ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى(11-باپ)

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-16 15:55:00

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى (ئابدۇللا تالىپ) 11-باب سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق بىز يۇقىرىدا 1949 - يىلغىچە بولغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئۇستىدە قىسقىچە توختالدۇق. ئازادلىقتىن كەيىنكى مائارىپ تەرەققىيات...

    ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى
    (ئابدۇللا تالىپ)

    11-باب
    سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق

    بىز يۇقىرىدا 1949 - يىلغىچە بولغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئۇستىدە قىسقىچە توختالدۇق. ئازادلىقتىن كەيىنكى مائارىپ تەرەققىياتى توغرىسىدا باشقا بىر كىتابىمىزدا تونۇشتۇرماقچىمىز.
    مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە مائارىپ تارىخشۇنى سلىقىدا ئەڭ مۇھىم ئىلمىي ئۇسۇل سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق مەتتوختىى ھەسابلىنىدۇ. ھەربىر مائارىپچى بۇ ھەقتە زۆرۇر ساۋاتقا ئىگە بولۇشى كەرەك. چۇنكى، سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بىزگە مائارىپ تەرەققىياتىدىكى سان بىلەن سۇپەت ئوتتۇرىسىدىكى، جايلار بىلەن جايلار ئوتتۇرىسىدىكى، دەۋرلەر ئوتتۇرىسىدىكى، ئەلىمىز مائارىپى بىلەن باشقا ئەللەر مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى يورۇتۇپ بىرىدۇ
    مەشھۇر سېلىشتۇرما مائارىپشۇناس بەرىداي: "باشقىلارنى چۇشىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى چۇشىنىۋالغىلى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بەكمۇ قىممەتلىك" دىگەنىدى. يەنە بىر سىلىشتۇرما مائارىپشۇناس كاندەل: "سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق مائارىپ تارىخىنى ئۈزۈلدۇرمەسلىكنى مەقسەت قىلىدۇ..." دەيدۇ.
    سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى قەدىمقى يۇناندىن باشلانغان. قەدىمقى يۇناننىڭ مەشھۇر تارىخچىسى سەنوپون (سەنوپون) ئۆزىنىڭ "پادىشاھ سەروسنىڭ تەرجىمھالى" ناملىق ئەسىرىدە: پېرسىيە ياشلىرىنىڭ تەربىيە ئەھۋالى، ئۇ يەردىكى مائارىپ خىزمەتلىرى، پېرسىيە بىلەن يۇنان مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، ئىككى خىل مائارىپنىڭ مەقسىتى، تەشكىلىي تۇزۇملىرى... قاتارلىق ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرما مېتودى بويىچە تەپسىلىي بايان قىلغان.
    قەدىمقى رىمنىڭ ئاتاقلىق سىياسەتچىسى سىستىرۇن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 100 - 43 - يىللار) ئۆزىنىڭ "جۇمھۇرىيەت تۇزۇلمىسى" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە قەدىمكى يۇنان مائارىپى بىلەن رىم مائارىپىنى سىلىشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. ئوتتۇرا ئەسىردە تۇنىسلىق ئالىم كاردۇن شەرق مۇسۇلمان مائارىپى بىلەن غەرب مائارىپىنى سېلىشتۇرغان.
    لىكىن، سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنى بىرىنچى قىتىم سىستىمىلىق پەن قاتارىغا كوتۇرگەن فرانسىيىلىك مەشھۇر پەداگوگ ئانتۇنى جۇللىيان (8481 -- 5771 ئانتونى جۇللىئەن) بولدى. ئۇ 1817 - يىلى "سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىدە ھەرقايسى ئەللەر مائارىپچىلىرى ئۆزئارا نازارەت قىلىش، ئۆز ئەلىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى باشقا ئەللەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىگە سىلىشتۇرۇش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى.
