ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمىدىكى ئۇيقۇ ۋە زامانىۋى ئاڭ سەھىرىدىكى ئويغىنىش(ئاب

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-29 09:36:02

ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمىدىكى ئۇيقۇ ۋە زامانىۋى ئاڭ سەھىرىدىكى ئويغىنىشئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنكەچقۇرۇن پېتىۋاتقان قۇياش بىلەن سۈبھى سەھەر كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش بىر قاراشتا ئوخشاش شەپەق چېچىپ، ئ...

    ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمىدىكى ئۇيقۇ ۋە زامانىۋى ئاڭ سەھىرىدىكى ئويغىنىش
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
     

     




    كەچقۇرۇن پېتىۋاتقان قۇياش بىلەن سۈبھى سەھەر كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش بىر قاراشتا ئوخشاش شەپەق چېچىپ، ئوخشىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.  ئەگەر بىز خىرامانلىق ئىلكىدىن قۇتۇلۇپ،  شەرق بىلەن غەربنى،  كېلىۋاتقان يېڭىلىق بىلەن كېتىۋاتقان كونىلىقنى پەرق قىلالىساقلا، بۇنداق» ئوخشىشىپ«كەتكەن ھادىسىدىكى تۈپلۈك پەرقنى بايقىۋالالايمىز.
    ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز تارىخىدىكى سەكرەتمىلىكلەر تۈپەيلى،  بەزىدە بەزى مىللەت ياكى خەلقلەر ئىجتىمائىي ۋە ئىدېئولوگىيىلىك فورماتسىيىنىڭ بەزى خىللىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەيلا ئۇلارنى» ئاتلاپ ئۆتۈپ «ئىلگىرىلىشى مۇمكىن.  ئەمما تاۋار ئىگىلىكى بىلەن ھازىرقى زامان قىممەت قارىشىنى مەركەز قىلغان زامانىۋى ئاڭنى » ئاتلاپ ئۆتۈپ  « كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.  بۇ،  ئوتتۇرا ئەسىر ھالىتىدىكى ئىنسان ۋە ئىنسان جەمئىيىتىنى كەلگۈسى ئىنسان ۋەئىنسان جەمئىيىتىگە ئېلىپ بېرىشتىكى ماددىي ۋە مەنىۋى ئىككى تىرەك.


    ئۇزۇن مۇددەت يېرىم مۇستەملىكە،  يېرىم فېئوداللىق ئاسارىتىدە تۇرغان،  كېيىنچە « تۆت كىشىلىك گۇرۇھ » نىڭ سولچىل دىكتاتۇرىسى ۋە مىللىي ئىنكارچىلىقى ئاستىدا يەنچىلگەن خەلقىمىزنىڭ 1980 - يىللارنىڭ بېشىدا قايتا ئويغانغان مىللىي ئىپتىخارى ۋە كۆمۈلگەن، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان ئوتلۇق تەلپۈنۈشلىرىنى تارىخىي ماتېرىيالىزمچىلار تولۇق چۈشىنىدۇ.  بۇنداق ھالەت مۇشۇ يىللاردا پۈتكۈل ئېلىمىزدە يۈز بېرىپلا قالماستىن، تارىختىكى ھەر قانداق جاھالەتتىن كېيىنكى « قايتا ئويغىنىش »، « قايتا گۈللىنىش» دەۋرلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن قانۇنىيەتكە، جۈملىدىن ئەقىلگە مۇۋاپىق ھادىسە ئىدى.


    2000  يىللىق مەدەنىيەت تارىخىئۇتۇقلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قاتلىۋەتكەن مۇشۇ ئەسىر ( 20 - ئەسىرنى كۆرسىتىدۇ )،  بولۇپمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۈز بەرگە،  يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ھەممە مەملىكەت ۋە مىللەت خەلقلىرىنى ئالدىرىتىپ قويدى! مىللىي ئىپتىخارنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى ئاڭ شەكلى يېقىندىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك بىزنى سۆيۈندۈرگەنىدى،  مانا ئەمدى ئۇ ئۆز ئورنىنى ئېلىمىزدە،  ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا قايتا شەكىللەنگەن،  بىر قىسىم مۇتەپەككۈرلەر پەرەزلىرىدىن ئومۇم جاھان ھادىسىسىگە ئايلانغان زامانىۋى ئاڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كېلىپ قالدى.  بۇ خۇددى ئاتا - ئانا ھۇزۇرىدىن يېڭى ئۇستاز ئالدىغا كەلگەندەك بىر قاراشتا « ياتسىراڭغۇ » كۆرۈنسىمۇ،  ئۇنىڭ زۆرۈرلىكى،  يەنىلا ئۇنىڭ مىللىتىمىزنىڭ يېڭى مىللىي ئىپتىخارى بولۇپ قېلىشىدا گۇمان يوق.


