قارا كىتاب 4

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-05 12:48:44

قارا كىتابئورخان پامۇكگۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسىپوچتىكەشنىڭ گېزىتنى ئاللىبۇرۇن ئىشىكتىن كىرگۈزىۋەتكەنلىكى ئېسىگە كەلگەن غالىب، ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كارىۋاتتىن چۈشتى...

     

    قارا         كىتاب

    ئورخان پامۇك
    گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى

     

    پوچتىكەشنىڭ گېزىتنى ئاللىبۇرۇن ئىشىكتىن كىرگۈزىۋەتكەنلىكى ئېسىگە كەلگەن غالىب، ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ  كارىۋاتتىن چۈشتى، ئۇنىڭ پۇتلىرى ئۇنى بىۋاستىلا ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئەكەلمەي، ئالدى بىلەن ئۇنى مۇنچىغا باشلاپ كەلدى، ئاندىن ئاشخانىغا ئەكىردى. قايناق سۇ قاينىتىدىغان چۆگۈن ئاشخانىدىمۇ، مېھمانخانىدىمۇ يوق ئىدى. ساپ مىستىن ياسالغان كۈلداندىكى تاماكا قالدۇقلىرىدىن شۇنى ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىكى، رۇيا بىر كېچە ئۇخلىمىغان بولۇشى ياكى كېچىچە رازۋېدكا رومانىدىن يەنە بىرنى ئوقۇپ تۈگەتكەن بولىشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم ئۇنداقمۇ ئەمەس بولىشىمۇ مۇمكىن. قايناقسۇ چۆگىنى مۇنچىدا ئىدى. ئۆينىڭ سۇ بېسىمى يېتىشمىگەچكە ئۇلار ‹‹چېۋەر  ئايال›› ماركىلىق بۇ سۇ ئىسسىتقۇنى ئىشلىشكە ئامالسىز قالغانىدى. شۇڭا ئۇلار چاي قاينىتىدىغان چۆگۈندە سۇ ئىسستىپ يۇيۇنسىمۇ، تېخىچە يېڭى بىرنى ئالمىغانىدى، ئىككىسى بىللە بولۇشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن مۇشۇ چۆگۈندە سۇ قاينىتىۋالاتتى. خۇددى بوۋا-مومىلىرى، ئاتا-ئانىسىدەك، زېرىكمەي تېرىكمەي!

    بىر قېتىم غالىبنىڭ مومىسى ‹‹تاماك›› توغۇرلۇق باشلىنىدىغان جېدەلدە بوۋىسى تەرىپىدىن ۋاپاغا جاپا قىلغۇر خوتۇن، دەپ ھاقارەتلەندى. شۇنىڭ بىلەن موماي بوۋاينى ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن بوۋايدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ باقمىغانلىقى، بىر قېتىممۇ ئۇنداق قىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى، غالىب شۇنچە ئەستايىدىل ئاڭلىسىمۇ، مومىسىنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلەلمىگەنىدى. كېيىن ھېلالمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق مەخسۇس تېمىدا ماقالە يازغانىدى، ئەمما ئۇنىڭ مەيدانى موماينىڭ ‹‹ئاياللار كۈنچىققۇچە ئۇخلىسا بولمايدۇ›› دېگەن قارىشى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايتتى. ھېلال: ‹‹ئاياللارنىڭ بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇشى، ئەرلىرىدىنمۇ بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇشى، بۇ يېزىلىقلارنىڭلا قارىشى ھەم ئادىتى›› دەپ يازغانىدى. بۇنى كۆرگەن موماي خاپا بولاتتى:

    • مانا ئەمدى بىز سەھرالىق بولۇپ قاپتۇقتە؟؟!!
    • ئۇنىڭغا ناشتىلىققا ئۇماچ بېرىپ، يېزا تۇرمۇشىنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويۇش كېرەك!-دەيتتى بوۋايمۇ جاۋابەن.

