تىرە پۈتۈك(ئۆز بەخت-تەلىيىنى قانداق تونۇپ يېتىش كېرەك؟)

يوللىغۇچى : halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-26 15:57:18

تىرە پۈتۈك3ئۆز بەخت-تەلىيىنى قانداق تونۇپ يېتىش كېرەك؟ئۆزىڭىزدىن زارلىنىپ، رېئاللىقتىن قاقشىشىڭىز ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىقلا ئەمەس، بەلكى ناچار ئادەتلىرىڭىزنىڭ ئەڭ ئەسكىسىدۇر.-دالى كارنىگ ...



     

    تىرە پۈتۈك
    3
    ئۆز بەخت-تەلىيىنى قانداق تونۇپ يېتىش كېرەك؟
     
     
     
    ئۆزىڭىزدىن زارلىنىپ، رېئاللىقتىن قاقشىشىڭىز ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىقلا ئەمەس، بەلكى ناچار ئادەتلىرىڭىزنىڭ ئەڭ ئەسكىسىدۇر.
    -دالى كارنىگ          
     
     
      سىز بىرىنچى دەرستە توۋىن كوتتېن بىلەن تونۇشۇپ چىقتىڭىز، ئۇ پسخىكىلىق داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسىگە ئائىت نۇرغۇن كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرغان كىشىنى كۆرگىنىڭىزدەك ئۇنىڭ يەنە شۇنداق ئۆزگىچىلىكى باركى ئۇ مۇرەككەپ ئىدىيە، خاراكتېرىستىك ئەقىدىلەرنى چوڭقۇر سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ. توۋىن كوتتېننىڭ «ئاچچىق − ساۋاق» ناملىق ئەسىرى 1965 − يىلى نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئەڭ بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.
     
    ئىككىنچى دەرستىكى مۇئەللىمىمىز ئىدۋارد ھوتمان بولۇپ، ئۇ جەڭگاھ مۇخبىرى، دەرنەك سەھىپىسىنىڭ ئاپتورى، تېلېۋىزىيە ئوبزورچىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپ باققان. ئائىلە تۇرمۇشى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. ئۈچ قېتىم «ئەركىنلىك فوند» مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.
     
    خوش، ئەمدى سىز ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن «دالى كارنىگ»نىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ بېقىڭ. ئۇنىڭ نامى پۈتۈن يەر شارىدا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ياڭراپ تۇردى. ئۇنىڭ «قانداق دوست تۇتۇش كېرەك، باشقىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىش كېرەك» دېگەن كىتابنىڭ تراژى 10 مىليون پارچىدىن ئېشىپ كەتتى. دەسلىپىدە بۇ كىتاب دالى كارنىگنىڭ خىرىستىئان دىنى ياشلار ئۇيۇشمىسىدا رەسمىي دەرس ئۆتكەن چاغلىرىدا چوڭلارنىڭ دەرسلىكى ئۈچۈن تەييارلىغان يانداشما ماتېرىيال ئىدى (ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بىر ئاخشاملىق دەرس ئۆتۈش ھەققى ئاران بەش دوللار ئىدى). ئۇ ئاساسلىقى «ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە باشقىلار بىلەن بىللە تۇرغاندا ئۆزىگە ئىشىنىشنى قانداق ئۆرە قىلىش» تېمىسىدا دەرس سۆزلەيتتى.
     
    بىز دالى كارنىگنىڭ تەلىملىرىدىن كىشىلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىش، شەخسنىڭ قىممىتىنى قانداق يارىتىشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايمىز. كارنىگنىڭ ئەقىل − پاراسىتى، ئاممىباب بىلىمى، ئەمەلىي تەجربىلىرى ۋەھاكازالار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. دالى كارنىگ تېپىپ چىققان ئۇتۇق رېتسېپلىرى مەغلۇبىيەت ۋە كەمسىتىش ئىچىدە ياشاۋاتقان سانسىزلىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدى.
     
    سىز ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزغا قاراپ، ئۇۋاللىق ھېس قىلامسىز؟ ئۇنداقتا دالى كارنىگنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭ! بۇ سۆز دۇردانىلىرى ئۇنىڭ يەنە بىر بازارلىق كىتابى «قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ» دېگەن كىتابىدىن ئېلىنغان.
     
