بيۇگ ژارگال ۋىكتور گيوگۇ 16

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-02 12:23:29

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) بىئاسۇنىڭ دىپلوماتىك مەكتۇپىدىكى ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ بېرىش بەدىلىگە ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قېلىش شەرتى نىمىشقىدۇر ماڭا ئېغىر كەلدى. مەن بۇنداق قىلىشنى پەسكەشلى...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    بىئاسۇنىڭ دىپلوماتىك مەكتۇپىدىكى ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ بېرىش بەدىلىگە ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قېلىش شەرتى نىمىشقىدۇر ماڭا ئېغىر كەلدى. مەن بۇنداق قىلىشنى پەسكەشلىك، ئۆز غۇرۇرۇمنى ئۆزەم يەرگە ئۇرۇش، دەپ ھېسابلىدىم. شۇڭا، تېڭىرقىمايلا ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدىم، بۇنچىۋالا قىلىپ جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالسام، ھاياتىم نىمىگە ئەرزىيتتى؟

    مېنىڭ جاۋابىمغا بىئاسۇ ھاڭ – تاڭ بولۇپ قالدى.

    -قانداق ئادەمسەن؟ - دەپ ۋارقىرىدى ئۇ ھەيرانلىق بىلەن، - ئاق قەغەزگە قارا سىياھ بىلەن ئىككى – ئۈچ ئېغىز سۆز يېزىپ بېرىشتىن ئۆلۈشنى ئەۋزەل كۆرۈۋاتامسەن؟

    -ھەئە؟ - دىدىم.

    مېنىڭ قەيەرلىكىم ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى، ئېھتىمال، بىرئاز ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق دىدى:

    -قۇلاق سال، ئەقىلسىز گۆدەك، مەن ساڭا ئوخشاش جاھىل ئەمەسمەن، ئەتە كەچكىچە پۇرسەت بېرىمەن، ياخشىراق ئويلان، سۆزۈمنى ئاڭلا. ئەتە كۈن چىقىشتىن ئاۋۋال، سېنى يەنە ئالدىمغا چاقىرتىمەن، شۇ چاغدا بويرۇقىمنى ئورۇنلا. كىچىگە قارىغاندا تاڭ سەھردە كىشىنىڭ ئەقلى سەگەكرەك بولىدۇ. ئوبدان ئويلانغىن. ئەگەر ئۆلۈش توغرا كەلسە، ئاددى ئۆلمەيسەن، خەير!

    دەھشەتلىك تەبەسسۇم بىلەن ئېيتىلغان بۇ ئاخىرقى سۆزنىڭ مەنىسى روشەن ئىدى: بىئاسۇ ئۆز قۇربانلىرىنى قىيناققا ئېلىش ئالدىدا ئاشۇنداق چىرايلىق گەپلەرنى قىلاتتى.

    -كاندې، بۇ ئەسىرنى ئەپچىقىپ كېتىڭلار، - دىدى بىئاسۇ، - ئۇنى قىزىلتاغ قوشۇنىنىڭ جەڭچىلىرى ساقلىسۇن. مەن ئۇنىڭ يەنە بىر سوتكا ئۆمۈر كۆرۈشىنى خالايمەن. باشقا جەڭچىلەرنىڭ ساقلىشىغا بەرسەك، بەلكى، ئۇلار يىگىرمە تۆت سائەت سەۋر قىلىپ تۇرالماسلىقى مۇمكىن.

    بىئاسۇ مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ باشلىقى بولغان مۇلات كاندى قۇلۇمنى باغلاشنى بۇيرۇدى، بىر جەڭچى ئاغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتۇپ مېنى غاردىن ئەپچىقىپ كەتتى.

     

