زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى (كونا مەكتەپ)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 12:19:48

خاتىرىلەرزۇنۇن قادىرىكونا مەكتەپبىر كۈنى دادام بامدات نامىزىدىن قايتىپ كىرىپ مېنى ئويغاتتى. كىيمىمنى كىيىندۈرۈپ، يۈز-قوللىرىمنى يۇغۇزدى-دە:- ھەي، سەن ئەمدى يەتتە ياشقا كىرىپ، يوغانلا بىر ئەزى...

     

     

    خاتىرىلەر
    زۇنۇن قادىرى

     

    كونا  مەكتەپ

    بىر كۈنى دادام بامدات نامىزىدىن قايتىپ كىرىپ مېنى ئويغاتتى. كىيمىمنى كىيىندۈرۈپ، يۈز-قوللىرىمنى يۇغۇزدى-دە:

    - ھەي، سەن ئەمدى يەتتە ياشقا كىرىپ، يوغانلا بىر ئەزىمەت بولۇپ قالدىڭ، قارا بۇ ئۈستى-بېشىڭنى! بۇندىن كېيىن بۇرنۇڭنى يېڭىڭگە سۈرتمە، كىيمىڭنى پاكىز كىي جۇمۇ؟-دېدى ياقىلىرىمنى تۈزەپ تۇرۇپ.

    باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا دادام بۈگۈن مېنىڭ تازىلىغىمغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىغىنى مەن ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىن ئۇقتۇم.

    دادام كىچىككىنە ساقال تاغىقى بىلەن سېرىق ساقىلىنى تۈجۈپىلەپ تارىغاندىن كېيىن، سەللىسىنى باشقىدىن ئورىدى، پېرىجىسىنى كىيىپ مەن ئولتۇرغان جوزا يېنىغا كېلىپ:

    - قېنى ئوغلۇم، تۇر. بۈگۈندىن باشلاپ موللا بولۇش ئۈچۈن قەدەم باسىسەن،-دېدى. ئۇنىڭ قولىدا كىتاپچە سېلىنغان كىچىك  بىر جىلتا تۇراتتى.

    -دادا، بۇ نېمە كىتاپ،-ئورنۇمدىن تۇرۇپ سورىدىم مەن.

    -شەرتى ئىمان،-دېدى دادام جىلتىنىڭ بېغىنى بوينۇمدىن ئۆتكۈزۈپ. دادام شۇنداق دېدى-دە، نېرىقى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

    دادامنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن بۈگۈن مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ: ‹ئەمدى كوچىلاردا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئوينىيالمايدىغان بولدۇم› دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى، شۇ چاغدا تالاغا قۇلاق سالدىم. ئەتىيازنىڭ شامىلىدا بالىلار ئۇچۇرۇۋاتقان داقىراتما لەگلەكلەرنىڭ غۇڭۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن تاقەت قىلالماي جىلتامنىى پۇلاڭلاتقان پېتى ئېغىلغا يۈگۈردۈم. ئۇ يەردە ئاكام تۇردىنىڭ قىزىل، يېشىل رەڭدە بوياپ، تۆت چاسا قىلىپ ياساپ بەرگەن بىر تاختا داقىراتما لەگلىكىم تۇرۇسقا ئېسىغلىق تۇراتتى. بۇنى مەن دادامغا كۆرسەتمەي تىقىپ قويغان، ئۇنى مەن كۆپرەك دادام ئۆيدە يوق چاغلاردا ئۇچۇرۇپ ئوينايتتىم. چۈنكى ئۇ مېنىڭ لەگلەك ئۇچۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلمايتتى. ھازىر دادام ئۆيدە، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنى مۇشۇ تۇرقىدا مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرمەكچى. مەن ھەممىنى ئۇنتۇپ لەگلىكىمنى ئېلىشقا تەمشىلىۋېدىم، بۇ ھەرىكىتىمنى دادام سېزىپ قالدى-دە، لەگلەكنى ئېلىپ يىرتىپ تاشلىدى ۋە مېنى بىر كاچات ئۇرۇپ، يېتىلىگىنىچە مەكتەپكە ئېلىپ ماڭدى. مەن ئۇنىڭ يېنىدا يول بويى بۇرنۇمنى تارتىپ، يىغلامسىراپ كېتىپ باراتتىم.

