تەۋارىخى مۇسىقىيۇن-كىرىش سۆز(1)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-17 01:08:58

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىكىرىش سۆزبىز كىتابخانىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەكچى بولغان «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» (مۇزىكانتلار تارىخى) رىسالىسى خوتەن شەھرىد...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى
     


    كىرىش سۆز


    بىز كىتابخانىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەكچى بولغان «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» (مۇزىكانتلار تارىخى) رىسالىسى خوتەن شەھرىدە ئۆتكەن موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى تەرىپىدىن يېزىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ بىز ئاساسلانغان قوليازما نۇسخىسى ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «كۇللىيات» ناملىق دىۋانىنىڭ بىر قوليازما نۇسخىسى بىلەن قوشۇپ تۈپلەنگەن بولۇپ، ھازىر جوڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىلللەتلەر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىدا ساقلانماقتا. كىتاب نومۇرى 909.217/149. قوليازما خوتەننىڭ پاتلىق سامان قەغزىگە خەتتى نەستەلىك ئۇسلۇبىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، جەمى 39 بەت. ھەر بىر بەت ھەجمى 2215 سانتىمېتىر، ھەر بەتتىكى تېكىست ھەجمى 19 سانتىمېتىر، ھەر بەتكە 15 قۇردىن خەت يېزىلغان. قوليازمىنىڭ تېكىستى قارا سىيادا، كىچىك ماۋزۇلىرى قىزىل سىيادا قومۇش قەلەم بىلەن كۆچۈرۈلگەن. قوليازما قوشۇپ تۈپلەنگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسى جىگەررەڭ قىرىم بىلەن قاپلانغان بولۇپ، يۈزىگە ئۇيغۇر مىللى ئۇسلۇبىدا چىرايلىق نەقىش ئىشلەنگەن.


    ئاپتور بۇ ئەسەرنى


    پۈتۈك تارىخىن تارىخىن دېپ ئىدىم،
    بىلەلمەسمىكىن دېپ ئەجەپ غەم يىدىم.
    تۈگەت سۆزنى مۆجىزى غەرىپ بىناۋا،
    ئۇلۇغ يولغە كىرگىل بولۇپ ماساۋا.


    دېگەن شئىر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ شەئىرنىڭ ''پۈتۈك تارىخىن تارىخىن دېپ ئىدىم'' دېگەن مىسرادىكى كېيىنكى ''تارىخىن'' سۆزى ئەبجەت بىلەن ھىساپلاش ئۇسۇلى بويىچە ھىجرى 1271-يىلغا توغرا كېلىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا يەنە قىزىل سىيادا كونىچە '' سىنە'' دېگەن يىل نامىمۇ يېزىلغان. دېمەك، مۆجىزىنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ يادنامىسى ھىجرى 1271-يىلى (مىلادى 1854-1855-يىلى) دۇنياغا كەلگەن.


    قوليازمىنىڭ ئىملاسىغا ئاساسەن، ئۇنى كېيىن كۆچۈرگەن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە خەتتات توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق. قوليازمىنىڭ باش بېتىگە ''ئۇشبۇ تەۋارىخى مۇسىقىيۇن كىتابىنى پۈتۈرگەن ئەلىشىر ھېكىم بېگىمگە يۈز رەھمەت، پۈتكۈچى موللا ئىسمەتۇللا مۆئىجىزغە ئىلاھىم مىڭ رەھمەت قىلغاي، ماڭا بۇ رىسالەنى دۇۋەل ئەزىمشا بېگىم تەقدىم قىلدى، دەپ مۆھۈر باسقۇچى مۇفتى مۇھەممەت ئىمىن ئىبنى باقىدۇر، 1338 سىنە'' دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ، مۇفتى مۇھەممەت ئىمىن ئىبنى باقىنىڭ سوقىچاق مۆھۈرى بېسىلغان. بۇنىڭدىن بۇ قوليازمىنىڭ ئەڭ كېيىن بولغان تەقدىردىمۇ ھىجرى 1338-يىلى (مىلادى 1919-1920-يىلى)دىن بۇرۇن كۆچۈرۈلگەنلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ.
    بىز تۆۋەندە بۇ ئەسەر توغرىسىدىكى دەسلەپكى مۇلاھىزىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.


