تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون تۆتىنچى پىرى ھەزرىتى پەھلىۋان م

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-18 01:13:31

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون تۆتىنچى پىرى ھەزرىتى پەھلىۋان مۇھەممەت كۈشتىنگىربۇ پەننىڭ ئون تۆتىنچى پىرى ھەزرىتى پەھلىۋان مۇھەممەت كۈش...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن
    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى
    مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون تۆتىنچى پىرى ھەزرىتى پەھلىۋان مۇھەممەت كۈشتىنگىر

     


    بۇ پەننىڭ ئون تۆتىنچى پىرى ھەزرىتى پەھلىۋان مۇھەممەت كۈشتىنگىردۇر. خۇدايىتائاللا ئۆز ئۈستۈنلۈگى ۋە كارامىتى بىلەن بۇ كىشىگە شۇنداق بىر قابىلىيەت ئاتا قىلغان ئىدىكى، ئۇ ھەم ئۇلۇغ ئۆلىما ھەم ئەڭ كاتتا ئەۋلىيا ھەم زەبەردەست پەھلىۋان ئىدى. مىڭ يىللار ئۆتۈپ ئۇنىڭدەك پەھلىۋان چىقمىغان. ئۇ ھەم شائىر ھەم نەغمىچى ھەم زور باي ئىدى، شۇنىڭغا مۇۋاپىق ئۇنىڭدەك خۇش خۇلۇق، خۇش سۆز ئادەم يوق ئىدى. ئۇ يوقۇرىدا ئىسمى ئېيتىلغان ئۇلۇغ ئۇستازلار باراۋىرىدە مۇزىكا ئىلمى ھەققىدە ئەسەرلەر يازدى، پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى، تۈرلۈك-تۈرلۈك ناخشا، سۆز، ئاھاڭلار ئىجات قىلدى. ئۇ ئىشلىگەن مۇقام كۈيلىرىنىڭ بىرى چاھارزەرپ بولۇپ، ھەممە ئۇستازلارنىڭ كۈيلىرىدىن ياخشى ھەم يېقىملىق بولغان ۋە تېزلا داڭ چىقارغان ئىدى. مەشھۇر ئىجادىي مۇقاملىرىنىڭ بىرى چاھارزەرپ، بىرى چاھارگاھ مۇقامى ئىدى. چاھارگاھقا مەۋلانە تۇتى* ئەلەيھىررەھىمنىڭ مۇنۇ غەزىلىنى سالغان ئىدى (باشلانما بېيىتنىڭ مەنىسى):


    ئەي ساقى، ئەجەپكى ئەتىنىڭ دەھشەتلىك ئىشلىرى نامەلۇم كېتىۋاتىدۇ.
    بۈگۈن ئۆزىمىزنى خۇش تۇتايلى، ئەتىنى كىم بىلىدۇ.


    بۇ مىربۈزرۈك تىرمىزى* نامىغا باغلىنىپ تولىمۇ مۇۋاپىق ئىش بولغان، شۇڭا خۇراسان مەملىكىتىدە، ئىراق، سەمەرقەند ۋە يەركەن خانلىقى ئىچىدە بۇنى بىلمەيدىغان نەغمىچى يوق. يەنە بىرى دۇگاھ مۇقامى بولۇپ، بۇنىڭغا مىرخىسرو دېھلىۋىنىڭ* مۇنۇ شېئىرىنى سالغان ئىدى (شېئىر):


    ئەي سېنىڭ مەڭزىڭنىڭ نۇرىدىن ھەر بىر ئۆي يورۇپ كەتتى،
    سېنىڭ چېچىڭنىڭ ھەر بىر بۈدرىسى ئۈچۈن بىر كۆڭۈل ۋەيرانە ۋە ئەسىردۇر.