    - مىچىلدىما، ئۇيۇنپەز، ئەخمەق،-دەپ پات-پات قولۇمنى سىلكىپ قوياتتى دادام،-ئوقۇپ موللا بولىدىغىنىغا خوش بولماي يىغلاۋاتقىنىنى قارا بۇ شۇمتەكنىڭ، مەن ساڭا ياخشىلىقچە ئېيتىپ قوياي، بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇشقا كۆڭۈل قويماي كوچىمۇ-كوچا يۈگۈرۈپ لەگلەك ئۇچۇرساڭ، خوراز سوقۇشتۇرۇپ، ئىت تالاشتۇرساڭ، گەپ ئاڭلىمىغان قۇلىقىڭنى يۇلۇڭ قولۇڭغا بېرىمەن...

    بىز شەھەر ئىچى سېپىل ياقىسىدىكى ئىككى پەنجىرلىك پاكار بىر كونا مەكتەپنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدۇق. بۇ، پوقاق موللام مەكتىۋىي، دەپ ئاتىلاتتى. مەكتەپ ئىچىدىن ئۇششاق بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ئاڭلاندى. بۇ خۇددى قارىياغاچ شاخلىرى ئۈستىدە ئۇياندىن بۇيانغا سەكرىشىپ ۋىچىرلىشىۋاتقان قۇشقاچلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئەسلىتەتتى. بىزنىڭ ئىشىكتىن كىرىشىمىز بىلەن موللام ‹خەپ-شۈك› دەپ تاياقنى ئالدىدىكى ئۈستەك ھىساۋىدىكى كەڭ كىگىز بەندىڭگە پاققىدە بىرنى ئۇردى. سىنىپ ئىچى جىمجىت بولۇپ قالدى.

    دادام:

    -ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تەقسىر،-دەپ ئوڭ قولىنىڭ ئالقىنىنى كۆكسىگە قويدى. سول قولىدىكى داستىخانغا ئوراقلىق بىر پەتنۇس تۇقاچنى بولسا موللام ئالدىدىكى بەندىڭگە قويدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يانچۇقىدىن بىر نەچچە سەر پۇل سېلىنغان كونۋېرتنى چىقىرىپ، پەتنۇسنىڭ يېنىغا قويۇپ قويدى،-ئوغلىمىز زۇنۇن، ھەزرەتلىرىدىن تەلىم-تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن بۇ مەكتەپكە كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭ ئۇستىخىنى بىزگە، گۆشى جانابلىرىغا تەئەللۇق. مۇبارەك مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ ئوبدان موللا بولۇپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز،-دادام بېشىنى ئەگدى ۋە ئوڭ قولى بىلەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىنى كۆرسەتتى،-بۇ ئاز بولسىمۇ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىمىز، ئىلتىپات قىلسىلا.

    -خوپ، خوپ، ناھايتتى ياخشى، ئىلىم-بىلىم بەرگەيمىز، ھەشقاللا،- دېدى موللام دۇئا قىلىپ، ئاچۆزلۈك بىلەن كونۋېرتنى قاتلاپ يانچۇقىغا سالدى، داستىخاننى ئېچىپ، پەتنۇستىكى نان، قۇيماقلارنى ئىككى قوللاپ كۆتۈردى-دە،

    -ھەي مەۋلان، بۇ پەتنۇسنى دەررۇ بوشىتىپ چىق،-دېدى بالىلاردىن بىرىگە قاراپ.

