بيۇگ ژارگال، ۋىكتور گيوگۇ 21

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-07 00:09:49

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) مەن نىمە ئۈچۈن زالىم خوجايىننى ئازاپ – ئوقۇبەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تېتىپ كۆرۈشكە مەجبۇر قىلالمىدىمكىن! ھاقارەتلىنىشنىڭ چوڭقۇر ئەلىمىنى، نومۇس ۋە شەرمەندىلىك ...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    مەن نىمە ئۈچۈن زالىم خوجايىننى ئازاپ – ئوقۇبەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تېتىپ كۆرۈشكە مەجبۇر قىلالمىدىمكىن! ھاقارەتلىنىشنىڭ چوڭقۇر ئەلىمىنى، نومۇس ۋە شەرمەندىلىك كۆز ياشلىرىنىڭ نەقەدەر ئاچچىق ئىكەنلىكىنى ئۆلۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا كۆرسۈتۈپ قويالىمىدىمىكىن! بۇ كۆز ياشلاردىن دائىم مەسخىرە قىلىنىشقا مەھكۇم قىلىنغان مېنىڭ يۈزۈم كۆيمىگەنمىدى؟! ئۇھ، ئىنتىقام ئېلىش پۇرستىنىڭ كېلىشىنى تاقەتسىز كۈتۈشكە توغرا كەلدى ۋە ئاخىرى خەنجەرنى بىر شىلتىش بىلەنلا پىغاندىن چىقتىم! ھەتتا خەنجەر ئۇرغۇچىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلەلمىدى! مەن ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا خىقىرىغان بوغۇق ئاۋازىنى ئاڭلاشقا ئالدىراپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە ناھايىتى چاققانلىق بىلەن خەنجەر سالدىمكى، ئۇ مېنى تونۇۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەيلا جان ئۈزدى. غەزىپىم تاشقانلىقتىن، ئۆچ ئېلىش لەززىتىنى مانا بۈگۈن تېتىماقچىمەن! مېنى ئوبدان كۆرۈپ تۇرىسەنغۇ، ئېھتىمال، سەن مېنى ئوبدان بىلەلمىگەن بولۇشۇڭ مۇمكىن، چۈنكى سەن مېنى باشقىچە شارائىتتا ئۇچراتقان ئىدىڭ. سەن مېنى دائىم خۇش – چاخچاق، كۈلكىلىك كىشى دەپ بىلەتتىڭ، لېكىن ھازىر مەن ئۆز قەلبىمنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايمەن. مەن ئەمدى ئاۋۋالقى خەبىبرا ئەمەس! سەن مېنىڭ پەقەت ئۈستۈمدىكى نىقابىمنىلا كۆرگەن ئىدىڭ، ئەمدى قاراپ باققىنا، مېنىڭ چىرايىم قانداق ئىكەن؟

    ئۇ ناھايىتى دەھشەتلىك ئىدى!

    -خاتالىشىۋاتىسەن، ئەخمەق، سەن، بەرىبىر، چاكارلىغىڭچە قالىسەن! – دىدىم مەن ۋارقىراپ، - سېنىڭ ياۋۇز كۆڭلۈڭ، خۇنۇك رەڭگىڭ پەقەت چاكارلىق، مەسخىرىۋازلىق ئۈچۈنلا يارىتىلغان!

    -ياۋۇز دەپ سېنى ئېيتىدۇ! – دىدى خەبىبرا زەردە بىلەن، - تاغاڭنىڭ ياۋۇزلۇقىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟

    -نومۇسسىز، ساختىپەز! – دىدىم تاقەتسىزلىنىپ، - تاغام زالىملىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا سەن سەۋەپچى بولغان! سەن بەختسىز نېگىرلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە شۇنچىلىك قايغۇرىدىكەنسەنۇ، نىمە ئۈچۈن تاغامنىڭ ساڭا بولغان ئىشەنچىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىڭغا يامانلىق قىلدىڭ؟ نىمە ئۈچۈن سەن بىچارە نېگىرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمنى يەڭگىللىتىشكە بىرەر قېتىممۇ ئۇرۇنۇپ كۆرمىدىڭ؟

    -ياق، بۇنداق قىلىشنى مەن خالىمىدىم، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ۋەھشىيانە ھەرىكەتلىرىنى توساپ نىمە قىلاتتىم؟ ياق زدىلا بۇنداق قىلمايتتىم، ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئۆز قۇللىرى ئۈستىدىن تېخىمۇ قاتتىق زۇلۇم قىلىشنى ياقلىدىم. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا، تېزرەك قوزغىلاڭ كۆتىرىلگەن بولاتتى. زۇلۇم قانچىكى ئېغىر بولسا، ئۆچمەنلىك شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ! مەن ئۆز قېرىنداشلىرىمغا يامانلىق قىلغاندەك كۆرۈنگىنىم بىلەن، ئەسىلىدە ئۇلارنىڭ ئىسيانى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم!