     خاررولد ئاببوت بىلەن تونۇشقىنىمغا كۆپ يىل بولدى. ئۇ ئىلگىرى كەچكۇرسىمىزنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغانىدى. بىر كۈنى كانزاس شەھىرىدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ مېنى ئاپتوموبىل بىلەن مىسسۇرى شتاتىدىكى بىرىدۇن قورۇقىغا ئەكېلىپ قويدى. يول ئۈستىدە مەن ئۇنىڭ غەم − قايغۇدىن قانداق خالاس بولغانلىقى ھەققىدە سورىدىم. ئۇ ماڭا كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتكۈدەك تۆۋەندىكى ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. بۇنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايمەن.
     
    خاررولد مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى دائىملا غەمكىن يۈرەتتىم. ئويلىسام ئۇ 1934-يىللىرى باھار پەسلى ئىكەن. بىراق بىر كۈنى ۋىبو شەھىرىنىڭ بىر كوچىسىدا مېنى بارلىق غەملەردىن خالاس قىلغان مۇنداق بىر مەنزىرىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ھەممە ئىش 10 سېكۇنت ئىچىدە ئۆگەنگەنلىرىم ئىلگىرىكى 10 يىل ئىچىدە ئۆگەنگەنلىرىمدىنمۇ كۆپ بولدى، چۈنكى مەن قانداق ياشاشنى ئۆگىنىۋالغانىدى.»
     
    ئەينى چاغدا مەن ۋىبو شەھىرىدە بىر مىلىچمال دۇكىنى ئاچقانىدىم. ئىش باشلىغىلى ئىككى يىل بولۇپ قالغاچقا، مەن ھەممە بىساتىمنى خەجلەپ بولۇپ، يەنە بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدىم. توپتوغرا 10 يىل ئىشلىسەممۇ تۈگەتكىدەك ئەمەس ئىدىم. ھېلىقى كۈنى شەنبە كۈنى بولۇپ مىلىچمال دۇكىنىم ۋەيران بولغاچقا چىقتى. مەن سودا ياكى كانچىلىق بانكىسىدىن پۇل قەرز ئېلىپ، كانزاس شەھىرىگە بېرىپ خىزمەت تاپماقچى بولۇپ ماڭدىم. يولدا كېتىۋاتىمەن − يۇ خۇددى بىرسىدىن راسا دۇمبا يېگەندەك ھارغىن، ھازىرلا يىقىلىپ قالىدىغاندەكلا، دەل شۇ چاغدا يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئىككى پۇتى يوق بىر ئادەمنىڭ كېلىۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇ ئاستىغا چاق بېكىتىلگەن بىر چاقلىق تاختايدا ئولتۇرۇپ، ئۇنى قولىدا ئىتتىرىپ كېلىۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان چاغدا ئۇ چوڭ يولنى كېسىپ ئۆتۈپ پىيادىلەر يولىغا قاراپ ماڭغانىكەن. ئۇ ماڭا شوخلۇق ۋە خۇشلۇق بىلەن: «ياخشىمۇ سىز ئەپەندى، بۈگۈن ھاۋا نېمىدېگەن ياخشى − ھە!» دەپ سالام بېرىپ بولۇپ، شۇنداق بىمالال يۈرۈپ كەتتى. ئۇ سۆزلەۋاتقان چاغدا روھىي ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. مەن ئۇنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر باي، بەختلىك ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. مېنىڭ يەنە ئىككى پۇتۇم بارغۇ! مەن يەنە ماڭالايمەنغۇ؟ مەن تۇرۇپلا ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمنى كەمسىتىپ، ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرگىنىمدىن نومۇس قىلىپ قالدىم. ئۆز − ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: «ئۇنىڭ پۇتى يوق تۇرۇقلۇق شۇنچە خۇشال، ئوچۇق − يورۇق يۈرىدىكەن، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تولۇپ − تېشىپ تۇرۇپتۇ. مەن يەتتە ئەزايىم ساپساق تۇرۇپ ئۇنىڭدەك بولالمامدىم؟» ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، گەجگەمدىن بېسىپ تۇرغان ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك بولدۇم. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بانكىدىن 100 دوللار قەرز ئالارمەن دەپ تۇرغانىدىم. بۇ ئىشتىن كېيىن غەيرەتكە كېلىپ 200 دوللار قەرز ئالدىم. دەسلىپىدە بانكىدىكىلەرگە «كانزاس شەھىرىگە قايتىپ خىزمەت تاپماقچى بولۇۋاتىمەن» دەي دەپ ئويلىغان، كېيىن بولسا ئۇلارغا خىزمەت تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم بار دېدىم. پۇل قەرز ئالدىم، كېيىنچە راستتىنلا خىزمەتمۇ تاپتىم. شۇنىڭدىن كېيىن تازىلىق ئۆيىدىكى ئەينەككە مۇنداق بىر كۇپلېت شېئىرنى چاپلاپ قويدۇم. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ساقىلىمنى ئالغاچ ئۇنى ئوقۇپ ئىلھاملىنىمەن:
    «ئىدىم پەرىشان، دىلىم غەمناك، يۈرگەچ سەرسان يالاڭئاياغ.
    بىراق بۈگۈن كۆردۈم بىراۋنى،پۇتسىز لېكىن خۇشال، كەيپى چاغ.»
     