     ئون تۆت ياشلار چامىسىدىكى بىر تالىپچاق ئەدەب بىلەن كېلىپ پەتنۇسنى ئالدى ۋە قازناق ئۆيگە ئېلىپ بېرىپ بوشىتىپ چىقتى. مەۋلان دېگەن بۇ ئوقۇغۇچى، موللام سىرتقا چىقىپ كەتسە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان خەلپەت ئىدى. ئۇ بالىلارنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ۋە تەرتىپ ساقلىشىغا باشچىلىق قىلاتتى.

    دادام داستىخاننى ئېلىپ قايتىپ كەتتى. مەن بولسام موللامغا قاراپ ئۆرە تۇراتتىم، موللام ئۆشكە ساقال، گېلىدە مۇشتەك پوقىقى بار، يوغان بۇرت، ئەللىك ياشتىن ئاشقان، ئېگىز بوي، سېرىقراق ئادەم ئىكەن. ئۇنىڭ ئۇزۇن تۈكلۈك قېشى ئاستىدىكى چېقىر كۆزلىرىدىن ئاچچىقى يامان ئادەم ئىكەنلىگى بىلىنىپ تۇراتتى.

    ئۇنىڭ بېشىدا قاپاق سەللە، ئۇچىسىدا لەنبۆك پەشمەت، بېلىدە ساقال تاغىقى بىلەن موسفاڭ ئېسىلغان ياغلىق پوتا بار ئىدى.

     موللام بەش-ئالتە كىشى پاتقۇدەك كىگىز سېلىنغان تۆت ۋاسا سۇپىنىڭ بېرىقى چېتىگە سېلىنغان بەقەسەم كۆپە ئۈستىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كىچىك  بىر جوزا، سول تەرىپىدىكى تامنىڭ تۈۋىدە بىر غۇلاچ، بەزىسى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ھەرخىل توملۇقتىكى كۆك چىۋىق ھەم چوڭ كىشىنىڭ باشمالتىقىدەك تاياقلار باغلاقىلىق تۇراتتى. موللامنىڭ ئالدىدىكى قىرنىڭ تۈۋىگە قويۇلغان يېرىم گەزچە كەڭلىكتىكى ئېگىز پۇتلۇق بەندىڭ ھازىرقى زامان ئۈستىلىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئادەتتىكى بەندىڭلەر قويۇلغان ئىدى. موللام ماڭا ئاشۇ بەندىڭلەرنىڭ ئالدىدىكىسىنى قولى بىلەن كۆرسىتىپ:

    -ھە ئوغلۇم، قېنى ئولتۇرغىن،-دېدى.

    مەن بەندىڭگە كېلىپ ئولتردۇم. موللام ئاۋۋال بالىلارغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى. بۇ، دەرىسىڭنى ئوقۇش، دېگەننىڭ ئىشارىتى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بالىلار ئۆز دەرىسىنى ئۈنلۈك تەكرارلاشقا كىرىشتى، بىربىرىگە ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك مەنىدىكى سۆزلەر بوم ۋە ئىنچىكە ئاۋازلار بىلەن ئارىلىشىپ، مەكتەپ ئىچى ھەرىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندى.

     - قېنى، جىلتاڭنى ئېلىپ مەيەرگە قوي، ئوغلۇم!-دېدى موللام ماڭا قاراپ. مەن جىلتامنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم. ئۇ جىلتا ئىچىدىكى كىچىك كىتاپچىنى ئېلىپ:

     -بۇ، شەرتى ئىمان ئىكەن. سەن  بۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى يادلاپ بولغىچە كىتاۋىڭ يىرتىلىپ، ھېچنىمىسى قالمايدۇ. ھاي مەۋلان، بۇنىڭغا كىتابى تاراقتىن بىرىنى كەلتۈر،-دېدى. مەۋلان خەلپەت قازغاققا كىرىپ، كالىنىڭ يوغان قۇرۇق بىر تارغاق ئۇستىخىنىنى ئېلىپ چىقىپ، موللامنىڭ ئالدىغا قويدى. موللام مىس سىياداندىكى قۇيۇق قارا سىياھقا قۇمۇش قەلەمنى مىلەپ، تارغاق بېتىگە ‹‹ئە ئۇزۇ....››نى خۇشخەت بىلەن يېزىپ بەردى. تارغاقنىڭ بېشىنى سول قولۇمغا تۇتقۇزۇپ، ئوڭ قولۇمنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى خەتنىڭ بىر چېتىدىن باستۇرۇپ:

     -ئە ئۇزۇ، ھە، قېنى ئوقۇ!-دېدى موللام. مەن ئۇ نېمە دېسە شۇنى دېدىم. ئۇ بارمىقىنى سۆزمۇ سۆز يۆتكىتىپ تۇردى. بىراق، مەن ‹‹رەجىم›› دېگەن سۆزگە كەلگەندە ‹‹يەجىم›› دەپ ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ:

     - ھەي، ‹‹يەجىم›› ئەمەس، ‹‹رەجىم›› دېگىن، بولمىسا مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ،-دېدى. مەن يەنىلا ‹‹يەجىم›› دەپ ئوقۇدۇم.

     - ئەستاغپۇرۇللا! بۇنىڭ تىلى سېمىز ئىكەن!،-دېدى موللام تېرىكىپ.

    ئۇ مېنىڭ تىلىمنى ‹ي› دىن ‹رى› غا كۈلتۈرۈشنى، بېرىلگەن دەرىسلەرنى يادقا ئېلىۋېلىشىمنى مەۋلانغا تاپشۇردى، شەرتى ئىمان دېگەن كىتاۋىمنى بولسا تاختا بېشىغا ئېلىپ قويدى.

     مەۋلان مېنى ئۈچىنچى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى. ئالدىمىزدا كىتاپ قويۇش ئۈچۈن ئىككى تەرىپىگە ئىككى-ئۈچتىن كېسەك قۇيۇلغان تاختاي بار ئىدى. ئۆزىمىز بولساق زەي يەرگە سېلىپ قويۇلغان زىغىر پاخىلى ئۈستىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇراتتۇق. ئوقۇغۇچىلار ئورۇن تالىشىپ، بىر-بىرى بىلەن جەينەكلىشىپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرگەندە، مەۋلان خەلپىتىم ئۇزۇن تاياق بىلەن ئۈستى-بېشىمىزغا ئايىماي ئۇراتتى، شۇ چاغدا بىز يۈكۈنۈپ بېشىمىزنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇراتتۇق. خەلپەتكە بوي سۇنماي كۆكەمىلىك قىلغان بالىلارنى موللام ئالدىغا چاقىرتىپ، بەستلىك بالىلارغا ھاپاش قىلغۇزۇپ، يالىڭاچلانغان دۈمبىسىگە كۆك تاياق سۇنغىچە ئۇراتتى. ئەدەپكە چىققۇچىلار ئىشىكنىڭ يېنىغا ئېسىپ قويۇلغان ‹‹ئەدەپ››* تاختىسىنى ئېلىپ سىرتقا چىقاتتى. كىمكى ۋاقتىدا كىرمەي كېچىكىپ قالسا، دۈمبىسىدىن قان چىققۇچە تاياق يەيتتى ياكى پالاققا بېسىلاتتى.