    ئۇنىڭ بۇ چوڭقۇر مەنىلىك مەككار پىكىرى يۈرىكىمنى تىترىتىۋەتتى.

    -خوش، ئەمدى نىمە دەيسەن؟ - دىدى بۇ پەتەك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - مەن ئوبدان، ئۇستاتلىق بىلەن ئىش قىلىپتىمەنمۇ، توغرىمۇ؟ خەبىبرانىڭ قانچىلىك قۇۋ ئىكەنلىكىنى بىلىپ قوي! تاغاڭنىڭ چاكىرىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ قوي!

    -بولدى، بولدى! ئۇستاتلىقىڭ ھەققىدە تولا ۋالاقلاۋەرمە! مېنى ئۆلتۈرىدىغان بولساڭ تېزرەك ئۆلتۈر! – دىدىم مەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.

    خەبىبرا ئالقىنىنى ئىشقاپ ئالدى – كەينىگە مېڭىشقا باشلىدى.

    -ئەگەر سېنى ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرمىسامچۇ؟ ئەگەر سېنى راسا قانغىچە قىينىسامچۇ؟ بىلەمسەن، ئاخىرقى ھۇجۇمدا قولغا چۈشكەن غەنىمەتلەرنىڭ بىر بۆلىكى ماڭا تېگىشلىك ئىدى، لېكىن سېنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىڭنى بىلىپ، شۇ ھامان بۇ غەنىمەتلەردىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىئاسۇدىن پەقەت سېنىڭ جېنىڭنىلا سورىدىم، ئۇمۇ دەرھال ماقۇل بولدى. ئەمدى سەن مېنىڭ ئىلكىمدە! مەن سېنى ئازاپلاش ئارقىلىق كۆڭلۈمنى كۆتىرىپ پىغانىمدىن چىقماقچىمەن! خاتىرجەم بولغىنكى، بىر ئازدىن كېيىن مانا بۇ شاقىراتما بىلەن چوڭقۇر ھاڭغا دۇمۇلايسەن! لېكىن ھازىرچە مەن ساڭا يەنە بەزىبىر سۆزلەرنى دەۋېلىشىم كېرەك: سېنىڭ ئايالىڭ يوشۇرۇپ قويۇلغان جاينى بىلىۋالدىم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا ئوت قويۇش ھەققىدە بىئاسۇغا مەسلىھەت بەردىم، بەلكى ئورمانلىقلار ھازىر كۆيۈۋاتقاندۇ! مانا ئەمدى سېنىڭ پۈتۈن ئائىلەڭ گۇمران بولىدۇ: تاغاڭ خەنجەردە ھالاك بولدى، سەن سۇدا ئۆلىسەن، ئايالىڭ مارى ئوتتا ئۆلىدۇ!

    -مۇناپىق، - دەپ ۋارقىراپ ئۆزەمنى يوقاتقان ھالدا ئۇنىڭغا ئېتىلماقچى بولدۇم.

    -قېنى، يىگىتلەر، ئۇنى باغلاڭلار! – دەپ بۇيرۇق بەردى خەبىبرا نېگىرلارغا، - ئۇ ئۆلۈشكە تاقەت قىلالمايدىغان ئوخشايدۇ.

    نېگىرلار ئۈندىمەستىن ئارغامچا بىلەن مېنى باغلاشقا كىرىشتى. خۇددى شۇ پەيتتە يېقىن ئەتراپتىن ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، مەن باشتا، سۇنىڭ شاقىرىشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم، نېگىرلار مېنى باغلاپ، چوڭقۇر ھاڭنىڭ گىرۋىكىگە سۆرەشكە باشلىدى. خەبىبرا بولسا، قولىنى كۆكسىگە گىرەلەشتۈرگىنىچە، تەنتەنىلىك ھالدا بىزگە قاراپ تۇراتتى. ئۇ راسا خۇشال ئىدى.

