ئىگەرلىك ئات-تىركىشىش

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-12 07:16:41

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپتوققۇزىنچى بابتىركىشىش1تارىمنىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى بولغان ئاقسۇ دەرياسى تەڭرىتاغنىڭ خانتەڭرى ۋە تۆمۈر چوققىلىرىنىڭ قار-مۇزلىرىدىن ھاسىل بولۇپ، ئۆركەشل...

     



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

    توققۇزىنچى باب
    تىركىشىش


     

    1

     

    تارىمنىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى بولغان ئاقسۇ دەرياسى تەڭرىتاغنىڭ خانتەڭرى ۋە تۆمۈر چوققىلىرىنىڭ قار-مۇزلىرىدىن ھاسىل بولۇپ، ئۆركەشلەپ ئېقىپ كېلىدىغان نۇرغۇن ئېقىنلارنىڭ بىرىكمىسى ئىدى. ئۇ ھېسابسىز مۇنبەت زېمىنلارنى سۇغىرىپ، بۇ زېمىنلارنى باغۇ-بوستانلىققا ئايلاندۇرغانىدى.

    ئىسھاق تاغا بىرمەھەل دەريانىڭ شىمالىدا شتاب تەسىس قىلىپ تۇرغان. كېيىن ئۇ - ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ يۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ يەردە بىر بوشلۇق پەيدا بولغانىدى...

    مانا ئەمدى دەريانىڭ شىمالىنى شېڭ جەمەتى قىسىملىرى بىلەن ئاق ئورۇس ياللانمىلىرى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتاتتى. دەريانىڭ جەنۇبىغا ئابدۇنىياز كامال باشچىلىقىدىكى ئۇلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن قىسىملار كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئابدۇنىياز كامال قىسىملىرىنى سايئېرىق، ئايكۆل، قۇمباش ۋە ئاۋات غورۇچۆلگىچە جايلاشتۇرۇپ مۇداپىئە بەلۋېغى ھاسىل قىلدى. دەريانىڭ جەنۇب تەرىپىگە كۈچلۈك قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشتۇردى. شىمال تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ خىل قوراللىرىغا تايىنىپ جەنۇب تەرەپكە پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇراتتى. ئىككى تەرەپ بىر مەھەل تىركىشىش ھالىتىنى ساقلىدى.

    ئابدۇنىياز كامال پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قورال-ياراغنى تولۇقلاش ۋە شىمال تەرەپنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتۈپ پاراكەندىچىلىك سېلىش پىلانىنى ئويلاپ، داۋۇت شەمشەر قاتارلىق يۈزگە يېقىن سەرخىل چەۋەندازلىرىنى ئېلىپ غورۇچۆل ئارقىلىق مەخپىي ھالدا شەرققە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. پۈتۈن قىسىم بويىچە بۇ ئىش قاتتىق سىر تۇتۇلغانىدى. ئۇلار چاقماق تېزلىكىدە يۈرۈش قىلىپ، دەريادىن ئۆتۈپ، قاراتالنىڭ ئايىغى بىلەن سىڭىپ، شايار، كوچا قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىدى. بولۇپمۇ شېڭ جەمەتىنىڭ كوچا شەھەر ئىچى ۋە كارىزدىكى قىسىملىرىغا تۇيۇقسىز تېگىشىش ئۇسۇلى بىلەن نۇرغۇن قوراللارنى غەنىيمەت ئالغاننىڭ سىرتىدا، بىرنەچچە يۈز يېڭى پىدائىيلارنى باشلاپ شتابقا قايتىپ كەلدى ۋە قىسىم كوماندىرلىرى يىغىنىدا بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىدىن دوكلات بېرىپ دېدى:

    - ئىرادە ۋە جاسارەت بولسىلا تەقدىرنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ قېتىمقى چاقماق تېزلىكىدە ئېلىپ بارغان جەڭگىۋار يۈرۈشىمىز ئۇنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

