سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى(1-پىلانلاش)

يوللىغۇچى : elqem يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-18 22:27:27

سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنىتى ( سۈن ۋۇ ) ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى : ئەخمەت پاسار، چۈي بەيچىڭ 1- پىلانلاش سۈنزى ئېيتىدۇرلەركى، ئۇرۇش - دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى،ئۇ ئەسكىرىي قوشۇن ۋە خەلىقنىڭ ئۆلۈم يا كۆرۈمىگە، دۆلەتنىڭ ھ...



     

    سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنىتى

    ( سۈن ۋۇ )

     

    ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى : ئەخمەت پاسار، چۈي بەيچىڭ

     

    1- پىلانلاش

     

    سۈنزى ئېيتىدۇرلەركى، ئۇرۇش - دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى،ئۇ ئەسكىرىي قوشۇن ۋە خەلىقنىڭ ئۆلۈم يا كۆرۈمىگە، دۆلەتنىڭ ھايات يا ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك، ئۇنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش شەرت .

    دېمەك، ئۆز بىلەن دۇشمەننى بەش جەھەتتىن تەھلىل قىلىش، ئىككى تەرەپنىڭ يەتتە تۈرلۈك ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى ۋە مەغلۇبىيىتى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشل لازىم . بۇ بەش جەھەتنىڭ بىرىنچىسى خەلقنى ئىدارە قىلىش يولى، ئىككىنچسى زامان، ئۈچۈنچىسى ماكان، تۆتىنچىسى قوماندانلىق، بەشىنچىسى قانۇن .

    خەلقنى ئىدارە قىلىش يولى دېگىنىمىز ئاۋامنى پادىشاھ بىلەن بىر نىيەت - بىرمەقسەتكە كەلتۈرۈپ، پادىشاھ ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان، پادىشاھ ئۈچۈن ياشايدىغان، ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدىغان قىلىش دېمەكتۇر .

    زامان دېگىنىمىز كېچە - كۈندۈز، ھاۋا ئېچىلىش - ھاۋە - تۇتۇلۇش، قەھرىتان قىش، تۇمۇز ئىسسىق دېگەنگە ئوخشاش تۆت پەسىل ئۆزگىرىشىنى بىلدۈرىدۇ .

    ماكان دېگىنىمىز ئېگىز ۋە ئويمان يەر، يولنىڭ يىراق - يېقىنلىقى، تىك - تۈز، كەڭ - تار، پايدىلىق - پايدىسىز يەرلەر دېگەنگە ئوخشاش يەر شارائىتىنى بىلدۇرىدۇ .

    قوماندانلىق دېگىنىمىز لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، مەمىمىيلىكى، رەھىمدىللىكى، باتۇرلىقى، قەيسەرلىكى، قەئىيلىكى دېگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ .

    قانۇن دېگىنىمىز قوشۇننىڭ تەشكىلىي تۈزۈلىشى، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ئىدارە قىلىش، ئەسكىرىي تەمىنات ۋە قورال - ياراغلارنى باشقۇرۇش دېگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ .

    ئومۇمەن مۇشۇ بەش جەھەتتىكى ئەھۋاللارنىڭ لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس، بۇنى ئوبدان بىلگەنلەر غەلبە قىلىدۇ، بىلمىگەنلەر غەلبە قازىنالمايدۇ .

    دېمەك، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىش ياكى يېڭىلىش ئەھۋالىغا يەتتە تۈرلۈك ئەھۋالنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق باھا بېرىش كېرەك، يەنى قايسى تەرەپنىڭ پادىشاھى سىياسىي جەھەتتە دانا؟ قاسى تەرەپنىڭ لەشكەر باشلىقلىرى كۆپرەك قابىلىيەتلىك؟ زامان - ماكان قايسى تەرەپكە كۆپرەك پايدىلىق؟ قايسى تەرەپتە ئەمىر - پەرمانلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئوڭۇشلۇق؟ قاسى تەرەپنىڭ قورال - ياراغلىرى خىل؟ قايسى تەرەپنىڭ ئالغان تەلىماتلىرى كۈچلۈك؟ قايسى تەرەپ مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشتا ئادىل؟ بىز كىمنىڭ يېڭىشى بىلەن كىمنىڭ يېڭىلىشىغا ئەنە شۇلارغا قاراپ باھا بېرىمىز .