     بىر قېتىم مەن ئېدىد رىكىنىبىكىتنى زىيارەت قىلدىم. ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن تىنچ ئوكياندا كېتىۋېتىپ نىشاندىن ئادىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار سالغا ئولتۇرۇپ نىجاتلىق ئىزدەپ دېڭىزدا 21 كۈن لەيلەپ يۈرگەن. مەن ئېدىدتىن ئەڭ چوڭ ئېرىشكەن نەرسىسىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە سورىغىنىمدا، ئۇ «ئاشۇ قېتىملىق سەپەردە مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئېرىشكىنىم− ئىچىدىغانغا سۇ، يەيدىغانغا نان بولسا، ھەر قانداق بىر ئىشتىن قاقشاپ، زارلىنىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق دېگەندىن ئىبارەت» دەپ جاۋاب بەردى.
    بىر چاغدا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا بىر پارچە خەۋەر بېسىلدى. بىر ساقچى ئوفىتسېر كۇۋادرىر كانار ئارىلى (جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى سولۇمىن تاقىم ئاراللىرىدىن بىرى)دا يارىلانغان. ئوق پارچىسى ئۇنىڭ كانىيىنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى. دوختۇرلار ئۇنىڭغا يەتتە قېتىم قان بېرىپتۇ. ئۇ خەت ئارقىلىق دوختۇردىن: «مەن يەنە ياشىيالامدىم؟» دەپ سوراپتۇ. دوختۇر: «چوقۇم ياشىيالايسىز» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇ يەنە «مەن يەنە گەپ قىلالامدىم» دەپ سوراپتۇ. دوختۇر: «جەزمەن گەپ قىلالايسىز» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوفىتسېر: «شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن يەنە مۇشۇ ئۆلگۈر غەمدىن نېرى بولالمىدىم؟» دەپ يېزىپتۇ. مۇبادا سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا شۇنداق سوئال قويۇپ باقساڭلار، كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلغان ئاشۇ مەسىلىلەرنىڭ ئەمەليەتتە ئىنتايىن كىچىك ئىشلار ئىكەنلىكىنى تېزلا بايقىۋالالايسىلەر. جاھاندىكى ئىشلارنىڭ تەخمىنەن %90 ى توغرا، ئاران %10 ى خاتا بولىدۇ. ئەگەر تۇرمۇشۇم خاتىرجەم دېسىڭىز، دىققەت − ئېتىبارىڭىزنى %90 توغرا ئىشقا مەزكەزلەشتۈرۈڭكى %10 خاتالىققا پەرۋا قىلماڭ! ئەگەر ئۇنداق قىلماي، دائىم خاتالىق، ئوڭۇشسىزلىقلار ئۈستىدىلا كاللا ئۇپرىتىپ يۈرسىڭىز، چەكسىز ھەسرەت ۋە غەم − قايغۇدا قالىسىزدە، ئۆزىڭىزنى ئاشقازان يارىسى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار قىلىۋالىسىز!
     
    ئەنگلىيىدىكى نۇرغۇن كىلونۋىر مەزھىپى چېركاۋلىرىغا «تەپەككۇر ۋە شۈكۈر − قانائەت» دېگەن ئىككى كەلىمە سۆز ئويۇپ قويۇلغان. بۇ ئىككى سۆز بىزنىڭ قەلبىمىزگىمۇ ئورناپ كېتىشى كېرەك. تەپەككۇر ۋە شۈكۈر − قانائەت دېگەنلىك شۈكۈرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش ۋە ئاللا تائاللا ئاتا قىلغان نېمەت ۋە بايلىقلارغا شۈكۈرى − قانائەت قىلىش دېمەكتۇر.
     