    زەپەر نۇسرەتلىرىدىن شادلانغان ئابدۇنىياز كامال دوستى ھىدايى ۋە مۇشاۋىرى ئابدۇقادىر ھاجىنى ئەگەشتۈرۈۋېلىپ يېزا-يېزىلاردا چۈشكۈن بولۇپ ئورۇنلاشقان پىدائىي جەڭچىلەرنىڭ تۇرمۇش - مەئىشەتى ۋە قائىدە-ئىنتىزام ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتى. ئارقىدىن ئاتاقلىق «ئايكۆل مەۋلانەم» خانىقاسىنى زىيارەت قىلىپ باردى. مەشھۇر ئايكۆل ئۆستىڭى بويىغا سېلىنغان بۇ خانىقا ئىمارەتلىرى قويۇق ۋە ئاسمان-پەلەك بوي تارتقان تېرەك بوستانلىق ئوتتۇرىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ ئىمارەتلەر خانىقا بىناسى، مەدرىسە بىناسى ۋە ئوقۇغۇچى تالىپلارنىڭ تۆت چاسا قىلىپ سېلىنغان نۇرغۇن ھۇجرا-ياتاقلىرىدىن تەركىب تاپقانىدى.

    «ئايكۆل مەۋلانەم» خانىقاسىنىڭ 1937- يىللاردىكى قاراتاللىق ياش ئىمامى موللا دانىش ھەنىپى بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلگەن ياش سەركەردە ئابدۇنىياز كامالغا «ئايكۆل مەۋلانەم»نىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى تونۇشتۇرۇپ دېدى:

    - «ئايكۆل مەۋلانەم» كەم دېگەندىمۇ يەتتە-سەككىز يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە مۇقەددەس بىر جاي، بۇ جاينى شۇ چاغنىڭ ئەڭ چوڭ ئالىمى ۋە ئەللامىسى دەپ تونۇلغان مەۋلانە جالالىدىن دېگەن زات ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان. شۇ زامانلاردا چىڭگىزخان نەسەبىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇدا ئاستانە قۇرۇپ، خانلىق تەختكە چىققان (1347 - 1367- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان). تۇغلۇق تۆمۈرخان مەۋلانە جالالىدىن ھەزرىتىمنى پىر-ئۇستاز تۇتۇپ، مۇشۇ «ئايكۆل مەۋلانەم»گە تاۋاپ قىلىپ كېلىپ مۇسۇلمان بولغان. بىزنىڭ بۇ دىيارىمىزدا ئىككى قېتىم چوڭ ھىدايەت بارلىققا كەلگەن. بىرىنچى قېتىمقى، قاراخانىيلار دەۋرىدە ئەبۇنەسىر سامانىنىڭ دالالىتى بىلەن سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى؛ ئىككىنچى قېتىمقى بولسا، مەۋلانە جالالىدىن ھەزرىتىمنىڭ تەلىمى بىلەن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى.

    موللا دانىش ھەنىپى سۆزىنى تېخى ئاخىرلاشتۇرمىغانىدى. ئابدۇنىياز كامال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ساھبىخانىدىن خۇددى دەرس ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئۆسمۈر-بالىلاردەك كۆزلىرىنى ئۈزەلمەي موللا دانىش ھەنىپىنىڭ نۇتقىغا مەھلىيا بولۇپ كېتىشكەنىدى.

    دەل شۇ ئەسنادا قارا غىلجىرلارنىڭ گۈركىرەپ كېلىۋاتقان شاۋقۇنى ئاڭلاندى. ئادەملەر پاناھلىنىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ كېتىشتى. ئابدۇنىياز كامال تەمكىنلىك بىلەن مىلتىقنى بەتلەپ تەييارلىۋېلىپ، خانىقا يېنىدىكى ئەللىك مېتىرچە ئېگىز ئۆسكەن، ئاچىماق شاخلىق بىر چوڭ ئاق تېرەك ئۈستىگە خۇددى دارۋازدەك يامىشىپ چىقىپ دەللەپ تۇردى. ئايروپىلان خانىقانىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ ئابدۇنىياز كامالغا يېقىنلاپ كېلىۋىدى، ئابدۇنىياز كامال شۇئان:

