سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى(5- كۈچ-قۇۋۋەت)

يوللىغۇچى : elqem يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-23 00:30:30

سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى(5- كۈچ-قۇۋۋەت) سۈنزى ئېيتىدۇلەركى،چوڭ قوشۇننى خۇددى كىچىك قوشۇننى باشقۇرغانغا ئوخشاش باشقۇرۇش-قوشۇننىڭ تەشكىلى شىتاتىغا تەئەللۇق مەسىلە؛ چوڭ قوشۇنغا خۇددى كىچىك قوشۇنغا...

    سۈنزىنىڭ  ئۇرۇش سەنئىتى

    (5- كۈچ-قۇۋۋەت)

     

       سۈنزى  ئېيتىدۇلەركى،چوڭ قوشۇننى خۇددى كىچىك قوشۇننى باشقۇرغانغا ئوخشاش باشقۇرۇش-قوشۇننىڭ تەشكىلى شىتاتىغا تەئەللۇق مەسىلە؛ چوڭ قوشۇنغا خۇددى كىچىك قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغاندەك قوماندانلىق قىلىش-قوماندانلىق بۇيرىقىغا تەئەللۇق مەسىلە؛ پۈتۈن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ،ئۇنى دۈشمەننىڭ ھۇجىمىغا ئۇچرىغان ھالەتتىمۇ مەغلۇب بولمايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش-《ئۇدۇل ياكى جانلىق جەڭ قىلىش》 تاكتىكىسىنى تەتبىق قىلشقا تەئەللۇق مەسىلە؛ قوشۇننىڭ دۈشمەنگە خۇددى تاشنى تۇخۇمغا ئۇرغانغا ئوخشاش زەربە بېرىشى -《كۈچلۈكتىن ئۆىنى قاچۇرۇپ، ئاجىزغا زوربە بېرىش》 تاكتىكىسىدىن توغرا پايدىلىنىشقا تەئەللۇق مەسىلە.

       ئادەتتىكى ئۇرۇش دۈشمەننى ئۇدۇل قارىتىلغان قوشۇن بىلەن توسۇش،جانلىق قوشۇن بىلەن غەلىبە قازىنىش تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، ئۇستىلىق بىلەن غەلبە قازىنىشقا ماھىر سەركەردىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى خۇددى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ھەركىتىدەك چەكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، خۇددى دەريا-ئېقىنلارنىڭ ئېقىشىدەك مەڭگۈ پۈتمەيدۇ. تامانلىنىشنى ۋە قايتا باشلىنىشى خۇددى ئاي بىلەن كۇننىڭ ئايلىنىشىغا ئوخشايدۇ؛ غايىپ بولىشى ۋە قايتا پەيدا بولىشى خۇددى تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشىغا ئوخشايدۇ. مۇزىكىنىڭ ئاھاڭى بەش گاممادىن ئاشمايدۇ، ئەمما بەش گاممانىڭ ئۆزگەرگەن ئاھاڭلىرىنى ئاڭلاپ تۆگەتكىلى بولمايدۇ؛ رەڭنىڭ تۈرى بەش خىل تۈستىن ئاشمايدۇ، ئەمما بەش خىل رەڭنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرىنى كۆرۇپ تۇگەتكىلى بولمايدۇ؛ لەززەت بەش خىل تەمدىن ئاشمايدۇ، ئەمما بەش خىل تەمنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرىنى تېتىپ تۇگەتكىلى بولمايدۇ؛ ئۇرۇش تاكتىكىسى 《جانلىق》 ۋە 《ئۇدۇل》 جەڭ قىلىشتىن نېرى بارمايدۇ، 《جانلىق 》 ۋە 《ئۇدۇل》 جەڭ قىلىش تاكتىكىسىنىڭ ئۆزگىرىشى چەكسىز بولىدۇ.《جانلىق》 جەڭ قىلىش بىلەن 《ئۇدۇل》 جەڭ قىلىش تاكتىكىسىنىڭ بىر-بىرىگە ئايلىنىشى خۇددى بىر-بىرىگە چەمبەرچەس قىلىپ چېتىلغان قىلىپ چېتىلغان باش-ئايىغى يوق ھالقىغا ئوخشايدۇ، كىممۇ ئۇنىڭ چېكىگە يېتەلىسۇن؟