    «گىرىفنىڭ ساياھىتى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى جونناسىن سىۋفىت ئەنگلىيە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تىپىك ئۈمىدسىز ئادەم. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ قالغىنى ئۈچۈن قاتتىق ئۆكۈنىدۇ. ھەتتا ھەر يىلى تۇغۇلغان كۈنىدە پۈتۈنلەي قارا كىيىم كىيىپ، بىر كۈن تاماق يېمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇچىغا چىققان بۇ ئۈمىدسىز ئادەم چەكسىز ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ ئازادلىق ۋە خۇشاللىقنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىكى ئاجايىپ كۈچ − قۇدىرتىنى مەدھىيىلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى دورا نەپسىنى يىغىپ، كۆڭۈلنى توق تۇتۇش، خۇشال ۋە روھلۇق بولۇش دورىسىدۇر» دەيدۇ.
     
    سىزمۇ، مەنمۇ ھەر كۈنى خۇشال ۋە روھلۇق يۈرۈش دورىسىنى ئىستېمال قىلىپ تۇرىمىز. ئەگەر بىز دىققەت − ئېتبارىمىزنى ئۆزىمىزدىكى تۈگىمەس بايلىقلارغا مەركەزلەشتۈرسەك، بىزنىڭ بايلىقىمىز رىۋايەتلەردىكى ئەلى بابانىڭ بايلىقىنى نەچچە قاتلايدۇ. ئىشەنمەمسىز؟ ئەمىسە، ئىككى كۆزىڭىزنى ئون مىليون دوللارغا ساتامسىز؟ ئىككى كۆزىڭىزنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلىدىغانسىز؟ ئىككى قولىڭىز بىلەن ئىككى قۇلىقىڭىزنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بالىلىرىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى قانچە پۇلغا ساتارسىز؟ ئەگەر بۇ بايلىقىڭىزنىڭ ھەممىسىنى قوشسىڭىز ئۇنىڭغا روكفىللىر، فورد ۋە مورگىنلارنىڭ ھەممە مال − مۈلكىنىڭمۇ چىقىش قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
    بىراق بىز ئۆزىمىزدە بارنى قەدىرلىدىقمۇ؟ ياق، قەدىرلىمىدۇق. شوپىنخائېر مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆز ئىلكىمىزدىكى نەرسىلەرنى ئانچە خىيالىمىزغا كەلتۈرۈپ كەتمەيمىز. كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزدە يوق نەرسىلەرنىڭ غېمىنى يەپ يۈرىمىز.» بۇ دۇنيادىكى ئەڭ زور تراگېدىيە ئىنسانلارنىڭ مۇشۇنداق ناچار خۇلقى − مىجەزىدىن كېلىپ چىققان، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن ئازابى تارىختا يۈز بەرگەن بارلىق ئۇرۇش ۋە ۋابا كېسەللىكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.
     
