نوبېل تېنچلىق مۇكاپىتى ساھىبى ــ مۇھەممەد يۇنۇس 2

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-19 12:50:20

نوبېل تېنچلىقمۇكاپىتى ساھىبى ــ مۇھەممەد يۇنۇس 2ئىككىنچى ئەۋلادگېراممېن بانكىسى قۇرۇلغاندىن تا بۈگۈنگە ئوتتۇز نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بىز بۇ ئوتتۇز يىل مابەينىدە، قەرز ئالغۇچى شۇ كىشىلەرنىڭ...



      

    نوبېل تېنچلىق مۇكاپىتى ساھىبى ــ مۇھەممەد يۇنۇس 2

    ئىككىنچى ئەۋلاد

    گېراممېن بانكىسى قۇرۇلغاندىن تا بۈگۈنگە ئوتتۇز نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بىز بۇ ئوتتۇز يىل مابەينىدە، قەرز ئالغۇچى شۇ كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىغا دىققەت قىلىپ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق تەسىرى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. گېراممېن بانكىسىدىن قەرز پۇل ئالغان شۇ ئاياللار ئالدى بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان شۇنداقلا قاتتىق ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان 16 ماددىلىق بەلگىلىمىنىڭ بىر ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: پەرزەنتلەر چوقۇم مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش كېرەك. گېراممېن بانكىسىمۇ بۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغا مەدەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بارلىق بالىلار مەكتەپ قوينىغا بېرىپ مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشقا باشلىدى. مەن شۇ ئانىلارنى مۇكاپاتلاشنى ئويلاپ، شۇ ئەقىللىق نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلدىم. ھازىر، گېراممېن بانكىسى ھەر يىلى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 30 مىڭ قېتىملىق ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلدى.

    نۇرغۇنلىغان نامرات كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى مائارىپ تەربىيىسى ئاستىدا، دوختۇر، ئىنژېنىر، پىروففېسور ۋە باشقا كەسپىي خادىم بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. بىز يەنە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى تەسىس قىلىپ، شۇ نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىۋېلىشىغا ياردەم قىلدۇق. مانا، ئۇلاردىن نەچچىسى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىمۇ ئېلىپ بولدى. بۇ يىل، ئون ئۈچ مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش ياردەم  قەرز پۇلى  بىلەن مەكتەپكە كىردى. ھەر يىلى، مۇشۇنداق ئوقۇغۇچىلاردىن يەتتە مىڭ ئوقۇغۇچى ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ ماڭدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق  يېپيىڭى بىر ئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ چىقتۇق. ئىلىم-پەن بىلەن تولۇق قوراللانغان بۇ بىر يېڭى ئەۋلاد كىشىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىنى نامراتلىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشقا تامامەن قۇدرەتلىك.

     

    قەلەندەرمۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جان كەچۈرەلەيدۇ

    بېنگالدا، %80 نامراتلار گېراممېننىڭ ئاز سوممىلىق قەرز پۇلىغا ئېرىشتى. بىز 2010-يىلىغا بارغاندا گېراممېن بانكىسىنىڭ ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى پۈتۈن بېنگالدىكى نامراتلارغا %100 يەتكۈزۈلىشىگە ئىنتىزارمىز. گېراممېن بانكىسىنىڭ ھەرتۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىدىن قەلەندەر-تىلەمچىلەر ئەزەلدىن بەھرىمان بولۇپ باققان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۈچ يىل بۇرۇن بىز مەىسۇس قەلەندەر-تىلەمچىلەرگە قارىتىلغان قەرز بېرىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق. بىز ئۇلارغا ئۆسۈمسىز قەرز بېرىمىز؛ ئۇلار ئۆزلىرى قىيلىنىپ قالمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ قەرز سوممىسىنىڭ خالىغان سوممىسىدىكى قەرزنى قايتۇرسا بولىدۇ. بىز ئۇلارغا تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدۇق: ئۇلار ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ ئىشىك چېكىپ تىلەمچىلىك قىلغىنىدا، يېنىدا ئۇششاق يېمەكلىك، ئۇيۇنچۇق ۋە ياكى ئائىلىگە كېرەكلىك بولغان كۈندىلىك لازىمەتلىكلەردىن ئېلىۋېلىپ ساتسا بولىدۇ. بۇ ئامال ئويلىغىنىمىزدەكلا ئۈنۈملۈك بولۇپ چىقتى. ھازىر، 85 مىڭ تىلەمچى بۇ پىلانغا كىرگۈزۈلۈپ بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 5000 كىشى تىلەمچىلىكتىن توختاپمۇ بولدى. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدىغانلىكى ھەرقانداق بىر ئوي-خىيال ياكى پائالىيەتنى قوللايمىز ھەم ئىلھام-مەدەت بېرىمىز. بىز نامراتلارنى يۆلەشتىكى ھەرخىل ئاماللىرىمىزدىن باشقا يەنە نامراتلارغا ئاز سوممىلىق قەرز بېرىشنى تەشەببۇس قىلىمىز، ھەمدە شۇنداق دەپ جاكارلايمىز: ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى باشقا ھەرقانداق نامراتلارنى يۆلەش ئۇسۇلىدىن ئۈنۈملۈكرەك ئۇسۇلدۇر.

