قارا كىتاب 9

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-11 16:31:09

قارا كىتابئورخان پامۇكغالىب تېلىفوننى قويۇپ تۇرۇشىغا تېلىفون يەنە جىرىڭلىدى، ئۇ تېلىفونغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ تۇردى، كاللىسىدا بۇرۇنقى بىر ئىشلار ئەكىس ئەتتى: ئۇنىڭ خېلىن ھاممىسى توي قىلايل...



     

    قارا        كىتاب

    ئورخان پامۇك

     

    غالىب تېلىفوننى قويۇپ تۇرۇشىغا تېلىفون يەنە جىرىڭلىدى، ئۇ تېلىفونغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ تۇردى، كاللىسىدا بۇرۇنقى بىر ئىشلار ئەكىس ئەتتى: ئۇنىڭ خېلىن ھاممىسى توي قىلايلا دەپ قالغاندا، ئەتە توي دېگەن كۈنى توي بۇزۇلدى. ئۇ يىگىتنىڭ ئىسمى نېمە ئىدى؟ ھازىر ئاغزىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان بۇ ئىسىمنى بىردەمدىلا ئۇنتۇپ قالغىنى قىزىق بولدىغۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق ئۇنتۇغاق بولۇپ كېتىۋارسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى-دە، كۆڭلىدە، مەن چوقۇم تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان ھېلىقى رەسمىيلەشمىگەن كۈيئوغلىمىزنىڭ ئىسمىنى چوقۇم ئېسىمگە ئېلىشىم كېرەك، بولمىسا بۇ تېلىفوننى ھەرگىزمۇ ئالمەيمەن، دەپ نىيەت قىلدى. تېلىفون يەتتە قېتىم سايراپ توختاپ قالدى. غالىب ھېلىقى كۈيئوغۇلنىڭ تاغىسى بىلەن ئاكىسىنى ئېلىپ ئەلچىلىككە كەلگەن ۋاقىتنى- يەنى رۇيا بىر ئائىلىلىكلەرنىڭ ئىستانبولغا كۆچۈپ كېتىشتىن بىر يىل بۇرۇنقى ئىشلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، تېلىفون يەنە بىر قېتىم سايراپ توختاپمۇ بولغانىدى. تېلىفون ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم سايرىغاندا بولسا، كۈن خېلىلا قارىيىپ ئىشخانىنىڭ ئىچىدىكى جاھازىلەرمۇ غۇۋا كۆرۈنۈشكە باشلىدى، غالىب ھېلىقى كۈيئوغۇلنىڭ ئىسمىنى تېخىچە ئېسىگە ئالالمىدىيۇ، ئەمما ھېلىقى كۈيئوغۇلنىڭ شۇ كۈنىدىكى ئايىقىنى تېنى جۇغۇلدىغىنىچە ئېسىگە ئالدى. ئۇ كۈيئوغۇلنىڭ يۈزىدە شەرق لېيىشمانىئوز كېسىلىدىن قېلىپ  قالغان بىر سۆگەل بار ئىدى.

    -بۇ ئادەملەر ئەرەپمۇ؟

    غالىبنىڭ بوۋىسى سورىغانىدى.

    -خېلىن، سەن راستىنلا مۇشۇ ئەرەبكە ياتلىق بولماقچىمۇ، ھە؟ سەن ئۇنىڭ بىلەن زادى قەيەرلەردە يۈرۈپ تونۇشۇپ قالدىڭ؟

    مۇشۇنداقلا تونۇشۇپ قاپتىكەن، بۇ مانا مۇشۇنداقلا بىر ئىش!

    كەچ سائەت يەتتە ئەتراپىدا، غالىب ھېچكىم قالمىغان بىنادىن ئاخىرى ئايرىلدى، ئۇ يولنىڭ غۇۋا چىراق نۇرىدا قولىدىكى ئىسمىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان بىر خېرىدارىنىڭ ماتېرىيالىنى كۆرۈۋاتقاندا، ھېلىقى كۈيئوغۇلنىڭ ئىسمى ئېسىگە تۇيۇقسىزلا كەلدى. ئۇ نىشانتاشقا بارىدىغان ئاپتوبۇس بېكىتىگە كېتىۋېتىپ شۇلارنى ئويلىدى: بۇ دۇنيا ھەقىقەتەنمۇ بەك كەڭ ئىكەن، ھېچقانداق ئادەم ئۇنى ئۆزىنىڭ كاللىسىغا پۈتۈنلەي قاچىلىيالمايدىكەن. كىشىلەر پەقەت ھاياتىدىكى شۇنداق تاسادىپىيلىقلاردىن ھايات ئەھمىيىتىنى تاپىدىكەن...