    39

    بەختىيار ھالدا، پاراغەت ئىچىدە تېنچ ياشاۋېتىپ، كۈتۈلمىگەن پالاكەتكە، تۇيۇقسىز خەۋپ – خەتەرگە دۇچ كەلسىڭىز، تەقدىرنىڭ بۇ زەربىسى سىزنى ئېغىر غەم – غۇسسىگە گىرىپتار قىلىپ، غاپىللىقتىن ئويغىتىدۇ. لېكىن، بۇنداق تاساددىپىي بەختسىزلىك كىشىگە، كۆپىنچە، ئەينى ھادىسە بولۇپ كۆرۈنمەستىن، بەلكى چۈشتەك بولۇپ كۆرۈنىدۇ. دائىم بەختىيار ياشاپ كەلگەن كىشى بىردىنلا بەختسىزلىككە يولۇقسا، ئۈمىدسىزلىنىدۇ. كۈتۈلمىگەن پالاكەت بەئەينى بىردىنلا پارتلاپ كەتكەن بومبىغا ئوخشاش كىشىنى قاتتىق چۆچۈتۈپ، گاڭگىرتىپ قويىدۇ. كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا «ۋال» قىلىپ يانغان كىچىككىنە يورۇقلۇق ھەرگىزمۇ كۈن نۇرىنىڭ ئورنىنى باسالمىغاندەك، ئادەملەر، شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرمۇ خۇددى چۈشتىكى ئەپسانىۋى كۆرۈنۈشلەرگە ئوخشاش غىل – پاللا ئۆتىدۇ، ئالەمدىكى ھايات تامامەن ئۆزگىرىپ كەتكەندەك، كائىنات – تەبىئەتمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكىچە بىزنىڭ بەختلىك چاغلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلىنىپ، دۇچ كەلگەن ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزگە روشەن سېلىشتۇرما بولىدۇ – دە، ئاندىن بىردىنلا گۈزەللىكنى يوقىتىپ، رىئال تۇرمۇشنىڭ ئالدامچىلىقىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ھەقىقىي ھايات دىگەننىڭ ئۆزى گويا مەۋجۈت ئەمەستەك ياكى مەنىسىز بىر نەرسىدەك بولۇپ تويۇلىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ شەخسەن مەۋجۈتلۇقىمىزغا زورمۇ – زور ئىشىنىشكە ئۇرۇنىمىز، چۈنكى، ئۆتمۈشتىكى بەختىيار ھاياتىمىزدىن ھېچقانداق نام – نىشان قالمىغىنىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇ پۇرھەتلەرنىڭ قانداقلارچە قولدىن كەتكەنلىكىنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ھەممىدىن جۇدا بولۇپ، يەككە – يىگانە قالغانلىقىمىزنى زادىلا چۈشىنەلمەيمىز. ئەنە شۇنداق روھىي ئازاپ ئۇزۇنغا سوزۇلغانسېرى مۇلاھىزىلىرىمىز چېچىلىپ، مىڭىمىزگە ھېچقانداق ئورۇنلۇق پىكىر كەلمەيدۇ. خۇددى شۇ پەيتتە دائىم بەختلىك ياشىغان كىشىنىڭ بەختسىزلىكى گويا خىيالىي چۈشتەك، ئۆزى بولسا، گويا بىر كۆلەڭگىدەك بولۇپ تويۇلىدۇ.

    40

    ئەپەندىلەر، مەن بۇ پىكىرلەرنى نىمە ئۈچۈن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. بۇلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ بېرىشمۇ، ئىپادىلەپ بېرىشمۇ قىيىن. بۇ تۇيغۇلارنى مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم.

    بىئاسۇنىڭ مۇلازىملىرى مېنى «قىزىلتاغ نېگىرلىرىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندە، مەن ئەنە شۇنداق ھىسسىياتتا ئىدىم. ماڭا گويا بىر پۇرسەت ئورنىغا يەنە بىر پۇرسەت كەلگەندەك تۇيۇلدى، شۇڭا مېنى بېلىمدىن چوڭ دەرەخقە باغلاۋاتقاندا ھېچقانداق قارشىلىق قىلمىدىم.

    نېگىرلار ماڭا ياڭيۇ شورپىسى ئەپكىلىپ بېرىشتى. مەن بۇنى چوڭ ئىشتىھا بىلەن پاك – پاكىز يەپ بولدۇم. خۇدا بەندىلىرىگە رەھىم قىلىپ، ھەرقانداق ئېغىر روھىي ئازاپ ئىچىدىمۇ تاماقنى ھەزىم قىلىپ كېتەلىگىدەك ئىشتىھا ئاتا قىلغان ئىكەن.

    شۇنداق قىلىپ، كەچ كىردى. مېنى قوغداپ تۇرغان  قاراۋۇللار ئۆز كەپىلىرىگە قايتىشتى، پەقەت ئالتە قاراۋۇل مېنى ساقلاشقا قادلى، ئۇلار چوڭ گۈلخان يېقىپ ئەتراپىدا ئولتۇرۇشاتتى. بەزىلىرى يانپاشلاپ ياتقىنچە سالقىن كېچىدە ئوت ئىسسىنماقتا ئىدى. بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ھەممىسى ئۇيقۇغا كەتتى.

    جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق چارچىغان بولساممۇ، ھارغىنلىق پىكىر يۈرگۈزۈشۈمگە توسقۇنلۇق قىلالمىدى، مەن چوڭقۇر خىيالغا چۆمدۈم. تېخى يېقىندىلا مارى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن بەختلىك مىنۇتلار خۇددى مارجاندەك تىزىلىپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. بۇ بەختلىك چاغلىرىمنى تېخى يېڭىلا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم، بۇ ھادىسىلەر مېنى شۈبھىلىنىشكە مەجبۇر قىلىپ تۇراتتى، مەن كۈندۈزى ئۈچ قېتىم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئەمەسمىدىم؟ بۇلارنى ئويلاپ، ئەمدى مېنىڭ ئەتراپىمنى پەقەت ئەلەم، ھەسرەت ۋە ھالاكەت ئوراپ تۇرغانلىقىغا جەزم قىلدىم. مەن بەزىدە ئۆزەمنى قانداقتۇ بىر ئەپسانىۋى دەھشەت بىلەن كۆرىشىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم ياكى ئۆز – ئۆزەمدىن، بۇ ئىشلار ئوڭۇممۇ – چۈشۈممۇ؟ دەپ سوراپ قوياتتىم. مېنىڭ ھازىرقى پەيتتە، بىئاسۇنىڭ ئەجەل پۈركۈپ تۇرغان لاگىردا تۇرغانلىقىم راستىمۇ؟ مارىدىن مەڭگۈ جۇدا بولۇپ كېتەرمەنمۇ؟ ئەسىر ئېلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، تېرەككە باغلاپ قويۇلغان ۋە مانا ئاۋۇ ئالتە نەپەر ياۋايى قوغداپ تۇرغان تۇتقۇن راستىنلا مەنمۇ؟ راست، مەنغۇ! قانچە ئۆزەمنى قاچۇرساممۇ، مارى ھەققىدىكى ئازاپلىق خىيالاردىن خالىي بولالمىدىم. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇنىڭ ۋىسالىغا تەلپۈندۈم! مارىنىڭ تەقدىرى نىمە بولغاندۇ، دەپ ئويلىغاندا، يۈرەك – باغرىم پارە – پارە بولاتتى! قانىتىم بولسا ئۇچۇپ بېرىپ، مارىغا ياردەم بەرگۈم كېلەتتى. ئوڭۇمدا كۆرۈۋاتقان بۇ دەھشەتلىك چۈش بىرئازدىن كېيىن ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك، پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ماڭا نېسىپ قىلىنغان ئاشۇ پەرىشتەمنىڭ ۋىسالىغا يېتىدىغان پەيتمۇ يېتىپ كېلىدىغاندەك ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولاتتى. بۇ ھاياجانلىق خىياللار زەنجىرى پيېرو ھەققىدىكى پىكىرگە كېلىپ چېتىلدى – د، بىردىنلا غەزىپىم قوزغالدى، كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى، قاتتىق غەزەپتىن چىكە تومۇرلىرىم ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك بولدى. مارىغا بولغان مۇھەببىتىم بىلەن پيېروغا بولغان دوستلۇقىمنى ئارىلاشتۇرۋەتكىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمگە لەنەت ئوقۇدۇم، ئۆزۈمنى ئۆزۈم قاغىدىم، پيېرونى «ئۇلۇغ دەريا» غا سەكرەپ چۈشۈشكە نىمە مەجبۇر قىلغانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم، نىمە ئۈچۈن ئۇنى شۇ پەيتتىلا ئېتىۋەتمىگىنىمگە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ يىغلىدىم. پيېرو ئۆلدى. مانا مەنمۇ ئۆلۈش ئالدىدا تۇرىمەن. مەن ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىگىمۇ، ئۆزۈمنىڭ ئۆلىدىغانلىقىمغىمۇ ئېچىنمىدىم، پەقەت ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالالمىغانلىقىمغا قاتتىق ئەپسۇسلاندىم!