    - يا! مەۋلانا جالالىدىن پىرىم!- دېگىنىچە ئايروپىلاننىڭ قورسىقىنى چەنلەپ ئاتتى. شۇئان ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىن قويۇق ئىس-تۈتەك چىقىشقا باشلىدى. پاراشۇت بىلەن سەكرىگەن ئاق ئورۇس ليۇتچىكى پەسلەپ كېلىپ تېرەك شېخىغا ئىلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى قىياپىتى خۇددى دارغا ئېسىلغان ئوغرىغا ئوخشايتتى. پىدائىي يىگىتلەر ئۇنى تۇتۇپ ئەسىرگە ئالدى. مۇشۇنداق مۆجىزىلەردىن يەنە بىر قېتىمقىسى تەخمىنەن ئىككى ھەپتىلەر ئۆتكەندىن يەنە بىر قېتىمقىسى تەخمىنەن ئىككى ھەپتىلەر ئۆتكەندىن كېيىن ئاۋاتنىڭ سىدىق كۆۋرۈكى دېگەن يېرىدىمۇ يۈز بەردى...

    شۇنىڭدىن كېيىن ئايروپىلاننىڭ كېلىشى بىرمەھەل تىنچىپ قالدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، ئابدۇنىياز كامال بىر مەخپىي ئاخبارات تاپشۇرۇۋالدى. ئۇنىڭدا قارشى تەرەپنىڭ ئەللىك-ئاتمىش چېرىكى ئوغرىلىقچە بۇ ياققا ئۆتۈپ كېچىدە ئۇچتۇرپانغا يۈرۈپ كەتكەنلىكى دوكلات قىلىنغانىدى. ئابدۇنىياز سىجاڭ شتاب قوماندانلىقىنى مويىدىن سەنمۇجاڭغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى ئىككى يۈزچە يىگىتنى باشلاپ ئىز قوغلىغان پېتى ئۇچتۇرپانغا قاراپ ئاتلاندى. يىگىتلەرنىڭ بىر قىسمى دەريا بويلاپ كۆۋرۈك تەرەپكە، يەنە بىر قىسمى خاڭگۇڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا قاراپ ئامبۇر شەكىلدە ئىلگىرىلەپ باراتتى. قارشى تەرەپ چېكىنىش يولىنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى تۇيۇپ قالدى-دە، ئالاقىزادىلىكتە بىر قىسمى ئوڭ تەرەپ بىلەن ئاقيارغا، يەنە بىر قىسمى چەپ تەرەپ بىلەن دەڭلىمە تاغلىرى ئىچىگە قاراپ قاچتى...

     

    2

     

    قوغلىغۇچىلار قاچقۇنلارنى تاڭ ئاتقۇچە قوغلاپمۇ ئۇچرىتالمىدى. قاچقۇن قىسىملارنىڭ تۈن قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ نەلەرگە غايىب بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

    ئەتىسى چۈش مەھەلدە ئابدۇنىياز كامال ۋە ئۇنىڭ قىسمى ئۇچتۇرپانغا يېتىپ باردى. بۇ يەر مۆتىۋەرلىرىدىن نۇرھاجى قاتارلىق كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك سەيناسىدا چۈشكۈن راسلاپ بۇ يېڭى چەۋەندازلارنى سېخىيلىق بىلەن مېھمان قىلدى.

    لېكىن، ئابدۇنىياز كامالنىڭ ئوي-خىيالى يەنىلا «ھېلىقى قاچقۇنلارنى قانداق ئىزدەپ تۇتۇش كېرەك؟» دېگەن نۇقتىدا ئايلىناتتى. ئۇنىڭ ئەقىل مەسلىھەتچىسى مۇشاۋىر ئابدۇقادىر ھاجى ياقۇبى ئۇنىڭغا تەكلىپ بېرىپ دېدى:

    - مېنىڭچە قاچقۇنلارنى ئىزدەيمىز دېسەك ۋاقتىمىز بىھۇدە ئىسراپ بولغۇدەك، ئۇلار ئۆزىنى ئاشكارىلىغان چاغدا بىر گەپ بولار. ئۇنىڭغىچە بىز بۇ يەردىكى قورال-ياراغ كارخانىسىدىن پايدىلىنىپ يېڭى قورال-ياراغ تەييارلىۋالساق، بۇ يەردە تىككۈچىلىك كارخانىسىمۇ بار ئىكەن، پىدائىيلارنى بىر قۇر يېڭى كىيىم-كېچەكلەر بىلەن تەمىنلىۋالساق. بۇ ئىككى ئىش بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە تەلتۆكۈس پۈتىدۇ.