    بۇلارنىڭ قورۇسى نىشانتاشتىكى بىر چەترەك كوچىغا جايلاشقان  بولۇپ، خېلىن ھاممىسى، ۋاسېف ۋە ئەسىما خانىم ئۈچىسى شۇ قورۇنىڭ ئىچىدىكى بىر يۈرۈش ئۆيدە، مېررى تاغىسى بىلەن سۇسان ھاممىسى (بۇرۇن رۇيامۇ بار ئىدى) يەنە بىر يۈرۈش ئۆيدە تۇراتتى. بەلكىم بەزىلەر بۇ يەرنى چەترەك كوچا دېمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى بۇ قورۇدىن چوڭ يولغا، ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىغا ۋە كوچا دوقمۇشىدىكى ساقچى ئىدارىسىغا بەش مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدۇ. ئەمما، بۈگۈنكى بۇ چەت كوچىدىكى قورۇدا ئولتۇرۇۋاتقان مۇشۇ ئۇرۇق-تۇققانلار، بۇرۇن چوڭ يولدىكى «شەھەر مەركىزى» قورو بىناسىدىن ھازىرقى بۇ چەت كوچىنىڭ ناھايىتى ئاستا تەرەققىياتلىرىغا - پاتقاقچىلىقتىن سەيزارلىققا، ئاندىن شېغىل كوچىغا، ئاندىن ئۇنىڭ ماي يولىغا ئايلىنىشىغا باشتىن-ئاخىر دىققەت قىلىپمۇ قويمىغانىدى. ئۇلارغا نىسبەتەن، ئۆزلىرىنىڭ قورۇسىنىڭ ئالدىدىن مەركىزىي چوڭ يولنىڭ ياسىلىشى، بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر كوچىنىڭ شەھەر مەركىزى بولۇشقا ماس كەلمەيدىغانلىقى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش ئىدى. ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن جۇغراپىيىلىك دۇنياسى تولىمۇ جىپسىلاشقانىدى. ئۇلار بۇ يەرنى كۆڭۈللىرىدە ئاللىبۇرۇن شەھەر مەركىزى قىلىپ بېكىتىپ بولغانىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە بەزىبىر بىشارەتلەر- ئۇلار ھامان بۇ قورۇنى قەۋەتلەرگە بۆلۈپ سېتىۋېتىدىغانلىقى، خېلىن ھامما تەرىپىدىن دائىم «پۈتۈن نىشانتاشقا كۆزىنى ئالايتىپ قارايدىغان» بۇ بىنادىن ھامان ئايرىلىپ، باشقا بىر چەت يەردە نەچچە ئېغىزلىق قورۇنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدىغانلىقى ئايان بولغان بولسىمۇ؛

     ئۇلار ئۆز كۆڭلىنىڭ غەمكىن بۇلۇڭىغا جايلاشقان جىمجىت بۇ بىناغا كۆچۈپ كىرگەن دەسلەپكى نەچچە يىلدا، «چەت كوچا» دېگەن بۇ سۆزنى پەقەتلا ئېغىزلىرىدىن چۈشۈرۈشمىدى، بەلكىم ئۇلار ئۆزلىرى ئۇچرىغان بۇ كېلىشمەسلىكلەرنى تېخىمۇ مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن خۇددى تۇتۇۋالمىسا بولمايدىغان بەك چوڭ ياخشى پۇرسەتتىن بىرنى تۇتۇۋالغاندەك ھېسسىياتتا بولغان بولىشى مۇمكىن؛ مۇھەممەت بېننى سابىت (بوۋىسى) ئالەمدىن ئۆتۈپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەنى ئۇلار «شەھەر مەركىزى»دىن بۇ چەت كوچىغا كۆچۈپ كىرگەن تۇنجى كۈنى، ئۇ يىپەك تۇتقۇچلۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ دېرىزە سىرتىغا قارىدى- بۈگۈنكى كۈندە بۇ كونا ئورۇندۇقمۇ بۇرۇنقىدەك كونا رادىئونىڭ ھېلىقى ئەپسىز يوغان ئىشكاپىغا قاراپ تۇرماي، يېڭى ئۆيدە يېڭىچە قىياپەت بىلەن سىرتقا قاراپ تۇرىۋاتاتتى. بەلكىم ئۆي جازىلىرىنى يۆتكىگەندە ئىشلەتكەن ھېلىقى ھارۋىغا چېتىلغان ئورۇق ئاتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا كېرەك، ئۇ:

    -شۇنداققۇ؟ بىز ئاتتىن چۈشۈپ، ئېشەك مىنىپ باقايلى، بۇمۇ ناھايتتى ياخشىغۇ؟ ئامىتىڭ ئوڭدىن  كەلسۇن!- دېدىدە رادىئونى ئېچىۋەتتى. رادىئونىڭ ئۈستىدە ھېلىقى ئىتنىڭ ھەيكىلى ھېلىھەم سوزۇلۇپ ياتاتتى.

    ئۇ بۇنىڭدىن 18 يىل بۇرۇنقى ئىش. ئۇ كەچ سائەت سەككىز بولغان چاغ، گۈل دۇكىنى، قۇرۇق يەل-يېمىش دۇكىنى ۋە ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىدىن باشقا دۇكانلارنىڭ ھەممىسى ئېتىلىپ بولغان چاغ ئىدى. ئاسماندىن پۈتۈن ھاۋانى قاپلاپ كەتكەن كېرەكسىز گازلار ۋە مەش ئوچاقنىڭ كۆمۈر كۈللىرىدىن تېشىپ،  ھاۋادىكى گۈڭگۈرت پۇراقلىرىدىن سىزغىپ ئۆتۈپ يۇمشاق قار سۈيى چۈشۈشكە باشلىدى. بۇ چاغدا غالىب قورۇدىكى كونا چىراقنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئاجايىپ بىر تۇيغۇ پەيدا بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قورو، بۇ ئۆيلەرگە بولغان ئەسلىمىسىنىڭ ئۆزىنىڭ 18 يېشىدىنمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بايقىغاندەك بولدى. گەپ كوچىلارنىڭ كەڭ-تارلىقى، ياكى بىنالارنىڭ كونا-يېڭىلىقىدا ئەمەس، ياكى ئۇنىڭ ئورنىدىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلار بۇرۇندىن تارتىپلا بىر-بىرى بىلەن مۇشۇنداق يېقىن، ئاستى-ئۈستى ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىدا ئىدى. غالىب، بىر خىل پۇراق چىقىپلا تۇرىدىغان پەلەمپەي بىلەن ئۈستىگە چىقىۋاتقىنىدا (ھېلال كېيىن بۇ پەلەمپەي توغۇرلۇق مەخسۇس سەھىپە يازغىنىدا، ئۇنى بىنانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن چىقىدىغان سېسىق پۇراق، زەي پۇراق، سېسىغان-ئېچىغان پۇراق، ھەرخىل مايلارنىڭ پۇرىقى ھەم پىيازنىڭ پۇرىقى دەپ تەسۋىرلىگەنىدى)، ئۇنىڭ كاللىسىدىن بىرئازدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئالدىن مۆلچەرى بويىچە يۈز بېرىدىغان مەنزىرە-كۆرۈنۈشلەر غىل-پال قىلىپ ئۆتتى.

    ھازىر سائەت سەككىز بولدى، مەن چوقۇم مېررى تاغامنىڭ بوۋامنىڭ كونا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ، بىنانىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ چۈشكەن كونا گېزىتلەرنى خۇددى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك قايتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. خۇددى ئۇ  خەۋەرلەرنى «ئۈستۈنكى قەۋەت بىلەن ئاستىنقى قەۋەتتە تۇرۇپ ئوقۇسا ئوخشىمىغان مەنا بېرىدىغاندەك» ياكى ۋاسېفنىڭ ئۇ خەۋەرلەرنى كېسىۋېلىشىدىن بۇرۇن ئالدىراپ، يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋېلىۋاتقاندەك؛ مەن يەنە مېنىڭ بىچارە ساپما كەشىمنىڭ تاغامنىڭ پۇتىدا ئەتىدىن –كەچكىچە لىڭشىپ ئاۋاز چىقارغىنىنى ھەم ئۇنىڭ ماڭا زور بىئارامچىلىق ۋە تاقەتسىزلەرچە ۋارقىراپ تۇرۇپ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلايمەن: «مەن بەك زېرىكىپ كەتتىم، مەن بىرەر ئىش قىلسام بولاتتى. مەن بەك زېرىكىپ كەتتىم، مەن زادى بىرەر ئىش قىلسام بولاتتى». بۇ چاغدا مەن پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئۆزى يالغۇز تۇرۇپ گۆش قاتلىمىسى پىشۇرۇشنى خالايدىغان خېلىن ھاممام تەرىپىدىن  ئاشخانا ئۆيدىن چىقىرىۋېتىلگەن ئەسىما خانىمنىڭ ئاغزىدا سۈزگۈچسىز تاماكىسىنى چىشلىۋالغاچ، بىر ياقتىن ئۈستەل راسلاپ بىر ياقتىن راستىنلا ھېچنىمىنى بىلمەيدىغاندەك قىياپەتتە ئۆيدىكىلەردىن:

    -بۈگۈن كەچلىك تاماققا قانچە ئادەم كېلىدۇ؟

    دېگىنىنى ئاڭلايمەن. مەن يەنە سۇسان ھاممام بىلەن مېررى تاغام ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى سۈكۈتنىمۇ بايقاپ قالىمەن، ئۇلار ئىككىسى رادىئونىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ، خۇددى بوۋام بىلەن مومام ئولتۇرغاندەك، ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا ئاپام بىلەن دادام ئولتۇرىدۇ. بىردەمدىن كېيىن، خېلىن ھاممام زور ئۈمىد بىلەن ئەسىما ھاممامدىن سورايدۇ:

    -بۈگۈن ھېلال كېلەمدۇ؟ ئەسىما خانىم.

    كەينىدىنلا مېررى تاغام ئادەتتىكىدەكلا جاۋاب قىلىدۇ:

    -ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلارغا كەلگەندە كاللىسى پەقەتلا ئىشلىمەيدۇ، پەقەتلا!

    ئاندىن دادام كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ مېررى تاغامغا قارىغاندا مۇرەسسەچىرەك ۋە مەسئۇلىيەتچانراق ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ بۇ جىيەنىگە چاپان ياپالايدىغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، ئۆزىنىڭ يېقىندا ھېلالنىڭ يېڭى بىر ماقالىسىنى ئوقۇغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئۇ يەنە پەقەت شۇ جىيەنىنى دەپلا ئۆزىنىڭ ئاكىسىغا رەددىيە بېرىپ، ئۆزىنى كۆرسىتىۋالغىنى يەتمىگەندەك، كەينىدىن ماڭا كۆرسىتىش ئۈچۈن قەستەنگە، ھېلالنىڭ ئۇ ماقالىلىرىدە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ۋە تۇرمۇش كىرزىسلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا بەزىبىر ‹ئىجابىي› باھا-ئوبزورلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇنى كۆككە كۆتۈرۈپ ماختاشقا باشلايدۇ. ئەگەر ھېلال مۇشۇنداق گەپلەرنى نەق مەيداندا ئاڭلايدىغان  بولسا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا گەپ بىلەن ھەممىمىزنى چېقىۋالغان بولاتتى. بۇ چاغدا مەن ئاپامنىڭمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قوللاش بىلدۈرۈپ (ئاپا، سەن بولساڭمۇ بۇ جاڭجالغا قاتناشمىساڭ بولمامدۇ!)، دادامغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمەن، (چۈنكى ئاپام ئۆزىنىڭ ھېلالغا چاپان يېپىپ، «ئەمەلىيەتتە ئۇ بالا بەك ئاقكۆڭۈل بالا» دېيىش ئارقىلىق مېررى تاغامنىڭ پەيلىنى پەسەيتىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ ئويلايدۇ). گەرچە مەن ئۇلارنىڭ يەنە مۇشۇنداق يىلدىن يۈزى ئۆتسىمۇ، ھېلالنىڭ ماقالىسىنى مەنچىلىك چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ھەم  ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلسەممۇ، يەنىلا ئۆزۈمنى بىھۇدە ئاۋارە قىلىپ:

    -ئۇنىڭ بۈگۈنكى ماقالىسىنى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟- دەپ سورايمەن.

     

    بۇ سەھىپىدە ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە تەرجىمى قىلىنىپ يوللىنىدۇ، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئورخان پامۇك _