    كارل ماركس : « تارىخ ئۆز - ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت » دېگەنىدى.  ماركسنىڭ بۇ سۆزى تولىمۇ كەڭ،  تولىمۇ چوڭقۇر ۋەزىندار سۆز ئىدى.  ئىنسانىيەت ئۆز - ئۆزىنى ئىزدەپ كەلدى.  بۇددىستلار ۋە سوپىزمچىلار ئىنساننى تەڭرى سۈپەتلىرىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن « رېئاللىقتىن ۋاز كېچىش» ۋە «نىرۋانا » ياكى «ۋەسلى ئىلاھىيە » ئارقىلىق تەڭرى بىلەن قوشۇۋېتىشكە،  تەڭرى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە ئۈمىد قىلىشتى.  ئەلىشىر نەۋائىي : «سەن مېنى قانداق تاپۇرسەن،  مەن ئۆزۈمنى تاپمىسام»،  دېگەنىدى.  فارابىي ۋە ئوتوپىك سوتسىيالىستلار غايىۋى جەمئىيەت تەلىماتلىرىنىئوتتۇرىغا قويدى.  بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابلىرىنىڭ « ئەركىنلىك،  باراۋەرلىك،  مېھرىبانلىق » غايىلىرى ئىنقىلاب خىتابنامىسىدىلا قېپقالدى.  ئوت يالقۇنلىرى ۋە ئىلىم ئىختىرالىرى بىلەن تولغان مۇشۇ ئەسىرىمىز ئۆزىنىڭ زىددىيەتلىك ھادىسىلىرى ئارقىلىق ئومۇمەن 2000 يىل ياراتقان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ چۈشۈپ،  ئۇچۇر،  ئىرسىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئارىلاشما ( سېنكىرىتىك ) مەدەنىيەت بوسۇغۇسىغا دەسسەپ قالدى.  مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ،  ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا،  ئۇنىڭ تارىخىي ماھىيىتى سۈپىتىدە « ئىنسان زادى نېمە ؟ »،  « ئىنسان قانداق بولۇشى لازىم ئىدى ۋە قانداق قىسمەتتە تۇرماقتا ؟ »، « سانائەت ئۇتۇقلىرى،  پاراۋانلىقنىڭ ئوبيېكت ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىدىن ئىبارەت سۇبيېكت مەقسەتدارلىقنىڭ گارمونىك مۇناسىۋىتىنى قانداق قايتا تۈزۈش لازىم ؟ » دېگەن غايەتزور مەسىلە پۈتكۈل تەپەككۇر بوشلۇقىغا كىرىپ كەلدى.  بۇ،  ئۆز - ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ تارىختىكى سوپىستىك،  ئوتوپىستىك،  گۇمانىزملىق شېرىن چۈشلىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئۆز ئوبيېكىتىنى تاپقان رېئال مۇمكىنلىك ئالدىدىكى ھەقىقىي ئويغىنىشى بولدى.  بۇنداق زامانىۋى ئاڭ كىشىلەرنى لەرزىگە سالدى،  ئەسەبىيلىك چۈشەكەشلىرىدىكى داھىيلارنى،  سەركەردىلەرنى،  ھەتتا كۆپلىگەن ئىلىم - پەن ئەربابلىرىنى،  سەنئەت مۆتىۋەرلىرىنى،  كەڭ خەلقنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.  كۆپ كىشىلەر 21 - ئەسىر ئۇنداق ياكى مۇنداق ئەسىر بولغان كۆرە « ئىنساننىڭ ئۆز - ئۆزىنى تاپقان ئەسىرى » بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدى.  بۇ،  ئىنساننىڭ ئىنسان تۇرۇپ ئىنسانغا ئوخشىماي قالغان ھالەتتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى ئىنقىلابىي يېڭى تەپەككۇر ئېراسىنىڭ كۆز ئالدىمىزغا يېقىنلاپ كېلىپ قالغانلىقىنى،  پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇشۇ ئۇلۇغۋار ئاڭنى كۆتۈرۈپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.  ئەھۋالنىڭ دەل مۇشۇنداقلىقىدىن كۆزنى يۇمۇۋېلىپمۇ،  ئۇنى ئەيىبلەپ قول سىلكىپمۇ قۇتۇلغىلى بولماي قالدى.  بۇيۇقىرى قاتلاملىق ئاڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي يىلتىزى،  رېئال ئىمكانىيىتى ۋە ئاجايىب سېھرىي گۈزەللىكى بىلەن ئۆزىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىشەنگەن ھالدا ئېڭىمىزدا،  مىللىتىمىز ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى.
    ھازىرقى ئەھۋال خۇددى مۇشۇنداق بولماقتا :
    «ئۇنداقتا مىللىي ئەنئەنىلىرىمىز ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز يوقىلىپ كېتەمدۇ ؟ »
    « بۇ،  مىللىي ئىپتىخارنىڭ يوقالغانلىقى ئەمەسمۇ ؟»
    ياق،  ئۇنداق ئەمەس ! تامامەن ئەكسىچە !


