خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 8

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-05 19:29:06

بارلىق تەبىئىي شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى باشقا شەيئىلەرنىڭ شەرتىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئاساستا خۇلاسە چىقىرىش يولى «تاسادىپىيلىق» دەلىلى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئالەمشۇناسلى...

     

    بارلىق تەبىئىي شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى باشقا شەيئىلەرنىڭ شەرتىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئاساستا خۇلاسە چىقىرىش يولى «تاسادىپىيلىق» دەلىلى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئالەمشۇناسلىق دەلىلىنىڭ ئىككىنچى ئۆزگەرگەن شەكلىدىن ئىبارەت. بۇ خىل دەلىل بىز ئالدىنقى بابتا مۇھاكىمە قىلغان سەۋەب-نەتىجە دەلىلىگە ئوخشاشلا بەزى تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى.

    مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تاسادىپىيلىق دەلىلى ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپتى. بىز ئالەمنىڭ ئېنىقلىمىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇ خۇدانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى. ئۇنداقتا، خۇدا، ۋاقىت-بوشلۇق، ماددىلاردىن تەركىب تاپقان ئالەمدىن تۈزۈلگەن بىر پۈتۈن سىستېمىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ بىر ئېغىز گەپ، خۇدانى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ ئىلاھىيەتشۇناسلار بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: « خۇد ابولسا مۇقەررەر مەۋجۇت، ئۇنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق؛ ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.» لېكىن بۇنداق گەپنىڭ نېمە مەنىسى بولسۇن؟ ئەگەر مەنىسى بار دېيىلسە، بىز نېمە ئۈچۈن ئوخشاش نۇقتىئىنەزەر بويىچە ئالەمنى ئۇ مۇقەررەرلىكتىن ئىبارەت، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەپ چۈشەندۈرسەك بولمايدىكەن؟ بۇ ئالدىنقى بابتا سۆزلەپ ئۆتكەن ۋېلېرنىڭ نۇقتىئىنەزىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

    (قىسقارتىلدى)

    ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان كۋانت نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، باشقا بىرخىل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۋانت نەزەرىيىسى ئاساسىي زەررىچە تۈپتىن مەۋجۇت ئەمەس، ئەكسىچە ھەربىر زەررىچە (ھېچبولمىغاندا ھەربىر ئىككىلەمچى يادرو زەررىچىسى) باشقا زەررىچىلەردىن تەشكىل تاپقان. ھېچقايسى زەررىچە ئاساسىي ئەمەس، دەسلەپكى ئەمەس، ھەربىر زەررىچە بارلىق باشقا زەررىچىلەرنىڭ بەزى .الاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىر قانچە زەررىچە بىر مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش چەمبىرىكى ئىچىدە بولۇپ، بىر سىستېمىنى تەشكىل قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ خىل مۇلاھىزە ھېلىقى پاتقاققا پېتىپ قالغان بالىنىڭ ھېكايىسىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالىدۇ، بىر بالا پاتقاققا پېتىپ قالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۆتۈكىنىڭ قونچىدىن تۇتۇپ تارتىپ ئاخىر ئۆزىنى پاتقاقتىن چىقارغان. شۇڭا فىزىكا ئالىملىرىمۇ يۇقىرىدىكى كۋانت نەزەرىيىسى بويىچە چۈشەۈدۈرۈش ئۇسۇلىنى «ئۆتۈكنىڭ قونچىدىن تارتىش» شەكلىدىكى چۈشەبدۈرۈش دەپ ئاتايدۇ. كىشىلەر «ئۆتۈكنىڭ قونچىدىن تارتىش» قارىشىدىكى ئالەم تامامەن تەبىئىي، فىزىكىلىق ئۆزئارا تەسىرلەرگە ئاساسلانغان ھەمدە ئۆز چۈشەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەپ تەسەۋۋۇر قىلسا بولىدۇ.

    لېكىن ئىلاھىيەرشۇناسلار رەددىيە بېرىپ، خۇدانىڭ ئىقتىدارى چەكسىز، بىلىمىمۇ چەكسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان ئەڭ ئاددىي مەۋجۇدىيەتتىن ئىبارەت. شۇڭا، ئۇنىڭ نۇرغۇن كونكرېت تەرەپلەردە مۇرەككەپ ۋە ئالاھىدە بولغان ئالەمگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى ئېھتىمالغا تېخىمۇ يېقىن، دېيىشى مۇمكىن.

