خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى(8-ئالتۇنلارنىڭ تەقدىرى)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 09:53:38

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت تو

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
    نۇرمۇھەممەت توختى

     

    8-  ئالتۇنلارنىڭ تەقدىرى

     

       كېرىيەنى ئىشغال قىلىۋالغان توپىلاڭچىلارنىڭ باشلىقلىرى−ئابدۇخەبەر ھاجى، مەمتىمىن باي، سوپى بەگلەر ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى كاتتا ئەمەللەرگە تەيىنلىشىپ، كېرىيە دىيارىنى راسا بىر سورىماقچى بولۇپ تۇرۇشقاندا، خوتەننى ئىشغال قىلىۋالغان توپىلاڭچىلاردىن يارلىق كېلىپ قالدى. ئۆزلىرىنى كىرىيەلىك توپىلاڭچىلاردىن چوڭ چاغلاشتىمۇ، ئۆز يارلىقىدا كېرىيەدىن قېچىپ بارغان ئىمىن ئەلەم ئاخۇنۇمنى كېرىيەنىڭ ئەلەملىكىگە تەيىنلەشكەنىدى. سوپى بەگلەرگە ئېشەكنىڭ بېشى تۈگۈل قۇيرۇقىمۇ تەگمىگەنىدى. بۇنىڭغا چىداپ تۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ مەمتىمىن باي بىلەن سوپى بەگ قىلىچىنى قىنىدىن چىقاردى.
    − ئېيتىشە، كېرىيەنى كىم پەتھى قىلدى؟ − غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى ئۇلار.
    − ئۆزلىرى پەتھى قىلدىلا، ئۆزلىرى پەتھى قىلدىلا، − جاۋاب بەردى قورقۇپ كەتكەن ئىمىن ئەلەم بىلەن مەتشىرىپ مۇپتى.
    −شۇنداق ئىكەن، كېرىيەگە ۋالىي، ئەلەم بولۇشقا سەنلەرنىڭ نېمە ھەددىڭ؟ − توپىلاڭچى باشلىقلار يەنە ۋارقىراشتى.
    − ھەددىمىز ئەمەس، ھەددىمىز ئەمەس، − دەپ باش ئېگىشتى يارلىق كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىككى كېرىيەلىك، − مىلىك ھەزرەت ئۆزى، مىلىك ھەزرەت ئۆزىچە شۇنداق يارلىق قىلغانىدى...
    − خوتەنلىك پۇقاقنىڭ يارلىقى پوققا ھېساب،  − ۋارقىرىدى مەمتىمىن باي بىلەن سوپى بەگ.
    شۇنداق قىلىپ خوتەنلىك توپىلاڭچىلارنىڭ يارلىقى كۈچكە ئىگە بولمىدى، ئەمما بۇ ئىش خوتەنلىك پۇقاقلارنىڭ كېرىيەگە كۆز تىككەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. كېرىيەلىك توپىلاڭچىلار دەرھال باش قوشۇشۇپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق خوتەنلىك پۇقاقلارغا ئەل بولغۇچە گەنسۇدىكى ما بۇفاڭغا ئەل بولۇش قارارىغا كېلىشتى، دەرھال ئەل بولۇش مەكتۇپى يېزىپ، كېرىم شىغا دېگەن ئادەمدىن ما بۇفاڭ ھۇزۇرىغا ماڭدۇرۇشتى، ئەل بولۇش مەكتۇپىدا «بىز ئاللانىڭ ئىنايىتى بىلەن كېرىيەنى پەتھى قىلدۇق، كېرىيەنىڭ كونا خەزىنىسىدىكى مىڭ سەر ئالتۇن بىلەن باشقا نەرسىلەرنى ئولجا ئېلىپ ساقلاپ تۇردۇق، كېلىپ خەزىنە بىلەن كېرىيەنى ئۆز تەسەررۇپلىرىغا ئالغايلا» دېگەن ئۆتۈنۈش بارئىدى. مەكتۇپقا ئابدۇخەبەر ھاجى بىلەن سوپى بەگ قول باسقانىدى. كېرىم شىغا دەرھال يولغا چىقتى، ئۇ ئىلگىرى كارۋان باشلاپ چىڭخەي، گەنسۇ تەرەپلەرگە كۆپ قېتىم ئۆتۈپ باققان بولغاچقا يوللارنى ئوبدان بىلەتتى، سەپەر تەجرىبىسىمۇ بار ئىدى. مەكتۇپنى ما بۇفاڭنىڭ قولىغا ئۆز قەرەلىدە تەگكۈزۈشتىن ئۈمىد چوڭ ئىدى...