    مەن ئۇنىڭ خۇنۇك ئەپتى – بەشىرىسىدىن كۆزۈمنى ئېلىپ، ئاخىرقى قېتىم ئاسماننى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن غار ئۈستىدىكى يوچۇقلارغا قارىدىم. ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازى يەنىلا ئاڭلاندى، بۇ ئاۋاز ئەمدى ئېنىق ۋە ئۈنلۈك ئاڭلانماقتا ئىدى. يوچۇقتىن راسكنىڭ يوغان بېشى كۆرۈندى، مەن ھاياجانلاندىم. «تېز بولۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىدى خەبىبرا. نېگىرلر ئىتنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماستىن، مېنى چوڭقۇر ھاڭغا تاشلاش ئۈچۈن يېپىشىپ كېلىشتى....

    53

    -بۇرادەرلەر! – دىگەن جاراڭلىق ئاۋاز ياڭرىدى. نېگىرلار كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى، غارنىڭ يۇقۇرىسىدىكى چوڭ يوچۇقنىڭ گىرۋىكىدە بيۇگ – ژارگال كۆرۈندى! ئۇنىڭ بېشىدا قىزىل پەي ئوقا ۋالىلداپ تۇراتتى.

    -بۇرادەرلەر، - دىدى تەكرارلاپ، - توختاڭلار!

    نېگىرلار ئۇنىڭغا قاراپ سەجدە قىلىشتى.

    -مەن بيۇگ – ژارگال!

    نېگىرلار دەرھال پېشانىلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ، چۈشىنىكسىز تىلدا بىر نىمىلەرنى دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى.

    -تۇتقۇننى بوشىتىڭلار! - دەپ بۇيرۇق بەردى داھىي.

    كۈتۈلمىگەندە، بيۇگ – ژارگالنىڭ پەيدا بولۇشى خەبىبرانى ھودۇقتۇرۇپ قويدى، ئۇ ئاستا – ئاستا ھۇشىنى تېپىپ، نېگىرلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى. نېگىرلار مېنىڭ پۇت – قولۇمنى ئاللىقاچان بوشىتىپ بولۇشقان ئىدى.

    خەبىبرا نېگىرلارنى قوپاللىق بىلەن توختاتتى:

    -بۇ نىمە قىلغىنىڭلار؟ ئۇنى بوشىتىشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق! – دەپ ۋارقىرىدى ئۇ، ئاندىن بيۇگ – ژارگالغا تىكىلىپ قاراپ، - بۇ يەردە نىمە قىلىسىز، «قىزىل تاغ» داھىيىسى؟ - دىدى.

    -مەن ئۆز قېرىنداشلىرىمغا بۇيرۇق بېرىۋاتىمەن، مەن ئۇلارنىڭ داھىيىسى، - دەپ جاۋاپ بەردى بيۇگ – ژارگال.

    -توغرا، شۇنداق، بۇلارنىڭ ھەممىسى «قىزىلتاغ» قوشۇنىنىڭ جەڭچىلىرى، - دىدى چاكار غەزەپتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ، - لېكىن سىزنىڭ بۇ تۇتقۇنغا ئارىلىشىدىغان نىمە ھەققىڭىز بار؟

    -مەن بيۇگ – ژارگال! – دىگەن تەكرار ئاۋاز ئاڭلاندى جاۋاپ ئورنىغا. نېگىرلار يەنە پېشانىسىنى يەرگە ئۇرۇپ سەجدە قىلىشقا باشلىدى.

    -بيۇگ – ژارگال بىئاسۇنىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلالمايدۇ! – دىدى خەبىبرا، - بۇ ئاق تەنلىكنى بىئاسۇ ماڭا بېرىۋەتكەن، مەن ئۇنى ئۆلتۈرمەكچىمەن، ئۇ بەرىبىر، ئۆلىدۇ! نىمىگە قاراپ تۇرىسىلەر، بويرۇقۇمنى ئورۇنلاپ، ئۇنى ھاڭغا تاشلاڭلار!

    خەبىبرانىڭ ھۆكۈمرانلارچە بەرگەن بۇيرۇقى نېگىرلارنى ئورنىدىن تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇلار مېنىڭ ئالىمغا كەلدى. مەن، ئەمدى تۈگەشتىم، دەپ ئويلىدىم.

    -تۇتقۇننى بوشىتىڭلار! – دەپ ۋارقىرىدى بيۇگ – ژارگال.

    شۇ ھامانلا مەن يەنە بوشىتىلدىم. مېنىڭ ئەجەپلىنىشىم سېھرىگەر باخشىنىڭ غەزەپلىنىشىگە سېلىشتۇرما بولدى، ئۇ ماڭا يېپىشماقچى بولغان ئىدى، نېگىرلار ئۇنى تۇتۇۋالدى. باخشى بولسا ئاچچىقلىنىپ تىللاشقا باشلىدى.

