بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) 8

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-26 23:12:54

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) كۆپ ئۆتمەي، پېتىۋاتقان كۈن نۇرى يىراقتىكى دوندون تاغلىرىنىڭ ئۇچلۇق چوققىسىغا ئالتۇندەك نۇرلىرىنى چاچتى، لاگىرغا بارا – بارا گۇگۇم چۈشتى. كەچلىك جىمجىتلىق باشلاندى....




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    كۆپ ئۆتمەي، پېتىۋاتقان كۈن نۇرى يىراقتىكى دوندون تاغلىرىنىڭ ئۇچلۇق چوققىسىغا ئالتۇندەك نۇرلىرىنى چاچتى، لاگىرغا بارا – بارا گۇگۇم چۈشتى. كەچلىك جىمجىتلىق باشلاندى. بۇلبۇللارنىڭ سايرىشى، پوستا تۇرغان جەڭچىنىڭ بىر خىل تاشلاۋاتقان قەدەم تاۋۇشى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى.

    تۇيۇقسىزلا بىزنىڭ ئۈستىمىزدە «ئۇئا – ناس» ۋە «چوڭ دالىدىكى لاگىر» دىگەن قورقۇنچلۇق ناخشا ئاۋازى ياڭراپ كەتتى. قىيا چوققىلار ئۈستىدىكى خورما – ئارچا دەرەخلىرى لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى، دەھشەتلىك يانغىن يورۇقىدا ئۈستىمىزدىكى چوققىدا يۈرگەن نېگىر ۋە مۇلاتلارنى كۆرۈپ قالدۇق. ئوت شولىسىدا ئۇلارنىڭ قارامتۇل چىرايلىرى قىپ – قىزىل بولۇپ كۆرۈنەتتى. بۇ بىئاسۇ قوماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار ئىدى.

    بىزنى ھالاكەتلىك خەۋپ كۈتۈپ تۇراتتى. قاتتىق ئۇخلاۋاتقان باشلىقلىرىمىز سەكرەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئويغىتىشقا كىرىشتى. بارابانچى ۋەھىمە مارشىنى ئۇرۇشقا باشلىدى. كانايچىلار سەپ تارتىش كۈيىنى چالدى. ئەسكەرلەر چاققانلىق بىلەن سەپكە تىزىلدى. ئىسيانچىلار بىزنىڭ بۇ ھولۇقۇشىمىزدىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قوللىنىش ئورنىغا ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغالماي، بىزگە قاراپ ھەدەپ «ئۇئا – ناس» ناخشىسىنى ئېيتىۋاتاتتى.

    «ئۇلۇغ دەريا» نى قورشاپ تۇرغان چوققىلارنىڭ ئەڭ ئىگىزىدە ئېگىز بويلۇق، گەۋدىلىك بىر نېگىر كۆرۈندى. ئۇ يالغۇز بولۇپ، بېشىغا قادالغان ئۇقىسى چوغدەك پارقىراپ تۇراتتى، ئوڭ قولىدا پالتا، سول قولىدا قىزىل بايراق تۇتۇپ تۇراتتى. مەن بۇ نېگىرنى تونىدىم. ئۇ پيېرو ئىدى! ئەگەر شۇ مىنۇتتا قولۇمدا مىلتىق بولغان بولسا، ئاچچىقىمنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۇنى ئېتىۋەتكەن بولاتتىم. ئەلۋەتتە، بۇ پەسكەشلىك بولغان بولاتتى. نېگىر «ئۇئا – ناس» ناخشىسىنىڭ نەقراتىنى تەكرارلاپ قىزىل بايراقنى چوققىغا قادىدى – دە، قولىدىكى پالتىنى بىز تەرەپكە قارىتىپ دىۋەيلىدى ۋە شۇ ھامانلا دەرياغا سەكرىدى. شۇ چاغدا مەن، ھەي، ئەتتەڭ، ئۇ ئەمدى مېنىڭ قولۇمدا ئۆلمەيدىغان بولدى – دە! دەپ ئېچىندىم.

    بىردىنلا قوزغىلاڭچىلار بىزگە قارىتىپ يوغان – يوغان قۇرام تاشلارنى دومىلىتىشقا باشلىدى. بىز تۇرغان توپىلىكنى ئوق ۋە ئوقيالار بىلەن كۆمۈۋەتتى. ھۇجۇم قىلغۇچىلار بىلەن يۈزمۇ – يۈز تۇتۇشۇشقا ئامالسىز قالغان ئەسكەرلىرىمىز كۈچسىز ئورۇندا قېلىپ، قۇرام تاشلار ۋە مىس ئوقيالار تېگىدە قىرىلىشقا باشلىدى.

