بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) 13

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-28 21:21:28

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) گويا بۇ غەلىتە ھادىسىلەردىن بىئارام بولغان قەلبىمنى بىردەم بولسىمۇ باشقا تەرەپكە جەلپ قىلماقچى بولغاندەك، يەنە يېڭىدىن – يېڭى ۋەقەلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى: قايمۇققا...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    گويا بۇ غەلىتە ھادىسىلەردىن بىئارام بولغان قەلبىمنى بىردەم بولسىمۇ باشقا تەرەپكە جەلپ قىلماقچى بولغاندەك، يەنە يېڭىدىن – يېڭى ۋەقەلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى: قايمۇققان خالايىق ئالدىدا باخشى بىلەن بىئاسۇ تېخى يېڭىلا ئويناپ چىققان دراما بىردىنلا قىززىق كومىدىيىگە ئايلاندى.

    بىئاسۇ ياغاچ كۆتىكىدىن ياسالغان تەختكە چىقىپ ئولتۇردى، باخشى ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئورۇن ئالدى. رىگو بولسا ھاكىمدار تەختىنى بىزەپ تۇرغان سول تەرەپتىكى ئىككى مەخمەل تۆشەك ئۈستىدە ئولتۇردى. باخشى ئىككى قولىنى كۆكسىگە گىرەلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر خىيال سۈرۈۋاتاتتى. بىئاسۇ بىلەن رىگو چىلىم تارتىشتى. گېنېرال مايۇرنىڭ ئالدىغا ئاديۇتانت كېلىپ، قوشۇنلارنى كورەك قىلىشنى باشلىساق بولامدۇ؟ دەپ سوراپ تۇراتتى. شۇ پەيتتە غارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ۋاڭ – چۇڭ كۆتىرىشىپ ئۈچ توپ نېگىرلار كېلىشتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىردىن ئەسىرنى ھەيدەپ كېلىشىۋاتاتتى. ئۇلار ئەسىرلەرنى بىئاسۇغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى ۋە ئۇنىڭدىن رەھىم قىلىشنى ئەمەس، بەلكى بۇ بىچارە تۇتقۇنلارنى قايسى ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈش لازىملىقىنى بىلىشمەكچى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى «ئۆلۈم، ئۆلۈم!» دەپ ۋارقىراشلىرىدىن مەلۇم ئىدى. ئۇنىڭ بەزىلىرى «DEATH,DEATH » دەپ ۋارقىراشتى. بۇلار، ئېھتىمال، بۇكمان باندىسىدىن بىئاسۇنىڭ فرانسۇز – ئىسپان نېگىرلىرى قوشۇنىغا قوشۇلۇۋالغان ئەنگلىيە نېگىرلىرى بولسا كېرەك. باش قوماندان قولىنى شىلتىپ جىم بولۇشنى ۋە ئەسىرلەرنى غار ئىچىگە ئېلىپ كىرىشنى بويرۇدى. مەن ئەسىرلەرنىڭ ئىككىسىنى تونۇپ ھەيران قالدىم: ئۇلارنىڭ بىرى «پەخرى گېنېرال C » دەپ ئاتىلىدىغان، دۇنيادىكى بارلىق نېگىر نەسلى تەرەپدارلىرى بىلەن خەت – ئالاقە ئورناتقان، كېڭەشتە نېگىرلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشنىڭ دەھشەتلىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھېلىقى فىلانتىروپ ئىدى. يەنە بىرى ئاق تەنلىكلەرنىڭ مۇلات قاتارىدا سانايدىغانلىقىغا قارىماي، مۇلاتلارغا قورال بەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلغان، باشقىلار تەرىپىدىن پەس قارىلىدىغان ھېلىقى «شالغۇت» مۈلۈكدار ئىدى. ئۈچىنچىسى بولسا، ئېھتىمال، ئۇششاق ئاق تەنلىكلەرگە مەنسۇپ كىشى بولسا كېرەك؛ تېرە پەرتۇق تارتىۋالغان، يەڭلىرى جەينىكىگىچە تۈرۈلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇچىلىسى تاققا يوشۇرۇنۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندا تۇتۇۋېلىنغان ئىكەن.

    بىرىنچى نۆۋەتتە «ئۇششاق ئاق تەنلىك» سوراق قىلىندى:

    -سەن ئۆزەڭ كىم؟ - دەپ سورىدى بىئاسۇ ئۇنىڭدىن.

    -مەن ژان – بېلىن، كاپ شەھىرىدىكى ھاجى ئاتىلار شىپاخانىسىنىڭ ياغاچچىسى، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

    «نۇسرەت تاپقان دۆلەتنىڭ باش قوماندانى» نىڭ چىرايىدا خىجالەتچىلىك بىلەن ھەيران قېلىش ئالامىتى ئەكس ئەتتى.

    -ژان – بېلىن! – دەپ تەكرارلىدى بىئاسۇ لېۋىنى چىشلەپ.

