قارا كىتاب 5

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 13:32:31

قارا كىتاب5 ئورخان پامۇكگۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى2-باب بوسپۇرۇس بوغىزىدىكى قاغجىرىغان كۈنبۇ دۇنيادا ھاياتلىقتىن باشقا ھەيران قالغۇدەك ئىش يوق- يېزىقچىلىقتىن باشقا.سىلەر بوسپۇرۇس بوغىزىنىڭ سۇ ئ...

    قارا        كىتاب
    5

       ئورخان پامۇك
    گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى

     

     

    2-باب بوسپۇرۇس بوغىزىدىكى قاغجىرىغان كۈن

     

    بۇ دۇنيادا ھاياتلىقتىن باشقا ھەيران قالغۇدەك ئىش يوق- يېزىقچىلىقتىن باشقا.

     

    سىلەر بوسپۇرۇس بوغىزىنىڭ سۇ ئورنىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟ مەنچە سىلەر دىققەت قىلمىدىڭلار. بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە، بىز خۇددى كىچىك بالىلارنىڭ غەرەزسىزلەر قىزىقىپ ئوينىغان ئوينىغىنىغا ئوخشاش، ئۆزئارا قىرغىنچىلىق قىلىشقا قىزىققاندىن باشقا، يەنە كىم بۇ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقىدۇ دەيسىز؟ ھەتتا بىز، پاراخوت ئېغىزلىرىدا كىشىلەر بىلەن قىسىلىشقاندا، ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە مۈگدەپ ئۇيان-بۇيان قىيسىيىپ كەتكەندىمۇ، ئاپتوبۇسلاردا ئالدى-كەينىمىزگە لىڭشىپ تۇرۇپ قولىمىزدىكى گېزىتتىن شۇنىڭغا ئائىت خەۋەرلەرنى كۆرگەندىمۇ پەرۋاسىزلارچە كۆز يۈگۈرتۈپلا قويىمىز، خالاس. مەن بۇ خەۋەرنى فىرانسىيىنىڭ جۇغراپىيىگە ئائىت ژورنىلىدىن بۇ خەۋەرنى كۆرگەن.

    خۇلاسە شۇكى، قارا دېڭىزنىڭ تېمپىراتورىسى بارغانسېرى ئۆرلەۋاتىدۇ، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ تېمپىراتورىسى بولسا بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دېڭىز سۈيى دېڭىز قىنىدىكى يېرىلغان چوڭقۇر دېڭىز جىلغىسىغا ئېقىپ كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەر پوستى ھەرىكىتى جەبىلتارىق بوغۇزى، داردانىل بوغۇزى ۋە بوسپۇرۇس بوغۇزىنىڭ يەر قەۋىتىنى ئۈستىگە كۆتۈرۈۋاتىدۇ. بىز يېقىندا بوسپۇرۇس بوغىزىدىكى بىر بېلىقچىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ھازىر كېمىسىنىڭ بۇرۇنقى ناھايتى چوڭقۇر سۇ بار يەرلەردىمۇ پېتىپ قېلىپ، ئاران تەستە تارتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاخىرىدا بىزدىن مۇنداق سۇئال سورىدى: ئەجەبا بۇ مەسىلىلەرگە بىزنىڭ دۆلەت باشلىقىمىز ئازراقمۇ قىزىقمامدىغاندۇ؟

    مەن بىلمەيمەن. مەن پەقەت بۇ ئۇچقاندەك تەرەقىياتنىڭ بىزگە ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىلا بىلىمەن. ئېنىقكى، ئۇزۇن ئۆتمەي بىز ھازىر كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى دەۋالغان بۇ بوسپۇرۇس بوغۇزى قاپقارا سازلىققا ئايلىنىدۇ، كۆزلىرىمىزگە قارا پاتقاق ئىچىدىكى ھەيۋەتلىك پاراخوتلىرىمىزنىڭ گەۋدىسى خۇددى ئالۋاستىنىڭ ھېڭگان چىشلىرىدەك ئاقىرىپ كۆرۈنىدۇ. يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدىن كېيىنكى بۇ سازلىقنىڭ ھەممىلا يېرىنى قۇرۇپ كەتكەن لاي دۆۋىلىرىنىڭ بېسىپ كەتكەنلىكىنى قىياس قىلىشىمىز تەس ئەمەس ئەلۋەتتە. ھەتتا بۇ دۆڭلۈكنىڭ نەچچە ئون مىڭلىغان يۈندە تۇربىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللار توختاۋسىز سۇغۇرۇشى نەتىجىسىدە ياۋا ئوت-گىياھلارمۇ ئۈنۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھاياتلىق باشلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.

    بۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان شەھەر رايونىنى مەن بەلكىم ئالدىن كۆرۈپ، پەرەز قىلالىشىم مۇمكىن. كىشىلەر تەرىپىدىن ئىزچىل ‹‹بوسپۇرۇس بوغۇزى›› دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ سازلىق شەھەر، قوللىرىدا ھەرخىل ھېسابات تالون-دەپتەرلىرىنى تۇتۇپ، ئالدىراش كىرىپ چىقىۋاتقان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ: بۇ يەردە نامراتلار مەھەللىسى، كوچا يايمىلىرى، قاۋاقخانا، بەزمىخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، ياغاچ ئات توختىماي چۆگىلەپ تۇرىدىغان سەيلە-تاماشا باغچىلىرى، قىمارخانا يەنە مەسچىتلەر، زاھىتلىق مەدرىسلىرى بىلەن ماركىزىسىزىمچىلارنىڭ ئۇۋىلىرى شۇنداقلا يەنە پايدا-مەنپەت ئۈچۈنلا قۇرۇلغان بىر پىلاستىك ماتېرىيال پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ھەم نېلون پايپاق ئىشلەپچىقىرىدىغان مەدىكارلار زاۋۇتىمۇ بار. بۇ ئاخىرى زامان خارابىلىقىنىڭ ئىچىدە بىز پاراخوت نامى غايەت چوڭ قىلىپ يېزىلغان پاراخوتلارنىڭ جەسەت-سۆڭەكلىرىنى، پارچە-پارچە دېڭىز يۇسۇنلىرى ۋە ئىچىملىك بوتۇلكىلىرى قاپلىغان قاقاس يەرلەرنى كۆرەلەيمىز. كۆتۈرۈلگەن دېڭىز سۈيى تۇيۇقسىز يېنىپ كەتكەندە بولسا، يەر يۈزىگە تەپچىپ چىققانلىرى ئامېرىكىنىڭ يىراق ئوكيان پاراخوت-كېمىلىرى بىلەن دېڭىز چۆپلىرى بىلەن ئورالغان ئىئونىيەچە تۈۋرۈكسىمان تاشلاردىن باشقا يەنە ھېلىھەم ئېغىزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە، كىشىلەر ھازىرغىچە بىلىشكە ئامالسىز قېلىۋاتقان ئىلاھلىرىغا تىلاۋەت قىلىۋاتقان كېلتىكلىقلارنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرى، مېتىلۇس قۇلۇلىسىگە نەقىشلەنگەن ۋىزانتىيە خەزىنىلىرى، كۈمۈش بىلەن قەلەيدىن ياسالغان پىچاق-ۋېلكىلار، مىڭ يىللاپ ئېچىتىلغان تۇڭ-تۇڭ قىزىل ھاراقلار، گاز سۈيى بوتۇلكىسى، ئۇچلۇق يەلكەنلىك پاراخوتلارنىڭ جەسەتكە ئايلانغان گەۋدىلىرىدىن مەن يېڭى بىر مەدەنىيەتنى كۆرۈشنى خالاپ، لاي-پاتقاققا پېتىپ كەتكەن رومىنىيەنىڭ تاشلاندۇق ماي پاراخوتىنى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئوچاقلىرى بىلەن جىن چىراقلىرىنى ياندۇرماقچى بولىمەن.

    ئەمما بىزدە چوقۇم ئىدىيىۋىي تەييارلىق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، پۈتۈن ئىستامبولنىڭ قارامتۇل يېشىل رەڭدىكى يۈندە شاقىراتمىسى سۇغۇرۇپ كېلىۋاتقان يۇندا ئازگىلى يېڭى بىرخىل ۋابانى تارقىتىدۇ. بۇخىل ۋابا توپ-توپ بولۇپ سەپ تارتقان چاشقانلارنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتىدۇ. ئۇلار يەر ئاستىدىن چىققان سېسىق نەم پۇراققا، قاغجىرىغان پاتقاق، دېلىفېن، كامبالا بېلىقى ۋە يەلكەن بېلىقلىرىنىڭ جەسىتىگە تولغان بۇ يەرنىڭ دەل ئۇلارنىڭ جەننىتى ئىكەنلىكىنى ناھايتتى تېزلا بايقىشىدۇ. سىلەر چوقۇم مېنىڭ بۇ ئالدىنئالا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشۇمغا چوقۇم ئىشىنىشىڭلار كېرەك: سىم توسۇقنىڭ كەينىدىكى ۋابا كېسىلىدىن ئايرىش رايونىدا يۈز بەرگەن ئاپەت، بىز ھەربىرىمىزگىمۇ ئۇشتۇمتۇت تاجاۋۇز قىلىدۇ.