    ئارىدىن 20 نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مابۇفاڭنىڭ پايى-قەدەملىرى كېرىيەگە يېتىپ كەلگۈچە، كامال داموللا دېگەن ئادەم خوتەنلىك توپىلاڭچىلارنى باشلاپ كېلىپ قالدى. سۆھبەتتە كېرىيەلىك توپىلاڭچىلار كامال داموللىنىڭ كېرىيەنىڭ ھۆكۈمەت تامغىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى. «خوتەنگە ئەل بولماي، مابۇفاڭ جانابلىرىغا تەۋە بولىمىز» دەپ چىڭ تۇردى. ئۇلار ما بۇفاڭغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ۋە ئۇنىڭغا يۈكسەك ھۆرمەتتە ئىدى. ما بۇفاڭنىڭ ئالدىدا خوتەنلىك پۇقاقلار نېمىدى؟ مەمتىمىن باي بىلەن سوپى بەگ كامال داموللىنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمىدى. چالمىسى سۇغا چۈشكەندەك قىياپەتكە كىرگەن كامال داموللا «سىلەرنىڭ رايىڭلار شۇ بولسا، بىز خوتەنگە قايتايلى» دەپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن يانغان ۋە «پۇندىزا» دېگەن يەردە ئەسكەر سېپىنى رەتلەپ، كېرىيەگە رەسمىي تېگىش قىلماقچى بولغاندا، كېرىيەلىك توپىلاڭچىلار قورققىنىدىن ئىشتىنىغا چىقىرىپ تاشلىدى، مەمتىمىن باي بىلەن سوپى بەگنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالماي، پۇتلىرى لاغىلداپ تىترەپ كەتتى. ئاخىر ھۆرمەتلىك نىزامىدىن داموللىنى ئارىغا سېلىپ كېلىشتۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى، ئۇلارنىڭ ھالى چاغلىق ئىدى. ئىككى ئامبال بىلەن تۆت توك-توك گۆرۈكەشتىن كېرىيەنى ئالالىغان بىلەن، ئەمدى بەشئاتار، توققۇز ئاتار مىلتىقلار بىلەن قوراللانغان كامال داموللا قىسىملىرى ئالدىدا كېرىيەنى ساقلاپ قالالىغۇدەك ماجالى ۋە يۈرىكى يوق ئىدى. نىزامىدىن داموللىنىڭ كېلىشتۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئۇلار جېنىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بەدىلىگە كېرىيە ھۆكۈمىتىنى كامال داموللىغا تاپشۇردى...
    سوپى بەگ جېنىنى ساقلاپ قالدى. ئۇنىڭ 26 كۈن داۋاملاشقان ھۆكۈمرانلىق ھاياتى گويا شېرىن چۈشتەك تۇيۇقسىز يوقالغان، توزغاقتەك توزۇپ كەتكەنىدى. ئۇ دۇنيانىڭ باقاسى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇ ھەقتىكى ماقال-تەمسىل، ھېكمەت-ئەقلىيەلەرنى يادىغا ئالدى. ھەقىقەتەنمۇ ئەمەل-مەنسەپ، بەخت-ئامەت، مال-دۇنيا دېگەنلەر شامالغا ئوخشايتتى. ئۇچۇپ-ئۇچۇپ ھارمايتتى، بۈگۈن بۇنىڭ بېغىدا شىۋىرلىسا، ئەتە ئۇنىڭ تېغىدا ھۇۋۇلايتتى. ئاشۇ نەرسىلەر يەنە ئەدەپتىن چىققان گۈزەل ئايالغىمۇ ئوخشايتتى، ھەممىگە جىلمىيىپ ھىجىياتتى، ھەممىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلاتتى، ئەمما ھېچقايسىسىغا ۋاپا قىلمايتتى. ئاشۇ 26 كۈنلۈك ھۆكۈمرانلىق سوپى بەگكىمۇ ۋاپا قىلمىغانىدى، ئۇ ئاشۇ 26 كۈن ئىچىدە قىلغان ئەسكىلىكلىرىگە پۇشايمان قىلدى.