    - خۇددى شۇ، - دىدى ياغاچچى، - نىمە، مېنى تونۇمايۋاتامسەن؟

    -ئالدى بىلەن سەن مېنى ئوبدانراق تونۇپ، ماڭا بويۇن ئەگكىن! – دىدى گېنېرال مايور.

    -مەن ئۆز قولۇمغا بويۇن ئەگمەيمەن! – دەپ جاۋاپ بەردى ياغاچچى.

    -ئۆز قولۇمغا مىش، مۇتىھەم! – دەپ ۋارقىرىدى باش قوماندان.

    -قۇلۇم بولمايچۇ! – دىدى ياغاچچى، - ئەلۋەتتە، شۇنداق! مەن سېنىڭ دەسلەپكى خوجايىنىڭ. سەن ئەتەي مېنى تونۇماسلىققا سېلىۋاتىسەن. ياخشىراق ئەسلەپ باققىنا، ژان – بىئاسۇ، مەن سېنى سان – دومىنگولۇق بىر سودىگەرگە ئوتتۇز سومغا سېتىۋەتكەن ئىدىمغۇ!

    قەھرى – غەزەپتىن بىئاسۇنىڭ چاچلىرى تىك تۇردى.

    -ماڭا قارا، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ياغاچچى، - سەن ماڭا قۇل بولغانلىقىڭغا نومۇس قىلىۋاتامسەن، تېخى – ھە؟ ژان – بېلىنگە قۇل بولۇش ژان بىئاسۇ ئۈچۈن شەرەپ ئەمەسمىدى؟ سېنىڭ قېرى ئاناڭ – جادىگەر موماي ھەر كۈنى مېنىڭ ئىشخانامنى سۈپۈرۈپ تۇراتتى. ھازىر بولسا، مەن ئۇنى ھاجى ئاتىلار شىپاخانىسىنىڭ جانابى خوجايىنىغا سېتىۋەتتىم. ئۇ كىشى ماڭا ئاناڭ ئۈچۈن ئوتتۇز ئىككى سوم ئاتمىش تىيىنلا ھەق تۆلىدى. سېنىڭ ۋە ئاناڭنىڭ تارىخى ئەنە شۇ. لېكىن ھازىر سەن ۋە سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ بولغان نېگىرلار، مۇلاتلار بەكمۇ كۆرەڭلەپ كېتىشكەن ئوخشايدۇ. سەن، ئېھتىمال، كاپ شەھىرىدىكى ياغاچچى ژان بېلىننىڭ ئۆيىدە ئېگىلىپ يۈرۈپ خىزمەت قىلغان چاغلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭ كېرەك.

    بىئاسۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى غەزەپلىك كۈلۈمسىرەش بىلەن ئاڭلاپ تۇردى، ئۇ گويا ھىڭگىيىپ خىرىس قىلىپ خىقىراپ تۇرغان يولۋاسقا ئوخشايتتى.

    -ھىم! – دىدى ئۇ.

    ئاندىن بېلىننى تۇتۇپ كەلگەن نېگىرلارغا قاراپ شۇنداق دىدى:

    -بۇ ئادەمنى ئەپچىقىپ، ئۇنىڭدىن ھەرە بىلەن ئىككى تاختاي تىلىڭلار. كاپلىق ياغاچچى ئۇستام ژان – بېلىن، مەن سېنى ئۆز ھۆنىرىڭ بولغان ياغاچچىلىققا مۇناسىپ ھالدا ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدۇم. بۇ شەپقىتىم ئۈچۈن ماڭا رەھمەت ئېيتقىن!

    بىئاسۇنىڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈشىدىن شۇنى چۈشەندۇقكى، بىئاسۇ ئۆزىنىڭ سابىق خوجايىنىغا غورۇرى ئۈچۈن مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەھشىيانە جازا بىلەن جاۋاپ بېرىشنى ئويلىغان. مەن بۇ دەھشەتتىن سەسكىنىپ كەتتىم. ئەمما ژان – بېلىننىڭ ھەتتا بىر تال مۇيىمۇ تەۋرەنمىگەندەك ئىدى. ئۇ بىئاسۇغا نەپرەت بىلەن قاراپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى:

    -راست ئېيتتىڭ، مەن ساڭا، ئەلۋەتتە، رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك، چۈنكى، مەن سېنى ئوتتۇز سومغا ساتقان ئىدىم، ۋاھالەنكى، سېنىڭ قىممىتىڭگە قارىغاندا، ئوتتۇز سوم سەن ئۈچۈن يۇقىرى باھا بولغان ئىكەن!

    ئۇنى سۆرەپ ئەپچىقىپ كېتىشتى.

