خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (10- مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ «شۆت

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 09:59:26

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت توخ

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
    نۇرمۇھەممەت توختى

     

    10-باپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ «شۆتاڭ»دا

     

       ما خۇسەن بۇلاڭچىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان قان-ياشلىق ئۈچ يىل جەريانىدا، خۇنەن چاڭشالىق يۈ يىڭخەن خەلپەتنىڭ يېتىم قالغان ئوغلى 1933-يىلىدىكى توپىلاڭدا سوپى بەگ تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان خۇنەنلىك گۆرۈكەش شاڭ سىنىڭ ئۆگەي ئوغلى، نىيە «سوغراق» ئالتۇن كان رايونىدىكى روزى ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ تالىپى، قارىقاش « كالا بازىرى»لىق قىمارۋاز يۇسۇن جودانىڭ قېيىنسىڭلىسى ھەۋزىخاننىڭ بېقىپ قاتارغا قاتقان ئوغلى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ باشتىن-ئاخىر ئوقۇش بىلەنلا بولدى. ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشمىدى. ئۇنى ھېچكىم ئىزدىمىدى. ئۇمۇ ھېچكىمنى ئىزدىمىدى. ئۇ تاڭ سەھەردە چاپىنىنى كىيىپ، سەللىسىنى يۆگەپ بامدات نامىزى ئۈچۈن مەسچىتكە ماڭاتتى. نامازدىن كېيىن ئۇدۇل نىزامىدىن داموللىنىڭ ئۆيىگە باراتتى ۋە ئۇنىڭدىن بىر كۈنلۈك ساۋاق ئالاتتى. نىزامىدىن داموللام ئالدىراش چاغلاردا كېرىيە بازىرى ئىچىدىكى باشقا ئۆلىمالاردىن ساۋاق ئالاتتى. ھەممە موللا-ئۆلىمالار ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى ۋە قىزغىنلىق بىلەن ساۋاق بېرەتتى. بىلگەنلىرىنى رازىمەنلىك بىلەن ئۆگىتىپ قوياتتى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپنىڭ ئەرەبىي، پارىسى، تۈركىي ۋە ئوردۇ زۇۋانلاردىكى چۈشىنىشلىرىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە ئىمكان بەرگۈدەك دەرىجىگە يەتكەنىدى. ئۇ ساۋاق ئالغىلى بارمىغان چاغلاردا ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇپ ساۋىقىنى تەكرارلايتتى ۋە يېڭى-يېڭى كىتابلارنى ئوقۇپ، يېڭى-يېڭى بىلىملەرنى تەھسىل قىلاتتى. ئۇنىڭ ئېڭىدا ساماۋى بېشارەتلەرنىڭ كۆركەم غۇنچىلىرى پورەك-پورەك بولۇپ ئېچىلغاندا، يەتتە قات ئاسمان پىنھان سىر-مۇئەممالىرى روشەن بولغاندەك تۇيۇلاتتى. ئۇ ئاشۇ پارىسى، ئەرەبىي، تۈركىي شەرھلەر ۋە ئەدەبىياتلار ئارقىلىق شەرق ئالىملىرىنىڭ بۈيۈك ئەللامىلىرى بىلەن سۆھبەتلەر قۇرۇپ، ئۇلار بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق سىردىشاتتى ۋە مۇڭدىشاتتى. ئەللامىلەرنىڭ ھېكمەت ۋە پاساھەتتىن تويۇنغان ئەقىل دۇردانىلىرى ئۇنىڭ تەپەككۇر-تەستىقىدىن قانداق ئۆتسە، ئۆزىنىڭ قىياس ۋە ھۆكۈملىرىمۇ ئەللامىلەر تەرىپىدىن خۇددى شۇنداق تەستىقلىناتتى. ئۇ روھىيەت ئالىمىغا بارغانسېرى ئىچكىرىلەپ كىرەتتى.
    ئاشۇ كۈنلەردە مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپ ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئويلايتتى. روھىيەت ۋە مەنىۋىيەت دۇنياسىدىلا ياشايتتى. كىتابلار ۋاراقلىرى ۋە تەپەككۇر قاناتلىرىدىلا كۈن ئۆتكۈزەتتى. ئۇنىڭ قەلبى مۈلكىي ئالەم غوۋغالىرىنى مەنسىتمەس ۋە ئۇنىڭغا قىزىقماسلىق ھالىتىگە ئۆتكەنىدى. سوپى بەگنىڭ ئۆگەي دادىسى شاڭ سىدىن قالغان ئالتۇنلارنى ما خۇسەنگە تاپشۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە كۆرۈلمىدى. نە