    ئېھتىمالغا تېخىمۇ يېقىن بولغىنى شۇكى، ناۋادا بىر خۇدا مەۋجۇت بولسا، ئۇ مەلۇم بىر چەكلىك ھەم مۇرەككەپ ئالەمنى يارىتىدۇ. ئالەمنىڭ ېچقانداق سەۋەبى يوق تۇرۇپمۇ مەۋجۇت بولۇشى ئېھتىمالدىن ناھايىتى يىراق، ئەمما خۇدانىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق تۇرۇپمۇ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. ئالەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى غەلىتە ھەم چۈشەنمەك تەس بىر ئىش. ناۋادا بىز ئۇنى خۇدا ياراتقان دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنى چۈشىنىشكە بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتەلەيمىز. بۇخىل تەسەۋۋۇر ئالەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى يوق دېگەن تەسەۋۋۇرغا سېلىشتۇرغاندا، چۈشەندۈرۈشنىڭ باشلىنىشىنىڭ نىسپىي ھالدا ئاددىي بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈم ئالدىنقى بىرخىل تەسەۋۋۇرنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىش لازىملىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.

    (قىسقارتىلدى)

    لېكىن، چەكسىز روھ (خۇدا) ئالەمگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاددى دەيدىغان بۇ خىل قىياسقا نىسبەتەب، ئالىملار جەڭ ئېلان قىلىشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئېڭىمىزدا، روھ پەقەت مەلۇم بىر مۇرەككەپلىك دەرىجىسىدىن ئېشىپ چۈشكەن فىزىكىلىق سىستېما ئىچىدە مەۋجۇت بولىدۇ. ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇرەككەپ سىستېما ھېسابلىنىدۇ. تەندىن ئايرىلغان روھنى تەسەۋۋۇر قىلىشقابولسىمۇ، ئەمما روھىي پائالىيەت ئەندىزىسىنى مەلۇم خىل شەكىلدە ئىپادىلەش زۆرۈر. ھالبۇكى، روھىي پائالىيەت ئەندىزىسى بولسا ئىنتايىن مۇرەككەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، چەكسىز روھ چەكسىز مۇرەككەپ بولىدۇ. چۈنكى ئالەمنىڭ نۇرغۇن بۆلەكلىرىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى بىر روھنى ساقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن يېتەرسىزلىك قىلىدۇ.

    ئۇنداقتا خۇدانىڭ روھتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ئۇ روھقا قارىغاندا تېخىمۇ ئاددىي بىر شەيئىمۇ؟ ۋاقىتنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولىدىغان روھ ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟ ئىدىيە، تەدبىر بەلگىلەش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىت ئىچىدە يۈز بېرىدىغۇ؟ ئەگەر خۇدا قارار چىقىرالمىسا (ياكى ئۈمىد كۈتەلمىسە، ھۆكۈم قىلالمىسا، پاراڭلىشالمىسا)، ئۇ ھالدا، ئۇنىڭ ئالەمنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە مەۋجۇت بولۇشىغا مەسئۇل بولۇشنىڭ يەنە نېمە مەنىسى بولسۇن؟ بىز ئالەمگە مەسئۇل بولمايدىغان مەۋجۇدىيەتنى خۇدا دەپ تونۇساق بولامدۇ-بولمامدۇ؟ بۇ گۇمانلاردەب باشقا، بىز يەنە ئالەمنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئالەم مەۋجۇت بولىدۇ؟

    مەن ئون ئىككىنچى بابتا بۇ مەسىلىنى تېخمۇ تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىمەن. لېكىن بۇ يەردە بىز، ئۆز سەۋەبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئالەم ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى خۇدادىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ئالەمدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ نىسپىي مۇۋاپىقلىقىغا باھا بېرىش داۋامىدا، مەن مەركىزىي ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىغان مەسىلىگە دىققەت قىلساق زىيانلىق بولماس. يۇقىرىدىكى مۇھاكىمىلەردا، بىز ھەقلىق رەۋىشتە ئالەم ئىنتايىن مۇرەككەپ، خۇدا ئالەمنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىنى تەييار چۈشەندۈرۈش بىلەن تەمىن ئەتكەن، دەپ قارىدۇق. ئەمما ئالەم ئەزەلدىنلا مۇرەككەپمىدى؟ ئاللەمنىڭ مۇرەككەپلىكى تەبىئىي نەتىجە بولۇپ، تامامەن ئادەتتىكى فىزىكىلىق قانۇنلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىرىلغانمۇ؟