    33

    قالغان ئىككى تۇتقۇن ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان پاجىئەنىڭ بۇ دەەھشەتلىك مۇقەددىمىسىنى ئۆلۈك – تىرىك ئارىلىقىدا كۆرۈپ تۇردى، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئېگىپ، تىترەپ تۇرغان مىسكىن قىياپىتىنى ياغاچچىنىڭ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان قەيسەر ئىرادىسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ئىدى، ئۇلار غال – غال تىترىشىۋاتاتتى.

    بىئاسۇ ھىيلىگەر كۆزلىرى بىلەن ھەر ئىككىسىنى ئايرىم – ئايرىم كۆزىتىپ چىقتى. ئاندىن كېيىن خۇددى ئۇلارنىڭ ئۇزاقراق قورقۇپ، تىترەپ، ئازاپلىنىپ تۇرۇشىدىن لەززەت ئالماقچى بولغاندەك، رىگو بىلەن تاماكىنىڭ ھەرخىل سورتلىرى توغرىسىدا بىخارامان پاراڭغا چۈشتى: گاۋان تاماكىسى خۇمارنى ئازراق باسالايدۇ، ئەمما پۇرىقى جەھەتتىن ئىسپان تاماكىسىغا يەتمەيدۇ، بولۇپمۇ رەھمەتلىك بۇكماننىڭ ماڭا ئەۋەتكەن ئىككى ساندۇق ئىسپان تاماكىسىنىڭ سورتى بەكمۇ ياخشى ئىكەن. بۇ تاماكىلارنى تاشپاقا ئارىلىدىكى خوجايىن جانابى لېباتيۇدىن ئالغان ئىكەن، بۇ سۆزلەردىن كېيىن بىردىنلا ئۇ «پەخرى گېنېرال C » گە قارىدى ۋە ئۇنىڭدىن قوپاللىق بىلەن سورىدى:

    -خوش، سېنىڭچە، قانداق؟

    كۈتۈلمىگەن سۇئالنى ئاڭلاپ ھودۇققان ....  Cدۇدۇقلاپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى:

    -مەن گېنېرال جانابى ئالىيلىرىنىڭ پىكىرىگە تامامەن قوشۇلىمەن.

    -بۇ خوشامەتچىنىڭ سۆزى! – دىدى بىئاسۇ زەردە بىلەن، - مەن سەندىن، سېنىڭ پىكرىڭ قانداق، دەپ سوراۋاتىمەن. مېنىڭ پىكرىم قانداق، دەپ سورىغىنىم يوق. پۇرىقى جەھەتتىن لېباتيۇ تاماكىسىدىنمۇ ياخشىراق تاماكىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسەن؟

    -ياق، ھەقىقەتەن، بىلمەيمەن، تەقسىر، - دىدى C.

    ئۇنىڭ خىجالەت بولۇشى بىئاسۇنى بىرئاز يۇمشاتتى.

    -گېنېرال! جانابى ئالىيلىرى! – تەقسىر دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى دورىدى بىئاسۇ تاقەتسىزلىنىپ، - قارىشىمچە، سەن ئاق سۆڭەك ئوخشايسەن!

    -يوقسۇ، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەزبىرايى! – دەپ قاخشىدى  «پەخرى گېنېرال C »، - مەن توقسان بىرىنچى يىللارنىڭ ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋىرى ۋە ئۆتكۈر نېگىر نەسلى تەرەپدارىمەن...

    -نېگىر نەسلى تەرەپدارىمىش، - دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى بىئاسۇ، - «نېگىر نەسلى تەرەپدارى» دىگەن نىمە ئۇ؟

    -بۇ – قارا تەنلىكلەرنىڭ دوستى، دىگەن سۆز، - دىدى C ئىڭراۋاتقاندەك ئىنچىكە ئاۋاز بىلەن.

    -قارا تەنلىكلەرنىڭ دوستى بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، - دىدى بىئاسۇ كەسكىن ھالدا، - بارلىق رەڭلىك ئىرقلارنىڭ دوستى بولۇش كېرەك.

    مەن يۇقۇرىدا بىئاسۇنىڭ قارا تەنلىكلەردىن پەرقلىنىدىغان ساكاترا قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن بولسام كېرەك.

    -توغرا، رەڭلىك ئېرىقلارنىڭ دوستى بولۇش كېرەك. مەن بۇ سۆزنىمۇ دىمەكچى ئىدىم، - دىدى «نېگىر نەسلى تەرەپدارى» ئەدەپ بىلەن، - مەن نېگىرلار ۋە مۇلاتلارنىڭ ئەڭ مەشھۇر تەرەپدارلىرى بىلەن خەت يېزىشىپ تۇرىمەن.