    ئابدۇنىياز كامال بۇ ئورۇنلۇق تەكلىپىنى دەرھال قوبۇل قىلدى ۋە بۇ ئىشلارنى بېجىرىشكە مۇشاۋىرى ئابدۇقادىر ھاجىنى مەسئۇل قىلدى. ئۇچتۇرپان مۇداپىئەسىگە داۋۇت شەمشەرنى مەسئۇل قىلىپ بۇيرۇق چىقاردى. ئۆزى بىر بەن قاراۋۇللىرى بىلەن نۇرھاجى سەيناسىدا قېلىپ شتاب ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇردى.

    قولى بوشاپ قالغان بىر كۈنى، ئۇ ساھىبخانا نۇرھاجىنىڭ باشلامچىلىقىدا توققۇز بۇلاقنى زىيارەت قىلدى، ئارقىدىن مۆلجەر تاغ ئۈستىگە چىقىپ شەھەر ئەتراپىغا نەزەر تاشلاپ بۇ يۇرتنىڭ گۈزەللىكىگە ھەيران قالدى. بۇ يەرنىڭ شىمالىي پاسىلىنى بويلاپ غەربتىن شەرق تامان ئاقىدىغان توشقان دەرياسىنىڭ شاۋقۇنلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، دەريا ساھىلىدا تۇتاش كەتكەن قويۇق دەل-دەرەخلەر، باغلار قەد كۆتۈرگەنىدى. يىراقتا تەڭرىتاغنىڭ قارلىق چوققىلىرى باش كۆزنىڭ ئالتۇن نۇرىدا تاۋلىنىپ مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇراتتى.

    بىر مەھەلدىن كېيىن ساھىبخانىنىڭ مۆلجەر تاغ توغرىسىدىكى ھېكايىسى بىردىنلا ئابدۇنىياز كامالنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىۋالدى، نۇرھاجى بۇنىڭدىن بىر ئەسىر بۇرۇن بۇ يەردە يۈز بەرگەن «جىگدە يېغىلىقى»، «رەھمىتۇللا پالۋاننىڭ تەرجىمىھالى» ۋە «مۆلجەر تاغ جېڭى» توغرىسىدا ھېكايە قىلغانىدى، ئابدۇنىياز كامال تەسىرلىنىپ بۇ تاغقا قۇربان بولغانلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلدى.

    نۇرھاجى كۆپنى كۆرگەن ۋە نۇرغۇن مۇتالىئە سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ، كۆپلىگەن تارىخىي ھېكايىلەرنى توپلىغان بىلىملىك شەخس ئىدى.

    - ئاۋۇ تەرەپكە قارىسىلا،- دەپ يېڭى ھېكايىسىنى باشلىماق بولدى ساھىبخانا نۇرھاجى،- بىز ھازىر تۇرۇۋاتقان مۇشۇ تاغنىڭ غەربىي تەرىپىدە «دۇلدۇل ئوقۇر» دېگەن مەشھۇر تارىخىي ئابىدە بار، بۇ ھەقتە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان ئاجايىپ قىزىقارلىق تارىخىي رىۋايەت بار. بۇ رىۋايەت تۇران شاھى ئافراسياپنىڭ  دۇلدۇل مىنگەن لەشكەرلىرى بىزنىڭ ئۇچتۇرپاندا ئۇزۇن تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئافراسياپ توغرىسىدا ئوبۇلقاسىم فىردەۋس (920 - 1021- يىللار) نىڭ مەشھۇر «شاھنامە»ناملىق كىتابىدا ناھايىتى كۆپ ھېكايىلەر سۆزلىنىدۇ. «شاھنامە»نىڭ ھېكايىلەشتۈرۈلگەن تۈركچە نۇسخىسىنى مەنمۇ كۆپ ئوقۇغان. ئافراسياپ ئادىللىقتا ۋە باتۇرلۇقتا ھەقىقەتەن تەڭدىشى يوق بۈيۈك شەخس ئىكەنىدۇق.