    توپىلاڭچى خوتەنلىك پۇقاقلار كېرىيە ھۆكۈمىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، توپىلاڭچى سوپى بەگ ئىشتىن چىقتى، ئەمما ئۇنىڭ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بەگزادە بىلەن ھەۋزىخان ئانىنى ئۆز ھىمايىسىگە ئالغانلىقى تېخى يادىدا ئىدى. كۆپ ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلغان سوپى بەگ ئەمدى شۇ ئۆز ھىمايىسىدىكى بىچارىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا كىرىشتى. ئۇ ھەۋزىخان ئانىغا ئۇن-گۈرۈچلەرنى يەتكۈزۈپ بەردى. ئوتۇن-سۇ يەتكۈزۈپ بەردى، ئەمەلدىن چۈشكەن بولسىمۇ، يەنىلا توپىلاڭچىلار ئىچىدە ئانچە-مۇنچە نامى ۋە سۈر-ھەيۋىسى بار ئىدى. توپىلاڭچىلارنى بۇ بىچارە ئانا-بالىلارغا چېقىلىشتىن توستى، ئەڭ مۇھىمى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ دېگەن بۇ بالىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شۇ زاماننىڭ كېرىيە ئالىمى نىزامىدىن داموللا بىلەن سۆزلىشىپ، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭغا داۋاملىق ساۋاق بېرىشكە ماقۇل قىلدى. بۇخارادا ئوقۇپ كەلگەن بۇ كاتتا ئۆلىما مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپقا تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىملەردىن ساۋاق بېرىشكە لاياقەتلىك ئىدى...
    قىماردا ئۇتۇۋېلىنغان خوتۇن بولسىمۇ بەرىبىر خوتۇن-دە، مەرھۇم شاڭ سى بىلەن ئون يىل بىر ئۆيدە ئولتۇرغان، ئون يىل بىر ياستۇققا باش قويغان ھەۋزىخان ئانىنى مەرھۇم شاڭ سىنىڭ ئىچ ئاغرىقى تۇتتىمۇ ياكى توپىلاڭ ۋاقتىدا بەكلا قورقۇپ كەتكەنمۇ، ئۇ ئاغرىپ قالدى. پۇت-قولىدا ماداردىن، روھىدا ئۈمىد-جاندىن ئەسەر يوق ئىدى. كۈن بويى ئىڭراپ ياتاتتى، ئۇنىڭ ئەتە-ئۆگۈنگە كۆزى يەتمەي قالدى. شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئەڭ ئەنسىرىگىنى ئۆزىنىڭ ھاياتى ئەمەس، بەلكى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىككى بالىسىنىڭ كەلگۈسى ئىدى، كىشىلەر «ئۆز بالاڭ قورساقتىن چىققان بولسا، بېقىۋالغان بالاڭ يۈرەكتىن چىققان» دېيىشىدۇ. بۇ راست گەپ ئىدى. ھەۋزىخان ئانا ئالتۇنخان بىلەن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭغا بەكلا ئامراق ئىدى. ئۇلارنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى. ئۇ بالىلارنى بېقىۋالاي دەپ بېقىۋالمىغان، ئۇلارنى ماڭا خۇدا بەردى دەپ قارايتتى. ئون يىل بىللە ياشىغان شاڭ سىنىڭ زومىگەرلىكىگە ئون يىل بىللە تاقابىل تۇردى. توققۇز ياشلىق مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا 19 ياشقا كىرىپ چوڭ ئادەم بولدى، كىچىككىنە ئالتۇنخانمۇ چوڭ قىزغا ئايلاندى. ئەنە شۇ ئون يىل ئۇلار ئارىسىدا چوڭقۇر ئانا-بالىلىق مۇھەببەت يېتىلدۈرگەنىدى. ھەۋزىخان ئانىنىڭ ئۇلاردىن ئۆزگە، ئۇلارنىڭ ھەۋزىخان ئانىدىن ئۆزگە ھېچنېمىسى يوق ئىدى. ئانا-بالىلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئۆزگە نە تايىنىدىغان، نە ياردەمدە بولىدىغان، نە ھال-مۇڭ ئېيتالايدىغان ئۇرۇق-تۇغقىنى يوق ئىدى. ھەۋزىخان ئانىغا كېسەل تەگكەن كۈنلەردە، بالىلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم يېتىم قېلىشىدىن ئەنسىرىشى−ئەنە شۇ ئانا-بالىلىق مۇھەببەتنىڭ، ئەنە شۇ بىر-بىرىگە تايىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى ئىدى. ئانا ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ ياتسىمۇ يەنىلا بالىلىرىنىڭ غېمىدە ئىدى. ئۇ بالىلىرىنى بىرەر باشپاناھ بولغۇدەك ئادەمگە تاپشۇرۇشنىلا ئويلايتتى. جان بار يەردە قازا بار، ئەگەر قازا يېتىپ، ھەۋزىخان ئانا ئاخىرەت سەپىرىگە ئاتلىنىدىغان بولسا، يېتىم ئوغۇل، يېتىم قىزغا كىم ئىگە بولىدۇ؟ كىم ئۇلارغا ھىمات بولۇپ پاناھىغا ئالىدۇ؟ ئانىنىڭ كېچە-كۈندۈز ئويلايدىغىنى مانا شۇ ئىدى.
