تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئونىنچى پىرى مەۋلانە نەمان سەمەرقە

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-18 00:58:45

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ ئونىنچى پىرى مەۋلانە نەمان سەمەرقەندىئونىنچى پىرى مەۋلانە نەمان سەمەرقەندىدۇر* بۇ ئەزىز ئۇستا قارى بولۇپ، 500 ك...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن
    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى
    مۇزىكا  ئىلمىنىڭ ئونىنچى پىرى مەۋلانە نەمان سەمەرقەندى

     


    ئونىنچى پىرى مەۋلانە نەمان سەمەرقەندىدۇر* بۇ ئەزىز ئۇستا قارى بولۇپ، 500 كىشى نۆۋەت بىلەن ئۇنىڭدا قۇرئان ياد ئالغان ئىدى. ئۇ شۇنداقلا ناھايىتى ئۇستا ناخشىچى ھەم دىلكەش چالغۇچى ئىدى. ئالىملار سۆھبىتى ۋە ماشايىخلار ئولتۇرۇشلىرىدا ساز چېلىپ ناخشا ئېيتاتتى. بىر كۈنى سەمەرقەند ئالىملىرى ئولتۇرىشىدا مەۋلانە شەمشىددىن تەبرىز*نىڭ غەزەللىرىنى ئوقۇپ سەتارنى سايراتتى.


    ئالىملار بىردىن باشلىرىنى تۆۋەن قىلىپ ئويغا چۆمۈپ كەتتى، ئون نەچچە كىشى بىھۇش بولدى، مەۋلانە ئەلى ھەزرەتلىرى بىھۇش بولغىنىچە شۇ ئولتۇرۇشتا ئالەمدىن كەتتى. بۇ خەۋەر ھەممە ياققا تارقىلىپ كەتتى، پادىش ئاڭلاپ، بۇ ئەزىزنى زىندانغا ھۆكۈم قىلدى. ئۇ 5 يىل زىنداندا يېتىپ ھىجرىيە 865-يىلى [مىلادى 1461-يىلى] ۋاپات بولدى. بۇ ئەزىزنىڭ تەربىيىسىدە 300دىن ئارتۇق نەغمىچى مۇزىكا ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەن ئىدى. بىرنەچچە يۈز كىشى شەرىئەت ئىلمىدە ئالىم بولدى، نەچچە مىڭ سوپىلىرى بار ئىدى. ئۇ تەرىقەتى چەشتىيە* ماشايىخلىرىدىن ئىدى. مۇزىكىنىڭ تەرىقەت ئەھلىگە بەخش ئەتكەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا <مىئىراجۇسسالىكىن> [سوپىلىق يولىنى تۇتقۇچىلارنىڭ شوتىسى] ناملىق بىر كىتاب يازغان ئىدى.

    _________________
    نەمان سەمەرقەندى__ مىلادى 15-ئەسىردە غەربىي چاغاتاي خانلىقىدا ئۆتكەن مەشھۇر شائىر، غەزەلچى، مۇزىكا ئۇستازى ھەم مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى. ئۇ مەۋلانە شەمشىددىن تەبرىزى بىلەن بىللە ئىمام مۇھەممەت غەززالى ۋە جالالىدىن رومى (مىلادى 1207-1273-يىللىرى) قاتارلىقلارنىڭ ئىسلام پەلسەپەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبى بىلەن تەرىقەتچىلىكنىڭ قارىمۇ-قارىشىلىقىنى كېلىشتۈركە ئۇرۇنغان. ئۇ يەنە مىلادى 10-ئەسىردە ئەرەپ خەلىپىلىگىدە پەيدا بولۇپ، كېيىنچە ئافغانىستان، پاكىستان ۋە غەربىي ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا تارقالغان تەرىقەت مەسلىگى ''چەشتىيە'' مەزھىپىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ھەرىكەت قىلغان. مىلادى 1461-يىلى سەمەرقەندتە ۋاپات بولغان.


    مەۋلانە شەمشىددىن تەبرىزى__ شەمشىددىن مۇھەممەت بىننى ئەلى بىننى مۈلك. مىلادى 15-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر تەرىقەت نەزىريىچىسى. ئىمام مۇھەممەت غەزاللى ۋە جالالىدىن رومى قاتارلىقلارنىڭ تەرىقەتچىلىك نەزىرىيىسىنىڭ ئاساسلىق ۋارىسى. ئۇ كۆپرەك ۋاقتىنى سەمەرقەندتە ئۆتكۈزۈپ، مەۋلانە نەمان سەمەرقەندى بىلەن تەرىقەتچىلىكنى كېڭەيتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان ۋە نۇرغۇن شېئىر غەزەللەرنى يازغان. ئۇ نامەلۇم بىر شەخس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. تۇغۇلغان ۋە ئۆلگەن ۋاقتى نامەلۇم.
    چەشتىيە__ مىلادى 10-ئەسىردە تەرىقەت ئۇستازلىرىنىڭ بىرى ئىۋەج ئىسھاق شامى (مىلادى 940-يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان تەرىقەتچىلىك مەزھەپلىرىدىن بىرى، ئىزاھ ''نەمان سەمەرقەندى'' گە قارالسۇن.


     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.