تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ بىرىنچى پىرى خىزىر

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-17 01:57:23

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ بىرىنچى پىرى خىزىرمەرھەمەتلىك ۋە رەھمەتلىك ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنئەي خۇدا،ھىكمەت كۆرسۈتۈپ گۈلگە پۇرا...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى

    مۇزىكا  ئىلمىنىڭ بىرىنچى پىرى خىزىر

     


    مەرھەمەتلىك ۋە رەھمەتلىك ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
    ئەي خۇدا،ھىكمەت كۆرسۈتۈپ گۈلگە پۇراق ۋە رەڭ بەردىڭ، بۇلبۇلنى چىمەندە يېقىملىق سايرايدىغان قىلدىڭ.
    سېنىڭ قۇدرىتىڭدىن راۋاپ، تەمبۇر، دۇتتار، سەتتار، ئۇد، قالۇن ۋە چاڭلار نالە قىلىدۇ.
    خۇدا،شەۋقىڭنىڭ چىمەنزارىدا گۈل-چىچەكلەرنى كۈلدۈرگۈچىسەن؛گۈل ئىشقىدا بۇلبۇل، تۇتىلارنى سايراتقۇچى، يىغلاتقۇچىسەن. لەيلىنىڭ چېچىنى مەجنۇننىڭ كۆڭلىگە سىرتماق قىلغاندەك، پەرھاتنىڭ قېنىنىدىن شېرىننىڭ لېۋىنى قىزارتقاندەك، ئۇزرا جامالىنىڭ ئوتى ھارارىتىدىن ھامۇقنىڭ تېنىنى ياش گىرداۋىغا غەرق قىلغاندەك، زۆھرانىڭ ئىشقىدا تاھىرنى ساندۇققا سېلىپ تارىمدا ئېقىتقاندەك، يۈسۈپ ھۆسنىدىن، زۇلەيخا ئىشقىدىن گۈزەل ھىكايە تۈزگەندەك مېنى ئۇ نىگار ئىشقىدا ئەسىر ۋە سەرگەردان قىل؛ ئۇ قۇياش ئەتراپىدا مەندەك بىر زەررىنى تاقەتسىز ئاشىق قىل؛ مەن شۇنداق دەرىجىگە يېتەيكى، ئۇنىڭ ئىشقىدا تەمبۇرۇمنى قولغا ئالاي؛ ئۇنىڭ سۆزىنى سېغىنغاندا ئۇنى چالاي؛ گاھى نەۋايى بېيىتلىرىدىن ھەمد [ئاللاغا مەدىيە] ئىلغاپ، بەزەن لۇتفى شېئىرلىرىدىن نەئىت[رەسۇللۇللا تەرىپلەنگەن مىسرالار] يادلاپ، تەمبۇرۇم سىملىرىغا زەخمەك ئۇراي؛ ئۇ مېھىر نىگارىم شەۋقىدە باغرىمنىڭ قارا قېنىنى سىيا قىلىپ ئېزەي؛ ئۇنىڭ ئىشقىدا چۆل-باياۋاننى كېزەي؛ سېنى مەدھىيىلەپ بېيىتلەر يازاي؛ ھەبىبىڭنى تەرىپلەپ شېئىر يازاي.


    مۇناجات


    ئەي خۇدا، سەن مېنىڭ مەقسىدىم سەن،
    مېنىڭ ئىبادەت قىلىدىغىنىم سەن،
    مېنىڭ سەجدە قىلىدىغىنىم سەن،
    سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن.
    مەن سېنىڭ ئاسى قولۇڭمەن،
    مەن سېنىڭ گۇناكار قولۇڭمەن،
    مەن غەم ئىلكىدە ئەسىر بولۇپ قالدىم،
    سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن.
    ئەي قەدىمدىن رىسىق بەرگۈچى،
    كېچىرگۈچىسەن، ئەي رەھىم،
    مېنى ھاجەتتىن چىقارغىن، ئەي كەرىم،
    سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن.
    ئىشقىڭنى دىلىمغا كىرگۈزگىن،
    مەن سەتار بىلەن دۇتارنى چالاي،
    مەندە خاتالىق بار، ئەپۇ قىلغىن،
    سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن.
    مەن مۆجىزى تاقەتسىز ئاشىق بولدۇم،
    سەن بىر ئاللاغا يالۋۇردۇم،
    رەھمىڭگە ئىنتىزار بولدۇم،
    سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن.