    جەڭچىلىرىمىز بۇ دەھشەتتىن گاڭگىراپ قالدى. شۇ پەيتتە «ئۇلۇغ دەريا» تېگىدىن قورقۇنچلۇق شاۋقۇن – سۈرەن ئاڭلاندى. ئۇ يەردە كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئاجايىپ ھادىسە يۈز بەردى: قوزغىلاڭچىلار دۇمىلاتقان قۇرام تاشلار زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن يېشىل كىيىملىك چەۋەندازلار جان قاچۇرۇپ، دەريانىڭ يۈزىدە ئىرمىشىپ – چىرمىشىپ كەتكەن يۆگمەچ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېگىگە كىرىپ قۇتۇلماقچى بولۇشقان. بۇ ئامالنى بىرىنچى بولۇپ تادې ئويلاپ چىقارغان. ئورنى كەلگەندە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتەيكى، بۇ ئامال – چارىنى ئويلاپ تاپقان تادېنىڭ ئەقلى راسا ئىشلەپتىكەن – دە!

    دې ئوۋېرنەنىڭ ھېكايىسى شۇ يەرگە كەلگەندە، باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ سۆزى بۆلۈندى.

     

    بۇنىڭدىن چارەك سائەت ئاۋۋال سېرژانت تادې تېڭىلغان ئوڭ قولىنى بوينىغا ئېسىپ، ھېچكىمگە سەزدۈرمەي، ئاستا مېڭىپ چېدىرغا كىرىپ، كاپىتاننىڭ ھېكايىسىدە، ئۆزىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئورۇن تۇتقانلىقىنى باش ئىشارىتى بىلەن تەستىقلاپ، بىر بۇلۇڭدا تىپ – تېنچ ئولتۇراتتى. دې ئوۋېرنەنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغانسېرى، ئۇنىڭ كاپىتانغا بولغان ئىخلاسى تېخىمۇ ئاشماقتا ئىدى. بىراق، دې ئوۋېرنە ئۆزىنى ماختاشقا يول قويمايتتى. شۇڭا تادې ھېچقانداق مىننەتدارلىق بىلدۈرمەيلا:

    سىز تولىمۇ ياخشى ئادەم – دە، كاپىتان....، - دىدى خىجالەتچىلىك بىلەن.

    جاۋاپ ئورنىغا قاقاقلىغان قىزغىن كۈلكە كۆتىرىلدى. كاپىتان ئۇنىڭغا قاراپ جىددى ھالدا شۇنداق دىدى:

    سىز تېخىچە بۇ يەردىمۇ، تادې؟ قولىڭىز قانداق بولدى؟

    كاپىتاننىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ۋارقىراپ سۆزلىگەن تەنە سۆزىدىن قېرى سېرژانتنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى. ئۇ كۆز يېشىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بېشىنى ئېگىپ بىر چەتكە قارىدى

    مەن جانابىي كاپىتاننىڭ بۇنچىۋالا ئاچچىقلاپ كېتىشىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن، - دىدى تادې ئاخىر رەنجىگەن ئاھاڭدا، - ئۆزىنىڭ قېرى سېرژانتقا تەنە قىلىپ، «سىز» لەپ سۆزلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەپتىمەن.

    كاپىتان ئىرغىپ ئورنىدىن تۇردى:

    كەچۈر مېنى، دوستۇم، كەچۈر! مەن ئويلىماي سۆزلەپ قويدۇم، مەندىن رەنجىمە، تادې! – دىدى ئۇ سېرژانتقا تەسەللىي بېرىپ.

    تادېنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش مەڭزىگە كېلىپ توختىدى.

    بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى قېتىم يىغلىشىم – دىدى ئۇ، - ئەمما، بۇ قېتىمقىسى خوشاللىقتىن!