    شۇ ئازاپلىق خىياللار ئىچىدە يېرىم بىھۇش ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدىم، روھىي ئازاپ مېنى راسا قىينىماقتا ئىدى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، بىردىنلا يىراقتىن ئېيتىلىۋاتقان ناخشا ئاۋازى مېنى ھوشۇمغا كەلتۈردى. قانداقتۇر بىر ئەر كىشىنىڭ «YO QUE SOY CONTRA BANDISTA» دىگەن ناخشىسى ئېنىق ئاڭلانماقتا ئىدى. قاتتىق ھاياجانلاندىم، كۆزۈمنى ئاچتىم، ئەتراپ جىمجىت، نېگىرلار ئۇخلاشماقتا، گۈلخان كۆيمەكتە ئىدى. ناخشا توختىدى. مەن، بۇ چۈشۈمدە ئاڭلانغان ئاۋاز ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدىم، - دە، يەنە ئۆز ھالىمچە خىيال سۈرۈشكە كىرىشتىم، بىراق ناخشا ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى، كۆزۈمنى ئاچتىم، ناخشا ئاۋازى يېقىنلا يەردىن كېلىۋاتاتتى. بۇ ئىسپانچە ناخشىنىڭ تۆۋەندىكى كوپلىتى ماڭا ئېنىق ئاڭلاندى.:

    («ئوكانى ۋادىسىدا

    ئەسىر چۈشتۈم دۈشمەنگە،

    تۇتقۇنلۇقتا ياشايمەن.

    تولۇپ ھىجران – ئەلەمگە»)

    بۇ ئەمدى چۈشۈم ئەمەس ئىدى، ناخشىنى پيېرو ئېيتىۋاتاتتى. بىر مىنۇتتىن كېيىن مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى دەل يېنىمدا ئاڭلاشقا باشلىدىم. كىچىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ «YO QUE SOY CONTRABANDISTA» دىگەن ناخشا يېنىمدىلا ئاڭلىنىشقا باشلىدى ۋە ئالدىمغا بىر ئىت يۈگۈرۈپ كېلىپ پۇتلىرىمنى يالىدى، كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام، راسك ئىكەن! ئالدىمدا نېگىر تۇراتتى، گۈلخان يالقۇنى ئۇنىڭ ۋە ئىتنىڭ چوڭ كۆلەڭگىسىنى چۈشۈرۈپ تۇراتتى. بۇ نېگىر پيېرو ئىدى! ئىنتىقام يالقۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تۇتاشتى. مەن بۇ ھادىسىگە ھەيران قالدىم، چۈشۈممىكىن دىسەم، ئويغاق ئىدىم ئۆلگەن ئادەم تىزىلىپ كەلدىمۇ؟ بۇ چۈش ئەمەسقۇ! دەھشەت ئىچىدە ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدىم. ئۇ ئەھۋالنى بايقاپ بېشىنى ئەگدى.

    -ئۇكا، - دىدى ئۇ ئاستا، - سەن بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان ھامان مەندىن گۇمانلانماسلىققا ۋەدە بەرگەن ئىدىڭغۇ؟ قېنى، ئېيتقىنچۇ، ئۇكا، بۇ ۋەدەڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟

    غەزەپ تىلىمنى سۆزگە كىرگۈزدى.

    -ئەبلەخ، - دەپ ۋارقىرىدىم مھن، - ئاخىر، مەن سېنى تاپتىم. سەن جاللات، تاغامنىڭ قاتىلى، مارىنى ئوغرىلاپ كەتكەن تۇرۇپ، يەنە مېنى ئۇكا دەپ ئاتاشقا قانداق پېتىندىڭ!؟ توختا، ماڭا يېقىنلاشما!

    مەن ئۆزەمنىڭ مەھكەم باغلاقلىق ئىكەنلىكىمنى ۋە مىدىرلىيالمايدىغانلىقىمنى ئۇنتۇغان ئىدىم. پيېرونىڭ بېلىدىكى خەنجەرنى سۇغۇرۇۋالماقچى بولدۇم. ئەپسۇسكى، قولۇم باغلاقلىق ئىدى. مېنىڭ بۇ ھەركىتىم ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ھاياجانلىنىشتىن ئۇنىڭ چىرايى مۇلايىم كۆرۈنەتتى.

    -ياق، - دىدى ئۇ، - مەن ئالدىڭغا يېقىن بارمايمەن. سەن بەختسىزلىككە يولۇقتۇڭ، ساڭا ئېچىنىمەن. گەرچە مەن سەندىنمۇ ئېغىرراق بەختسىزلىككە يولۇققان بولساممۇ، سەن ماڭا ئېچىنمايۋاتىسەن.