       ئۇلۇغ سۇ شۇنداق تېز ئاقىدۇكى، تاشلارنىمۇ ئېقىتىپ كېتىدۇ، تېز ئېقىننىڭ 《قۇدرىتى》ئەنە شۇ، بۈركۈت شۇنداق تېز ئېتىلىدۇكى، ئۇچار قوشلارنى قامانلىپ ھالاك قىلىدۇ، قىسقا ھەم 《تېز》 زەربە دېگەن ئەنە شۇ. دېمەك ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش يولىنى بىلىدىغان كىشى ھاسىل قىلغان قۇدرەت شىددەتلىك بولىدۇ، ئۇ بەرگەن زەربە قىسقا بولىدۇ. شىددەتلىك  قۇدرەت خۇددى كىرىچى چىڭ تارتىلغان كامانغا ، قىسقا زەربە خۇددى ئېتىلغان كامان ئوقىغا ئوخشايدۇ.

       توغ-ئەلەملەر لەپىلدەۋاتقان، ئەسكەرلەر ھەرخىل ھەرىكەت قىلىۋاتقان جەڭ مەيدانىدا دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ ئۆلتۈرۈشكەندە، سەپ قالايمىقانلىشىدۇ، ئۆز قوشۇنۇڭنى قالايمىقانلىشىپ كېتىشتىن ساقلىشىڭ لازىم؛ ئارىلاش-قۇرىلاش بولۇپ كەتكەن تەرتىپسىز شارائىتتا جەڭ قىلغاندا قوشۇننى ئورۇنلاشتۇرۇش پۇختا بولسا، يېڭىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپتىكى قوشۇننىڭ قالايمىقانچىلىقىنى ئۇ تەرەپتىكى قوشۇننىڭ شىددەتلىك ھەرىكىتى تۇغدىرىدۇ، بۇ تەرەپتىكى قوشۇننىڭ بوشلىقىنى ئۇ تەرەپتىكى قوشۇننىڭ جەسۇرلۇقى توغدۇرىدۇ، بۇ تەرەپتىكى قوشۇننىڭ ئاجىزلىقىنى ئۇ تەرەپتىكى قوشۇننىڭ كۈچلۈكلۈكى تۇغدۇرىدۇ. رەتلىك ۋە قالايمىقانچىلىق تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا باغلىق؛ كۈچلۈكلۈك ۋە ئاجىزلىق قۇدرەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دۈشمەننى قوزغىتىشقا ماھىر سەركەردە دۈشمەننى يالغان قىياپەت بىلەن ئازدۇرسا، دۈشمەن ئۇ كۆرسەتكەن ئىز بىلەن ماڭىدۇ؛ دۈشمەننى ئاز-پاز نەپكە قىززىقتۇرسا، دۈشمەن ئۇنى ئېلىشقا كېلىدۇ. دۈشمەننى مۇشۇ يول بىلەن قوزغىتىش ۋە ئۇنىڭغا يىرىك ئەسكىرىي كۈچىنىڭ بۆكتۈرمىسى ئارقىلىق زەربە بېرىش كېرەك.

       ئۇرۇش قىلىش يولىنى ئوبدان بىلىدىغانلار ھەرباب بىلەن پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىدۇكى،قول ئاستىدىكىلەرگە قاتتىق جاۋابكارلىق ئارتمايدۇ، ئۇ ئادەم كۈچى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، پايدىلىق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىدۇ ۋە پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىدۇ. پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىش يولىنى بىلدىغان سەركەردىنىڭ قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ ئۇرۇش قىلىشى بەئەينى ياغاچ ۋە تاشنى دوملىتىشقا ئوخشايدۇ. ياغاچ ۋە تاشنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئۇنى تۈپتۈز يەرگە قويساڭ جىم تۇرىدۇ، يانتۇ ۋە قىيپاش يەرگە قويساڭ دۇمىلايدۇ. دېمەك، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلى يولىنى بىلىدىغانلار ياراتقان پايدىلىق ۋەزىيەت خۇددى يۇمىلاق تاشنى ئاسمان پەلەك تاغ ئۈستىدىن پەسكە دۇملىتىشقا ئوخشايدۇ. 《كۈچ-قۇۋۋەت》 دېگەن ئەنە شۇ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.