كۈنىگە بىر ئەقىل ھەققىدە (پىتىر سىكىرىن)

يوللىغۇچى : enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-18 22:18:09

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} تولستوينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۈيۈك ئەسىرىپېتېر سېكىرىن تولستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل»ى ئۇنى

    تولستوينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۈيۈك ئەسىرى

    پېتېر سېكىرىن

     

        تولستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل»ى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرىدۇر. ئۇشبۇ كىتابنى ئۇ ھەتتا باشقا بارلىق ئەسەرلىرىدىنمۇ ياخشى كۆرگەن، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان بىردىن-بىر مۇھىم تۆھپىسى دەپ قارىغان. بۇ كىتابتا، تولستوي نۇرغۇن مىللەت، مەدەنىيەت ھەمدە تارىخىي دەۋرلەرنىڭ مەنىۋى ئەقىل-پاراسىتىنى تاۋلىغان ۋە بايان قىلغان، بۇ ئارقىلىق ئۇنى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ھەرقانداق بىر ئەسەر ئېشىپ كېتەلمىگۈدەك مۇستەقىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەسەر قىلىپ چىققان. دۇنيادىكى دىنىي ئەللامىلەر، مۇھىم دىنلار، بۈيۈك پەلسەپىۋى سىستېمىلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر، ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان 300 دىن ئارتۇق ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرىنى مەزكۇر كىتابقا ماتېرىيال مەنبەسى قىلغان.
    تولستوي، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سەككىز يىلىنى بۇ كىتابنى يېزىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان، ئۇ ترىلوگىيە شەكلىدە بىر نەچچە قېتىم نەشر نۇسخىلىرىنى ئۆزگەرتىپ چىققان:

    «دانىشمەننىڭ ئوي-خاتىرىلىرى» (1903)؛
    «دەۋرىلىك ئوقۇشلۇق» (1906)، بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نەشرىنى 1997-يىلى ئامېرىكاScribner   شىركىتى تۇنجى بولۇپ «پاراسەت كالېندارى» (A Calendar of Wisdom) دېگەن نامدا نەشر قىلغان؛
    تولستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل» ياكى «ھەر بىر كۈن ئۈچۈن» (Wise Thoughts for Every Day, or, For Every Day, 1909) يېقىندا رۇسىيە تەرىپىدىن قايتىدىن بايقىلىپ، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئىنگلىزچە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان.

    «دانىشمەننىڭ ئوي-خاتىرىلىرى» (1903)
    بۇ كىتابقا ھەر بىر كۈن ئۈچۈن بىردىن ئۈچكىچە نەقىل-ئۈزۈندىلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي كىرگۈزۈلگەن 800 پارچە نەقىل بار، ئۇلار 41 ئەدىبنىڭ ئىدىيىسىنى تەكرار بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ كىتابنىڭ سىغىمى نىسبەتەن كىچىك بولۇپ، كىرگۈزۈلگەن نەقىل-ئۈزۈندىلەر خالىغانچە تىزىلغان، تېما جەھەتتە ئۆز ئارا ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى، پەقەت ئۇلار تولستوي ئۆزى ياقتۇرغان يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى جەۋھەرلەشتۈرۈپ توپلاشلا ئىدى. بۇ كىتاب زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، 1903-يىلى كەم دېگەندىمۇ 12 قېتىم بېسىلغانىدى. ئۇ ھەتتا ئۈستەل كالېندارى شەكلىدە سوۋغاتلىق بۇيۇم قاتارىدىمۇ نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ بۇنچىۋالا ئالقىشلىنىشى، تولستويدا 1904-يىلى بۇ كىتابنى قايتا تۈزىتىش ۋە يېزىلىشىنى قايتىدىن ئويلىنىش خىيالى پەيدا قىلغان. ئۇ، «ھەر بىر ئادەم ئوقۇمىسا بولمايدىغان زۆرۈر» ئوقۇشلۇق قىلىپ يېزىپ چىقىشنى ئويلىغان، ھەمدە ئاساسلىق ۋاقتى ۋە ئىجادىيەتتىكى زېھنىنى ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان.

