زۇنۇن قادىرى (خاتىرىلەر)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 13:51:06

زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى ئاتا-ئانىمىز دادام ئاتۇشنىڭ تېجەن دېگەن يېرىدىن غۇلجا شەھرىگە پىيادە چىقىپ، مەتنىياز ھاجىم سارىيىغا كېلىپ چۈشكەنىكەن. ئۇ، تاپانلىرى ئىششىپ ماڭالماي قال...



     

    زۇنۇن قادىرى ئەسلىمە خاتىرىلىرى   

              

                                     ئاتا-ئانىمىز

     

       دادام ئاتۇشنىڭ تېجەن دېگەن يېرىدىن غۇلجا شەھرىگە پىيادە چىقىپ، مەتنىياز ھاجىم سارىيىغا كېلىپ چۈشكەنىكەن. ئۇ، تاپانلىرى ئىششىپ ماڭالماي قالغانلىقتىن، بىر يۇرتلۇقىنىڭ ھۇجرىسىدا بىر ھەپتىچە يېتىپ قاپتۇ. دادامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ جاپاغا قالغانلىقىنى ئاڭلىغان تېجەنلىكلەر دادامغا بىر قانچە ماتا بېرىپ، ئۇنى ئوقەتكە سېلىپ قويۇپتۇ. دادام ماتالارنى يېزىلارغا ئاپىرىپ سېتىپ، بىر ئاز پۇل قىپتۇ، بىر يىلدىن كېيىن ئۇلار دادامنى ئۆيلەپ قويۇشقان بولسىمۇ، ئەمما دادام تۈزۈكرەك دەسمايىسى بولمىغانلىقتىن، ئوقىتى يۈرۈشمەي تۇرمۇشتىن قىسىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام غۇلجىدىن دۆربىلجىن ناھىيىسىگە كېتىپتۇ. ئۇ بۇ يەردە ئاكىسى قۇربان ئاخۇننىڭ بىر قورا قويىغا قاراپ يۈرگەندە 12-يىلى مەن تۇغۇلغان ئىكەنمەن. تۆت ياشقا كىرگىنىمدە بوۋام-ئاپامنىڭ دادىسى بىزنىڭ ئائىلىنى غۇلجا شەھرىگە قايتۇرۇپ كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دادام ئاكىسىنىڭ بەرگەن پۇلىنى دەسمايە قىلىپ، گىر بازىرىدا يەم-خەشەك ساتىدىغان بىر تەنزە ئېچىپتۇ. دەسمايىسى بىر ئاز كۆپەيگەندىن،كېيىن شۇ ئەتراپتىن ماتا- چەكمەن ساتىدىغان كىچىك دۇككان ئېچىۋاپتۇ. ئاندىن دادام تاپقان پۇلىنى يىغىپ غۇلجا شەھەر ئىچى ئوردا مەھەللىسىدىن كىچىك بىر قورا جاي سېتىۋاپتۇ. شۇنىڭدىن تاترىپ بىز شۇ مەھەللىك بولۇپ قاپتۇق.

    دادام ئانچە ساۋاتلىق بولمىسىمۇ، قۇلاق موللىسى ئىدى. ئۇ نامازنى كۆپ ئوقۇيتتى. قولىدىن تەسىۋى چۈشمەيتتى. دادام ئاپامنى تالا-تۈزگە چىقارمايتتى، ئاپامنىڭ ئۆگزىگە چىقىپ قالغىنىنى كۆرۈپ قالسا سەپراسى ئۆرلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىچارە ئاپام سۇس يورۇق چۈشۈپ تۇرىدىغان زەي ئۆيدە ئەتىدىن كەچكىچە ئۆي ئىشىنى قىلاتتى، قولى بوشسا ياماقچىلىق، كەشتە تىكىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. تار ھويلىمىزنىڭ ئۈستى يېپىق بولۇپ، پەقەت بىرلا ئورۇندا تۈڭلۈكى بار ئىدى. ئاپام ھويلىغا چىقسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى تۈزۈك كۆرەلمەيتتى. ئاخىر ئاپام ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭالماس بولۇپ قالدى. ئۇ ماڭا ناھايىتى ئامراق ئىدى. مەنمۇ كۆپ ۋاقىت ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ھېچ يەرگە كەتمەيتتىم. چۈجە مېكياننىڭ قانىتى ئاستىغا كىرىۋالغاندەك مەنمۇ ئۇنىڭ بىقىنىغا كىرىپ ياكى ئالدىدا يۈكۈنۈپ، دۈمچەيگەن ھالدا بېشىمنى قۇچقىغا قويۇپ ئولتۇراتتىم. ئاپام بولسا بېشىمنى، دۈمبەمنى زېرىكمەي سىيلايتتى. ئۇنىڭ يۇمشاق قوللىرى بەدىنىمدە ئايلانغانسېرى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك ياكى يېنىكلىشىپ قالغاندەك بولاتتىم-دە، ئاپامنىڭ مېھىر-مۇھەببەتلىك قۇچقىدا شېرىن ئۇيقۇغا چۆمەتتىم.

    ئاپام بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ تەرىتىنى تۆكەتتىم، زېرىكمەي پۇت-قوللىرىنى تۇتاتتىم، ھېرىپ قالسام كۆكسىگە بېشىمنى قويۇپ ياتاتتىم.

    مەن بەش ياشقا كىرگىنىمدە ئاپام پالەچ كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. دادام بىزنى تاماقلاندۇرۇش ئۈچۈن پاي-پېتەك بولۇپ، خېلىلا ئالدىراپ قالدى. بىز كۈندۈزى ياخشىراق ئوزۇقلانمىغىمىز ئۈچۈن، تاڭ ئاتا-ئاتمايلا بېشىمىزنى يوتقاندىن چىقىرىپ نان سورايتتۇق. دادام ئالدىراپ يۈرۈپ تەرەت ئالاتتى-دە، يوتقاننىڭ بىر چېتىنى قايرىپ گىردە ناننى ئۇشتۇپ پەتنۇس بىلەن ئورۇنىمىزنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بامداتقا كېتەتتى. بىز ئورنىمىزدىن قوزغالمايلا ناننى يەپ، پەتنۇسنى ئىتتىرىۋېتىپ يەنە ئۇخلاپ قالاتتۇق. دادام بامدات نامىزىدىن كېيىن بولىدىغان كىتابخانلىقنى ئاڭلاپ قايتقۇچە كۈن چىقاتتى. ئۇ كېلىپ چاي قايناتقۇچە ئاش ۋاقتى بولۇپ قالاتتى.

    دادام ئۆي ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆيلەنمەكچى بولدى. كىشلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بالىلارنى ئۆگەيلىمەيدۇ، دەپ رېھىمخان دېگەن پالكۆز بىر خوتۇن ئالدى. «كۆز بىلەن كۆردۈڭمۇ، قۇلاق ئاڭلىغان يالغان» دېگەندەك بۇ ئاپىمىز ئۆگەيلىكى يوق ئايال بولماي، بەلكى كىچىك بالىنى كۆرسە جۇدۇنى ئۆرلەيدىغان بىر ئايال بولۇپ چىقتى، بىز ئۈچ ئوغۇل، بىر قىز ھە دېمەيلا بۇ ئاپىمىزنىڭ ئۆگەيلىشىگە ئۇچرىغىلى تۇردۇق. ئىككى ئاكام ئۇنىڭغا تۇتۇق بەرمەي دادام كەلگۈچە قېچىپ يۈرەتتى، ئۆگەي ئاپىمىز ئۈچ ياشقا كىرگەن سىڭلىم زىلەيخاننى نان سورىغىنى ئۈچۈن، چىمدەپ بەدەنلىرىنى كۆكەرتىۋەتتى، مېنىڭ قوڭغۇزدىن تازا قورقىدىغانلىقىمنى بىلۋېلىپ، يانچۇقۇمغا ئوسۇرغاق قارا قوڭغۇزنى سېلىپ قوياتتى. مەن قورقۇپ چىرقىراپ، ھەر تەرەپكە يۈگۈرەيتتىم. ئۆگەي ئاپام بۇنى كۆرۈپ ھارغىچە كۈلەتتى. "مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن" دېگەندەك دادام كەلگەندە بىزنى ئۇ: «ناننى ئېلىپ قېچىپ كۈچۈككە بەردى»،«پاتقاق كېچىپ،كىيىم-كېچىكىنى بۇلغىدى» دەپ چېقىشتۇراتتى. دادام بولسا ئەھۋالنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەي، كىر، توپا-چاڭغا مىلەنگەن ئەپتى-بەشىرىمىزنى كۆرۈپلا بىزنى ئۇرۇپ كېتەتتى. ئورنى كەلگەندە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، دادام قىزىققان، چۇس ئادەم بولغىنى ئۈچۈن، «توڭ» دېگەن لەقەملىكمۇ بولۇپ قالغان. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئاق كۆڭۈل، ۋىجدانلىق ئادەم ئىدى. شۇڭا ئۇ بىرەر مۇتىھەمنىڭ باشقا بىر كىشىنى بوزەك قىلغانلىقىنى كۆرسە چىداپ تۇرالماي، بوزەك قىلىنغۇچىغا بولۇشۇپ جېدەلنى سېتىۋالاتتى. يۇرت چوڭلىرىنىڭ نالايىق ئىشلىرىنى كۆرسە يۈز قارىماي ئۇلارنىڭ گېپىنى رەت قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دادام بىلەن گەپ تالشىشتىن تەپتارتاتتى... ھەر ھالدا، دادام بەزىبىر ئاغزى يۇمشاق، ئىچى يامان، ئىككى يۈزلىمە، خۇشامەتچى، مۇناپىقلىقتىن خالىراق ئادەم ئىدى.

