چالا تەگكەن ئوق، ئابدۇللا تالىپ

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-02 12:33:36

ئابدۇللا تالىپنىڭ چال تەەكەن ئوق ناملىق رومانىنىڭ تولۇق نۇسخىسى بەشىنچى باپ 1ياز دۆلەت، قىش مەينەت دېگەندەك، مانا ھەش – پەش دىگىچە زىمىستان باشلىنىپ كەتتى. قول ئىلىكىدە يوق نامراتلارنىڭ بېش...




    ئابدۇللا تالىپنىڭ چال تەەكەن ئوق ناملىق رومانىنىڭ تولۇق نۇسخىسى

    بەشىنچى باپ

    1

    ياز دۆلەت، قىش مەينەت دېگەندەك، مانا ھەشپەش دىگىچە زىمىستان باشلىنىپ كەتتى. قول ئىلىكىدە يوق نامراتلارنىڭ بېشىدا تۇرمۇش غېمى كۈچىيىپ، هامماملاردا، ناۋايخانىلارنىڭ ئەتراپىدا دۈگدىيشىپ يۈرۈشەتتى. قىشنى چىقىرىش شەمشىدىننىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن تېخىمۇ قىيىن بولماقتا ئىدى. ئىرپاندىن

    ئايرىلغاندىن كېيىن ساماۋەرخانا روناق تاپالماي قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەمشىدىن دەرتئەلەم دەستىدىن بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ باراتتى. ئۇنىڭ بىردىنبىر ئوغلى پەخىرىدىننىڭ تاڭغان سۇنۇغى تۈزۈك تۇتماي، تېخىچىلا بالىخانا ئۆيىدە نىمجان ياتاتتى.  «يازنىڭ تېزىگى قىشتا دورا» دېگەندەك، كىچىك قىز جەمىلەمنىڭ تەرگەن تېزەكلىرى ئەمدى قىش قىيىنچىلىدا قالغان ئائىلىگە بىردىنبىر يېقىلغۇ بولۇپ كېلىۋاتاتتى. هىماتسىز بۇ ئائىلىگە ئەمدى بۆلەك چارە يوق ئىدى.

    شەمشىدىن ھەتتا تىزەكنىمۇ ئاياپ، تولا چاغلاردا بالىخانا دەرىزىسى يېنىغا كېلىۋېلىپ، ئاپتاپ سۇنۇپ مىسكىن ه الدا ئولتۇراتتى. بىراق «قىشنىڭ ئاپتىپى دۈشمەننىڭ كۈلكىسىچىلىك» دېگەندەك، ئانچىمۇ جانغا دال بولالمايتتى.

    مۇشۇنداق ئېغىر پەيىتلەردە چولپان ھەردەملا دادىسىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشنى ئىزلەيتتى. ئۇ، روجەك تۈۋىدە مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان دادىسىنىڭ قېشىغا كېلىپ:

    دادا، مەن هېيتكارغا بېرىپ دوپپا سېتىپ كېلەي، ئۆيدە يا ئۇن، يا ياغ يوق، دىدى. شەمشىدىن بېشىنى كۆتىرىپ، قىزىنىڭ باشئايىغىغىچە بىر قاراپ «ئۇھ!» دەپ، ئۇلۇغكىچىك تىنىۋالغاندىن كېيىن ئۈن چىقارماي ئولتۇردى.

    دادا،  دەپ، يەنە تەكىتلەيتتى چولپان.

    -بېشىڭغا تارتقىدەك ياغلىغىڭ يوقمىدى بالام؟ تالاتۈزگە ئاشۇنداق چىقساڭ خالايىق نېمە دەر، قىزىم؟

    -بېشىمدا ئاددى بولسىمۇ ياغلىق تۇرۇپتىغۇ؟

    چولپان ئۆينىڭ ئىقتىسادىي ئېغىرچىلىىقىنى دادىسىغا ئوچۇق دىدى. بۇنى ئاڭلاپ، شەمشىدىن كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ، جىمىپ كەتتى. چولپانمۇ قېشىدا ئولتۇرغىنىچە خىيال سۈرۈپ، يا قولى ئىشقا بارمىدى، ياكى دادىسىدىن نېرى بولالمىدى. مۇسىبەت كۈنلىرىدەك جىمجىتلىق هۆكۈم سۈرۈۋاتقاندا ئىشىك ئۇرۇلدى.

    بالىخانىدىن ئىلدام چۈشكەن چولپان ئىشىكنى ئاچتى.

    ئەسسالام قىزىم، سىزگە خۇش خەۋەر !

    50 ياشلار قارىسىنى ئالغان ئايال كۈلۈپ كىرگەن پېتى چولپاننى قۇچاقلاپ، مەڭزىگە سۆيۈپ كەتتى. ئايال يەنە سۆزىنى تەكرارلىدى :

    -سىزگە جاهانچە خۇش خەۋەر ئەكەلدىم. ماڭا نېمە سۆيۈنچە بېرىسىز؟

    چولپان ئايالنىڭ سۆزلىكىگە ئىشىنەتتى. ئۇنىڭغا مۇڭ-زارىنى تۆكۈپ، ئىچ-قارنىنى بوشىتىۋالاتتى. ئايال ئەسلىدە پەخىرىدىننىڭ سۇنۇغىنى ساقايتىش ئۈچۈن ئىرپان باشلاپ كەلگەن ئۇستا تېڭىقچى ئىدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئىككى ياشنىڭ ئارىسىدا ۋاپادار بىر ئانا بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا چولپان« خۇش خەۋەر «نىڭ تېگى تەكتىگە دەرهال يەتتىدە، مەڭزى ۋىل لىدە قىزىرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىغا ئوت تۇتاشقاندەك بولۇپ، يۈرەكلىرى سىماپتەك ئويناپ كەتتى. لېكىن ئۇ، يەنىلا بىلمەسلىككە سېلىپ :

    -ئانا، قانداق خۇش خەۋەر، ئاۋال دىسىلە، سۆيۈنچە سىلىدىن ئايلانسۇن، دىدى

    ۋە ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلاپ قويۇپلا ئىتتىك بالىخانىغا چىقىپ مارىلىدى. ئۇ دادىسىنىڭ پېشىن نامىزىغا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردىدە، دەرهال ئارقىسىغا قايتتى. « خۇش خەۋەر« نى ئاڭلاش تەقەززالىقىدا بالىخانا پەلەمپەيلىرىدىن يىقىلىپ چۈشۈشكە تاس- تاماس قالدى.

    -دادام نامازدا ئىكەن، ئانا، ئاڭغىچە ئىككىمىز سۆزلىشىپ تۇرايلى، قېنى دىسىلە قانداق خۇش خەۋەر؟

    -ياق، ياق، ئاسانلىقچە دىمەيمەن، ئاۋال سۆيۈنچىسىنى دىسىلە قىزىم؟

    -ماقۇل ئانا، سىلە نېمە دىسىلە شۇ.

    ئايال بۇ يىتىم قىزنى بۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئىنتىزار قىلماسلىقنى ئويلىدىدە، خۇش خەۋەرىنى يەتكۈزدى.

    ئىرپان بۇ ئۆيگە 200 كوي چە نەق پۇل، چولپانغا « مەخسۇس خەت» ئەۋەتكەن ئىدى. چولپان خۇشاللىقىدا قىنقىنىغا پاتماي قالدى. بولۇپمۇ خەت ئىچىدىكى سۆيگۈ قوشاقلىرىنى ئۇقۇغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەلبىدە ئۈمىد شاملىرى يانغان ئىدى :

    يازدىم بۇ سالىمىمنى،

    شەيدۇللا دېگەن تاغدىن

    كۈن-تۈن كۆيى مەن ئوتتا،

    ئاشۇ ئايرىلغان چاغدىن.

    ئاسمانغا قاراپ ئاخشام،

    چولپان ئىزلىدىم تاڭدا.

    بىلمەي يۈرىكىم قاپتۇ،

    ساماۋەردىكى داڭدا.

    ئاهۇنىڭ كۆزى ئويناق،

    سىزنىڭ كۆزىڭىز شۇنچە ؛

    قانداق تۈگىگەي كۈنلەر،

    بىز قايتىپ كۆرۈشكىچه.

    چولپان هارارەتلىك هاياجان هوزۇرىدا قوشاقنى ئوقۇپ تۈگەتتىدە، ئۇنى ئېلىپ كەلگۈچىنى چىڭ قوچاقلاپ پىشانىسىگە قايتا-قايتا سۆيۈپ كەتتى ۋە چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق ئىزهارلىدى :

    -رەهمەت ئانا، سىلى بىزگە ئۈمىد چىرىقى يەتكۈزۈپ كەلدىلە، دىلى سۇنۇق، روهى پەرىشان دادامنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خۇش خەۋەرنى ئۆز ئېغىزلىرى بىلەن ئېيتسىلا...

    چولپان ئايالنى باشلاپ بالىخانىغا چىققاندا شەمشىدىن نامىزىنى تۈگىتىپ، يەنە شۇ روجىكى تۈۋىدە دۈگدىيىپ ئولتۇراتتى. سالامدىن كېيىن ئايال ئىرپاننىڭ خەت خالتىسىنى ئىككى قوللاپ سۇندى.

    هايالىق چولپان بولسا، بۇ چاغدا بىر باهانە بىلەن ئىشىكنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئاستا مارىلاپ دادىسىنىڭ هالىتىنى كۈزەتمەكتە ئىدى. ئايال بولسا كارىۋاتتا ياتقان پەخرىدىننىڭ ئۇستىخىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىدى.

    شەمشىدىن ۋاپادار ئوقۇغۇچىسى ئىرپاننىڭ خېتىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇزۇن دۇئا قىلدى ۋە بىردىنلا تېتىكلىشىپ كەتتى. بۇ نىجاتلىق خەۋەرنى يەتكۈزۈپ كەلگەن كىشىگىمۇ چىن قەلبىدىن چەكسىز ھەشقاللارەهمەت ئېيتتى. ئارقىدىن :

    ئاقىللاردىن هۆرمەت يانار، نادانلاردىن كۈلپەت يانار دېگەن ئۇلۇغلارنىڭ سۆزى بەرھەق راست ئىكەن. مەنسەپ گۆرگە يېقىن، مەرىپەت گۈلگە دېگەن دانىشمەنلەرنىڭ سۆزىمۇ بەرھەق ئىكەن. ئىلاهىم ئىرپاننىڭ بېشىنى ئامان، مۈشكۈلىنى ئاسان قىلسۇن، دېدى هاياجانلىنىپ. شەمشىدىننىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشىغا چولپانمۇ هېچنىمىنى بىلمىگەن قىياپەتتە كىرىپ كەلدى.

    ئىرپان ئاكاڭ پۇل ئەۋەتىپتۇ، قىزىمدېدى ئاتا پۇلنى سۇنۇپ.

    چولپان هۆپپىدە قىزاردى .

    2

    چولپاننىڭ قولى ئەپچىل بولۇپ، تۇرمۇشىنى تىجەشلىك بىلەن باشقۇراتتى«بار دەپ تۆكمەيتتى، يوق سەپ كۆپمەيتتى.

     ئىرپاننىڭ «شەيدۇللا» دىن ئەۋەتكەن خالىسانە ياردىمىمۇ ئۇلارنىڭ يوقسىزلىق يۈكىنى خېلى دەرىجىدە يەڭگىللەشتۈرگەن ئىدى.

    شەمشىدىن بولسا ئۆز ئىتىقادى بويىچە « قانائەتنىڭ ئاستى ئالتۇن» دەپ، بارنى ئايىماي، يوققا كايىماي كۈن ئۆتكۈزەتتى.

    بىراق «يېتىپ يېيىشكە تاغ توشىماپتۇ» دېگەندەك ئىرپاندىن كەلگەن خېمىرتۇرۇچمۇ سوزۇلغان قىشنىڭ سەرپىياتىغا سەرمايە بولالمايتتى. باش باهار كەلگەن بولسىمۇ جانغا تېگىدىغان سوغاق شامال كۈندە دىگۈدەك كۆڭۈلنى بىزار قىلاتتى.

    ساماۋەرنى هېلىغىچە يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلمەيۋاتقان شەمشىدىن هامان ئىچى تىت-تىت بولۇپ يۈرەتتى.

    «قەشقەرنىڭ قىشى ئاز، سوغىقى ئەتى ياز» دىگەن راستدە، مانا قارىمامدىغان جۇدۇننى؛ يە  قول ئىشقا بارمايدۇ، دەيتتى ئۇ ۋە پات-پاتلا مۇشۇ سۆزنى تەكرارلايتتى.

    ئالتۇن قەرزنىڭ قىستىشى ئۇنىڭ بېشىنى خۇددى تۈگمەن تېشىدەك بېسىپ، يۈرىكىنى ئەزمەكتە ئىدى. ئۇ، ۋاقىتتىن بۇرۇن هالىدىن كېتىپ، يۈزلىرىگە قاتمۇ-قات قورۇق چۈشۈپ، تېنى بوشاشماقتا ئىدى.

    بىر كۈنى، ئۇ ھەسرەت ئىچىدە مۇڭلىنىپ يالغۇز ئولتۇرغان چاغدا، توساتتىنلا كارۋان بېشى نەسىرىدىن هېلىقى سەللالىق ساقالنى باشلاپ كىرىپ كەلدى.

    ئۇلار، سالامدىن سۈڭرە، بارغان پېتى تۆردىن ئورۇن ئېلىپ هاكاۋۇرلارچە ئو لتۇردى. نەسىرىدىن بۈگۈن بېشىغا سۆلەتلىك تۈلكە تۇماق، ئۇچىسىغا ئۇزۇن تېرىكە چاپان، پۇتىغا خۇرۇم ئۆتۈك كىيىپ، چاپىنىنىڭ ئۈستىدىن گۈل بىلەن كەشتىلەنگەن ئەنجانچە چىكەن رومال باغىۋالغان ئىدى. رومالنىڭ ئارقا تەرەپتىكى ئىككى ساغرىسىغىچە بېسىپ تۇراتتى. شەمشىدىننىڭ كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ، ئەزايىنى غۇژژىدە تىترەك باستىدە، پەگادا ئۈن چىقارماي قېتىپلا قالدى.

    -پېقىر تىجارەت بىلەن يىراق سەپەردىن يېقىندىلا كېلىشىم، كەلسەم قەدىناس خوتۇنۇم قازا قىلىپ ئۇ دۇنياغا كېتىپتۇ-.....دىدى نەسىرىدىن سۆز باشلاپ.

    نەسىرىدىننىڭ سۆزى ئاياقلاشماستىنلا موللا سۆز قىستۇردى :

    -ئەلھۆكمىللا، شۇنداق بولدى، ئادەمنىڭ جېنى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىغىدىلا. بىر تىنىقتىن قالدۇقمۇ، تۈگىگىنىمىز شۇ « جان بار يەردە قازا بار» ئەمەسمۇ؟

    -ھە.....هىم....هېلىقى هىندى سودىگەرلىرى ئالتۇن قەرزىمىزنى كۈندە دىگۈدەك سۈيلەپ جېنىمغا تېگىۋاتىدۇ. شۇنى بوينىمىزدىن ساقىت قىلىۋەتمىسەك بولماسمىكىن، تەقسىردىدى كارۋان بېشى نەشتەر تىلى بىلەن.

    شەمشىدىن مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ دەيتتى :

    -هازىر مېنىڭ تۇرغان تۇرقۇم مۇشۇ، مېنىڭ قەرىز تۆلىگۈچىلىكىم يوق، تەقسىر.

    نەسىرىدىن ئارقىسىغا بىر غادىيۋېلىپ، تەكەببۇرانە تەلەپپۇزدا دىدى

    -«بېرىپ يامان بولغىچە، بەرمەي يامان بول» دېگەن راست ئىكەندە، تەقسىر «نىسى بەرگەننىڭ هالى خاراپ، قالۇر دەپتىرىگە قاراپ »بولىدىكەنمەن دە !

    ئارقىدىنلا موللام خۇشامەت بىلەن سۆز قىستۇرۇپ :

    نەسىرىدىن باي توغرا ئېيتىدۇ، تەقسىر « ئېلىشتا هايهاي، بېرىشتە ۋاي-ۋاي» دېسەك بولمايدۇدە-! دىدى.

    بۇ سۆزلەرنى شەمشىدىن ئىرەنسىز ئۆتكۈزۈۋەتتى. بىراق، نەسىرىدىننىڭ قورسىقىدا يەنە باشقىچە جىن بارلىقىنى ئۇ تېخى بىلمەيتتى. نەسىرىدىننىڭ ئۆزىمۇ هازىرچە بۇنى ئېغىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالمىدىدە، ئاخىرىدا :

    -بولىدۇ،  تەقسىر، بىز بۈگۈنچە يېنىپ تۇرايلى، لېكىن « ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، چىقماقنىڭ چۈشمىكى دىدى دە، ئۇزاپ مېڭىشتى.

     


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.