خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 20

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-25 13:25:09

خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 20فىزىكا ئالىمى: ئەمەلىيەتتە مەن «مېنىڭ 2028-يىلىدىكى چوڭ مېڭەم 2027-يىلىغا دائىر ئىشلارنى خاتىرىلىيەلەيدۇ. ئەمما 2027-يىلى 2012-يىلىنىڭ ئالدىدا، شۇڭا، مېنىڭ 2012-يىلىدىكى چوڭ مېڭ...



     خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 20

    فىزىكا ئالىمى: ئەمەلىيەتتە مەن «مېنىڭ 2028-يىلىدىكى چوڭ مېڭەم 2027-يىلىغا دائىر ئىشلارنى خاتىرىلىيەلەيدۇ. ئەمما 2027-يىلى 2012-يىلىنىڭ ئالدىدا، شۇڭا، مېنىڭ 2012-يىلىدىكى چوڭ مېڭەم 2027-يىلىدىكى ئىشلارنى خاتىرىلىيەلمەيدۇ» دېسەممۇ بولىدۇ. قاراڭ، مەن بۇ يەردە ئۆتمۈش، كەلگۈسى دېگەن ئۇقۇملارنى قوللانمىدىم.

    گۇمانلانغۇچى: ئەمما، كەلگۈسىدىن قورقۇش، ئەركىن ئىرادە ۋە مۆلچەرلىگىلى بولماسلىق دېگەنلەرنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ ناۋادا كەلگۈسى ئاللىقاچان مەۋجۇت بولغان بولسا، بۇ كەم-كۈتىسىز دېتېرمىنىزم (تەبىئەت ۋە جەمئىيەتتىكى بارلىق ھادىسىلەرنىڭ، جۈملىدىن كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە خۇلق-مىجەزىنىڭ قانۇنىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان تەلىمات) بولۇپ قالمامدۇ؟ ھەممىلا نەرسە ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغان، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان  بولسا، ئەركىن ئىرادە يالغان مال بولۇپ قالمامدۇ؟

    فىزىكا ئالىمى: كەلگۈسىنىڭ «ئاللىقاچان» مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. سىزنىڭ گېپىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ زىددىيەتلىك. چۈنكى سىزنىڭ گېپىڭىز كەلگۈسىدىكى «ئىشلار ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئىشلا ربىلەن بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ» دېگەنلىك بىلەن باراۋەر، «بۇرۇنقى» دېگەن سۆزنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئېنىق ھالدا ئەھمىيەتسىزدۇر. مۆلچەرلىگىلى بولماسلىققا كەلسەك، ئۇمۇ ئەمەلىي چەكلىمىلىككە ئىگە. دۇرۇس، ئالەم بەك مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، بىز پەقەت بەزىبىر ئاددىي ئىشلارنىلا مۆلچەرلىيەلەيمىز. مەسىلەن: كۈننىڭ تۇتۇلۇشى دېگەندەك. لېكىن مۆلچەرلىگىلى بولۇش دېتېرمىنىزم بىلەن ئوخشاش بىر ئىش ئەمەس. سىز بىلىش نەزەرىيىسى بىلەن مېتافىزىكىنى ئارىلاشتۇرىۋەتتىڭىز. دۇنيانىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالى ئالدىدىكى ئىشلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى يەنىلا مۆلچەرلىگىلى  بولمايدۇ.

    گۇمانلانغۇچى: لېكىن، ئەجەبا كەلگۈسى بەلگىلىنىپ بولغان بولامدۇ؟ كەچۈرۈڭ، كەلگۈسى دېمەسلىكىم كېرەك ئىدى. دېمەكچىمەنكى، ئەجەبا بارلىق ئىشلار پۈتۈنلەي ئالدىدىكى ئىشلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ بولغان بولامدۇ؟

    فىزىكا ئالىمى: ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن: كۋانت نەزەرىيىسى، كۋانت سەۋىيىسىدە، ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىستىخىيلىك ھالدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق مۇكەممەل ئالدىنقى سەۋەبنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

    گۇمانلانغۇچى: بۇ، كەلگۈسى مەۋجۇت ئەمەس، دېگەنلىكقۇ. بىز ئۇنى ئۆزگەرتىپلا يۈرۈۋاتىمىز.