    -ئەبلەخلەر، ئالۋاستىلار، غەزىپىمنى قوزغاپ، دىلىمنى ئازاپلاشما! بۇ نىمە قىلىشقىنىڭ؟ مۇتىھەملەر، سەنلەر مېنىڭ بويرۇقۇمنى رەت قىلىشماقچىمۇ؟ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاشمامسەن؟ بۇ ئەبلەخ بىلەن سۆزلىشىمەن، دەپ نىمىشقىمۇ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغاندىمەن، ئىست! بۇنى دەرھال ھاڭغا تاشلاپ بېلىقلارغا يەم قىلغان بولسامچۇ؟ مەن پىغانىم قانغىچە ئۆچ ئالماقچى ئىدىم. بىراق ئەمدى! قولۇمدىن كېتىدىغان بولدى! مېنى شەيتان ئازدۇردى، شەيتانغا لەنەت! ئەگەر سەنلەر مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، بۇ ئىپلاس ئاق تەنلىكنى شاقىراتمىغا تاشلاشمايدىغان بولۇشساڭ، ھەممىڭنى قاغايمەن، چاچلىرىڭ ئاقىرىپ، ھەممىڭنى پاشا – كۈمۈتىلەر تىرىك تۇرغۇزۇپ يەيدۇ، قول – پۇتلىرىڭ قومۇشتەك قۇرۇپ پالەچ بولىدۇ، ھەر بىر تىنىغىڭ بىر پارچە ئوتقا ئايلىنىپ بەدەنلىرىڭنى كۆيدۈرىدۇ، ھەممىڭ ئۆلىسەن، ئۆلگەندىن كېيىن روھلىرىڭ تاغ بىلەن ئاي ئوتتۇرىسىدىكى سوغاق ئالەمدە مەڭگۈ ئازاپ چېكىدۇ!

    بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، مەندە غەلىتە بىر خىل تۇيغۇرلار پەيدا بولدى. قاراڭغۇ، زەي ئۆڭكۈر ئىچىدە، قاپ – قارا نېگىرلار ئارىسىدا مېنىڭ يەككە – يالغۇز تۇرۇشۇم، ئاستىمدىكى كۆز يەتكۈسىز چوڭقۇر ھاڭ، يىرگىنىشلىك پەتەك بەتبەشىرە سېھرىگەر خەبىبرانىڭ ئۇزۇن قالپىقى، ئالا – چىپار كىيىمى، ھۈرپىيىپ، مېنى ئۆلتۈرىمەن، دەپ دىۋەيلەپ تۇرۇشى ۋە مېنىڭ نىجاتچىم – باتۇر بيۇگ – ژارگالنىڭ ئۈستىمىزدىكى يار يوچۇقى يېنىدا، يوپ – يورۇق ئاسمان تېگىدە مېنى قوغداپ تۇرۇشى – بۇ مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا خۇددى دوزاق بوسۇغۇسىدا تۇرۇپ كۈتۈلگەن ھالاكەتتىن مېنىڭ جېنىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قاتتىق جەڭ بولۇۋاتقاندەك تۇيۇلدى. بۇ يەردە نىجاتلىق پەرىشتىسى بىلەن ئەجەل ئىلاھىسى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەش بولۇۋاتاتتى. نېگىرلار سېھرىگەر خەبىبرانىڭ قاغىشىدىن قورقۇپ تىترەشكە باشلىدى، ئۇلار نىمە قىلىشنى بىلمەي تېڭىرقاپ قېلىشتى، ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن پايدىلانغان باخشى يەنە ۋالاقلاپ سۆزلەشكە كىرىشتى:

    -مەن ئاق تەنلىكنىڭ ئۆلۈشىنى خالايمەن، مېنىڭ دىگىنىم بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار! بۇ ئاق تەنلىكنى ئۆلتۈرۈڭلار!

    -ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۇ ياشىشى كېرەك! – دەپ ۋارقىرىدى كەسكىن ھالدا بيۇگ – ژارگال، -مەن – بيۇگ – ژارگال، مېنىڭ دادام كاكونگونىڭ سۇلتانى، ئۇ ئۆز قارىمىقىدا ئادالەت ئورناتقان.

    نېگىرلار يەنە چوقۇنۇشقا باشلىدى.