    «دەۋرىلىك ئوقۇشلۇق» (1906)
    تولستوي ئەڭ دەسلەپ «دانىشمەننىڭ ئوي-خاتىرىلىرى»نىلا تولۇقلاپ ۋە كېڭەيتىپ چىقىشنى ئويلىغانىدى. 1904-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە: «مەن ‹ئوي-خاتىرىلەر›نى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئالدىراش» دەپ يازغان. بىراق، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن قارىماققا بۇ كىتابنى تەھرىرلەش بىلەنلا قالماي، پۈتۈنلەي يىپ يېڭى بىر كىتاب قىلىپ چىققان، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى، رەتكە تۇرغۇزۇلۇشى، ھەجىمى ۋە خاراكتېرى «دانىشمەننىڭ ئوي-خاتىرىلىرى» بىلەن ئوخشىمايتتى. تولستوي دەسلەپتە بۇ يېڭى كىتابىنىڭ پىلانىنى «يېڭى كالېندار» دەپ، بەزىدە «پاراسەت كالېندارى» دەپمۇ ئاتىغان، بىراق، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنى «دەۋرىلىك ئوقۇشلۇق» دەپ ئاتىغان. 1904-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى گ. لۇسانوۋغا يازغان خېتىدە بۇ ئىسىمنى تۇنجى بولۇپ تىلغا ئالغان: «يېقىننىڭياقى مەن بەكمۇ ئالدىراش، مەن ‹كالېندار›نى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەر كۈنى ‹دەۋرىلىك ئوقۇشلۇق›نى يېزىش بىلەن ئۆتۈۋاتىمەن.»
    بۇ يېڭى كىتابتىكى نەقىل-ئۈزۈندىلەر ھەر كۈنلۈك تېما بويىچە تىزىلغان، ئالايلۇق، سۆيگۈ-مۇھەببەت، دوستلۇق، ھايات ۋە بالىلار قاتارلىقلار ھەققىدىكى مەزمۇنلار 12 ئاينىڭ ھەممىسىگە ئىزچىل سىڭدۈرۈلگەن. خام ماتېرىيالنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك، بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىش سۈرئىتى ئاستا بولغان. بۇ ترولىگىيە شەكلىدىكى ئەسەرنىڭ ئىككىنچى قىسىمىغا كەلگەندە تولستوي 300دىن ئارتۇق كىتابلارنى قايتا-قايتا ئوقۇغان، ھەمدە «كالېندار»نىمۇ 36 بەتلىك ئەسەردىن نەچچە يۈز بەتلىك ئەسەرگە كېڭەيتكەن. بۇ كىتابتىكى ھەر بىر تېما بەشتىن يەتتىگە قەدەر نەقىل-ئۈزۈندىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەزى تېمىلاردىكى نەقىل-ئۈزۈندىلەر ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان بولۇپ، جەمئىي 2 مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ، ئۇلار تولستوي يىغقان 22 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتابلىرىدىن زېھىن قويۇپ رەتلەپ چىقىلغان، ھەر قايسى دەۋردىكى 250 نەچچە ئەڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللىۋېلىنغان. ئۇ نەچچە يۈز پارچە نەقىل-ئۈزۈندىلەر رۇسچە، فرانسۇزچە، ئىنگلىزچە ۋە نېمىسچە 50 خىلدىن ئارتۇق ئۈزۈندە توپلاملىرىدىن ئېلىنغان.
    كىتابتىكى ھەر بىر كۈننىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش بۆلىكى تولستوينىڭ ئۆز ئىدىيىسى بولۇپ، بۇ جايلار قىيپاش ھەرپتە تىزىپ نەشر قىلىنغان. ئۇ يەنە 52 پارچە ھەپتىلىك ئوقۇشلۇقنى قوشقان بولۇپ، بىرەر ھېكايە ياكى روماننىڭ مەلۇم بۆلەكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللىغانلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇ يازغۇچىلار ئىچىدە ئانتون چىخوف، فېدور دوستويېۋسكىي، گوستاف فلوبېر، ۋېكتور ھيۇگو ۋە ئەپلاتۇن قاتارلىقلار بار. بۇ كىتابنىڭ ھەجىمى بەكلا چوڭ بولۇپ، ھەتتا ئايرىم كىتابچە شەكلىدىمۇ نەشر قىلىنمىغان، بەلكى ھەر بىر ئېيىغا بىردىن توغرىلاپ 12 پارچە شەكىلدە 1906-يىلى نەشر قىلىنغان. 1907-يىلىدىن 1915-يىلىغىچە ئۇ كۆپ قېتىم قايتا نەشر قىلىنغان.
    بىراق، مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ترولوگىيىنىڭ ئىككىنچى قىسىمى ئانچە زىچ باغلىنىشقا ئىگە ئەمەس. پۈتكۈل كىتاب ئومۇمىي قۇرۇلمىغا ۋە ئومۇمىي خۇلاسىگە ئەگە ئەمەس، تېمىلارنىڭ تەكرارلىقىدا كۆپىنچە ئىختىيارىلىق بار بولۇپ، ئايلارنىڭ ھەر قايسى كونكرېت كۈنلەر بىلەن ھېچقانچە مۇناسىۋىتى يوق، كۈنلەرگىمۇ ماۋزۇ قويۇلمىغان، ھەتتا ھەر ھەپتىلىك ئوقۇشلۇقلار ئوتتۇرسىدىمۇ يېتەرلىك بىرلىك يوق، توقۇلما بۆلەكلەردىن توقۇلمىسىز بۆلەكلەرگىچە ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك ئىدى.

    تولستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل»ى ياكى «ھەر بىر كۈن ئۈچۈن»ى (1909)
       1906-يىلىدىن 1909-يىلىغىچە تولستوي بۇ كىتابىنى يېزىش پىلانىغا تولىمۇ مەپتۇن بولغان، ئۇ، يېقىنراق كېلىدىغان يەنە بىر كىتاب يېزىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇپ، كىتابنىڭ ئىسمى «كۈنىگە بىر ئەقىل» ئىدى. بۇ كىتاب ئاخىرى بېرىپ، «ھەر بىر كۈن ئۈچۈن» دەپ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئاتالدى. تولستوي بۇ ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئىشقا ئاشۇردى: «ھەر بىر كۈن ئۈچۈن» ناملىق كىتاب ئېنىق قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىندى، ھەر بىر ئايدا تەكرار بايان قىلىنغان مۇھىم تېمىلار دەۋرىلەندى، مەزمۇن تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈلدى، تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاسان چۈشىنىشىگە قۇلايلىق يارىتىلدى.
    بىر يىلدىكى ھەر بىر كۈن توققۇزدىن 12 گىچە ھېكمەتلىك سۆز ياكى نەقىل-ئۈزۈندىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقى كىتابىدا، بۇ بىرىنچى كىتابى ئۈچۈن 200 دىن ئارتۇق يازغۇچىنىڭ نەقىل-ئۈزۈندىلىرىنى كىرگۈزگەن بولسا، بۇ كىتابىدا ئۆزى يازغان بۆلەكلەرنى كىرگۈزگەن. كېيىن، تولستويدا تۇيۇقسىز بىر ئوي، يەنى، ئۇنى ئەدەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان، بۆسۈش خاراكتېرىلىق ئەسەر قىلىپ چىقىش خىيالى پەيدا بولغان: ئۇ 30 تېمىنى تۈزۈپ چىققان (ئالايلۇق، خۇدا، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئېتىقاد، روھ، ھەقىقەت دېگەندەك)، ھەم ئۇلارنى ھەر بىر ئاينىڭ ھەر قايسى كۈنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرگەن، ھەر بىر ئايدا ئوخشاش شەكىلدە (ئۆزگەرتىلىپ) تەكرارلانغان. تولستوي ئۆزىنىڭ دوستى، ئەدەبىي تەقرىزچى پوسېغا يازغان خېتىدە، بۇ كىتابنىڭ ئۇندىن بۇرۇن يازغان ھەرقانداق ئەسىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى، ئۇنىڭ ماتېرىيال دائىرىسىنىڭ كەڭ، باشقىلار بىلەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
    تولستوينىڭ بۇ ئەڭ ئاخىرقى بۈيۈك ئىجادىيەت پىلانى، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۆلۈم بىلەن يېقىن ئارىلىق ساقلىغىنىنىڭ سەۋەبىدىن بولغاندەك قىلاتتى. 1902-يىلى باھاردا، يېشى 75 كە بېرىپ قالغان تولستوي ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى، دەسلىپىدە زاتىل (ئۆپكە ياللۇغى)، ئارقىدىنلا كېزىك تىپىدىكى كېسەل بىلەن يېتىپ قالدى. ئەينى چاغدا، تېخى ھېچقانداق ئانتىبىئوتىك ئوكۇللار تېخى ئىجاد قىلىنمىغانىدى، شۇڭا بۇ ئىككى خىل كېسەل جاننى ئالىدىغان يوشۇرۇن خەتىرى بار كېسەللىك دەپ قارىلاتتى. تولستوينىڭ ھاياتى نەچچە ئايلاپ قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا ئۆتتى. ئۇنىڭ ساقىيىپ قېلىشى بىر مۆجىزە ئىدى. 1902-يىلى 11-ئايدىن 12-ئايغىچە قرىمنىڭ يالتا ئەتراپىدىكى گاسپارا بازىرىدا