    فىزىكا ئالىمى: بىزنىڭ ھازىرقى ھەرىكىتىمىزنىڭ بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، كەلگۈسى. دېگەن كەلگۈسى، فىزىكا ئالىملىرى ۋاقىت-بوشلۇقنى ئېچىلغان بىر پارچە خەرىتىگە ئوخشىتىدۇ، ۋاقىت بۇ خەرىتىنىڭ بىر يېنىغا يېيىلغان. ئىشلار خەرىتىدە بەزىبىر چېكىتلەردىن ئىبارەت. بەزى ئىشلار سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ئالدىدىكى ئىشلار بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. قالغان ئىشلار، مەسىلەن: رادىئوئاكتىپ ئاتوم يادروسىنىڭ يىمىرىلىشى بولسا «ئىستىخىيلىك» دەپ ئىزاھلانغان بولىدۇ. سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋېتى  بولسۇن- بولمىسۇن، ھەممە ئەنە ئاشۇ يەردە. شۇڭا، مەن دەۋاتقان ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى دەپ ئايرىماسلىق ئەركىن ئىرادە ياكى دېتېرمىنىزىمغا چېتىلمايدۇ، بۇ پۈتۈنلەي باشقا بىر مەسىلە بولۇپ، ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن بىر ساھە ھېسابلىنىدۇ.

    گۇمانلانغۇچى: سىز يەنىلا ماڭا نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىدىغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ بەرمىدىڭىز.

    فىزىكا ئالىمى: مەن نېرۋا كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ئەمەس. بىراق، سىزدە ئاشۇنداق تۇيغۇنىڭ بولۇشى ئېھتىمال قىسقا مەزگىللىك ئەستە ساقلاش جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

    گۇمانلانغۇچى: سىز، ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقى پۈتۈنلەي سۇبېكتىپ مەسىلە، بىر خىل خىيالىي تۇيغۇ دېمەكچىمۇ؟

    فىزىكا ئالىمى: سېزىمنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ بەزى فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ سەۋەبىنى سىرتقى دۇنياغا باغلاپ قۇيۇش، ئاقىلانىلىك ئەمەس. مەن سوراپ باقاي، سىز باش قېيىشنى ھېس قىلىپ باققانمۇ؟

    گۇمانلانغۇچى: ئەلۋەتتە ھېس قىلىپ باققان.

    فىزىكا ئالىمى: ئەمما سىز بېشىڭىزنىڭ قايغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئالەمنىڭ ئايلىنىشىغا باغلاپ قويمايسىز، گەرچە سىز ئالەمنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ھەقىقەتەن ھېس قىلىدىغان بولسىڭىزمۇ.

    گۇمانلانغۇچى: بۇنىسى راست. چۈنكى باش قايغان چاغدا ئالەم چۆگىلەۋاتقاندەك بىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىر خىل خىيالىي تۇيغۇ ئىكەنلىكى ئېنىق.

    فىزىكا ئالىمى: شۇڭا مەن، ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقى باش قايغاندا بوشلۇقنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەكلا بىر خىل ۋاقىت خاراكتېرلىك قېيىشتىن ئىبارەت، دەيمەن. ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدەك بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇنىڭ بىر ساختا ھەقىقىي نىقابقا ئىگە بولۇشى بىزنىڭ قالايمىقان تىلىمىزدىن كېلىپ چىققان. تىلىمىزدىكى زامان قۇرۇلمىلىرى ۋە ھېلىقىدەك ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى دېگەن ئەھمىيەتسىز ئىبارىلەر ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىق تۇيغۇسىنى راست شۇنداق ئىش باردەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

    گۇمانلانغۇچى: تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بېرىڭ،  بولامدۇ؟

    فىزىكا ئالىمى: ھازىر بولمايدۇ. مېنىڭ ۋاقتىم يوق.....

    بۇنداق سۆھبەتتىن بىز نېمە خۇلاسە چىقىرالايمىز؟ سۈبھىسىزكى، كۈندىلىك ئىشلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى دېگەن  بۇ ئۇقۇملارغا بەكرەك تايىنىمىز. بىز ۋاقىتنىڭ راستتىنلا تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەزەلدىن گۇمانلانمايمىز. ئەمما شۇنى ئېتىراپ ق ىلىش كېرەككى، ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى دېگەن بۇ ئۇقۇملارنى قانچىكى ئىنچىكە تەكشۈرگەنسېرى، بۇ ئۇقۇملار شۇنچە ئىگىلەش تەس، چۈشىنىكسىز بولۇپ، بىزنىڭ بايانلىرىمىز ئەڭ ئاخىرىدا ئوخشاش مەنىدىكى سۆزلەر تەكرارلانغان، ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. فىزىكا دۇنياسىدا، فىزىكا ئالىملىرى ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈشى ياكى ھازىر دېگەندەك نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بىسبىيلىك نەزەرىيىلىرى بارلىق كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئورتاق، ئۇمۇميۈزلۈك مۇۋاپىق كېلىدىغان بىز «ھازىر»نىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى كەسكىن ھالدا يوققا چىقاردى. ناۋادا ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى دېگەن بۇ ئۇقۇملارنىڭ ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى  بار بولسا (نۇرغۇن پەيلاسوپلار، مەسىلەن: ماك تاگگارت بۇ ئۇقۇملارنىڭ ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ)، ئۇنداقتا، بۇلارنىڭ ئەھمىيىتى فىزىكىغا ئەمەس، بەلكى پىسخولوگىيىگە تەۋە بولىدۇ.

     شۇنىڭ بىلەن، بۇنىڭدىن كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان بىر ئىلاھىيەشۇناسلىق ،ەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ: خۇدادا ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىق تۇيغۇسى بولامدۇ-يوق؟

    خىرىستىئان دىنىدىكىلەر، خۇدا مەڭگۈلۈكتۇر دەپ قارايدۇ. ئەمما، «مەڭگۈلۈك» دېگەن سۆزنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى مەنىسى بار. ئۇنىڭ بىر قەدەر ئاددىي مەنىسى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇش، باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى يوق، چەكسىز داۋاملىشىش دېگەنلىكتىن ئىبارەت. لېكىن، بەزىلەر خىرىستىئان دىنىدىكىلەرنىڭ بۇ خىل قارىشىنى توغرا دەپ قارىمايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان خۇدا ئۆزگىرىشى كېرەك. بىراق، خۇدادا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان سەۋەب نېمە؟ ئەگەر خۇدا ھەممە مەۋجۇدات، بارلىق شەيئىلەرنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇنداقتا، ئەڭ ئاخىرقى سەۋەبنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش ئەھمىيەتسىز بولمامدۇ؟

    يۇقىرىقى بىر قانچە بابتا،  بىز ۋاقىتنىڭ مەۋجۇتلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تەبىئىي ئالەمنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. ۋاقىت «ئېلاستىكىلىققا ئىگە». ئېنىق، ماددا ھەرىكىتىگە بېقىنىدىغان ماتېماتىكىلىق قانۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ۋاقىت ھەم ئۇزىرالايدۇ، ھەمقىسقىرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاقىت يەنە بوشلۇق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ۋاقىت بوشلۇق بىلەن بىرلىكتە تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ۋاقىت ماددىغا ئوخشاشلا، بارلىق تەپسىلاتلاردا، تەبىئىي جەريانغا قاتنىشىدۇ. ۋاقىت ئۆزگەرمەيدىغان مۇقەددەس نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇنى فىزىكىلىق ئۇسۇل، ھەتتا سۈنئىي ئۇسۇل بىلەنمۇ ئۆزگگرتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان خۇدامۇ تەبىئىي ئالەمنىڭ ئىلكىدە  بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ۋاقىت كەلگۈسىدىكى مەلۇم باشقۇچتا مەۋجۇتلۇقتىن توختىشى مۇمكىن (ئون بەشىنچى بابتا مۇشۇ مەسىلە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ). بۇنداق بولغاندا، ئېنىقكى، ئەگەر خۇدا ۋاقىت ئىچكى قانۇنىيىتىنىڭ باشقۇرىشىدا بولىدىغان  بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ھەممىگە قادىر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئۇ ۋاقىتنى ياراتمىغان  بولسا، ئۇنداقتا، ئۇنى ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ۋاقىت بىلەن بوشلۇق ئايرىلماس بولغاچقا، ئۇ ھالدا، خۇدا ۋاقىتنىياراتمىغان ئىكەن، ئۇ بوشلۇقنىمۇ ياراتمىغان بولىدۇ. لېكىن ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ، ئەگەر ۋاقىت-بوشلۇق ئۇشتۇمتۇت مەۋجۇت بولسا، تامامەن تەبىئىي ھەرىكەت ئۆزلۈكىدىن ئالەمدىكى ماددىلار ۋە تەرتىپنى بارلىققا كەلتۈ رىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر، خۇدا ۋاقىتنى ياراتسىلا (قاتتىق ئېيتقاندا، ۋاقىت-بوشلۇق بولۇشى كېرەك)، قالغان ھەممىنى خۇدانىڭ يارىتىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ دەپ قارايدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن، بىز «مەڭگۈلۈك» دېگەن سۆزنىڭ يەنە بىر مەنىسى، يەنى «ۋاقىتتىن تاشقىرى» دېگەن مەنىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق. خۇدا «ۋاقىتتىن تاشقىرى» دېگەن بۇ ئۇقۇم ھېچ بولمىغاندا ئاۋگۇستىندىن باشلاپلا مەۋجۇت بولۇپ كالدى. ئاۋگۇستىن (رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ خىرىستىئان دىنى مۇتەپپەككۈرى)، خۇدا ۋاقىتنى ياراتقان دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل قارىشى نۇرغۇن خىرىستىئان دىنى ئىلاھىيەتشۇناسلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ساينىت ئانسېلىم ئۇنىڭ قارىشىنى مۇنداق بايان قىلغانىدى: «سىز (خۇدا) تۈنۈگۈن، بۈگۈن ئەتىدە ئەمەس، بەلكى ۋاقىتنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىسىز.»

    ۋاقىتتىن تاشقىرى خۇدانىڭ شەخشلىككە ئىگە خۇدا بولۇشىى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈشى، گەپ قىلالىشى، سېزىمغا ئىگە بولۇشى، پىلانلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىت خاراكتېرلىك پائالىيەتتۇر. ۋاقىتنىڭ سىرتىدىكى خۇدانىڭ قانداقسىگە ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ھەرىكەت قىلالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن (گەرچە بەزىلەر بۇنداق بولۇشى مۇمكىن دېسىمۇ.)  بىز، «مەن»نىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىق سېزىمى بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. ۋاقىتتىن تاشقىرى خۇدا بىز بىلىدىغان ھەرقانداق مەنىدىكى بىر شەخس ھېسابلانمايدۇ.

    ۋاقىتنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىمۇ كىشىلەرنىڭ خۇدا ھەممىنى بىلىدۇ دەپ ئىشىنىدىغان ئېتىقادىغا نىسبەتەن ناھايىتى قىزىقارلىق مەنىگە ئىگە. ئەگەر خۇدا ۋاقىتتىن تاشقىرى بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنى پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئىدىيە بىرخىل ۋاقىت خاراكتېرلىك پائالىيەتتىن ئىبارەت. لېكىن ۋاقىتنىڭ سىرتىدىكى بىر مەۋجۇدىيەتتە بىلىم بولامدۇ؟ بىلىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەكلىكى ئېنىق، ئەمما بىلىمنىڭ ئۆزىگە ۋاقىت كېرەك ئەمەس، ئەگەر بىلىدىغان نەرسىنىڭ ئۆزى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگەرمىسىلا. ئەگەر خۇدا بۈگۈنكى ھەربىر ئاتومنىڭ ئورنىنى  بىلىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا، خۇدانىڭ بىلىمى ئەتە ئۆزگىرىشى كېرەك. ئەگەر خۇدا ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بىلىمگە ئىگە بولسا، ئۇ ۋاقىت سىڭگەن بارلىق ئىشلارنى بلىشى زۆرۈر.

    شۇ سەۋەبتىن، خۇدانىڭ بارلىق ئەنئەنىۋى خۇسۇسىيەتلىتىنى ماسلاشتۇرۇشتا بىر ئېغىر ھەم تۈپ قىيىنچىلىق مەۋجۇت. ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنى بايقاپ، خۇدانىڭ ھەممىگە قاردىرلىقى بىلەن خۇدانىڭ شەخسىيلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئوتتۇرىسىغا قوزۇق  قاقتى. ھازىر خۇدا ھەم ھەممىنى بىلىدۇ، ھەم ئۇ شەخسلىككە ئىگە دېيىش ناھايىتى قىيىن بولۇپ قالدى.

    (داۋامى بار)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا فىزىكا