شۇئان بىر مۇنچە سۇئاللار تۇغۇلىدۇ. 1983-يىلى بىر فىزىكا ئالىمى بىلەن بىر گۇمانلانغۇچى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قېتىملىق سۆھبەت بولۇپ ئۆتكەن دەيلى:

    ( سۆھبەت داۋامىدا)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا فىزىكا _