    دەل مۇشۇنداق ناچار خۇلقى − مىجەز جون پالىمىزغا ئوخشاش بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق − سوغۇق ئۆتكەن ئەر كىشىنىمۇ كوت − كوت قىلىپ قويغان. ئۇ ھەتتا ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىش گىردابىغا بېرىپ يەتكەن. تۆۋەندىكى ھېكايىنى ئۇ ماڭا ئۆز ئاغزى بىلەن سۆزلەپ بەرگەن:
    «ئۇ مېنىڭ ئەسكەرلىكتىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن چېغىم ئىدى. خۇسۇسىي تىجارىتىمنى باشلىۋالغانىدىم. بىر دۇكان ئېچىپ كېچە − كۈندۈز دېگۈدەك جاپالىق ئىشلىدىم. ھال − كۈنۈم خېلى ئوبدان بولۇپ قالغانىدى. بىراق كېيىن مال ئۆكسۈپ قالدى. دۇكىنىم ھازىرلا تاقىلىپ كېتىدىغاندەك قورقتۇم، كۈنبويى بوغۇلۇپ، چىرايىمنى ئاچماي يۈردۈم. ئۇ چاغدا مەن بۇنداق يامان كەيپىياتنىڭ قانداق ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن. ئەمدى چۈشەندىمكى، بەخىتلىك ئائىلەمنى بۇزۇۋېتەي دەپلا قالغانىكەنمەن. بىر كۈنى ماڭا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان بىر ھەربىيسەپتىن چېكىنگەن مەجروھ خىزمەتچىم ماڭا: <پالمىر، خىجىل بولمامسىز؟ دۇنيادا ئازاب تارتىۋاتقىنى پەقەتلا سىز ئوخشىمامسىز؟ دۇكىنىڭىزدا بىر نەچچە كۈن سودا قىلمىغانغا نىمە بوپتۇ؟ ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندىن كىيىن داۋاملاشتۇرسىڭىز بولمىدىمۇ؟ باشقىلاردا يوق نەرسە يەنە سىزدە ئېشىپ − تېشىپ تۇرۇپتۇغۇ. يەنە ئەتىگەندىن كەچكىچە ۋاقىراپ − جاقىراپ، قاقشاپ − تېرىكىپ يۈرىدىكەنسىز. ماڭا قارىڭا، مېنىڭ بىرلا قولۇم بار. يۈزۈمنىڭ يېرىمىمۇ ئوق تېگىپ ئۇچۇپ كەتكەن. شۇنداق تۇرۇپمۇ قاشىمايۋاتىمەنغۇ؟ ئەگەر ئاغزىڭىز بېسىلماي ئاشۇنداق يۈرۈۋەرسىڭىز، يۈزىڭىزنى چۈشۈرۈۋېلىپلا قالماي، سالامەتلىكىڭىز، ئائىلىڭىز، ئەل − ئاغىنىلىرىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز جۇمۇ> دېدى.
     
    بۇ سۆزلەر ماڭا جىددىي سىگىنال بولدى. مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، ئەمەلىيەتتە مەندە ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالغۇدەك ھېچقانداق ئىش يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ھالىتىمنى دەرھال ئۆزگەرتىشكە نىيەت باغلاپ، ئەسلىدىكى غەم − غۇسسىز تۇرمۇشۇمنى ئەسلىگە كەلتۈردۈم.
    لۇسىر بلاك ئىسىملىك بىر تونۇشۇم بار ئىدى، ئۇ ئۆزىدە بار نەرسىلەر ئۈچۈن خوش بولۇشنى، ئۆزىدە يوق نەرسىلەر ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم قىلماسلىقنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرى، ئازاب − ئوقۇبەت گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى.
     
    بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن لۇسىر بىلەن تونۇشقان چېغىمدا، ئىككىمىز كولۇمبىيە ئۇ نىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات ئىنىستىتۇتىدا قىسقا خەۋەر يېزىشنى ئۆگىنىۋاتاتتۇق. بۇنىڭدىن توققۇز يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ تۇرمۇشى زور زەربىگە يولۇقۇپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئارىزنا شىتاتىدىكى تاكسىنىدا تۇرۇپتۇ. تۆۋەندە ئۇنىڭ بۇ ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرىنى بىللە ئاڭلاپ باقايلى.
        كۈنلىرىم قاينام − تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتەتتى،دەپ سۆز باشلىدى ئۇ،ئۇ چاغدا مەن ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۇنايلىق ئاكاردىئون چېلىشنى ئۆگۈنىۋاتاتتىم. مەھەلىدە بىر كېكەچلىكنى داۋالاش ئامبۇلانتورىيىسى يەنە بىر قومغاق تاللىق يېزىدا مۇزىكىدىن ھوزۇرلىنىش دەرسى تەسىس قىلغانىدىم. ئۆزۈم تاللىق يېزىدا تۇراتتىم. دائىم كەچلىك ئولتۇرۇشلارغا بېرىپ، ھەشەمەتلىك سورۇن، نادىر مۇزىكىلار ئىچىدە گۈزەل ھاياتنىڭ شېرىن پەيزىنى سۈرەتتىم. بىراق، بىر كۈنى ئەتىگەندە تۇيۇقسىز ئۆزۈمنىڭ پالەچ بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلدىم. «ئاھ، خۇدا» دېدىم، كۆڭلۈم بۇزۇلدى. دوختۇر ماڭا: «بىر يىل يېتىپ ئارام ئېلىشىڭىز، مۇتلەق جىمجىتلىقنى ساقلىشىڭىز كېرەك!» دېدى. ئۇ يەنە سالامەتلىكىمنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەسلىگە كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
     
    «بىر يىل يېتىپ ئارام ئال، مۇتلەق جىمجىتلىقنى ساقلا» دېگەنلىك مېنى ئۆل دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟ مەن تىترەپ كەتتىم. بۇنداق تەتۈر پېشانىلىك ماڭىلا كېلەمدۇ؟ بۇنداق كۈنگە قالغۇدەك نېمە گۇناھ قىلغان بولغىيتتىم… يىغلىدىم، قاقشىدىم، چەكسىز ھەسرەت چەكتىم، جۇدۇنۇم ئۆرلەپ، مىجەزىم سەپرالاشتى. بىراق مەن يەنە دوختۇرنىڭ دېگىنى بويىچە كارۋاتتا يېتىپ دەم ئالدىم. قوشنام رۇدولف ئەپەندى رەسسام بولۇپ، ئۇ ماڭا: «سىز كارۋاتتا بىر يىل يېتىپ ئارام ئېلىشنى تراگېدىيە دەپ قارامسىز؟ ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. سىز بۇنىڭلىق بىلەن ياخشى ئويلىنىش، ئارام ئېلىش، ئۆزىڭىز ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىپ، ئۆگىنەلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزغا ۋاقىت چىقىرالايسىز، بۇ بىر يىلدا ئۆگىنىۋالغان نەرسىلىرىڭىز ئۆمرىڭىزگە كەلگەندىن بۇيان ئۆگەنگەن نەرسىلىرىڭىزدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بېسىقىپ، بىر يېڭى قىممەت قارىشىدىن ھۇزۇرلىنىشقا باشلىدىم. ئالغا ئىلگىرىلىشىمگە ئىلھام بېرىدىغان كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىدىم. بىر كۈنى رادىئودىن بىرەيلەننىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقىنى ئاڭلاپ قالدىم. نۇتۇق سۆزلىگۈچى: «ئۆز ئېڭىڭىزدا مەۋجۈت نەرسىلەرنى پەقەت سىزلا چۈشەندۈرەلەيسىز!» دېدى. بۇنداق سۆزلەرنى ئىلگىرى قانچە قېتىملاپ ئاڭلىغان ئىدىمكىن تاڭ. بۇ قېتىمقىسى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ھازىردىن باشلاپ مېنى خۇش قىلىدىغان، كۆڭلۈمنى ئاچىدىغان ۋە تەن سالامەتلىكىمگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنىلا ئويلاي دېگەن ئىرادىگە كەلدىم. ھەر كۈنى ئەتىگەندە يۈز − كۆزۈمنى يۇيۇپ ئىلھام بەخش ئىشلارنى باشتىن − ئاخىر ئويلاشنى ئادەت قىلىشقا تىرىشتىم. كېسەللىكىمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇدۇم. ئوماق قىزنى كۆز ئالدىمغا ئەكەلدىم. رادىئودىن چىقىۋاتقان ئېسىل نادىر مۇزىكىلارنى ئاڭلىدىم. قىزىقارلىق كىتابلارنى كۆردۈم. مەززىلىك تائاملارنى ئويلىدىم. دوست − يارەنلەرنى ئەسلىدىم. كۈنلىرىم خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتتى. ھەر كۈنى دېگۈدەك نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن ھال سوراپ كېلەتتى. ھەتتا دوختۇرلار مەن ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكىگە تاختا ئېسىپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇشتى. تاختىغا بىر قېتىمدا بىرلا ئادەمنىڭ كىرىشىگە يول قۇيولىدۇ دەپ يېزىلغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ۋاقىت چەكلىمە بار ئىدى.
     