    1


    «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا دۇنياغا كەلگەنلىگى تاسادىپى بىر ئىش ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى بۆلۈنمىچىلىگى ۋە ئاپپاقخۇجا ئاۋلاتلىرىدىن بولغان چوڭ خۇجا بۇرھانىدىن بىلەن كىچىك خۇجا جاھان بۆلۈنمىچىلىگىنى باستۇرۇپ، شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن بارلىققا كەلگەن نىسپى تېنچ شارائىتتا يەنە بىر قېتىم گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، 19-ئەسىرگە كېلگەندە چىرىكلەشكەن چىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ پاجىئەلىك زۇلۇم-سەتەملىرىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىغا ماسلىشىپ راسا يوقۇرى پەللىگە چىققان ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ بۇ قېتىمقى تەرەققىيات دولقۇنى يەركەن خانلىقى(مىلادى 1514-1678-يىللار) ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئاپپاق خۇجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدا ۋەيران بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ئومۇمى ئىستەكنىڭ تۈرتكىسى بىلەن باشلانغان بولسا، خەلقنى نادانلىق ۋە قالاقلىقتىن قۇتقۇزۇش، مىللى مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مىللى زۇلۇم ۋە فېئوداللىق زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى مىللى دېموكىراتىك ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەۋجىگە چىقتى.


    بۇ دەۋر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر يازغۇچى، شائىرلار ئەدەبىيات سەھنىسىگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل زھانىر ۋە مەزمۇندىكى ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆركەم مەنزىرىسىنى مەيدانغا كەلتۈردى. موللا ئەلەم شەھيارى ۋە ئۇنىڭ مىلادى 1761-يىلى يازغان «گۈل ۋە بۇلبۇل» ناملىق پوئىمسى، لۈكچۈنلۈك شائىر ئەھمەت غۇجام نىياز ئوغلى(1827-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ «رەۋزەتۇلزۆھرا» ناملىق شەئىرىي داستانى، مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى ۋە ئۇنىڭ «سىدىقنامە» ناملىق ئەسىرى، شائىر موللا رېھىم ۋە ئۇنىڭ «مۇھەببەتنامە» ناملىق داستانلىرى، يەركەنلىك شائىر ئۆمەرباقى ۋە ئۇنىڭ 1792-يىلى نەسرى-نەزمى شەكىلدە يېزىلغان «پەرھات-شېرىن ۋە لەيلى-مەجنۇن» ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى، قومۇللۇق شائىر زۇھۇرى ۋە ئۇنىڭ «دىۋان زۇھۇرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، موللا يۇنۇس ياركەندى ۋە ئۇنىڭ 1807-يىلى يېزىلغان «يۈسۈپ-زۇلەيخا» داستانى، موللا سىدىق ياركەندى ۋە ئۇنىڭ 1813-يىلى ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «خەمسە»سىدىكى 5 داستان ئاساسىدا يېزىپ چىققان «نەسرى مۇھەممەت ھۈسەيىنبەگ» ناملىق توپلىمى، ئىمىرى (1822-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ «دىۋان ئىمىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، قەشقەرلىق نورۇز ئاخۇن كاتىب زىيائى ۋە ئۇنىڭ «مەھزۇنۇلۋائىزىن» ناملىق ئىپىك داستانى، ئابدۇرېھىم نىزارى(1845-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ «پەرھات-شېرىن»، «مەجنۇن ۋە لەيلى»، «شاھ بەھرام ۋە دىلئارام»، «ھامۇق- ئۇزرا»، «چاھار دەرۋىش» («ئازات بەخت»)، «مەھزۇن ۋە گۈلنىسا»، «شاھزادە مەسئۇد ۋە دىلئارا»، «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق 12 داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مۇھەببەتنامە» ناملىق ئەسىرى، تۇردۇش ئاخۇن كاتىب غېرىبى(1802-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان) ۋە ئۇنىڭ «كىتابى غېرىب» ناملىق داستانى، موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ(1824-1899-يىللار) ۋە ئۇنىڭ 1851-يىلى ئىشلەنگەن «غەزەليات» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1875-يىلى يېزىلغان «غازات دەر مۈلكى چىن» ناملىق داستانى، 1881-يىلى يېزىلغان «چاڭموزا يۈسۈپخان» ناملىق داستانى، 1882-يىلى يېزىلغان «نۇزۇگۇم» ناملىق قىسسىسى، موللا شاكىر ۋە ئۇنىڭ «زەپەرنامە» ناملىق تارىخىي داستانى قاتارلىق يازغۇچى ۋە ئەسەرلەر شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان مۇھىم نامايەندىلىرىدۇر.