كېسىلى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭغاندا، ئۇ بۇرۇنقى شەكىلدە يېزىقچىلىقىنى داۋام قىلالمايتتى، شۇڭا، ھەمىشە چېخوف، گوركى دېگەندەك كەسپداش يازغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ھايات ۋە ئۆلۈم، ئەدەبىيات ۋە ھاياتنىڭ مەنىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىرلىشەتتى. ئۇ، بارا-بارا بىر خىل ئادەت يېتىلدۈردى: ھەر كۈنى مەلۇم ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئوقۇيدىغان ياكى پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولدى، ئۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر ئۆيىنىڭ تېمىدىكى كالېندارغا يېزىپ ئېسىپ قويۇلاتتى. ئۇ كالېندار 1902-يىلى 12-ئايدا يېزىلىپ پۈتتى.
    1903-يىلى 1-ئايدا، تولستوي تەپەككۇرىدىن تەييار بولغان تېمىلارنىڭ كەملىكىنى بايقاپ، ئۆزىنىڭ بىر خىل ئادەت شەكىللەندۈرگىنىنى چۈشەنگەن، بۇ ئادەت تولىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا زور ئۈنۈم ئاتا قىلغان. ئۇ، سالامەتلىك ئەھۋالى ئۈزۈل-كېسىل ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ساقلانما كىتابلىرىدىن دانالارنىڭ ستات-نەقىللىرىنى توپلاشقا باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى مېلىكە قىلىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقارغان.
    شۇنداق قىلىپ، تولستوي قەدەممۇ قەدەم بىر ئىجادىيەت پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىغان، ئۇ پىلان تولستوي ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى سەككىز يىللىق ۋاقىت (1903-يىلىدىن 1910-يىلىغىچە) نى ئىگىلىگەن، 1200 بەتتىن ئارتۇق سەھىپىگە ئىگە ئۈچ توملۇق ئەسەر يېزىش ئىدى. بۇ ئەسىرىدە، يازغۇچىنىڭ ھايات ۋە خۇداغا بولغان قاراشلىرى ئومۇملاشتۇرۇلغان. تولستوي ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۇندىن بۇرۇنقى ھەممە ئەسەرلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۇلاردىن «بەك مۇھىم» ئەسەرلەردۇر، دەپ ئاتىغان. بۇ كىتابنى يېزىش خىيالى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا بەك بۇرۇن پەيدا بولغان، ئۇ كېسەل بولۇپ قېلىشتىن 20 يىللار بۇرۇنقى ئىش بولسا كېرەك. 1884-يىلى 15-مارتتا تولستوي كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنۇلارنى يازغان: «دەۋرى ئوقۇشلۇق بەلكىم ئېپكتېتىس، ماركۇز ئورېلىيۇ، بۇددا پىرى ساكيامۇنى، پاسكال ۋە «زەبۇر»دەك تولىمۇ گۈزەلدۇر. بۇ ھەر بىر كىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئەسەر.» بىر يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ ياردەمچىسى چېتكوفقا يازغان (ۋاقتى، 1885-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى) بىر خېتىدە شۇنىڭغا يېقىنراق بىر پىكىر تەكرارلانغان: «مەن دەرۋرىلىك ئوقۇشلۇق، ئىككىنچى تۈرلۈك ئېيتقاندا، كىتابلارنىڭ پارچىلىرىدىن كىتابلارنى تۈزۈشنى ئويلىشىۋاتىمەن، ئۇ كىتابلار بىزگە ھاياتتا ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ نېمىلىكى ۋە نېمىنىڭ ئادەمگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.» باشقا يېزىقچىلىق پىلانلىرى مۇشۇ پىلاندىكى ۋاقىتنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، 1903-يىلى تولستوينىڭ كېسىلى ياخشىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەرلەرنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرغان.