     پالاققا بېسىش مۇنداق بولاتتى: نوغۇچتىن تومراق بىر كالتەكنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىردىن تۆشۈك ئېچىلىپ، ئۇنىڭغا تاسما ئۆتكۈزۈلىدۇ. قاۋۇل ئىككى ئوقۇغۇچى ئەيىپكار بالىنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ، ئىككى پۇتىنى ئاشۇ تاسمىغا ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ھاۋا تاپان قىلىپ، موللامنىڭ ئۇدۇلىغا توغۇرلايدۇ. موللام جازالانغۇچى بالىنىڭ ئۆيۈگى ياكى پوپوشىنىڭ چەمى ئۈستىگە بىر غۇلاچ چوماق بىلەن بار كۈچىنى چىقىرىپ ئۇرىدۇ. بالا پۇتىنى قىمىرلىتالماي ئاغرىق ئازاۋىدىن چىقىرايدۇ. مەكتەپ ئىچىدىكى بارلىق بالىلار قورقۇپ جىم ئولتۇرۇشىدۇ، بەزىلىرى كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالىدۇ. بۇنىڭدىن يامانراق يەنە بىرخىل جازا بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ مەكتەپتىن قاچقان ئوقۇغۇچىنى ئۈچ-تۆت بالىنى ئەۋەتىپ تۇتتۇرۇپ كېلىپ، تاپىنىنى ئۇستۇرا بىلەن تىلىپ تۇز سۈركەش. ئۈچىنچى خىل جازا: دەرس بىلمەيدىغان ناچار بالىلاردىن بىرەرسىنى ‹‹تىلى سېمىزكەن›› دەپ، تىلىى ئوتتۇرىسى يېرىق قۇمۇش نەيچىدىن ئۆتكۈزۈپ سېرىش. مەن بۇ جازالارنى كۆرگەندىن كېيىن قورقۇپ، شوخلۇق قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم. بولۇپمۇ كېيىنكى جازادىن بەك چۆچۈپ يۈردۈم. چۈنكى بىرىنچى دەرستىلا موللام مېنى ‹بۇنىڭ تىلى سېمىزكەن› دېگەن ئىدى. شۇڭا تىنماي دەرس ئوقۇيتتۇم. موللام كالا تاغىقىغا يېزىپ بەرگەن ھەرپلەرنى- ‹ئېلىپتۇ زىۋەر ئەن، ئېلىپتۇ زىر ئىن، ئېلىپتۇ پەشئۇن›لاردىكى ئەن، ئىن، ئۈنلەرنى بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۈنلۈك ئوقۇپ تەكرارلايتتىم. مەن ئاستا-ئاستا ئۇيۇنپەزلىكتىن قېلىپ ئوقۇشقا بېرىلدىم. شۇنىڭ بىلەن كالا تاغىقىنى تاشلاپ شەرتى ئىماننى ئوقۇشقا كىرىشتىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەپتىيەك ئوقۇدۇم. كېيىن يەنە ‹‹سوپى ئاللايار›› دېگەن شېئىرىي كىتاپنى ئوقۇشقا باشلىدىم ( بۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپكە كىرگىنىمگە تۆت-بەش يىل بولۇپ قالغان ئىدى). بۇ كىتاپقا قىزىقىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن موللام مېنى ماختايتتى ۋە شېئىرلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي يادلايدىغان ساۋاقداشلىرىمغا ئۈگىتىش ئۈچۈن مېنى تۆت ئوغۇل تۆت قىزغا خەلپەت قىلىپ قويدى. قىزلار مەكتەپنىڭ قىلۋې تېمى تەرەپتە ئىككى رەت بولۇپ ئولتۇراتتى. مەن كۆپرەك كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنگەن ئاق يۈزلۈك، پومبۇلاققىنا، ئوماق قىز خەيرىنساغا دەرس ئۆگىتەتتىم. ئۇنىڭغا سوپى ئاللايار شېئىرلىرىنىڭ مەنىسىنى مىسرا-مىسرا بويىچە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشاتتىم. مەسلەن، ئۇنىڭدا ھەقىقەت توغرىسىدا مۇنداق ئىككى مىسرا شېئىر بار ئىدى:

    ھەق چىراغنى ياندۇردى، قويدى،

    كىم ئانى پۈۋپ دېدى، ساقالى كۆيدى.

     بۇنىڭ مەنىسى، ھەقىقەت چىرىقى يېنىپ تۇرىدۇ، ئۇنى پۈۋدەپ ئۆچۈرۈۋېتىمەن دېگەن كىشىنىڭ ساقىلى ئوتتا كۆيىدۇ. دېگەنلىك ئىدى. مەن ئۇنىڭغا شېئىرلارنى ئەنە شۇنداق ئوقۇپ ئۆگىتىپ، ئاندىن مەنىسىنى چۈشەندۈرەتتىم.

     

     زۇنۇن قادىرىنىڭ ‹خاتىرىلەر › ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.