ھازىرقى بالىلار كارامەت (04)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-26 02:17:42

بۇرۇن ئۆگەنگىنىڭلارنى ئۇنتۇڭلار ساۋاقدىشىم زەينەپ: 19-نويابىر كۈنى يازغان خېتىڭنى ئوقۇپ قانداق خۇش بولغىنىمنى ئىزھار قىلىپ بېرەلمەيمەن. ساڭا ئېچىنىشلىق بىر خەۋەر يازماقچىمەن، مۇئەللىمىمىز مەكتەپ...

    بۇرۇن ئۆگەنگىنىڭلارنى ئۇنتۇڭلار

     
     
    ساۋاقدىشىم زەينەپ:
     
    19-نويابىر كۈنى يازغان خېتىڭنى ئوقۇپ قانداق خۇش بولغىنىمنى ئىزھار قىلىپ بېرەلمەيمەن.
     
    ساڭا ئېچىنىشلىق بىر خەۋەر يازماقچىمەن، مۇئەللىمىمىز مەكتەپتىن كەتتى، ئۇ باشقا بىر ۋىلايەتكە تەيىنلىنىپتۇ. ئۇنىڭغا بەكمۇ ئۆگىنىپ قالغانىدۇق، ئايرىلغىنىمىزغا ئېچىندۇق. مۇئەللىمىمىز كەتكەندە يىغلىغانلارمۇ بولدى. مەن يىغلاشتىن ئۆزۈمنى تەستە تۇتۇۋالدىم. لېكىن، سىنىپتىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي، چاچلىرىمنى قاماللاپ تۇرۇپ يىغلىۋەتتىم. ئالدىنقى خېتىمدە سىنىپىمىزغا مۇپەتتىش كىرگەنلىكى توغرۇلۇق يازغانىدىم. شۇ ۋەقەدىن كېيىن مۇئەللىمىمىز ماڭا ئانچە گەپ قىلماس بولۇپ قالغانىدى. ئاخىرقى كۈنى بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىپ، بىزگە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىدى. "كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە كۆرۈشەرمىز، خەير-خوش بالىلار" دېدى.
     
    ئۇ يېنىمدىن ئۆتكەندە بېشىمنى سىلاپ قويۇپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.
     
    يېڭى مۇئەللىمىمىز ئەر. ئۇ ئىككى سائەت بۇرۇن نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىمىزنى بىلىش ئۈچۈن، ھەممىمىزنى بىر-بىرلەپ ئورۇنلىرىمىزدىن تۇرغۇزۇپ، سوئاللارنى سوراپ، جاۋابلىرىمىزدىن قانائەتلەنمىدى.
    - ئىنتايىن ئەپسۇس... ھېچ نەرسە بىلمەپسىلەر!- دېدى ئۇ.
     
    دېمىر سىنىپ بويىچە ئەڭ تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئىدى، ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىغىمۇ قانائەتلەنمىدى. مېنىڭ جاۋابلىرىمدىن كېيىن بولسا: "پاھ-پاھ " دەپ، قولىنى تىزلىرىغا ئۇرۇپ كەتتى.
    ئۇ تېرىككەن ھالدا بېشىنى سىلكىپ:
    - سىلەرگە ھېچ نەرسە ئۆگەتمىگەنمۇ؟ دەرىسلەر بىكار ئۆتۈپ كەتكەنمۇ؟ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى نېمە ئوقۇدۇڭلار؟ - دەپ سوراۋەردى.
     
    لېكىن مەن توغرا جاۋاب بەردىم، دەپ قارايتتىم.
     
    مىنە يىغلامسىرىغان ئاۋاز بىلەن:
    - مەن خاتا جاۋاب بەردىممۇ، مۇئەللىم؟- دەپ سورىدى.
    - توغرا، توغرا، بىراق...- دېدى مۇئەللىم ۋە بىر ئاز تۇرۇۋېلىپ قوشۇمچە قىلدى،- يۈزەكى... ھەممىڭلارنىڭ جاۋابى يۈزەكى...
     
    بىز ئۈنچىقمىدۇق، لېكىن ناھايىتى بىئارام بولدۇق. پەقەت كونا مۇئەللىمىمىزدىن تۆۋەن نومۇرئالىدىغان بىر-ئىككى بالىنىڭ يېڭى مۇئەللىمنىڭ بۇ سۆزىدىن خۇشال بولغانلىقى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى.
    - كونا مۇئەللىمىمىز بىزنى ناھايىتى ياخشى ئوقۇتقانىدى،- دېدى دېمىر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي. يېڭى مۇئەللىمىمىز بىر ئاز مەسخىرە ئارىلاش:
    - شۇنداق ئىكەن، بەرگەن جاۋابىڭلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ،- دېدى.
     