    بىئاسۇ بۇ ئاق تەنلىكنى كەمسىتىش مۇمكىنلىكىنى بايقاپ خۇشال بولدى – دە، ئۇنىڭ سۆزىنى يەنە بۆلۈپ شۇنداق دىدى:

    -«نېگىر»، «مۇلات» - بۇ گەپلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ سەن بۇ يەرگە ئاق تەنلىكلەر بىزنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان رەزىل ئاتالغۇلارنى تەشۋىق قىلىپ، بىزنى مەسخىرە قىلغىلى كەلدىڭمۇ، نىمە؟ بۇ يەردە سېنى قورشاپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى – قارا ۋە رەڭلىك ئىرق كىشىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈشەندىڭمۇ، جانابى مۇستەملىكىچى؟

    -بۇ بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ ماڭا سىڭىپ كەتكەن يامان ئۇقۇم، ئەپۇ قىلسىلا، مەن ھەرگىزمۇ سىلىنى ھاقارەتلىمەكچى ئەمەسمەن، تەقسىر.

    -«تەقسىر – پەخسىر» ىڭنى قوي! بايا مەن ساڭا ئېيتتىمغۇ، مەن بۇنداق ئاقسۆڭەكلەرچە تەكەللۈپنى ياقتۇرمايمەن! – دىدى بىئاسۇ.

    C يەنە بىر قېتىم ئەپۇ سورىماقچى بولۇپ، بىئاسۇنى نىمە دەپ ئاتاشنى بىلمەي، دۇدۇقلاپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى:

    -ئەگەر مېنى چۈشىنىپ كېتەلىسىڭىز ئىدى، ھۆرمەتلىك كىشى...

    -«ھۆرمەتلىك كىشى» مىش! مېنىڭ كىملىكىمنى تېخىچە بىلمەيۋاتامسەن؟ - دەپ ۋارقىرىدى بىئاسۇ، - مەن بۇنداق ياكوبىنچىلارچە ئاتالغۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن. سېنىڭ بۇنچىلىك سىلىق – سىپايە ئىكەنلىكىڭگە قارىغاندا، سەن ياكوبىنچىمۇ – نىمە؟ ئېسىڭدە بولسۇنكى، سەن پادىشاھ پۇقرالىرىنىڭ باش قوماندانى بىلەن سۆزلىشىۋاتىسەن! «ھۆرمەتلىك كىشى» مىش، نىمە دىگەن تېتىقسىز گەپ بۇ!

    بىچارە «نېگىر نەسلى تەرەپدارى» ئەمدى بىئاسۇنى نىمە دەپ ئاتاشنى ۋە ئۇنىڭغا نىمە دەپ مۇراجئەت قىلىشنى بىلمەي تازا بېشى قاتتى، چۈنكى، بىئاسۇ «تەقسىر» دەپ ئىززەتلەشنىمۇ، «ھۆرمەتلىك كىشى» دەپ ئاتاشنىمۇ بىردەك ياقتۇرمىدى، ئاقسۆڭەكلەر تىلىدا مۇراجىئەت قىلىشنىمۇ، ۋەتەنپەرۋەرلەر تىلىدا ھۆرمەتلەشنىمۇ رەت قىلماقتا ئىدى. C نىڭ تازىمۇ روھى چۈشتى، بىئاسۇ بولسا مۇغەمبەرلىك بىلەن غەزەپلەنگەن قىياپەتتە بولۇۋېلىپ، تۇتقۇننىڭ تەمتىرەپ، دۇدۇقلاپ، ھولۇقۇپ تۇرۇشىدىن راسا لەززەتلىنىشكە باشلىدى.

    -ئاھ، خۇدا! – دىدى ئاخىرى C، - سىز مەن توغرىلىق ھەقىقەتەنمۇ يامان پىكىردە بولسىڭىز كېرەك، ئەي ئىنسانىيەت ھوقۇقىنىڭ مۇقەددەس ھىمايىچىسى.

    ھەرقانداق ئىززەت – ھۆرمەتنى رەت قىلىۋاتقان بۇ باشلىقنى نىمە دەپ ئاتاشنى بىلمىگەن بىچارە C ئامالسىزلىقتىن بەزى ئىنقىلاپچىلار ئۆز نۇقتىلىرىدا باشقىلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن كۆپ قوللىنىدىغان يۇقۇرىدىكى داغدۇغىلىق تەكەللۇپ ئاتالغۇنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

    بىئاسۇ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ سورىدى:

    -شۇنداق قىلىپ، سەن قارا ۋە رەڭلىك ئىرق كىشىلىرىنى ياخشى كۆرەتتىڭمۇ؟

    -ياخشى كۆرمەيچۇ! – دىدى C زوق بىلەن، - مەن ھەتتا برىسسۇ ۋە.....

     بىئاسۇ ئۇنى زاڭلىق قىلىپ كۈلدى.