    بالكوندا تۇرۇپ، ئۆتمۈشتە ئاي نۇرى ئاستىدا يىپەكتەك كۆرۈنىدىغان بوسپۇرۇس بوغۇزى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىس-تۈتەكلەر قاپلىغان، تۈمەنلىگەن جەسەتلەرنىڭ يالقۇنلىرى ئارىسىدا كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. ئۆتمۈشتە تاماق ئۈستەللىرىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۆتمۈشتە ئارپابەردىيان ھارىقىنى بەھۇزۇر ئىچىشكىنىمىزچە بوسپۇرۇس بوغىزىدىن كەلگەن كامپىش دەرىخى بىلەن ئۈچقات گۈللىرىنىڭ مېزىلىك پۇراقلىرىدىن يۈرەكلىرىمىز ياشۇرۇپ كەتكۈچە نەپەس ئالغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن، چىرىگەن جەسەتلەرنىڭ زەھەردەك ئۆتكۈر بەدبۇي پۇرىقى يۇتقۇنچاقلىرىمىزنى كۆيدۇرۈپ ئۆتىدۇ. ئەمدى بىز قۇشلارنىڭ باھاردىكى ۋىچىرلاشلىرىنى، بېلىقچىلارغا لىق تولغان بوسپۇرۇش بوغۇزى دولقۇنلىرىنىڭ شىددەت بىلەن قىرغاققا ئۇرۇلغاندىكى ئاۋازلىرىنى ئاڭلىيالمايمىز. ئەكسىچە بىزنىڭ قۇلاقلىرىمىزغا ئاڭلىنىدىغىنى كىشىلەرنىڭ دېڭىزدىن تېپىۋالغان- نەچچە يىللار بويى كىشىلەر دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىزدىسىمۇ تاپالمىغان، قىلىچ، پىچاق، دات باسقان شەمشەر، تاپانچا، ئوۋ مىلتىقلىرى - قاتارلىقلار بىلەن ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق قىلىشقاندىكى ئېچىنىشلىق قىيا-چىيالىرى بولىدۇ. بۇرۇنقى دېڭىز بويى بولغان رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان ئىستامبولنىڭ شەھەر ئاھالىلىرى، خىزمەتتىن ھېرىپ-چارچاپ ئۆيگە قايتىش يولىدا، دېڭىزنىڭ سالقىن، ساپ ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىش ئۈچۈن ماشىنىلىرىنىڭ دېرىزىلىرىنى بۇرۇنقىدەك چۈشۈرۈۋېتەلمەيدۇ. ئەكسىچە سېسىق پاتقاق ۋە چىرىگەن جەسەتلەرنىڭ پۇرىقىنىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كونا گېزىت ۋە ئەسكى لاتىلار بىلەن ماشىنا دېرىزىلىرىنىڭ يوچۇقلىرىنى بار كۈچى بىلەن ھىم ئىتىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى دېرىزىنىڭ سىرتى بولسا، ئوتنىڭ شولىسى يورۇتۇپ تۇرغان ۋەھىمىلىك زۇلمەت بولىدۇ. بۇرۇن ھەممىلا يېرىدە ھەرخىل رەڭدىكى شارچىلارنى ئېسىپ قويىدىغان دېڭىز بويىدىكى قەھۋاخانىلار بىزنىڭ بىردەم-يېرىمدەم ئولتۇرۇپ، پاراڭلىشىدىغان جايىمىز بولسا، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرلەردە ئولتۇرساق كۆرىدىغىنىمىز دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ يورۇتۇش چىرىقىنىڭ نۇرى بولماستىن بەلكى، دېڭىز ئارمىيە مىناسىنىڭ قىزىل قان رەڭگىدىكى نۇرلىرى بولىدۇ، دېڭىز ساھىلىدىكى ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى تەرگۈچىلەر بۇرۇن دېڭىز دولقۇنىنىڭ قىرغاققا چىقىرىپ قويغان بوتۇلكا ۋە ۋىزانتىيە تەڭگىلىرىنى سېتىپ جان كەچۈرگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار باشقا نەرسىلەرنىمۇ بايقىشىدۇ. مەسلەن، ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، كەلكۈن سۈيى دېڭىز بويى رايونىدىكى ياغاچ ئۆيلەردىن ئېقىتىپ، بوسپۇرۇس بوغىزىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە ئېلىپ كەتكەن قەھۋە ئەزگۈچ؛ بېشىغا مۇخلار ئۆسۈپ كەتكەن كاككۇك سائىتى ھەمدە مىتىلۇس قۇلۇلىسى چاپلىشىپ كەتكەن پېئانىنو دېگەندەكلەر. شۇ چاغلار يېتىپ كەلگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەن سىم توسۇقتىن ئۆتۈپ، بۇ يېڭى دوزاخقا كىرىپ، قارا رەڭلىك كادىلاك ماركىلىق پىكاپ ئىزدەيمەن.

    بۇ سەھىپىدە ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە تەرجىمى قىلىنىپ يوللىنىدۇ، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.