خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (16-خوتەنگە قايتىش)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 10:50:17

خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە) ئاپتور: نۇرمۇھەممەت توختى 16- خوتەنگە قايتىش مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئايرىلغىلى 34 يىل بولغان خوتەنگە قايتىپ كەلدى. خۇنەن ...

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە) 
    ئاپتور: نۇرمۇھەممەت توختى


    16- خوتەنگە قايتىش

     

    مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئايرىلغىلى 34 يىل بولغان خوتەنگە قايتىپ كەلدى. خۇنەن چاڭشادا تۇغۇلغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئۈچۈن خوتەن ئىككىنچى ئانا يۇرت ھېسابلىناتتى، ئاتىسى يۈ يىڭخەن دارىن بىلەن ئانىسى لى مېيزى ئاغىچا مانا شۇ خوتەن شەھىرىگە دەپنە قىلىنغان، ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك غەمسىز چاغلىرى ، بالىلىق يىللىرى مانا شۇ خوتەن شەھىرىدە ئۆتكەن، 34 يىل بۇرۇن ئۆگەي دادىسى شاڭ سىغا ئەگىشىپ بىر چىقىپ كەتكەنچە ئەمدى قايتىپ كېلىشى ئىدى، ئۇ ئۆزىگە تونۇش مەنزىرە-كۆرۈنۈشلەرنى ئىزدىدى، تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ، چېپىپ ئۆتكەن كوچىلارنى تونۇماقچى بولدى، ئەمما تونۇيالمىدى، ئۆتكەن 34 يىلدا قەدىمىي شەھەر تېخىمۇ قېرىپ مۈكچەيگەن، ئولتۇرۇشۇپ-پاكارلاپ كەتكەن دۇكان-سارايلار تار ۋە ئەگرى-بۈگرى كوچىلارغا قىڭغايغانىدى، ئەمما ئۇ بىر قەرنە ئۆتكەندە قايتىپ كەلگەن ئوغلىنى ئۆزىنىڭ قېرىلىقىغا ماس بولمىغان بىر خىل شوخ ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن كۈتۈۋالدى، بۇ يەردە تىرىكچىلىك بازىرى ۋاژىلداپ، ھايات قازىنى پورۇقلايتتى. مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئادەملەر تاش يېيىتىلغان رەستىلەردە چۈمۈلىدەك مىغىلدىشاتتى، شەھەرنىڭ مەركىزىگە، گۈلباغقا سېلىنىۋاتقان ئاممىۋى مەدەنىيەت سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشى چوڭ يېڭىلىق ئىدى، ئۇ يەردە بىناكارلار ناخشا ئېيتقاچ ئىشلەپ يۈرەتتى، شەھەردە سودا-سېتىق سۇدەك ئاقاتتى، ئۈستى قېلىن تاختاي بىلەن يېپىلغان «گۈللۈك ئۆستەڭ»دە لاي سۇ بۇلۇقلايتتى، رەستە-كوچىلارنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى يوغان ئاق تېرەكلەرنىڭ ياپراقلىرى غەرب شامىلىدا چاۋاك چالاتتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئاق تېرەكلەرنى تونۇمىدى، ئۇلار ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمىگۈدەك يوغىناپ ئاسمانغا بوي سوزۇپ كىرىپ كەتكەنىدى، شاخ-پۇتاقلار ئارىسىدىكى قۇش ئۇۋىلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىنىڭ تولىمۇ ئۇزاقتا، تونۇغۇسىز ئۇزاقتا قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇ كۈنلەر راستتىنلا تولىمۇ ئۇزاقتا قالغانىدى.
    مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم خوتەن ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئىشخانىسىدا ئوتتۇرا بوي، غوللۇق، قارامتۇل چېھرىدە شالاڭ چېچەك ئىزى بار مۇتەللىپ تۇردىيۇۋنى تونۇدى، مۇتەللىپ تۇردىيۇۋ بولسا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى تونۇمىدى، ئۇنىڭ ئالدىدىكى مۇھەممەت بەگ ئۈچ يىل بۇرۇنقى مۇھەممەت بەگ ئەمەس ئىدى، كۆيگەن، قارايغان، ئورۇقلىغان ۋىجىك ئادەم ئۆزىنىڭ يېشىدىن ئون ياشلارچە چوڭ كۆرۈنەتتى، قىسمەت ئىنسان بالىسىنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەرنى سالمايدۇ؟ نېمە كۈلپەتلەرگە دۇچار قىلمايدۇ؟ تۈنۈگۈن يارام ئايغىر ئۈستىدە قۇرغۇيدەك كېرىلىپ ئولتۇرىدىغان مۇھەممەت بەگ مۇشۇمۇ؟ مۇتەللىپ تۇردىيۇۋ ئۇنىڭغا: «ھە چىشقاق، نېمە ئىش قىلىپ يۈردۈڭ؟» دېمەكچى بولدىيۇ، ئەيمىنىپ توختاپ قالدى، ئۇ كۆپ ئادەملەرگە ئاشۇنداق «چىشقاق» دەپ مۇراجىئەت قىلاتتى. ئۇنىڭ «چىشقاق» دېگىنى «يولداش» دېگىنى بىلەن ئوخشاش ئىدى، ئەمدى مانا ئاشۇ سۆزنى دېيىشتىن ئەيمىنىپ قالدى، چۈنكى ئالدىدىكى ئادەمنىڭ ئەھۋالى يېتىم قوزىدىنمۇ، چىشقاق قوزىدىنمۇ بىچارە ئىدى.