    -ھاھ، ھاھ! بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ ساڭا ئوخشاش دوستلىرىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن بەختلىكمەن، - دىدى ئۇ، ئەگەر سەن بىزنىڭ دوستىمىز بولىدىغان بولساڭ، بىزنىڭ ئادالەتلىك قوزغىلىڭىمىزغا نىسبەتەن دەھشەتلىك قىرغىن بىلەن جاۋاپ قايتۇرماقچى بولغان رەزىل مۇستەملىكىچىلەرگە نەپرەت بىلدۈرۈشۈڭ كېرەك ۋە خۇددى بىزگە ئوخشاش. ھەقىقىي جاڭجالچىلار قارا تەنلىكلەر ئەمەس، ئاق تەنلىكلەر، دەپ ھېساپلىشىڭ كېرەك. چۈنكى، ئىنسانىيەتكە ۋە كىشىلەرنىڭ تەبىئىي يارىتىلغان شەكلىگە قارشى پىتنە قوزغىغانلار ئەنە شۇ ئاق تەنلىكلەر، سەن بۇ ۋەھشىيلەرگە نەپرەت بۈلدۈرۈشۈڭ كېرەك.

    -مەن ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن! – دىدى  C.

    -خوش، ئۇنداق بولسا، يېقىندا قۇللارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئەللىك نەپەر قارا تەنلىكنىڭ بېشىنى كېسىپ، ئۆز ھويلىسىغا كىرىدىغان بوستانلىقنىڭ ئىككى چېتىدىكى دەرەخلەرگە ئاسقان كىشى توغرىسىدا نىمە دەيسەن؟

    C نىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.

    -كاپ شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا قۇللارنىڭ كېسىلگەن بېشىدىن سېپىل سوقۇشنى تەكلىپ قىلغان ئاق تەنلىك توغرىسىدىچۇ؟

    -ماڭا رەھىم قىلىڭ! – دەپ يېلىنىشقا باشلىدى قورقۇپ كەتكەن C.

    -مەن سېنى قورقۇتۇۋاتقىنىم يوق، - دىدى بىئاسۇ سوغاقلا، - سۆزۈمنى بۆلمەي تۇرغىن... پىكولى پورتىدىن قاراپ كول تۇمشۇقىغىچە بولغان ئارىلىققا نېگىرلارنىڭ كاللىسىدىن قورغان ياسىماقچى بولغان ئادەم توغرىسىدا زادى نىمە دەيسەن؟ سۆزلە!

    بىئاسۇنىڭ «مەن سېنى قورقۇتۇۋاتقىنىم يوققۇ» دىگەن سۆزى ھۆرمەتلىك C دا ئازراق ئۈمىد ئويغاتتى. ئۇ، «ئېھتىمال، بىئاسۇ ئۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، بۇ تەكلىپنىڭ كىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلمەيدىغاندۇ» دەپ ئويلاپ، بىئاسۇنىڭ گۇمانىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئەڭ ئېغىر سۆزلەر بىلەن ئەيىپلەپ، شۇنداق جاۋاپ بەردى:

    -مەن ئۇنى ۋەھشىيلەرچە جىنايەت دەپ ھېسابلايمەن.

    بىئاسۇ مىيقىدا كۈلدى ۋە:

    -توغرا، ئۇنداقتا سەن ئۇ جىنايەتچىلەرگە قانداق جازا بەرگەن بولاتتىڭ؟- دەپ سورىدى.

    ئەمدى بىچارە C گاڭگىراپ قالدى.

    -نىمە ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن؟ قارا تەنلىكلەرنىڭ دوستىمۇ سەن ياكى ئەمەسمۇ؟ - دەپ ۋارقىرىدى بىئاسۇ.

    «نېگىر نەسلى تەرەپدارى» ئىككى ئىمكانىيەتنىڭ بىرىنى – ئانچە خەتەرلىك بولمىغىنىنى تاللىۋالدى: ئۇ بىئاسۇنىڭ كۆزلىرىدە ھېچقانداق غەزەپلىك ئالامەتنى كۆرمىگەندىن كېيىن، پەس ئاۋازدا شۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:

    -ئۇ جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك!

    -قالتىس ياخشى جاۋاپ بولدى – دە، - دىدى بىئاسۇ ۋە چېكىۋاتقان تاماكىسىنى تۇكۇرۇپ تاشلىدى.

    ئۇنىڭ بىپەرۋا قىياپىتىنى كۆرگەن بىچارە «نېگىر دوستى» بىر ئاز روھلاندى – دە، بىئاسۇنىڭ شۈبھىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆردى:

    -جانابىڭىزنىڭ ئىشلىرىغا ھېچكىم مەنچىلىك قىزغىن مۇۋەپپەقىيەت تېلىمەس! – دىدى ھاياجانلىنىپ، - مەن فرانسىيىدىكى برىسسۇ ۋە پېريۇنودې – پوم گۇژ بىلەن، ئامېرىكىدىكى مىگوۋو بىلەن، گوللاندىيىدىكى پاۋىليۇس بىلەن، ئىتالىيىدىكى تامبۇرنى ھەزرەت بىلەن.....