ئېچىنغانلىقىنى، نە ھەيران بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى. بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس كۆرۈلمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئۇ چاپىنىنىڭ ئەستىرىگە شىرىپ تىكىۋېتىلگەن 11 تال زىخچا ئالتۇننى بىرەر ئايچە كۆتۈرۈپ يۈرگەن چاغلاردىمۇ، ئۆگەي دادىسى ئاشۇ چاپاننى ئۇنىڭغا كىيگۈزۈپ «بۇ سېنىڭ ئۆمۈر راسخوتىڭ، توپىلاڭدىن كېيىنمۇ ئېلىۋالمايمەن، مەڭگۈ سېنىڭ بولىدۇ، چىڭ ساقلا» دەپ قايتا-قايتا تاپىلىغان چاغدىمۇ، ئۇ ئاشۇ ئالتۇنلارنى «مېنىڭ» دەپ ئويلىمىغانىدى، ئۇ گۆرۈكەشلىك ۋە قىمارۋازلىق يولى بىلەن جۇغلانغان ئاشۇ ئالتۇنلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ھارامدىن يىراق تۇرۇشنى ئويلايتتى. ئاشۇ كۈنى ھەۋزىخان ئانىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن سوپى بەگ ئاشۇ 11 تال زىخچا ئالتۇن شىرىپ تېكىۋېتىلگەن چاپاننى ئۇنىڭ ئۇچىسىدىن سالدۇرغاندا، ئۇ تېخى ئۆزىنى خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك، جىسمىلا ئەمەس، قەلبىمۇ يېنىكلەپ قالغاندەك، ۋىجدانى ئارام تېپىپ قالغاندەك سەزگەنىدى. ئاشۇ ئالتۇنلار بەدىلىگە سوپى بەگ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ يۈرگەندە تېخى ئۇنىڭ قەلبىدە بىزارلىق تۇيغۇسى كۆتۈرۈلگەنىدى.
    مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپ 20 ياشتىن ھالقىغان، ھەۋزىخان ئانىغا پۇت-قول بولغۇدەك، ئائىلىنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئالغۇدەك ياشقا يەتكەنىدى. ئەمما، ھەۋزىخان ئانا ئۇنى تىرىكچىلىك ئىشلىرىغا زادىلا قول تىققۇزمايتتى. ئۆزى بىر نېمىلەرنى قىلىپ، ئىلاجسىزلىق ئىچىدىن ئىلاج تېپىپ ئائىلىنى بېقىۋاتاتتى، خۇداغا شۈكۈر، ئۇنىڭ بۇلاڭ-تالاڭلاردىن ئامان ئۆتكۈزگەن زىبۇ زىننەتلىرى بار ئىدى، كىچىككىنە ئالتۇنخاننىڭ كىيىملىرى ئىچىگە يوشۇرغان ئالتۇنلار ئامان قالغانىدى. ھېچ ئىلاج بولمىغاندا ئاشۇلارنى گۆرۈگە قوياتتى ياكى ساتاتتى، ھەۋزىخان ئانىنىڭ كىچىك ئائىلىسى ھەرھالدا مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىپ كېلەتتى، ئانا ئوغلىغا «ئوقۇڭ بالام، ئوقۇشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ، ئائىلىنى باقىمەن دەپ ئوقۇشىڭىزنى توختاتسىڭىز بولمايدۇ» دەيتتى. ئانىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپ كىتابلارغا يەنىمۇ بەكرەك يېپىشاتتى، يېڭى-يېڭى چوڭقۇرلۇقلارغا قاراپ شۇڭغۇيتتى.
       1937-يىلى كۈزدە شېڭ شىسەي چاقىرىپ كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى ئايروپىلانلار بىلەن بومباردىمان قىلىپ، زەمبىرەكلەر بىلەن توپقا تۇتۇپ، تانكا-برونىۋىكلار بىلەن ئىلگىرىلەپ كېرىيە دىيارىغا باستۇرۇپ كەلدى، ما خۇسەننىڭ 36-دىۋىزىيىسى تىرىپىرەن بولدى، ئۆلگىنى ئۆلۈپ، قاچقىنى قاچتى، ئۇلارنىڭ تىرىپىرەن بولۇشىمۇ، قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ قېچىشىمۇ، ئۆزلىرى ئۈچ يىل بۇرۇن تىرىپىرەن قىلغان خوتەنلىك توپىلاڭچىلارنىڭ تىرىپىرەن بولۇشىغا، قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ قېچىشىغا ئوخشايتتى. خوتەنلىك توپىلاڭچىلار ھىندىستانغا قاچقاندەك، ما خۇسەنمۇ ھىندىستانغا قاچتى. گويا ھەممە ئۆزگىرىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى، ئەمما كېرىيەلىك كاۋىلار ئۈچۈن يەنىلا ھېچنېمە ئۆزگەرمىدى. ئۇلار ئوخشاشلا باج-سېلىق تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. ما خۇسەننىڭ 2-بىرىگادىسىنىڭ جەدە ئاتلىرىغا سامان-پىچان