بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)10

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-28 10:10:17

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) كۈلكىلىك ھەرىكەتلەر ۋە چاققان پىقىراشلار بىلەن ئورۇنلىنىدىغان بۇ ئۇسۇل ئادەتتە شاىيانە، خۇشچاخچاق كەيپىياتنى ئىپادىلەيتتى. ھازىر بولسا، مېنىڭ سەۋەبىمدىن بۇ ئۇسۇل ۋ...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    كۈلكىلىك ھەرىكەتلەر ۋە چاققان پىقىراشلار بىلەن ئورۇنلىنىدىغان بۇ ئۇسۇل ئادەتتە شاىيانە، خۇشچاخچاق كەيپىياتنى ئىپادىلەيتتى. ھازىر بولسا، مېنىڭ سەۋەبىمدىن بۇ ئۇسۇل ۋەھىمىلىك تۈس ئالماقتا ئىدى. ھىرىئوت ئاياللىرىنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋېتىپ، غەزەپلىك قاراشلىرى، ئۇسسۇل نەغمىسىنىڭ ھەيۋەتلىك غەمكىن ئاھاڭدا بولۇشى، بەزمە باشلىقى – قېرى موماينىڭ قولىدىكى بالاخو چالغۇسىنىڭ شىددەتلىك نالىسى، ھەممىدىنمۇ بۇ يالىڭاچ، شاللاق خوتۇنلارنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋېتىپ پات – پات ئالدىمغا كېلىشى، ھەتتا يۈزلىرىنى يۈزۈمگە تەككۈزۈپ، ماڭا سۈكىلىشلىرى ۋە قاقاھلىغان شاڭخو كۈلكىلىرى – ئۇگانگا دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مۇراسىمنى بۇزغان ئاق تەنلىكنىڭ قانچىلىك دەھشەتلىك جازالىنىدىغانلىقىدىن روشەن دالالەت بېرىپ تۇراتتى. مەن ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۈشتىن ئاۋۋال ۋەھشىي ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىقىنى ئەسلىدىم. مانا، بۇ خانىملار ئويناۋاتقان «بالېت» دراممىسى قاچان مېنىڭ قېنىمنى ئاققۇزۇش بىلەن ئەۋجىگە كۆتىرىلىدىكىن، دەپ تاقەتسىز كۈتۈپ تۇردۇم. شۇنداقلا بالاخۇ چالغۇسى مەلۇم بىر ئاھاڭدا چېلىنغاندا، ھەربىر ئايالنىڭ قىلىچ، پالتا، زىخ، ئامبۇر ۋە ھەرىلەرنى ئوتقا تىقىپ قىزىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، ئۆز جېنىمدىن ئۈمىد ئۈزدۈم.

    بەزمە ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. قىيناق قوراللىرىمۇ ئوتتا قىپ – قىزىل چوققا ئايلاندى. موماينىڭ ئىشارىتى بويىچە ئاياللار ئۇزۇن قىسقاچنى گۈلخانىغا تىقىپ، ئارقا – ئارقىدىن قىزدۇرۇلغان دەھشەتلىك قوراللارنى ئېلىشقا باشلىدى، قوراللىرى قىزىمىغانلار گۈلخاندا كۆيۈۋاتقان چۇچۇلىلەرنى ئېلىشتى.

