سېرىق چۈمۈلە بىلەن قارا چۈمۈلە(ئابدۇقادىر جالالىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 22:07:44

سېرىق چۈمۈلە بىلەن قارا چۈمۈلە(پوبلىستىك ماقالە)ئابدۇقادىر جالالىدىن بالىلار كەمپۈتنى تولا يېيىشنىڭ پايدا-زىيىنى ئۈستىدە ئويلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت تەم. چوڭلار بولسا ئۇلار...

    سېرىق چۈمۈلە بىلەن قارا چۈمۈلە(پوبلىستىك ماقالە)
    ئابدۇقادىر جالالىدىن


     

    بالىلار كەمپۈتنى تولا يېيىشنىڭ پايدا-زىيىنى ئۈستىدە ئويلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت تەم. چوڭلار بولسا ئۇلارنىڭ چىشىغا قۇرۇت چۈشۈشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدۇ. بالىلىقتىكى ئويۇنلارنى چوڭ بولغاندا ئەسلىسەڭ قالتىس مەنىلىك تۇيۇلىدۇ، ھەتتا ئۇ كىيىنچە يىتىلگەن ئەقىل-پاراسىتىڭ ۋە پەلسەپىۋى ھۆكۈملىرىڭ بىلەن بىرلىشىپ، ئۆز ئىچىگە تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى يوشۇرغان، لېكىن ئۆز ۋاقتىدا بايقالمىغان كاتتا ئاسارە-ئەتىقىگە ئايلىنىدۇ.
    مەن يېزىدا تۇغۇلۇپ، يېزىدا چوڭ بولدۇم. بالىلىق دەۋرىمدە شەھەرلىك بالىلارغا خاس ئويۇنچۇقلىرىم بولمىسىمۇ؛ لېكىن ئورمان، ئېقىن ۋە غىلاڭ سايلار گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ گۈزەل ماكانىمدا بىز ئوينايدىغان ئويۇنلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. بىر چاغلاردا قىش پەسلى يىتىپ كىلىشى بىلەنلا ماشرەڭ فورما كىيگەن نۇرغۇن ھەربىيلەر مەھەللىمىزدە پەيدا بولاتتى، ئۇلارنىڭ ياتىقى كەنت مەمۇرىيىتى ئىچىگە ھەمدە بۇرۇنقى بايلاردىن مۇسادىرە قىلىنغان كونا، ئەمما پۇختا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. بىز ئۇلارنىڭ ماشرەڭ ھەربىي كىيىمىنىڭ رەڭگىنى بالىلارچە رەڭ چۈشەنچىمىز بويىچە «سېرىق» دەپ چۈشىنەتتۇق. ئۇلارنىڭ رەتلىك كىيىنىشلىرى، رەتلىك سەپ تۈزەپ مىڭىشلىرى، ھەيۋەتلىك خور ۋە مارشلىرى، شاۋقۇن-سۈرەنلىك ھەربىي مەشىقلىرى بىزنى ئۆزىگە تارتاتتى. خۇددى «نۇرلۇق قىزىل يۇلتۇز» فېلىمىدىكى دىھقانلارغا ئامراق ئەسكەرلەر نەق ئالدىمىزدا تۇرغاندەك سېزىمدە بولۇپ، ھەۋەسلىنىپ كىتەتتۇق. بىز كۆرگەن كىنولاردىكى ئەسكەرلەر بەك ئىللىق ئىدى. ئۇلار سەپ تارتىپ قايسىدۇر بىر كەنتكە كەلگەندە ئالدىغا نۇرغۇن نامرات كىشىلەر قارشى ئالغىلى چىقاتتى، ئۇلار ئاپقۇرلاردا سۇ ياكى سېۋەتلەردە تۇخۇملارنى سۇنۇشاتتى. قايسىدۇر بىر ئەسكەر بىر بالىنى كۆتۈرۋالاتتى. بالا بولسا ئەسكەرنىڭ ئۆشنىسىدىكى مىلتىقنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سىلاپ قوياتتى. بىز بۇ ھەربىيلەرنى «ئارمىيە» دەيتتۇق.
