خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 5

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 17:13:44

خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا شۇنىڭ بىلەن، چوڭ پارتلاش بىلەن ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى ئوخشاش بىر ئىش دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئالىملار، مەلۇم بىر تەبىئەتتىن تاشقىرى جەريان بارلىق فىزىكا قانۇنلىرىغ...

     


    خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا


     

    شۇنىڭ بىلەن، چوڭ پارتلاش بىلەن ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى ئوخشاش بىر ئىش دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئالىملار، مەلۇم بىر تەبىئەتتىن تاشقىرى جەريان بارلىق فىزىكا قانۇنلىرىغا خىلاپ شەكىلدە، ئانتى ماددىلار يانداشمىغان ماددىلارنى ئالەمگە كىرگۈزگەن دەپ قىياس قىلىشقا مەجبۇر بولۇشتى، ھالبۇكى، «ئاجايىپ نۇقتىدا بارلىق فىزىكا قانۇنلىرى رولىنى يوقىتىدۇ» دېگەندەك مۇجمەل گەپلەر كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى ئازايتالمىدى.

    لېكىن يېقىندا بۇ خىل قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر يولى تېپىلغاندەك قىلىدۇ. گەرچە تەجرىبىخانا شارائىتىدا، مادد بىلەن ئانتى ماددا ھەمىشە جۈپ ھالەتتە بارلىققا كېلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەن چاغدىكى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا، ئازراق ماددا كۆپرەك پەيدا بولغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت خىل ئاساسىي كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ سۈرەتلەپ بەرمەكچى بولغان نەزەرىيە تەتقىقاتى كىشىلەردە يۇقىرىقىدەك قاراشنى پەيدا قىلدى (ئون بىرىنچى بابتا بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مۇھاكىمە يۈرگۈزىمىز). نەزەرىيىۋى ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، تېمپېراتۇرا ئوننىڭ 27ىنچى دەرىجىسى گىرادۇسقا يەتكەندە (بۇنداق تېمپېراتۇرا پەقەتلا ئالەم پەيدا بولغان دەسلەپكى ئوننىڭ 36ىنچى دەرىجىسى سېكۇنتتا ئاندىن بارلىققا كېلىدۇ)، ھەربىر بىر مىليارد دانە ئانتى پروتون ھاسىل بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا 1000000001 دانە پروتون ھاسىل بولغان. ئوخشاش قائىدە بويىچە، ئېلېكترونمۇ پوزىتروندىن بىر مىلياردتىن بىر دانە كۆپ پەيدا بولغان.

    گەرچە شۇنچىلىكلا كۆپ پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتاين زور بولغان. كېيىنكى زور قىرغىنچىلىقتا، بىر مىليارد جۈپ پروتون بىلەن ئانتى پروتون بىر-بىرىنى يوقىتىپ تاشلاپ، جۈپى يوق بىردانە پروتون ۋە بىردانە يېگانە ئېلېكترونلا قېپقالغان. تەبىئەتنىڭ پىلانى سىرتىدىكى قوشۇمچە ماددا دېيىشكە بولىدىغان بۇ قالدۇق زەررىچىلەر كېيىن بارلىق يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنى تەشكىل قىلغان ماددىلار بولۇپ قالغان، بارلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلار ۋە پلانېتلار، يەنە بىز ئىنسانلارنىڭ تېنىمىزمۇ مۇشۇ ماددىلاردىن تەشكىل تاپقان. مۇشۇ نەزەرىيىگە ئاساسلانغاندا، بىز ياشاۋاتقان بۇ ئالەم ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى قالدۇق غەيرىي تەڭپۇڭ ھالەتتىكى ماددىلاردىن تەشكىل تاپقان، بۇ ماددىلار بولسا تەسەۋۋۇر قىلىش تەس قىسقا پەيتتىكى چوڭ پاتلاشتىن قېپقالغان نەرسىلەردىن ئىبارەت.

    فىزىكا ئالىملىرى، باشقا بارلىق ياخشى نەزەرىيىلەرگە ئوخشاش، ماددىنىڭ كېلىپ چىقىشى مەنبەسىنى مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈش خېلىلا قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە دەپ ھېس قىلىشىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئېنىق دەلىل-ئىسپاتىنى قەيەردىن تېپىش كېرەك؟

    ھازىر تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا بولىدىغان ئىككى ھېسابلاش نەتىجىسى بار دېيىشكە بولىدۇ. بىرىنچى نەتىجە چوڭ پاتلاشنىڭ دەسلىپىدىكى بىر مىليارد دانە زەررىچە بىلەن ئانتى زەررىچىلەرنىڭ چوڭ كۆلەمدە بىر-بىرىنى يوقىتىپ تاشلىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر مىليارد دانە زەررىچە بىلەن ئانتى زەررىچىلەر بىر-بىرىنى يوقىتىپ تاشلىغاندىن كېيىن، يەنە بىر دانە ئارتۇق زەررىچە قېپقالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيىمۇ ئىسسىقلىق شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان بولۇشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن.