    توققۇز يىل ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر تۇرمۇشۇم ئىنتايىن كۆڭۈللۈك. يېتىپ ئارام ئالغان ئاشۇ كۈنلىرىمدىن مىننەتدارمەن. ئارىزونادىكى كۈنلىرىم مېنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنلىرىم بولۇپ قالدى. شۇ چاغدىن باشلاپ مەن بىر ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالدىم: ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئۆز بەخت تەلىيىمنى بىرەر قۇر دەڭسەپ باقىمەن. بۇ ئادەتنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. ئۇ مېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىم بولۇپ قالدى. ئويلىسام ئۆلگۈدەك بىر قورقۇپ ئاندىن ھەقىقىي بىر تۇرمۇشنى ياخشىلاش نېمىدېگەن نومۇسلۇق ئىش − ھە!
    قەدىرلىك لۇسىر بلاك، ئېھتىمال سىز بىلمىسىڭىز كېرەك. تۇرمۇشتىن ئالغان يۇقىرىقى ساۋىقىڭىز بۇنىڭدىن 200 يىل ئىلگىرى ئۆتكەن مەشھۇر ئالىم جونسوننىڭمۇ بېشىدىن ئۆتكەن. جونسون مۇنداق دېگەن: «شەيئىلەرگە ياخشى جەھەتتىن قارايدىغان ئادەتكە ئىگە بولۇش 1000 فوندستېرلىڭ پۇلغا ئىگە بولۇشتىنمۇ قەدىرلىك.»
    بۇ سۆز ھېچ ئىشتىن غەم يېمەس زاتنىڭ ئاغزىدىن ئەمەس، بەلكى 20 يىل دەرد − ئەلەم، غەم − قايغۇ، مەغلۇبىيەت، ئاچ − زارلىق ئازابىنى تېتىغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ دەۋىردىكى ئەڭ مەشھۇر يازغۇچى، تارىختىكى ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان ناتىق بولۇپ قالغان كىشىنىڭ ئاغزىدىن چىققان.
     
    روگىن پارسا شىمىس ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدىغان ھىكمەتلەرنى بىر قانچە قىسقا ۋە ئىخچام جۈملىلەرگە يىغىنچاقلاشقا ماھىر ئادەم. ئۇ مۇنداق دېگەن: «تۇرمۇشتا ئىككى نەرسىنىڭ كويىدا بولۇش. بىرى، قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈش. يەنە بىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەرسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش. ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.»
     
    قاچا − قۇچا يۇيۇشتەك ئاددىي ئۆي ئىشىنىڭمۇ چەكسىز سېھرىي كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭلار. ئەگەر ئىشەنمىسەڭلار ئارچىد داخنىڭ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان تەرجىمىھال خاراكتېرلىك رومان «گۈزەل دۇنيانى كۆرگۈم بار»نى ئوقۇپ بېقىڭلار.
     
    توپتوغرا بېرىم ئەسىر ئەما ئۆتكەن بىر ئايالنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئۇ كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مېنىڭ بىرلا كۆزۈم بار، بۇ كۆزۈمنىمۇ يوغان بىر جاراھەت توسۇپ تۇرىدۇ. بىر نەرسە كۆرمەكچى بولسام، سول تەرەپتىكى كىچىك يوچۇقتىنلا قارايمەن. كىتاب كۆرگەندە كىتابنى كۆزۈمگە يېقىن تۇتۇپ، سول كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا مىڭ تەستە ئوقۇيمەن»
    بىراق ئارچىد داخ ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىغا موھتاج بولۇپ باقمىغان، باشقىلارنىڭ ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشنىمۇ ئۈمىد قىلمىغان. كىچىك چېغىدا ئۇ دوستلىرى بىلەن جىجىق ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدىكەن. بىراق ئۇ يەرگە سىزىلغان سىزىقچىلارنى كۆرەلمەيدىكەن. باشقا بالىلار ئۆيگە كەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەرگە دۈم يېتىۋىلىپ، سىزىلغان سىزىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىپ ئېسىدە چىڭ تۇتۇۋالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم ئويۇن ئوينىغاندا باشقىلاردىنمۇ ياخشى ئوينايدىكەن. ئۇ ئائىلىسىدە ئۆگىنىش قىلغاندا چوڭ ھەرپلەر بىلەن بېسىلغان كىتابنى كىرپىكى تېگىپ تۇرغۇدەك دەرىجىدە يېقىن تۇتۇپ ئوقۇيدىكەن. مۇشۇنداقلار قىلىپ ئۇ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئۈنۋان ئالغان. يەنى ئۇنىڭ بىرى مىنسۇدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باكالاۋرلىق ئۇنۋان، يەنە بىرى، كۇلۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى.
     