    مەن مۈرەمنى قىستىم. ئۇ مېنىڭ سۆزسىز كەمسىتىشىمنى چۈشەندى – دە، خىيالچان قاراپ تۇرغىنىچە شۇنداق دىدى:

    -توغرا، سەن كۆپ نەرسىدىن ئايرىلدىڭ، لېكىن شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى، مەن ساڭا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ نەرسىدىن ئايرىلدىم.

    شۇ ئارىدا بىزنىڭ ئاۋازىمىز قاراۋۇل نېگىرلارنى ئويغىتىۋەتتى، يات ئاۋازنى ئاڭلىغان قاراۋۇللار سەكرەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قوللىرىغا قورال ئالدى – يۇ، دەرھال پيېرونى كۆرۈپ خۇشال بولۇشۇپ چۇقۇراشتى ۋە پيېرونىڭ ئايىغىغا ئۆزلىرىنى تاشلاپ، باش ئۇرۇشقا باشلىدى. نېگىر قاراۋۇللار تەرىپىدىن پيېروغا قىلىنغان بۇ ئىززەت – ھۆرمەتمۇ، راسكنىڭ بىردەم پيېرغا، بىردەم ماڭا قاراپ ئەركىلەپ تۇرۇشىمۇ ماڭا قىلچە تەسىر قىلمىغان، غەزەپ – نەپرەت پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى تىترەتمەكتە ئىدى.

    -ئاھ، مەن نىمە دىگەن بەختسىز! – دەپ ۋارقىرىدىم ئۆز ئەھۋالىمدىن قاتتىق ئېچىنغان ھالدا، - مەن بۇ ئەبلەخنىڭ ئۆزلىگىدىن ئالدىمغا كېلىشىنى زادىلا كۈتمىگەن ئىدىم، مەن ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلاپ، ئۆچ ئالالمىغىنىمغا ئېچىنغان ئىدىم. مانا ئەمدى ئۇ ئالدىمدا پەيدا بولۇپ، مېنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ! ئۇ مېنىڭ يېنىمدا تۇرسىمۇ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش شاتلىقىغا سازاۋەر بولالمايۋاتىمەن، ئاھ، مېنى بۇ لەنىتى ئارغامچىدىن كىممۇ بوشىتىپ قويار!

    پيېرو نېگىرلارغا بۇرۇلۇپ قارىدى، نېگىرلار بولسا، تېخىچە سەجدە قىلىۋاتاتتى.

    -يولداشلار، - دىدى ئۇ، - بۇ تۇتقۇننى بوشىتىڭلار!

    41

    نېگىرلار ئۇنىڭ ئېيتقىنىنى دەرھال ئىجرا قىلىشتى، ھەش – پەش دىگىچە ئارغامچىلارنى كىسىپ، مېنى بوشاتتى. لېكىن مەن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلالمىدىم، چۈنكى بولۇۋاتقان ئىشلارغا ھەيران ئىدىم.

    -بۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، - دىدى پيېرو ۋە قېشىدا تۇرغان نېگىرنىڭ خەنجىرىنى ئېلىپ ماڭا ئۇزىتىپ، سۆزىدە داۋام قىلدى، - ئارزۇيىڭنى ئورۇنلا، ئەزبىرايى، سېنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقىڭغا توسقۇنلۇق قىلمايمەن! چۈنكى، سەن مېنىڭ ھاياتىمنى ئۈچ قېتىم قۇتقۇزدۇڭ، مېنىڭ ھاياتىم تامامەن سېنىڭ ئىلكىڭدە. ئەگەر مېنى ئۆلتۈرۈشنى خالايدىكەنسەن، ئۆلتۈر!

    ئۇنىڭ ئاۋازىدا نە تەنە، نە قېيداش بىلىنمەيتتى، بەلكى ئېچىنىش بىلەن ھەسرەت جاراڭلايتتى.