       ئاخىرىدا، كۆز ئالدىڭىزدىكى تولستوينىڭ ئۇشبۇ «كۈنىگە بىر ئەقىل»ىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلايلى. تولستوينىڭ بىر يۈرۈش بۇ ئۈچ كىتابى 1903-يىلى بىرىنچى كىتابى نەشر قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى 1917-يىلىدىكى ئىنقىلابقا قەدەر ئىزچىل قارشى ئېلىنغان. بۇ ئۈچ كىتاب سوۋېت ھاكىمىيىتى دەۋرىدە تەقىب قىلىشقا ئۇچرىغان. ئۇ كىتابلاردا دىنىي مەزمۇن بولغاچقا، 80 يىلغا يېقىن چەكلەنگەن پېتى تۇرىۋەرگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئەسەرلەر قايتىدىن بايقىلىپ، روسسىيىنىڭ يېقىنقى يىللىرىدا غايەت زور ئۇتۇق قازانغان، ئۇدا ئۈچ قېتىم نەشر قىلىنغان، كىتاب تىراژى 300000 غا يەتكەن. تولستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل»ى ئەنە شۇ ئۈچ كىتابى ئارىسىدا ئەڭ كېيىن بايقالغىنى بولۇپ، بۇ كىتاب ئەڭ دەسلەپ ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان.
    بۇ تولستوينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۈيۈك ئەسىرىدۇر، ئۇنىڭ تۇنجى نەشرىدىن باشلاپ ھېسابلىساق، 100 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، بۇ كىتاب يەنىلا تۇنجى نەشر قىلىنغان ۋاقىتتىكىدەكلا مۇھىم. بۇ كىتابتا، ئۇنىڭ چوڭقۇر ئەقىل-پاراسىتى، ئېتىقادى ۋە مول بىلىملىرى يارقىن چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت تارىخى تەجرىبىلىرىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن، مەيلى ھازىرقىلار ۋە ياكى بۇرۇنقىلار ئۈچۈن بولسۇن، بۇ ئىدىيىلەر ئوخشاشلا يېڭى، سەمىمىي ھەم ئەمەلىيدۇر. تولستوي ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ، ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ، كۈلدۈرىدۇ، مۇھىمى، كىشىلەرگە سۈزۈك، چوڭقۇر ھېسداشلىققا تولغان قەلبى بىلەن ئىنسانىيەت ھاياتىنى چۈشىنىشنى ئۆگىتىدۇ. بۇ كلاسسىك ئەسەر (بەلكى مەڭگۈلۈك) بىر «مەنىۋى ئوزۇق»تۇر.
    تولستوينىڭ «كۈنىگە بىر ئەقىل» ناملىق كىتابىنىڭ قۇرۇلمىسى تۈجۈپىلەپ لايىھىلىنىش بىلەنلا قالماي، ئۇ يەنە جانلىق ھالدىكى ئۆزگىرىشچانلىققىمۇ ئىگە قىلىنغان. ھەر بىر ئايدىكى ئۈزۈندە-نەقىللەر تۆتكە ئايرىلغان−بىزنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز، بىز دۇچ كېلىدىغان خرىسلار، بىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىز ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمىز−بۇلار كۆپ خىل تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۈنىگە بىردىن توغرا كەلتۈرۈلگەن. ئالايلۇق، ھەر ئايدا «بىزنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز»دىن