    ئۇلار يارىشىپ قېلىشتى. قىسقا جىمجىتلىقتىن كېيىن:

    قېنى سۆزلىگىنە تادې، سەن نىمىشقا دوختۇرخانىدا ياتماي، بۇ يەرگە كېلىۋالدىڭ؟ - دىدى كاپىتان سىلىققىنا،

    سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىڭ، كاپىتان، - دىدى تادې، - ئەتە جانابڭىزنىڭ ئېتىنى پوپۇكلۈك ئىگەر – جابدۇقلۇق بىلەن توقۇسام بولامدۇ، دەپ سورىغىلى كەلدىم.

    ئانرى كۈلۈپ كەتتى ۋە:

    سىز، تادې، ئەڭ ياخشىسى، پولىك دوختۇرىدىن: ئەتە قولىڭىزدىكى يارىغا يەنە ئىككى گرام دورا سۈرتەلەمدۇ؟ دەپ سورىشىڭىز كېرەك ئىدى! – دىدى.

    ياكى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئازراق ۋىنو ئىچسەم بولامدۇ؟ دەپ سورىشىڭىز كېرەك ئىدى، - دىدى پاسكال ئانرىنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ، - كېلىڭ، ھېلى بولسىمۇ مۇنۇ ۋوتكىنى ئىچىۋېتىڭ، بۇ سىزگە پايدا قىلىدۇ، قېنى، كۆتىرىڭ، سېرژانت!

    تادې پاسكالنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىپ تازىم قىلدى ۋە رۇمكىنى سول قولى بىلەن ئالغانلىقىغا كەچۈرۈم سوراپ، ئولتۇرغانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، دەپ ۋوتكىنى ئىچىۋەتتى. ئاندىن بىر ئاز قىزىشىپ سۆزگە كىرىشتى:

    «سىز سۆزىڭىزنى ھېلىقى يەرگە كەلگەندە توختاتتىڭىز، جانابىي، كاپىتان، ھېلىقى، مېنىڭ ئەقلىم بويىچە.. راست، يۆگىمەچلەرنىڭ تېگىگە چۈشۈپ يوشۇرۇنۇشنى تەكلىپ قىلغان ئىدىم. مۆمىن خرىستىئانلار بىكاردىن – بىكارغا قۇرام تاشلارنىڭ تېگىدە ئۆلۈپ كەتسە بولمايتتى – دە، بىزنىڭ ئوفىتسىرىمىز، سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەچكە، چۆكۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، مېنىڭ تەكلىپىمگە قوشۇلماي تۇراتتى. شۇ پەيتتە يوغان بىر قۇرام تاش ئۇنىڭغا قاراپ دومىلاپ چۈشتى – دە، ئۇنى ئېزىۋېتىشكە تاس قالدى. بەختكە يارىشا، بۇ تاش قاڭقىپ دەرياغا چۈشۈپ كەتتى – يۇ، سۇغا چۈشمەستىن، يۆگىمەچلەر ئۈستىدە توختاپ قالدى. بۇنى كۆرگەن ئوفېتسىرىمىز مۇقەددەس ساھابىلەردەك شېھىت بولغاندىن كۆرە، مىسىر پىرئونلىرىدەك ئۆلگىنىم ئەۋزەل، چۈنكى بىز – مۇقەددەس كىشىلەر ئەمەس. بەلكى خۇددى مىسىر پىرئونلىرىدەك بىر ئەسكەر دىدى. كۆردۈڭلارمۇ، جانابلار؟ مېنىڭ ئوفىتسىرىم گەرچە ئالىم كىشى بولسىمۇ، بەرىبىر، پېقىرنىڭ مەسلىھەتىگە قوشۇلدى – دە، ئاۋۋال مېنىڭ دەرياغا سەكرىشىمنى شەرت قىلدى. مەن قىرغاققا كېلىپ، ئۆزەمنى دەرياغا تاشلىدىم ۋە ئېسىلىپ تۇرغان يۆگىمەچلەرنى تۇتۇۋېلىپ، ساڭگىلاپ قالدىم. تەسەۋۋۇر قىلىڭلاركى، جانابلار، تۇيۇقسىز كىمدۇر بىرىنىڭ پۇتۇمنى تارتىۋالغانلىقىنى سېزىپ قالدىم، تېپىرلاپ كۆردۈم، بولمىدى، ئاخىرى باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپ ۋارقىرىدىم، ماڭا قىلىچلار تېگىشكە باشلىدى: شۇ ئەسنادا بىزنىڭ دىۋىدەك قەيسەر ئەسكەرلىرىمىز دەرياغا سەكرەپ، يۆگىمەچلەرنىڭ تېگىگە چۈشۈشتى، شۇنداق قارىساق، يۆگىمەچلەرنىڭ تېگىگە قىزىلتاغ نېگىرلىرى جايلىشىۋالغان ئىكەن. ئۇلار بۇ خىلۋەت جايغا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ، زۆرۈر بولغاندا، بىزنى خۇددى مىشكاپقا سولىغاندەك تۇتماقچى بولۇشقان ئىكەن. بېلىق تۇتۇشنىڭ بۇنداق يامان ئۇسۇلىنى زادىلا كۆرمىگەن ئىدىم! ھەممىمىز ئۇرۇنۇپ باقتۇق. ۋارقىرىشىپ، تىللىشىپ، چۇقان كۆتىرىشتۇق. نېگىرلا قىپ – يالىڭاچ بولغاچقا، بىزگە قارىغاندا چاققان ھەرىكەت قىلالايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، بىزنىڭ زەربىمىز دەل جايىغا تىگەتتى. بىز بىر قولىمىز بىلەن سۇ ئۈزۈپ، بىر قولىمىز بىلەن جەڭ قىلدۇق. ئەھۋال شۇنى تەلەپ قىلاتتى. سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەنلەر بىر قولى بىلەن يۆگىمەچ تاللارغا ئېسىلىپ تۇرۇپ جەڭ قىلدى. كۆردىڭىزمۇ، بۇ ماھىرلىقنى، جانابىي كاپىتان؟ ئەمما، نېگىرلار ئۇلارنى پۇتلىرىدىن تارتىپ سۆرەپ چۈشۈرەتتى. راسا ئوپۇر – توپۇر بولۇپ مۇشتلىشىۋاتقاندا، مەن ھېلىقى گەۋدىلىك، يوغان نېگىرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئۇ بەئەينى دىۋىدەك بەستى بىلەن مېنىڭ سەككىز – توققۇز يولدىشىمنى ئۇرۇپ يىقىتماقتا ئىدى! مەن ئۇنىڭ قېشىغا ئۈزۈپ بېرىپ شۇنداق قارىسام، ئۇ ھېلىقى پيېرو، يەنى بيۇگ... ئۇنىڭ بيۇگ دىگەن نامىنى كېيىنچە بىلگەن ئىدىققۇ، ھە جانابىي كاپىتان؟ دىمەك، مەن ئۇنىڭ پيېرو ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدىم. پورت قولدىن كەتكەندە، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم توقۇنۇشۇپ قالغان ئىدىم. مەن كېلىپلا ئۇنىڭ كېكىرتىكىگە ئېسىلدىم. ئۇ ماڭا خەنجەر ئۇرماقچى بولۇپ، چىرايىمغا بىر قارىدى – دە، مېنى تونۇپ قالدى ۋە مېنى ئۆلتۈرۈش ئورنىغا لاسسىدە بوشىشىپ تەسلىم بولدى. ئۇنىڭ تەسلىم بولغانلىقى چوڭ بەختسىز ھادىسە بولدى. جانابىي كاپىتان. ئۇ چاغدا ئۇ تەسلىم بولمىغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن! خەير، بۇنى بىز كېچىكىپ بايقىدۇق. نېگىرلار بيۇگنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپلا، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىزگە قاراپ يېپىشتى. ئەمما پىدائىيلارمۇ دەرھال سۇغا چۈشۈپ بىزگە ياردەمگە كېلىشتى. شۇ چاغدا پيېرو نېگىرلارنىڭ زەربىگە ئۇچراپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدى – دە، ئۇلارغا چۈشىنىكسىز تارابار تىلىدا بىرنىمىلەرنى دىدى، نېگىرلار ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئارقىسىغا چېكىنىپ قېچىشقا باشلىدى. ئۇلار سۇغا شۇڭغۇپ، كۆز يۇمۇپ ئاچقىچە غايىپ بولۇشتى. ئەگەر مېنىڭ بارماقلىرىم چېپىلىپ كەتمىگەن بولسا، ئون نەچچە تال ئوقۇم سۇغا چېلىنىپ كەتمىگەن بولسا، ئېھتىمال، بۇ سۇدىكى جەڭگە مەن ناھايىتى ھەۋەس بىلەن قىزغىن قاتناشقان بولاتتىم. بىراق، ھېلىقى بىچارىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈشى...بىچارە پيېرو! ئۇنىڭ پېشانىسىگە شۇنداق پۈتۈلگەن ئىكەن، جانابىي كاپىتان!»

