سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى(6- چىڭلىق ۋە بوشلۇق)

يوللىغۇچى : elqem يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-24 00:28:12

سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى(6-چىڭلىق ۋە بوشلۇق) سۈنزى ئېيتىدۇرلەركى،جەڭگاھنى بالدۇر ئىگىلەپ دۈشمەننىڭ كېلىشىنى كۈتىپ تۇرغانلار خاتىرجەم، تەمكىن تۇرىدۇ، جەڭگاھقا كېيىن كىلىپ جەڭگە ئالدىراش ئاتلانغ...



    سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى

    (6-چىڭلىق ۋە بوشلۇق)

     

        سۈنزى ئېيتىدۇرلەركى،جەڭگاھنى بالدۇر ئىگىلەپ دۈشمەننىڭ كېلىشىنى كۈتىپ تۇرغانلار خاتىرجەم، تەمكىن تۇرىدۇ، جەڭگاھقا كېيىن كىلىپ جەڭگە ئالدىراش ئاتلانغانلار چارچاپ ھالسىرايدۇ.شۇڭا ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش يولىنى بىلىدىغانلار دۈشمەننىڭ بۇرنىدىن يىتلەيدۇكى ، ئۆز بۇرنىنى دۈشمەنگە يىتلەتمەيدۇ.

        دۈشمەننى ئۆزىمىز چەنلەپ قويغان يەرگە ئۆزلىكىدىن كېلدىغان قىلىش-ئاز-پاز نەپكە قىززىقتۇرغاننىڭ نىتىجىسى؛ دۈشمەننى ئۆزىمىز چەنلەپ قويغان يەرگە كېلەلمەيدىغان قىلىش -قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ توسقاننىڭ نەتىجىسى. شۇڭا، كۆڭلى خاتىرجەم تۇرغان دۈشمەننى چارچىتىشىمىز،ئۇرۇق-تۈلۈكى يېتەرلىك دۈشمەننى ئاچ قالدۇرىشىمىز، ئىستېھكامى تۇراقلىق دۈشمەننى قوزغىتىشىۋىتىمىز دۈشمەننىڭ ئەجەللىك يېرىگە ھۇجۇم قىلىغانلىقىمىزدىن بولىدۇ؛ يىراق يەرگە ھەربىي يۇرۇش قىلىپ چارچىماسلىقىمىز دۈشمەننىڭ توسالغۇسى يوق جاي بىلەن ماڭغانلىقىمىزدىن بولىدۇ؛ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ مۇقەررەر ئۇتۇق قازىنىشىمىز دۈشمەن مۈداپىئە كۆرمىگەن جايغا ھاجۇم قىلغانلىقىمىزدىن بولىدۇ؛ كۆرگەن مۇداپىئەمىزنىڭ مۇقەررەر مۇستەھكەم بولۇشى دۈشمەن مۇقەررەر كېلىپ ھوجۇم قىلىدىغان جاينى چىڭ ساقلىغانلىقىمىزدىن بولىدۇ.

        دېمەك، ھۇجۇم قىلىش يۇولىنى ئوبدان بىلدىغانلار دۈشمەننى قانداق مۇداپىئە كۆرۈشنى بىلەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ؛مۇداپىئە كۆرۈش يولىنى ئوبدان بىلىدىغانلار دۈشمەننى قانداق ھاجۇم قىلىشنى بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. نېمە دېگەن ئۇستاتلىق-ھە! بۇ قىلچە چانماس دەرىجىگە يەتكەن ئۇستاتلىق؛ نېمە دىگەن كارامەت -ھە! بۇ شەپىسى ئاڭلانماس دەرىجىگە يەتكەن كارامەت، بۇنىڭ ئۆزى دۈشمەننىڭ تەغدىرىنى ئۆز قولىمىزدا تۇتۇشىمىزغا ئىمكان بېرىدۇ. ئالغا چامدىغان دۈشمەننى مۇداپىئە كۆرەلمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويىشىمىز دۈشمەننىڭ كاۋىكىنى تېپىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىمىزدىن بولىدۇل چېكىنگەندە دۈشمەننى قوغلاپ زەربە بېرىلمەس ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىشىمىز دۈشمەن قوغلاپ يېتەلمەيدىغان دەرىجىدە تېز ھەرىكەت قىلغانلىقىمىزدىن بولىدۇ؛ قوشۇنىمىز ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىغاندا، مۇداپىئەمكىز چىڭ بومىغان تەقدىردىمۇ دۈشمەننىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىمىزىدىن بولىدۇ.