    بۇ بابۇر سۇلتان نامىغا باغلىنىپ تولىمۇ تەسىرلىك ھەم مۇۋاپىق مۇقام بولغان. يەنە پەنجىگاھ مۇقامىنى ئىجات قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەزرىتى مەۋلانە كاتىبىنىڭ* بىر شېئىرىنى سالغان ئىدىكى، ئۇنى ئاڭلىغان كىشى ھوزۇرلىناتتى. بۇ مۇقام ئەجەم، مۇۋەرە ئۇننەھرى* شەھەرلىرىدە مەشھۇر بولدى. مەۋلانە كاتىبىنىڭ بۇ شېئىرىنىڭ باشلانما بېيىتى مۇنداق (مەنىسى):


    سېنىڭ رەڭگىڭ بەزىدە ئادەم ئۆلتۈرىدىغانلار قىياپىتىگە كىرىپ قالىدۇ،
    بىر تەلەپنىڭ گۇۋاچىلىغى ئۈچۈن يۈز شاھىت كېلىدۇ.


    ئۇ بۇ شېئىرنى سېلىشتا ئۇنىڭ مۇنۇ چۈشۈرگە بېيىتىنى كۆزلىگەن ئىدى (مەنىسى):


    كاتىبىدەك ئاخشىمى غەم قىلساڭ، تاڭدا ئۈمۈت قىل،
    بۇ دۆلەتكە سۇلتان ئەبۇ سەئىد كەلدى.


    بۇ سۇلتان ئەبۇ سەئىت مىرزا* نامىغا باغلىنىپ بەكمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولغان ۋە شۇنىڭ بىلەن خەلقى ئالەم ئىچىدە شۆھرەت تۇتقان. بۇ ئەزىزى بۇلاردىن باشقا يەنە بىھىساپ غەزەل، مۇقام، ئاھاڭلار ئىجات قىلدى، مەشھۇرلىرى مۇشاۋىرەك، بايادەك ۋە يوقۇرىدا ئېيتىلغان چاھارزەرپ، دۇگاھ، سىگاھ، چاھارگاھ، پەنجىگاھلار بولۇپ، غەرپ ۋە شەرق ئوتتۇرىسىدا مەشھۇردۇر، ھەممىسىنى بۇ قىسقا رىسالىگە سىغدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەزىز ئاۋال بابۇر شاھنىڭ ھوزۇرىدا خىزمەت قىلدى، كېيىن مىرزا ئەبۇ سەئىدنىڭ بەرگاھىدا يوقۇرى ئورۇن تۇتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان ساھىپ قىران ھۈسەيىن باھادىرخاننىڭ* دەرگاھىدا مەھرەم بولدى، بۇ ئەزىزنىڭ ئۇلۇغلىقىنى شۇ يەردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇ ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايى ھەزرەتلىرىدەك ئالىجاناپ زات بىلەن 40 يىل ھەمسۆھبەت، دوست بولۇپ ئۆتتى. ئەگەر بۇ كىشىنىڭ تەبىيىتىدە زەررىچە ئەيىپ بولسا ئىدى، نەۋايى ئۇنى دوستلۇققا قوبۇل قىلمىغان بولار ئىدى. ئەكسىچە، نەۋايى: ''مەن پەھلىۋان مۇھەممەت كۈشتىنگىر بىلەن 40 يىل ھەمسۆھبەت بولدۇم، بۇ جەرياندا كۆڭلۈم مالال بولغۇدەك ھىچقانداق ئىش ئۆتۈلمىدى، بەلكى دوستلۇق مۇھەببىتىمىز كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى'' دەپ يازغان. مانا بۇنىڭدىن ئۇ ئەزىزنىڭ خۇي-پەيلىنىڭ نەۋايىغا ناھايىتى يارىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. نەۋايىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، بۇ ئەزىزنى تەرىپلەپ تارىخ، ھىكايە يازغانلىقى بۇ ئەزىزگە بېرىلگەن ئەڭ يوقۇرى باھا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئەزىز شېئىرىي مۇئەمما [مەنىسى يوشۇرۇن شېئىر] ئىلمىدە دەۋرىنىڭ يىگانىسى، زاماننىڭ نادىرى ئىدى. بۇ پەن توغرىسىدا نۇرغۇن كىتاپلار يازدى. شۇ زاماندىكى شائىرلارنىڭ يۈزدىن بىرىدە مۇنداق قابىلىيەت يوق ئىدى. شائىرلار ھەرقانداق شېئىر يازسا، پەھلىۋانغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ پەندىكى سەمىمىيىتىنى ئۇنىڭ كۈشتىنگىر تەخەللۇسى بىلەن يازغان بىر شېئىرىنىڭ مۇنۇ باشلانما بېيىتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ (مەنىسى):


    مەن ئۇنىڭغا: ئىشقى ئالىمىڭدە مېنىڭ ئىشىم غەم يېيىشتۇر، دىدىم.


