تەۋارىخى مۇسىقىيۇن-كىرىش سۆز(4)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-17 01:19:29

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى4«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دىكى بەزى ماتىرياللار ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىك...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى

     

    4


    «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دىكى بەزى ماتىرياللار ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى – ئون ئىككى مۇقامنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بەزى مەسىلىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋەلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.


    «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»نى ئوقۇغاندا مۆجىزىنىڭ “مۇقام” سۆزى ئۈستىدىكى چۈشەنچىسى بىزنىڭ دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغايدۇ.


    مۆجىزى ئۆز ئەسىرىدە «راك»، «ئوشاق»، «ئۆزھال»، «چۆل ئىراق»، «ئەجەم»، «ناۋا»، «ۋىسال»، «چاھار زەرپ»، «چاھارگاھ»، «دۇگاھ»، «پەنجىگاھ»، «مۇشاۋرەك»، «بەيادەك»، «سىگاھ»، «بايات»، «ئىشرەت ئەنگىز»دىن ئىبارەت 16 مۇقامنى تىلغا ئالىدۇ. لېكىن ئۇ ھازىرقى «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ ناملىرىنى ئاساسەن ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ناملارنى يۈرۈشلەشتۈرگەن، “چوڭ نەغمە”، “داستان” ۋە “مەشرەپ”تىن ئىبارەت 3 قىسىمغا بۆلۈنۈپ، ھەربىر قىسمى بىرقانچىلىغان نەغمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا مەنىسىدە ئەمەس، بەلكى ئېشىپ كەتسە بىرنەچچە مەرغۇلى بولغان بىر يەككە نەغمە مەنىسىدە تىلغا ئالىدۇ. مەسىلەن، ئۇ فارابى ئۈستىدە توختالغىنىدا ئۇنىڭ «راك»، «ئوشاق» ۋە «ئوشاق»نىڭ مەرغۇلىنى ئىجات قىلغانلىغىنى، «ئۆزھال» مۇقامىنى بىرىنچى، ئىككىنچى،ئۈچىنچى مەرغلىغىچە ئىجات قىلغانلىقىنى يازىدۇ؛ مۇھەممەت كۈچتىنگىر ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ «چارىگاھ» مۇقامىنى ئىجات قىلىپ، ئۇنىڭغا مەۋلانە تۇتىنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقىنى، «دۇگاھ» مۇقامىنى ئىجات قىلىپ، ئۇنىڭغا مىرخىسروۋ دېھلىۋىنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقىنى، «پەنجىگاھ» مۇقامىنى ئىجات قىلىپ، ئۇنىڭغا مەۋلانە كاتىبنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقىنى يازىدۇ. مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە توختالغىنىدىمۇ، ئۇنىڭ يولۇچى سۈپىتىدە ئۆيىگە كىرگەن سۇلتان ئابدۇرېشىتخانغا پەنجىگاھ مۇقامىغا تەمبۇر چېلىپ بېرىپ، بۇ مۇقامغا ئۆزىنىڭ ئابدۇرېشىتخانغا بېغىشلاپ يازغان بىر غەزىلىنى سېلىپ ئوقۇغانلىقىنى يازىدۇ. مانا بۇ مىساللاردىن گەپنىڭ بىر يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن نەغمىلەر سېستىمىسى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئايرىم بىر نەغمە ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.


