ھازىرقى بالىلار كارامەت (كىرىش سۆز)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-23 17:01:01

ھازىرقى بالىلار كارامەتŞimdiki Çocuklar Harikaئەزىز نەسىنتەرجىمە قىلغۇچى: توختى ھاجى تىللابۇ ئەسەرنى مەن بالىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈنمۇ يازدىم. ...

     




     

     

    ھازىرقى بالىلار كارامەت

    Şimdiki Çocuklar Harika

     

    ئەزىز نەسىن

    تەرجىمە قىلغۇچى: توختى ھاجى تىللا

     

     

    بۇ ئەسەرنى مەن بالىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈنمۇ يازدىم.

                                                                                 -ئەزىز نەسىن

     

     

     

    كىرىش سۆز

     

    ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تونۇش بولغان مەشھۇر تۈرك يازغۇچىسى ئەزىز نەسىن ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك يېزىقچىلىق ھاياتىدا ئىجاد قىلغان 110 پارچە كىتابى ئىچىدە بالىلارغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن. "ھازىرقى بالىلار كارامەت" ناملىق بۇ ئەسەر ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

     

    ئەزىز نەسىن بۇ ئەسىرىنىڭ 28-نەشرى مۇناسىۋىتى بىلەن بالىلارغا يازغان مەكتۇبىدا: ھەممىڭلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك سۆيىمەن. پۈتۈن سۆيگۈلەرگە ئوخشاش بۇ سۆيگۈدىمۇ شەخسىيەتچىلىكىمىز بار. چۈنكى بىز ياشانغانلار سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا ياشايمىز، ئۆمۈر سۈرىمىز، دەپ ئويلايمىز ۋە شۇنداق بولۇشىغا ئىشىنىمىز. يالغۇز ئۆز بالىلىرىمنى ۋە تۈرك بالىلىرىنىلا ئەمەس، ئامېرىكا، رۇس، نېمىس، ئەرمەن، جۇڭگۇ، سىگان... ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن بالىلارنى سۆيىمەن" دەيدۇ. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە، بالىلارغا بولغان تولۇپ-تاشقان قىزغىن مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن چوڭلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىر بولماسلىقلىرىنى، يالغانچىلىقلىرىنى، شەخسىيەتچىلىكلىرىنى، جەمئىيەتتىكى ناھەقچىلىكلەرنى، تەلىم-تەربىيە سورۇنلىرىدىكى بىمەنىلىكلەرنى بالىلار نەزىرى بىلەن كۆزىتىپ بايان قىلغان. ئاپتور ئۆزى ئېيتقىنىدەك، بۇ ئەسەر "بالىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈنمۇ" يېزىلغان. بۇ ئەسەردە بالىلارنىڭ نەزىرىدە چوڭلارنىڭ قانداق كۆرۈنىدىغانلىقى ھېكايە قىلىنىپ، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى ۋە چوڭلارنى تەنقىد قىلىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ئەسەر بالىلار تەربىيسىدىكى خاتالىقلارنى، بالىلارنىڭ چوڭلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدۇ.

     

    بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازغان ھەممە يازغۇچىلاردەك، ئەزىز نەسىنمۇ بۇ ئەسىرىدە بالىلارغا نەسىھەتلەر قىلغان. ھالبۇكى، بۇ بالىلارغا خىيالىي نەرسىلەرنى بېرىشنىڭ ئورنىغا، رېئال تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى ئۇلارنىڭ نەزىرى بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنى دىققەتنى جەلپ قىلىدىغان ھەزىل ۋە تەنقىدلەر بىلەن ئىپادىلىگەن. بۇ ئەسەر ئاتا-ئانىلارنى، ئوقۇتقۇچىلارنى كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەشھۇر ھەجۋىيچى تودوردىنوۋنىڭ "ھەزىل دۇنيايىمىزنى كۈلكىگە قېلىشتىن قۇتۇلدۇرىدۇ" دېگىنىدەك، تەلىم-تەربىيدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىللە، جەمئىيەتنى كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

     

    بۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەر زەينەب بىلەن ئەخمەت ئىسىملىك ئىككى ساۋاقداشنىڭ بىر-بىرىگە يېزىشقان خەتلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئۇلار دەسلەپتە ئىستانبۇلدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە تۆت يىل بىر سىنىپتا ئوقۇغان، كېيىن زەينەپنىڭ ئائىلىسى ئەنقەرەگە كۆچۈپ كەتكەندە، دوستلۇقنى مەكتۇب ئارقىلىق داۋاملاشتۇرغان.

     

    بۇ ئەسەردە، بالىلارنىڭ نەزىرىدە چوڭلارنىڭ قانداق كۆرۈنىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ؛بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى ۋە چوڭلارنى تەنقىدلەيدۇ؛بۇ ئەسەر بالا تەربىيىسىدە زۆرۈر دەپ قارالغان، دەۋرىمىزدە يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر يۈرۈش قىممەت قاراشلىرىنىڭ خاتالىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛بۇ ئەسەر بالىلارنىڭ چوڭلار ئالدىدىكى ھوقۇقلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى قوغدايدۇ.

     

    مۇندەرىجىگە قايتىش

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.