    ئۇ ھىراتتىكى بىر چوڭ يولنىڭ بويىغا 5 مىڭ كىشىلىك ئۆي-باغلاردىن تەركىپ تاپقان زور بىر ئىمارەت سالدۇردى، بۇ بىر مۇساپىرخانا بولۇپ، ئۇنىڭغا ''نىمەتى ئابات'' دەپ نام بەردى. پېقىرلار، دەرۋىشلەر، مۇساپىرلار ۋە يولۇچىلار كېلىپ بىر ئاي، ئىككى ئاي ھەتتا بىر يىل، ئىككى يىل تۇرۇپ قالاتتى. ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئۈچ تۈرلۈك ئالى تاماق بېرىلەتتى، ئۇلاقلىرىغا ئارپا-پىچان تەييار ئىدى. كاتتا-كىچىك ھىرات خەلقى ''نىمەتى ئابات'' تىن تاماق يەيتتى، پېقىرلاردىن باشقا بايلار، شاھزادىلەر، ۋەزىرلەرمۇ تاماق يەيتتى، ھەتتا سۇلتان ھۈسەيىن باھادىرخانغىمۇ تەييار بولغان تاماقتىن ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يەتكۈزىلەتتى. تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ماشايىخ ۋە ئۆلىمالار ھەزرىتى پەھلىۋاندىن تەلىم ئېلىپ بەش-ئون يىل تۇرۇپ قالاتتى. ئۇ سېخىلىكتە ھاتەم تەيدىنمۇ* ئېشىپ كېتەتتى. ئۇ ھەزرىتى جامى بىلەن يېقىن ئۆتەتتى، تەسەۋۋۇفتا ئۇنىڭدىن مەخسۇس ئىلتىپاتلار كۆرگەن ئىدى. ئاللاتائاللا بىر قەترە خۇندىن تۆرەلگەن بەندىسىگە شۇنچىلىك كامالەت ۋە قابىلىيەت ئاتا قىلغان ئىدىكى، ئۇ بىردىن-بىر ياراتقۇچىغا يۈز مىڭ ھەمدۇ-سانا ئوقۇش كېرەك! بۇ ئەزىز پادىشادىن گادايغىچە دوست تۇتمايدىغان ئادەم يوق ئىدى. ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلسا، پەھلىۋاننىڭ مەندىن يېقىن دوستى يوق، دەپ ئويلاپ قالاتتى. مىڭ-مىڭلىغان كىشىلەر بۇ ئەزىزنىڭ قولىدا قۇرئان ياد ئالدى. شەرىئەت ئىلمىنى ئۆگۈنۈپ ئالىم بولدى. ئۇ ھەربى ئىلىمدە سۇلتان ھۈسەيىن باھادىرخاننىڭ پۈتۈن قوشۇنىغا ئۇستاز ئىدى. ئۇ، شائىرلارنىڭمۇ ئۇستازى ئىدى. مۇزىكا ئىلمىدىمۇ ھەرخىل مۇقاملارنى ۋە مىڭلىغان شاگىرتلارنى يادىكار قىلدى. تەرىقەتتە ھەرخىل ئۇلۇغ شەيخ ۋە ھۆرمەتلىك ئەۋلىيالارنىڭ پىرى ئىدى. شۇ زاماندا دۇنيا بويىچە ئۇنىڭدەك باي يوق ئىدى. ھۈسەيىن باھادىرخان ئۇنىڭسىز ئولتۇرۇش ئۆتكۈزمەيتتى، ئۇنىڭ مەسلىھەتىسىز ئىش قىلمايتتى. پەھلىۋان بىر كۈنى تۇيۇقسىزدىن بۇھۇش بولۇپ يېقىلغىنىچە ئالەمدىن كەتتى. پادىشادىن گادايغىچە پۈتۈن خۇراسان خەلقى ھازىدار بولۇپ، گويا قىيامەت قايىم بولغاندەك بىر ئەھۋال يۈز بەردى. ئۆزى ھايات ۋاقتىدا راسلاپ قويغان ۋە ھەر كېچىسى كىرىپ ئىستىقامەت قىلىپ كەلگەن ''نىمەتى ئابات'' تىكى يەرلىكىگە ھىجرىيە 899-يىلى [مىلادى 1443-1444-يىلى] دەپنە قىلىندى. [ئايەتنىڭ مەنىسى] ''بىز ئاللانىڭ، ئاللا تەرەپكىلا قايتىمىز''.