        دۈشمەننى ئاشكارلاش، ئۆز قوشۇنىمىزنى قىلچە ئاشكارلىماسلىق كېرەك، شۇندىلا ئۆز قوشۇنىمىزنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى جەملەشكە بولىدۇ-دە، دۈشمەن ئەسكرىي كۈچىنى چېچىۋىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئەسكرىي كۈچى بىر يەرگە جەم بولسا، دۈشمەننىڭ ئەسكرىي كۈچى ئون يەرگە چېچىلسا، دۈشمەنگە ئۇنىڭ ئەسكرىي كۈچىدىن ئون ھەسسە كۆپ كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا بولىدۇ، شۇندىلا ئۆزىمىز كۆپچىلىكىنى، دۈشمەن .ئازچىلىقنى تەشىكىل قىلىدىغان پايدىلىق ۋەزىيەتنى يارىتىشقا بولىدۇ. كۆپ كۈچ بىلەن ئاز كۈچكە ھۇجۇم قىلىش مۇمكىن بولسا،بىز قارشى ئۇرۇش قىلدىغان دۈشمەن چەكلىك بولىدۇ. ئۆز قۇشۇنىمىز ھۇجۇم قىلماقچى بولغان جاينى دۈشمەن بىلەلمەي قالسۇن، بىلەلمەي قالسا، دۈشمەن مۇداپىئە كۆرىدىغان جاي كۆپىيىدۇ؛ دۈشمەن مۇداپىئە كۆرىدىغان جاي كۆپەيسە،قوشۇنىمىز ھۇجۇم قىلىدىغان دۈشمەن ئازىيىدۇ. دېمەك، ئالدى تەرەپتىن مۇداپىئە كۆرسەڭ،ئارقا تەرەپتىكى ئەسكىرىي كۈچۈڭ ئاجىزلىشىدۇ؛ ئارقا تەرەپتىن مۇداپىئە كۆرسەڭ، ئالدى تەرەپتىكى ئەسكىرىي كۈچۈڭ ئاجىزلىشىدۇ؛ سول تەرەپتىن مۇداپىئە كۆرسەڭ، ئوڭ تەرەپتىكى ئەسكىرىي كۈچۈڭ ئاجىزلىشىدۇ؛ ئوڭ تەرەپتىن مۇداپىئە كۆرسەڭ، سول تەرەپتىكى ئەسكىرىي كۈچۈڭ ئاجىزلىشىدۇ؛ ھەممىلا جايدا مۇداپىئە كۆرسەڭ، ھەممە جايدىكى ئەسكىرىي كۈچىڭ ئاجىزلىشىدۇ.ئەسكىرىي كۈچۈڭنىڭ يىتىشمەي قىلىشىغا ھەمممىلا جايدا مۇداپىئە كۆرۇشۇڭ سەۋەب بولىدۇ، ئەسكىرىي كۈچۈڭنىڭ يېتەرلىك بولىشىغا دۈشمەننى ھەممىلا جايدا مۇداپىئە كۆرۇشكە  مەجبۇر قىلىشىڭ سەۋەب بولىدۇ. ئۇرۇش قىلدىغان جاينى ۋە ئرۇرۇش قىلىدىغان ۋاقىتنى ئالدىن بىلەلىسەڭ،ناھايتى يىراق يول يۇرۇشكە توغرا كەلگەن تەغدىردىمۇ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلالەيسەن. قاسى جايدا ۋە قايسى ۋاقىتتا ئۇرۇش قىلىشنى ئالدىن بىلەلمىسەڭ،سول قانىتىڭ ئوڭ قانىتىڭغا ياردەم بىرەلمەيدۇ، ئوڭ قانىتىڭمۇ سول قانىتىڭغا ياردەم بېرەلمەيدۇ.ئالدى تەرەپتىكىلىرىڭ ئارقا تەرەپتىكىلىرىڭگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئارقا تەرەپىڭمۇ ئالدى تەرىپىڭگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ھالبۇكى، نەچچە ئون چاقىرىم يىراقلىقتا، نەچچە چاقىرىم يېقىندا  تۇرغانغا قانداق ياردەم بەرگۈلۈك؟ مېنىڭ تەھلىل قىلىشىمچە، يۆ بەگلىكىنىڭ ئەسكرى كۈچى كۆپ بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئۇرۇشتا غەلبە قازىنىشقا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ دېمەك، غەلبىنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. دۈشمەننىڭ ئەسكىرى كۆپ بولسىمۇ، ئۇنى بىز بىلەن جەڭ قىلالماس ھالەتكە چۇشۈرۈپ قويۇشقا بولىدۇ.