       شۇ كۈنى مۇتەللىپ تۇردىيۇۋ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ كېيىنكى ئۈچ يىللىق ھاياتى توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇنى 5-رايونغا (ھازىرقى باغچا بازىرى) ئېلىپ چىقىپ تىلماچلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى، ئۇ چاغلاردا 5-رايوندا ياڭ يىڭگو دېگەن كىشى شۇجى، دېمىن ماخمۇت، ئابدۇساۋۇت، سائادەت خانىم قاتارلىقلار رايون رەھبەرلىرى ئىدى. مۇ شۇجى ئۇلارغا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنى تونۇشتۇردى. ئېغىز تىلى تەرجىمىسىگە بەك ئۇستا ئىكەنلىكىنى تەرىپلىدى. تېخى يەنە گومىنداڭغا خىزمەت قىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا چىقىش يولى ، ھايات كەچۈرۈش يولى بېرىش كېرەكلىكىنى، ئۆزگىرىشكە يېتەكلەش لازىملىقى توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنىمۇ تىلغا ئالدى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ كېيىنچە بالىچاقىلىرىنىمۇ يۆتكەپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.
    شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم  خوتەن ناھىيە 5-رايوننىڭ تەرجىمانى بولۇپ قالدى، ئۇزاق ئۆتمەي كېرىيەدە قالغان خوتۇن-بالىلىرىنى ئالدۇرۇپ كەلدى، تۇخان خېنىم باغچا باش مەكتەپكە قاراشلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا كىرىشتى، بۇ چاغدا ئۇ ئىككىنچى ئوغلى ئابدۇغېنى يۈ باۋسىڭنى تۇغۇۋالغانىدى.
    شۇ يىللاردا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ياڭ يىڭگو شۇجىنىڭ كوپىراتسىيىدىن ھالقىپ «خەلق كوممۇناسى» قۇرۇش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى، «ئۈچ قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېز، ياخشى، تېجەشلىك ئىشلەپ سوتسىيالىزم قۇرۇش» توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى، ئومۇمىي خەلق «قاراڭغۇ تاغ»قا چىقىپ پولات تاۋلاش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى، تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «تارشىلىق»، «يالغۇز جىگدە» دېگەن يەرلەردە بوزيەر ئېچىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلغان بولۇشى مۇمكىن، يەنە دېمىن ماخمۇت، ئابدۇساۋۇت، سائادەت خانىملارنىڭ خىزمەت دوكلاتلىرىنى ياڭ يىڭگو شۇجىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە ئاشۇ 59 - 60-يىللاردىكى سۈنئىي ئاچارچىلىق مەزگىلىدە قورايدەك ئورۇقلاپ كەتكەن «باغچا»لىقلارنىڭ ئاشلىق تەلەپ قىلىش ئىلتىجالىرىنى ياڭ يىڭگو شۇجىغا ئاڭلاتقان بولۇشى مۇمكىن، يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى تەرجىمە قىلغان بولۇشى مۇمكىن، تەرجىمان دېگەننىڭ ئىشى شۇ، ئۇ گەپ-سۆزلەرنى ئۇ تىلدىن بۇ تىلغا، بۇ تىلدىن ئۇ تىلغان ئۆرۈيدۇ. تىلى، ئېغىزى، لەۋلىرى، مېڭىسى توختاۋسىز ئىشلەيدۇ. دېھقان قولىغا، پوچتىكەش پۇتىغا تايىنىپ ئىش قىلغاندەك، تەرجىمان تىلىغا تايىنىپ ئىش قىلىدۇ.
       شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم «باغچا» يېزىسىدا ئىشلەپ قالدى، 36 يۈەن ئىش ھەققى بىلەن ئائىلىسىنى باقتى. ئۇ ئۇزاق ئىشلەپ قالغانمۇ بولاتتى، ئەپسۇسكى مۇمكىن بولمىدى، 1961-يىلى «گومىنداڭ قالدۇقى» ئىكەن دېيىشتىمۇ ياكى شۇ يىللاردىكى چوڭ قىسقارتىشتا تەرجىمانلارمۇ قىسقارتىلدىمۇ، ئىشقىلىپ، ئۇنى ئىشتىن بوشىتىشتى. ئىشتىن بوشاتماق تەس ئىش ئەمەس ئىدى، ئۇ چاغلاردىمۇ خۇددى ئىشچىلار ۋاقىتلىق ئىشچى، رەسمىي ئىشچى دەپ ئايرىلغاندەك، كادىر-تەرجىمانلارمۇ رەسمىي ۋە ۋاقىتلىق دەپ ئايرىلاتتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم ۋاقىتلىق تەرجىمان ئىدى، ۋاقىتلىق تەرجىماننى «ئەمدى سىزنى ئىشلەتمەيدىغان بولدۇق» دېسىلا ئىشتىن بوشاتقان بولاتتى.
       مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ بېشىغا يەنە بىر قېتىم تاغ يىقىلدى، كۈن چۈشتى، ئۇنىڭغا يەر قاتتىق-ئاسمان يىراق بولدى، ئۇ خۇددى ئاشۇ يىلى كېرىيەدە ئىش ئىزدىگەندەك يەنە ئىش ئىزدەشكە كىرىشتى. لېكىن خوتەن دېگەن كېرىيەگە قارىغاندا كۆپ چوڭ شەھەر ئىدى، ئىش تاپماق ئانچە تەس ئەمەس ئىدى، ئۇ خوتەن ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىدىن ئىش  تېپىۋالدى. ئۇ چاغدا خوتەن ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىدە ۋۇ جۈيجاڭ، ۋاڭ جۈيجاڭ دېگەن كىشىلەر ئىدارە باشلىقى ئىدى، كېيىنكى چاغلاردا خوتەن ناھىيىسىگە ھاكىم، خوتەن شەھىرىگە شەھەر باشلىقى بولغان خېلىل ئېلى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئىدى، خېلىل ئېلىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ سەرگۈزەشتلىرىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشايتتى، مۇشۇ ئوخشاشلىق خېلىل ئېلىنى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمغا قاياش قىلدىمۇ ۋە ياكى ئىدارىنىڭ راستتىنلا تەرجىمانغا ئېھتىياجى بارمىدى؟ ئىشقىلىپ، خېلىل ئېلى ۋاسىتىچى بولۇپ ئۇنى ئاشلىق ئىدارىسىگە قوبۇل قىلدى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇن ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى بولۇپ قالدى. بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا ۋۇ جۇيجاڭ بىلەن ۋاڭ جۈيجاڭنىڭ سۆزلىرىنى يەرلىكلەرنىڭ تىلىغا، يەرلىكلەرنىڭ تىلىنى ۋۇجۈيجاڭ، ۋاڭ جۈيجاڭلارنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بەرسە بولاتتى، تېخى ياخشى يېرىمۇ بار ئىدى، چۆمۈچ تۇتقان ئادەم ئاچ قالمىغاندەك، ئاشلىق ئىدارىسىدە ئىشلىگەن ئادەم ئاشلىق خاپىلىقى تارتمايتتى، ئەپسۇسكى، ئائىلە ئىككى جايدا بولۇپ قالدى، تۇخان خېنىم يەنىلا باغچا يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ قالغانىدى، كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى ياساپ ئۆتۈۋاتقان ۋاقىت بالىلارنىمۇ چوڭ قىلغانىدى. چوڭ ئوغۇل ئابدۇقادىر يۈ خەيسىڭ باشلانغۇچنى تۈگىتىپ تېببىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى، تببىي مەكتەپ تارقىتىۋېتىلگەندە «باغچا ئوتتۇرا مەكتەپ« (سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكتەپمۇ دېيىلىدۇ)نىڭ دارىلمۇئەللىمىن سىنىپىغا ئوقۇشقا كىردى. ئىككىنچى ئوغۇل ئابدۇغىنى يۈ باۋسىڭمۇ مەكتەپكە كىردى. چوڭ ئوغۇل يەرلىكلەرنىڭ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپتە ئوقۇغانىدى، ئەمدى ئوتتۇرانچى ئوغۇل دۆلەت تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپكە كىردى، بالىلارمۇ ئاتىسىغا ئوخشاشلا قوش تىللىق بولۇپ ئۆسۈۋاتاتتى، ئىز باسار بولۇپ يېتىشىۋاتاتتى، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئىككى جايدا ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ دەم ئېلىش كۈنلىرى جەم بولۇپ تۇراتتى. جەم بولغان كۈنلەردە ئۆي خۇشاللىققا تولاتتى، بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى غورىگىل تۇرمۇشنى، قىيىنچىلىقلارنى، دەرد-ئەلەملەرنى ئۇنتۇلدۇراتتى، ھەرقانداق ئېغىر، قىيىن كۈنلەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا خۇشاللىقى بولىدۇ، ئاشۇ خۇشاللىق بىر دەقىقە بولسىمۇ بەخت تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ ئائىلىسىمۇ پات-پات بەخت ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىغا تولۇپ تۇراتتى.
       شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇخان خېنىمنىڭ بېشىغا كۈن چۈشتى، مەكتەپلەردە قانداقتۇر بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسا كېرەك، ئۇ ئوبيېكت بولۇپ قالدى. گومىنداڭ قالدۇقلىرىنى نازارەتتە تۇتۇش، ئۇلاردىن پات-پات ھېساب ئېلىپ تۇرۇش كېرەك ئىدى، شۇنداق قىلىپ تۇخان خېنىمغا ھېساب بېرىشكە توغرا كەلدى. ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئادەملەرنىڭ ئۈستىدىن نېمە گەپلەر پاش قىلىنمايدۇ دەيسىز، ئۇ ئارپا مايسىسى بىلەن كۈدىنى ئايرىيالمىغان بۇرژۇئا زىيالىيسى بولۇپ چىقتى، ئۇ چاغلاردا «بۇغداي مايسىسى بىلەن كۈدىنى ئايرىيالمايدۇ» دەپ زىيالىيلارنى ئەيىبلەش مودا ئىدى، زىيالىيلارنى ئەيىبلىمەكچى بولسا ئاشۇنداق يوقىلاڭ گۇناھلارنى ئارتىشاتتى، تۇخان خېنىم «كەسپىي مەكتەپ»تە ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلەردە، مەكتەپتىن قاچقان بالىلارنى يىغقىلى بارغاندا، ئېتىزدىكى بۇغداي مايسىسىنى كۆرۈپ كۈدىگە ئوخشايدىكەن دەپ سالغانمۇ، ئىشقىلىپ، ئەمدى ئۇنىڭغا ئاشۇ گۇناھى ئۈچۈن يامىشىۋېلىشتى، ئۆزىنى بىرقانچە قېتىم تەكشۈرۈپمۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىدى، پرىنسىپقا كۆتۈرۈشلەر، تەنقىد-كۈرەش قىلىشلار توختاي دېمەيتتى. ئۇۋالغا قالغان تۇخان خېنىم «بىر ئاي جاپا تارتىپ ئىشلىسەم بېرىدىغان مائاش ئاران 18 كوي، 18 كويغا نېمانچە تولا مالامەت بۇ؟» دەپ ئويلىدىمۇ، ئىشقىلىپ ھەرىكەتتىن قېچىپ شەھەردىكى  - ھازىرقى شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسى ئورنىدىكى ئەينى چاغدا ھاپىز ئاخۇن، غازى ئاخۇن دەڭلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئۆيگە كېلىپ يېتىۋالدى. ئۇنى قايتا-قايتا چاقىرغىلى كېلىپمۇ مەكتەپكە ئاپىرىشالمىدى. ھەرىكەتنىڭ ئوبېيكتىغا ئايلانغان بىر ئادەمنىڭ ھەرىكەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلىپ قېچىپ كېتىشى كىچىك ئىش ئەمەس ئىدى، كوممۇنا پارتكومغا، ناھىيىلىك پارتكومغا دوكلات قىلىندى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇمنىڭ ئائىلىسى بىلەن تەشكىل ئارىسىدا يەنە زىددىيەت پەيدا بولدى، تەشكىلنىڭ دىققىتى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئاغدۇرۇلدى. ئۆتكەن تارىخنى ۋاراقلاش، كونا خاماننى سورۇش كېتىۋاتاتتى، تۇخان خېنىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن تازىلىۋېتىلدى، ئىش ئاشۇنىڭ بىلەن تۈگىگەندەك بولدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئاخۇنۇم شۇنىڭ بىلەن تۈگەر دەپ ئويلايتتى، شۇڭا ئۇ يەنىلا ئىدارىدىكى ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداپ، بەش ۋاخ نامىزى ئۈچۈن جامەگە بەش ۋاخ بېرىپ يۈرۈۋەردى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.