    ئۇ مۇنبەرنىڭ ئالدىدا ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ، ئاۋازىنى سىلىقلاشتۇرۇپ:
    - بالىلار،- دېدى،- بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇڭلار، ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ ھەممىنى يېڭىۋاشتىن ئۆگىنىسىلەر.
    دېمىر پىكىر قىلماقچى بولۇپ قول كۆتۈردى:
    - بىراق، مۇئەللىم، كىتابىمىزدا نېمە بولسا شۇنى ئۆگەندۇق.
    - ھازىر مەن سىلەرگە، بورۇن ئۆگەنگەنلىرىڭلارنى ئۇنتۇڭلار، دەۋاتىمەن،- دېدى مۇئەللىم يەنە.
     
    بىرىنچى دەرس مانا شۇنداق ئاياغلاشتى. تەنەپپۇستا ساۋاقداشلار ئىككىگە بۆلۈندى. بەزىلىرى كونا مۇئەللىمنى ياقىلىدى. راستىنى سورىساڭ مەن ئارىدا قالدىم. تەنەپپۇسلاردا 5-ب سىنىپتىكى ساۋاقداشلار بىلەن پۈتۈنلەي مۇشۇ ھەقتە سۆزلەشتۇق. ئۇلارنىڭ مۇئەللىمىمۇ مەكتىپىمىزگە يېڭى كەلگەنىدى، ئۇمۇ بىرىنچى دەرستە خۇددى بىزنىڭ مۇئەللىم دېگەندەك: "بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىڭلارنى ئۇنتۇڭلار" دەپتۇ.
     
    يېڭى مۇئەللىمىمىزنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى بەزى ساۋاقداشلارغا ياراپ كەتتى. ئۇلار بېرەر سوئالغا خاتا جاۋاب بەرگىنىدە:
    - بىزگە كونا مۇئەللىمىمىز شۇنداق ئۆگەتكەن... دەيدىغان بولدى. ئۇنداق چاغلاردا مۇئەللىممۇ:
    - مەنمۇ سىلەرگە بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىڭلارنى ئۇنتۇڭلار دېمىگەنمىدىم؟- دەپ ۋارقىرايتتى. بۇرۇن ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ئۇنتۇش تەس ئىكەن. بۇنى پەقەت دېمىرلا قاملاشتۇرالىدى. بۈگۈن مۇدىرىمىز سىنىپقا تارىخ دەرسىگە كىرگەنىدى. ئۇ بىزنىڭ قانداق ئۆگەنگەنلىكىمىزنى سىنىپ بېقىش ئۈچۈن دېمىرنى تۇرغۇزۇپ سورىدى:
    - يېڭى زامان مەدەنىيىتى دېگەن نېمە؟
    دېمىر ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. مۇدىر باشقا بىر سوئال سورىدى:
    - مەتبەئەنى كىم كەشىپ قىلغان؟
    دېمىر يەنە جىم تۇردى. ئۇنىڭ تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان مۇدىر:
    - نېمە ئۈچۈن جاۋاب بەرمەيسەن ؟- دەپ سورىدى.
    - ئۇنتۇدۇم، شۇڭا جاۋاب بەرمىدىم،- دېدى دېمىر.
    - ئامېرىكىنىڭ تېپىلىشىنى سۆزلەپ بەر.
    - ئۇنىمۇ ئۇنتۇدۇم...
    ئاستا-ئاستا ئاچچىقى كەلگەن مۇدىر:
    - ھەممىسىنى ئۇنتۇدۇڭمۇ، ئوغلۇم، نېمىنى بىلسەڭ شۇنى سۆزلە!- دېدى.
    - ھەممىنى ئۇنتۇدۇم،- دېدى دېمىر،- بۇرۇن نېمىنى ئۆگەنگەن بولسام، ھەممىنى ئۇنتۇدۇم.
    - نېمە ئۈچۈن؟
    - مۇئەللىمىمىز شۇنداق دېگەن. ئۇ، كونا مۇئەللىمىڭلار ئۆگەتكەنلەرنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇڭلار، دېدى.
     