        شۇڭا، ئوبدان پەملەپ كۆرۈش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئۇرۇش قىلىش پىلانىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە نۇقسانىنى بايقاشقا بولىدۇ؛ دۈشمەن قۇشۇنىنى ۋەسۋەسىگە سېلىش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ھەرىكەت قىلىش قانۇنىيتىنى بىلىشكە بولىدۇ؛ ئەھۋالنى چارلاش ئارقىلىق قەيەرنىڭ پايدىلىق، قەيەرنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ؛ كىچىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. شۇڭا، يۇرۇش-تۈرۈشۇڭ سېزىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئوبدان نىقابلانسۇن؛ يۈرۈش-تۇرۇشۇڭ سېزىلمىسە، ھەرقانچە چوڭقۇر يۇشۇرۇنغان جاسوسمۇ قوشۇنىمىزنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلەلمەيدۇ، ھەرقانچە ئەقىللىق دۈشمەنمۇ قوشۇنىمىزغا تاقابىل تۇرغىدەك تۇرىدىغان چارە تاپالمايدۇ. دۈشمەن ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن تاكتىكىنى جانلىق تەتبىق قىلىپ، قولغا كەلگەن غەلبىنى ئاۋامنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلغان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭدىكى سىرنى ئاۋام بايقىيالمايدۇ. كىشىلەر پەقەت ىزنىڭ دۈشمەننى يېڭىشتىكى ئۇسۇلىمىزنىلا بىلىدۇ، ئەمما دۈشمەننى يېڭىشتە بۇ ئۇسۇلدىن قانداق پايدىلانغانلىقىمىزنى بىلمەيدۇ. دېمەك،ھەر قېتىم غەلبە قازىنىشتا كونا قېلىپتىكى ئۇسۇلنى تەكرارلاپ يۈرمەي، ئۇنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا يارىشا ئۈزلىكسىز ئۆزگەرتىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.

       ئۇرۇش قىلىش قانۇنىيتى خۇددى سۇنىڭ ئېقىشىغا ئوخشايدۇ؛ سۇ يۇقىردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ پەسكە قاراپ ئاقىدۇ؛ ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى دۈشمەننىڭ مۇستەھكەم يېرىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ، دۈشمەننىڭ ئاجىز يېرىگە ھۇجۇم قىلىش يولى بىلەن قولغا كېلىدۇ. سۇنىڭ ئېقىش يۆلىنىشىنى يەر تۇزىلىشىنىڭ ئېگىز-پەسلىكى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ، ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقى دۈشمەن ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقى بەلگىلەيدۇ. دېمەك، خۇددى سۇنىڭ ئېقىشىنىڭ مۇقىم شەكلى بولمىغاندەك، ئۇرۇشنىڭمۇ ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم ئۇسۇلى يوق. دۈشمەن ئەھۋالىنىڭ ئۆزگرىشىگە ئاساسەن غەلبە قازىنىشقا قادىر بولغانلار ئۇرۇش قىلشنىڭ پىر ئۇستازى دېمەكتۇر.

        بەش ئانا سىر بىرىنى بىرى تۇغدۇرىدۇ، بىرىنى بىر قەتلى قىلدۇ، ھېچقايسىسى سىجىل غالىب بولالمايدۇ، تۆت پەسىل بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، بىر-بىرنىڭ ئورنىنى بېسىپ تۇرىدۇ، ھېچقايسىسى ئۆزگەرمەي تۇرىۋەرمەيدۇ، كۈندۇز بەزىدە ئۇزۇن، بەزىدە قىسقا بولىدۇ، ئاي بەزىدە تولۇنلىنىپ، بەزىدە كەمتۈك بولىدۇ. 

     

     

     

     

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.