    ئۇ ۋالىي بلانىشلاندنىڭ ئۆيىدىكى كېڭەشتە يەنى باشقا بىر خىل شارائىت ئاستىدا زوق بىلەن ساناپ كۆرسەتكەن ھېلىقى فلانتروپلارنىڭ ئۇزۇن رويخېتىنى خوشامەت بىلەن قىلىۋاتقاندا، بىئاسۇ بىردىنلا ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ شۇنداق دىدى:

    -قويساڭچۇ، بۇ لاۋزا گەپلىرىڭنى، سېنىڭ بۇ ئاخباراتىڭ بىلەن مېنىڭ ئىشىم يوق! ئەڭ ياخشىسى، ماڭا ماگىزىن ۋە ئىسكىلاتلىرىڭنىڭ قەيەردىلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن، مېنىڭ ئارمىيەم ھەربىي ئەشيالارغا مۇھتاج. دۇنيادىكى كاتتا سودىگەرلەر بىلەن مۇناسىۋىتىڭ بولغىنىغا قارىغاندا، سەن باي دىھقانچىلىق مەيدانىغان، چوڭ سودا دۇكانلىرىغا ئىگە بولساڭ كېرەك.

    ھۆرمەتلىك C قورقۇپ تۇرسىمۇ، يەنە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ دىدى:

    -ئۇلار سودىگەرلەر ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت قەھرىمانلىرى، يەنى پەيلاسوپ، فلانتروپ ۋە نېگىر نەسلى تەرەپدارلىرى.

    -مانا، خالاس، - دىدى بىئاسۇ بېشىنى چايقاپ، - سەن يەنە كىشى چۈشەنمەيدىغان غەلىتە سۆزلەرنى بىلجىرلاشقا باشلىدىڭغۇ! قۇلاق سال، ئەگەر سېنىڭ ئولجا ئالغىدەك بىرەر ئىسكىلاتىڭ ياكى ماگىزىنىڭ بولمىسا، ئۇ چاغدا سەن نىمىگە ئەرزىيسەن؟

    بۇ سۆزدىن كېيىن C نى ئۈمىد ئۇچقۇنى يانغاندەك بولدى، شۇڭا ئۇ بۇ گەپكە مەھكەم ئېسىلىۋالدى.

    -شەۋكەتلىك قوماندان، - دىدى ئۇ يېلىنغان ھالدا، - سىزنىڭ ئارمىيىڭىزدە ئىقتىسادشۇناس بارمۇ؟

    -بۇ يەنە نىمە دىگىنىڭ؟

    -ئىقتىسادشۇناس دىگەن بىر مەملىكەتنىڭ ماددىي بايلىقىنى ئېنىقلاپ، ئۇنىڭدىن قىممەتلىك ئەشيالارنى تېپىپ چىقىدىغان ئەڭ مۇھىم ئادەم دىگەن سۆز، - دىدى C ھاياجان بىلەن ئۆز ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، - ئىقتىسادشۇناس بولغان ئادەم ھەر بىر ماددىي بايلىقنى ئۆز ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى بويىچە تۈرگە ئايرىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ، تەتقىق قىلىپ، شۇ ئارقىلىق بايلىق مەنبەسىنى تاپىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلار ئومۇمىي ھايات دېڭىزىغا كېلىپ قويۇلۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان نۇرغۇن كىچىك بايلىق ئىرىقلىرىنى ھاسىل قىلغۇچى خادىملار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    -ئەستاغپۇرۇللا! – دىدى بىئاسۇ باخشىغا قاراپ، - سىزنىڭ تەسۋىيىڭىزگە ئوخشاش قاتار تىزىلغان، باش – ئايىقى يوق سۆزلەر بىلەن بۇ نىمە دىمەكچىكىن؟

    باخشى C نىڭ سۆزىدىن ھېچنەرسە چۈشىنەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۈرىسىنى قىسىپ قويدى، C بولسا، سۆزىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى:

    -مەن بۇ پەنلەرنى ئۆگەنگەن... مەرھەممەت قىلىپ مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ، سان – دومىنگونى گۈللەندۈرگۈچى باتۇر جەڭچىلەرنىڭ شەۋكەتلىك داھىيىسى جاناپلىرى، مەن ئۇلۇغ ئىقتىسادشۇناس تيۇگو، رېينال ۋە مىرابولارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگەنگەنمەن. ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ دوستلىرى، مەن بۇ كىشىلەرنىڭ نەزىرىيىلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ چىققان. مەن شاھلارنىڭ پۈتۈن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىغا پايدا يەتكۈزەلەيدىغان ئىلىملارنى بىلىمەن....

    -بۇ ئىقتىسادشۇناس گەپنى ئىقتىساد قىلىشنى بىلمەيدىكەن! – دىدى رىگو ئىستېھزا بىلەن كۈلۈپ.

    بىئاسۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى ۋە:

    -قېنى، ئېيتىپ باققىنا، ئالدامچى، مەن پادىشاھلىق قىلىۋاتىمەنمۇ؟ مەن قايسى دۆلەتنىڭ شاھى ئىكەنمەن؟

    -ھازىرچە سىز بىر دۆلەتنىڭ شاھى بولمىسىڭىزمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە شاھ بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئالىي ھەزرەتلىرى، - دىدى C، - بۇنىڭدىن باشقا مېنىڭ بىلىمىم شۇنچىلىك يۇقۇرىكى، ھەتتا ئارمىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشمۇ قولۇمدىن كېلىدۇ.

    بىئاسۇ يەنە ئۇنىڭ سۆزىنى قوپاللىق بىلەن بۆلدى:

    -مەن ئۆز ئارمىيەمنى باشقۇرمايمەن، جانابىي زىمىندار، بەلكى ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىمەن!

    -ناھايىتى ياخشى، ئۇنداق بولسا، سىز قوماندانلىق قىلىڭ، مەن خوجىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ بېرەي، مېنىڭ چارۋىچىلىق جەھەتتىمۇ مەخسۇس بىلىمىم بار.

    -سەن بىزنى پادا بېقىپ، چارۋا يېتىشتۇرىدۇ، دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ - دىدى بىئاسۇ مېيقىدا كۈلۈپ، - ياق، بىز مال باقمايمىز، بەلكى يەيمىز. ئەگەر فرانسىيە مۇستەملىكىسىدىكى چارۋا ماللار بىزنىڭ يېيىشىمىزگە يەتمىسە، تاغلاردىن ئېشىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىسىگە بارىمىز – دە، ئۇ يەردىكى كەڭ يايلاقلاردا بېقىلىۋاتقان بۇقا، ئۆكۈز، قويلارنى ھەيدەپ كېلىمىز، ئەگەر كۇتىيۇئى، ۋېگى، سانت – ياگو ۋە يونا قىرغاقلىرىدىكى چارۋا – ماللار تۈگىسە، زۆرۈر تېپىلغاندا، ھەتتا ئىسپانىيە دومىنگوسى ئىچىدىكى سامانىسكى يېرىم ئارىلىنىڭ نېيبى دەرياسى قىرغاقلىرىدا يايلاپ يۈرگەن ماللارنى ھەيدەپ كېلىشكىمۇ، شۇ ئارقىلىق ئوژېنى ئۆلتۈرگەن لەنىتى ئىسپان مۈلۈكدارلىرىنىڭ ئوخشىتىپ ئەدىۋىنى بېرىشكىمۇ كۈچىمىز يېتىدۇ. كۆردۈڭمۇ، مېنىڭ مەئىشىتىم ئەنە شۇنداق باياشات، سېنىڭ «ناھايىتى ئېھتىياجلىق» بىلىمىڭگە ھاجىتىممۇ چۈشمەيدۇ!

    بىئاسۇنىڭ بۇ كەسكىن سۆزلىرى بىچارە «ئىقتىسادشۇناس» نى يارنىڭ گىرۋىكىگە ئەكىلىپ قويدى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ بايىقى چاخالغا ئېسىلىۋېلىپ، تىرەجەپ تۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇندى:

    -مەن يالغۇز چارۋىچىلىق جەھەتتىكى ئىلىملارنىلا ئەمەس، بەلكى سىزگە چوڭ مەنپەئەت كەلتۈرىدىغان باشقا ئىلىملارنىمۇ بىلىمەن، مەن سىزگە تاش كۆمۈرنى قانداق قېزىپ  چىقىرىشنى كۆرسىتىپ قويالايمەن.

    -ئۇلارنى نىمە قىلىمەن؟ ماڭا كۆمۈر كېرەك بولۇپ قالسا، ئۈچ چاقىرىملاپ كەڭلىكتىكى ئورمانلارنى كۆيدۈرىمەن.

    -مەن سىزگە ھەرخىل تېرەكلەرنىڭ ياغىچى نىمىلەرگە باپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى تۇتقۇن، - چىنار ۋە ئابنوس ياغىچى كېمىلەردە ھۇجرا ياساشقا، ئەۋرىشىم ياغىچى ئېگىپ ياسىلىدىغان نەرسىلەرگە، سۆگەت ياغىچى كېمە قوۋۇرغىسىنى ياساشقا يارايدۇ. يەنە، مەجنۇنتال، گايئاك، كېدرا، ئاكوما قاتارلىق ياغاچلاردىن...

    -سېنىڭ جەسىتىڭنى يەتتە دوزاخنىڭ قەرىگە ئېلىپ بارىدىغان تاۋۇتلارنى ياساشقا بولىدۇ! – دەپ ۋارقىرىدى تاقىتى تاق بولغان بىئاسۇ ئىسپان تىلىدا ئۇنى سىلكىپ.

    -نىمە دىگىنىڭىز بۇ، مەرھەمەتلىك خوجام؟ - دەپ سورىدى «ئىقتىسادشۇناس» غال – غال تىترەپ تۇرۇپ ئۇ ئىسپانچىنى ئانچە چۈشەنمەيتتى.