    ئابدۇنىياز كامال ساھىبخانىنىڭ تارىخ ساۋاتىغا قايىل بولغانىدى، ئۇ ئارقىدىنلا يۇمۇرلۇق قىلىپ سوئال قويۇپ دېدى:

    - خەلقىمىزدە «ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار» دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار. «دۇلدۇل ئوقۇر» مۇشۇ يۇرتتا بولغىنىغا قارىغاندا ئافراسياپ مۇشۇ ئۇچتۇرپانلىق ئوخشىمامدۇ؟

    نۇرھاجى كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋابەن دېدى:

    - بۇ نۇقتىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، رىۋايەتتە ئۇچتۇرپاننى ئافراسياپ ئۆزى بەرپا قىلغان دېگەن مەلۇماتمۇ بار. بۇ يۇرتتا يەنە ئافراسياپنىڭ ئوقۇرىدىن باشقا «قۇلان سارىق» قاتارلىق يايلاقلارمۇ بار. سەركەردە، راستىنى دېسەم، ئۆزلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ بىر پارچىسىمۇ مۇشۇ ئۇچتۇرپانغا مەنسۇپ، ئاڭلىسام سىلى توقسۇندىن ئىكەنلا، بىزنىڭ ئۇچتۇرپاندىمۇ «توقسۇن» دەيدىغان بىر يېزا بار. بۇ مەھەللە «جىڭدە يېغىلىقى»دىن كېيىن توقسۇنلۇقلارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ بەرپا قىلىنغانىكەن. مەن سىلىنى ئاشۇ يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق، مەن يېقىن ھەمسۆھبەت بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بىر مويسىپىت كىشى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى ئارزۇلاپ قېلىۋاتىمەن. ئىككىڭلار تۇغقان چىقىپ قالامسىلەر تېخى!

    ئابدۇنىياز كامال بۇ يېڭى ئۇچۇرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق قىزغىن پاراڭ بىلەن مۆلجەر تاغ ئۈستىدىن پەسلەپ چۈشۈپ سەينا ئالدىغان كەلگەنلىرىنى تۇيماي قېلىشتى.

    پېشايۋاننىڭ ئالدى تەرىپىگە گۈل-گىياھلار ئۆستۈرۈلگەن، توغرا تامغا يۆلەپ ئېگىز ۋە كەڭ قىلىپ ياسالغان تاختايلىق سۇپا ئۈستىگە قىپقىزىل زىلچا-گىلەملەر سېلىنغان، سەينانىڭ ئىچىدىكى غايەت چوڭ تېرەكنىڭ ھەر تەرەپكە غۇلاچ يايغان شاخلىرى ئاستىدا مۇشاۋىر ئابدۇقادىرھاجى بىلەن بىر سۆلەتلىك مېھمان ئۆزئارا قىزىق پاراڭ قىلىشىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە نۇرھاجى بىلەن كوماندىر قورۇغا كىرىپ كەلدى-دە، ئۇلار سالام بېرىشكەندىن كېيىن زىلچا سېلىنغان سۇپىغا جەم بولۇپ مۇڭداشتى.

    - بۇ مېھماننى بۈگۈن بۇ يەرگە مەن باشلاپ كېلىۋاتىمەن،- دېدى مۇشاۋىر، ئابدۇنىياز كامالغا سۆھبەتدىشىنى تونۇشتۇرۇپ،- ئىسىم-شەرىپى ئەمەت پاختا، بۇ زات بۇ ناھىيە بانكىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى. ئۇ، بۈگۈن بىزگە قۇرۇق قول كەلمىدى، ئەللىك سەر ئالتۇن، بەش يۈز سەر كۈمۈش، ئون تال مىلتىق سوۋغات ئالغاچ كەلدى.