     

    ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن نامراتلار پايدىلانسا بولىدۇ.

    ئۇچۇر ۋە ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى تولىمۇ تېز سۈرئەتتە دۇنيانى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، ئالاقىلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئۆزىلا پۈتۈن يەر شارىنى ئارىلىقسىز، چېگرىسىز ھالەتتىكى يەر شارى كەنتى قىلىپ قويىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ، ئالاقىلىشىشتىكى مەبلەغ سەرپىياتىمىزمۇ كۈندىن كۈنگە ئازلاۋاتىدۇ. مەن شۇنى ئويلىدىم: ئەگەر مۇشۇ تېخنىكىلار نامراتلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن بولسا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن  بولاتتى. ئۇچۇر ۋە ئالاقىلىشىش تېىنىكىسىنى نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن، مېنىڭ ئالغان بىرىنچى قەدىمىم، نامراتلار ئۈچۈن مەخسۇس بىر كۆچمە ئالاقىلىشىش شىركىتى قۇرۇپ بېرىش: گېراممېن ئالاقە شىركىتى. بىز گېراممېن بانكىسىدىن نامرات ئاياللارغا قەرز بېرىپ ئۇلارنىڭ كۆچمە تېلىفون، يەنى يانفون سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلساق، ئۇلار شۇ يانفونلىرى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئالاقىلىشىش مۇلازىمەتلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.

     

    گېراممېننىڭ ئىجتىمائىيلاشقان كارخانىسى

    ئۆزىنىڭ بارلىق ياكى كۆپ سانلىق ھوقۇقىنى نامراتلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق، ئەڭ يۇقىرى پايدىنى قوغلىشىدىغان شىركەتلەرمۇ ئىجتىمائىيلاشقان كارخانىغا ئايلىنالايدۇ. دۇنيادا يەنە باشقا بىر خىل تۈردىكى ئىجتىمائىيلاشقان كارخانا بار. بۇ خىل ئىجتىمائىيلاشقان كارخانا ئالدىدا، گېراممېن بانكىسىمۇ تېز ئەگمەي تۇرالمايدۇ. ئىئانە قىلغۇچىلار مۇشۇ خىل كارخانىلارنىڭ پېيىنى نامراتلارغا ئىئانە ۋە ياكى سوۋغا قىلسا، ياكى بولمىسا نامراتلار پۇل خەجلەپ مۇشۇنداق كارخانىلارنىڭ پېيىنى سېتىۋالالىسا، ئىئانە بەرگۈچى قوش تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپ مۇشۇ خىل تىپتىكى ئىجتىمائىيلاشقان كارخانىدىن بىرنى قۇرالىغان بولاتتى. بۇ خىل شەكىلدىكى ئىجتىمائىيلاشقان كارخانىنىڭ ئىگىلىكىنى، ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىي شۇنداقلا مەسئۇلىيەتچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان باشقۇرۇش شىركەتلىرى ئارقىلىق باشقۇرۇلسا تامامەن بولىدۇ. كارخانىنىڭ يىللىق پايدىسى شۇ يەرلىك نامرات كىشىلەرگە بۆلۈپ بېرىلسە، ياكى نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يېڭى بىر يوللارغا ئىشلىتىلسە بولىدۇ. مەسلەن نۇرغۇنن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرى: ھەرخىل يول ياساش، تۆمۈر يول ياساش، ئايردروم ياساش ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىقى شىركەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل شەكىلىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ باقسا تامامەن بولىدۇ.