    1831 - يىلى يەنە بىر فرانسۇز پېداگوگى ۋىكتۇر (1792 - 1867 - يىللار) "پروسسىيە مائارىپى" ناملىق ئەسىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ كىتاب نۇرغۇن ئەللەرنىڭ مائارىپچىلىرى ئىچىدە تىخىمۇ زور تەسىر قوزغىدى.
    20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق 2 - باسقۇچقا كۆتۇرۇلدى. مەشھۇر ئىنگلىز پەداگوگى سادىرلىر (3491 -- 1681 مىچائەل سەدلەر) "مائارىپ مەسىلىلىرى" ناملىق 28 توملۇق ئەسىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ ئەسەردە ئۇ ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سىلىشتۇرۇپ بايان قىلدى.
    1898 - يىلدىن باشلاپ سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي دەرسلىكىگە كىرگۇزۇلدى. شۇنىڭدىن كىيىن ھەرقايسى ئەللەردە مەخسۇس سەلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق تەتقىقات ئورگانلىرى تەستىق قىلىنىشقا باشلىدى. مەھسۇس مەجمۇئەلەر چىقىرىلىدىغان بولدى.
    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن "دۇنيانىڭ مائارىپ ئەھۋالى" دىگەن نامدا كۆپ توملۇق كىتاب نەشر قىلىندى.
    سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات مېتودى تۆۋەندىكى ئۈچ كاتەگورىيىگە بۆلۇنىدۇ:
    1. ۋەرتىكال (مەردىئان) سىلىشتۇرۇش مېتودى: بۇ مېتودى بويىچە بىر دۆلەت ياكى بىر رايوننىڭ دەۋرىي باسقۇچلىرى بويىچە سىلىشتۇرۇپ بايان قىلىش ئۇسۇلى يۈرگۇزۇلىدۇ.
    2. گورىزۇنتال (پاراللەل) سىلىشتۇرۇش مېتودى: بۇ مېتودى بويىچە رايونلار بىلەن رايونلار، دولەت بىلەن دولەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر سىلىشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: 1982 - يىللاردىكى سانلىق مەلۇمات بويىچە ئالغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدە ھەر 10 مىڭ كىشىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 40، قەشقەردە 54، ئالتايدا 170، قۇمۇلدا 203، ئاقسۇدا 73، قىزىلسۇدا 75، تۇرپاندا 99 ۋە ئۇرۇمچىدە 224 دىن توغرا كەلىدۇ.
    يەنە 1980 - يىلى شىنجاڭدا ھەر 10 مىڭ كىشىگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 10، قازاقىستاندا 157، ئوزبەكىستاندا 174، ئاۋسترالىيىدە 230 دىن توغرا كىلىدۇ. شۇ يىللاردا ئاق ش دا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھەر 10 مىڭ كىشىگە 269، سوۋەت ئىتتىپاقىدا 196، دېموكراتىك چاۋشيەندە 155، جۇڭگودا 10.5، تۇركىيىدە 68 دىن توغرا كەلىدۇ.
    3. تەھلىل يۇرگۇزۇش مېتودى: بۇ مېتودى بويىچە ئاخبارات - ماتىرىياللار توپلىنىدۇ. تەتقىقاتچى بىۋاسىتە كۈزىتىش ئىلىپ بارىدۇ. ئارىدا توپلانغان پاكىت - ماتىرىياللار سىلىشتۇرۇلۇپ سىستىمىغا سىلىنىدۇ.
    مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ، مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىدا سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىنتايىن مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. چۇنكى ھازىر ئىلىم - پەن ۋە تىخنىكا كەشپىياتلىرى ھەمدە بىلىمنىڭ كونىراش ۋە يىڭىلىنىش جەريانى كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە تىزلەشمەكتە. ئالىملارنىڭ ھىسابلاپ كۆرۇشىچە، 16 - ئەسىردىكى تەبىئىي پەنلەر كەشپىياتى ئاران 26 خىل بولغان بولسا، 17 - ئەسىردە 106 خىلغا، 18 - ئەسىردە 156 خىلغا، 19 - ئەسىردە 546 خىلغا، 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا 961 خىلغا يەتكەن. 60 - يىللاردىن كىيىن ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى يىڭىلىنىش ۋە كەشپىياتلار ئاجايىپ تىز كۆپىيىپ بارماقتا. پەننىڭ يىڭىلىنىش سۇرئىتى ھازىر ھەر 10 يىلدا بىر قاتلىنىۋاتىدۇ. تۈنۇگۇن بىلگەن نەرسە بۇگۇن كونىراپ قېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر نۇرغۇن ئەللەردە "ئۆمۇرۋايەتلىك مائارىپ" يۇرگۇزۇلمەكتە.