     

     

    [ئايەتنىڭ مەنىسى]:

    “ماختاش پۈتۈن ئالەمنى تەربىيىلىگۈچى تەڭرىگە خاستۇر، رەھمەت ۋە تېنىچلىق پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ غۇجىسى [مۇھەممەت]گە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئەت ۋە ھەمرالىرىنىڭ ھەممىسىگە بولسۇن! ھەمد ۋە نەئىتتىن كېيىنكى سۆز شۇكى، ئادالەت مەملىكىتىنىڭ ئەڭ كاتتا پادىشاسى، سەخىلىك كېچىسىنىڭ تولۇن ئېيى، ئېسىللىق چىمەنزارىنىڭ گۈزەل سەرۋى، ئۇلۇغلۇق دېڭىزىنىڭ بىردىن-بىر گۆھىرى، غېرىپ-يېتىملەرنىڭ ئاتىسى، پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ يېتاكچىسى، جەمشىتتەك سۆلەتلىك، سۇلايماندەك دۆلەتلىك، يولۋاستەك غەزەپلىك، ئىسكەندەردەك مەرتىۋىلىك، خاقان سۈپەت، دەرۋىش مىجەز، ۋەتەننىڭ چىرىغى، خوتەننىڭ شاھى ئەلىشىر ھېكىم بېگىم ھەزرەتلىرى قۇياشىدىن مەندەك بىر ئەرزىمەس غېرىپ-بىچارە، جۇدالىق دەشتىدە ئاۋارە، غەم ئىلكىدە ئەسىر، بارچە ئادەمدىن تۆۋەن [كىشىگە] يەنى موللا نېمەتۇللا ئوغلى موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزىگە بىر يورۇق نۇر چۈشۈپ، مەندەك بىر زەررىنى پەلەك قۇياشىدىن ئۆتكۈزۈپ شۇنداق يارلىق بولدى: ''مۇزىكا-كۈي خوشاللىق ۋە تۇرمۇش ھوزۇرىنىڭ سەۋەپچىسىدۇر، شۇڭا پادىشادىن گادايغىچە، ئەۋلىيادىن خىرىستىيانغىچە ھەممە ئىنسانە بۇ پەندىن شاتلىنىدۇ، ئەمما، بۇ پەننىڭ ئالىملىرى ۋە كەشپىياتچىلىرى كىملەر، ئىخلاسمەن يېتەكچىلىرى كىملەر، ئۇستىلىرى كىملەر ؟ بۇنى كۆپ سازاندىلەر تا ھازىرغىچە بىلمەيدۇ. سەن بولساڭ مۇزىكىنى كەسىپ قىلغانسەن ھەم بېيىت مەملىكىتىنىڭ بۇلبۇلدەك سۇلتانى، ئەدەبىيات دۆلىتىنىڭ شېرىن سۆزلۈك تۇتىسىدۇرسەن، شۇنىڭدەك خۇش پۈتۈكچى ۋە دىلكەش ئېيتقۇچىدۇرسەن. مۇشۇ غېرىپ پەننىڭ كەشپىياتچىلىرى تارىخىدىن بىر رىسالە پۈتۈپ باشقا سازەندىلەرگە يادىكار قىلساڭ قانداق؟'' [بۇنىڭ بىلەن] گويا بىر غېرىپ چۆمۈلە ئۈستىگە تاغ يۈكلەندى، گويا بىر زەيىپ بىچارە ئۈستىگە ئاسمان يېقىلدى. بۇ بۈيۈك ئەمىرنى ئىجرا قىلغۇدەك قۇۋۋەت [مەندە] يوق ئىدى! ھەيرەت دېڭىزىغا غەرىق بولۇپ[تۇرغىنىمدا]، ''دېگىنكى، ئاللاغا، ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئۆزەڭلەردىن بولغان باشلىقلارغا بوي سۇنۇڭلار'' دېگەن ئۇلۇغ ئايەتنىڭ مەزمونى ئىسىمگە كەلدى-دە بۇ ۋاجىپ ئەمىرنى ئىجراسىز قالدۇرۇشقا چارە تاپالمىدىم. تەۋەككۈلنى تەڭرىمگە قىلىپ، بۇ ئالى ئەمىرنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىپ تارخ-تەزكىرىلەرنى يېغىپ، <تارىخى رەشىدى> [رەشىدى تارىخى]، <تەۋارىخى تەبىرى>[تەبىرى تارىخى]، <تەۋارىخى رەۋزەتۇسسەفا>[ ساپالىق باغ تارىخى]، <تەۋارىخى ھۆكۈما>[دانىشمەنلەر تارىخى]، <تەۋارىخى ئەجەم> [ئەجەم تارىخى]، <تەۋارىخى ئەرەپ>[ ئەرەپ تارىخى] لەردىن [ئاساس] تاللىدىم ۋە زور ئالىم، مۇزىكا ئۇستازلىرىدىن فىساغۇرس، فارابى، پەھلىۋان مۇھەممەت كۈچتىنگىر، ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋايى پىرىمنىڭ بۇ پەن ھەققىدە يازغان كىتاب ۋە رىسالىلىرىدىن پايدىلاندىم. ئاخىر قۇدرىتىمگە لايىق، قابىلىيىتىمگە مۇۋاپىق بۇ رىسالىنى يېزىپ، ئالەم خەلقىغە سوغا قىلدىم. بۇ رىسالىگە <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> [مۇزىكانتلار تارىخى] دەپ ئات قويدۇم.


    ئەقىل ئىگىلىرىگە، چوڭ-كىچىك سازەندىلەرگە، مەرتىۋىلىك ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرگە، شاھ ۋە گادايلارغا نامەلۇم قالمىسۇنكى، تارىخى رەۋزەتۇسسەفا ۋە تارىخى رەشىدىدە مۇنداق يېزىلغان. نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يافەسنىڭ تۈرك ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى، خۇدايىتائاللا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل بەردى. ئۇنىڭ بۇ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى خىزىر قويدى. بۇ ئوغۇل چوڭ بولغاندا تۈلكە تۇتۇپ، ئۇنىڭ تېرىسىنى كىيىم قىلىپ كېيىشنى، غىزاغا تۇز سېلىپ يېيىشنى، تەمبۇر، بەربەت، ئۇدلارنى ياساپ چېلىشنى كەشپ قىلىپ ئالەم خەلقىغە ئۆگەتتى. ئۇ زاماندا ئاتا-ئانىسى، بالىلىرى ئۆلگەن كىشىلەر مۇسىبەت ماتىمىدە تەمبۇر چېلىپ يىغلاپ، ئاندىن ئۆلۈكنى كۆيدۈرىدىغان قائىدە بار ئىدى. خىزىر يافەس ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يەركەن، خوتەن رايونلىرىنى شۇ خىزىرنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاۋات قىلغان. دېمەك بىز يەركەنلىك ۋە خوتەنلىكلەر خىزىرنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىمىز. ئۇ زاماندىن ھازىرغىچە 5850 يىل ئۆتكەن. ئۇ چاغلاردا تەمبۇرغا قوي-ئۆچكىنىڭ ئۈچەي-پەيلىرىدىن تار ئېشىپ سالاتتى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.