    شۇ پەيتتە مېنى قانداق ئازاپلا كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى، ھەربىر ئۇسۇلچى ئايال مەن ئۈچۈن بىر جاللات بولىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. بەزمە باشلىقى بولغان موماينىڭ يەنە بىر ئىشارىتى بىلەن ئاياللار ھۇلاپ تۇرۇپ ئومۇمىي ناخشىنى ئاخىرلاشتۇردى، قاتتىق چارچاشتىن ھالسىزلىنىپ تەرگە پېتىپ كەتكىنىمگە قارىماي، قىزىتىلغان قوراللىرىنى بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ، بىر – بىرى بىلەن ئۇرۇشتۇرۇپ، پۈتۈن ئەتراپقا يالقۇن چېچىپ، سەكرىشىپ يۈرگەن بۇ مەككار خوتۇنلارنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم، قىزىتىلغان قوراللارنىڭ بەدىنىمگە يېقىلىشىنى، ئۇستىخانلىرىمنىڭ كۈلگە ئايلىنىشىنى، گۆشلىرىمنىڭ كاۋاپ بولۇشىنى چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ كۈتتۈم. قىزىتىلغان ئامبۇر، زىخ ۋە نەيزىلەرنىڭ بەدىنىمنى ئاچچىق كۆيدۈرىدىغانلىقىنى ئويلىسام، مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كېتەتتى... بۇ دەھشەتلىك مىنۇتلار ئىدى!

    بەختىمگە يارىشا، بۇ ئەھۋال ئۇزاققا سوزۇلمىدى، مېنى ئەسىر ئالغان نېگىرنىڭ يىراقتىن ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندا، ھىرىئوت ئاياللىرىنىڭ بەزمىسى توختاپ قالدى. ئۇ بىز تەرەپكە قاراپ: «نىمە قىلىۋاتىسىلەر؟ لەنىتى جادىگەرلەر؟ سىلەر بۇ يەردە نىمە قىلماقچى؟ مېنىڭ ئەسىرىمگە چېقىلماڭلار!» دەپ ۋارقىراپ كېلىۋاتاتتى.

    مەن كۆزۈمنى ئاچتىم، ئاللىقاچان تاڭ ئاتقان ئىدى. نېگىر غەزەپ بىلەن گۈلخان يېنىغا يېتىپ كەلدى، ئاياللار توختاپ قېلىشتى. ئۇلار بۇ نېگىرنىڭ ھەيۋىسىدىن قانچىلىك قورققان بولسا، ئۇنىڭ كەينىدە كېلىۋاتقان غەلىتە ئادەمنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قېلىشقان ئىدى.

    بۇ ئادەم شۇنچىلىك سېمىز، شۇنچىلىك پاكار ئىدىكى، ئۇنى پاپا دىيىشكىمۇ بولاتتى. ئۇ يۈزىگە ئاق نىقاپ تارتىۋالغان، نىقاپتا كۆزى ئۈچۈن ئىككى تۆشۈك، ئاغزى ئۈچۈن بىر تۆشۈك ئېچىلغان. ئادەتتە ئادەم ئۆلتۈرىدىغانلار مۇشۇنداق نىقاپ كىيىۋالاتتى. نىقاپ كەڭ ۋە ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭ بوينى ۋە گەۋدىسىنى يېپىپ تۇراتتى.

    بۇ ئادەمنىڭ يۇڭلۇق مەيدىسى ئوچۇق ئىدى. مەن مەيدىسىگە قاراپ ئۇنىڭ تېرە رەڭگىنى بايقىدىم – دە، زامبو ئىكەن، دەپ پەرەز قىلدىم. مەيدىسىدە كۈن سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن ھەللىك كۈمۈش زۇننار پارقىراپ تۇراتتى. بۇ بىرەرسىگە سوۋغا قىلىنغان زۇننارنىڭ بىر پارچىسىدەك كۆرۈندى. پەرتۇقىنى باغلىۋالغان قىزىل بەلبېغىدا سېپىل يېشىل – سېرىق – قارا پۆپۈك بېكىتىلگەن كىرىست بەلگىلىك چوڭ خەنجەر ساڭگىلاپ تۇراتتى. خەنجەرنىڭ پۆپۈكلىرى تاپىنىغىچە چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇ مەيدىسىدىكىگە ئوخشاش يۇڭلۇق، يالىڭاچ قولىدا ئاق تاياق تۇتۇۋالغان، بەلبېغىغا خەنجەر بىلەن بىللە قىممەت باھالىق مارجان تېرىقچىسىنى ئېسىۋالغان ئىدى. بېشىدا قوڭغۇراق بېكىتىلگەن ئىگىز قالپاق تۇراتتى. يېقىنلاپ كەلگەندە، بېشىدىكى قالپاقنىڭ خەبىبرانىڭ مەسخىرىۋازلىق قالپىقىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئەجەپلەندىم. پەقەت روھانىلارلا كىيىدىغان، ئىمىر – چىمىر خەتلەر ۋە ھەرىىل سۈرەتلەر سىزىلغان بۇ ئىگىز قالپاقتا قان داغلىرىمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئېھتىمال، بۇ داغلار تاغامنىڭ سادىق خىزمەتچىسى خەبىبرانىڭ قېنىدىن قالغان داغ بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، قالپاقنىڭ يات ئادەم بېشىدا پەيدا بولۇپ قېلىشى ۋە قان داغلىرى خەبىبرانىڭ ھەقىقەتەنمۇ ياتلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسەتمەمدۇ؟ دىگەن پىكىردە ئۇ بىچارە چاكارغا تېخىمۇ ئېچىندىم.