    (قىسقارتىلدى)

    ئۇنداقتا، ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرىدىكى ئىلگىرىلەشلىرى راستىنلا بىزنىڭ تەبىئىي جەرياندىن پايدىلىنىپ ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشەندۈرەلەيدىغان بولغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ بۇ مەسىلىگە قارىتا، نۇرغۇن ئىلاھىيەتشۇناسلار كۈچلۈك ئىنكار قىلىش پوزىتىسىيىسىدە بولماقتا. بىز تەسۋىرلىگەن ئۇ جەريانلاردا، ماددا يوقلۇقتىن پەيدا بولغان بولماستىن، بەلكى ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان ئېنېرگىيە ماددىغا ئايلانغان. بىزنىڭ ئالدى بىلەن ماددا پەيدا قىلىشقا سەرپ قىلىنغان ئېنېرگىيىنىڭ قەيەردىن كەلگگنلىكىنى چۈشەندۈرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئەجەبا، بۇنى راستتىنلا تەبىئەتتىن تاشقىرى چۈشەنچە بىلەن چۈشەندۈرۈش لازىممۇ؟

    شۇنداق بولسىمۇ، ماددىنىڭ ئېنېرگىيىگە ئايلىنىشىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياتچان بولغىنى تۈزۈك. ئېنېرگىيە ئىگىلەش خېلىلا تەس ئۇقۇم، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا تېخىمۇ شۇنداق. ئېنېرگىيە دېگەن نېمە؟ ئېنېرگىيىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ناھايىتى كۆپ شەكلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ پەقەت ھەرىكەتتىن ئىبارەتلا بولۇشى مۇمكىن. تەجرىبىخانىدا زەررىچىلەرنى ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەتتە ئۆزئارا سوقۇشتۇرغاندا، ئىلگىرى پەقەتلا ئىككى دانە زەررىچە بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە تۆت دانە زەررىچە بارلىققا كېلىدۇ. يېڭى زەررىچىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بولسا، ئەسلىدە بار بولغان ئىككى دانە زەررىچىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنى ئۆزىگە بەدەل قىلغان. كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ھەرىكەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ماددىغا ئايلىنىشى كىشىلەرگە ناھايىتى ئاسانلا ماددىنىڭ يوقلۇقتىن پەيدا بولغانلىقىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ.

    يەنە بىر ئېھتىماللىق كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئېنېرگىيە نۆل بولغان ھالەت ئىچىدە ماددىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئېنېرگىيە مۇسبەت بولۇشىمۇ، مەنپىي بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەرىكەتنىڭ ئېنېرگىيىسى ۋە ماسسىنىڭ ئېنېرگىيىسى ھەمىشە مۇسبەت بولىدۇ، لېكىن تارتىش كۈچىنىڭ ئېنېرگىيىسى، مەسىلەن، بەزى تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ ياكى ئېلېكتروماگنېت مەيدانىنىڭ ئېنېرگىيىسى مەنپىي بولىدۇ. بەزىدە يېڭى ماددا زەررىچىلىرىنى پەيدا قىلغان ماسسىنىڭ مۇسبەت ئېنېرگىيىسى دەل تارتىش كۈچى ياكى ئېلېكتروماگنت كۈچىنىڭ مەنپىي ئېنېرگىيىسىدىن تەرىپىدىن خالاس بولۇشۇپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

    (قىسقارتىلدى)

    ئالەمنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى بار، بۇ سەۋەب ئىلاھتىن ئىبارەت دەيدىغان قاراش پلاتون (گرېتسىيىلىك پەيلاسوپ) ۋە ئارىستوتېل تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، توماس ئاكۇينانىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئارقىلىق 18-ئەسىردە لېيبنىز (گېرمانيىلىك ماتېماتىكا ئالىمى ۋە پەيلاسوپ) ۋە سامۇئېل كلارك (ئەنگىلىيىلىك تەبىئىي پەن ئالىمى، ئىلاھىيەتشۇناس) تەرىپىدىن مۇكەمملەلەشتۈرۈلدى. بۇ خىل قاراش ئادەتتە خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئالەمشۇناسلىق دەلىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئالەمشۇناسلىق دەلىلىنىڭ ئىككى ئۆزگەرگگن تۈرى بار. بىرى، بىز مۇشۇ بابتا مۇھاكىمە قىلغان سەۋەب-نەتىجە دەلىلىدىن ئىبارەت. يەنە بىرى، كېيىنكى بابتا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تاسادىپىيلىقىنى ئاساس قىلىش دەلىلىدىن ئىبارەت.

    ئالەمشۇناسلىق دەلىلىنىڭ نىشانى ئىككى. بىرى، «بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى»نىڭ مەۋجۇتلۇق ئورنىنى تىكلەشتىن ئىبارەت.  بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى بولغاندا ئالەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. يەنە بىر نىشانى بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچىنىڭ ئادەتتە دىنىي ئەقىدىلەردە ئېيتىلىدىغان خۇدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت.