    ____________________
    مەۋلانە تۇتى-مىلادى 15-ئەسىردە ئۆتكەن ئىران شائىرى. مىلادى 1481-يىلى ھىراتتا ۋاپات بولغان.


    تىرمىزى-ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەت بىننى ئەلى تىرمىزى. مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى، ھازىرقى سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى تىرمىز شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ شېئىر-غەزەلچىلىكتىمۇ خېلى مەشھۇر. مىلادى 869-يىلى تىرمىز شەھىرىدە ۋاپات بولغان.


    خىسرو دېھلىۋى- ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ''لاچىن'' قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ھىجرى 651-يىلى (مىلادى 1253-يىلى) كەش شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، كېيىنچە ھىندىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇھاجىرلىق تۇرمۇشىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن، ھىجرى 725-يىلى (مىلادى 1325-يىلى) 72 يېشىدا دېھلىدە ۋاپات بولغان. ئۆز ھاياتىدا <ئىسكەندەرنامە>، < لەيلى ۋە مەجنۇن>، < شېرىن ۋە خۇسرو>، <تۇغلۇقنامە>، < تارىخى دېھلى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.


    مەۋلانە كاتىبى- مىلادى 15-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئىران شائىرى. ھىجرى 839-يىلى (مىلادى 1435-يىلى) ئاستىراباتتا ۋاپات بولغان. <ھەسەت ۋە ئىشق>، <ناسىر ۋە مەنسۇر>، <بەھرام ۋە گۈلەندەم> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.


    ماۋەرە ئۇننەھرى-قەدىمكى يۇناننىڭ تارىخ ۋە جۇغراپىيە كىتاپلىرىدا ''تىرانسىئوكسانىيە'' (ئوكس_ ئامۇ دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپى) دەپ ئاتالغان. مىلادى 8-ئەسىردە ئىسلام دىنى ۋە بۇ جايلارغا تارقالغاندىن كېيىن، ماۋەرە ئۇننەھرى (دەريانىڭ نېرىقى تەرىپى) دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسىنىڭ ئارىلىغىدىكى جايلارنى كۆرسىتىدىغان جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ قالغان.


    سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا- ئەبۇ سەئىد بىننى مۇھەممەت بىننى ئەمىرانشاھ بىننى تۆمۈر. خۇراسان دۆلىتىنىڭ 1-پادىشاسى بولۇپ، ھىجرى 855-يىلى (مىلادى 1451-يىلى) تەختكە چىققان. ھىجرى 873-يىلى (مىلادى 1468-يىلى) قاراباغ دېگەن جايدا ئەزەربەيجان ۋالىسى ئۇزۇن ھەسەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.


    سۇلتان ساھىپ قىران ھۈسەيىن باھادىرخان__ ھۈسەيىن بىننى مەنسۇر بىننى بايقارا بىننى شەيخ ئۆمەر. تارىخى ئەسەرلەردە ھۈسەيىن بايقارا دەپلا ئاتىلىدۇ. بۇ خۇراسان دۆلىتىنىڭ 3-پادىشاسى بولۇپ، مىلادى 1470-يىلى تەختكە چىقىپ، مىلادى 1505-يىلى ھىراتتا ۋاپات بولغان. ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ياردىمى ئاستىدا خۇراسان دۆلىتىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جاھەتلەردىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر مۇنچە پايدىلىق ئىشلارنى قىلغان. ئۆزى مەشھۇر شائىر بولۇپ، بىرمۇنچە شېئىر ۋە غەزەللەرنى يازغان.


    ھاتەم تەي-ئەبۇ ئەدى بىننى ئابدۇللا بىننى سە’ئىد ھاتەم تەي. قەدىمكى زاماندىكى مەشھۇر ئەرەپ شائىرى. ئۇ رىۋايەتلەردە ئۆزىنىڭ ناھايىتى سېخىلىقى بىلەن داڭ چىقارغان.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.