باشلىنىدىغان بۇ بۆلۈكى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تېمىلار: ئېتىقاد، روھ، بارچە جانلىقنىڭ روھى بىر، روھنىڭ بىردەكلىكى، خۇدا ۋە مېھرىبانلىق. ئۇندىن كېيىنكى «بىز دۇچ كېلىدىغان خرىسلار» بۆلۈكى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تېمىلار: بىز ئۆتكۈزگەن خاتالىق ۋە ئېزىقىش، تەڭسىزلىك، ساختا ئىلىم، سوتلاش ۋە جازالاش، زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش. «بىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىز» بۆلۈكى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تېمىلار: مەنىۋى تىرىشچانلىق ۋە پەزىلەت، ئىدىيە، گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەت، ھەقىقەت ۋە يالغانچىلىق، ئىنسان ماھىيىتى، ئۆزىنى قۇربان قىلىش، ئىبادەت قىلىش ھەمدە ئىشلەش. ئەڭ ئاخىرقى بىزنىڭ «مەنىۋى تۇرمۇشىمىز» بۆلۈكى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تېمىلار: ھازىردا ياشاش، جىنايەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەت، ئۆلۈم، ئۆلگەندىن كېيىن، بەخت ۋە مۇھەببەت. بۇ تېمىلار ھەر ئايدا تەكرارلىنىپ-دەۋرلىنىپ تۇرسىمۇ، ھەر بىر تېما مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، مەلۇم ئايلاردا بەزى تېمىلار تەكرارلىنىدۇ ياكى كېمەيتىلىدۇ.
       تولستوينىڭ ئىنگلىزچە بۇ «كۈنىگە بىر ئەقىل»ىدىن ئىبارەت تاللانما كىتابىدا، مەن ئەسلى كىتابتا ئەڭ زور ئىجادىيلىققا ئىگە، بۈگۈنكى دەۋرگە ئەڭ باب كېلىدۇ، ئەڭ مېغىزلىق دەپ قارىغان ئۈزۈندە-نەقىللەرنى تاللاپ كىرگۈزدۈم. تولستوي ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردا تۇرۇپ ئالدىنقىلارنىڭ ئىدىيىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن، شۇڭا، بۇ تاللانما كىتابتا بەزىبىر تېمىلارنىڭ تەكرار بايان قىلىنىشى تەبىئىي ئەھۋال.
       تولستوي ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، پاك، ھالال ياشاش دەستۇرى بولغان بۇ كىتابىنى تاكى ئاخىرغىچە (ئۇ، ھەتتا ياردەمچىسى چېتكوفقا بۇ كىتابىنى جان ئۈزۈش ئالدىدا ياتقان كارىۋات بېشىغا قويۇپ بېرىشنى ئېيتقان) ئىزچىل ئۈستەلگە قويۇپ كۆز ئالدىدا ساقلىغان. ئۇ بىر تۈرلۈك ئادەت يېتىلدۈرگەن، ئۇ بولسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە بۇ كىتابىنى ئوقۇپ بېرىش ھەمدە ئۇنى ئامالنىڭ بارىچە يېقىن-يورۇغلىرىغا ھاۋا قىلىش ئىدى. مانا ئەمدىلىكتە، بۇ روھ كۈندىن-كۈنگە ئويغىنىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە، تولستوينىڭ بۇ ئەسىرىدىكى ئۆز ئۆزىگە ئىلھام بېرىدىغان بايانلار بۈيۈك، مەشھۇر ئەسەرنى دۇنيا بىلەن قايتىدىن يۈز كۆرۈشتۈردى. بۇ ئەسەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە رىغبەت ۋە تەسەللىي ئاتا قىلىدۇ، ھەمدە تولستوي ئارزۇ قىلغىنىدەك «ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىدۇ».

     

    [admin تەستىقلىدى . 2010-4-18 22:38:37]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.