    ھىرىئوت ئاياللىرى نېگىر بىلەن بىللە كەلگەن ۋە بېشىغا خەبىبرانىڭ قالپىقىنى كىيىۋالغان بۇ پاكىنە ئادەمنى كۆرۈپ، بىردەك «ئوبى» دەپ ۋارقىراشتى – دە، ئۇنىڭغا پېشانىسى يەرگە تەككىدەك ئېگىلىپ تازىم قىلىشتى. مەن بۇ ئادەمنىڭ بىئاسۇ ئارمىيىسىدىكى باخشى، يەنى ئىمام ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

    «قويۇڭلار، بولدى قويۇڭلار!» دىدى ئۇ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ۋە

    بىئاسۇنىڭ ئەسىرىگە چېقىلماڭلار! دەپ بۇيرۇق قىلدى ئاياللارغا.

    ئاياللارنىڭ ھەممىسى تېزلا كەينىگە داجىپ، قوللىرىدىكى ھەرخىل جازا قوراللىرىنى تاشلىدى – دە، پەرتۇقلىرىنى ئېلىشىپ، ھەر تەرەپكە تارقاپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ تارقىلىشى خۇددى تەرەپ – تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئالا قاغىلار توپىغا ئوخشاش كۆرۈنەتتى.

    باخشى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا سەپسېلىپ قارىدى – دە، چۆچۈپ كەينىگە داجىدى ھەمدە قولىدىكى ئاق تاياقنى ئاياللار كەتكەن تەرەپكە تەڭلەپ، گويا ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغاندەك ئىشارەت قىلدى. ئەمما، تۇرۇپلا زەردە بىلەن «لەنىتى!» دەپ، نېگىرنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى دىدى – دە، قوللىرىنى كۆكسىگە گىرەلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر خىيال سۈرگەن ھالدا كېتىپ قالدى.

    27

    مېنى قوغداپ تۇرغان نېگىر ماڭا بىئاسۇنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر سائەتتىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىمنى، بۇنىڭغا تەييارلىنىپ قويۇشۇمنى ئۇقتۇردى.

    نىمە بولسا بولسۇن، ھەر ھالدا، بۇ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ بىر پۇرسىتى ئىدى.

    مەن بىئاسۇ بىلەن كۆرۈشۈش پەيتىنىڭ تېزرەك كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتتۈم.

    قوزغىلاڭچىلار لاگىرى ۋە ئۇنىڭ ئاجايىپ – غارايىپ مەنزىرىسى، بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل ھادىسىلەر پارقىراپ تۇرغان كۈن نۇرى ئاستىدا كۆز ئوڭۇمدا گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.