    مەن يەر شارىلىشىشنى قوللايمەن، شۇنداقلا يەر شارىلىشىشنىڭ نامراتلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنىڭ زىيىنىدىن كۆپ ئىكەنلىكىگە چەكسىز ئىشىنىمەن. ئەمما، بىز چوقۇم توغرا بولغان ئۇسۇل  بىلەن ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

    بىز مۇنداق بىر ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلماي تۇرالمايمىز: بىز مەيلى قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى، ئەتراپىمىزدىكى نامرات كىشىلەر يەنىلا ئۈزۈلمەيدۇ؛ بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نامراتلىق مەڭگۈ قۇتۇلالماس تەقدىر بولىشىمۇ مۇمكىن. مەنمۇ سۆزلەپ ئۆتتۈم. نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا شۇنچە كۆپ نامرات كىشىلەر بولىدۇ؟  ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ نامراتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا قەتئىي ي ول قويمايدىغانلىقىمىزغا، مەدەنىيەتلىك بۇ جەمئىيەتتە نامراتلىققا ئورۇن يوقلۇقىغا چەكسىز ئىشەنگەن بولسا، بىز بەلكىم ئاللىبۇرۇنلا مۇناسىپ ھالدىكى ئورگانلارنى قۇرغان بولاتتۇق ياكى ماس ھالدىكى تۈزۈملەرنى ئورناتقان بولاتتۇق. ئەگەر بىز نامراتلىق جەھەتتە ھېچقانداق بىر ئۈنۈم ياراتقانلىقىمىزنى يوققا چىقىرۋەتسەك، ئۇچاغدا بىزنىڭ ئاغرىنىدىغىنىمىز: ئۆزىمىزنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ مەسىلىگە كىرىپ كەلمىگەنلىكىمىزلا بولىدۇ. بىز نېمىگە ئېرىشمەكچى ھەمدە بىز قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىشمەكچى  بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ قانداق شەكىلدىكى تەپەككۈر يۈرگۈزىشىمىزگە باغلىق. بىر ئادەمنى ڭتەپەككۈرى مەلۇم بىر شەكىلگە كىرىپلا بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ تەپەككۈرىنى ئۆزگەرتىش تولىمۇ مۈشكۈل ئىش. بىز ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۈر شەكلىگە تايىنىپ بۇ دۇنيانى ياراتتۇق. مۇبادا بىز ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۈر شەكلىنى ئۆزگەرتىدىغانلا بولساق، بىز چوقۇم ئۆزىمىزگە ھەقىقىي تەۋە بولغان رېئال دۇنيانى قايتا قۇرۇپ چىقالايمىز. مەن شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەنكى:ئەگەر بىز شۇنىڭغا چىن ئىخلاس بىلەن ئىشىنىدىغانلا بولسا، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ يېڭى دۇنياسىنى ـــ نامراتلىق بولمىغان يېڭى دۇنيارىمىزنى قۇرۇپ چىقالايمىز.

    گېراممېن ماڭا مۇنداق بىر تەۋرەنمەس ئېتىقادنى سوۋغا قىلدى ـــ كىشىلەر پۈتمەس-تۈگىمەس ئىجادچانلىق كۈچىگە ئىگە. بۇ ئېتىقاد مېنى كىشىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىقتىن قىينالماسلىقى كېرەكلىكىگە تېخىمۇ بىر قەدەم چوقۇرلاپ ئىشەندۈردى. جۈملىدىن، نامراتلارنىڭ نامرات بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، جەمئىيەت ئۇلارغا شۇ پۇرسەتنى بەرمىگەن. نامراتلارنى نامراتلىق پاتقىقىدىن پۈتۈنلەي تارتىپ چىقىش ئۈچۈن، بىز كۆپچىلىكنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، نامراتلارغا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك. نامراتلارنىڭ زېھنى ۋە ئىجادچانلىقى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنىگە ئېرىشسىلا، نامراتلىقمۇ مەڭگۈگە يوقىغان بولاتتى.

    قولىڭلارنى بېرىڭلار، قولىمنى تۇتۇڭلار، قولىمۇقول تۇتۇشۇپ ھەر بىر نامرات كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ زېھنى ۋە ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنىگە پۇرسەت يارىتايلى.

    نۇتۇق ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، مەن نورۋىگىيە نوبېل مۇكاپاتى ھەيئەتلىك كومېتىتىغا ئۆزۈمنىڭ چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرىمەن. مەن ئىشىنىمەن: سىلەرنىڭ بۇ ئالىي مۇكاپاتنى بىزگە بېرىشىڭلار، پۈتۈن دۇنيادا تېخىمۇ دادىل بولغان تەسەۋۋۇرلارنى ئويغىتىدۇ، بۇ ئىجادىي تەپەككۈرلەر پۈتۈن يەر شارى بويىچە نامراتلىقنى يوقىتىشتا يەنە  بىر قېتىملىق بۈيۈك بۆسۈشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ.

    كۆپچىلىككە رەھمەت.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇھەممەد يۇنۇس _