    مۇدىر مېنى تۇرغۇزۇپ:
    - ھىندىستان دېڭىز يولىنى ئاچقان كىم؟- دەپ سورىدى. ئەستاغپۇرۇللا... ئىسمى تىلىمنىڭ ئۇچىدا تۇرىدۇ، بىراق نېمەئۈچۈندۇر ئېسىمگە ئالالمىدىم. دېمىر ئەتەي "ئۇنتۇدۇم" دېگەنىدى، مەن بولسام راستتىنلا ئۇنتۇغانىدىم.
    - ئۇنتۇپ قاپتىمەن،- دېدىم مەن جاۋاب بېرىپ.
     
    مۇدىر كۆزەينىكىنىڭ ئۈستىدىن مۇئەللىمىمىزگە قاراپ قويدى-دە، ھېچنىمە دېمەي چىقىپ كەتتى، مۇئەللىمىمىز ھېچ نەرسە كۆرمىگندەك:
    - ئەمدى ياۋۇز سۇلتان سەلىمگە كېلەيلى... دەپ، كەلگەن يېرىدىن باشلاپ سۆزلەشكە باشلىدى.
     
    تەنەپپۇستا ساۋاقداشلار دېمىرغىمۇ، ماڭىمۇ ناھايىتى ياخشى قىلغىنىمىزنى ئېيتىشتى. لېكىن، مەن ھىندىستان دېڭىز يولىنى ئاچقان كىشىنىڭ ئىسىمنى راست ئۇنتۇپ قالغانىدىم. مانا بۇ ئۇنتۇش ماڭا نېمە ئېلىپ كەلدى دېمەيسەن. بىرىنچى قېتىملىق مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى يىغىنىدا بىر نەچچە نومۇر كونسېرت تەييارلىماقچىدۇق، مەن ئۇ كونسېرتتا ئۆزۈم يازغان بىر شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلاتتىم.
     
    كونا مۇئەللىمىمىز بىزگە بىر دەرستە، قوينىڭ ناھايىتى پايدىلىق ھايۋان ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ: "سۈت بېرىدۇ، گۆش-ياغ بېرىدۇ، يۇڭىدىن رەخىت توقۇلىدۇ، تېرىسىمۇ كۆپ ئىشقا يارايدۇ، ئۇستىخانلىرىدىنمۇ پايدىلانغىلى بولىدۇ، ماياقلىرىمۇ ئوغۇت بولىدۇ" دېگەنىدى. مەن بۇ دەرستىن كېيىن مۇنۇ شېئىرنى يازغانىدىم:
     
    قوي
     
    قۇيرۇقىدىن ياغ چىقار،
    يېلىنىدىن سۈت چىقار.
    ئۇنىڭ يۇمشاق يۇڭلىرىدىن،
    سارجا توقۇپ كىيگىلى بولار.
    مۆڭگۈزلىرى ساپ بولار،
    گۆشى بىزگە ئوزۇق بولار.
    تېرىسى ھەر ئىشقا يارار،
    مايىقىمۇ ئوغۇت بولار.
    ھەر ئەتىياز قوزىسى بار،
    ئۇستىخىنىمۇ زايا بولماس.
    ...
     
    بۇشېئىرىمنى كونا مۇئەللىمىمىزگە كۆرسەتكەنىدىم، ئۇ ماختاپ: "سەن بۇ شېئىرنى مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى يېغىنىدا كۆرسىتىدىغان كونسېرتتا دېكلاماتسىيە قىلغىن" دېگەنىدى. مەنمۇ ناھايىتى خۇشال بولغانىدىم."قوي" ناملىق شېئىرىمنى بىر قانچە كۈن يادلىدىم. كونسېرىتتا دېكلاماتسىيە قىلغاندا ھېچقانداق نۇقسان چىقماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم. لېكىن، ئۇ كۈنلەردە كونا مۇئەللىمىمىز باشقا يەرگە يۆتكىلىپ كەتكەنىدى. يېڭى مۇئەللىمىمىز كونسېرتتا شۇنى دېكلاماتسىيە قىلىدىغانلىقىمنى ئۇقۇپ، ماڭا بۇ شېئىرنى ئوقۇتۇپ كۆردى.
    - بۇ شېئىر بولمايدۇ. مەن سىلەرگە، بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىڭلارنى ئۇنتۇڭلار، دەپ   قانچە قېتىم دېدىم؟ مەن دېگەن شېئىرنى يادلاپ، كونسېرتتا شۇنى دېكلاماتسىيە قىلىسەن،- دىدى ئۇ. ئۇ ئوقۇش كىتابىمىزدىكى "يۇرتۇم" سەرلەۋھىلىك شېئىرنى كۆرسەتتى. بۇ شېئىرنى يادلاشقا ۋاقىت قالمىغانىدى، كونسېرت ئەتە كۆرسىتىلەتتى. بۇ شېئىرنى سەنمۇ بىلىسەن، سىلەرمۇ بىز ئوقۇيدىغان ئوقۇش كىتابىنى ئوقۇيسىلەرغۇ، كىتابىڭنى ئېچىپ ئۇ شېئىرغا قاراپ باققىنا:
     