    غالىب ئىستاكانلارنىڭ يۇيغاچ، ئىشلىتىلمىگەن پاكىز ۋېلكا بىلەن تەخسە ئىزدىدى. ئىسلىغان كالا گۆشىنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرغان توڭلاتقۇدىن قارىماققا سولياۋغىلا ئوخشايدىغان ئېرىمچىك بىلەن زەيتۇننى ئالدى. ئاندىن چۆگۈندىكى ھېلىلا قاينىغان سۇدا ساقاللىرىنى ئالدى. ئۇ رۇيانى ئويغىنىپ كەتسۇن دەپ، قەستەنگە جاراڭ-جۇرۇڭ ئاۋازلارنى چىقىراتتى، ئەمما بۇنىڭدىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. ئاخىرى ئۇ ئامالسىزلىقتىن ئىشىك يوچۇقىدىن گېزىتنى تارتىۋېلىپ، باسما مېيى پۇراپ تۇرغان گېزىتكە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى. ئۇ بىر ياقتىن تېخى تەمى چىقمىغان چاينى ئىچىپ، تۇرۇپ قالغان بولكا بىلەن زەيتۇننى يېگەچ، بىر ياقتىن باشقا بىر ئىشلارنى، بۈگۈن كەچتە يا ھېلالنىڭ يېنىغا بېرىش لازىم يا بولمىسا ئوردا تىياتىرخانىسىغا بېرىپ كىنو كۆرۈش كېرەك، كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىلا ئاندىن بۇ گېزىتنى تەپسىلىي كۆرۈش كېرەك، دەپ ئويلايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بىر قۇر خەتنى ئوقۇۋەتتى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، گېزىتنى ئۈستەلگە يايغىنىچە قويۇپ قويدى. ئۇ چاپىنىنى كىيىپ، ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يەنە كەينىگە بۇرۇلدى. ئىككى قولىنى تاماكا، پارچە پۇل، كونا ئاپتوبۇس بېلەتلىرى بىلەن تولغان يانچۇقىغا سېلىپ تۇرۇپ، جىمجىت، ئەستايىدىل ھالدا ھۆرمەت نەزىرى بىلەن ئايالىغا قاراپ تۇردى. ئاندىن ئاستا كەينىگە بۇرۇلۇپ، بوسۇغىدىن ئاستا چىقىپ، ئىشىكنى ياپتى.

    سەھەردىلا سۈرتۈلگەن پەلەمپەيلەردىن نەمخۇس توپىنىڭ ھىدى كېلىپ تۇراتتى. سىرت سوغۇق ھەم تۇتۇق ئىدى. نىشانتاشنىڭ تۇرخۇنىدىن تۈركۈم-تۈركۈم بولۇپ كۆمۈر كۈلى ۋە ماي ئىسى چىقىپ، ئاسماننى تېخىمۇ خۇنۇكلەشتۈرگەنىدى. غالىب سوغۇق ھاۋادا نەپەسلىنىپ، ئاغزىدىن ھور چىقىرىپ، يوللاردىكى ئەخلەتلەرنى دەسسىگىنىچە، ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى ئۇزۇندىن-ئۇزۇن يولۇچىلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتتى.

    يولنىڭ ئۇدۇلىدا بىر مويسىپىت كالتە چاپىنىنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ، بېشىنى ئىچىگە تىققىنىچە، ئالدىدىكى يايما ھارۋىسىدىكى قاتلىمىلارنى، گۆش قىيمىلىقى بىلەن قايماق قىيمىلىقىنى ئايرىۋاتاتتى. غالىب تۇيۇقسىزلا ئۆچرەتتىن يۈگرەپ چىققىنىچە كوچا دۇقمۇشىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، بىر پارچە ‹مىللەتلەر گېزىتى›نى ئالدى-دە، پۇلىنى بەرگەندىن كېيىن، گېزىتنى قاتلاپ قولتۇقىغا قىستى. غالىب بىر قېتىم ھېلالنىڭ قىزىقچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئىچىدىكى ياشقا چوڭراق بىر ئايالنى دوراپ:

    - ئاھ، ھېلال ئەپەندىم، بىز سىزنىڭ سەھىپىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇرىمىز، بەزىدە يولدۇشۇم ئىككىمىز ئەتىكى گېزىتكە تەخىر قىلالماي، شۇ كۈنلۈك گېزىتتىن بى قېتىمدىلا ئىككىنى ئېلىۋالىمىز،-دېگەنىدى. ئۇ چاغدا غالىب، ھېلال ۋە رۇيالارنىڭ ھەممىسى بۇ ئوخشىتىشقا خېلى كۈلگەنىدى. سىم-سىم ياغقان يامغۇردا خېلى تۇرۇپ، ئۈستى-بېشى لاي ئارىلاش سۇ بولۇپ كەتكەن غالىب ئاخىرى مىڭ بىر جاپادا قىسىلىپ يۈرۈپ بىر ئاپتوبۇسقا چىقتى. ئاپتوبۇس ئىچى زەي ئارىلاش تاماكا پۇرىقى بىلەن تولغانىدى. غالىب ئەتراپىدا بىرەرسىنىڭمۇ تونۇشلاردىن ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، قولىدىكى گېزىتنىڭ ئىككىنچى بېتىدىكى ھېلالنىڭ سەھىپىسىنى ئاچتى. ھەقىقىي بىر چوقۇنغۇچىلاردىكى ئىنچىكىلىك ۋە ھوزۇر ئىچىدە، گېزىتنى قولدا تۇتۇپ كۆرۈشكە لايىق چوڭ-كىچىكلىكتە قاتلىدى، سىرتقا بىر نەچچە دەقىقە كۆز تىكىۋەتكەندىن كېيىن، ھېلالنىڭ سەھىپىسىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى.

     

    بۇ سەھىپىدە ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.