    مەلۇمكى،  مىللىي ئەنئەنە شۇ مىللەتنىڭ كۆپ قاتلاملىق تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ھەر بىر قاتلامدا قىسمەن ساقلىنىپ،  قىسمەن يېڭىلىنىپ تۇرغان مىللىي پسىخىك ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئالامىتى بولۇپ،  ئۇ ئەلمىساقتىكى «پۈتۈلمىش » ئەمەس.  ھازىرقى مىللىي ئەنئەنىلىرىمىز ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مىللىي ئەنئەنىلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئاساسىدا شەكىللىنىپ كەلگەن.  بولمىسا بىز ئىپتىدائىي توتېم ياكى كۆپ خۇدالىق ئەنئەنىلىرىمىزنى ساقلىغان بولۇپ قالماسمىدۇق ؟ مىللىي ئەنئەنە ئۆزگىرىش ئىچىدە راۋاجلىنىدۇ،  راۋاجلىنىش ئىچىدە يۇقىرى قاتلاملىق تۈسكە داۋاملىشىدۇ.  مىللىي ئىپتىخار دېگەنلىكمۇ شۇ مىللەتنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ۋەتەن،  ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇشتىكى غۇرۇر -ئىززىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.  تەرەققىياتقا كۆز يۇمۇپ مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مىللىي ئىپتىخار ھەققىدە سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.  روشەنكى،  ھاياتنىڭ داۋاملىشىشى بىر شەخس ئۈچۈنمۇ،  بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى زامان مۇھىتى ۋە زامان تەلىپىگە قانداق ئۇيغۇنلىشىش بىلەن ھەل بولىدۇ.  چۈنكى ئۆتمۈش خۇددى تۆكۈلگەن يوپۇرماق ياكى ئۆتكەن جەسەتتەك جانلىق ھاياتتىن مەھرۇم بولغان زاماننىڭ نامىدىن باشقا نەرسە ئەمەس !


    ئەلىشىر نەۋائىي : «ھەر دەۋرنىڭ سازەندىسى ئۆز بەزمىسىگە يارىشا ناۋا قىلىشى كېرەك»،  دېگەنىدى.
    زامانىۋى ئاڭ _ ھازىرقى زامان ئادىمىنىڭ،  مىللىتىنىڭ،  دۆلىتىنىڭ ئىنسانىيەت قاتارىدا داۋاملىق روناق تېپىشىنىڭ ئىدىيىۋى شەرتى.  مۇنداق ئاڭنىڭ تىكلىنىش - تىكلەنمەسلىكى تارىخىي تەقدىرنىڭ قانداق بولۇشىغا بىۋاسىتە ئۆتكۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ.


    زامانىۋى ئاڭ سەھىرى يېتىپ كەلدى. زامانىۋى ئاڭ سەھىرى ئويغىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.  ئۇ،  بۈگۈنكى ئىنسانىي قەدىر - قىممەت،  ئىنسانىي ئەرك،  باراۋەرلىك ۋە ئورتاق گۈللىنىشنىڭ ئەڭگۈشتىرى.  ئۇ بىر قاتار كونكرېت مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان پائالىيەتچان ئاڭ.  ئۇ : زاماننى بىلىش ۋە كەلگۈسىچىلىك ئىدىيىلىرىنى،  ئىنساننىڭ ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئىقتىدار قىممىتى ئېڭىنى،  ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئارىلاشما تەتقىقات ساھەلىرىنى ئېچىشنى،  ۋاقىت كۆز قارىشىنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇشنى،  ھازىرقى زامان ئېڭى نۇقتىسىدا تارىخنى قايتا كۆزىتىش ۋە قايتا ئىپادىلەشنى،  شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا بىر قاتار ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بۇ مەسىلىلەر ئۆز نۆۋىتىدە مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مۇھىم تېماتىك نۇقتىلار.
    ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمىدا ئۇخلىماي، زامانىۋى ئاڭ سەھىرىدە ئويغىنايلى، بۇ،  ئىنسانلىق قەلبىمىزنىڭ ھەقىقىي خىتابى بولسۇن !



    «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2000-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.