    ئۇلار بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئاجايىپ قەھرىمان سۈپىتىدە، ئۆزى يالغۇزمۇ نۇرغۇن دۈشمەننى يوقىتاتتى. شۇڭا، كەلگۈسىدە نوچى بولۇش ئارزۇيىمىزنى «ئارمىيە بولىمەن›› دەپ ئىپادىلەيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ نېمىشقا ئەتەي بىزنىڭ يىزىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە چۈشەنمەيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ نېمىشقا ئەتەي بىزنىڭ يېزىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە چۈشەنمەيىتتۇق. كېيىن ئويلاپ، يېزىمىزدا تاغلار، سايلار، باراقسان ئورمانلار ھەمدە ئۇلارنى كېسىپ ئاقىدىغان ئېقىنلارنىڭ بولۇشى ئۇلارچە تەبىئىي ستراتىگىيىلىك يەر شەكىللىرىنى شەكىللەندۇرگەن بولسا كېرەك، دەپ چۈشەندۇق. ئۇلار ئەتىياز ئايلىرى كېلىشى بىلەنلا نەگىدۇر كېتىشەتتى.
    بالىلار نېمە قىلىقلارنى قىلمايدۇ دەيسىز!
    زېرىككەن چاغلىرىمىزدا «ئارمىيە» ۋە ‹‹دۈشمەن» دەپ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ، «ئۇرۇش» قىلاتتۇق. بوي-تۇرقى كېلىشكەن، كېيىمى ئاز-تولا يېڭى بالىلار نېمىشقىدۇر «ئارمىيە» تەرەپكە بۆلىنەتتى، شۇنىڭ بىلەن ‹‹ئۇرۇش» باشلىناتتى، بەزىدە «ئارمىيە» تەرەپ كۈچلۈك بولاتتى، بەزىدە «دۈشمەن» تەرەپ كۈچلۈك بولاتتى. ئەمما ھېلىقى كىنولاردىن ئالغان تەسىراتىمىز بويىچە «دۈشمەن» تەرەپ ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ ئەتەي يېڭىلىپ بېرەتتى، نەتىجىدە، «ئۇرۇش» «ئارمىيە›› تەرەپنىڭ نوقۇل غەلبىسى بىلەن ئاخىرلىشاتتى.
    يېزا بولغاندىكىن ھاشارەت ۋە جانلىقلار كۆپ بولىدۇ. ياز ئايلىرى ئۇلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز تۇرمۇش ماكانى ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يالتىراق قاناتلىرى بىلەن، بەزىلىرى كىچىك چاققان پۇتلىرى بىلەن، بەزىلىرى سېخىي ئاۋازلىرى بىلەن تەبىئەت ئاتا قىلغان ئەركىنلىككە تەنتەنە قىلاتتى. ئەلۋەتتە، بىزمۇ مۇشۇنداق ئەركىنلىكنىڭ مېھمىنى ئىدۇق. بىز كۆرگەن كىنولار، بىز كۆرگەن ئەسكەرلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق جانلىقلارنىڭ ناتۇرال ھاياتىغىمۇ ‹‹ئىجتىمائىيلىق» ۋە «سىنىپىيلىك» ئېلىپ كەلدى.
    ئادەتتە سېرىق چۈمۈلە بىلەن قارا چۈمۈلىنى «ئۇرۇش» قا سېلىش بىزنىڭ يازدىكى ئويۇنلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. سېرىق چۈمۈلىنىڭ رەڭگى بىزنىڭ رام قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ فورمىسىنىڭ رەڭگىگە يېقىن كەلگەچكە ،ئۇنى «ئارمىيە» دەيتتۇق. قارا چۈمۈلىنى بولسا بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا «دۈشمەن›› دەيتتۇق. قەيەردىندۇر