    بۇ دەۋر ئىچىدە ئۇيغۇر مۇزىكا-ناخشىلىرى بويىچىمۇ بىرمۇنچە جانلىنىشلار بولدى: مىلادى 1820-1828-يىللاردا قەشقەر دېھقانلار قوزغلىڭىغا قاتناشقان قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم ھەققىدە توقۇلغان «نۇزۇگۇم» قىسسىسى بىلەن «نۇزۇگۇم» ناخشىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرىگە تارقالدى. خوتەن «قارىقاش ناخشىسى»، قەشقەر «قىزىلگۈل ناخشىسى»، تۇرپان «مايىمخان ناخشىسى»، قومۇل «يارسەنەم ناخشىسى»، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئانارخان»، «ئويناڭ تۆرەم»، «بىۋاپا نادان يارىم»، «خارابىڭ مەن»، «دادەي»، «سارىخان»، «ئاللا يارىم»، «ھاي-ھاي ئۆلەن» قاتارلىق ناخشىلىرىمۇ كەڭ تارقالدى؛ ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ «رىسالەئى مۇغەننىيۇن»، «كىتابۇلمۇسىقى»، «كالامىفۇلمۇسىقى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن زاھىرىددىن مۇھەببەت بابۇرنىڭ «ئەسرارى مۇسىقى» ناملىق كىتابى شۇ چاغدىكى ئۇستا خەتتاتلار تەرىپىدىن قايتا كۆچۈرۈپ چىقىلدى.


    ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى بويىچە كۆتىرىلگەن بۇ قېتىمقى تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى شۇكى، يەرلىك ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىدىكى بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق زاتلارمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشتى. بۇ يەردە 1811-يىلى زۇھۇرىدىن، ئىمىرى قاتارلىق شائىرلارنى ئوردىسىغا توپلاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بولغان لۇتفى ۋە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ شېئىرلىرىدىن ھەم ئىران شائىرلىرىدىن ھاپىز شىرازى قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنە ئېلىپ «باياز» ناملىق بىر توپلام تۈزدۈرگەن قومۇل ۋاڭى ئەردىشىر، 1813-يىلى موللا يۇنۇس يەركەندىنىڭ ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «خەمسە»سىنى نەسىرلەشتۈرۈپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان يەركەن ھاكىم بەگى مىرزا ھۈسەيىنبەگ، 1841-يىلى تۇردۇش ئاخۇن كاتىب غېرىبىنىڭ «كىتابى غېرىب» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان قەشقەر ھاكىم بەگى زۇھۇرىددىن، 1839-يىلى ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ «مۇھەببەتنامە» ناملىق داستانلار توپلىمىنى يېزىپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان تۇرپان ۋاڭى ئەپرىدۇن ۋە مەزكۇر «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە تەشەببۇسكار بولغان خوتەن ھاكىم بېگى مۇھەممەت ئەلىشىر بىننى ئابدۇمۆمىنبەگ (ئەلىشىر ھېكىم بەگ) لەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.


    دېمەك، قولىمىزدىكى «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلىنىپ، 19-ئەسىردە يوقۇرى پەللىگە چىققان تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ سەمەرىلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.