    (قىسقارتىلدى)

    راست چۈشىنىشلىك بولۇشنىڭ ئاچقۇچى، ئالەمنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە تەرتىپلىك ھالىتىنىڭ راستتىنلا دەسلەپكى ئاددىي ھالىتىدىن تەبىئىي رەۋىشتە بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا بولۇش-بولماسلىقتا. قارىماققا، بۇ خىل قاراش ئوچۇقتىن-ئوچۇق تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنى بىلەن زىتتەك كۆرۈنىدۇ. تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنىنىڭ تەلىپى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، يەنى تەرتىپلىك تەرتىپسىزلىككە ئورۇن بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق مۇرەككەپ تۈزۈلۈش ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تەرتىپسىز ئاددىي ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. ئې. ۋې. بارنېس 1930-يىلى مۇنداق دېگەنىدى:

    دەسلەپتە، ئەڭ زور ئېنېرگىيىگە ئىگە تۈزۈلۈش مەۋجۇت بولغان.

    .... ئەمەلىيەتتە، خۇدا سائەت (يەنى ئالەم مېخانىزمى)نىڭ پۇرژىنىسىنى بىر قېتىم تولۇق بۇراپ قويغان. ئەگەر خۇدا پۇرژىنىنى قايتا بۇراپ چىڭىتمىسا، سائەت توختاپ قالىدۇ.

    بىز ھازىر شۇنى بىلىمىزكى، بۇنداق قاراش خاتا. ئالەمنىڭ دەسلەپكى ھالىتى ئەڭ زور تەشكىللىك ھالەت بولماستىن، بەلكى بىر خىل ئاددىي ۋە تەڭپۇڭ ھالەتتىن ئىبارەت. بۇ پاكىت بىلەن تېرمودىنامىكىنىڭ 20قانۇنى ئوتتۇرىسىدىكى روشەن توقۇنۇش يېقىندىلا ئاندىن ھەل قىلىندى.

     

    1.4-رەسىم. ئالەمنىڭ تەرتىپسىز ھالىتىدىن قانداقسىگە تەرتىپىك ھالىتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى بىر سىر. ئالەمنىڭ ھازىرقى تەرتىپلىك تۈزۈلۈشى ۋە مۇرەككەپ ھەرىكىتىنىڭ چوڭ پارتلاشنىڭ قالايمىقان پاراكەندىچىلىكى ئىچىدىن قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئېنىقكى، بۇ تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنىغا خىلاپ، چۈنكى تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنىدا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەرتىپلىكنىڭ دەرىجىسى ئۆرلىمەيدۇ، بەلكى تۆۋەنلەيدۇ دېيىلىدۇ، بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا تارتىش كۈچىنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.

    ئەسلىدە، تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنى قاتتىق ئېيتقاندا پەقەت يېگانە سىستېمىغىلا مۇۋاپىق كېلىدۇ، ھالبۇكى، ھەرقانداق نەرسىنى تارتىش كۈچىدىن ئايرىپ يالغۇز قالدۇرۇش فىزىكا نۇقتىسىدىن مۇمكىن ئەمەس. دۇنيادا تارتىش كۈچىنى توسۇپ قالالايدىغان توساق يوق؛ بولغان تەقدىردىمۇ، ئالاقىدار سىستېما ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. كېڭىيىۋاتقان ئالەمدە، ئالەم ماددىلىرىنىڭ ھەممىسى .الەم تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا يەنە ئالەمنىڭ باشقا بۆلەكلىرىنىڭ يىغىندى تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تارتىش كۈچى بولغان ئىكەن، تارتىش كۈچى مەيدانى ئارقىلىق تەرتىپلىك ھالەتنى ئالەم ماددىلىرىغا سىڭدۈرۈشنىڭ يولى ئېچىلىدۇ. بىز بىلىمىزكى، ئەگەر سىرتتىن ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگەندە، بىر سىستېما ئىچىدە تەرتىپسىزلىك پەيدا قىلىش بەدىلىگە، باشقا بىر سىستېما ئىچىدە تەرتىپلىكلىك پەيدا قىلغىلى بولىدۇ.  شۇنداق قىلىپ، قۇياشتىن كەلگەن نۇر ۋە ئىسسىقلىق يەرشارى بىئوسفېراسىدىكى يۈكسەك مۇرەككەپلىك ۋە تەرتىپلىلىكنى پەيدا قىلغان، لېكىن بۇنى پەقەت قۇياش يادروسىدىكى چەكلىك يېقىلغۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھالدا قۇربان قىلىش ئرقىلىقلا ئاندىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئوخشاشلا، كېڭىيىۋاتقان ئالەممۇ ئالەم ماددىلىرى ئارىسىدا تەرتىپىكلىكنى پەيدا قىلىدۇ.