    مەن ئىنتىقام ئېلىشنى ئارزۇ قىلغان كىشىنىڭ بۇ قىياپىتى ۋە ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئەپلىك پۇرسىتى ماڭا غەلىتە تۇيۇلدى. مېنىڭ پيېرونى يامان كۆرۈشۈم ۋە مارىغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ قاتىللىققا دەۋەت قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل – ئىسپاتقا ئىگە بولساممۇ، نىمىشقىدۇر، قەلبىمدە ئۇنىڭ دۈشمەنلىكى ۋە خائىنلىقىغا نىسبەتەن روشەن شۈبھە تۇغۇلدى. ئەگەر ئۇ خائىن ۋە دۈشمەن بولغىنىدا، بۇنچىۋالا مەردانىلىق بىلەن ئالدىمغا كېلىپ، ئىنتىقام ئېلىشىمنى ۋە جازالىنىشىمنى كۈتۈپ تۇرمىغان بولاتتى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئاجايىپ ئادەمدە، قانداقتۇ، مەغرۇرلۇق، ھاكىمدارلىق كەيپىياتى گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئادەمگە شۇنداق ئەپلىك پۇرسەتتىمۇ قارشى چىقىشقا پېتىنالمىدىم، سىلەرمۇ، بەلكى، بۇنى چۈشەنگەنسىلەر.

    -بەدبەخت! – دەپ ۋارقىرىدىم مەن خەنجەرنى پىقىرىتىپ تاشلىۋېتىپ، - مەن سېنى يەككىمۇ – يەككە ئېلىشىپ ئۆلتۈرمەكچىمەن. خۇددى قاتىللارغا ئوخشاش خەنجەر ئۇرۇشنى ياقتۇرمايمەن، تەييارلان!

    -مەن تەييارلىنىمەنمۇ؟ ئۆزەمنى قوغداش ئۈچۈنمۇ – دىدى پيېرو ھەيران بولۇپ، - كىمگە قارشى تەييارلىنىمەن؟

    -ماڭا قارشى تەييارلىنىسەن!

    ئۇ ھاڭ – تاڭ بولۇپ قاراپ قالدى.

    -ياق، مەن ساڭا قارشى تۇرالمايمەن، بۇ سېنىڭ بويرۇقىڭنى بىرىنچى رەت قىلىشىم بولىدۇ. راسكقا قارىغىنا، مەن ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۋېتىشىم مۇمكىن، ئۇ مېنىڭ شۇنداق قىلىشىمغا مەجبۇر قىلالمايمەن، ئۇ بۇنداق قىلىشقا ئۇنىمايدۇ، سېنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا راسكتەك ئادەممەن!

    بىر ئاز جىم تۇرغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -مەن كۆزلىرىڭدىن نەپرەت ئۇچقۇنىنى كۆرۈۋاتىمەن. خۇددى شۇنداق نەپرەت ئۇچقۇنىنى سەن مېنىڭ كۆزلىرىمدە كۆرگەن ئىدىڭ. بېشىڭغا ئېغىر كۈلپەت چۈشكەنلىكىنى بىلىمەن، تاغاڭنى ئۆلتۈرۋېتىشتى، يەر – زىمىنلىرىڭنى كۆيدۈرۋېتىشتى، دوستلىرىڭنى بۇغۇزلاشتى. مال – دۇنيايىڭنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشتى، ھوزۇر – ھالاۋەتلىك تۇرمۇشۇڭ خانىۋەيران قىلىندى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ ئادەملىرىم قىلدى، لېكىن مەن قىلمىدىم. قۇلاق سال، مەن قاچاندۇر بىر چاغدا ساڭا «سېنىڭ ئاق تەنلىكلىرىڭ ماڭا كۆپ زۇلۇم قىلدى» دىگىنىمدە سەن، «ئەمما مەن ساڭا زۇلۇم قىلمىدىم» دىگەن ئىدىڭغۇ. شۇ ۋاقىتتا مەن ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلغان؟

    ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، ئۇ مېنى «قوينۇمغا ئۆزىنى ئاتىدۇ» دەپ ئويلىغان ئىدى، لېكىن مەن ھۈرپەيگەن پېتىم ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىۋەردىم.

    -سەن ئۆز ئادەملىرىڭنىڭ ماڭا قىلغان يامانلىقى ئۈچۈن جاۋابكار ئەمەسلىكىڭنى ئېيتىۋاتىسەن، - دىدىم غەزەپ بىلەن، - خوش، سەن ئۆزەڭ ماڭا نىمىلەرنى قىلمىدىڭ؟ بۇ توغرىلىق گەپ قىلمايسەنغۇ؟

    -مەن ساڭا قانداق يامانلىق قىپتىمەن؟ - دىدى پيېرو.