    سېرژانت سۆزىنى تاماملىدى – دە، سول قولىنى كۆتىرىپ پېشانىسىگە تەككۈزدى. ئاندىن ئاسماننى كۆرسىتىپ، تەزىيە قىياپىتىنى بىلدۈردى.

    دې ئوۋېرنە قاتتىق ھاياجانلانغان ئىدى.

    توغرا، - دىدى ئۇ، - سەن توغرا ئېيتتىڭ. قەدىردان تاد. ئۇ تەقدىرىمىزنى بەلگىلىگەن كېچە بولغان ئىكەن.

    ئەگەر ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەتئىي تەلىپى بولمىغان بولسا، دې ئوۋېرنە ئۆزىگە خاس غەمكىنلىككە چۈشۈپ جىم تۇرۇۋالغان بولاتتى. لېكىن ئاڭلىغۇچىلار قىستىغىلى تۇردى. شۇڭا ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    24

    تادې تەسۋىرلەپ بەرگەن ۋەقەلەر...(تادې كاپىتاننىڭ كەينىدە مەغرۇر قاراپ ئولتۇراتتى) داۋام قىلىۋاتقاندا، مەن بىرنەچچە ئەسكەر بىلەن بىللە «پاۋلىن چوققىسى» دەپ ئاتىلىدىغان قىيا چوققىغا ئارچا پۇتاقلىرىغا يامىشىپ چىقىپ كېتىپ باراتتىم. بۇ چوققا سىلىق مەر – مەر تاشلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، كۈندۈزى كۈن نۇرىدا رەڭمۇ – رەڭ تاۋلىنىپ تۇراتتى ۋە نېگىرلارنىڭ مۇھىم بىر پوزىتسىيىسى ئىدى. بىز چوققىغا چىقىدىغان يولنى تاپقاندىن كېيىن، پۈتۈن ئەسكەرلەر ئۇ يەرگە يامىشىپ چىقتى – دە، ئوبدان جايلىشىۋېلىپ، شىددەتلىك ئوت ئاچتى. ناچار قوراللانغان نېگىرلار بىزگە قارىتىپ قايتۇرما زەربە بېرەلمەي، يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بىز بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئېتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتۇق. نېگىرلار ئۆلگەن ھەمراھلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى پەس تۆپىلىكتە تولۇق سەپ تارتىپ تۇرغان بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز ئۈستىگە تاشلاپ، تېرى – پېرەڭ بولۇپ قېچىشقا باشلىدى. پەيتتىن پايدىلىنىپ، بىز بۇ ئارالنىڭ قەدىمى ئاھالىسى ئۈستىگە «كەپە» ياساپ، «ماكان تۇتۇپ» ئولتۇرغان ناھايىتى چوڭ بىرنەچچە تۈپ دەرەخنى كېسىپ يىقىتتۇق، بۇ ياغاچلار بىزگە كۆۋرۈك بولدى، ئۇنىڭ بىلەن بىز نېگىرلار تاشلاپ قاچقان چوققىغا چىقىۋالدۇق. ئەمدى بىزنىڭ بىر قىسىم ئارمىيىمىز ناھايىتى ئوبدان پوزىتسىيىگە ئىگە بولۇۋالغان ئىدى. بۇنى كۆرگەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ روھى چۈشتى. بىز ئېتىشنى داۋاملاشتۇردۇق. بىردىنلا بىئاسۇ ئارمىيىسى ئىچىدە سۈرەن – چۇقان كۆتۈرۈلدى. بۇ ۋاڭ – چۇڭلار ئارىسىدا يەنە شۇ «بيۇگ – ژارگال» دىگەن نام تىلغا ئېلىنىۋاتاتتى. قوزغىلاڭچىلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالغان ئىدى. قىزىلتاغ قوشۇنىدىن بىر نەچچە نېگىر قىزىلبايراق لەپىلدەپ تۇرغان چوققىدا پەيدا بولدى – دە، بايراق ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنى سويدى، ئاندىن ئۇنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ «ئۇلۇغ دەريا» تۈۋىگە قاراپ چۈشۈپ كېتىشتى. ئۇلار بۇ ھەركىتى بىلەن باشلىقىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ياكى ئەسىر چۈشكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بولسا كېرەك.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.