    بىز دەسلەپكى ئالەم ماددىلىرىنىڭ ئىنتايىن ئىسسىق ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئالەمنىڭ كېڭىيىشى ئۇلارنى سوۋۇتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. ئاساسىي ئۆلچەپ دەلىللەش ئارقىلىق، ئالەمنىڭ كېڭىيىشىدىكى ھەربىر باسقۇچتىكى ئالەم ماددىلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىراق، تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى مەلۇم دەرىجىدە يەنە ماددىنىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتىگىمۇ باغلىق بولىدۇ. (قىسقارتىلدى)

    يۇقىرىقى تەھلىلدىن پايدىلىنىپ، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەپ ئالەمنىڭ دەسلەپكى كېڭىيىشىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە، بۇ ئارقىلىق بىز بۈگۈنكى كۈندە ئالەمدە كۆزەتكەن كۆپ قىسىم تەرتىپلىك تۈزۈلۈشلەرنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىشكە بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى تەشكىللىك ئېنېرگىيىنىڭ مۇتلەق ئەڭ چوڭ مەنبەسى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئاكتىپ ھىدروگېن گازىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئالەم ماددىلىرىنىڭ تەخمىنەن %75ىنى تەشكىل قىلغان. ھېدروگېن كۆيگەندىن كېيىن (يادرونىڭ يىغىلىش رېئاكسىيىسىدىكى كۆيۈش)، تۆمۈر دېگەندەك بىر قەدەر ئېغىر ئېلېمېنتلارغا ئايلانغان. تۆمۈر پەقەت يادرو تاشلاندۇقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قامىلىپ تۇرغان پايدىلىق يادرو ئېنېرگىيىسى يوق. شۇڭا، تۇرغۇن يۇلتۇزلار تەرتىپ؛ىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا تۆمۈرگە قارىغاندا ھىدروگېنغا كۆپرەك تايانغان.

    قىسقىسى، قارىغاندا كېڭىيىۋاتقان ئالەمدە، تەشكىللىك ئېنېرگىيە تەبىئىي رەۋىشتە بارلىققا كېلىدىكەن، باشتىلا مەۋجۇت بولۇشىنىڭ لازىمى يوق ئىكەن. شۇڭا، ئالەمنىڭ تەرتىپلىك (تۆۋەن ئېنتروپىيىلىك) ھالىتىنى ئىلاھنىڭ ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ياكى ئەڭ دەسلەپكى ئاجايىپ نۇقتىغا تەشكىللىك ئېنېرگىيە كىرگۈزگگنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ يىغىنچاقلاشنىڭمۇ لازىمى يوق. ئاجايىپ نۇقتىنىڭ دەسلەپتە قۇيۇپ بەرگىنى پۈتۈنلەي تەرتىپسىز، ئارىلاشما ئېنېرگىيىدىن ئىبارەت بولغان بولۇشى، تەرتىپسىز ئېنېرگىيە كېيىن كېڭىيىۋاتقان ئالەمنىڭ تەسىرىدە ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، بۈگۈنكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھالەتكە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. دىققەت، ھازىر بىز ماددىلارنىڭ تەشكىللىنىشىنىمۇ بوشلۇقنىڭ كېڭەيگگنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ يىغىنچاقلاۋاتىمىز.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا فىزىكا يېڭى _