    مەن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئۆزەمنى تۇتۇۋالالمىغان بولسام، ئېھتىمال، نېگىرلارنىڭ ھەرخىل ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ۋە ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئولجا ئالغان چېركاۋ روھانىلىرىنىڭ ھەرياڭزا كىيىملىرىنى دۈمبىلىرىگە ئارتىۋېلىپ، ئەخمەقلەرچە كۆرەڭلەپ يۈرۈشلىرىنى كۆرۈپ، يەنە بىر قېتىم قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتكەن بولاتتىم. ئۇلار كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسمى قانغا بويالغان ۋە يىرتىلىپ – تىتىلىپ ئەسكى لاتىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. بەزىلىرىنىڭ مەيدىسىدە ئوفىتسىېر ئىزناكلىرى ۋە مۈرىسىدە پۈپۈكلۈك ئېپولىتلار پارقىراپ تۇراتتى. ئۆمۈر بويى ئېغىر ئەمگەككە مەھكۇم بولغان بۇ نېگىرلار زۇلۇمدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن بىخارامان دەم ئېلىۋېلىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك، ھەممىسى بىكار لاغايلاپ يۈرۈشەتتى. بىزنىڭ قوشۇنىمىزدا ھەتتا چېدىردا دەم ئېلىۋاتقاندىمۇ بۇنداق بىكارچىلىقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەسقۇ. بەزى نېگىرلار بېشىنى گۈلخان تەرەپكە قىلىپ، بەدىنىنى ئاپتاپقا قاقلاپ سوزۇلۇپ يېتىشاتتى، بەزىلىرى بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئاجۇ ئوراس دەپ ئاتىلىدىغان، خورما يوپۇرمىقى بىلەن يېپىلغان كەپىلىرى ئالدىدا ئەتراپقا غەمكىن كۆز تاشلاپ خىيال سۈرۈپ ياكى غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ ئولتۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ قارا تەنلىك ياكى مىس تەنلىك ئاياللىرى جەڭ قىلىۋاتقان ئەرلىرىگە تاماق تەييارلىشاتتى، بالىلىرى بولسا، ياردەملىشىۋاتاتتى، بۇ ئاياللارر بانان، ياڭيۇ، ياڭاق، كوكس، پىستە، كارا يىپ كاپۇستىسى قاتارلىق مېۋە كۆكتاتلارنى يەر ئىگىلىرىدىن تارتىۋالغان چوڭ قازانلاردا سېمىز چوشقا گۆشى، ئىت گۆشى ۋە تاشپاقا گۆشلىرى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، ياغاچ يەشىكلەرگە قاچىلاۋاتاتتى. لاگىردىن يىراق چەتتە ھىرىئوتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى گۈلخان ئەتراپىدا بەزمە ئۇيۇشتۇرۇشۇۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ غەلىتە ئاھاڭدا ئېيتىۋاتقان قوشاقلىرىنى ۋە گىتار، بالافۇدا چالغان مۇزىكىلىرىنى شامال يەتكۈزۈپ تۇراتتى. يېقىن ئەتراپتىكى چوققىدا بىر نەچچە كۈزەتچى ساقچىلار بىئاسۇنىڭ باش شىتابىنى كۆزىتىپ، قورۇقلاپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بىردىن – بىر قوغدايدىغىنى پۈتۈن لاگىرنى قاپلاپ كەتكەن ھارۋىلار بولۇپ، بۇ ھارۋىلارغا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەرخىل يۈك – تاقلىرى، ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە ئولجىلار يۈكلەنگەن ئىدى. ئېگىز چوققىدىكى ئۇچلۇق گرانت تاش ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، پۈتۈن ئەتراپنى دىققەت بىلەن كۈزىتىۋاتقان قارا تەنلىك مۇھاپىزەتچىلەر بىر يەردە داۋاملىق پىقىراپ تۇراتتى.ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتى ئوتتۇرا ئەسىردىكى چېركاۋ مۇنارىسى ئۈستىگە ئورنىتىلغان پىلدىرغۇچنىڭ شامالدا پىلدىرلاپ تۇرغىنىغا ئوخشاش كۆرۈنەتتى، ئۇلار پات – پات بار ئاۋازى بىلەن نادا، نادا دەپ ۋارقىرىشىپ قوياتتى. بۇ – ئۇلارنىڭ تىلىدا: ھېچقانداق خەۋپ – خەتەر يوق، دىگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى.