    بىراق سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئاددىي سانلارنى كۆرسىتىپ قويۇش بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئۇ، مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تەلىم - تەربىيە نىشانىسى، ئوقۇتۇش تۇزۇمى، مائارىپ ئىقتىسادى، مائارىپ پسىخولوگىيىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىق كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ ۋېرتىكال تەتقىقات مىتودى كوپ ھاللاردا مائارىپ تارىخشۇناسلىقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ، مائارىپ تەرەققىياتىنى تارىخىي دەۋرلەر بويىچە قاراپ چىقىدۇ. مەسىلەن: مىلادىدىن 3000 يىللار بۇرۇن ئىروگىلىپ خېتى بىلەن يېزىلغان دۇنيانىڭ 1 - توم قەھرىمانلىق داستانى "كەلكىمىش" (1) دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان دۇنيا مائارىپىدا بىرقانچە بۇرۇلۇش دەۋرى بولۇپ ئۆتتى: 1- مەكتەپ ۋە مۇئەللىمنىڭ كىلىپ چىقىشى؛ 2- كلاسسىك مائارىپ دەۋرى؛ 3- ئەدەبىي ئويغىنىش (ئىلىم - مەرىپەت يۇكسىلىش) دەۋرى؛ 4- سانائەت ئىنقىلابى تۇرتكىسىدە پەيدا بولغان يېقىنقى زامان مائارىپى دەۋرى؛ 5- ھازىرقى زامان ئېلىكترلەشكەن مائارىپ دەۋرى.
    ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىمۇ ئالدىدىكى بابلاردا بايان قىلىپ ئۆتۇلگەندەك، خاراكتەرلىك تارىخىي دەۋرلەرگە بۆلۇنىدۇ. مەسىلەن: 1- ئىپتىدائىي مائارىپ باسقۇچى؛ 2- مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى؛ 3- كلاسسىك مائارىپ باسقۇچى؛ 4- يېڭى مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى؛ 5- ھازىرقى زامان مائارىپى باسقۇچىدا.
    ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۆزىگە خاس تۆۋەندىكى ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىدىن، ئۇ قويۇق دىنىي تۇس ئالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپچىلىرى ۋە ئەدىبلىرى تۇرلۇك تىللارنى ماھارەت بىلەن ئىگىلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يازما يادىكارلىقىنىڭ كۆپ قىسمى ئەنە شۇ دىنىي ئەسەرلەر ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن. نېمىس ئالىمى ف. كاردىس مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بارلىق تىل، ئېدىئولوگىيە، پەلسەپە، سەنئەت پائالىيەتلىرى كەينىدە دىنىي مەقسەتلەر بار ئىدى. ئۇلار ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىلاردا قەدىمقى زامان ھوججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى..." ("جۇڭگودا مەتبەئەنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەربكە تارقىلىشى.")
    مەسىلەن: بۇددىزم دەۋرىدە قالغان نۇرغۇن يادىكارلىق ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق، پەلسەپە ۋە بىلىم - سەنئەت كۆز قاراشلىرى ساقلىنىپ زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلگەنلىكى ئۇيغۇر مائارىپ تەتقىقاتىمىز ئۇچۇن ئەلۋەتتە زور پايدىلىق.
    ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ 2 - مۇھىم ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كلاسسىك مائارىپ نامايەندىلىرى ۋە ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تالانتلىق تىل ماھىرلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەرەب، پارس تىللىرىدا يىرىك ئەسەر يازغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سانسكرىت، خەنزۇ تىللىرىدا يىرىك ئەسەر يازغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تالانتى غەربنى ھەيران قالدۇرسا، بەزىلىرى شەرقنى ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئەنە شۇ مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن پەخىرلىنەلەيدۇ ۋە مۇشۇ پەخىرلىنىش روھى بىلەن ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى چوقۇم كەلگۇسىدە نۇرغۇن ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا يىتەكلىشىگە ئىشەنچ باغلىيالايدۇ. شۇڭا مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىدا سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق بىلەن بىللە مائارىپ كىلەچەكشۇناسلىقنىمۇ قىتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشىمىز لازىم.
    مائارىپ كىلەچەكشۇناسلىق (فۇتۇروئىئوگىيە) نى 1943 - يىلى تۇنجى قېتىم نېمىس پېداگوگى پولئىستەمىر ئوتتۇرىغا قويغان. 1960 - يىلى ئامېرىكىدا "خەلقئارا كىلەچەكشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى" قۇرۇلدى. ھازىر بۇ جەمئىيەتنىڭ 80 دىن ئارتۇق مەملىكەتتە 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار. مائارىپ كىلەچەكشۇناسلىقنى رەسمىي پەن سۇپىتىدە دەرسلىك ئىچىگە كىرگۇزگەن ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى بىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۆزىدىلا 200 دىن ئاشتى.
    لېنىن مۇنداق دىگەنىدى: "يېڭى جەمىيەت قۇرغۇچىلار يالغۇز ئۆتمۇشنى بىلىش بىلەنلا قالماي، بەلكى يۇرەكلىك ھالدا كىلەچەكنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالىشى كىرەك." ("لېنىن ئەسەرلىرى" 21 - توم، خەنزۇچە نەشرى، 52 - بەت.)
    ھازىرقى ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدىمۇ كىلەچەكشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئېغىر مەجبۇرىيەتلەر يۇكلەنمەكتە. كەڭ كائىنات ۋە چەكسىز شەيئىلەرنىڭ سىرى ئېچىلغانسىرى پەننىڭ تۇرلىرى، تەتقىقات ئوبيېكتلىرى نەچچە مىڭ خىلغا يەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىلىم - پەن تەرەققىياتى مائارىپنى ۋە ھەربىر كىشىنى ئۇچكە (زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلەچەككە) يۇزلىنىشكە تەقەززا قىلماقتا. ھەربىر ياش ئەۋلاد ئۇچۇن ئىلىم - پەن تەرەققىياتى بىلەن قەدەمداش بولۇش زۆرۇرىيىتى تۇغۇلماقتا. شۇڭا چەكلىك ئۆمۇر ئىچىدە ھەر بىر كىشى ئۇچۇن يالغۇز بۇگۇننى كۆزلەپ ئۈگىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ ئەتىنى كۆزلەپ ئۈگىنىش لازىم.
    ئەمەلىيەتتە تەلىم - تەربىيە نىشانىسى ئەزەلدىنلا ئەتە ئۇچۇن ئادەم تەييارلاشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلدى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئالدى بىلەن ھەربىر ئائىلە پەرزەنت ئۇچۇن تەبىئىي مەكتەپ، ئاتا - ئانىلار بولسا تەبىئىي "بىرىنچى" ئۇستاز بولۇشى كىرەك. مەكتەپ تەربىيىسى بولسا ئۇنىڭ داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى بولىدۇ. مۇشۇ مەجبۇرىيەتنى ئائىلە بىلەن مەكتەپ تەڭ ئۇستىگە ئالغاندىلا، پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشى كۇچىيىدۇ. ئۇنىڭ كىلەچەك ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.

    ئىزاھاتلار:
    (1) 1872 - يىلى بابىلۇننىڭ قەدىمكى "نەۋى ئوردىسى" دىن تەپىلغان 3000 مىسرالىق رېئالىزم بىلەن رومانتىزم بىرلەشتۇرۇلگەن مەشھۇر داستان

    داۋامى بار ،

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-15 14:04:41]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق