تەۋارىخى مۇسىقىيۇن
موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى
مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئالتىنچى پىرى ئابدۇللا مەرۋارىت
ئالتىنچى پىرى ئابدۇللا مەرۋارىت* ھەزرەتلىرى بولۇپ، سەمەرقەنتتىن ئىدى. بۇ ئەزىزمۇ بۇ پەننىڭ ئۇستازلىرىدىن ھىساپلىناتتى. بۇ پەن ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ياخشى رىسالىلەرنى يازغان ھەم 100 دىن ئارتۇق شاگىرت چىقارغان ئىدى. ئۆز زامانىسىدا ناھايىتى داڭلىق مۇزىكىچىلاردىن بولغان ئىدى. ھىجرىيە 881-يىلى [مىلادى 1476-يىلى] ھىسار* ۋىلايىتىدە دەپنە قىلىندى.
___________________
ئابدۇللا مەرۋارىت__ سەمەرقەنتلىق مەشھۇر شائىر ۋە خەتتات بولۇپ، بىر مەزگىل ئىران قاتارلىق جايلاردا ياشىغان. ھۇراسان پادىشاسى ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئوردىسىدا بىر مەزگىل مۇنشى (باش كاتىپ) بولۇپ ئىشلىگەن. “بايانى” دېگەن تەخەللۇس بىلەن <تارىخى شاھى>، <خىسروۋ ۋە شېرىن> ناملىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان. مىلادى 1516-يىلى ھىساردا ۋاپات بولغان. لېكىن <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن>دا ئۇ ھىجرى 881-يىلى (مىلادى 1476-يىلى) ۋاپات بولدى دەپ يېزىلغان.
ھىسار- ئاسىيادا بىرقانچە شەھەر بۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى بۇخارانىڭ شەرقىدىكى قەدىمكى بىر شەھەر. ئىككىنچىسى ھىندىستاندىكى دېھلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر قەدىمكى شەھەر. يەنە ھازىرقى تۈركىيەدە ''قارا ھىسار'' دەپ ئاتالغان بىر شەھەرمۇ بار. شىنجاڭدا ''يېڭى ھىسار'' (يېڭىسار) دېگەن جايمۇ بار. بۇ يەردە بۇخارانىڭ شەرقىدىكى ھىسار شەھىرى نەزەردە تۇتىلىدۇ.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر
روھنى ساغلاملاشتۇرۇش- مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى(ئابدۇشۈكۈر م
2010-07-18تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون تۆتىنچى پىرى ھەزرىتى پەھلىۋان م
2010-12-18تىرە پۈتۈك(ئەڭ بەك مەغلۇبىيەت چىللىغۇچى ئون ئامىلدىن قانداق ساقلىنىمىز
2011-05-28«ئۈرۈمچى قۇلىقىڭنى تارت» توغرىسىدا(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
2011-01-08