    ئەگەر لەشكەر باشلىقلىرى مېنىڭ پىلانىمنى قوبۇل قىلىپ، ئۇرۇشتا جەزمەن غەلبە قىلسا، مەن قېپقالىمەن؛ ئەگەر لەشكەر باشلىقلىرى مېنىڭ پىلانىمنى قۇبۇل قىلماي، ئۇرۇشتا جەزمەن بەغلۇپ بولسا، مەن كىتىپ قالىمەن .

    پايدىلىق تەدبىر دەڭسەپ كۆرۈلگەندىن كېيىن ئۇ قۇبۇل قىلنسا، تاشقى ياردەمچى شەرت قىلىشقا بولىدىغان پايدىلىق ۋەزىيەتنى ھاسىل قىلشقا بولىدۇ . ۋەزىيەت دېگىنىمىز ئۆزىمىزگە پايدىلىق شارائىتقا ئاساسلىنىپ جانلىق ھەركەت قىلىش، ئۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش دېمەكتۇر .

    ئۇرۇشتا زەڭۋازلىقنى پىرىنسىپ قىلماق كېرەك، شۇڭا ئۇرۇش قىلالايدىغان تەغدىردىمۇ ئۆزۇڭنى ئۇرۇش قىلالمايدىغان قىلىپ كۆرسەت، ئۇرۇش قىلماقچى بولغان تەغدىردىمۇ ئۆزۇڭنى ئۇرۇش قىلمايدىغان قىلىپ كۆرسەت، يېقىندىن ھۇجۇم قىلماقچى بولغان تەغدىردىمۇ ئۆزۇڭنى يىراقتىن ھۇجۇم قىلماقچى بولغان قىلىپ كۆرسەت، يىراقتىن ھۇجۇم قىلماقچى بولغان تەغدىردىمۇ ئۆزۇڭنى يېقىندىن ھۇجۇم قىلماقچى قىلىپ كۆرسەت . دۈشمەن ئاچكۆز كەلسە، ئۇنى ئانچە - مۇنچە نەپ بىلەن ئازدۇر، دۇشمەن پاراكەندىچىلىكتە قىلغاندا، ئۇنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەڭ، دۈشمەننىڭ كۈچى غول بولسا، ئۇنىڭدىن مۇداپىيە كۆر، دۈشمەننىڭ كۈچى قۇدرەتلىك بولسا، ئۆزۇڭنى ۋاقتىنچە دالدىغا ئال، دۈشمەن غەزەپلەنگەن بولسا، ئەتەي چىشىغا تەگ، دۈشمەن ئېھتىياتچان بولسا، ئۇنى ھەرباب بىلەن كۆرەڭلەيدىغان قىل، دۈشمەن ئارامخۇدا تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇنى ھەرباب بىلەن بىئارام قىل، دۈشمەن ئىچكى جەھەتتىن ئىناق بولسا، ئارىسىنى بۇز . دۈشمەن تەييارلىقسىز تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىل، دۈشمەن ئويلىمىغان پەيىتتە ھەركەت قىل، ھەربىي ئەربابلارنىڭ قوماندانلىق قىلىشىدىكى سىر ئەنە شۇ، ئۇنى ئالدىنئالا كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس .

    ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن غەلبە قازىنىش مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقا پىلاننىڭ ئەتىراپلىق ئىشلەنگەنلىكى، غەلبە قازىنىش شەرتلىرىنىڭ تولۇق ھازىرلانغانلىقى سەۋەب بولىدۇ؛ ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن غەلبە قازىنىش مۇمكىن ئەمەس دەپ پەرەز قىلىشقا پىلاننىڭ ئەتراپلىق ئىشلەنمىگەنلىكى، غەلبە قازىنىش شەرتىنىڭ تولۇق ھازىرلانمىغانلىقى سەۋەب بولىدۇ . پىلان ئەتىراپلىق ئىشلەنسە، غەلبە قىزاىنىش شەرتى تولۇق ھازىرلانسا، غەلبە قازىنىش مۇمكىن بولىدۇ، پىلان چالا ئىشلەنسە، غەلبە قازىنىش شەرتى تولۇق ھازىرلانمىسا، غەلبە قازىنىش مۇمكىن بولمايدۇ، ھالبۇكى، پىلان ئىشلەنمىگەن، غەلبە قازىنىش شەرتى قىلچە ھازىرلانمىغان بولسا، غەلبە قازىنىش تېخىممۇ مۇمكىن ئەمەس - تە ! بىز ئەنە شۇلارنى ئەستە تۇتساق، كىمنىڭ يېڭىشى، كىمنىڭ يېڭىلىشى ئۇچۇق ئايان بولىدۇ .

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.