توشۇغاندەك، ئەمدى مەۋلانۇپ پولكىنىڭ قىزىل ئاتلىرىغا سامان-پىچان توشۇشى كېرەك ئىدى. ما خۇسەن دەۋرىدە كاۋا بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەندەك، ئەمدى يەنىلا كاۋا بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى، كېرىيەلىك كاۋىلارنىڭ يالاقچىلىق قىلىپ ئەمەل تالىشىشلىرىمۇ ئۆزگەرمىدى. ما خۇسەن دەۋرىدە كېرىم شىغا سوپى بەگنى تۇتۇپ بېرىپ 20 كۈن ئامبال بولغاندەك، يۈسۈپ بەگ شاما يۈزنەچچە سەر ئالتۇن پارا بېرىپ ئامباللىقنى سېتىۋالغاندەك، شېڭ شىسەي يېتىپ كېلىشى بىلەنلا يەنە كىملەردۇر ئامباللىقنى، بەگلىكنى، پاششاپلىقنى سېتىۋېلىشقا كىرىشتى. كېرىيە دىيارىدا ھېچنېمە ئۆزگەرمىگەندەك ئىدى. ئەمما، شېڭ شىسەينىڭ يېتىپ كېلىشى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپنىڭ ھاياتىغا ئازراق ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى، ھۆكۈمەت تەختىگە قايتا چىققانلار ئەمدى بەش-ئالتە يىلنىڭ نېرىسىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىشقا كىرىشتى، ئاشۇ يىلى توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ بالىچاقىلىرىنى ئىزدەپ تېپىشمۇ شۇ جۈملىدىن ئىدى، ئىزدىگۈچىلەر تاپماي قالمايدۇ، ئىزدىسىلا تېپىلماي قالمايدۇ، ئۇلار مەرھۇم شاڭ سىنىڭ ھايات قالغان ئۆگەي ئوغلى يۈ شۇنچىڭنى تېپىۋېلىشتى، لېكىن بۇ چاغدا ئۇ ئاللىقاچان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭغا ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى، شۇنداقتىمۇ تېپىۋالغۇچىلار مەمنۇن بولۇشتى، تېپىۋالغۇچىلار ئىچىدە يەنە 20 نەچچە يىل بۇرۇنقى مەرھۇم يۈ يىڭخەن خەلپەتنى تونۇيدىغانلار ۋە ئۇ ئوقۇتقانلارمۇ بار ئىدى، ئەمدى ئۇلار چوڭۇپ پالانى بەگ، پوكۇنى شاڭيۇ، پۇستانى كوجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بولغانىدى، ئۇلار مەرھۇم يۈ يىڭخەن لاۋسىنىڭ ئوغلىنى كۆرگەندە ئۇستازىنى كۆرگەندەك بولۇشتى. ئۇستازىنىڭ ئوغلىغا قانات يېپىش ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلىرى جۈملىسىدىن ئىدى. شۇنداق قىلىشمۇ قولىدىن كېلەتتى، ئۇلار مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپنىڭ رايىنى سوراپ ئولتۇرمايلا ئۇنى «شۆتاڭ»غا ئەكىرىۋېلىشتى. ياتىقىنى، تامىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشتى. ئۇ، ئۇ يەردە ئانا تىلىنى-ئانا يېزىقىنى ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى. ئۇغۇ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالمىغان، ھېلىمۇ خۇنەن شېۋىسىدە راۋان سۆزلىيەلەيتتى، ئەمما ئانا يېزىق بولغان تۆت چاسا بەلگە خەتلەردىن بىلىدىغىنى كۆپ ئەمەس ئىدى، ئانا تىلىنىمۇ، ئانا يېزىقىنىمۇ ئەرەبىي، پارسى، تۈركىي تىللارنى بىلگەندەك پىششىق بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقانلار: «بۇ بولماپتۇ، ئادەم دېگەن ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى بىلمىسە قانداق بولغىنى؟ ئانا تىلىنى بىلمەي باشقا تىللاردا سۆزلەپ يۈرسە باشقىلارغا ئۆزگىرىپ كەتمەمدۇ؟ ئۇ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك» دېيىشتى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنىڭ بويى پاكار، جۇغى كىچىك بولغاچقا، ئۇلارغا يەنىلا كىچىك بالىدەك كۆرۈنەتتى. ئۇلار ئۇنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشقا كىرىشتى، ھەۋزىخان ئانا ئوغلىنىڭ شۆتاڭدا ئوقۇشىنى خالىمايتتى، ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيتتى. ئۇ بالىنى شۆتاڭغا ئېلىپ مېڭىشقاندىلا ئاللا-توۋا كۆتۈرگەن، خۇددى چۈجىسىنى سار ئالغان توخۇدەك ھۈرپىيىپ شۆتاڭغىچە ئەگىشىپ بارغان، كېيىن ئوغلى بىلەن ھەركۈنى يۈز كۆرۈشۈپ تۇرالايدىغانلىقىنى بىلىپ پەسكويغا چۈشكەنىدى، لېكىن يەنە بالامنى ئوقۇتىمىز دەپ خوتەنگە، ئۈرۈمچىگە ئەكەتسە قانداق قىلارمەن، دەپ ئەنسىرەيتتى، ئۇ ئوغلىغا شۆتاڭنى يامان كۆرسىتىشكە كىرىشتى، ئوغلىنىڭ قەلبىدىمۇ دېلىغۇللۇق بار ئىدى...
    مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئەتىگەندە بامدات نامىزىدىن كېيىنلا ياكى كەچتە شۆتاڭنىڭ دەرسى تۈگىگەن چاغلاردا نىزامىدىن داموللامنىڭ ھۇزۇرىغا قاتراپ دەرس ئېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قەلبى بۇخارادا بەش-ئالتە يىل ئوقۇغان، دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىنى كۆرگەن، ئالغا كەتكەن خەلقلەرنىڭ ئۇچۇش ۋە ئۈزۈشلىرىدىن خەۋەردار، كۆپ بىلىملىك مۇشۇ ئالىم، ئۇستازىدىن مەسلىھەت سوراشنى لايىق كۆردىمۇ، بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ  تەڭقىسلىقتا قالغانلىقى ھەققىدە ئېغىز ئېچىپ قالدى. ئەنسىزلىكىنىمۇ ئېيتتى، نىزامىدىن داموللام تالىپىنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ ئىستىھزا بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدى، شۇندىن كېيىن ئۇستاز شاگىرتىغا قەلب باغچىسىدىن يەنە بىر گۈلزارنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ياق، قەلب چوڭقۇرلۇقلىرىدىكى يەنە بىر بۇلاقنىڭ كۆزىنى ئاچتى، ياق، ياق، قەلب تېرەنلىكىدە دائىم چاقناپ تۇرغان نۇر-ئاپتاپنىڭ پەردىسىنى قايرىدى، شاگىرت- تالىپنىڭ گىرىمسەن دىلى گويا كۈچلۈك قول چىراغ نۇرى چۈشكەندەك يورۇپ كەتتى، ئۇ يەردە بىلىم گۈلزارىدىن رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ خۇش پۇراق چاچقاندەك، بىلىم بۇلاقلىرىنىڭ لاي باسقان كۆزى ئېچىلىپ، بىلىم سۇلىرى فونتان بولۇپ ئېتىلىپ چىقىۋاتقاندەك بولدى. تالىپ قەلبىگە ئېقىپ كىرىۋاتقان نۇر، سۇ، شامال ئىچىدە ئىلىم-بىلىمنىڭ روشەن ئېنىقلىمىسىمۇ بار ئىدى، بىر خىل تىلنىڭ شۇ خىل تىلغا تەۋە ئىدراكنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى ئىكەنلىكى، ئىدىراكىي تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقى ۋە ئۆتكۈرلۈكىنىڭ ياراتقۇچىغا يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا پەلسەپە-ھېكمەتمۇ بار ئىدى. تالىپ قەلبى روشەنلىكتىن پارلاشقا كۆچتى، پەللىمۇپەللە چاپچىدى. ئۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەۋزى قىلغاندەك ئىلىم ئىزدەپ يىراق «چىن»غا ئاتلىنىش ئىرادىسىگە كەلگەنىدى. ۋەھالەنكى، ئۇ دەل «چىن»نىڭ ئۆزىدە تۇرۇۋاتاتتى، سەپەر قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە «چىن»دا تۇرۇپ «چىن»نى بىلمىگەنلىكنىڭ پۇشايمىنى باش كۆتۈردى، ئەمما پۇرسەت تېخى ئۇتۇپ كەتمىگەن، چىن ئىلىمى ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى...
    شۇنداق قىلىپ ھەۋزىخان ئانىنىڭ ئاسراندى ئوغلى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ شۆتاڭدا ئوقۇپ قالدى. ئوقۇغاندىمۇ جان-جەھلى بىلەن تىرىشىپ ئوقۇدى. لېكىن، ئۇ بىكار بولسىلا نىزامىدىن داموللامدىن ساۋاق ئېلىشنى ئۇنتۇمىدى، بەش ۋاخ ناماز پەرزىنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇمىدى، روزى-رامزان پەرزىنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇمىدى، ئۇ كۆپ تەرەپلىك تەربىيىلىنىشنىڭ دەرۋازىسىغا قەدەم قويغانىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.