    بيۇگ – ژارگال سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -قېرىنداشلار، تېزدىن بىئاسۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ شۇنى ئېيتىڭلاركى، بۇ تۇتقۇننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاق تەنلىكلەرگە خەۋەر قىلىش ئۈچۈن، تاغ چوققىسىغا قارا بايراق قادىمىسۇن! بۇ تۇتقۇن بيۇگ – ژارگالنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. بيۇگ – ژارگالمۇ ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشى كېرەك!

    نېگىرلار ئورنىدىن قوپۇشتى. بيۇگ – ژارگال ئۇلارغا قىزىل پەي تاشلىدى، ئەترەت باشلىقى ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ تازىم قىلدى – دە، ئاندىن قىزىل پەينى ئاۋايلاپ قولىغا ئالدى. ھەممە نېگىرلار ئۈندىمەستىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقىپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ كەينىدىنلا بۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئىچىدىن باخشى غايىپ بولدى.

    جاناپلار، ئۆزەمنىڭ قانداق ئەھۋالدا قالغانلىقىمنى سىلەرگە تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزمەن. كۆزۈم لىققىدە ياشقا تولغان ھالدا پيېروغا قاراپ ئېتىلدىم. ئۇ ماڭا ئاجايىپ مېھرىبان ۋە مەغرۇر قىياپەتتە قاراپ تۇراتتى.

    -خۇداغا شۈكرى، - دىدى ئۇ ئاخىر، - ھەممە ئىش ئامان – ئېسەن ھەل بولدى. ئۇكا، سەن كەلگەن يولۇڭ بىلەن بۇ يەردىن چىقىپ كەت، مەن سېنى دالىدا كۈتۈپ تۇرىمەن.

    ئۇ ماڭا قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ، كۆزدىن غايىپ بولدى.

    54

    مېنى بۇ بالا – قازادىن خالاس قىلغان كىشىنى تېزرەك كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ قانداقلارچە بۇ يەرگە ئۆز ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ ماڭا بۇنداق بەختلىك پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، بۇ قورقۇنچلۇق ئۆڭكۈردىن تېزرەك چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىدىم. لېكىن يېڭى خەۋپ – خەتەر مېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ: مەن ئۆڭكۈردىن چىقىدىغان يەر ئاستى كارىدورىغا ئەمدىلا قەدەم قويۇشۇم، كىمدۇ بىرى مېنىڭ يولۇمنى توسىدى، بۇ خەبىبرا ئىدى.

    بۇ بەدنىيەت سېھرىگەرنى مەن نېگىرلار بىلەن بىللە كەتتى، دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن ئۇ خەتەرلىك ھاڭنىڭ يېنىدا يولۇمنى توساپ، مەندىن ئۆچ ئېلىشنىڭ ئەپلىك پەيتىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. مانا، ئۇ كۈتكەن ئەپلىك پۇرسەتمۇ كەلدى! خەبىبرا بىردىنلا ئالدىمدا پەيدا بولدى – دە، قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. مەن يالغۇز ۋە قورالسىز ئىدىم، ئۇنىڭ قولىدا خەنجەر پارقىراپ تۇراتتى. بۇ خەنجەر ئۇنىڭ كرېست قىلىپ ئىشلىتىدىغان ھېلىقى خەنجىرى ئىدى. ئۇنى كۆرۈپلا ئىختىيارسىز توختىدىم.

    -ھا، ھا، بايۋەچچە! سەن مېنىڭدىن قۇتۇلدۇم دەپ ئويلىغانغۇ، دەيمەن؟! گالۋاڭ چاكار ساڭا قارىغاندا ئەقىللىقراق بولۇپ چىقتى! مانا قولغا چۈشتۈڭ، ئەمدى سېنىڭ قۇتۇلۇشۇڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ، بۇرادىرىڭ بيۇگ – ژارگالمۇ ئەمدى سېنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ! سەن مانا بۇ شاقىراتمىدا ئېقىپ، توپ – توغرا ئۇنىڭ ئالدىغا بارىسەن ۋە دالىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىسىەن.

    خەبىبرا شۇ گەپلەرنى قىلدى – دە، خەنجىرىنى چىقىرىپ ماڭا ئېتىلدى.

    -بەدبەخت! – دەپ ۋارقىرىدىم مەن يار تەرەپكە داجىپ تۇرۇپ، - سەن قاتىل ئىدىڭ، ئەمدى جاللات بولماقچىمۇ؟

    -مەن سەندىن ئۆچ ئالىمەن! – دىدى ئۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ.