    مۆجىزى “مۇقام” دەپ ئاتىۋاتقان بۇ يەككە نەغمىنى ھازىرقى يۈرۈشلەشتۈرگەن مۇقاملاردا باشلىنىش مۇزىكىسى دېيىلىدىغان چاچما ئۇدارلىق(داپ چېلىنمايدىغان) نەغمە دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، “مۇقام” سۆزى ھازىرمۇ ئەل ئىچىدە چاچما ئۇدارلىق باشلىنىش مۇزىكىسى مەنىسىدە قىللىنىلىدۇ. مەسىلەن، قۇمۇل مەشرەپلىرىنىڭ يالغۇز غىجەك بىلەن ئورۇنلىنىدىغان چاچما ئۇدارلىق باشلىنىش مۇزىكىسى ئادەتتە “مۇقام” دەپلا ئاتىلىدۇ؛ دولان مۇقاملىرىدىمۇ باشلىنىش مۇزىكىسى “مۇقام” دەپلا ئاتىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، مۆجىزى “مۇقام” سۆزىنى ھامان “ناخشا”، “ئاھاڭ” سۆزلىرى بىلەن قاتار قويىدۇ، مەسىلەن، مۇھەممەت كۈچتىنگىر ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ “بىھەد ۋە بىئەدەد غەزەل، مۇقاملار، ئاھاڭلار ئىجات قىلغان”لىقىنى يازىدۇ. مانا بۇنىڭدىن ئۇنىڭ “مۇقام” سۆزىنى باشقا نەغمىلەردىن پەرقلىق بولغان بىر نەغمە مەنىسىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئۈچىنچىدىن، مۆجىزى “مۇقام” ئۈستىدە سۆزلىگىنىدە ھامان ئۇنىڭغا قايسى شائىرنىڭ قايسى غەزىلى سېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇقامنىڭ سۈپىتىنى ئۇنىڭغا سېلىنغان غەزەلنىڭ سۈپىتى بىلەن ئۆلچەيدۇ. تېكىستنىڭ رولىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىدىغان بۇ خىل ئەھۋال تولاراق چاچما ئۇدارلىق نەغمىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، چۈنكى بۇ خىل نەغمىلەر ئادەتتە ساتار، غىجەك ياكى تەمبۇر قاتارلىق ئاساسىي ساز بىلەن يالغۇز كىشى تەرىپىدىن ئورۇنلىنىدىغانلىقى، چاچما ئۇدارلىق بولغانلىقى ھەم تاللانغان غەزەللەر سېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ دىققىتى مۇزىكىدىن كۆرە كۆپرەك تېكىستكە مەزكەزلىشىدۇ.


    مۆجىزى تونۇشتۇرغان 17 نەپەر مۇزىكا پىرىدىن 14 نەپىرىنى 15-16-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق شائىرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان 16 مۇقامدىن 13 ئى مۇشۇ شائىرلارنىڭ نامى بىلەن باغلانغان. مۆجىزى يەنە نەۋايىنىڭ ھەر كېچىسى ساتار ياكى تەمبۇر بىلەن ئۆزى يازغان غەزەللەرنى ئوقۇپ بىھۇش بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى يازغان.


    يوقۇرىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇنداق خۇلاسىگە كېلىشىمىز مۇمكىن: بىرىنچىدىن، «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دا “مۇقام” دەپ ئاتالغان بۇ چاچما ئۇدارلىق نەغمىلەر شۇ دەۋىردە شائىرلار دائىرىسىدىلا ئەۋج ئالغان بولۇپ، تېخى خەلقنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى مۇزىكا بايلىقىنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە تاللىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلۋاتقان چوڭ نەغمىلەر تەركىۋىگە كىرگۈزۈلمىگەن؛ ئىككىنچى، ھازىرقى «ئون ئىككى مۇقام» تەركىۋىدىكى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەر ھە دېگەندىلا ھازىرقى نامى بىلەن ئاتالغان.


    ئىككىنچى، ھازىرقى «ئون ئىككى مۇقام» تەركىۋىدىكى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەر ھە دېگەندىلا ھازىرقى نامى بىلەن ئاتالمىغان، ئۇلار ھازىرقى نامىغا شۇ نامدىكى چاچما ئۇدارلىق يەككە نەغمىلەرنى كېيىنكى كۈنلەردە ئۇلارنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى قىلىپ كىرگۈزۈلىشى بىلەن ئېرىشكەن، ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ''مۇقام'' ئاتالغۇسى 15-16-ئەسىرلەردە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى مەلۇم دەۋر ئىچىدە پەقەت تار مەنىدىلا قوللىنىلىپ، چاچما ئۇدارلىق نەغمە ئۇقۇمىنى ئىپادىلىگەن. كېيىنكى دەۋىرلەردە شۇ چاچما ئۇدارلىق نەغمىلەرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەرگە باشلىنىش مۇزىكىسى قىلىپ كىرگۈزۈلىشى بىلەن كەڭ مەنىدە - يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمە مەنىسىدىمۇ قوللىنىلىدىغان بولغان؛ ئۈچىنچى، «ئون ئىككى مۇقام» تەركىۋىدىكى چوڭ نەغمىلەر ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى، ئۇلار ئاساسەن خەلق ئىجادىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، لېكىن ئۇلارغا ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئايرىم شەخسلەرنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىمۇ سىڭگەن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.