    ئەي توپا-چاڭ باسقان پەشمەتلەر، ھەل بەرگەن يەكتەكلەر،
    ئەي بىرىگە قىرىق باشاقلار، گۈل-گىياھلار، باغۇ بوستانلار
    ۋە قويۇق بوي تارتقان داستانلار دىيارى ھەي!
    ئەي شۇ كاتتا ئەربابلارنى يېتىشتۇرگەن ئانىنىڭ،
    ئەي ئېتىكاپنىڭ، كەيپ-ساپانىڭ، ئىماننىڭ، ئېتىقادنىڭ،
    ئېگىز مۇنارلىق سىنانىڭ دىيارى ھەي!
     
    "ئەي" بىلەن باشلىنىپ،"ھەي" بىلەن ئاياغلىشىدىغان بىر شېئىر دېگىنە! مەن بۇ شېئىرنى يادلاشتا كۆپ تىرىشتىم، لېكىن ۋاقىت ناھايىتى ئاز بولغاچقا، ياخشى يادلىيالمىدىم. ئەتىسى ئەتىگەندە، مۇئەللىم:
    - سەھنىگە چىقىشتىن ئىلگىرى رەپىتىس قىلىۋالايلى، شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ باق!- دېدى. دېكلاماتسىيە قىلدىم.
    - بولمايدۇ، شېئىرنى بۇنداق دېكلاماتسىيە قىلمايدۇ!- دېدى مۇئەللىم.
     
    يەنە بىر قېتىم دېكلاماتسىيە قىلدىم، يەنە ياقتۇرمىدى.
    - ئوغلۇم،- دېدى ئۇ،- شېئىر دېگەننى يولدىن ئۆتكەن ھەر بىرئادەمدىن ئادرېس سورىغاندەك دېكلاماتسىيە قىلمايدۇ. جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن بىر پەسەيتىپ، بىر كۆتۈرىسەن، ھاياجانلىق يەرلەردە ۋارقىرايسەن. بەزى يەردە يېقىملىق پىچىرلاپ، بەزى يەردە يولۋاستەك ھۆركىرەپ ئوقۇيسەن. ئاندىن سول قولۇڭنى بېلىڭگە تىرەپ، ئوڭ مۇشتۇڭنى ئېگىز كۆتۈرىسەن. مىسرالارنىڭ ئاخىردىكى "ھەي" لەرنى دېگەندە، پۇتۇڭنى يەرگە قاتتىق ئۇرىسەن. مەن بىر قېتىم دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرەي، شېئىرنى قانداق دېكلاماتسىيە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىپ، شۇنىڭغا قاراپ دېكلاماتسىيە قىل.
     
    مۇئەللىم شېئىرنى خۇددى ماڭا سۆزلەپ بەرگەندەك دېكلاماتسىيە قىلدى. "ئەي" دېگەندە پۇتىنى سەكرىگندەك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆكچىسىنى يەرگە ئۇراتتى.
    - مانا مۇشۇنداق... پۇتۇڭنى ماڭا ئوخشاش دۈشمەننىڭ بېشىنى چەيلىگەندەك يەرگە ئۇرىسەن...
     
