خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 12

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-09 13:58:57

ئىككى مەنبەچىلىك قارىشىدىكى روھ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟«ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان دىنىي ئەقىدە» مۇنداق قارايدۇ: ئادەم ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل نەرسىدىن تەشكىل تاپقان، ئۇ تەن ۋە جان، ...



     

    ئىككى مەنبەچىلىك قارىشىدىكى روھ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

    «ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان دىنىي ئەقىدە» مۇنداق قارايدۇ: ئادەم ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل نەرسىدىن تەشكىل تاپقان، ئۇ تەن ۋە جان، يەنى وھتىن ئىبارەت. تەن بولسا روھنىڭ خوجايىنى ياكى قامچىسى، ھەتتا روھنىڭ تۈرمىسى، روھ پەقەت ئالغا باشقان ياكى ئۆلگەندىلا ئاندىن بۇ تۈرمىدىن قېچىپ چىقالايدۇ. روھنى چوڭ مېڭىدىن پايدىلىنىپ (تەندىكى سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىق) دۇنياغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدۇ ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ. روھ يانا چوڭ مېڭىدىن بىرخىل ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، مۇشۇبابنىڭ بېشىدا سۆزلەپ ئۆتكەن شەكىل ئارقىلىق دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆز ئۈمىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەمما روھ (ياكى جان) چوڭ مېڭە ياكى تەننىڭ باشقا ھەرقانداق يېرىدە تۇرمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ بوشلۇقنىڭ ھەرقانداق يېرىدە تۇرمايدۇ.

    مۇشۇنداق كۆرۈنۈش بويىچە قارىغاندا، روھنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىددىلىكى شۇڭى، ئۇ بىرخىل شەيئى، تېخىمۇ كونكرېت ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ئەمەلىي گەۋدىدىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ بىرخىل ماددىي ئەمەلىي گەۋدە ئەمەس، بەلكى بىر خىل سىرلىق، كۆرگىلى ھەم تۇتقىلى بولمايدىغان، ئېفىر ( دەسلەپكى مەزگىللەردە ئالىملار يورۇقلۇقنى تارقىتىدۇ دەپ قىياس قىلغان بىرخىل ۋاستىچى ماددا. كېيىن نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئالىملار بۇ ئۇقۇمنى قوللىنىشتىن ۋاز كەچتى. ــ تەرجىماندىن) غا ئوخشاش ئەمەلىي گەۋدە، ئىدىيە ۋە خىيالنى تەشكىل قىلىدىغان ماتېرىيال بولۇپ، ئادەتتىكى قوپال ماددىلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. دېكارتنىڭ تەن ۋە روھ توغرىسىدىكى قارىشى خرىست تەرىپىدىن مۇنداق خۇلاسىلەنگەن:

    دېكارتنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى مۇنداق، ئالدى بىلەن، ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان ماۋجۇت، ياكى چىنلىق مەۋجۇت. ئۇنىڭ بىرى روھ، يەنە بىرى ماددا. روھ ياكى روھىي مەۋجۇدىيەتنى سەزگۈ ئەزالار سېزەلمەيدۇ. ئۇ بوشلۇقتىمۇ كەڭلىككە ئىگە ئەمەس. روھ ئەقىللىق، مەقسەتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ئىدىيە ياكى ئاڭدىن ئىبارەت.

    رېلى بولسا مۇنداق دەيدۇ:

    گەرچە ئادەمنىڭ تېنىنى بىر ماشىنا دېسەكمۇ، لېكىن ئۇ بىر ئادەتتىكى ماشىنا ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدىغىنى بىر خىل ناھايىتى ئالاھىدە ماشىنىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنى كۆرگىلى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ، ئېغىرلىقىمۇ يوق. ئۇنى چۇۋۇغىلى بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئىنژېنېرلارمۇ ئۇنىڭ ھەرىكەتلىنىش پرىنسىپىنى بىلمەيدۇ.

    روھنىڭ غەيرىي ماددا ئىكەنلىكىگە ئىگە بلۇشنىڭ مۇنداق ئىككى سەۋەبى بار. بىرىنچى، بىز روھنىڭ ماددىي مەۋجۇتلۇقىنى ھەرقانداق بىۋاستە ئۇسۇل بىلەن كۆرەلمەيمىز ياكى كۆزىتەلمەيمىز، مېڭە ئرپېراتسىيىسىدىمۇ روھنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئىككىنچى، ماددىي دۇنيا جەزمەن فىزىكىلىق قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى لازىم، ھالبۇكى، فىزىكىلىق قانۇنلار ماكرو قاتلامدىن ئېيتقاندا مېخانىكىلىق، ئېنىق بەلگىلەنگەن بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن روھنىڭ ئەركىن ئىرادە دېگەن بۇ خىل تۈپ خۇسۇسىيىتى بىلەن سىغىشالمايدۇ (بۇنداق خۇلاسە چىقىرىش خاتا، بىز مۇۋاپىق چاغدا بۇ نۇقتىنى ئىزاھلاپ ئۆتىمىز). لېكىن بۇ قاراشلار بىزگە روھنىڭ نېمە نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەستىن، بەلكى بىزگە روھنىڭ نېمە ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن، كۆڭلىمىزدە گۇمان پەيدا بولۇپ، جان ياكى روھنى بىرخىل شەيئى دەپ قاراشنىڭ ھېچقانداقئاساسى يوق بولسا كېرەك دەپ ھېس قىلىمىز. روھنىڭ ئادەمگە بىرخىل خىيالىي تەسىر بېرىشى، بىرخىل ئەمەلىي مەۋجۇت نەرسىدەك كۆرۈنۈشىدىكى سەۋەب، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بىر قانچە ئەھمىيەتسىز نامغا ئىگە بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت. روھ مېخانىكىلىق ئەمەس دېيىلگەن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «غەيرىي مېخانىكىلىق» دېيىلىدۇ، گويا بۇ سۈپەت سۆزى بىز ئۈچۈن بىرەر ئەھمىيەتكە ئىگىدەك، رىلېنىڭ سۆزىدە دەل مۇنداق دېيىلگەن: «روھ سائەت قۇرۇلمىسى ئەمەس، بەلكى غەيرىي سائەت قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت.»

    روھنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەسۋىرلەش قىيىن، ئوخشاشلا، روھنىڭ نەدىلىكىنى تېپىشمۇ ناھايىتى تەس. ئەگەر روھنى بوشلۇقتىن تاپقىلى بولمىسا، ئۇنى نەگە بېرىپ ئىزدەش كېرەك (بىراق، ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، دېكارت، چوڭ مېڭىدىكى چىغوزا تەنچىسى روھ تۇرۇشلۇق جاي ياكى ھېچبولمىغاندا ئۇ بىرخىل تۈزۈلۈش بولۇپ، روھ بىلەن چوڭ مېڭىنى بايقاش تەس بىرخىل باغلىنىش بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، دەپ قارىغان)؟ يېڭى فىزىكا ئۆزىنىڭ بوشلۇقىنىڭ ئېگىلىشى ھەمدە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم توغرىسىدىكى ئاجايىپ ئۇقۇملىرىنى قوللىنىپ، روھنىڭ قەيەردىلىكىنى تېپىپ چىقالامدۇ-يوق؟

    بىز فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى بىر پارچە تۆت ئۆلچەملىك نېپىز پارچە دەپ قارايدىغانلىقىنى (ھاۋا شارى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ)، ئۇلار يەنە باشقا پارچىلەر بولۇشى، بۇ پارچىلار ۋاقىت- بوشلۇق پارچىسى بىلەن تۇتاش ئەمەس بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتكەنىدۇق. روھ مەلۇم بىر باشقا ئالەمدە تۇرامدىغاندۇ؟ ۋاقىت-بوشلۇقنى خۇددى ئىككى ئۆلچەملىك يۈز ياكى نېپىز پارچىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق ئىچىدە تۇرغىنىغا ئوخشاش، يەنە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك بوشلۇق ئىچىدە تۇرۇشى مۇمكىن، دەپ قاراشقا بولىدۇ، روھ بۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ مەلۇم بى ريېرىدە تۇرىدىغان، بەلكى بۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك بوشلۇق گېئومېتىرىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بى زتۇرۇۋاتقان تەبىئىي ۋاقىت-بوشلۇققا يېقىن، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچىدە ئەمەسمىدۇ؟ روھ بۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئكلچەملىك پايدىلىق ئۇرۇندىن ئاتلىنىپ، ۋاقىت-بوشلۇققا تەۋە بولمىغان ئەھۋالدا، ۋاقىت-بوشلۇقتىكى مەلۇم ئادەمنىڭ تېنىگە يېپىشىۋالامدىغاندۇ؟

    تەندىن ئايرىلغان روھ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ ئىشىنىدىغانلار يەنە بىر تېخىمۇ مۇرەككەپ مەسىلىگە ــ ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگگ دۇچ كېلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر ئادەم پانىي ئالەمدە ھايات ياشاۋاتقاندا، ئۇنىڭ روھىي بىرخىل تۇرىدىغان جايغا ئىگە بولىدىكەن، ئەمماروھ جەننەتكە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇرىدىغان جايى پانىي ئالەمدىكى تۇرىدىغان جايىغا ئوخشاش بولمايدىكەن. بۇ خىل قاراشقا ئىشىنىدىغانلارنىڭ يەنە بار بولۇشىدىكى سەۋەب، كىشىلەرنىڭ روھىنىڭ بىرەر تۇرىدىغان ئورنى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىدىن ئىبارەت. روس بىر ئورۇننى ئىگىلەپ تۇرىدۇ دېگەنلىك، ئۇ مالۇم بوشلۇق ئىچىدە مەۋجۇت بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. ئۇ بوشلۇقنى بىز ئادەتتە سېزەلىشىمىز مۇمكىن ياكى سېزەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بولىدىغان بولسا، كىشىلەر بىر قاتار سۇئاللارنى سورىشى مۇمكىن: روھ قانچىلىك چوڭلۇقتا؟ ئۇنىڭ شەكلى قانداق؟ ئۇ قەيەردە؟ ئۇ قانداق ھەرىكەت قىلىدۇ؟ ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى روھتىن ئىبارەت بۇ ئىدىيىدىن تەشكىل تاپقان غەيرىي ماددىي نەرسىگە پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدۇ.

    (قىسقارتىلدى)

    ۋاقىت ھەققىدە گەپ قىلساق، مەسىلە تېخىمۇ كۆپ، روھ بوشلۇق ئىچىدە ئەمەس ئىكەن، لېكىن ئۇ ۋاقىت ئىچىدە بولامدۇ؟ بەلكىم شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر روھ بىزنىڭ سەزگۈمىزنىڭ مەنبەسى بولسا، ئۇنداقتا، بىزنىڭ ۋاقىت-بوشلۇققا نىسبەتەن سېزىمىمىزمۇ جەزمەن ئۇنىڭ ئىچىدە بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسانلارنىڭ پەرق ئېتىشكە بولىدىغان نۇرغۇن روھىي پائالىيەت جەريانلىرى ئېنىق ھالدا ۋاقىتقا بېقىنىدۇ. مەسىلەن: پىلان تۈزۈش، ئۈمىد قىلىش، پۇشايمان قىلىش، ئارزۇ قىلىش ۋە ھاكازالار.

    ئەگەر روھ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئەمەس دېيىلسە، ئېىغر لوگىكىلىق مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر روھ ئىلگىرى-كېيىنلىك مۇناسىۋەتتىن ھالقىپ ئۆتەلىسە، بىز روھنىڭ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنكى مەۋجۇتلۇقىغا يەنە نېمە مەنە بېرەلەيمىز؟ تەن دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرى، روھنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ «كاتولىك دىنى قامۇسى»دا بۇ مەسىلە مۇنداق بىر تەرەپ قىلىنغان.

    خۇدانىڭ ھەرقانداق تەنگە مەنسۇپ بولمىغان زور تۈركۈمدىكى جانلارنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق. جان پەقەت خۇدا تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمىسىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئاندىن تەنگە ،ەنسۇپ بولىدۇ. .... جاننى خۇدا ياراتقان، ئۇ ماددىغا كىرگۈزۈلىدىغان چاغدا يارىتىلغان.

    بۇنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئېنىق. جان بەزىدە (تەن دۇنياغا كېلىشتىن ئىلگىرى) مەۋجۇت بولمايدۇ. بۇنداق قاراش ئېنىقكى، روھ ۋاقىتتىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ دەيدىغان قاراش توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.

    مەڭگۈلۈك ھايات توغرىسىدىكى بارلىق مۇھاكىمىلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋاقىتتىن ئىبارەت بىر ئاساسىي قىيىن مەسىلە سىڭگەن. بىر تەرەپتىن، كىشىلەر پانىي ئالەمدىكى ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ يەنە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىنى، پەقەت توڭلىتىپ قويۇلغان، ۋاقىتسىز مەۋجۇتلۇق شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەلۇم ھەرىكەتلەرنىمۇ قىلالىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەيسا پەيغەمبەر «مەڭگۈلۈك ھاياتلىق» ھەققىدە توختالغان، ئۇنىڭ سى=ۆزى ۋاقىت مەڭگۈ ئاخىرلاشماسلىق مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

    يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنداق ئۇقۇم بىزنىڭ ماددىي دۇنياغا نىسبەتەن ۋاقىت سېزىمىمىز بىلەن زىچ باغلانغان. شۇ سەۋەبتىن ماددا ۋە روھ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان دۇنياغا مەنسۇپ دىيدىغان قاراشقا ئانچە ماس كەلمەيدي. ئەگەر بەزىلەر، ئەمەلىيەتتە ۋاقىت ئاخىرلىشىشى مۇمكىن (ئون بەشىنچى بابتا بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىمىز)، قانداقتۇر «مەڭگۈلۈك» نىڭ بولۇشى زادى مۇمكىن بولمىسا كېرەك دەپ قارىسا، ئۇ ھالدا مەسىلە تېخىمۇ ئاۋارىچىلىك بولىدۇ.