    ئارىلاپ ئەتراپىمغا بىر توپ نېگىرلار يىغىلىپ، مېنى تاماشا قىلىشاتتى، ماڭا غەزەپ بىلەن يامان كۆزىدە قارىشاتتى.

    28

    ئاخىرى ياخشى قوراللانغان بىر ئەترەت قېشىمغا كەلدى. مېنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئولجىسى دەپ ھېسابلاپ يۈرگەن ھېلىقى نېگىر مېنى دەرەختىن يەشتى – دە، ئەترەت باشلىقىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئەترەت باشلىقى بولسا، مېنىڭ بەدىلىمگە نېگىرغا خېلىلا ئېغىر بىر خالتا نەرسە بەردى. نېگىر دەرھال خالتىنى ئېچىپ قاراپ، پۇل بارلىقىنى كۆرۈپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۇنى ساناۋاتقاندا، ئەسكەرلەر مېنى ئېلىپ كەتتى. مەن ئەسكەرلەرنىڭ كىيىملىرىگە قىزىقتىم: ئۇلار بېغىررەڭ، سېرىق ۋە قىزىل سوكنۇدىن تىكىلگەن ئىسپانچە ھەربىي كەمزۇل كىيىشكەن بولۇپ، بېشىدىكى كاستېل قالپىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋە چوڭ قىزىل كاكار قادالغان شەپكىلىرى بۈدرە چاچلىرىنى يوشۇرۇپ تۇراتتى. يانلىرىغا ئېسىۋالغان ئوقدانلىرى خۇددى ئوۋچى خالتىسىغا ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇلار ئېغىر مىلتىق، قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن قۇراللانغان بولۇپ، بىئاسۇنىڭ مەخسۇس مۇھاپىزەتچىلىرىلا مۇشۇنداق كىيىنىدىغانلىقىنى كېيىنچىرەك بىلدىم.

    پۈتۈن لاگىرنى ئايلاندۇرۇپ تەرتىپسىز ھالدا ياسالغان قاشالاردىن خېلى ۋاقىت چۆگىلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئېگىز تاغ باغرىدىكى چوڭ غارنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. غار ئاسمان پەلەك دەرەخلەر بىلەن تورىلىپ تۇراتتى. غارنىڭ ئىچكى قىسمىغا كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك چىرايلىق گۈللۈك ئېسىل تىبەت – كەشمىر پەردىلىرى تارتىلغان بولۇپ، بۇ پەردىلەر غارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەخپىيەتلىكنى يات كۆزلەردىن ساقلايتتى، پەردە ئالدىدا مېنى ئېلىپ كەلگەن ئەسكەرلەرگە ئوخشاش كىيىنگەن بىرنەچچە ئەسكەر ئىككى رەت بولۇپ تىزىلىپ تۇراتتى.

    مېنى يالاپ كەلگەن ئەسكەرلەر باشلىقى پوستا تۇرغان ئىككى ئەسكەر بىلەن پارولنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، كەشمىر پەردىسىنىڭ بىر بۇرجىكىنى قايرىپ مېنى ئىچكىرىگە كىرگۈزدى – دە، پەردىنى چۈشۈرۈۋەتتى.