    كېيىن ئۇ مىنىسۇدا شىتاتىنىڭ «قوشماق جىلغا» دېگەن بىر مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ جەنۇبىي داكوتا شتاتى سوكىستان ئاۋگۇستىنا ئىنىستىتۇتى ئاخبارات فاكۇلتېتىدا لىكتورلۇق قىلغان. ئۇ بۇ يەردە 14 يىل مۇئەللىم بولغان. تېلېۋېزىيە سۆھبەت پروگراممىسىغا رىياسەتچى بولۇپ، تۈرلۈك كىتابلار ۋە ئاپتورلارنى تونۇشتۇرغان. «كۆڭلۈمدە ئىزچىل تۈردە بىر خىل قورقۇش كەيپىياتى يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ، دەپ يازىدۇ ئۇ، دائىم پۈتۈنلەي كۆرمەس بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپلا يۈرىمەن. بۇنداق كەيپىياتنى يېڭىش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر ئۆزۈمنى خۇشال تۇتتۇم. بۇنىڭ بىلەن بىر خىل ئۈمىدۋار كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىم شەكىللەندى.»
     
    1943 - يىلى، ئۇ 52 ياش ۋاقتىدا مۆجىزە يۈز بەردى. داخ مىئور دوختۇرخانىسىدا كۆز ئوپېراتسىيىسى قىلدۇردى، ئۇنىڭ ھازىرقى كۆرۈش ئىقتىدارى ئىلگىرىكىدىن 40 ھەسسە ياخشىلىنىپ كەتتى.
    گۈزەل دۇنيا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. بۇ چاغدا ئۇ ھەتتا قاچا − قۇچا يۇيۇشنىمۇ كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدىغان ئىش دەپ قارىدى. «قاچا − قۇچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆلچەكتىكى ئاپئاق مازغاپلىرى قارىماققا كىشىنىڭ شۇنداق زوقىنى كەلتۈرەتتى. ماغزاپ شارچىلىرىنى قولۇمغا ئېلىپ، قۇياش نۇرىغا تۇتسام شارچىلار ئۈستىدە يول − يول رەڭگارەڭ كىچىك ھەسەن − ھۈسەنلەرنىڭ نۇر چاقنىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.»
     
    ئۇ بۇنداق گۈزەل شارسىمان كۆپۈك ۋە سىرتنىڭ مەنزىلىرىنى كۆرەلىگەنلىكىنى ئەڭ چوڭ خۇشاللىق دەپ بىلدى. ئۇ مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى كىتابىنىڭ خاتىمىسى قىلغانىدى: «شەپقەتلىك خۇدا، مەن پىچىرلاپ تۇرۇپ شۇنداق دەيمەنكى، مەن بۈيۈك، شەپقىتىڭ بىلەنلا مۇشۇ كۈنگە ئىگە بولالىدىم. ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن.»
    ئويلاپ بېقىڭلار، ئۇنىڭ خۇداغا بۇنداق چىن كۆڭلىدىن ھەمدۇ − سانا ئېيتىشى ئۇنىڭ ئاشخانىغا كىرىپ قاچا − قۇچىلارنى يۇيالىغانلىقىدىن، شارسىمان ماغزاپلاردىكى كىچىك ھەسەن − ھۈسەنلەرنى كۆرەلىگەنكىدىن بولغان. ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىز خىجىللىق ھېس قىلمامدۇق؟ بىز رىۋايەتلەردىكىدەك گۈزەل بىر دۇنيادا ياشايمىز. بىراق كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمىگەنگە سالىمىز. ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاڭلىمىغان بولۇۋالىمىز. نۇرغۇن زامانلاردىن بېرى ھەممىمىز مۇشۇ ئەلۋەك، گۈزەل زېمىندا ياشاپ كېلىۋاتىمىز. ئەگەر كۆزىمىز توساتتىنلا تۇتۇلۇپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالساق، يۈرەك قەپىسىمىز بوغۇلۇپ ھېچنېمىدىن ھوزۇرلىنالىمىساق قانداقمۇ قىلارمىز؟
     
    غەم − ئەندىشىدىن خالىي بولۇپ، ھەقىقىي ھاياتنى باشلاشنى ئويلىدىڭىزمۇ − يوق؟ ئۇنداقتا سىزگە بېرىلگەن نازۇ نېمەتلەرنى كۆپرەك ساناپ، كېلىشمەسلىكلەرنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.
     
    داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى.
    مەنبەسى:كۆكنۇر تورى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تىرە پۈتۈك _