    مەن چوڭقۇر ھاڭنىڭ گىرۋىكىدە تۇراتتىم. خەبىبرا ماڭا خەنجەر ئۇرۇش ئۈچۈن قىرغاققا سەكرەپ ئۆتتى، مەن ئۆزەمنى بىر چەتكە قاچۇردۇم، شۇ چاغ ئۇ ئۇششاق تاشلارغا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشتى ۋە شارقىراتما سۈيىدىن سىلىقلىنىپ تېيىلغاق بولۇپ كەتكەن تاش ئۈستىدە ئۆزىنى توختىتالماي ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى! «لەنىتى» دەپ ۋارقىرىدى ئۇ چۈشۈپ كېتىۋېتىپ. ھاڭنىڭ قىرغىقىدا چوڭ بىر تۈپ قاخشال دەرەخنىڭ بارلىقىنى  ۋە ئۇنىڭ يوغان يىلتىزلىرى سەل تۆۋەنرەكتە بۆرتۈپ چىقىپ تۇرغانلىقىنى يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم. پەتەك باخشى ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئالا – بۇلىماچ كۆينىكى ھېلىقى يىلتىزغا ئىلىنىپ قالدى – دە، ئۇ جان – جەھلى بىلەن بۇ تاساددىپىي تايانچقا مەھكەم ئېسىلىۋالدى. قاتىلنىڭ خەنجىرى ۋە قوڭغۇراقلار ئېسىلغان ئۇزۇن قالپىقى قىرغاقتىن قىرغاققا ئۇرۇلۇپ جاراڭلاپ، چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى.

    كۆز يەتكۈسىز چوڭقۇر ھاڭدا ئېسىلىپ قالغان خەبىبرا تېپىرلاپ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىۋېلىشقا ئۇرۇناتتى، ئەمما ئۇنىڭ قىسقا قولى قىرغاققا يەتمەيتتى، شۇنداق بولسىمۇ بارلىق كۈچى بىلەن قىرغاققا بۆرتۈپ چىقىپ تۇرغان قىيا تاشلارغا ئېسىلىپ، تۇمشۇقى بىلەن تىرەجەپ يامىشاتتى. ئاخىرقى غۇۋا قاراڭغۇلۇقتا نىمىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلمەي، قارا تەرگە چۈشۈپ نالە قىلىشقا باشلىدى.

    شۇ تاپتا مەن بىرلا تەپسەم، ئۇ ئۆزىنى يەتتە قات جەھەننەمنىڭ تۈۋىدە كۆرگەن بولاتتى، بىراق بۇنداق قىلىشنى مەن ھەتتا ئويلاپمۇ قويمىدىم. چۈنكى، بۇنداق قىلىش نامەرتلىك بولاتتى، مېنىڭ بۇ ئىنساپلىق خۇي – پەيلىممۇ ئۇنىڭغا بىر ئىبرەت بولۇشى كېرەك ئىدى. كۈتۈلمىگەن بىر تاساددىپىي ئارقىلىق مېنى ئۇنىڭ بىلەن توقۇنۇشتۇرماي، ئامان – ئېسەن قۇتقۇزغانلىقى ئۈچۈن خۇداغا شۈكرى – سانا ئېيتىپ، خەبىبرانى ئۆز قىسمىتىگە قالدۇرۇپ، بۇ ئۆڭكۈردىن چىقىپ كېتىشكە تەمشىلىپ تۇرغان ۋاقتىمدا، بىردىنلا ئۇنىڭ زارلىغان، يالۋۇرغان ئاۋازنى مېنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى.

    -جانابىي خوجايىن، - دىدى خەبىبرا زارلىنىپ، - مۆھتەرەم خوجام! ئۆتۈنۈپ سورايمەن، كەتمەڭ! خۇدا ھەققى، مەندەك بىر ئاسىي بەندىنىڭ تۆۋە قىلماي ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولماڭ! جېنىمنى قۇتقۇزۇڭ! دەرمانىم قۇرىدى، ئېسىلىپ تۇرغان يىلتىزلار ئۈزۈلەي دەپ قالدى، قولۇمدا ماغدىر قالمىدى، شۇ تاپتا چۈشۈپ كېتەي – كېتەي دەپ قالدىم! يىلتىزلار يا قولۇمدىن چىقىپ كېتىدۇ، يا ئۈزۈلىدۇ...ئاھ، مەرھەمەتلىك خوجايىن! ئەنە، ئاستىمدا ھالاكەت گىردابى ماڭا ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپتۇ، ئۇلۇغ ئىسمى ئەزەمنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى، ماڭا رەھىم قىلىڭ! مەندەك بىچارە قۇلىڭىزغا رەھىم قىلىڭ! توغرا، مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا گۇناھكارمەن، سىز ئاق تەنلىكلەرنىڭ مۇلاتلىرىدىن رەھىمدىل ئىكەنلىكىنى، خوجايىنلارنىڭ قۇللاردىن ئالىيجاناپ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ كۆرسىتىڭ!

    ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرى ماڭا تەسىر قىلىشقا باشلىدى. مەن ھاڭنىڭ قىرغىقىغا كەلدىم – دە، يۇقۇرىدىن چۈشۈپ تۇرغان غۇۋا يورۇقلۇقتا ئېسىلىپ، ساڭگىلاپ قالغان خەبىبرانىڭ چىرايىغا قارىدىم. بۇ چىرايدا ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن ناتىۋان – مىسكىنلىك ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ماڭا بەكمۇ غەمكىن ۋە مىسكىن قىياپەتتە قارىدى.

    -جانابىي لېوپولددې، - دىدى يالۋۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ئېچىنىۋاتقانلىقىمغا كۆزى يېتىپ، - ئۆزىگە يېقىن بولغان بىر ئادەمنىڭ مۇشۇنداق خەۋپ خەتەردە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى ئۇزاتماسلىق مۇمكىنمۇ؟ قولىڭىزنى سۇنۇڭ. ھۆرمەتلىك خوجايىن! مېنى قۇتقۇزۇۋېلىش سىز ئۈچۈن ھېچگەپ ئەمەسقۇ، بۇ سىزگە ئاسانلا، مېنىڭ ئەھۋالىم بەك مۈشكۈل، مېنى تارتىۋېلىڭ، ئىلتىجا قىلىمەن. مەن تۆۋە قىلدىم، گۇناھىمدىن كېچىڭ، سىزدىن خوش بولاي!

    -بەدبەخت، جىنايەتلىرىڭنى ئېسىمگە سالما! – دىدىم مەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.

    -قىلمىشلىرىمغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن، خوجايىن، ماڭا قارىغاندا ئالىيجاناپراق بولۇڭ! ئاھ خۇدا، ئۇلۇغ پەرۋەردىگار، دەرمانىم قۇرۇۋاتىدۇ، چۈشۈپ كېتەي دەپ قالدىم! ... نىمە دىگەن بەختسىزمەن، قېنى، قولىڭىزنى بېرىڭا، قولىڭىزنى ئۇزىتىڭا! ئاق سۈت بەرگەن ئانىڭىزنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى!

    دەھشەت ۋە چەكسىز ئازاپ ئىچىدە ئېيتىلىۋاتقان بۇ زالىنىشنىڭ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى سىلەرگە تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزمەن! مەن ھەممىنى ئۇنتۇدۇم. كۆز ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئادەم ماڭا دۈشمەن، خائىن ۋە قاتىل بولۇپ، كۆرۈنمەي، بەلكى بەختسىزلىككە يولۇققان بىر بىچارە بولۇپ كۆرۈندى. ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىش بەكمۇ ئاسان ئىدى. ئۇ ماڭا شۇ قەدەر تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن يالۋۇرۇۋاتاتتى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا ئاداۋەت تۇتۇش ياكى تاپا – تەنە قىلىش پايدىسىز ۋە كۈلكىلىك بولغان بولاتتى. بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بوشقا ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك ئىدى. مەن قىرغاقتا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، بىر قولۇمدا خەبىبرا ئېسىلىۋالغان يىلتىزنى تۇتۇپ ئىڭىشتىم ۋە يەنە بىر قولۇمنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم... ئۇ شۇ ھامانلا ھەر ئىككى قولى بىلەن مېنىڭ قولۇمغا ئېسىلدى. ئەمما، قولۇمغا ئېسىلىپ يۇقۇرىغا كۆتىرىلىش ئورنىغا، ئەكسىچە، پۈتۈن كۈچى بىلەن مېنى تۆۋەنگە تارتىشقا كىرىشتى. ئەگەر ماڭا مۇستەھكەم تايانچ بولۇپ تۇرغان تېرەك بولمىغىنىدا، ئېھتىمال، مەن ئۇنىڭ تارتىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۈۋى يوق ھاڭغا پۇلاڭلاپ چۈشۈپ كەتكەن بولاتتىم.

    -نىمە قىلغىنىڭ بۇ، ۋەھشىي؟ - دىدىم مەن ۋارقىراپ.