    ئالەمشۇناسلىق دەلىلىنىڭ خۇلاسە چىقىرىش جەريانى مۇنداق: قىلچە شۈبھىسىزكى، ھەربىر ئىشنىڭ جەزمەن بىر سەۋەبى بولىدۇ، لېكىن سەۋەب زەنجىرىنىڭ چەكسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا بارلىق شەيئىيلەرنىڭ جەزمەن بىرىنچى سەۋەبى بولىدۇ. بۇ بىرىنچى سەۋەبنىڭ ئۆزى خۇدادىن ئىبارەت. جەزمەن ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئالەمشۇناسلىق دەلىلىنىڭ نۇرغۇن ۋارىيانتلىرى بار، بەلكى ئۇلارنىڭ مەنىلىرى توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن سىرلىق چۈشەندۈرۈشلەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئالەمشۇناسلىق دەلىلى توغرىسىدىكى نەزەرىيىلەر مۇرەككەپلىشىپ، چۈشىنىكسىز بولۇپ كەتتى. بۇ يەردە، مەن بەس-مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرگە بىر قېتىم مۇۋاپىق باھا بېرىپ چىقماقچى ئەمەسمەن. مەن پەقەتلا، ئالەمشۇناسلىق دەلىلى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بەزى ئەڭ ئۇلۇغ تالانت ئىگىلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا ئېرىشتى. ئەمما بۇ بەس-مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنى لوگىكا جەھەتتىكى ۋە پەلسەپە جەھەتتىكى بەزىبىر چوڭ خاتالىقلاردىن ساقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالمىدى، دېمەكچىمەن. بىزنىڭ بۇ يەردە قىلىدىغىنىمىز، ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ قاراشلىرىدىن پايدىلىنىپ سەۋەب-نەتىجە زەنجىرى قىياسىنى يېڭىۋاشتىن تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت.

    (قىسقارتىلدى)

    ئالەمشۇناسلىق دەلىلىنى ئېتىراپ قىلغان، ئالەمنىڭ جەزمەن بىر سەۋەبى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەمما سەۋەبىنى خۇدا دېيىشتە يەنىلا بىر لوگىكىلىق قىيىنچىلىق مەۋجۇت. چۈنكى كىشىلەر بۇنىڭ ئارقىسىدىنلا: «خۇدانىڭ سەۋەبى نېمە؟» دەپ سورىسا بولىدۇ. بۇنداق مەسىلىگە قارىتا، ئادەتتىكى جاۋاب: «خۇداغا سەۋەبنىڭ لازىمى يوق. خۇدا مۇقەررەر يوسۇندا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئزىدەش كېرەك» دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. ئالەمشۇناسلىق دەلىلىنىڭ ئاساسى، بارلىق شەيئىلەرنىڭ جەزمەن بىر سەۋەبى بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىش، ئەمما ئاز دېگەندىمۇ بىر شەيئى (خۇدا)غا سەۋەبنىڭ لازىمى يوق دەپ يەكۈن چىقىرىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالەمشۇناسلىق دەلىلى ئۆزىگە زىت كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىشىلەر مەلۇم بىر شەيئى (خۇدا)نىڭ تاشقى سەۋەب يوق ئەھۋالدا مەۋجۇت بولسا بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەمشەلگەن بولسا، ئۇ ھالدا پۈتمەس-تۈگىمەس سەۋەب-نەتىجە زەنجىرى ھەققىدە ۋالاقلاپ ئولتۇرۇشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بولسۇن؟ ئالەم نېمىشقا تاشقى سەۋەب يوق ئەھۋالدا مەۋجۇت بولسا بولمايدىكەن؟ ئەجەبا، ئالەم ئۆزىدىكى سەۋەب تۈپەيلى مەۋجۇت بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىش ئۈچۈن، خۇدا ئۆزىدىكى سەۋەب تۈپەيلى مەۋجۇت بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىشتىنمۇ بەكرەك ئۇستىلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش لازىممۇ؟

    (قىسقارتىلدى)

    ئاۋگۇستىن (430-354) بۇ نۇقتىنى ئىنتايىن چۈشىنىدىغاندەك قىلىدۇ. بەزىلەر، خۇدا چەكسىز ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ تۇرۇپ، ئاخىرىدا بىر قۇتلۇق پەيتنى تاللاپ ئالەمنى ياراتقان، دەپ قارايدۇ. ئاۋگۇستىن بۇ خىل قاراشنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئالەم ۋە ۋاقىتنىڭ باشلىنىشى بار. ئالەم ۋاقىتنىڭ ئىچىدە يارىتىلغان ئەمەس، بەلكى ۋاقىت بىلەن بىللا يارىتىلغان.» ئاۋگۇستىن ياشىغان دەۋرنى، كىشىلەرنىڭ ۋاقىت ۋە بوشلۇق توغرىسىدىكى ھەرخىل خاتا قاراشلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئاۋگۇستىننى ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن، ئۇ ھازىرقى زامان ئىلمى ئالەمشۇناسلىق نۇقتىئىينەزىرىنى ئالدىن ئېيتىپ بەرگەن، دېيىشكە بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر فىزىكا خۇدا ئالەم. _