    مەن ئۇنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كېلىپ ۋارقىرىدىم:

    -قېنى مارى، مارىنى نېمە قىلدىڭ؟

    مارىنىڭ نامىنى ئاڭلىغان ھامان پيېرونىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، بىردەم نىمە دىيىشنى بىلمەي جىم تۇرۇپ قالدى – دە، ئاندىن دىدى:

    -ئاھ، مارىيە! توغرا، سەن ھەقلىق. لېكىن بۇ يەردە يات كىشىلەر بار.

    ئۇنىڭ «سەن ھەقلىق» دىگىنى مېنىڭ تېخىمۇ غەزىپىمنى قوزغىدى، ماڭا ئۇ جاۋاپ بېرىشكە پېتىنالمايۋاتقاندەك تۇيۇلدى، ئەمما ئۇ ماڭا يۈزمۇ – يۈز يېقىن كېلىپ، چوڭقۇر ھاياجان بىلەن شۇنداق دىدى:

    -مەندىن گۇمانلانما، ئۆتۈنۈپ سورايمەن! مەن ساڭا ھەممىنى سۆزلەپ بېرىمەن، بىراق بۇ يەردە ئەمەس. مەن سېنى قانداق ياخشى كۆرگەن بولسام، سەنمۇ مېنى شۇنداق ياخشى كۆرگىن ۋە ماڭا ئىشەنگىن – پيېرو بۇ سۆزنىڭ ماڭا قانداق تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاش ئۈچۈن بىردەم كۆزۈمگە قاراپ تىكىلىپ تۇرۇپ، ئاندىن مۇلايىملىق بىلەن سۆزىنى داۋام قىلدى – مەن سېنى ئۇكام دەپ ئاتىسام بولامدۇ؟

    پيېرونىڭ بۇ يۇمشاق سۆزى ماڭا گويا ئىككى يۈزلىمىلىكتەك بولۇپ تۇيۇلغانلىقتىن تېخىمۇ غەزەپلەندىم.

    -سەن ئۆتمەشنى ئېسىمگە سالماقچى بولۇۋاتامسەن؟ ۋاپاسىز ئەبلەخ! – دەپ ۋارقىرىدىم.

    پيېرو سۆزۈمنى بۆلدى. ئۇنىڭ كۆزىدىن مۇنچاقتەك ياشلار تۆكۈلمەكتە ئىدى.

    -ياق، مەن ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلمىدىم!

    -بۇ گېپىڭنى شامالغا دەپ بەر! – دىدىم مەن ئۇنى سىلكىپ، - مارىنى نىمە قىلدىڭ؟

    -بۇ يەردە ئۇنى ئېيتمايمەن، خىلۋەت ئورۇنغا بارايلى، - دىدى پيېرو، - بۇ يەردە يات كىشىلەر بار. نىمە ئۈچۈن مېنىڭ سۆزۈمگە ئىشەنمەيسەن؟ ۋاقىت زىچ. ئەنە تاڭمۇ يورۇپ كېلىۋاتىدۇ، مەن سېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشىم كېرەك، قۇلاق سال، ئەگەر ماڭا ئىشەنمىسەڭ، ھەممە ئىش ھالاك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە مېنى ئۆلتۈرۋەتكىنىڭ ياخشى، سەۋر قىل، مەندىن ئىنتىقام ئېلىشىڭ ئۈچۈن سېنى چوقۇم تۇتقۇنلۇقتىن قۇتقۇزۇشۇم كېرەك! جۈر، بىئاسۇنىڭ ئالدىغا بارايلى.

    ئۇنىڭ ھەركىتىدە ۋە سۆزلىرىدە مېنى ھەيران قالدۇرغان قانداقتۇ بىر سىر بار ئىدى. مېنىڭ قارشىلىقىمغا قارىماي، ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمنىڭ نازۇك تارىلىرىنى چېكىشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭ سۆزىگە كۆندۈم ۋە نىمىشقىدۇر يوشۇرۇن ھاكىمىيەتكە ئىختىيارسىز بوي سۇندۇم؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆچ ئېلىش ئارزۇيۇمغا يېتىش بىلەن ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىنىش ۋە سۆزلىرىگە ئىشىنىش ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ قالدىم، شۇنداق بولسىمۇ، ئاخىر ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.