بىرقارا چۈمۈلە بىلەن بىر سېرىق چۈمۈلىنى تۇتۇپ كىلىپ، ئۇلارنى «ئۇرۇش» ھالىتىدە بىر-بىرىگە قارىتىپ قوياتتۇق. ئۇلار «ئۇرۇش» نى خالىمىسىمۇ ، بىراق بىز ئۇلار خالىمىغان ۋەھىمىلىك قىسمەتنى مەجبۇرىي تاڭاتتۇق. بىزنىڭ نۇرغۇن چارە-تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشىمىز ئارقىسىدا، ئۇلاردا بىر-بىرىگە قارشى خېرىس پەيدا بولاتتى. «ئۇرۇش» ئاخىرى سېرىق چۈمۈلىنىڭ ھودۇققان ھالدا قىچىشى بىلەن تۈگەيتتى. قارىمامسىز، بۇ پاجىئەنى! «دۈشمەن» «ئارمىيە» نى يەڭگەن ئىش نەدە بار؟ بىزنىڭ كۆڭلىمىز بىرقىسما بولۇپ قالاتتى. بىزدە قىساس روھى پەيدا بولاتتى. ‹‹ئارمىيە»نىڭ قىساسىنى ئالمىساق، كۆڭلىمىز ئارام تاپمايتتى. شۇنىڭ بىلەن يەنە قەيەردىندۇر بىر «دۈشمەن»نى تۇتۇپ، ئۇنىڭ پۇت–قوللىرىنى ناكار قىلىپ، «ئارمىيە››نىڭ ئالدىغا قوياتتۇق. مىڭ ئەپسۇس، «دۈشمەن» يەنىلا غالىپ كىلەتتى. بىز قانائەت تاپمىغان ھالدا «دۈشمەن» نىڭ باش قىسمىنى ياكى ئاياغ قىسمىنى مىجىپ، «ئارمىيە»گە تاشلاپ بىرەتتۇق. ۋا دەرىخ، «ئۇرۇش»«ئارمىيە»نىڭ كېتىپ قېلىشى بىلەن تامام-ۋەسسالام بولاتتى. كىيىن چوڭ بولدۇق، تۇرمۇشنىڭ كۆرۈنمەس مەۋھۇم قوللىرى بىزنى ھەرتەرەپكە ئىرغىتىپ تاشلىدى. ئادەم ئىشى ئاقماي، ئوسال كەيپىيات ئىچىدە قالغاندا بىردىنلا خىيالپەرەس بولۇپ قالىدۇ-دە، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ قالىدۇ. مەنمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق. شەخسەن ئۆزۈم ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ بالىلىق دەۋردىكى ئويۇنلارنى ۋە دوستلارنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى ئادەملەر بارغانسىرى ماشىنىغا ئوخشاپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بىلەن ئىنسان تەرزدە ئىككى ئېغىز پاراڭلاشماق تەس بولۇپ كەتتى. بالىلىق-ئىنسان خۇسۇسىيىتىدىكى ئەڭ يارقىن پەسىل. بالىلىقتا ھەل بولمىغان بەزى سۇئاللار چوڭ بولغانچە تەدرىجىي ھەل بولىدىكەن، ئەينى ۋاقىتتا چوڭلارنىڭ نەزەرىدە ئەرزىمەس بولۇپ ھېساپلىنىدىغان بەزى ئويۇنلار ئەمدىلىكتە، ھايات ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى نازۇك ئىچكى سىرلاردىن بىشارەت بىرىدىغان درامما ياكى ئىپىزوتتەك تۇيۇلماقتا.
    قارا چۈمۈلە نېمىشقا سېرىق چۈمۈلىگە قارىغاندا شۇنچە كۈچلۈك؟ ئۇنىڭ نىمجان ھالىتىمۇ نېمىشقا شۇنچە قورقۇنۇچلۇق؟