    كۈندۈزدىمۇ خۇددى گۇگۇم ۋاقتىدىكىدەك قاراڭغۇ بولۇپ تۇرىدىغان بۇ غارنىڭ ئىچىنى بەش پۇتلۇق چوڭ مىس شامدانغا قادالغان شاملار غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى. مەن ئىككى قاتار سەپ بولۇپ تۇرغان مۇلات ئەسكەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كاتتا چىنار دەرىخىنىڭ كۆتىگى ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر قارا تەنلىك نېگىرنى كۆردۈم. ئۇ ئولتۇرغان كۆتەككە گىلەم سېلىنغان ۋە تۇتى قۇشنىڭ پەيلىرى قادالغان ئىدى. بۇ ئادەم تېرە رەڭگى جەھەتتىن نېگىرلاردىن خېلىلا پەرق قىلىدىغان ساكاترا قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىدى. ئۇنىڭ كىيگەن كىيىم – كىچىكى ئۆزىگە زادىلا ياراشمىغان: چىرايلىق قىزىل يىپەك شايى بەلبېغىغا ليۇدۋىك كىرىستى ئېسىۋالغان بولۇپ، ئۇ قورسىقىدىن تۆۋەن ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۇ قوپال يېشىل ماتادا ئىشتان كىيگەن بولۇپ، ئاق كەنپەستىن تىكىلگەن كەمزۇلى شۇنچىلىك قىسقا ئىدىكى، ھەتتا كىندىكىنىمۇ ياپالمايتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئۈستىۋېشى شۇلا ئىدى. ئايىغىدا كۈلرەڭ ئۆتۈك، بېشىدا قىزىل كاكاردىسى بار دۈگلەك شىلەپە، مۈرىسىگە يەكپاي پاگون قادىۋالغان: ئوڭ مۈرىسىدىكى – گېنېراللار قادايدىغان ئىككى كۈمۈش يۇلتۇزلۇق ئالتۇن ئېپولت، سول مۈرىسىدىكى بولسا ئاددىي سېرىق سوكنۇ پاگون ئىدى. سېرىق سوكنۇ پاگون ئۈستىگە ئوڭ مۈرىسىدىكى پاگونغا ئوخشىتىش ئۈچۈن ئىككى تال مىس يۇلتۇز قادالغان. ئېپولت بولسا ئادەتتىكىچە پۆپۈكلۈك بولماي، مۈرىسىگە ناتوغرا ھالدا، ئۇدۇل كېلىشىچە يىپ بىلەن تىكىپ قويۇلغان ئىدى.

    ئۇنىڭ يېنىدا گىلەم ئۈستىدە، بىر قىلىچ ۋە چىرايلىق نەقىشلەنگەن بىر تاپانچا تۇراتتى.

    ئۇنىڭ ئارقىسىدا قۇللارچە كەڭ ئىشتان كىيىگەن ئىككى ياش بالا ئىندىمەستىن جىم تۇرۇپ، مامۇق پەي يەلپۈگۈچلەر بىلەن ئۇنى يەلپۈۋاتاتتى. قۇل بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ ئىككى بالا ئاق تەنلىك ئىدى.

    قانداقتۇ بىر چېركاۋنىڭ ئىبادەت ئورۇندۇقىدىن ئولجا ئېلىنغان ئىككى تال تۆت بۇرجەك توق قىزىل مەخمەل مامۇم تۆشەك كۆتەكنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىكى چېتىپ چۈشۈرۈلگەن يۆلەنچۈككە يۆلەپ قويۇلغان ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېنى ھىرىئوت ئاياللىرىنىڭ قەھرى – غەزىپىدىن قۇتقۇزۇۋالغان ھېلىقى باخشى، يەنى ئوبى ئولتۇراتتى. نېگىر بولسا، پادىشاھلىق بەلگىسى بولغان ھاسىنى تۇتۇپ، بەئەينى جۇڭگودا ياسالغان چىنە بۇتقا ئوخشاش قىمىرلىماي، چازا قۇرۇپ جىمجىت ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قويۇق قاشلىرى تېگىدىكى ئۆتكۈر كۆزلىرى ئاندا – ساندا قىمىرلاپ تۇراتتى، ئۇ مېنى باشتىن – ئايىغىمغىچە كۈزەتمەكتە ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.