    ئاشۇ ئالىتوپىلاڭ يۈز بەرگەن قالايمىقان كۈنلەردە توپتىن ئايرىلغان قوزىلىق ساغلىقتەك يالغۇز قالغان بۇ بىچارە ئانا-بالىلارغا ياخشىلىق كۆزى بىلەن قارىغانلاردىن سوپى بەگدىن ئۆزگە ھېچكىم يوق ئىدى. سوپى بەگ ئاستا-ئاستا ئىشەنچلىك، ساداقەتمەن، ۋاپادار ئادەم بولۇپ كۆرۈنۈۋاتاتتى. بۇ خۇددى «موللا يوق يەردە ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراھمان» دېگەندەكلا ئىش ئىدى. بالىلىرىنى بىرەرسىگە تاپشۇرۇشقا موھتاج بولۇۋاتقان كېسەل ئانىغا سوپى بەگدىن ئىبارەت ئاشۇ ساقاللىق ئۆچكىنى ئابدۇراھمان دېمەكتىن ئۆزگە ئامال يوق ئىدى. كېسىلى بوھرانىغا يېتىپ، تېنى راسا ئاجىزلاشقان بىركۈنى، ئانا سوپى بەگنى ياستۇقى يېنىغا ئىما قىلدى ۋە بالىلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. ئانا تۇنجى سۆزىنى ئېيتقاندا سوپى بەگ «بالىلار مۇسۇلمان ۋە موللا بولۇپ ئۆسۈپتۇ، مەن ئاشۇ كۈنىلا ئۇلارنى ئۆز ھىمايەمگە ئالغانمەن، سىلى خاتىرجەم بولسىلا» دېدى. ئانا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنىڭ چاپىنىنىڭ ئەستىرىگە شىرىۋېتىلگەن زىخچا ئالتۇنلارنى تىلغا ئالغاندا، سوپى بەگ «بالىلارنى جېنىم بىلەن قوغدايمەن، ئۆز بالامدەك قاتارغا قوشىمەن، ئۆي-ئوچاقلىق قىلىمەن، مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ئۇلار مەڭگۈ يېتىملىك دەردىگە مۇپتىلا بولمايدۇ...» دەپ قەسەم قىلدى. قەسەمگە «قۇرئان كەرىم»نى ۋە ئاتا-ئانىسىنى شىپى كەلتۈردى. گەپ-سۆزلىرى بەكلا تەسىرلىك ۋە ئۆزى ھاياجانغا چۆمگەنىدى. ھەۋزىخان ئانىغا ئۇنىڭ ھاياجانلىنىشلىرى يۇقتىمۇ ۋە ياكى شۇنداق قىلىش زۆرۈر دەپ قارىدىمۇ، ئانا ئوغلىنىڭ ئۈستىدىكى چاپاننى سالدۇرۇپ سوپى بەگكە تاپشۇردى ۋە 11 تال زىخچا ئالتۇننى بىر-بىرلەپ ساناپ-سىلاپ سوپى بەگكە كۆرسەتتى. ئاشۇلارنى خىراجەت قىلىپ بالىلارنى قاتارغا قېتىشنى قايتا-قايتا ئۆتۈندى.