    بىز بۇ يەردە ئېيتىۋاتقان بۇ قاراشلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان باشقا قاراشلار نۇرغۇن كىشىلەرگە جان (ياكى روھ) ۋە روھ ئۆلمەيدۇ دېگەن ئۇقۇم، ياخشى تەرەپكە ئويلىسا خاتا ئىكەن، يامان تەرەپكە ئويلىسا باش-ئاخىرى قارىمۇ-قارشى ئىكەن، دېگەن تۇيغۇ بېرىدۇ.

    پەيلاسوپلار ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىر قانچە خىل شەكلىنى مۇھاكىمە  قىلدى. بىر چېكىدىن ئاشقان ماتېرىيالىزم  بولۇپ، ئۇ روھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. ماتېرىيالىزمچىلار، روھنىڭ ھالىتى ۋە رولى باشقا .ەمەس، دەل ماددىنىڭ ھالىتى ۋە رولىدۇر دەپ قارايدۇ. پىسخولوگىيە ساھەسىدە، ماتېرىيالىزم ئاتالمىش بىخېۋىئورىزم (ئاڭ ھادىسىلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە ئىنساننىڭ خۇلق-مىجەزىنى تامامەن فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە تاقايدىغان بىرخىل نەزەرىيە ــ تەرجىماندىن) غا ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئۇ بارلىق ئادەم نوقۇل مېخانىكىلىق شەكىلدە سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دەيدۇ. يەنە بىر قۇتۇپ ئىدېئالىزملىق پەلسەپە بولۇپ، ئۇ ماددىي دۇنيا مەۋجۇت ئەمەس، بارلىق نەرسە سەزگۈدىن ئىبارەت، دەپ قارايدۇ.

    مېنىڭچە، ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيىسىنىڭ خاتالىقى ئۇنىڭ بىرخىل ئەمەلىي گەۋدىدە (روھ)تىن پايدىلىنىپ بىر خىل ئوبېكتنى ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە بىرخىل ئابىستراكىت ئۇقۇمنى چۈشەندۈرمەكچى بولغانلىقىدا. ئىلىم-پەن تارىخى ۋە پەلسەپە تارىخخدا، كىشىلەر ئىزچىل تۈردە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا ئابستراكت ئۇقۇملارنى شەيئى ھالىتىگە قايتۇرۇشقا ئامراقلىق قىلىپ كەلگەن، مەسىلەن: كۆيۈش ئېلېمېنتى تەلىماتى، ئىسسىقلىق ئېقىش نەزەرىيىسى، يورۇقلۇقنى تارقاتقۇچى ۋاستىچى ئېفىر ھەمدە ھاياتىي كۈچ نەزەرىيىسى قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشىنىشكە بولمايدىغان ئۇقۇملار ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. بۇ ئۇقۇملارغا ئالاقىدار ھادىسىلەرنى ئابستراكت نەرسىلەر، مەسىلەن: ئېنېرگىيە ياكى مەيداندىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرۈش زۆرۈر.

    (قىسقارتىلدى)

    بىر خىل مەنتىقە بويىچە ئېيتقاندا، روھ مەۋجۇت؛ يەنە بىر خىل مەنتىقە بويىچە ئېيتقاندا، تەن مەۋجۇت؛ بۇ ئىككى خىل قاراش تامامەن توغرا. لېكىن، بۇ ئىككى خىل قاراش ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مەۋجۇدىيەتنى كۆرسەتمەيدۇ.

    «تاش مەۋجۇت» دېيىش بىلەن «چارشەنبە مەۋجۇت» دېيىش ئوخشاشلا توغرا. لېكىن تاش بىلەن چارشەنبىنى قاتار تىزىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. بىز ئالدىنقى بابتا، روھ بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتى چۆمۈلىلەر توپى بىلەن ئايرىم بىر دانە چۆمۈلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ياكى بىر روماننىڭ تەپسىلاتى بىلەن ھەرپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. روھ بىلەن تەن بىر ئىككى مەنبەچىلىك شەيئىنىڭ ئىككى بۆلىكى ئەمەس، بەلكى دەرىجە ئايرىپ تەسۋىرلەشتىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى قاتلامدىكى ئوخشاش بولمىغان ئۇقۇمدىن ئىبارەت.

    (داۋامى بار)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا يېڭى فىزىكا _