    مەنمۇ ئۇنىڭدەك دېكلاماتسىيە قىلدىم. لېكىن، بىر قولۇم بېلىمدە، بىر مۇشتۇمۇمۇم ھاۋادا ئىدى. ھالبۇكى، پۇتۇمنى "ئەي!" دەپ يەرگە ئۇرغاندا، شېئىردىن ئادىشىپ كېتەتتىم. ئۆزۈم بىلگەندەك قىلسام زادى ئاداشمايتىم. دېكلاماتسىيە قىلىشىم مۇئەللىمگە پەقەت يارىمىدى. مەن"ئەي!" دەپ ئوڭ پۇتۇمنى يەرگە ئۇرغاندا:
    - تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ قاتتىق... ئۆكچەڭنى ئۇر!- دەيتتى.ھەر قانچە تىزلىك بىلەن ئۆكچەمنى يەرگە ئۇرساممۇ، يەنىلارازى قىلالمايتتىم. ئاخىرىدا ئۇ:
    - قارا، مانا مۇنداق!- دېدى-دە، "ئەي!" دەپ بىر ۋارقىراپ، پۇتىنى كۆتۈرۈپ يەرگە شۇنداق قاتتىق ئۇردىكى، سىنىپ دېرىزلىرىنىڭ ئەينەكلىرى جاراڭراپ كەتتى.
    - كۆردۈڭمۇ، مانا شۇنداق. تۈرك ئوغلى پۇتىنى يەرگە ئۇرغاندا، يەرلەر تىترەپ كېتىشى كېرەك!- دېدى ئۇ،-
    بىراق مۇئەللىم،- دېدىم مەن،- سىز ئاز دېگەندە يۈز كىلوگرام كېلىسىز، مەن بولسام قىرىق ئىككى كىلوگرام كېلىمەن.
     
    ئۇنى ھەر قانچە قىلىپ رازى قىلالمىدىم. ئاخىر ئۇ ئىنتايىن خاپا بولغان ھالدا:
    - "قويۇق بوي تارتقان داستانلار دىيارى ھەي!" - دەپ پۇتىنى يەرگە قاتتىق ئۇردى.
    سىنىپىمىزنىڭ پوللىرى چىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلىسەنغۇ، مۇئەللىمنىڭ پۇتى چىرىپ كەتكەن تاختاينى سۇندۇرۇپ كىرىپ كەتتى،مېنىڭ ياردىمىم بىلەن ئۇ پۇتىنى ئاران دېگەندە چىقىرىۋالدى. تۆتىنچى سىنىپ بىلەن ئۈچىنى سىنىپنىڭ مۇئەللىملىرى تاراق-تۇرۇقنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈشۈپ كىرىپ:
    - نېمە بولدى؟ نېمە بولدى؟- دېيىشىپ كەتتى. بىزنىڭ مۇئەللىم ئاقساپ سىنىپتىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، ماڭا:
    - كۆردۈڭمۇ؟، پۇتۇڭنى قانداق ئۇرىدىكەنسەن؟ يەر يېرىلىپ كەتكۈدەك ئۇرساڭ،ھەممە يەر گويا يەر تەۋرىگەندەك تىترەپ كېتىدۇ،- دېدى.
     
    مۇئەللىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، "ھەي،ھەي!" دەپ پۇتۇمنى يەرگە ئۇرۇۋېرىپ، ئۆكچەم ئېچىلىپ كېتەي دەپ قالدى. ئويۇن باشلىنىشقا ئىككى سائەت قالدى.
     
    مەن ئۆزۈم يازغان "قوي" دېگەن شېئىرنى بىر ئاي يادلىغانىدىم. ئۇنى ئۇنتۇش مېنىڭ مەيلىم ئەمەس ئىدى."يۇرتۇم" دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغىنىمدا، ئاغزىمغا "قوي" دېگەن شېئىر كېلىۋالاتتى. "يۇرتۇم"نى ئاز-تولا يادلىۋالغان بولساممۇ، لېكىن پۇتۇمنى يەرگە ئۇرۇش بىلەنلا، يادلىۋالغانلىرىممۇ ئېسىمدىن چىقىپ كېتەتتى. ئۆكچەمنى ئورۇشتىن مېڭەم سىلكىنىپ كەتكەنىدى. شۇ ئەسنادا ساۋاقداشلار:
    - نۆۋىتىڭ كەلدى، نۆۋىتىڭ كەلدى! سەھنىگە چىق!- دەپ كەينىمدىن ئىتتىرىشتى. زالغا ئاتا-ئانىلار لىق تولغانىدى. مۇئەللىمىمىز سەھنە ئارقىسىغا كۈتۈپ تۇراتتى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىدىغان ئادىشىپ قالسا، ئۇ يەردە پىچىرلاپ ئېيتتىپ بېرەتتى. سەھنىگە چىقىپ، زالدىكىلەرگە بېشىمنى ئېگىپ سالام بەردىم. لېكىن، بېشىمنى ئېگەر-ئەگمەيلا، دېكلاماتسىيە قىلىدىغان شېئىرىمنىڭ نامىنى ئۇنتۇپ قالدىم. بۇ كېلىشمەكلىككە قارا، زەينەپ، بىردىنلا "قوي" دېگەن شېئىر ئېسىمگە كېلىپ قالماسمۇ! بورۇن ئۆگەنگىنىمنى ئۇنتۇشنىڭ ئورنىغا يېڭى ئۆگەنگىنىمنى ئۇنتۇپتىمەن...
     
    ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈر: مەن سەھنىدە زالدىكىلەرگە قاراپ، زالدىكىلەر ماڭا قاراپ، بىر-بىرىمىزگە قارىشىپلا تۇردۇق.
     
    ھېلىمۇ ياخشى، مۇئەللىمىمىز سەھنە ئارقىسىدىن "يۇرتۇم" دەپ پىچىرلىغانىدى، مەن ئاۋازىمنىڭ بارىچە "يۇرتۇم" دەپ ۋارقىرىدىم، لېكىن كەينىدىن ھېچ نەرسە يادىمغا كەلمىدى. شېئىر ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ. ئۇنداق جىمجىت تۇرىۋەگىلى بولمايدۇ-دە! ھېچبولمىسا ئەمدى ئېسىمگە كېلىپ قالار، دەپ، يەنە بىر قېتىم "يۇرتۇم" دەپ ۋارقىرىدىم. يەنە ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى.زالدىكىلەر گۈلدۇراس چاۋاك چالماسمۇ! تېخىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتتىم. "يۇرتۇم" دەپ ۋارقىرىدىنىمدا ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالقىشلىغىنىنى چۈشەنمىدىم. شۇ ئارىدا مۇئەللىمىمىزنىڭ پىچىرلىغىنىنى ئاڭلىدىم-دە، شۇ ھامان "ئەي..." دەپ شۇنداق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدىمكى، پۈتۈن ئاۋازىم تۈگەپ، ئاغزىمدىن ئىشىك غاچىرلىغاندەك ئىنچىكە ئاۋازدا بىر"ئەي..." چىقتى. يەنە بىر ئالقىش ياڭرىدى. بۇ ئالقىشتىن كېيىن پۈتۈنلەي قالايمىقان دېكلاماتسىيە قېلىۋېرىپتىمەن. كېيىن ساۋاقداشلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇ شېئىرنى مۇنداق دېكلاماتسىيە قىلىپتىمەن:
     
    ئەي پەشمەتلەر توپا-چاڭلار، ئەي ھەل بەرگەن يەكتەكلەر،
    ئەي قىرىققا بىر باشاقلار، گۈللەر، باغلار، داستانلار،
    ۋە قويۇق بوي تارتقان بوستانلار دىيارى ھەي!
     
    دەپ پۇتۇمنى يەرگە ئۇرغاندا،بىردىن سەكرىۋەتتىم. نېمىشقا شۇنداق قىلغىنىمنى بىلەمسەن؟ مۇئەللىمنىڭ ئالدىدىكى رەپىتىستە ئۆكچەمنى يەرگە ئورۇۋېرىپ، ئايىغىمنىڭ بىر تال مىخى چىقىپ قاپتىكەن."ھەي" دەپ پۇتۇمنى يەرگە ئۇرغاندا،ئۇ مىخنىڭ ئۇچى"گاچ" قىلىپ تاپىنىمغا كىرىپ، گويا يۈرىكىمگە پىچاق سانجىغاندەك بولۇپ كەتكەنىدى.
     
    مانا شۇ ئاغرىق بىلەن يادلىۋالغان شېئىرنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم. ئاڭلىغۇچىلار قاقاقلاپ كۈلۈشتىن ئۆزىنى توختىتالمىدى، مېنىڭ بولسا يىغلىۋەتكۈم كېلەتتى، بىر ياقتىن مۇئەللىمنىڭ دەپ بەرگىنىنى ئاڭلاي دەپ سەھنىنىڭ كەينىگە قارايتتىم. مۇئەللىم پىچىرلاپ دەپ بەرگىنىنى ئاڭلىمىغىنىم ئۈچۈن ۋارقىرىدى:
    - "ھەي شۇ كاتتا ئەربابلارنى يېتىشتۈرگەن ئانىنىڭ..." 
     