    شۇنداق قىلىپ دەسلەپكى 11 تال زىخچا ئالتۇن سوپا بەگنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئالتۇنغا ئېرىشكەن سوپى بەگ نېمىلەرنى ئويلىدى؟ نېمە چوتلارنى سوقتى؟ بۇلار بىزگە مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئۇ كۆپ ئۆتمەي ھەۋزىخان ئانا-بالا ئۈچۈن «قارلۇق ئۆستەڭ»نىڭ شىمالىدىن، لەڭزە-سېپىلنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يول بويىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى يامۇلنىڭ ئىچىدىن−ھېلىقى ئات ئېغىلى يېنىدىكى كىچىك ئۆيدىن كۆچۈرۈپ چىقتى. ھەۋزىخان ئانا «مۇشۇ يەردە تۇرۇۋېرەيلى» دەپ قانچە تەلەپ قىلسىمۇ ئۇنىمىدى. سوپى بەگ گويا مۇشۇ يېتىم ئانا، يېتىم بالىلارغا راستتىنلا ئاتىدارچىلىق قىلىش نىيىتىگە كەلگەندەك قىلاتتى. ئانا يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزى كېسەل بولغاچقا سوپى بەگكە ئېيتماسلىققىمۇ ئامالى يوق ئىدى. ئانا ئوچاقنىڭ ئىككى تەرىپىگە كۇلۇڭنىڭ ئاستىغا كۆمۈلگەن سەككىز دانە ئالتۇننىمۇ سوپى بەگكە ئاشكارىلىدى. سەككىز دانە كېسەك ئالتۇننىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندا سوپى بەگ ھاياجاندىن تىترەپ كەتتى. ئەمما، چاندۇرمىدى. ئۆي كۆچۈش بىر كۈن كېچىكتى، شۇ كېچە سوپى بەگ بىلەن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بالا كۇلۇڭنىڭ تېگىنى كولاپ، سەككىز دانە كېسەك ئالتۇننى يەر تېگىدىن چىقاردى، شاڭ سىدىن قالغان ھەممە ئالتۇنلار سوپى بەگنىڭ قولىغا ئۆتتى.
    ھەۋزىخان ئانا يېتىم بالىلىرى بىلەن يېڭى ئۆيدە ياشاشقا باشلىدى. ھەممە لازىمەتلىكنى سوپى بەگ تەييارلاپ بېرەتتى. ھەتتا ئۇ تېۋىپ تەكلىپ قىلىپ ھەۋزىخان ئانىنىڭ كېسىلىنىمۇ داۋالاتتى. ھەۋزىخان ئانا ئاستا-ئاستا ساقىيىشقا باشلىدى. كۈنلەر ئاۋۋالقىدەكلا ئۆتۈۋاتاتتى. قۇياش ئاۋۋالقىدەكلا ئۆز قەرەلىدە شەرقتىن چىقىپ، ئۆز قەرەلىدە غەربكە ئولتۇرۇۋاتاتتى. كېرىيە دەريا ساھىلى ئىسسىپ كەتكەن، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. ئەگەر ئىشلار ئاشۇنداقلا كېتىۋەرگەن بولسا شاڭ سىدىن قالغان ئالتۇنلار سوپى بەگنىڭ قازنىقىدىكى ئورىدا يېتىۋەرگەن بولاتتى. سوپى بەگ چوقۇم ئىككى خىل يولنىڭ بىرىگە ماڭغان بولاتتى ياكى ھەۋزىخان ئانا بىلەن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بالىغا ئاخىرغىچە ئىگىدارچىلىق قىلىپ، ئالتۇنلارنى ئۇلار ئۈچۈن خىراجەت قىلىپ، بىزنىڭ سوپى بەگ ھەققىدە ساداقەتمەنلىك ھېكايىسىگە قەلەم يۈرگۈزۈشىمىزگە سەۋەب بولاتتى ۋە ياكى ئالتۇنلارغا خىيانەت قىلىپ، نامەردلەرنىڭ ئاقىۋىتى بولغان لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. ۋەھالەنكى، «لەۋھۇلمەھپۇز»دا پۈتۈۋېتىلگەن قىسمەت ئالتۇنلارنى سوپى بەگنىڭ قولىدا توختاتقۇزمىدى. 72 يىلنىڭ نېرىسىدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن ئۇچۇر پەقەت كۇلۇڭنىڭ تېگىگە كۆمۈلگەن ئالتۇنلارنى ھەۋزىخان ئانا سوپى بەگكە كۆرسىتىپ قويغان. ئوغلى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭدىن خەۋەر ئېلىشنى تاپىلىغان، دېگەندىن ئىبارەت. ئەمما، « كېرىيە تارىخ ماتېرىياللىرى» دېگەن كىتاب ئارقىلىق بىزگە سوپى بەگ ئالتۇنى توغرىسىدا باشقا بىر ھېكايە يېتىپ كېلىدۇ، ئەمدى ئاشۇ ھېكايىگە قۇلاق تۇتايلى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.