    -قۇلاق سال، - دىدى بىئاسۇ، - ماڭا كېمىلەر كېرەك ئەمەس، مېنىڭ ئوردامدا پەقەت بىرلا مەنسەپنىڭ بوش ئورنى بار، ئۇ بولسىمۇ ئەمەلدارلىق مەنسىپى ئەمەس، بەلكى چاكارلىق مەسىپى. ياخشى ئويلاپ باق، پەيلاسوپ ئەپەندى، بۇ مەنسەپ ساڭا لايىق كېلەمدۇ – يوق؟ ئەگەر لايىق كېلىدۇ، دېسەڭ، سەن مېنىڭ ئالدىمدا ئۆمىلەپ يۈرۈپ چاكارلىق قىلىشىڭ كېرەك، ماڭا چىلىم سېلىپ ئەكىلىشىڭ، غىزا – تاماق، تاشپاقا شورپىسى تەييارلىشىڭ كېرەك، مانا بۇ ئىككى قۇلغا ئوخشاش، كەينىمدە تۇرۇپ، پەر يەلپۈگۈچ بىلەن مېنى يەلپۈشۈڭ كېرەك، قانداق، بولامدۇ؟ ماڭا چاكار بولۇشقا رازىمۇ سەن؟

    «ھۆرمەتلىك C» پەقەت ئۆز جېنىنىڭ ئامان قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ، بۇ خىزمەتكە رازىلىقى ۋە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىئاسۇغا پېشانىسى يەرگە تەككىچە ئېگىلىپ تازىم قىلدى.

    -دىمەك، رازى بولدۇڭمۇ، ھە؟- دەپ سورىدى بىئاسۇ.

    -مېنىڭ رازى بولغانلىغىمغا شۈبھىلىنىۋاتامسىز، ئۇلۇغ جاناپ؟ مەن سىزنىڭ بۇ يۈكسەك مەرھەمىتىڭىزنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن قوبۇل قىلىمەن ۋە سىزنىڭ ئايىغىڭىزدا خىزمەت قىلىشنى شەرەپ دەپ ھېسابلايمەن!

    ئۇ بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، پىخىلداپ كۈلۈپ تۇرغان بىئاسۇ بىردىنلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە قوللىرىنى كۆكسىگە گىرەلەشتۈرۈپ تەنتەنىلىك قىياپەتتە ئورنىدىن تۇردى – دە، ئالدىدا ئېگىلىپ تۇرغان ئاق تەنلىكنى بىر تېپىپ دۇمىلىتىۋەتتى. ئاندىن كېيىن ۋارقىراپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى:

    -خۇداغا شۈكرى! مەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ شۇنچىلىك پەسكەشلىكىنى، بېشىغا كۈن چۈشكەندە ھەرقانداق رەزىللىككىمۇ رازى بولىدىغان ۋىجدانسىز ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بۇنىڭغا چەكسىز خوشالمەن! ھۆرمەتلىك C، مەن سېنىڭ ئىككى قېتىملىق ئەمىلىيىتىڭ ئۈچۈن ساڭا رەھمەت دەيمەن. مەن سېنىڭ تونۇيمەن، ئەجىبا، سەن ئۆزەڭنىڭ شۇنچىلىك گالۋاڭلىغىڭنى سەزمەمسەن؟ ئىيۇن، ئىيۇل، ئاۋغۇستلاردىكى قوزغىلاڭنى سەن يېتەكچىلىك قىلمىغانمىدىڭ؟ ئەللىك نەپەر نېگىرنىڭ بېشىنى كېسىپ ھويلاڭغا كىرىدىغان بوستانلىقنىڭ ئىككى چېتىدىكى خورمىلارغا ئاسقان سەن ئەمەسمۇ؟ سەن قوزغىلاڭدىن كېيىن ئۆز قولۇڭدىكى بەش يۈز نېگىرنىڭ بېشىنى كېسىش ۋە كاپ شەھىرىنىڭ ئەتراپىنى پىكولى پورتىدىن كاراكول تۇمشۇقىغىچە نېگىر قۇللارنىڭ كېسىلگەن بېشى بىلەن قورغان سوقۇپ مۇداپىئە قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانمىدىڭ؟! شۇ ۋاقىتتا، ئەگەر ئىمكانىيىتىڭ بولغان بولسا، مېنى تۇتقۇن قىلىپ، كاللامنى كەسكەن بولاتتىڭ، ھازىرچۇ؟ ماڭا چاكار بولۇپ ئىشلەشنى ئۆزەڭ ئۈچۈن بەخت دەپ ھېسابلاۋاتىسەن! ياق، ياق مەن سېنىڭ شەنىڭ ھەققىدە ئۆزەڭگە قارىغاندا كۆپرەك قايغۇرۇۋاتىمەن. مەن سېنى بۇنداق شەرمەندىلىكتىن قۇتقۇزۇپ قويماقچىمەن. ئۆلۈشكە تەييارلان!

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.