    ئەمەت پاختا بېشىغا قارا دۇخاۋا تاشلىق نېپىز سەرپۇش، پۇتىغا قارا شىبلىت، ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك چەكمەندىن جىلىتكە كىيىۋالغان ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئىدى. ئۇ سوۋغاتلىق ماللىرىنى ئوتتۇرىغا يايغاندىن كېيىن مۇددىئاسىنى بايان قىلىپ دېدى:

    - مېنى ئەسلىدە كىشىلەر ئەمەت كارۋان دېيىشىدۇ. ئەمەت پاختا دېگەن لەقىمىمۇ ئاشۇ كارۋان سودىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن ئىسھاق تاغىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىن توپلىغان سەكسەن مىڭ تۇياق چارۋا ماللىرىنى ئۇچتۇرپاندىن قاراقولغا ئۆتكۈزۈشكە ياردەملەشتىم. بۇ جاپالىق سودىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت خوجىدارىمۇ مەن ئىدىم، كېيىن بۇ يەردىكى بانكىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلەندىم. ھەربىرلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئاڭلاپ ئۇچتۇرپان ساقچى خادىملىرى قېچىپ كېلىشتى. ئۇلار ئېلىپ مېڭىشقا ئارتۇقچە يۈك بولۇپ قالغان ئون تال مىلتىقنى بانكىغا ئامانەت قويۇپ قاچقانىدى. بۈگۈن ئۇلارنىمۇ ئالغاچ كەلدىم.

    ئابدۇنىياز كامال بۇ غەنىيمەتلەردىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئىزھار قىلىپ، ئەمەت پاختىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئىسھاق تاغىنىڭ شورا تەرەپ بىلەن بولغان سودا مۇئامىلىسى توغرىسىدا ھېچقانداق گەپ ئاچمىدى.

    شۇ ئەسنادا، نۇر ھاجىنىڭ ئوغلى ئابدۇۋاھىت سويغان ئەركەك پاقلاننىڭ گۆشى پىشىپ تەييار بولغانىدى. پاراڭ ئاياغلىشىشقا ئۈلگۈرتۈپ داستىخان سېلىندى ۋە بىرنەچچە لېگەن تاۋاققا ئەت كەلتۈرۈلدى. مېھمانلار بىرلىكتە خاسىيەتلىك زىياپەتتىن ھۇزۇرلاندى.

     

    3

    ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن ئابدۇنىياز كامال بىلەن مۇشاۋىر ئابدۇقادىر ھاجى بىرلىكتە قورال-ياراغ ئىشخانىسى بىلەن كىيىم تىكىش كارخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتى. قورال-ياراغ ئىشخانىسىنىڭ بۇرۇنقى پېشقەدەم ئۇستىلىرى تارقىلىپ كېتىپ قالغاچقا، شاگىرت-ئۇستىلارنىڭ ئوق-ياراقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە قىينىلىۋاتقانلىقى سېزىلىپ تۇراتتى.

    - ھەسىنەي، ئاشۇ پەيزاۋاتلىق ئۇستام مۇھەممەد پەرەڭنى قولدىن چىقىرىپ قويمىساق بوپتىكەن.

    ئابدۇقادىرھاجى ئەپسۇسلانغان ھالدا پىچىرلاپ ئابدۇنىياز كامالنىڭ كۆزىگە قارىدى.

    - مەيلى كېرەك يوق،- دېدى ئابدۇنىياز كامال جاۋابەن،- قولىمىزدىمۇ ئاز-تولا قورال-ياراغ بار. ھاجىتىمىزدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمىزنىڭ جاسارىتىمۇ قورال-ياراغ بىلەن باراۋەر. مۇھەممەد پەرەڭنىڭ بالا-چاقىلىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇنى ئۆيگە قايتىشقا ئىجازەت بېرىۋەتتۇق. ھازىر ۋاقتىمىز قىس، ئەتە-ئۆگۈنگىچە كېتىپ قالىمىز، بۇ يەردىكى ئىشلىرىمىزنى تېزلىتەيلى.

    ......

    ئىككىيلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا نۇرھاجىنىڭ ئوغلى ئابدۇۋاھىت كېلىپ ئابدۇنىياز كامالنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى. توقسۇن كەنتىدىن كەلگەن سېلىم بوۋاي دېگەن ياشانغان كىشى نۇرھاجىنىڭ ئۆيىدە ھىدايى بىلەن كۈتۈپ قالغانىدى. ئابدۇنىياز كامال بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كاسىپلار ئىشخانىسىدا ئابدۇقادىرھاجىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆزى يۈرۈپ كەتتى.

    بېشىغا كۈرەك تۇماق، ئۇچىسىغا يىرتىق چاپان، پۇتىغا كونا كەش كىيىۋالغان، ياش قۇرامى سەكسەنلەرگە يەتكەن سېلىم بوۋاي نۇرھاجىنىڭ قورۇسىدىكى يوغان تېرەككە يۆلىنىپ، ئىچىدە بىرنېمىلەرنى ئوقۇپ ئولتۇراتتى.

    ئابدۇنىياز كامال سەيناغا كىرگەن پېتى سېلىم بوۋايغا سالام بېرىپ، ئۇنى زىلچا سېلىقلىق تاختاي سۇپىغا تەكلىپ قىلدى. نۇرھاجى سىرتقا چىقىپ كەتكەچكە، ئوغلى ئابدۇۋاھىت ساھىبخانىلىق قىلىپ بوۋاينىڭ ئالدىغا داستىخان كەلتۈردى. نۇرھاجى مۆلجەر تاغ ئۈستىدىكى ۋەدىسى بويىچە بوۋاينى بۈگۈنگە توغرىلاپ ھىدايى ئارقىلىق ئاچا تاغدىن تاپتۇرۇپ كەلگەنىدى.

    ئابدۇنىياز كامال بوۋاينىڭ ئۆي تۇرمۇشىدىن بىرقۇر ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن ئاچا تاغدىكى ياڭخى  مەھەللىسى ۋە توقسۇنلۇقلارنىڭ يىلتىزى توغرىسىدا گەپ تەشتى. بوۋاي چاي سۈمۈرگەندە چاي ساقىندىسىدىن نەمدىلىپ قالغان ئاپئاق ساقىلىنى ئالىقىنى بىلەن ئېرتىۋەتكەندىن كېيىن ھېكايىسىنى باشلىدى:

    - بۇ بىرنەچچە قەرنە بۇرۇنقى ئىشلار ئىكەن. مېنىڭ دېمەتلىكلىرىم ھەممىسى مۇشۇ يېڭى توقسۇندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇق. بوۋامنىڭ رىۋايەت قىلىپ بېرىشىچە، كۈنچىقىش تەرەپتىكى توقسۇن، تۇرپان دېگەن دېگەن يۇرتلار سۈيى قىس، ئوت ئىسسىق ئوخشايدۇ. كارىز كولاپ يەر ئاستىدىن سۇ ئېلىپ تېرىقچىلىق قىلىدىكەن. توقسۇنلۇقلار ئاقتاش ئەۋلىياسىغا يالۋۇرۇشۇپ: «ئىسسىقتىن قاقشىدۇق، سەگىتىڭ پىرىم؛ سۇسىز قاقشىدۇق، سۇ بېرىڭ پىرىم» دەپ ئىلتىجا قىلىشىدىكەن، كۈنلەر-ئايلار ئۆتۈپ ئاقتاش ئەۋلىياسىدىن بىر كۈنى سادا كېلىپ: «سالقىن جايغا كېتىمىز، ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار» دەپتۇ-دە، ئاقتاش ئەۋلىيا غايىب بوپتۇ. تۇرپان، توقسۇن، پىچانلىقلار ھېلىقى ئاقتاش ئەۋلىيا قوزغالغان يەردىكى پارچە تاشلاردىن تېرىۋېلىپ ئاقتاش ئەۋلىيانى ئىزدەپ مېڭىپتۇ. ئاقتاش ئەۋلىيا ئۇلارنى ئۇچتۇرپان ئاچا تاغدا كۈتۈۋاپتۇ. بۇ يەردىكى توقسۇن، پىچان، ياڭخى دېگەن يېڭى يۇرتلار ئەنە شۇنداق بىنا بولغانىكەن. بۇ يېڭى يۇرت راست دېگەندەك ھاۋاسى سالقىن، سۈيى ئەلۋەك، تۇپرىقى مۇنبەت جاي...