    كەينىدىكى سۆزنى يەنە تاپالمىدىم.بەلكىم ئېسىمگە كېلىپ قالار دەپ، ئۇ مىسرانى قايتا-قايتا تەكرارلايتتىم. بىراق دەل"ئانىنىڭ" دېگەن يەرگە كەلگەندە، يىڭنىسى تاقىشىپ قالغان فاتېفون تەخسىسىدەك توختاپ قالاتتىم. يىغلامسىراپ چىققان تىترەك ئاۋاز بىلەن:«ئانىنىڭ... ئانىنىڭ...» دەپ تۇرغىنىمدا، يەنە بىردىنلا ھېلىقى«قوي» دېگەن شېئىرىم كاللامغا كىرىۋېلىپ، شارىلداپ دېكلاماتسىيە قىلىپ كەتمەسمەنمۇ! 
     
    ئانىنىڭ... ئانىنىڭ... ئانىنىڭ...
    قۇيرۇقىدىن ياغ چىقار.
    يېلىنىدىن سۈت بېرەر،
    ئۇنىڭ يۇمشاق يۇڭلىرىدىن...
     
    سەھنە ئارقىسىدا مۇئەللىم: "ئەي ئېتىكاپنىڭ... كەيپى ساپانىڭ..." دەپ پۇتلىرىنى يەرگە "گۈپ-گۈپ" ئۇراتتى. مەن مۇئەللىمدىن ئاڭلىغىنىمنىلا دەپ، كەينىدىن يەنە "قوي" شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلاتتىم:
     
    ... ئېتىكاپنىڭ ھەي!
    مۈڭگۈزلىرى ساپ بولار.
    گۆشى بىزگە ئوزۇق بولار،
    تېرىسى ھەر ئىشقا يارار،
    مايىقى ئوغۇت بولار، ھەي!...
     
    ئۆزۈمنى سەھنىدىن ئاتتىم. ئالقىشتىن گويا زال ئۆرۈلۈپ چۈشكۈدەك بولۇپ كەتتى. مۇئەللىم ئىنتايىن ئاچچىقى بىلەن:
    - نېمە قىلغىنىڭ بۇ، ئەخمەت؟- دېدى.
    - نېمە قىلغىنىم بولسۇن... كىشى ھەر قانچە قىلسا، بۇرۇن ئۆگەنگىنىنى بىردىنلا ئۇنتالمايدىكەن،- دېدىم.
     
    يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلىدىغان بولسام يىغلىۋېتەتتىم. مۇئەللىم ئىككىلىمىز ئاقساپ كېتىۋاتاتتۇق. مىق سانجىلىپ كەتمىسۇن دەپ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ماڭاتتىم. كەچتە دادام:
    - ئوغلۇم، تاڭ قالدۇردۇڭ. ئويۇن كۆرگۈچىلەر كۈلكىدىن باش كۆتۈرۈلمەي يەرلەردە دومىلاشتى...
    - تولا كۈلۈپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. ھوشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم،- دېدى ئاپاممۇ.
     
    ئويۇن كۆرگۈچىلەر ئادىشىپ كەتكىنىمنى ئۇقماي، بىلىپ تۇرۇپ ئەتەي شۇنداق قىلدى، دەپ چۈشىنىپتۇدەك.
     
    دېمەك، زەينەپ، ئاخىرقى بىر نەچچە كۈن مۇشۇنداق ۋاراڭ-چۇرۇڭ، تاراق-تۇرۇقلار بىلەن ئۆتتى.
     
    سەن خېتىڭدە، مېنىڭ دادامنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىدا بىرىنچى بولغان- بولمىغانلىقىغا قىزىقىدىغانلىقىڭنى يازغان ئىكەنسەن. ئەپسۇسكى، دادام سىنىپتا بىرىنچى ئەمەس، چۈنكى ئۇ مەكتەپتە ئوقۇماپتىكەن. مەكتەپتە ئوقۇغان بولسا ئىدى، ئۇمۇ ماڭا ھەممە ئاتىلاردەك سىنىپنىڭ بىرىنچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولاتتى...
     
    ماڭا خۇشاللىق بەخش ئېتىدىغان خەتلىرىڭنى كۈتۈپ، ساڭا ئامانلىق تىلەيمەن.
     
     
      
    ساۋاقدىشىڭ: ئەخمەت تارباي
    1963-يىلى 15-نويابىر، ئىستانبۇل
     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.