    -مەن سەندىن ئىنتىقام ئالىمەن! – دىدى ئۇ ماڭا، مانا يەنە قولغا چۈشتۈڭ! سەن ساختىپەز، ئۆز ئايىغىڭ بىلەن قاپقانغا ئېلىندىڭ، ئەمدى سەن مېنىڭ قولۇمدا، بىر مىنۇت ئاۋۋال سەن قۇتۇلۇپ، مەن ھالاك بولغان ئىدىم، ئەمدىچۇ، ئەجەل ئېغىزىغا ئۆز ئايىغىڭ بىلەن كەلدىڭ. مەندىن كەتكىنى پەقەت سېنى تەسىرلەندۈرگەن بىر نەچچە ئېغىز سۆز ۋە كۆز يېشى بولدى، خالاس! مانا ئەمدى ئۆلسەم، ئارمىنىم يوق. مەن سەندىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ئۆز جېنىمنى قۇربان قىلىمەن! بېلىقلارغا يەم بولۇش سىلەرنىڭ جەمئىيىتىڭدە ياشىغاندىن ياخشىراق!

    -ساتقىن، سەن ماڭا شۇنداق رەھمەت دىمەكچىدىڭمۇ؟ - دىدىم ئۇنىڭغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرەجەپ تۇرۇپ، - مەن سېنى قۇتقۇزۇۋالماقچى بوپتىمەن.

    -بۇنى بىلىمەن، سەن مېنى قۇتقۇزۇۋېلىشىڭ مۇمكىن ئىدى. ئەمما، مەن سېنى ئۆزەم بىلەن بىللە ئۆلتۈرمەكچىمەن! سېنىڭ ئۆلۈمىڭ مېنىڭ ھاياتىمدىن قىممەتلىك. قېنى، چۈشە بۇ ياققا!

    ئۇنىڭ دىقماق، يۇڭلۇق قوللىرى ئاجايىپ بىر كۈچ بىلەن مېنى تۆۋەنگە تارتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى چىڭقىلىپ، ئاغزى كۆپۈكلىشىپ كەتتى، چەكسىز ئۆچمەنلىك ۋە ئىنتىقام ئېلىش ئۈمىدى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ كۈچ بېغىشلىماقتا ئىدى. بىر مىنۇت بۇرۇن گەرچە ئۇ ھېلى چۈشۈپ كېتىدىغاندەك قىياپەتتە ماڭا شۇنچىلىك يالۋۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمدى ئۇ ئىككى پۇتىنى بۆرتۈپ چىقىپ تۇرغان تاشقا تىرەجەپ، مەزمۇت تۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى ساقلاپ قالغان چوڭ يىلتىزنى خۇددى يولۋاستەك لىڭشىتىپ تىپىرلاۋاتاتتى، ئۇ يىلتىزنى قومۇرۇپ تاشلىيالىسا ياكى سۇندۇرالىسا، ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقى بىلەن مېنى تۆۋەنگە سۆرەپ چۈشۈرۈشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى ئۇ جان – جەھلى بىلەن يىلتىزنى چىشلەپ ئۈزۈشكە ئۇرۇنۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ غەزەپلىك ئەسەبىي كۈلكىسى يىلتىزنى چىشلىگەندىلا بىردەم توختاپ قالاتتى، ئۇنىڭ كۆرۈمسىز رەڭگى – روھى شۇنداق پۇرلىشىپ سەتلىشىپ كەتكەن ئىدى، خۇددى جەھەننەمدەك قاراڭغۇ كۆڭلى ئۆز قۇربانىنى ھالاك قىلىشقىلا بېغىشلانغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بەختكە يارىشا، مەن بىر تىزىمنى تاشنىڭ كاۋىكىغا قويۇۋېلىپ، بىر قولۇم بىلەن ئۈستۈمدىكى دەرەخ شېخىنى مەزمۇت تۇتۇۋالغان ئىدىم، خەتەرلىك پەيتلەردە ئىنساندا پەيدا بولىدىغان كۈچلۈك قوغدىنىش تۇيغۇسى بىلەن بۇ چاكارغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتىم، مەن پات – پات ھالسىراپ نەپەس ئېلىۋاتاتتىم. ئاللىقاچان يىراقلاپ كەتكەن بيۇگ – ژارگالنىڭ مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىيالىشىغا تولۇق ئىشىنەلمىسەممۇ، يەنىلا «بيۇگ – ژارگال!» دەپ قاتتىق ۋارقىرايتتىم. شارقىراتمىنىڭ گۈلدۈرلىگەن شاۋقۇنى مېنىڭ ئاۋازىمنى بېسىپ كېتەتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.