    سېرىق چۈمۈلە ئادەتتە نەم يەردە ياشايدۇ. بىز ئۇنىڭ ئۆستەڭ بويىدىكى سۆگەت ۋە جىگدە غوللىرىدا مىڭىپ يۈرگەنلىكىنى، زەي تارتىپ كەتكەن تامنىڭ ئۇللىرىدا ماكان تۇتقانلىقىنى جىق كۆرگەن. قارا چۈمۈلە بولسا قۇرغاق يەرلەردەياشايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تولىمۇ ئەمگەكچان. ئۇ ئەڭ يۇقىرى ئاڭ ئىگىسى ھېساپلىنىدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىنتىزامچان ۋە ئىناق. ئۇلار ئادەملەر ھەيران قالىدىغان ئىشلارنى قىلىشقان، خىلىىلا مۇرەككەپ قەسىرلەرنى قۇرۇشقان، ئۇلار ئۆزىدىن نەچچە ھەسىسە يوغان نەرسىلەرنى يۆتكىيەلەيدۇ ھەم تەۋرىتەلەيدۇ. ئۇلاردا ئىشەنچ بار شۇڭا خورىماس قۇدرەتكە ئىگە. قارا چۈمۈلە قۇياش سۆيگەن ھارارەتلىك يەرلەردە يۈرۈشكە خۇشتار. قۇياشنىڭ كۈچى زېمىن ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋۇجىدىغا كۆچكەن. لېكىن، بىز ئادەملەر_ ئۇلاردىكى ھالال قۇدرەتكە توغرا قارىيالمىدۇق. بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا تەبىئەتنىڭ قولىدىن چىققان ئەسەر بولساقمۇ، كېيىنچە ئۇنى كۆرەلەيدىغان كۆزىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ھەيئات، جەمىئەت تولىمۇ رەزىل! جەمىئەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بار، ئۇلار ئۆزىدىن كۈچلۈك غالىب نەرسىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ، بويۇڭ ئېگىز بولسا بېشىڭغا ئۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بېشىڭنى سېلىپ ماڭىدىغان بولۇپ قالىسەن. باشقىلاردىن سەل ئىتتىكرەك مېڭىپ قالساڭ، چاپىنىڭنىڭ پېشىدىن تارتىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرىپىڭگە قاراپ ماڭىدىغان بولۇپ قالىسەن. لۈشۈن ئەپەندىمۇ ھەسرەتلەنگەن ھالدا: «جۇڭگۇ تەڭ-باراۋەرلىكنى بەزى چاغلاردا ناھايىتى سۆيىدىغان دۆلەت، قانداقكى بىر نەرسە سەل-پەللا ئالاھىدىرەك بولۇپ چىقسا، بەزىلەر دەرھال قىلىچلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى شىلىپ-يونۇپ تەكشىلىۋىتىدۇ›› دەپتىكەن. ئاق-قارىنى ئاز تولا پەرق ئېتىدىغان بولغاندىن بىرى، بۇنداق ئىشلارنى تولا كۆردۈم. ئۇنداق ئىشلار كوچا-كويلاردا تولۇپ يېتىپتۇ، بىز بۇنداق زەھەرلىك يىلاننىڭ چىرمىۋېلىشلىرىغا كۆنۈپ كەتتۇق. باغچىلاردىكى سېدىلەر قىرقىلىپ تەكشى قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلاردىن ئىشىك تاقاشقا لازىم بولىدىغان دەم ياكى ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان كالتەك چىقمايدۇ. بۇ ئىقلىمدا «پېشىنى تارتىپ قويۇش» پەلسەپىسى قاچاندىن تارتىپ بار بولغان، بۇنىڭغا ئېنىق بىر نېمە دېگىلى بولمىدى، لېكىن ئۇنىڭ كۆلەڭگىسى بىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىزدىمۇ ئەكىس ئەتكەن ئىكەن.
    ھەي قارا چۈمۈلە!

     

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-30 8:35:49]

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.