    ئەمدى يەنە ئۆگەي ئاپىمىز توغرىسىدىكى گەپكە كېلەي، «كۆپنىڭ كۆزى كۆپ» دېگەندەك، بىزنىڭ ئۆگەي ئاپىمىزدىن كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىمىزنى قوشنىمىز نىساخان موماي چۈشىنەتتى، ئۇ بىر كۈنى دادامنى ئۆيىگە قىچقىرىپ كىرىپ:

    -ھاي قادىراخۇن، ئىشنىڭ ئالدى-ئارقىسىنى سۈرۈشتە قىلمايلا بۇ كىچىك بالىلارنى ماۋۇ خوتۇنلىرىدىن يېگەن دەككىسىنى ئاز دەپ بىلىپ سىلىمۇ ئۇرۇۋاتىدىلىغۇ. ئاۋۇ كىچىك قىزلىرى زىلەيخاننىڭ بەدەنلىرىنى ئېچىپ قاراپ باقسىلا، ئۇنى سىلى يوق ۋاقىتتا چىمدەپ چىرقىرىتىپ، جېنىنى يەرگە قويدى. بۇرناكۈن بىچارە بالىنى پېشايۋاندىن يەرگە ئىتتىرىۋەتتى،- دېدى ياقسىنى تۇتۇپ.

    موماي ئۆگەي ئاپىمىزنىڭ بىزگە سېلىۋاتقان ئازابلىرىنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەردى. دادام ئۆيگە چىقىپ سىڭلىمنىڭ بەدىنىدىكى كۆكلەرنى كۆرۈپ غەزەپلەندى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ قېيىنئاغىسىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سىڭلىمنىڭ بەدىنىدىكى جاراھەتلەرنى كۆرسەتتى، بولىۋاتقان ئەھۋاللارنى بىرمۇ بىر دەپ كېلىپ خوتۇنى بىلەن كېتىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتتى. ئۈچ تۆت كۈندىن كېيىن، راست دېگەندەك، دادام بۇ خوتۇندىن چىرايلىقچە ئاجرىشىپ كەتتى.

    كېيىن دادامنىڭ  شاراپەتخان دېگەن ئايالى بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىن زىلىخا دېگەن قىرغىز ئايالغا ئۆيلەندى. شۇنداق قىلىپ، مەن بىر نەچچە ئاپىنى كۆردۈم. لېكىن بۇ كېيىنكى ئىككى ئاپا بىزگە ھەرگىز ئۆگەيلىك قىلمىدى، بولۇپمۇ زىلىخا ئاپام ماڭا بەك ئامراق ئىدى. بۇ بەستلىك، ئىككى مەڭزى قىپقىزىل، قاۋۇل، تىنىمسىز ئىشلەپ تۇرىدىغان، كۆڭلى كەڭ ئايال ئىدى. ئۇ ئاتنى ناھايىتى سەمىرىتىپ باقاتتى، گۈزەل كەشتە تىكەتتى، ئاش-تاماققا ئۇستا ئىدى. مەن شوخلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ دۈمبىسىگە سەكرەپ چىقىۋالسام «تولا جېنىمنى چىقارماي چۈش» دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى. ئۇ «ج» ھەرپىنى «ي» دەپ ئېيتاتتى. ئۇنىڭ جېنىم دېگەننى يېنىم، جوزا دېگەننى يوزا دەيدىغانلىقىنى دوراپ سەكرەپ كەتسەم، ئاچچىقى كېلىش ئورنىغا « بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا» دېگەن تەمسىلنى ئېيتىپ مېنى ئەركىلىتىپ قوياتتى. مەن بۇ ئوچۇق كۆڭۈل خۇش چاقچاق قىرغىز ئاپامغا بەك ئامراق بولۇپ كەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كەتكەندە يەتتە كۈن يىغلىغانىدىم.

     

     

     

     

     

     زۇنۇن قادىرىنىڭ ‹خاتىرىلەر › ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. داۋامى كېلەركى ساندا

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.