    سېلىم بوۋاينىڭ ھېكايىسى تارىخىي رېئاللىقنىڭ رىۋايەتلەشتۈرۈۋېتىلگەن ۋارىيانتى بولسىمۇ، ھەرھالدا تۇرپان ئويمانلىقىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ يىلتىزى تۇتاش ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بەرگەنىدى.

    - ماۋۇ ئىككىمىزمۇ،- دېدى ئابدۇنىياز كامال يېنىدىكى دوستى ھىدايىنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ،- تۇرپان ئويمانلىقىدىكى توقسۇن ئاقتاشتىن بولىمىز. مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆزلىرى بىلەن دىدار كۆرۈشكىنىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق.

    - ھە، مۇنداق دېسىلە،- دەپ سۆزىنى داۋام قىلدۇردى بوۋاي ھەيران بولۇپ،- يېقىندا بىزنىڭ كەنتتە بىرمۇنچە مىش-مىش پاراڭلار ئاۋۇپ كەتكەنىدى. كونا يۇرتتا قوچقار پالۋان دېگەن بىر يىگىت چىقىپ سىجاڭ بوپتۇمىش، ئۇ ناھايىتى ئۇستا مەرگەنىكەن، شېڭ دۇبەننىڭ بىرمۇنچە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋاپتىمىش، ئۇنىڭ بوينىدا ئاقتاشلىق تۇمار بولۇپ، شۇنىڭ خاسىيىتىدىن قوچقار پالۋانغا ئوق ئۆتمەسمىش، قوچقار پالۋاننىڭ يەنە بىر ئېگەرلىك دۇلدۇل ئېتى بولۇپ، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ماڭارمىش... مۇشۇنداق پاراڭلار ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرۈشۈۋاتىدۇ. مانا بۈگۈنزە، ئاقتاشلىق پىرىم ھەققىدە قەسەم قىلىمەنكى، ئاشۇ قوچقار پالۋان دەل جانابلىرى ئوخشاشلا، بۇ يۇرتقا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىرىغا مۇبارەك بولسۇن، تەڭرىم باسقان ئىزلىرىنى نۇسرەتلىك، تەنلىرىنى قۇدرەتلىك قىلسۇن!

    سېلىم بوۋاي بىلەن بولغان مەنىلىك سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال بىلەن ھىدايى ئۇنى قورۇ دەرۋازىسىغىچە ئۇزىتىپ قويدى.

    ئابدۇنىياز كامال قورۇغا قايتىپ كىرگەندىن كېيىن بوۋاينىڭ بايىقى ھېكايىسىنى قايتا ئېسىدىن ئۆتكۈزدى. بوۋاينىڭ سۆزى ئۇنىڭ قەلبىگە قاتتىق تەسىر قىلغانىدى. ئۇ، بۇ يۇرتقا تېخىمۇ كۈچلۈك مۇھەببەت باغلاپ مەكتەپلەرنى، كەنت-يېزىلارنى ئارىلاپ چىقماقچى بولدى. بىراق ھاۋا رايى ئۇنىڭ بۇ شېرىن خىياللىرىغا يول قويمايتتى.

    شۇ كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى يېتىپ كەلگەن خەۋەردىن شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى ئارالنىڭ ئاياقچى دېگەن يېرىگە توپلىنىپ ئاقيارنىڭ لاتا جاي تەرىپىگە ئۆتۈۋاتقانلىقى، شىمال تەرەپتە مىنونوفنىڭ «تۆتىنچىلىرى»  سەپەرۋايدا پەيدا بولغانلىقى ئېنىقلاندى.

    ئابدۇنىياز كامال بۇ جىددىيەتلىككە تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، داۋۇت شەمشەرنى يۈز ئادەم بىلەن ئاقسۇ دەرياسىنىڭ كۆۋرۈكىنى قوغداشقا ماڭدۇردى. ئۆزى قالغان پىدائىيلارنى باشلاپ قاقشال تەرەپكە يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.